جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چيەن شاۋچەن ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە بولدى
2014-يىلى12-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى چيەن شاۋچەن،لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىڭ قاتارلىقلارئۈرۈمچىگە كېلىپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش، لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ2015-يىللىق تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پىكىر ئېلىش پائالىيەتلىرىدە بولدى.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن چيەن شاۋچەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدىكى دوكىلاتنى ئاڭلىدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئېركىش قۇرمانبېك، دوڭ لىبو ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىكى خادىملار قاتناشتى.
12-ئاينىڭ4-كۈنى چۈشتىن ئاۋال چيەن شاۋچەن ئۈرۈمچىدىكى لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئەدىبلىرى، ئەدەبىي تەرجىمانلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى، تەسىراتلىرى، تەلەپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
|