كۆرۈش: 1131|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   تۇردى لېتىپ ئىزگۈ 1972- يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2007-يىلى شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ، شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، 2014-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزاسى بولغان.
تۇردى لېتىپ ئېسىنى بىلگىنىدە دادىسى بىلەن بىللە ئۆيدىن ئايرىلىپ سىرتلاردىكى ئەمگەك مەيدانىدا كۆپچىلىك ئۈچۈن نان ياقىدىغان، تاماق تارقىتىدىغان ئارقا سەپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ چوڭ بولغان. كېيىن دادىسىنىڭ ۋېلىسپىت، ھارۋا رېمونتلاش ھۈنىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا نەرسە رېموتلاشقا قىزىققان، قولغا چىققان نەرسىلەرنى چوۋۇپ كۆرۈپ باقىدىغان ئادەت يېتىلدۈرگەن. ئائىلىسى ھۆددىگە ئالغان باغ ئورمان بەرپا قىلىش، ئائىلىۋىي باقمىچىلىق، كىچىك تىپتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىش جەريانىدا كىچىكىدىنلا تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپشنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئالتە يىشىدا ئاكا-ھەدىلىرىگە ئەگىشىپ مەكتەپ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. مەكتەپتە دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇدا سىنىپ ھەيئىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە يېشى- چۈغى كىچىك، باشقىلار ئاسان بوزەك قىلىۋالىدۇ دەپ قارىلىپ مۇئەللىمىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. ئۇستازىنىڭ كۆيۈنۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىغا ئېرىشكەن. باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئائىلىسى بىلەن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كېلىپ مەكتەپ ئالماشقان. دەرسلەردىكى تىرىشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل- ساددا، ئىشچانلىقى بىلەن  سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىرلا مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان. لېكىن بۇ مەزگىلدە ئائىلىە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى دادىسىدىن كۆپ قېتىم مەكتەپتىن چېكىنىشكە بۇيرۇلغان. مەكتەپ ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئوقۇشىغا بولغان ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش مۇھىتىدا قىيىنچىلىقتا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن تۇردى لېتىپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتاھانىدا بىر قېتىم قاتتىق ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچراپ مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كۆپرەك ۋاقتىدا ئائىلىۋى ئىگىلىك بولغان كىچىك تىپتىكى ئاشلىق ماي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋىتىدا ئىشلەپ پۇل ساناپ ئۆتكەن ۋە كېيىنچە ئۇنىڭ جەمئىيەتتە كۆرمىگەن كۈنى ئاز قالغان. تامچىلىق، ياغاچچىلىق، دېھقانچىلىك، كىيىمچىلىك ھەتتا كونا مەكتەپتە ئوقۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى قىلىپ، ياش قورامىغا يەتمەي تۇرۇپلا تۇرمۇشتا پىشقان. پەقەت مەكتەپتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئېلىشنىڭلا پارلاق كەلگۈسىگە يېتىشنىڭ بىردىن- بىر يولى ئىكەنلىگىنى قايتا تونۇپ يېتىپ يەنە مەكتەپكە تىزىملىتىشقا بارغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى تىزىملاشقا مەسئۇل مۇدىرى ئۇنىڭ بىر يىل جەمئىيەتتە يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى مەكتەپكە قوبۇللاشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. ئاخىرى ئۇ شۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىر تۇققان ئاچىسىغا ھال ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم بېسىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاچىسىنىڭ:
-        ئۇلارنىڭ، سېنىڭ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىڭغا ئىشەنمەي سېنى قوبۇل قىلمىغىنىغا قارشى، چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەر!- دېگەن بىر ئېغىز گېپىنىڭ تەسىرىدە تولۇق ئوتتۇرا ئۈچ يىللىق مەكتەپ ھاياتىدا ياخشى ئوقۇپ، ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئالىي مەكتەپ دەۋرازىسىغا قەدەم قويغان.
دادىسىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىنى قوللىماسلىقى، ئاپىسىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇش راسخوتىنى ۋاقتىدا تەخلەپ بېرەلمەسلىكى ئۇنى كۆڭلىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشقا بەل باغلاشقا مەجبۇر قىلغان. ئالىي مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى يىلىلا دەرستىن سىرت ياپون تىلىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەن. قىشلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتماي مەكتەپتە قېلىپ ياپون تىلىنى پىششىقلىغان. شۇ جەرياندا ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارغا يازلىق تەتىلدە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي كىرىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىنى ئارىلاپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. كېيىن يەنە ساياھەت شىركەتلىرىدە ئىشلەپ يۈرۈپ، تىل ئېھتىياجى تۈپەيلى كۆرىيەچىنى ۋە ئاندىن پارىس تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئەرەپ تىلىدىن ئاساس سالغان. لاياقەتلىك ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈندۈزى مەكتەپتىكى كەسپىي دەرسلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگەندىن سىرت كېچىلەپ تىل ۋە باشقا تارىخ، پەلسەپە، جۇغرابىيە جەھەتتىكى داڭلىق كىتاپلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئۆز مەكتىپىگە يىراق بولمىغان يەردىكى كەچلىك كۇرسلاردا ياپون تىلىدىن دەرس بەرگەن. قىشلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدا ياپون تىلىدىن ئەسەر تەرجىمە قىلىپ ژۇرناللارغا سۇنغان. كىرشان چاندىرنىڭ " بومباي كوچىسى" دېگەن رونامىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ياپونچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.بىر قىسىم ياپونىيەنىڭ داڭلىق ھېكايىلىرى شۇ ۋاقتىدىكى دۇنيا ئادەبىياتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، يەنە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىغا "زامانىمىزدىكى رەڭدارلىق ۋە كىشىلەرنىڭ دىتىغا سىغمايۋاتقان سۈپەت ئۆزگىرىش" دېگەن ماقالىسى بىلەن ئىجدىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.
        ئالىي مەكتەپنىڭ ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان تۇردى لېتىپ ئەينى چاغدىكى تەخسىمات بويىچە ئۈرۈمچى ئاليومىن زاۋۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. بۇ ئورۇندا بىر ئاي ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە چەتئەلگە چىقىپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ خىزمىتىدىن كەسكىن ئىستىپا سوراپ، بىراقلا جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەن. بۇ بىر يىل جەريانىدا مۇنتىزىم ساياھەت ئەترەتلىرىنى باشلاپ مۇزتاغئاتا چوققىسى ۋە قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ تۇپراق ئاتا چوققىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا گەرچە چوققىغىچە چىقىش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ، تىرىكچىلىكتىكى ھايات- ماماتلىق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، جاپاغا چىداش ئىرادىسى ھەسسىلەپ ئاشقان.
1997-يىلىنىڭ بېشىدا ئىككى يۈز يۈەن ئازغىنە پۇل بىلەن پويىزنىڭ ئورۇنداقسىز بېلىتىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۆزى يالغۇز شېنجېنغا قاراپ يول ئالغان. شېنجېنغا بارغاندىن كېيىن باغچىلاردا يېتىپ قوپۇپ، گېزىت كۆرۈپ ياپونىيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتلىرىدىن خىزمەت ئىزدىگەن. دەسلەپ ياپونىيە ئىگىلىكىدىكى سېيكو كەنتىر سائىتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ياسايدىغان زاۋۇتقا ئىشقا چۈشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ياخشى ئىشلەپ زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئاخىرى ياپونىيەگە خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە ئېۋەرتىلگەن. مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلىگەن بەش يىل جەريانىدا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم قاتناپ يۈرگەن ۋە ياپونىيە، شياڭگاڭ ۋە گۇاڭجۇلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن قېتىملىق يەرمەنكىلەرگە قاتناشقان. يېڭى مەھسۇلات ئېچىش، سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش، قۇراشتۇرۇش سېخى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھىلەش جەھەتلەردە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
بۇ جەرياندا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ شېنجېن ۋە گۇاڭجۇ تەۋەسىدىن مال زاكاز قىلىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. 2001-يىلى ياپونىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇپ تۇتۇپ قېلىشىغا قارىماي ياپونىيە كارخانىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىبا بېرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي شېنجېندا خەلقئارا سودىنى ئاساس قىلغان دەسلەپكى سودا شىركىتىنى قۇرغان. شىنجېن ۋە ياپونىيەدە بولۇپ جەمئىي 6 يىللىق خىزمەت جەريانىدا سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىنىشىدىكى بارلىق مۇرەككەپ ھالقىلارنى تولۇق ئىگىلىگەن. 2002-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئېلېكترونلۇق تارازا سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى قىلىشقا باشلىغان. 2006-يىلى شېنجېنغا قايتىپ بېرىپ، ئەينى چاغدىكى يېقىن ئادىمى مۇھەممەت ئېلى بىلەن بىرلىكتە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرىنى ئېچىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلىدىغان شېنجېن ئىزگۈ يۇقىرى تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرغان. 2007-يىلى ئۈرۈمچىدە ھازىرقى شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرغان.
تۇردى لېتىپ كىچىكىدىن تارتىپلا بىر ياقتىن ئۆگىنىپ بىر ياقتىن ئىشلىتىش، نېمىدە قىينالسا شۇنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۆگىنىشنى توختاتقىنى يوق، ئۇنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنلىرىگە قارىغاندا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلىرى كۆپ. شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى تېخنىكا ئېچىش، بولۇپمۇ يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرنى جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇشتا خىزمەتچى خادىم كەم بولۇش، كىشىلەرنىڭ يېڭىلىقنى قوبۇللاش ئىدىيەسى پاسسىپ بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ سۆزلەش، ھەتتا كۆپ يېزىشقا توغرا كەلگەن. بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىككى يىل "كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلى"نى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپ تارقاتتى. بۇ جەرياندا ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەھرىرلەش، تەشكىللەش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ- ماتېرىياللارنى قېتىقىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ يۇرتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ گېزىت ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇنىڭ 2014-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۈرۈنچى كەچلىك گېزىتىدا بېسىلغان كارخانا باشقۇرۇشقا ئائىت قىسقا تېتىملىق ماقالىلىرىنىڭ سانى 60 پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئاز بىر قىسىم ماقالىرىلىرى ژۇرناللاردا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسا نۇرغۇن ماقالىرىلى تورلاردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. تۇردى لېتىپ بىر ياقتىن شىركەتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدەنسە يەنە بىر تەرەپتىن باشقا كارخانا باشقۇرۇشتا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى، ئىشىنىمىزكى، تۇردى لېتىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىزدىنىشى ۋە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە ھازىرقى زامان ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسىنى قورال قىلغان تەرەققىياتپەرۋەر كارخانىچى، شۇنداقلا ئىجتىھاتلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققۇسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 00:48  


tuerdi.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش