يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 6275|ئىنكاس: 6

م.م.نەزەر: «ئاي قوشىقى»دىكى مەنە قاتلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
« ئاي قوشىقى »دىكى مەنە قاتلىمى

(قەھرىمان روزى ئەرچىننىڭ « ئاي قوشىقى » ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ)

چەكسىز مەنا مۈمكىنچىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن شائىر شۇنداق پىچىرلايدۇ:
كۆزۈڭ نۇرى يېتەلمىگەن پايانغا ،
يۈرەك قەلبىڭ تەھقىق يېتىپ بارىدۇ .
ئايدىڭ كېچە
ئىلگىرىكى خىيالىڭنىڭ ھەممىسى .
مانا قاراڭ ،غەيرى زاھىرەن شەيئىلەرنى كۆرۈشكە قادىر بولالمىغان ، كۆز ئۆتىيەلمىگەن كۆرۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى قەلب كۆزىنىڭ كۆرەلىشى ھېچكىمگە سىر ئەمەسقۇ ، ئاخىر ! ئەمما ، ھېچكىمگە سىر بولالمىغان بولسىمۇ ، كۆپلىگەن كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان مۇشۇ تەرەپنى چىن مەنىسى بىلەن ھېس قىلىپ ، ھەر بىر ئادەم ئېتىراپ قىلغۇدەك رەۋىشتە ئاددىي تىل بىلەن ئۇلۇغۋار تۈستە شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلىگىنى - مۇزات ۋادىسىدىكى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، شېئىرىيەت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان ياش شائىر ئەرچىن ئىدى .
بىز بۇ يەردە قېلىپلىما ئاتالغۇ بىلەن ھەممىگە مەلۇم بولغان ياش شائىر ئاتالمىسىنى قوللاندۇق .فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، ئەرچىن ياش ھېسابلىنىشى مۈمكىن . ئەممائىجادىي ئەمگىكى جەھەتتىن قارىغاندا ، ئۇ ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن ، ھەممەئەدەبىيات ئاشىنالىرى بىلىدىغان شەخسكە ئايلىنىپ بولغان ئىدى .
« سادىرمەنۇ سادىرمەن ،
سادىر بولماي كىمدۇر مەن ؟
تاغ يولىنى سورىساڭ ،
ھەممە جاينى بىلۇرمەن .
- قوشاق دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ ؟ - دېيىشتى بەزىلەر « ئاي قوشىقى »نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىپادىلەپ ، - يا رېتىم يوق ، يا تۇراق . يا قاپىيە ، يا پۇراق  » . توغرا ، سادىرنىڭ قوشاقلىرى ، گۈلەمخان ،نۇزۇگۇم قوشىقى ، بۇلار ھەممىگە مەلۇم بولغان ، چوڭقۇر ئاممىباپلىققا ئىگە قوشاق ،خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى . ئەرچىن بۇ بايلىقنى شۇ پېتى ئىشلەتمىدى ،ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ پىششىقلاپ ، تېخىمۇ سىرلىق ، تېخىمۇ ئىلاھىي تۈسكە كىرگۈزدى  .  شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن  ،  «ئاي قوشىقى » تەڭرىتېغىنىڭ  يۈكسەك پەللىسى بولغان « خانتەڭرى »دىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى . خەلقىمىزنىڭ كۆزى كور ئەمەس .
ئېپكەلسىمۇ قۇشلارنى ،
ئۇچۇپ كەتسەقايتىپ كەلمەس ئەبەدكە .  
ئاي يورۇقى سۈپسۈزۈك ،
بىر تامچە ياش تۈن قوينىغا سىغدالغان .
ئىنساننىڭ قولغا كىرگۈزگىنى ئەبەدىيلىك ئەمەس . بىرى قولغا كەلسە يەنە بىرىنى ئارزۇلاش ،ئارزۇدىن ئارزۇ ، ئارماندىن ئارمان تۇغۇلۇش – تەبىئىيلىك . مەڭگۈ قانائەت قىلماسلىق - ئىنساننىڭ ماھىيىتى . ئەمما ، ئېرىشكەن قولدىن كەتسە ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەك بەسى مۈشكۈل . شۇ دەقىقىدە ئىنسانغا بەخت ئىچىدە تۇرۇپ بەختسىزلىكىدىن قايغۇرۇشتىن ئۆزگە چارە يوق . ياشنىڭ تۆكۈلىشىمۇ ھەم شۇ سەۋەبتىن بولىدۇ . شۇڭا «بىر تامچە ياش تۈن قوينىغا سىغدىلىدۇ » . ئۇنى قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ، يۈكسەك ئىرادىگە يانداشقان ھەرىكەتنىڭ بولۇشى ئەڭ ئاقىلانىلىق .
سېغىنىشلار قەدەھلەرگە لىق تولغان ،
نۇرغۇن ئىشلارھەممىسى ،
ئۆتۈپ كەتتى كونىراپ .
ئايدىڭ كېچ ەپەقەتلا ،
ئاداققىچە رەڭگى ئۆڭمەس ھېسسىيات ،
تار بوپ سۇلارزاھىرەن .
ھاياتتا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىمىز ، خۇشاللىق ، قايغۇ ، ئېسەنكىرەش ، ھودۇقۇش . . . ۋاقىت بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ . بىراق ، نورمال ئىنسان ئۈچۈن ئاداققىچە ئۇنتۇلمايدىغان بىر ئىش ، مەڭگۈ يېڭى تۇرىدىغان بىر ھېسسىيات بار ، ئۇ بولسىمۇ -مۇھەببەت ! بۇ ئەڭ قەدىمىي ۋە مەڭگۈ يېڭى تېما ھەققىدە قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئەدىپلەر قەلەم تەۋرىتىپ كەلدى ، ھازىرمۇ تەۋرىتىۋاتىدۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ تەۋرىتىدۇ. ۋاپادارى بىلەن سىرداشقان ئاشۇ ئايدىڭ كەچلەرنى كىممۇ ئۇنتۇيالىسۇن ؟ ئىككى يۈرەكنىڭ شېرىن سۆھبەتلىرىگە غۇر – غۇر چىققان شامال ، تار ئېرىقتىكى شىلدىرلاپ  ئاققان  زۇمرەت سۇ  ،  كۆكتىكى مەشۇقنىڭ  قېشىدەك ھىلال  گۇۋاھ بولغان ئەمەسمىدى ؟ «ھەي ، شۇ ياشلىق ! » دەپ ئارمان بىلەن ئۇھ تارتىشىدۇ بوۋايلار . بۇ « ئاي قوشىقى»دىكى زاھىرەن مەزمۇنلارنىڭ ھادىسىۋىي چۈشىنىلىشى . ئەمەلىيەتتە ئەۋەلقى ھادىسىۋىي چۈشىنىش « ئاي قوشىقى » - دىكى مەڭگۈلۈك تېما بولغان مۇھەببەتنىڭ پەقەت بىرتامچىسى ئىدى .
مۇھەببەت تۈرلۈكچە بولىدۇ ، ۋەتەن مۇھەببىتى ، قىز – يىگىتلەر مۇھەببىتى ، كەسپكە مۇھەببەت، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ، پەرزەنت مۇھەببىتى . . . ھالبۇكى ، « ئاي قوشىقى »دىكىمۇھەببەت بارلىق مۇھەببەتلەرنىڭ قىز – يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋاستىسى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىشى ئىدى . ئادەمگە مۇھەببەت قويالايدىغانلاردىنلا باشقا مۇھەببەت ھەققىدە سۆز ئېچىش مۈمكىن . مۇشۇنداق زور مەزمۇننى دائىم كۆزگە چېلىقىدىغان ،ئەمما بىز دىققەت قىلمايدىغان بىر تەرىزدە ئىپادىلەپ بېرىش ئاپتوردىن مۇناسىپ دىت، بايقاش ، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەرچىننىڭ بۇلارنى تامامەن ھازىرلاپ بولغانلىقىنى بىز يۇقارقى بايانلار ئارقىلىق بىلىپ بولغانلىقىمىزدىن شۈبھىلەنمەيمىز .
تار چېكىدۇ سېغىنىشنىڭ كۈيىگە ،
كىممۇ جاۋاب قايتۇرار ،
چۆكۈپ ئايدىڭ كېچىگە .
ئۆتكەننى ئەسلەش ، گاھىلىرىدىن قايغۇرۇپ ، گاھىلىرىنى كۈيلەش – ئىنساننىڭ خاسلىقى .ئۆتكەننى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئەمما ئەسلىمە ئارقىلىق ئۆتمۈشكە قايتىش تامامەن مۈمكىن . ھايات يەنە مىڭلىغان ئەپسۇسلارنىڭ مۇجەسسىمى ئىكەنلىكىمۇ ھەم سىرئەمەس . ئەرچىن يۇقارقى ئۈچ مىسرادا بۇ پىكىرلەرنى ناھايىتى ئوبرازلىق تۈستە ئىپادىلەپ ، قاغجىراق قەلبلەرگە ئاجايىپ شىپا بەخش روھىي ئوزۇق ئاتا قىلغان . بىزبۇ يەردە ئەرچىننىڭ ئىستېداتىغا تەھسىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز .
رىۋايەتلەردە ئاي يورۇقلۇقنىڭ ، پاكلىقنىڭ ، گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ . ئەرچىن «ئاي قوشىقى» ئارقىلىق بىزگە ناھايىتىمۇ گۈزەل بىر قەدىمىي رىۋايەتنى – ياشلىق ، سۆيگۈ ،مۇھەببەت ، پاكلىق ، گۈزەللىك . . . ھەققىدىكى بىر رىۋايەتنى ئەسلىتىپ ، ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان ئادىمىيلىكىمىزنى ،  ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەنئەنىلىرىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇتتى . مۇشۇنۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ، « ئاي قوشىقى »نىڭ قىممىتى ۋەزىنلىكتۇر .

2011 . 01 . 22 ( 06 ) باي


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 22:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-6 23:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئىجادىيىتىگە مول ھوسۇل تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-7 09:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئىجادىيىتىگە مول ھوسۇل تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-7 13:16:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلەر ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-7 20:45:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئىجادىيىتىگە مول ھوسۇل يار بولغاي

ۋاقتى: 2016-1-8 22:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىزدىنىشلەرگە مۇۋاپىقىيەت يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-6-2 13:46:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئاي قوشىقى » نىڭ  ھوزۇرى  باشقىچە ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش