يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كەلگۈسىدە كىيىم- كېچەكلىرىمىزمۇ ئەقلىي ئىقتىدار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلگۈسىدە كىيىم-كېچەكلىرىمىزمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشارمۇ؟



تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

ئىنسانىيەت بارلىققا كېلىپ تا بۈگۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن قېتىملىق تەرەققيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قول ئەمگىكى، ئادەم كۈچى ياكى ھايۋان كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان نۇرغۇن ئەمگەكلەرنىڭ توك كۈچى ياكى دېزىل ماتورىنىڭ ياردىمىدە ئورۇندىلىدىغان بولغانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەڭ ئاۋالقى توك دەزمال، توك ئۇچاق دېگەندەك توكلىشىش دەۋرىدىن كېيىن ئېلېكترونلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەقلىدىي ئېلېكترونلىشىشتىن رەقەملىشىش دەۋرىگە ئاتلىدۇق. ئاندىن كېيىن بىلىپ-بىلمەي ئۇچۇرلىشىش- ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپ كەلگىنىمىزگىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى. ئەمدى يېقىن كەلگۈسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەۋرى دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى قاچانكى ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ، كومپيۇتېر يانفون بىلەن قوشۇۋېتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە نۇرغۇن قورال-جابدۇقلار يانفۇنغا قوشۇۋېتىلدى. رەسىم تارتىش ئاپپارتى، سىن كامېرا دېگەنلەرلا ئەمەس، يول باشلىغۇچ، كومپاس، ھېسابلاش ماشىنىسى، سىمسىز رادىئو يەنە بىر تالاي نەرسىلەر يانفونغا قوشۇۋېتىلدى ۋە قوشۇۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىرنى ئەقىلىي ئىقتىدار دەۋرى دەپ ئاتاشقا تامامەن ھەقلىقمىز.
ئەقلىي ئىقتىدار دېگەن نېمە؟ ئەقلىي ئىقتىدار دېگەن ئادەملەردىلا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەسلى ئەقلىي ئىقتىدار ئادەملەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى كۆرسىتەتتى. ئادەملەردىكى سىرتقى ئامىلغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى دەل ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆزى ئىدى. قانچانكى ماشىنا ئۈسكۈنىلەردىمۇ سىرتقى ئامىللارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۈنىدىن باشلاپ ئەقلىي ئىقتىدار ئادەملەردىن ئۈسكۈنە-ماشىنىلارغا كۆچۈشكە باشلىدى. ھازىرقى ئۈسكۈنىلەر پەقەت تاق يۆلىنىشتە بىرلا ئىشنى قىلىپ قالماستىن ئەھۋالغا قاراپ ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىش ئىقتىدارىغا، كىشىلەرنىڭ تەلەپلىرى ياكى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىندى. بۇ دەل ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ھېسابتا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر كەلگۈسى ماشىنا ئادەمنىڭ بىر قىسمى بولۇشى تامامەن مۇمكىن. ئادەمدىن ئىبارەت مۇرەككەپ، ئىنچىكە، ئىخچام، كۆپ ئىقتىدارلىق ئەقلىي جانلىق تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنى پارچىلاپ، كىچىك بۆلەكلەر بويىچە ماشىنا ئۈسكۈنىگە يۈكلىگەنلىكدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كىيىم-كېچەكنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل رولى بار، بىرى بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، يەنە بىرى ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆركەملەشتۈرۈش، يەنە بىرى بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
  ئىسسىق ساقلاشقا كەلسەك ياپونىيەدە بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرى، قىش كۈنلىرى كىيىمنىڭ ئىچىگە بەدەننىڭ ئاسان توڭلايدىغان يېرىگە توغىرلاپ چاپلاپ قويسا ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان خېمىيىلىك بىرىكمىدىن تۈزۈلگەن كىچىك خالتىچاق بازار تاپقانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە توكلۇق قول قاپ ياكى تىزلىق دېگەندەك توك بىلەن ئىسسىتىۋېلىنىپ، توكسىز ئېلىپ يۈرسىمۇ بىر ھازا ئىسسىق ساقلايدىغان ئەپچىل ئىسسىتقۇ بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ. ئەسلى كېيىم- كېچەكتە بولۇشقا تېگىشلىك ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئورنى تولدۇرىلىۋاتىدۇ. كىيىم-كېچەكنىڭ ئۆزىگە توك ئۆتكۈزىلىپ، بەدەننىڭ تېمپوراتۇرىسىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىلىدىغان قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقمۇ ئەمەس. بەلكىم تېخنىكىدا ئالدىدا ماڭغانلار بۇ ئىشنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇشى تامامەن مۇمكىن. چۈنكى توك ئۆتكۈزۈشچان تالا، تېمپۇراتورا ئۆلچەپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان سىنزور بارلىققا كېلىپ بولغىلى خېلى يىل بولدى. بەلكىم شۇلارنى كېيىم- كېچەكتىن ئىبارەت ئادەم ئۇچىسىغا كېيىپ يۈرۈيدىغان نەرسىگە يۈكلەشتە ھەل قىلىشقا ئۆتۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جاپالىق قىيىنچىلىقلار بولۇشى مۇمكىن. پەقەت تىرىشىدىغانلارلا بولىدىكەن يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، بۇ ئىشلارنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ.
   كىيىم-كېچەكنىڭ ئىككىنچى رولى كۆركەم بولۇش، ھازىر ئېكران ياكى تەسۋىر ھاسىل قىلالايدىغان ۋاسىتىچى نەرسىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. كىشىلەر كىيىملىرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزى خالىغان ھەتتا، كاللا ئىشلىتىپ ئىنچىكە لايىھىلىگەن ھالەتتە كۆرۈنىدىغان، ۋاقىت ئاتلاپ ئۆزگىرەپ تۇرىدىغان قىلىۋالالايدىغان ھالەتنىڭ بارلىققا كەلمىگى ھازىرقى تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. دېمەك بۇنىڭدىن، بىركۈنلەردە ئىنسانلارنىڭ خامىليون دەۋرىگە قەدەم قويۇدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى رولى بەدەننى پاكىز ساقلاش، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، سىرتقى يۈزىدە سۆكۈپ تاشلىۋەتكىلى بولىدىغان قاسرىقى، ئىچكى قىسمىغا سۆكۈپ يۈيغىلى بولىدىغان ئەستەر ئورۇنلاشتۇرۇلسىلا ھەل بولمىدىمۇ؟
بۇ تېخنىكا بىراقلا ئۈستى باشقا ئومۇملاشمىغان تەغدىردىمۇ باش كىيىم ۋە ئاياق كىيىمىدە بىر قىسىمى قوللىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن بارا بارا بارلىق ئۈستى باشقا ئومۇملىشىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇشۇ قىش كۈنلىرىدە، تالا تۈزىگە چىقىشتا ھاۋا رايىغا بېقىپ كيىنمىسە بولمايدىغان، ھەر پەسىل ۋە ئوخشىمىغان سورۇنلار ئۈچۈن ھەرخىل رەڭ ۋە پوسۇندىكى كىيىملەرنى كېيىشكە توغرا كېلىدىغان قىيىنچىلىق ھەل بولۇپ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان رەڭلەرگە ئالمىشىپ تۇرىدىغان، يەنە پاسكىنا بولۇشتىن قىلچە ئەنسىرىمەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىملەر بارلىققا كەلگۈسى، ھەقىقەتەن بۇنداق كىيىملەر بازارغا سېلىنسا ھەممە تالىشىپ سېتىۋېلىشى مۇمكىن.  بۇنىڭدا يەنە ئادەم ئەقىل ئىشلىتىشكە تېگىشلىك قوغدىنىش تەدبېرى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، ئالاقىلىشىش، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئادەمنىڭ قابىلىيىتى يەنە بىر نەچچە ھەسسە ئۆسمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە كىنولاردىكىدەك خىسلەتلىك ئادەملەر ھەر يەردە بار بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلۈشى تامامەن مۇمكىن.
2014-يىلى 6- دېكابىر ئۈرۈمچى ئۆز ئۆيۈمدە قىسقىغىنە قايناق ئىلھام ياردىمىدە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 17:39  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-7 14:45:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانمۇسىز تۇردىكا، ئۇرۇمچى جەنۇبى تاغدىكى كۇنلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇردۇم، جەنۇبقا ئۆتسىڭىز تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش