يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 15

ئەركزات: قادىر پاراڭ چاقچاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                قادىر پاراڭ چاقچاقلىرى     


ئوڭ ياخشى

قادىر پاراڭنىڭئۆيى كونىراپ قالغاچقا، ئۇنى چېقىۋىتپ يېڭى ئۆي سېلپ ئاقارتىپ ئولتۇرغانىكەن،«ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» گوررۇپپىسىدىلەر كېلىپ، تەلەپكە يەتكەن ئائىلە دەپ باھالاپ، 20 مىڭ يۈۋەن بىلەن موكاپاتلاپتۇ.ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتتىگەندە قادىر پاراڭنىڭ بىر قوشنىسى كىىرپكەپتۇ. ئۇ ئەسلىدە  پۇل تاپسا قوينىغاتىقىپ، ئۆي- جاي ۋە ئۈستى- بېشى بىلەن كارى بولماي دىۋانىدەك ياشايدىغانئادەم  ئىكەن. قادىر پاراڭنىڭ موكاپاتئالغانلىغىىغا  كۆزى قىززىىرپ دەپتۇ:
ــ ئۇكامقادىرخان، بۇ ھۈكۈمەتنىڭ كۆزى يوقمۇ نېمە؟ مېنىڭ 50 مىڭ يۈۋەن نەخ پۇلۇمتۇرسا، موكاپاتنى ماڭا بەرمەي، سەندەك قۇرۇق سۆلەتكە بەرگىنى نىمىسى؟
قادىر پاراڭئۇنىڭغا قوشاق بىلەن جاۋاپ برىپتۇ:
ــ ئاتالمىغانتاغلاردىن، ئاتاق ئالغان  دۆڭ ياخشى؛ ساڭائوخشاش ساراڭدىن، ماڭا ئوخشاش ئوڭ ياخشى.

پۇتۇمنىڭ كەينىدىنمەنمۇ بارىمەن

بىر كېچىسىقادىر پاراڭ بىر دوستىنى چۈشەپ چىقىپ، ئەتىسى سەھەردە ئۇنى يوقلاپ بارسا، ئۇ  بىر پۇتى يوق ھالەتتە  ھاسىېدا مېڭىپيۈرگىدەك. ھەيران قالغان قادىر  پاراڭسوراپتۇ:
ــ ۋاي ئادىشىم،نېمە ئىش بۇ؟ نېمە بولدۇڭ؟
ــ نېمەبولاتتىم، ھاراق ئىچىپ موتۇلسىكىلىت مىنگەننىڭ خاپىلىغى بولمامدۇ قادىرخان.
ــ شۇنداقتىمۇبىر پۇتۇڭ قېنى دەيمەن؟
ــ بىر پۇتۇمنىيەرلىكىدە قويۇپ قويدۇم، ئۇزۇن قالماي مەنمۇ پۇۇتمنىڭ كەينىدىن بارىمەن.

              تۇرمۇشيۈكى

ئالى مەكتەپكەئۆتكەن بىر بالىسىنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە سىرىتتا يۈرگەن قادىر پاراڭقايتىپ كەلسە، ئۆيدە ئاشلىق، ئوتۇن- ياغاچ، ئۇلاغلارغا يەم- خەشەك دېگەنلەرنىڭھەممىسى تۈگەپ، ئۆيىدىن بوران ئۇچۇپ قالغانىكەن. ئايالى قادىر پاراڭنى كۆرۈپئۆزىنى توختىۋالالماي ئىختىيارسىز  يىغلاپ،سۆزلەپلا كېتىپتۇ. ئۆيدىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، خولۇم- خوشنىلارمۇ كېرىپ،تەسەللى ئېيتىشىپتۇ. تۇرمۇش يۈكىدىن بېشى ساڭگىلاپ كەتكەن قادىر پاراڭ، بىر پەسجىمىپ كېتىپ، ئاخىرى تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇپتۇ:
ــ ئەگرى نوغۇچ ئاشتاختىدا تاراقلايدۇ،
خوتۇن ئۆيدە ئۇن يوقكەن دەپ ۋالاقلايدۇ.
بالىلىرىم يېلىڭ بولغاچ ئوت ئالدىداجالاقلايدۇ.
كونا ھارۋام دوناي دەسسەپ توپا يولداتاراقلايدۇ،
يىرتىق كەشتىن پايتىمام سۆرىلىدۇ-پالاقلايدۇ.  

كەمبىغەلنى كەم چاغلىماڭ

قادىر پاراڭ قەشقەرگە جىددى بارىدىغانبولۇپ قېلپ، بىر تونۇش تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋالنى ئېيىتسا، شوپۇر:
ــ تاكسىدا بارساڭ قىممەت توختاپ قالىدۇقادىركا، خاپا بولماي چوڭ ماشىندا بارساڭ بوپتىكەن- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ شۇھامان يانچۇغىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقرىپ شوپۇرغا تەڭلەپ تۇرۇپ قوشاق ئوقۇپتۇ:
ــ كەمبىغەلنى كەم چاغلىماڭ، ئىششەك تېشىقوينىدا.
باي غوجامنى چوڭ چاغلىماڭ، ئىششەك قەرزىبوينىدا!  

قەدەم خوتى

قادىر پاراڭ ھاشىم پاراڭ قاتارلىقبىرنەچچەيلەن بىلەن پاراڭلىىشپ  پىيادەكېتىۋاتسا، ھاشىم پاراڭ قىززىقچىلىق قىلپ «كوت!» قىلپ يەل قويىۋەتكەنىكەن، قادىرپاراڭ ئىختىيارسىز سوراپتۇ:
ــ نىمانداق قىلىسەن ھاشىمكا؟
ــ مەنزىل يىراق ئۇكام، پۇتنى يېڭى خوتقاسالدىم.
ــ توۋا، پۇتنى خوتقا سالىدۇئاڭلىماپتىكەنمەن، بۇ قانداق خوت ئەمدى؟
ــ بۇ دېگەن  قەدەم خوتى.

قاغىلا

بىر كۈنى قادىر پاراڭ ھاشىم پاراڭنىڭئۆيىگە بېرىپ، بىر ئىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتسا، سىرىتتا غەۋغا كۆتىرلىپتۇ. نېمەبولغاندۇ دەپ چىقپ قارىسا، ھاشىم پاراڭنىڭ بەش ياشلىق ئوغلى قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرىبىلەن ئويناۋېتپ ئۇرۇشۇپ قالسا، خوشنىلار «مېنىڭ بالامنى ئۇرۇپتۇ» دەپ ئائىلەبويىچە تاياق- توقماق كۆتىرىپ چىقپ غەۋغا قىلشىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار ئاغزىغا نېمەكەلسە شۇنى دەپ تىللاپ، ھاشىم پاراڭنى زادىلا ئېغىز ئاچۇرماپتۇ. ئادەتتە شۇنچەسۆزمەن ھاشىم پاراڭنىڭ بۇ قېتىم ئېغىر بېسىق بولۇپ قالغانلىغىنى چۈشىنەلمىگەنقادىر پاراڭ سوراپتۇ:
ــ ھاشىمكا، شۇنچە تىل- ئاھانەتلەرنىئاڭلاپ گەپ قىلماي تۇرىسەنغۇ؟
ھاشىم پاراڭ كۈلۈپ قويۇپ، ئارتۇقچە گەپقىلماستىن ناخشا باشلاپتۇ:
ــ ۋاي قاغىلا، نىجىس قاغىلا،
بەزىسى ئالا، قارا قاغىلا؛
شۇملۇق تىىلشىپ قاقىلداۋەرمەي،
بۇ يەردىن يىتۈپ نېرى باغىنا!!  

جۇباجىنىڭ شاگىرتى

قادىر پاراڭنىڭ خوتۇنى تۇغۇتلۇق بولۇپ،ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قادىر پاراڭ يوقلاپ بېرىپئىچكىرى ئۆيگە كىرىسە، يۈزىنى يېرىم ياپقان بىر ئايال ئۇخلاپ ياتقۇدەك. «ئايالىمئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان قادىر پاراڭ، تاتلىققىنە ئويغىتاي دەپ،ئېڭىشىپ تۇرۇپ پىشاينىسىگە بىرنى سۆيسە، ھېلىقى ئايال لىككىدە بېشىنى كۆتىرىپتۇ.قارىسا، ئايالىنىڭ ئاچىسى ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلمىگەن قادىر پاراڭھاڭۋېقىپ  تۇرۇپ قاپتۇ.
ــ قادىرخان، سىز ئاچا- سىڭىللارنىئايرىمايدىغان جۇبامنىڭ شاگىرتىمۇ؟ - دەپتۇ ئايالىنىڭ ئاچىسى قادىر پاراڭغاقااراپ.
ئىزا تارتىپ كەتكەن قادىر پاراڭ ئۈن-تىنسىز تالاغا قاراپ  مېڭىپتۇ.


كەتكىلى كەگەن

قادىر پاراڭ توي قىلمىغان يىللاردا، بىرئەرگە تېگىپ  چىققان چوكان بىلەن تويقىلىشقا پۈتۈشۈپ، ئاخشىمى مەھەللىسىگە بارسا، ئىىشك تۈۋىدە ئۇ چوكاننىڭ ئىلگىركىئېرى مۈگدەپ ئولتۇرغىدەك. يېنىغا يېقىن بېرىپ:
ــ ئادېشەۋە، نېمە قىلىسەن بۇ يەردە؟-دېسە، ئۇمۇ ياندۇرۇپ سوراپتۇ:
ــ سىلىچۇ؟ سېلە نىمىش قىلسىلە؟
ــ مەن مۇشۇ ئۆيدىكى چوكاننى ئالغىلىكەلدىم!- دەپتۇ قادىر پاراڭ زەردە بىلەن.
ــ مەن كەتكىلى كەلگەن،- دەپتۇ ئۇ ئەرقادىر پاراڭنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ،- ئەمىسە مەن كېتەي.

ئاتنىڭ سىگنالى

بىر كۈنى قادىر پاراڭ بىر كىراكەشنىڭخادىك ھارۋىسىغا چىقپ كېتىۋاتسا، ئادەم جىق يەرگە كەلگەندە ئات «تارىت- تارىت!!»قىلپ يەل قويىۋەتكەن ئىكەن، قادىر پاراڭنىڭ چاقچاق قىلغۇسى كېلپ، ھارۋىكەشتىنسوراپتۇ:
ــ ئۇستام، بۇ ئاتنىڭ نېمە قىلغىنى؟ساپلا ئادەم جىق يەرگە كېلپ ئوسۇرىدىكەنغۇ؟
ــ بۇ تولىمۇ ئەقىللىق ئات ئۇكام- دەپتۇھارۋىكەش،- ھارۋا ئادەم بېسىۋالمىسۇن دەپ، ئەشۇنداق سېگنال بېرىپ ماڭىدۇ.

توشقان بەيگىسى

قادىر پاراڭ بالىلىرىغا بىرنەچچە توشقانبېقىپ بەرگەنىكەن، بىر توشقان ھويلىدىكى ئۇۋىسىدىن چىقىۋېلپ تالاغا قېچىپ كېتىپتۇ.ئۇنى تۇتۇپ كىرەي دەپ ئەتتىگەندە چىقىپ قوغلىغىلى تۇرغان قادىر پاراڭ كۈن چۈشكىچەقوغلاپمۇ تۇتالماي يۈرسە، بىر  قوشنىسىچاقچاق قىلپ سوراپتۇ:
ــ ئەتتىگەننىڭ ئۇياقى ئارام ئالماييۈگرەيسىلە قادىرخان، بەيگىگە چۈشتىڭلىمۇ- نېمە؟
ــ راس دىدىلە خوشنام، توشقان بىلەنبەيگىگە چۈشتۇم. توشقان بەيگىسى دېگەن مانا شۇ.

خوتۇن بازىرى

قادىر پاراڭنىڭ ئېنىسى ناھىيە بازىرىدىكىبىر قىزغا ئۆيلەنمەكچى بولۇپتۇ. توي كۈنى قادىر پاراڭ ئۆيدىلكىلەر بىلەن ماشىنغاچىقىۋاتسا، بەش يتاشلىق ئوغلى سوراپتۇ:
ــ دادا- دادا، بازارغا بارىمىزما؟
ــ ھەئە، تاغاڭغا خوتۇن ئېلپ بەرگىلىبارىمىز بالام.  
ــ خوتۇن بازىرى نەدە دادا؟ مەنمۇ بىرنىئالاي.

ساراڭ جاۋاب

غازكۆلا يېزىسىدا ھەممە ئادەم بىلدىغانقۇناخۇن ئىسىملىك بىر ساراڭ بارىكەن. ياز كۈنلىرىنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپلىرىدىمۇ جۇۋاكېيىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، قاادىر پاراڭنىڭ ئىچى سىقىلىپ دەپتۇ:
ــ قۇناخۇن، مۇشۇنچىلا ئىسسىقتا جۇۋاڭنىبىر سېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ؟
ــ جۇۋامنى سېلىۋەتسەم، پىت- بۈرگىلرىمتوڭۇپ كەتمەمدا؟

كاپراتسىيەنىڭ ئېرى

ئۈچ چاقلىق موتۇسىكىلىتىدا  بەش ئايالنى كىرا قىلىغان قادىر پاراڭ غازكۆلبازىرىدا كېتىۋاتسا، بىر يەردە ئايالى ئولتۇرغىدەك. «ھەي خوتۇن» دەپ توۋلىسائاڭلىماپتۇ.
ــ ھەي شەخسى خوتۇنۇم!- دەپ بەكرەك توۋلىغانىكەن،ئايالى تاققىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇتۇسىكىلتتىكى ئاياللارغا قاراپ قويۇپدەپتۇ:  
ــ ھە، كاپراتسىيەنىڭ ئېرى، نېمەدەيسىلە؟

بىلمەن ھارقنىڭ ھاراملىقىنى


قادىر پاراڭنىڭ بىر ئاغىنىسى ھاراقتائۆلۈپ كەتكەنىكەن، ئۇنىڭ مىيىتىنى ئۇزۇتۇپ ئەمدى كېلىپ تۇرسا، يەنە بىر ئاغىنىسى:
ــ ماڭە قادىرخان، قاۋاققا كىرىپبىر  ئىچىشىپ چىقايلى- دىگىدەك.
ئەرۋايى ئۇچقان قادىر پاراڭ سۆزلەپلاكېتىپتۇ:
ــ ھازىر شۇ ھاراقتا ئۆلگەن ئاغىنىمىىزنىڭمىيىتىنى ئۈزۈتۈپ كەلگەن تۇرۇغلۇق، يەنە ھاراق ئىچكىلى بارىمىزما؟ بولار ئەمدى،ھاراق تاشلايدىغان ۋاختىمىز بولۇپ ئاشتى. ھاراق دېگەن نىجىسنى ئىچىۋىرىپ، ئۇدۇنياغا  بىزمۇ ھارام كەتمەيلى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، قادىر پاراڭنىڭ ئۇئاغىنىسى «بىلىمەن ھاراقنىڭ ھاراملىغىنى» دەپ قويۇپ كىتپ قاپتۇ. ئۇنىڭ شېىرى تۈسئالغان بۇ سۆزى قادىر پاراڭنىڭ ئىلھامىنى غىدىقلاپ، ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بىركۇبلىت شېر پۈتۈپتۇ:
بىلىمەن ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى،
بىلىمەن مەستلەرنىڭ قاراملىقىنى.
قاراملىق ھارامغا يانتاياق بولۇپ،
ئېپكىتەر دەۋزەخكە ياراملىقىنى.


ھىسامغا ۋارىس بىزمۇ بار

قادىر پارااڭ دەريا ئاتلاپ باشقايۇرىتلارغابارغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شۇ يەردە بىر چاقچاق سورۇنىغا قاتنىشپ قاپتۇ.قارىسا سورۇندىكى ياشلار «ھىسامكام بىر كۈنى ئۇنداق دەپتۇ، بىر كۈنى مۇنداققىپتۇ...» دەپ، ساپلا ھىسامكامنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان چاقچاقلارنى قىلشىپئولتۇرغىدەك. قادىر پاراڭ ئېغىز ئېچىپ، ھىسامكام پەخىرلەنگىدەك چاقچاقلاردىنبىرنەچچىنى سۆزلىگەنىكەن، سورۇندىكىلەردىن بىرى سوراپتۇ:
ــ ئادىشۇي، سېلە نەدىن؟
قادىر پاراڭ جاۋاپ بىرىش ئورنىغاتۆۋەندىكى قۇشاقنى ئوقۇپتۇ:
ــ ئېتىگى كەڭرى جاھان بۇ، بولمىسۇنكۆڭۈللەر تار.
-            چاقچاق سورۇنلىرىدا، ھىسامغا ۋارىس بىزمۇبار.
أ‌-            
قايسىخوتۇن؟

بىر كۈنى قادىر پارڭنىڭ مەھەللىسىدىكلەر«توختىكامنىڭ ئىككى خوتۇنى بارمۇ- بىرمۇ؟» دېگەننى تالىىشىپ قاپتۇ. بىرسى ئىككىخوتۇنى بار دېسە، بىرسى بىر خوتۇنى بار دەيدىكەن. ئۇلار بىر- بىرنى قايىلقىلالماي، قادىر پاراڭنىڭ  ئالدىغاكەلگەنىكەن، بۇ ئىشنى قادىر پاراڭمۇ بىلمىگەچكە، ئويلنىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا توختىكاميولدىن ئۆتكەنىكەن، قادىر پاراڭنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كىرىپ، توختاكامنىڭئالدىغا بېرىپ دەپتۇ:
     ــ توختىكا، سېنى خوتۇنۇڭ دەرھال كېلپكەتسۇن دەيدۇ.
     ــ قايسى خوتۇن؟- دەپ سوراپتۇ توختىكام.
     ــ مانا ئەمدى ئېنىق بولدى- دەپتۇ قادىرپاراڭ،- توختىكامنىڭ ئىككى خوتۇنى باركەن.

سۇنغان پۇت

بىر كۈنى قادىر پارڭنىڭ بىر ئاغىنىىىتىلفۇن قىلپ:
ــ پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى ئاداش، بىر كېلىپكەتكىن،- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ ئەنسىرەپ، قلىلۋاتقان ئىشىنى قويۇپ  شۇ ھامان بېرىپتۇ. ئەمما ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگەبېرىپ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا كەپتەرلەرگە دان چېچىپ بىخارامان غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئەجەپلىنپ سوراپتۇ:
ــ بايا تىلفۇندا پۇتۇم سۇنۇپ كەتتىدەۋاتاتتىڭ، قېنى ئۇ  سۇنغان پۇتۇڭ؟
ــ ئەنە تام تۈۋىدە تۇرمامدۇ؟- دەپتۇئاغىنسى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويغان يالغان پۇتنى كۆرسىتىپ.
ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر پۇتى كىچىگىدەزەخمىلنىپ، يالغان پۇت سالدۇرۋالغان بولغاچقا، قادىر پاراڭ ئۇنىڭ راس پۇتى ئەمەس،يالغان پۇتى سۇنغانلىغىنى بىلپ، ئارتۇق گەپ- سۆز قىلماستىن ئارقىسىغا يېنپ كېتىپقاپتۇ.

دەپتەردىكى قوشاقلار

قادىر پاراڭ كىرا قىلپ نەمۇ- نە  بېرىش داۋامىدا، يېراق بىر كەنىتتىكى بىرقىززىقچى ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزنىڭ  لەتىپە- چاقچاق خەزىنسىنى بېيىتاي دەپ، بىركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىززىق ئىشلارنى دەپ بېرىشنىئېيىتقانىكەن، ئۇ ئادەم:
ــ سىز ئاڭلىغىدەك قىززىق گەپلىرىم يوق،لىكىن بەزىدە بېيىت- قوشاق يادىمغا كەلسە، ئانچە- مۇنچە يېزىپ قويغان دەپتەر بار،-دەپ ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كېتپ، بىر دەپتەرنى كۆتىرىپ چىقپ قادىر پاراڭغا بېرىپتۇ.
قادىر پاراڭ دەپتەرنى قولىغا ئېلىپۋاراقلىسا، تۆۋەندىكى بېيىت- قوشاقلار تۇرغىدەك:
باغدا ياتقان چار يىلاننىڭ، بوينىغازەنجىر سالاي.
پونى ئاتقان ئاق جۇۋاننىڭ ئىچىگە ئوتلارسالاي.
            ئوۋغا چىقساڭ ئېلىپ چىق، قاپچۇغۇڭغاباغ بولاي.
            مېنى تاشلاپ ياتقا تەگسەڭ، يۈرۈگۈڭگەداغ بولاي.
ئايدىڭدا ماڭغان ئاق جۇۋاننىڭ ئىزىغاتاۋاپ قىلاي.
سەن ئۇ يەردە، مەن بۇ يەردە، ئايرىلپقانداق چىداي؟
           تاشلاپ كەتمە ئاق جۇۋان،ئۇنۇتالمايمەن سېنى.
           مىڭ يىگىتىڭ بولسىمۇ، ئالغىنىم-ئالغان سېنى!

يانتاق ئەھلى

بىر كۈنى قادىر پاراڭغا يانتاقيېزىسىدىكى بىر سورۇنغا  كىرىشكە توغرىكەلگەنىكەن، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلا سالام  قىلاي دەپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يانتاق ئەھلى!»دېسە، بىر ياش ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ بىز يانتاق ئەھلى ئەمەس قادىرخان،گىپىڭىز تازا دۇرۇس بولمىدى، بىز دېگەن ئادەم ئەھلى!- دەپتۇ.
يەنە بىر ياش ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ سىز نەدىن؟- دەپ سورىغانىكەن، قادىرپاراڭ غازكۆلدىن ئىكەنلىگىنى ئېيىتسا، ئۇ ياش دەپتۇ:
ــ ناۋادا بىز غازكۆلگە بېرىپ، سىز بارسورۇندا: «ئەسسالام ئەلەيكۇم غاز ئەھلى!» دېسەك سىز نېمە  دەيسىز؟
گەپ تېپىپ بېرەلمىگەن قادىر پاراڭئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بوپتۇ.

«قارا ئۈجمە يېگەن»

بىر كۈنى بىر تونۇش چوكان كىرا قىلپ،قادىر پاراڭنىڭ موتۇلسىكىلتىغا چىققان ئىكەن، قادىر پاراڭ ئۇنىڭ قارا لەۋسۈرۈخسۈرىۋالغىنىنى كۆرۈپ چاقچاق قىلغۇسى كەپتۇ:
ــ نان ياققىلى ئوچاق يوق، كۆمەچ كۆمۈپيىدىڭىزمۇ نېمە؟
ــ ياقەي، بايا قارا ئۈجمە يىگەن، شۇيۇقۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

دەرۋازا ئىچىدە

قادىر پاراڭ ئۈرۈمچىگە كېتىۋىپ، بىرجاھانكەزدى چوكان بىلەن بىريەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر كەمدە ئۇ چوكان سوراپتۇ:
ــ كېيىنچە سىزنى ئىزدەپ بېرىشىم مۇمكىن،ئۆيىڭىز نەدە؟
ــ مېنىڭ ئۆيۈم بىزنىڭ دەرۋازىنىڭئىچىدە.

دارىسى مەندىن

بىر يىلى قادىر پاراڭ ئېگەچى  ئامبارغا ھاشارغا بارغانىكەن، چۈشتە قوساقئېچىپ، چام بېشىدا تاماق سېتىۋاتقان  بىرئاشپەزدىن بىر قاچا سۇيۇق ئاش ئاپتۇ. ئىچەي دەپ قارىسا، شۇ ئەتراپتا ئۇچۇپيۈرۈشكەن قۇرۇت- قوڭغۇزلارنىڭ ھەربىر تۈرى ئاشتا لەيلەپ تۇرغىدەك.
ــ ئاشپەز ئۇستام- دەپتۇ قادىر پاراڭ،-ئاشقا بۇ يەردىكى قۇرۇت- قۇڭغۇزلارنىڭ ھەممىنى ساپتىلىغۇ؟
ــ راس دەيسىز قادىرخان، بۇ يەردە بارىشۇكەن، ئاشقا سالغىدەك  باشقا نەرسەتېپىلمىغاندىكىن، شۇنى سېىلپ تۇردۇم. كۆزڭىزنى بەكرەك قىسېۋىلپ يەۋىرىڭ.
ــ چاقچاق قىلمايۋاتقانلا ئۇستام، كۆزنىقىسېۋېلپ يەۋەرگەن بىلەن، كېسەل بولۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟
ــ خاتىرجەم بولۇڭ، دارىسى مەندىن!

قىچىقلاپ كۈلۈڭ

كەنىت ئاچقان كەچلىك يىغىندا، قادىرپاراڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر چوكان:
ــ كادىر دېگەن كاسكىلار كاسىلداۋىرپزىرىكىپ كەتتىم قادىرخان، لەتىپدىن بىرەرنى سۆزلىمەمسىز؟- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭپەس ئاۋازدا لەتىپە سۆزلەپ بەرسە، ئالقىنى بىلەن يۈزىنى توسېۋىلپ:
ــ بەك كۈلگۈم كەپ كەتتى، قانداق قىلاي؟-دىگىدەك.
ــ ھازىرچە ئۆزىڭزىنى بېسىۋېلىڭ- دەپتۇقادىر پاراڭ پىچىرلاپ،- ئەڭ ياخشىسى كەچتە ئۆيىڭىزگە بېرىپ كۈلىۋېلىڭ.
ــ ئۇ چاغدا كۈلگۈم كەلمىسە قانداققىلىمەن؟
ــ ئۇنىڭمۇ چارىسى بار، ئۆزىڭىزنىئۆزىڭىز قىچىغلاپ كۈلسىڭىز بولىۋىېرىدۇ.

ئۆزىنى تىللاش

قادىر پاراڭ بازارغا كېتىپ بارسا، لىقتاغار بېسىلغان بىر  ھارۋىغا قېتىلغانئېشەك يېتىېۋلغاچقا، ھارۋا ئىگىسى ھەدەپ تىللاۋاتقۇدەك:
ــ ھۇ قەلەندەرنىڭ ئېشىگى! قوپ دەيمەنھارام بولغۇر گۇينىڭ ئېشىگى! ...
قادىر پاراڭ كېلىپ ئشەكنى يۆلەپقوپۇرۇشۇپ بىرىپ، ھارۋا ئېگىسدىن سوراپتۇ:
ــ بۇ ئېشەك كىمنىڭكى؟
ــ مېنىڭ، قانداق دەيلا؟
ــ بايىدىن بېرى ئەشەكنىڭ ئېگىسىنى بەكتىللاپ كەتتىلە، شۇنىڭغا قاراپ خەقنىڭ ئېشىگىمىكىن دەپتىمەن.
ھارۋا ئېگىسى تۇرۇپ كېتپ، دەپتۇ:
ــ توغرا دەيلا، بايىدىن بېرى ئاچچىغىمدامەن ئۆزەمنى تىللاپتىمەن.

زامانە زورنىڭ

دولان مەشرىپى تازا قىززىپ كەتكەندە،ئۇسۇلچىلار بەسلىشىپ، ئاخىرىدا يېڭپ چىققان بىرسى مەيدانغا ئۆزى يالغۇز پىقىراپ چۆگىلەيدىغان ئادەت بولۇپ، بىر قېتىملىقمەشرەپتە قادىر پاراڭ باشقا ئۇسۇلچىلارنى يېىڭپ، مەيداندا تازا پىقىراۋاتسا،پاتىگۈل ئىسىملىك بىر ساياق چوكان توۋلاپتۇ:
ـــ زامانە زورنىڭ، تاماشە قادىر كورنىڭ!
قادىر پاراڭ بۇنى ئاڭلاپ، ئۇسۇلئويناۋېتىپلا ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ:
ــ باشقىلارنىڭ يارى بار، پاتىگۈل ئومۇمىخورنىڭ!

ئۆزىنىڭ بۇرنىنى كولىغان ياخشى

بىر كۈنى كەچتە قادىر پاراڭ ئۆيگە كەلسەئايالى ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ، تۆت- بەش خوتۇن بىلەن ھەدەپ غەيۋەتقىلىۋاتقۇدەك. قادىر پاراڭ ئۇلارنى غەيۋەتنى توختىتار دەپ يۈتۈلۈپ بېقىپتۇ.  ھويلىدىكى نەرسىلەرنى ئۇيان- بۇيان قىلپ،تاراق- تۇرۇق ئاۋاز چىقرىپمۇ بېقىپتۇ. ئەمما ئۇ خوتۇنلار ھىچ ئىش بولمىغاندەك غەيۋەتنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ. ئاچچىغىكەلگەن قادىر پاراڭ، ئۆيگە كىرىپ بىىر تال چوكا بىلەن ئازراق پاختا تېپىپ چىقپ،پاختىنى چوكىنىڭ ئۇچىغا يۆگەپ، ئاياللارنىڭ ئالدىغا كېلپ ئولتۇرۇپ، ھەدەپ بۇرنىنىكولىغىلى تۇرغانىكەن، ئايالى بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇپ:
ــ نىمانداق قىلىقسىزلىق قىلىسىز؟-دەپتۇ.
ــ غەيۋەت قىلىپ خەقنىڭ يېغىرىنىكولىغىچە، مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ بۇرنىنى كولىغان ياخشى خوتۇن- دەپتۇ قادىر پاراڭ.

«چەللە»  ۋە «سەللە»

بىر كۈنى قادىر پاراڭ موتۇلسىكىلت بىلەنكىراكەشلىك قىلىپ بىر مەھەللىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بىر ئۆينىڭ ئالدىغا بىر مۇنچەئادەملەر يىشغىلېۋېلپ، بىرنەچچەيلەن تىللىشىۋاتقۇدەك. نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىبىلەي دەپ بىرسىدىن سوراپتۇ:
ــ نېمە ئىش بوپتۇ بۇ  يەردە؟
ــ نېمە ئىش بولاتتى قادىرخان، كالاپاتاقنى دەپ چەللىنى چۇۋۇپتۇ؛ موللام خوتۇننى دەپ سەللىنى چۇۋۇپتۇ.

بۇت گەپ قىلمىغاچقىلا

بىر يىلى قادىر پاراڭ، ھاشىم پاراڭ، روزىپاخال قاتارلىق  گەپدانلار بىللەمىھماندارچىلىققا بارغانىكەن، قادىر پاراڭ «مىھماندارچىلىغىمىز كۈلكە- چاقچاقلاربىلەن  ئەمدى تازا قىززىيدىغان بولدى» دەپئويلىسا، ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە ھىچقايسېسى ئېغىز ئاچماي ھال تارتىشىشپ ئولتۇرۇپ،مىھماندارچىلىقتىن  كۆڭۈلسىزقايتىپتۇ.  قايتىپ كېلىۋېتىپ  قادىر پاراڭ سوراپتۇ:
ــ ھاشىمكا، ئۆزەڭ شۇنچە گەپدان ئادەمتۇرۇپ، بۇ قېتىم ئادەمنى بۇرۇختۇم قىلپ جىملا ئولتۇرۋالدىڭغۇ؟
ــ بىلمەيدىغان يەرنىڭ ئويداڭ- چۇققۇرىكۆپ دەيدىغان گەپ بار ئۇكام قادىرخان، ساھىبخاننىڭ خۇي- مىجەزىنى، سورۇندىكىلەرنىڭساپاسىنى بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا گەپ قىلىۋەرسەك، ئىززىتىمىز بولمايدۇ.
ــ ئەمىسە بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرساقئىززىتىمىز بولامدا؟
ــ توغرا، بۇت پەقەت گەپ قىلمىغاچقىلا،دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى چوقۇنىدۇ ئەمەسما.

ئەيسا توختى

قادىر پاراڭنىڭ ئەيسا توختى دەيدىغان بىرسازەندە تونۇشى بولۇپ، بىر كۈنى بىر نەچچە ئاغىنىلەر ئۇنىڭ بىلەن باشقا بىريۇرىتقا مەشرەپكە بېرىپ، كەچتە شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ. ئۇلار كېچىچە مەشرەپ ئويناپ،تۈن تەڭدىن ئاشقاندا ئۇخلىغان بولغاچقا، ئۇيقۇسىغا قانماي ياتسا، تاڭ ئاتار-ئاتمايلا ئەيسا توختى تەمبۇرىنى قولىغا ئېلپ موقام باشلىغانىكەن، ياتقانلاردىنبىرى بېشىنى كۆتەرمەي تۇرۇپ قوشاق ئوقۇپتۇ:
ــ ئەيسا توختى ھەي توختى، سالسام ساڭا بىرنوقتى،
بىلسەڭ جالدۇر- جۇلدۇرغا، قۇلاقلرىم بەكتوقتى.
يەنە بىلسەڭ بۇ كېچە، تۈنەيدىغان ئىشيوقتى،
بىلمىدىمكى ھىچ، ساڭا قايسى بىرجىنيولۇقتى؟!


قىزبالا شەيتان

بىر كۈنى ئەتتىگەندە قادىر پاراڭكىراكەشلىك بازىرىغا موتۇلسىكىلىتىنى ئەمدى ھەيدەپ چىقىشىغا، ئۈچ چوكان كېلىپ:
ــ قادىرخان، موتۇلسىكىلىتىڭىز رەخمەتكىمۇ ماڭامدۇ؟ - دەپ سورىغانكەن، تېخىدەسلەپ قىلمىغان قادىر پاراڭ نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرسا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانھاشىم پاراڭ:
ــ ھەيدىڭە- قادىرخان ھەيدەڭ! بولمىساقوغۇن ۋاشاڭ دەڭ،- دەپتۇ.
قادىر پاراڭ ئامالسىز موتۇلسىكىلىتىنىھەيدەپ، ناخشا باشلاپتۇ:
ــ قىز بالا شەيتان ئالۋاستى، قادىرخاننىقارا باستى!

گۆش خالتىسى

قادىر پاراڭ ئايالىغا گىرىم بويۇملىرىدۇكىنى ئېچىپ بەرگەنىكەن. بىر كۈنى ئايالى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل يوقلاپكەلگىچە دۇكاننى ئۆزى ئېچىپ تۇرۇشقا توغرى كەپتۇ. بىركەمدە بىرجۈپ ياش ئەر- ئايالكېرىپ، ئايالى بىرمۇنچە سودىلىق قىلىپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا  ئېرىگە دەپتۇ:
ــ ھەممە نەرسىنى ئاپتۇق، لىكىن لىپتىكنىئۇنتۇپ قاپتۇق، ئۇنىڭدىنمۇ بىرجۈپ ئېلىپ بېرىڭلا.
ــ بولىدۇ خوتۇن- بولىدۇ،- دەپتۇ ئېرى ۋەقادىر پاراڭغا بۇرۇلۇپ،- ئەمدى ئېۋۇ گۆش خالتىسىدىنمۇ بىر جۈپ بەرسىلە.

چوقا يەمسەن- پاچاقمۇ؟!

بىر كۈنى كەچتە قادىر پاراڭ قاۋاقتىنقايىتقان قۇلاق كەستىدىن بىرنى كىرا قىلپ قاپتۇ. خېلى يول مېڭىپ ئۆيىگە ئاپىرىپقويسا، موتۇلسىكىلتتىن چۈشۈپلا، ئۈن- تىنسىز كېتىۋاتقۇدەك.
ــ ئادېشوي!- دەپ توۋلاپتۇ قادىر پاراڭ،-كىرانى تۆلىۋىتپ ماڭمامسىلە؟
قۇلاق كەستى مەس ئارقىىسىغا يېنپ كېلىپ،قادىر پاراڭنىڭ ياقىسىدىن ئېلپ، بېشىنى قادىر پاراڭنىڭ بۇرنىغا، پۇتىنى قوساققاتەڭلەپ تۇرۇپ دەپتۇ:
ــ قېنى ئۆزەڭ تاللىۋال، چوقا يەمسەنپاچاقمۇ؟!

مازاق قىلش

قادىر پاراڭ توي قىلماس چاغلىرىداھاراققا بېرىلپ كەتكەن بولۇپ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قاۋاققا كىرسە،ئىشىك  تۈۋىدە تۇرغان بىر پىيەنچۈك مەس بىركوي پۇلنى تەڭلەپتۇ. نېمە دەيدىغاندۇ دەپ پۇلنى قولىغا ئالسا:
ــ بۇ پۇلغا بەش تال پېۋە ئېلىپ، ئاشقىنىنىئالغاچ كەل!- دىگىدەك.
قادىر پاراڭ كېيىن نېمە بولىدىغانلىغىغاقىززىقىپ، سىرىتقا چىقپ بەش تال پېۋە شىشىسى تېپىپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ كېلىپ،ھېلىقى پىيەنچۈككە بىر كوي پۇلى بىلەن قوشۇپ بەرسە، ئۇ شىشىدىكى سۇدىن بىر ئوتلامئوتلاپ بېقىپ:
ــ مېنى مازاق قىلغۇچە ئاناڭنى مازاققىلساڭ بولمامدۇ؟- دىگىدەك.
ــ سەنمۇ داداڭنى مازاق قىلىۋاتىسەنغۇمانا!- دەپتۇ قادىر پاراڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھۈرپىيىپ. قادىر پاراڭنىڭ ئەلپازىغاقاراپ، ئۇ مەس جىم بولۇپ قاپتۇ.

قىسىر قالمايسىز

ھاشىم پاراڭ  بىر كۈنى بىرنەچچە  چوكان بىلەن قادىر پاراڭنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ قادىرخان، بىزنى ئۆيگە جىددىئاپىرىۋېتىڭ!- دېگەنىكەن، قادىر پاراڭ موتۇسىكىلىتىنى بولىشىغا ھەيدەپ مېڭىپتۇ.
يېزىنىڭ توپا يولىدا موتۇسىكىلىتجالداقشىپ سىلكىنپ كېتىۋاتسا، ئارىدىن بىر چوكان ۋايساپتۇ:
ــ ۋاي قادىرخان، ئاستىراق ھەيدىمەمسىز؟ قۇرساقتىكى بالىمىز چۈشۈپ كەتمىسۇنيەنە!
ــ غەم قىلماڭ خېنىم- دەپتۇ ھاشىمپاراڭ،- شۇنچە ئەركەكلەر تۇرساق، بالىڭىز چۈشۈپ كەتسىمۇ قىسىر قالمايسىز.

قادىر پاراڭ

تازا سۆزمەن، چاقچاقخۇمار، سەزگۈركىشىلەر يىغىلغان بىر سورۇندا، قادىر پاراڭ پۇرسەتنى غەنېمەت بىلپ تازا پاراڭسېلىۋاتسا، ئارىدىن بىرسى قوپۇپ دەپتۇ:
ــ قادىرخان، ئۆزەڭنى ماختاپ خەقنىچۆكۈرۈپ قوشاق قوشۇشقىغۇ ئۇستىكەنسەن، قېنى مەرىت بولساڭ ئۆزەڭنىمۇ بىر قوشاققوشۇپ باقمامسەن؟
ــ بولىدۇ، ئاڭلاپ تۇرۇڭلا ئەمىسە:
دەيدۇ مېنى كۆرگەن كىشى، كۆزى قىسىق، سەتساراڭ.
تونۇغانلار دەيدۇ ئەمما، چاقچاقچىمىزقادىر پاراڭ.

تۈزلەپ قويدۇم

ھاشىم پاراڭ، قادىر پاراڭ، روزى پاخالقاتارلىق بىرنەچچەيلەن قارىت ئويناپتۇ. قارىتتا ئۇتتۇرغانلارنى بىر تەستەك ئۇرۇششەرىت قىلىنغانىكەن، قادىر پاراڭ ئۇتتۇرغاندا، ئۇتىۋالغان روزى پاخال تازا كۈچەپبىر تەستەك ئۇرۇپ، قادىر پاراڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىۋىپتۇ. ئاغرىق ئازاۋىغاچىدىماي، كۆڭلىدە «خەپ!» دەپ تۇرغان قادىر پاراڭ، كېيىنكى نۆۋەت ئۇتۇپتۇ ۋە روزىپاخالنىڭ كاچىتىغا «چاڭ-چۇڭ!» قىلپ ئىككىنى ساپتۇ. ئېڭىكىنى تۇتۇپ بىر دەمئولتۇۇرپ قالغان روزى پاخال بىركەمدە سوراپتۇ:
ــ مەن بىرنى ئۇرسام، سەن نېمە دەپئىككىنى ئۇرىسەن؟
ــ بىرنى ئۇرسام ئاغزىڭ بىرتەرەپكەقىيسىيپ قالدى، شۇڭا يەنە بىرتەرەپكىمۇ بىرنى ئۇرۇپ تۈزلەپ قويدۇم.

سۆز ئويۇنى

قادىر پاراڭ يىگىت بېشى بولۇپئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىدىكى بىر قېتىملىق دولان مەشرىۋىدە، مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭباشلانغانلىغىنى جاكارلاپ، قولىغا بىر پىيالە چاي ئاپتۇ ۋە دەپتۇ:
ــ ھازىر سۆز ئويۇنى باشلايمىز، مەن سۆزئويۇنى بىلەن چاي تۇتقان كىشى، مەن دېگەن گەپلەرنى ئازماي ئۆز پېتىتەكرارلىيالىسا، چاينى باشقا كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ناۋادا سۆز ئويۇنىنى بۇزۇپقويسا، بولى بولۇپ جازاغا تارتىلىدۇ. سۆز ئويۇنىنى باشلىدىم ئەمىسە: تۆت كۆكئېشەككە تۆت كۆك تۆش تاتقۇ.
قادىر پاراڭ پىيالنى بىر يىگىتكەبەرگەنىكەن، ئۇ «تۆت كۆپ ئېشەككە...» دەپ سېلىپ، جۇۋازغا تارتىش جازاسىغائۇچراپتۇ. ئىككىنچى قېتىم سۆز ئويۇنى ئالماشتۇرلۇپتۇ: كالا گۆشىغا چوغچاپلاشماسمىش.
قادىر پاراڭ پىيالىدىكى چاينى بىرچوكانغا بەرگەنىكەن، ئۇ: «كالا گۆشىغا چوغ چاپلاشماشمىش» دەپ سېلىپ، «چىلان پۇچۇق»جازاسىغا ئۇچراپتۇ.
ئۈچىنچى قېتىم : توختى تومپاي بىلەنتوقماقلاشماقچىدۇق، توقماقلاشمىساقمۇ توقماقلاشقاندەك، دېگەن سۆز ئويۇنىنىئوتتورىغا تاشلاپ، پىيالىنى بىر بوۋايغا بەرگەنىكەن، ئۇ: «توختى كالامپاي بىلەنتوقماقلاشمىدۇق...» دەپ سېىلپ، ساقال ئالدۇرۇش جازاسىغا ئۇچراپتۇ.
تۆتىنچى قېتىم قادىر پاراڭ: كىىشېنىڭكىشمىشى قىشتا پىشماسمىش، دېگەن سۆز ئويۇنىنى دەپ، پىيالىنى بىر جۇۋانغابەرگەنىكەن، ئۇ ئازماي تولۇق دەپ بېرىپ، جازادىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ.

كاززاپلارنى باشقۇرسىلا

يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىسدە ئىشلەيدىغانبىر تونىشى بىلەن يولدا ئۇچرۇشۇپ قالغان قادىر پاراڭ، ئۇنىڭ قاسقان شەپكە ۋە بىريۈرۈش فورما كېيىپ، قولىغا يۆگىمە مىتىر ئالغان ھالدا قېتىپ كېتىۋاتقانلىغىنىكۆرۈپ، گەپ سوراپتۇ:
ــ يېڭى فورمىلىرىغا موبارەك بولسۇن!مۇشۇ تۇرۇقلىرىدا بىرەر نەرسىنى باشقۇرۇشقا ماڭغان ئوخشىماملا؟
ــ شۇنداق، يەر باشقۇرۇشقا ماڭدىم.
ــ يەر دېگەننى  باشقۇرمىسىمۇ بىرەر يەرگە قېچىپ كەتمەس؟
ــ قېچىپ كېتىدۇ، نەپسى بارغانچە چوڭىيىپكېتىۋاتقان كاززاپلارنىڭ قارنىغا قېچىپ كېتىدۇ.
ــ ئەمىسە يەرنى ئەمەس،  كاززاپلارنى تېخىمۇ بەكرەك باشقۇرسىلا!

ھەمرا ئىزدەپ

يىراق بىر يەرگە كىرا قىلپ،  كەچتە ياتار ۋاقتىن ئاشقاندا قايتىپ كەلگەنقادىر پاراڭ، كوچىدا بىر تونىشىنىڭ لاغايلاپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
ــ شۇنچە كېچىدە  ئادەمسىز بۇ كوچىدا لاغايلاپ يۈرگىچە، ئۆيۈڭگەكىرىپ ئۇخلىساڭچۇ ئاداش.
ــ خوتۇن ئانىسنىڭ ئۆيىگە يامانلاپكەتكەن، ئۆيگە كىرسەم قورقۇم كەلدى، ھەمرالىق ئادەم ئىزدەپ يۈرۈيمەن. سەن ھەمرابولامسەن -يا؟
ــ مەنمۇ ھەمرا ئىزدەپ ئۆيدىكى خوتۇننىئالغان، شۇنىڭغا ھەمرا بولاي...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 22:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-6 23:13:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مۇئەللىم قادىر پاراڭ چاقچاقلىرىنى  ھاردۇقىمىزنى چىقارغىدەك
يوللاپتۇ، قىزىققۇچىلار تەپسىلى ئوقۇپ چىقساڭلار بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2014-12-7 11:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئاكىمىزنىڭ ھازىر جاۋاپ چاقچاقلىرى ئادەمنى شۇ مۇھىتقا «سۆرەپ» ئەكىرىپ كۈلدۈردىكەن. ئەتتىگەندە ئوقۇپ زوق ئالدىم.

ۋاقتى: 2014-12-7 13:04:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادىكى خاتالىقلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ يازمىنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم!

ۋاقتى: 2014-12-7 13:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر پاراڭ چاخچاقلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم !

ۋاقتى: 2014-12-7 19:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم .

ۋاقتى: 2014-12-7 21:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن. ئەمما ئاستانە ئەپەندىم ئېيتقاندەك ئىملا خاتالىقىغا بەك كۆپ يول قويۇۋېتىلىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-7 21:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستانە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 13:04
ئىملادىكى خاتالىقلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ يازمىنى ئوقۇشت ...

ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن  بىرىنچى قەدەمدە مۇشۇنچىلىك قەلەمگە ئېلىندى.  ئۇ پاراڭچى ئاكىمىز كومپىيۇتېر ئەمەس، تېلېۋىزور مەشغۇلاتىنى ئاران قىلالايدۇ.  خالىسىڭىز ئوقۇڭ! بولمىسا،  ئوقۇشتىن ۋاز كېچىۋېرىڭ!!! ئىملانى توغرىلىۋەتسەم بولىدۇ.

ۋاقتى: 2014-12-7 22:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ئەركىزات ئەپەندىم. ئاستانە ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن ئەجەبلەنمەي تۇرالمىدىم. «ئۇ چاخچاقچى ئاكىمىز كومپىيوتېر ئەمەس، تېلېۋىزور مەشغۇلاتىنى ئاران قىلالايدۇ» دېگەن گىپڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. بۇ تېمىنى سىز يوللاپتىكەنسىز، قادىر پاراڭ ئاكىمىز ئەمەس. بۇ يەردە «خالىسىڭىز ئوقۇڭ، خالىمىسىڭىز ۋا كېچىۋىرىڭ!!!» دېيىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. ئەلۋەتتە سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر قىممەتلىك تېمىنى يوللىغىنىڭىزدىن كۆپچىلىك ھەممىمىز خۇشال. لېكىن ئىملا مەسىلىسىنى تەكىتلىگەنلىك سىزگە بېرىلگەن سەمىمىي ياردەم. ئاستانە ئەپەندىمنىڭ بۇيەردىكى تەلەپپۇزى سىزنى رەنجىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش زۈرۈر دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ سىزگە ئوخشاش بىلىم ئىگىلىرى تېخىمۇ كەمتەر، سەمىمىي بولىشىڭىز زۈرۈر. سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خېلىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازدۇرسىز.پىكرىمنى توغرا قوبۇل قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئەگەر قوبۇل قىلالمىغۇدەك بوپقالسىڭىز گېپىمنى قايتۇرۇۋالىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-7 22:47:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 22:04
ياخشىمۇ سىز ئەركىزات ئەپەندىم. ئاستانە ئەپەندىمنىڭ ئى ...

رەھمەت! ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسى ئۈچۈن ئۆزۈممۇ كۆپ كۈچەپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرىمەن. قادىر پاراڭ مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە بىر تېما يوللىۋېدىم، بىر قېرىندىشىمىز ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىمۇ ئوقۇساق...دېگەن ئۈمىدىنى دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ھاپىلا-شاپىلا بۇنى تەييار قىلىپ يوللىشىمغا دېيىلگەن گەپ شۇ. بىزدە«ئورۇنلۇق جاۋاب ئالاي دېسەڭ، ئورۇنلۇق سوئال سورا» دېگەن گەپ بار. كىم بولايلى، گەپنىڭ قاراتمىلىقىغا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. شۇڭا «ساڭا بېقىپ مەن» قىلغىنىم راست.
  تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، ئەلۋەتتە.

ۋاقتى: 2014-12-7 22:53:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ئەركىزات ئەپەندىم. ئاستانە ئەپەندىمنىڭ ئى ...
رەھمەت! ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسى ئۈچۈن ئۆزۈممۇ كۆپ كۈچەپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرىمەن.

سىزنىڭ تەكلىۋىمنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى. رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2014-12-7 23:06:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-12-9 11:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 21:29
ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن  بىرىنچى  ...

نېمىگە چىچاڭشىيلا؟
ئۆزلىرى بىر چاغلاردا مۇنبەردىكى «ئىملا نازارەتچىسى» بولغاندىكىن ئاۋۇ ئىنكاسىمنى سەمىمىيلىك بىلەن يېزىپ قويدۇم، ئۇ سىلىنى چىچاڭشىتىۋەتكۈدەك گەپ ئەمەسقۇ؟
سىلىنى بىرەرسى «قادىر پاراڭنىڭ چاقچاقلىرىنى ھازىرلا يوللىمىساڭ بولمايدۇ!» دەپ كاللىلىرىدا كالتەك كۆتۈرۈپ تۇرمىغان بولغىيتتى؟
شۇڭا ياشلىرىغا لايىق ھالدا سوغۇققان ۋە تەمكىن بولۇپ ئالدىرىماي، ئىملاسىنى تۈزىتىپ يوللىغۇلۇق، ياكى بولمىسا ئۇنچىىلىك ئىنكاسقا ئىشتان-چاپانلىرىنى سېلىپ مەيدانغا چۈشمەي، «ئالدىراشلا يوللاپ قاپتىمەن.» دەپ سىلىق گەپ قىلسىلا بىر يەرلىرى بىر نېمە بولۇپ كېتەمتى؟

ۋاقتى: 2014-12-9 14:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك نۇمۇسسىز ئادەمكەنسەن، ئەركزات ئەپەندى. ئىنكاسىمغا قارىتا ھەر قانداق گېپىڭ بولسا مۇشۇ يەردە دەۋەرسەڭمۇ بولاتتىغۇ، مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق مېنى تىللاپ نېمە قىلماقچىسەن؟

ۋاقتى: 2014-12-23 23:11:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش