يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 882|ئىنكاس: 9

ئورخان پامۇك: تۆت يازغۇچى قىسسىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆت يازغۇچى قىسسىسى

ئورخان پامۇك(تۈركىيە)

  بالىلىقىمدىن باشلاپلا ئۇلارنى ئانچە-مۇنچە تونۇيتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى سېمىز شائىر يەھيا كامالنىڭ پۈتۈن ئەل بىلىدىغان شېئرلىرىنى ئازراق ئوقىغانىدىم. ئۇلارنىڭ يەنە بىرى داڭلىق تارىخچى رىشاد ئەكرەم قوچۇنىڭ بولسا،گېزىتلەرنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە چىققان ماقالىلىرىغا قىستۇرۇش ئۈچۈن سىزدۇرغان، ئۇسمانلى سۇلالىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسملىرى دىققىتىمنى تارتقا نىدى.ئون ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك، ھەممىسىنىڭ ئىسملىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرى دادامنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بار ئىدى.ئەمما ئۇ چاغلاردا ئىستامبۇل ھەققىدىكى خامان شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان پىكىرلىرىممۇ ئۇلاردىن تەسىرلەنگەنىدى.مەن تۇغۇلغان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ تۆتىلىسى ساق-سالامەت ۋە مەن ياشاۋاتقان يەرگە يېرىم سائەت ماڭسىلا يىتىپ كەلگىدەك مۇساپىدە ئىدى.ئون ياشقا كىرگە چېغىمدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى ھاياتتىن كۆز يۇمغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى تىرىكلىكىدە كۆرمىگەنمەن.
    كېيىنكى يىللاردا،خىيالىمدا بالىلىقىمنىڭ ئىستانبۇلنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېتىپ، مېڭەمدىكى ئاق-قارا رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىستامبۇل ھەققىدىكى ماقالىلىرى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى ۋە مېنىڭ ئىستامبۇلۇمنى ئۇلارسىز چۈشىنىلمەي قالدىم.مەن 35ياشقا كىرگەندە ئىستامبۇل ھەققىدە «ئۇلىسس»تەرزىدىكى چوڭ بىر رومان يېزىشنى خىيال قىلىۋېتىپ، بالىلىقىمدا ئۆزۈم كەزگەن ئىستامبۇل كوچىلىرىدا ئاشۇ تۆت مەشھۇر يازغۇچىنىڭمۇ ياشىغانلىقىنى خىيال قىلىپ زوقلاندىم:مەسىلەن؛ ھېلىقى سېمىز شائىر بىز دائىم بۈۋىم (ئانامنىڭ ئانىسى)بىلەن بىللە بېرىپ تۇرىدىغان بەيئوغلىدىكى (بەيئو غلى-ئىستامبۇل شەھەردىكى بىر مەھەللىنىڭ نامى)ئابدۇللا ئەپەندى رېستورانىغا ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىپ تاماق يەيتتى، كېيىن بولسا يىگەن تاماقلىرىدىن شىكايەت قىلاتتى.ئاتاقلىق شائىر ئۇ يەردە چۈشلۈك تاماق يەپ قايتقاندا، ئىستامبۇل ئېنسىكلوپېدىيىسى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاۋاتقان تارىخچىنىڭ قايائوچۇ ۋاگزالىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزەتتىم.ئاندىن يەنە ئۇنىڭ بەيئوغلىنىڭ بىر ئارقا كوچىسىدىكى بالىدىن ياش ۋە گۈزەل يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان مۇخبىر ھەم رومان يازغۇچى تاڭپىنەرنىڭ ماقالىسى بېسىلغان گېزىتنى ئېلىۋاتقانلىقىنى خىيال قىلاتتىم.سىرتلارغا ئانچە كۆپ چىقمايد ىغان، بويى پاكار، پاكىزلىق ئاشىقى ئاق قولقاپلىق خاتىرە يازغۇچى ئابدۇلھەق شىناسىي ھىسار بۇ ۋاقىتتا مۈشۈكىگە ئالغان جىگەرلەرنى بىر پاكىز قەغەزگە ئەمەس، گېزىتىگە ئورىغىنى ئۈچۈن قاسساپ بىلەن غوۋغالىشىپ قېلىۋاتقان بولاتتى.بۇ تۆت قەھرىمانىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي بىر كوچىدىن چىقىپ، ئوخشاش بىر تۆپىلىككە قاراپ ماڭغانلىقىنى ياكى باشقا-باشقا كوچىلاردىن چىقىپ يوللىرىنىڭ كېسىشىد ىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرەتتىم. كۆز ئالدىمدا داڭلىق خارۋات سۇغۇرتا كارتوگرافى پېرۋىتىچنىڭ غەلىتە خەرىتىلىرىنى ئېچىپ، قەھرىمانلىرىمنىڭ بەيئوغلىدىن چىقىپ، تاكسىم مەيدانىدىن ئۆتۈپ، يەنە قايسى كوچا، مەھەللىلەرنى ئارلاپ، قايسى بىناغا كىرىپ كېتىدىغانلىقىغا بىرمۇ-بىر بەلگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە قايسى گۈللۈك، قەھۋەخانا، مەيخانا ياكى دۇكانغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى پۈتۈن تەپسىلاتى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.بۇ دۇكا نلاردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھىدى، قەھۋەخانىلاردا تولا ئوقۇلۇپ تىتىلىپ كەتكەن گېزىتلەرنىڭ بەتلىرى، مەن ئۈچۈن شەھەرنى شەھەر قىلغان تام تۈۋىلىرى،چار بازارچىلار، ئاپتوبۇسلارغا ئېسىلغان لوزۇنكىلار، مېنىڭ بۇ تۆت مەشھۇر قەھرىمانىنىڭ دىققەتلىرى كېسىشىدىغان نۇقتىلىرى بۇلىشى كېرەك ئىدى. بۇ شەھەرنى ئۆزىگە ھېكايە قىلغان نەرسىنىڭ توپۇگىرا پىيەسى،بىنالىرى ۋە ئادەملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى زامان تەقەززاسى بىلەن شەكلەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ھېكايە مەنزىرىلىرى ئەمەس، بۇ يازغۇچىلارنى ئەسلىگىنىمدە ،ئاشۇ كوچىلاردا مېنىڭدەك 50يىللارچە ياشىغانلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى،خاتىرىلەر بىلەن ھەر پلەرنىڭ، رەڭلەرنىڭ، تاۋۇشلار نىڭ ئۆز ئارىلىرىدا يوشۇرۇن-ئاشكارە دۇچ كېلىشلىرىنىڭ دەرىجىلىرىمۇ بولغانلىقىنى ئويلاپ كېتىمەن.ئاشۇ دەۋردە، بەلكىم بۇ تۆت يازغۇچى بىلەن ئۇچراشقان بۇلۇشۇم مۇمكىنلىكىنى خىيالىمغا كەلتۈرىمەن.
      بۇ يازغۇچىلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يېقىن دەپ ھېس قىلىدىغان  رومانچى تاڭپىنەر بىلەن ئانام مېنى بەيئوغلىغا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان چاغلاردا ئۇچراشقان بولسام كېرەك. بىزمۇ ھەم ئۇنىڭغا ئوخشاش يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىكى كىچىك كىتابخانىغا كىرىپ تۇراتتۇق.«شورلۇق»، «بىچارە»لەقىمىنى ئالغان بۇ يازغۇچى مۇشۇ كىتابخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «نارمانلى يۇرتى»نىڭ كىچىك بىر خانىسىدا ياشايتتى.پامۇكلارنىڭ كۆپ ئۆي-جايلىق  ئىمارەتلىرى تېخى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن مەن تۇغۇلۇشۇم بىلەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنىدىم.پامۇكلارنىڭ ئاياز پاشادىكى ئوڭەن بىناسى،تاڭپىنەرنىڭ ئۇستازى شائىر يەھيا كامال ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قالدۇرغان«پەرك ئاتەل»ناملىق دۇكاننىڭ شۇنداق قارشىسىدا ئىدى.كېيىنرەك نىشانتاشىقا كۆچكىنىمىزدە ئانام تاتلىق تۈرۈملەرنى ئېلىش ئۈچۈن پات-پات بېرىپ تۇرىدىغان ئاتەلىنىڭ قەندەلەتخانىسىدىمۇ ئۇلارنى كۆرگەن بولسام كېرەك. خاتىرە يازغۇچى دەپ تىلغا ئالغان ئابدۇلھەق شىناسى ھىسارمۇ خۇددى داڭلىق تارىخچى قوچۇغا ئوخشاش پات-پات ئۇنى-بۇنى سېتىۋېلىشقا ۋە تاماققا چىقىپ تۇرغان بولسا، مەن ئۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولسام كېرەك.
     خۇددى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان مەشھۇر كىنو چولپانلىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان فىلملىرىدىكى ۋە شەخسىي ھاياتىدىكى ئېتىباردىن چەتتە قالغان تەپسىلاتلار بىلەن ئۆز ھاياتى ئارىسىدىكى تاسادىپىلىقلار ۋە ئوخشاشلىقلارنى ھەقىقىي چوقۇنغۇچىلاردەك ھالىغا چۈشكىنىمنى دائىم ئەسلەيمەن. ئەمما مېنىڭ بۇ كىتابتا پات-پاتتىلغا ئېلىپ مۇھاكىمە قىلغىنىم،پەقەت بۇ تۆت قەھرىماننىڭ شېئرلىرى، رومانلىرى، ھېكايە ۋە ئېنتسىكلوپېدىيەلىرى بولۇپ، بۇلار مېنى ئۆزەم ياشىغان شەھەرنىڭ روھىغا خاس ئادەم قىلىپ چىقىتى.ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى كۈن ياكى غەر بلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا،يازغۇچى شەرق ۋە غەرب ئارىسىدا ئارىلاش ۋە ئىجادكارلىق تەرزى بىلەن ماڭا سۆيۈملۈك كىتابلىرى ۋە مۇدېرىن سەنئەت زوقى بىلەن ماڭا ئۆزۈم ياشىغان شەھرىمنىڭ ھاياتى ۋە مەدەنىيىتى ئارىسىدا قانداق بىر ئالاقە ئورنىتالىشىم مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىشنى ئۆگەتتى.
    بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋرىدە غەرب ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ، كوپرەك فرانسوز ئەدەبىياتى ۋە سەنئەتىنىڭ پارلاقلىقىدىن كۆزلىرى قاماشقانىدى. شائىر يەھيا كامال ياشلىقىدا توققۇز يىل پارىژدا ياشىغان.ئۇنى قايسىدۇر مەنادا ئۆزىگە ئاتا دەپ بىلگەن تاڭپىنەرمۇ ۋالېرىنىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىدى.
    فرانسۇز ئەدەبىياتى ۋە غەرب مەدەنىيىتىگە ياشلىقىدا، ئېھتىمال بالىلىقىدا يېقىنلىشىپ، چوڭ بىر ھەيرانلىقنى ھېس قىلغانلىقى، بۇ يازغۇچىلارغا ئۆز ئەسەرلىرىدە مودېرىن ياكى غەربلىك بولۇش كېرەكلىكىنى ئارقىغا قايتىپ بولمايدىغان بىر تەرزدە بىلدۈردى.ئۇلار فرانسۇزلارغا ئوخشاش يېزىشنى خالىدى، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ قىلچە گۇمان قىلمايتتى. ئەمما ئەقللىرىنىڭ بىر چېتىدە ئەگەر غەربچە يازسا، ئۇلاردەك ئوزىگە خاس بولالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى.ئەنە شۇ ھالەتتە، فرانسۇز مەدەنىيىتى ئۇلارغا مودېرىن ئەدەبىيات بىلەن بىرگە ھەققانىيلىق، ئۆزىگە خاسلىق، ساپلىق پىكرىنىمۇ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تەرزدە بىلدۈردى. شۇڭا دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان يىللىرىدا، غەربلىك بولۇش بىلەن«ھەققانىي»بولىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىسىدا ھېس قىلغان قارىمۇ-قارشى خۇسۇسىيەت ئۇلارنى ئەزدى.
      ئۆزىگە خاسلىق ۋە ھەققانىيلىق پىكرى بىلەن مۇرەسسە قىلىش غايىلىرى باشقا بىر ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ گاتئې ياكى ماللارمېغا ئوخشاش يازغۇچىلاردىن ئۆگەنگەنلىرى«سەنئەت سەنئەت ئۈچۈن»ياكى«ساپ شېئىر»دەك چۈشەنچىلەر ئىدى.ئۆز مۇھىتلىرىدىن چەتتىكى بەزى يازغۇچى ۋە شائىرلار،دەل ئاشۇ كۆزلىرى قامىشىپ ئوقۇغان فىرانسۇز يازغۇچىلىرىدىن تەسىرلەنگەن، ئەمما ئۆگەنگەن نەرسىلىرى، ئۇلاردىكى ھەققانىي بولۇش ئارزۇسىدىن كۆرە كۆپرەك«پايدىلىق بولۇش»ۋە ئۈگۈتىش زوقى تەبىئىتىگە جاۋاب بولغىنى ئۈچۈن ئىزىلمىگەندۇر.بىر ئۇچى ئىلىم-مەرىپەت ئەدەبىيا تىغا،يەنە بىر ئۇچى بولسا،كۈندىلىك سىياسەتنىڭ تەلىپىگە قاراپ يۆنە لگەن يولدىكى يازغۇچىلار ھىيۇگۇ ياكى زاليەدەك نەمۇنىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز كەلگەندە، يەھيا كامال، تاڭپىنەر، ئابدۇلھەق شىناسى ھىسارقاتارلىقلار، ۋېرلىن، ماللارمې ۋە پرۇست بىلەن  قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىناتتى.
    ئۇلارنى ئىزىۋاتقان يەنە بىر نەرسە،باشتا ئۇسمانلى سەلتەنىتى يىقىلىشىنىڭ، غەرب مۇستەملىكىسى بولۇپ قېلىش تەھلىكىسى بولغان بولسا،كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تۈرك مىللە تچىلىكى ئىدى.
    فىرانسىيەدە ئۆزلەشتۈرگەن ئېستېتىك دۇنياقاراش، پەقەتلا مۇدېرىن پۇزىتسىيە سۈپىتىدە تۈركىيەدە،ھەرگىز ماللارمې ياكى پرۇستلارغا ئوخشاش كۈچلۈك ۋە ھەققانىي بىر سادا چىقىرالمايدىغانلىقىنىمۇ ئۇلارغا ئېنىق ھېس قىلدۇرغانىدى.
    ئۇلارنىڭ ئىزدىگەنلىرى ئىچىدە ئىنتايىن ھەققانىي ۋە شېئىرىي بولغان بىر نەرسىدە،ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك تەرەققىياتنىڭ پارچىسى سۈپىتىدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولىشىنى ئۇسمانلى سەلتەنەتنىڭ گۇمران بولىشىدا دەپ بىلدى.بۇ ھالەت ئۇسمانلى سۇلالىسى تەرەققىياتىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان  تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن بۇ يازغۇچىلارغا؛يۈزەكى بىر سېغىنىشنىڭ، تارىخ بىلەن ماختىنىشنىڭ ياكى ناھايىتى كوپ زاماندا شلىرىنىڭ قۇربان بولغانلىقى،شۇ سەۋەپلىك مىللەتچىلىك ۋە جامائە تچىلىكنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماستىن، ئۆتمۈش ھەققىدە سۆزلىيەلىشى ئۇلارغا شېئىرىي بىر دۇنياقاراشنىڭ ئازابىنى بېرەتتى.بۈيۈك بىر يوقىتىش ئىزلىر ىنىڭ ئۆچۈپ كېتىۋاتقان خارابىسىدا ياشاۋاتقان ئىستامبۇل-ئۇلارنىڭ ئانا شەھىرى ئىدى.بۇ ئۇلارغا ئۇزلىرىنى يىقىلىشنىڭ ياكى يىقىتىشنىڭ مەشھۇر شېئىرلىرىغا بېغىشلىيالىسا،ئاندىن پەقەت ئۆزلىرىگە خاس بىر ئاۋاز تېپىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندى.


    ئورخان پامۇكنىڭ 2004-يىلى تۈركىيە ئاقچاغ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خاتىرىلەر»ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 01:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-5 01:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-12-5 08:50:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

ۋاقتى: 2014-12-5 11:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلىمنى يەتكۈزگۈچى شۇ ئىلمنىڭ مۇئەللىپى بىلەن باراۋەردۇر.
                                                             ... ؟

ۋاقتى: 2014-12-5 11:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ چىقتىم .ئورخان پامۇكنىڭ خاتىرىلىرىمۇ رومانلىرىدەكلا ئۆزگىچە ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-12-5 13:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەرگىس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:37
ئوقۇپ چىقتىم .ئورخان پامۇكنىڭ خاتىرىلىرىمۇ رومانلىرىد ...

                 شۇ...

ۋاقتى: 2014-12-6 14:12:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەجىر قىپسىز ،تۈركىيەدىكى داڭلىق يازغۇچى،نوبىل ئەدەبىياتىنىڭ ساھىبىي بولغان  ئورخان پامۇكنىڭ يىڭى ئەسەرلىرىنى بىلگنىمدىن مەمنۇن بولدۇم ،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !بەگيار ئەپەندى !

ۋاقتى: 2014-12-28 10:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !بەگيار ئەپەندى !

ۋاقتى: 2014-12-28 15:02:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم،ئورخان پامۇكنىڭ ئىستانبول،قارا كىتاب،ئاق قەلئە،قار رومانلىرى قاچان تەرجىمە قىلىنار....

ۋاقتى: 2015-2-15 16:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش