يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانىچىنىڭ دىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كارخانىچىنىڭ دىتى


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


   كارخانىچى كارخانىنىڭ تەرەققيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان يولباشچى، شۇڭا كارخانىچىنىڭ ئەتراپتىكى ئىشلارنى كۈزىتىش، مۇھىتنىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئارزۇسىنى بايقاش دىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. دېمەك، كارخانىچىنىڭ دىتى كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. بۇنداق دىتقا ئىنچىكە كۈزىتىش، ئەتراپلىق سېلىشتۇرۇش، ئىلمىي يەكۈنلەش ئاساس بولىدۇ. شۇڭا بۇنى "بايقاش ئىقتىدارى" دەپمۇ ئاتايمىز.
بايقاش ئالدى بىلەن كۆپنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشتىن كېلىدۇ. "كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلار، كۆرمىگەن نېمىسىنى قىلار" دەيدىغان بر گەپ بار. ئەينى چاغدا ئەلىبابا گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن ئامرېكىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلمىغان بولسا، ئىنتېرنېت تورىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۆجىزىلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان؛ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەرقانداق قارشىلىقلارغا باش ئەگمەي ئۆز خىيالى دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشمىغان بولار ئىدى. بەلكىم دۇنيادىكى باشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق سەزگۈرەشتىسى بولۇشى مۇمكىن.
بايقاش يەنە ئەتراپلىق كۈزىتىشتىن كېلىدۇ. شۇنداق بىر رىۋايەت بولغان: ئۆتمۈشتە زىمىنلىرى تۇتاش ئىككى پادىشاھلىق بولغانىكەن، بىر كۈنى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھقا ئۈچ ئالتون قونچاق ئەۋەرتىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنىڭ ئەڭ ئېسىللىقىنى ئايرىپ بېرىشى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ بارلىق ئۆلىما، ئۇستىكارلىرىنى يىغىپ، بۇ ئەتىۋارلىق قونچاقنى ئايرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھېچ بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەپتۇ. شۇ چاغداخېلى بۇرۇنلا ئوردىدىن سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن بىر مويسىپىت ئۆلىما كىشىنىڭ بۇ قونچاقلاردىكى سىرنى يېشىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بوپتۇ. پادىشاھ ئۇ كىشىنى نەق مەيدانغا چاقىرىپتۇ. ئۆلىما بىر ھازا قونچاقلارغا سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، بىر تال پاخالنى قونچاقلارنىڭ قۇلىقىغا تىقىپ كۆرۈپتۇ ۋە مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-ماۋۇ قونچاق ئەڭ ئادەتتىكىسىكەن،– دەپتۇ،- چۈنكى بۇنىڭ بىر قۇلىقىغا تىقىلغان پاخال يەنە بى رقۇلىقىدىن چىقىپ كەتتى؛ ماۋۇ بىرسى ئۇنىڭدىن سەل ياخشىراقكەن، چۈنكى بۇ قورچاقنىڭ قۇلىقىغا تىقىلغان پاخال ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ كەتتى؛ ماۋۇ بىرسى ئەڭ ياخشىسىكەن، چۈنكى بۇنىڭ قۇلىقىغا تىقىلغان پاخال ئۇنىڭ مىڭىسىگە كىرىپ كېتىپ چىقمىدى.
ھەممەيلەن بۇ جاۋابقا قايىل بولۇشۇپتۇ.
ئادەمدە كۆرۈپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارى بولمىسا كېرەك. ھەرقانداق ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن باشتىن-ئاياق تولۇق بىلىپ چىقىشقا سەۋر-تاقەت بولۇشى، بىلمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك يازما ماتېرىياللاردىن ئىزدىنىپ قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلىشى كېرەك. مەلۇم ئىشقا ئىنتىلگەن كىشى بىلمەيدىغان ئىشلىرىغا زىھنىنى سەرىپ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىدە تەستە ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىر كىتاب يەنى بىر مەۋسۈملۈك بىلىمنى ھەقىقىي بىر ئىشقا ئىشتىياق باغلىغان كارخانىچى بىر ھەپتە ھەتتا بىر كېچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى ھەقىقىي بىلگەن كىشىگە دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئۈنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس. مۇرەككەپلىك ئىچىدىن ئوخشاشلىق ۋە خاسلىقنى بىلىپ يېتىپ، ئوخشاشلىرىنى تۈرگە ئايرىپ، پەرقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن كىشىگە دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.
بايقاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىلمىيلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ. قىسمەنلىكنى ئومۇملۇقنىڭ ئورنىغا قويۇۋالماسلىق، ئۆز خاھىشى ۋە خاراكتېرى بويىچە ئوڭ ياكى سولغا ئېغىپ كەتمەسلىك كېرەك. مىجەز-خۇلۇق، خاراكتېر ئادەتتە تۇغما بولىدۇ. ئىشلارغا بولغان چەبدەسلىك، سەزگۈرلۈك ۋە تۇغما دىتنىڭ مەنبەسىنى بەزىدە شۇ كىشىنىڭ تۇغما قابىلىيىتى ياكى ئېرسىيىتىگە باغلىمايمۇ ئامال يوق. لېكىن قارغۇلاچە قىلىنغان، ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ كەتكەن قاراملىقتىن ياخشى نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ. يەنە شۇنداقلا چەكتىن ئاشقان ئىلمىيلىكمۇ كىتاب خالتىسى زىيالىلارنىڭ سەۋەنلىكى بولۇپ، بەزىدە ئۇلارنىڭ زىيادە خۇدۇكسىرىشى، دىلىغۇللۇق قىلىپ بىر قارارغا كېلەلمەسلىكى، ھەل قىلغۇچ ئىشلاردا سۆرەلمىلىك قىلىشى تۈپەيلى مۇھىم پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ. شۇڭا ئىلمىيلىك بىلەن قاراملىقنىڭ مۇۋازىنىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە قادىر بولۇشلا ھەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھەم بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولغىلى بولىدىغان ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر.
ئۈرۈمچى كەچلىكگېزىتى 2014-يىلى 9-ئاپرىل كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شىخ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 12:58  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش