سۆيۈپ چوك- چوك
بۇ ئۆمرۈم ئۆتسە يارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك،
نە ئارمان گۈلئۇزارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
قۇياشىم ئايغا ئاسماندەك قۇچاق ئاچسا،
قۇچاقلاپ ئىنتىزارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
نە ئارمان دەشتكە دەريادەك تېشىپ، ئوخچۇپ،
يۈگۈرسەم ئىختىيارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
دېلىمدا خۇشپۇراق ئارمان چېچەك ئاچسا،
دېرەكلەپ نەۋباھارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
ناۋا قىپ ئۇچسا باشىمدىن تۈمەن بۇلبۇل،
تۆكۈپ ياش ئاھۇ- زارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
كېچەلەر چىھرىدىن سۈبھى بولۇپ ئاقسام،
باغاشلاپ تاڭ- ناھارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك.
مېنى كىم دەر: ۋىسالدىن نائۈمىد غاپىل،
ياشىسام يوقۇ- بارىمنى سۆيۈپ چوك- چوك؟!
غەزەل يازسام
مۇھەببەت شەرھى- دەپتەردۇر غەزەل يازسام،
جۇدالىق دەردى- دەمدەردۇر غەزەل يازسام.
كۆزۈمدىن ئاقسا قان- ياش مەي قىلۇر تەقدىر،
نىتەي ئۇ ھەۋزى- كەۋسەردۇر غەزەل يازسام.
قاراڭغۇ تۈندە ئازسام يار ۋىسالىدىن،
كۆزۈمنىڭ نۇرى- ئەختەردۇر غەزەل يازسام.
قومۇلدا مەن مەن جۇدا يۈرسەم بولۇپ تۇرپان،
خوتەندە ۋەسلى قەشقەردۇر غەزەل يازسام.
كۇچانىڭ يىرتىلۇر بولسا ئەگەر ئەڭلى،
شايارنىڭ كۆڭلى ئەستەردۇر غەزەل يازسام.
ئۈرۈمچى باقسا ئەللەيلەپ زېمىستاننى،
ئىلى بىر ئەركى كەپتەردۇر غەزەل يازسام.
ئۆلۈمنىڭ ياپرىقى سايە بېرۇر جانغا،
ۋەتەن نۇر ئىچرە گەۋھەردۇر غەزەل يازسام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 18:39