كۆرۈش: 1443|ئىنكاس: 0

مۇھەممەت باغراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەممەت باغراش


IMG_0768.JPG


بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان، ئىزدىنىش روھىغا باي، تالانتلىق يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان باغراش 1952 - يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلىرى›› گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان.
مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قانىتىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مانا بۇلار مۇھەممەتباغراشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.
مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ‹‹سەپداش›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجەدىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ‹‹ساۋاب››، ‹‹رىزقى››، ‹‹ئالمىچى››، ‹‹ئادەملەر››، ‹‹ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا››، ‹‹مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت››، ‹‹ئاقساق بۇغا›› قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى ‹‹ساۋاب››، 1987 – يىلى ‹‹يادىكار›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 1999 - يىلى «يۈرەكتاغ» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹سوۋغات››، ‹‹سەھەر››، ‹‹يېشىل ۋادا›› قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ‹‹سەپداش›› ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتيازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ‹‹ساۋاب›› ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ‹‹ئادەملەر›› ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ‹‹گۈزەل ۋادا›› ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹شەندەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقساق بۇغا›› ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىرنەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئادەملەر››، ‹‹رىزقى›› قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى، ئاكتىۋال بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇھەممەت باغراش كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق ياراتقان.
يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان باغراش 2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:40 دە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش