ئالدىراشلارغا
ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد
(ناخشا تېكىستى)
ئالدىراشلىق ئىسكەنجىدە بىز،
ئالدىراش بىز قېرى- ياشقىچە.
بوۋاقلارمۇ يەسلىدە جىددىي،
مومايلاردىن قەلەمقاشقىچە...
تۆت پەسىلنىڭ توختالغۇسى يوق،
شاھسارايدىن قەبرەتاشقىچە.
دۇنيا پەۋەس رەسمىيەتلەرگە-
تاكى بىزدىن ۋىدالاشقىچە...
تەۋە بولۇپ باقايلى بىر پەس
ئۆزىمىزگە يىتىپ ئاشقۇچە.
مۇز تاملارنى ئەگىزلىتەيلى
باھار كېلىپ گۈللەر چاچقۇچە...
دىلدىن-دىلغا ئاقايلى شىر-شىر
مېھىر بىلەن ئالەم باشقىچە...
ئەھۋال سوراپ تۇرايلى بىر بىر،
خاك تېنىمىز يەرگە پاتقۇچە...
ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز بىر كۈن،
پۇرسىتىمىز ‹‹ياغاچ ئات››قىچە...
2014-يىل.جەد(ئوغلاق ئېيى)5-كۈنى. ئۇچتۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 22:26