ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
P& {1 f! H- N {# C: ?4 h2 _
3 @' F$ Y# E$ g* }# L
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 29- قېتىملىق ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن ماھىر خەتتاتلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىندا دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك خەتتات نىياز كېرىم ئەپەندىنىڭ 1- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بۇيانىقى خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. خەتتاتلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلاپ كەلگەن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ماقاللىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. نىياز كېرىم شەرقىي، قۇربانجان رۇزى شەيدائى،سۇلايمان ئىسمائىل، ھەسەنجان قوشماق قاتارلىق ماھىر خەتتاتلارنىڭ ھۆسىن خەت ئەسەرلىرى نەقمەيداندا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت مەبلىغى سۈپىتىدە خەتتاتلار جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بىرىلدى. يىغىندا دۇنيا تىل – يېزىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نىياز كېرىم شەرقىي، قۇربانجان رۇزى شەيدائى،تۇرسۇن قۇربان، جارقىن ( قازاق) قاتارلىق خەتتاتلار ۋە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالىسى مۇنەۋۋەر ماقالە شەرىپىگە ئېرىشكەن خەتتاتلار مۇكاپاتلاندى. خەتتاتلىقنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش يۈزىسىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ماھىر جەتتاتلارنىڭ نەقمەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلىكترون پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ قېتىمقى يىغىننى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ يىغىنىنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيتىنىڭ مىراسى خەتتاتلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئەجداتلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ ، خەتتاتلىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەنىۋىي بايلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولدى. شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھاكىمە يىغنى بولدى. مەدەنىيەت مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشنىڭ مەشئىلى بۇلۇپ قالغۇسى!
تۇرسۇن ئەكرەم خەۋىرى ، فوتوسى(تېلفون:13899157284)
" E/ T9 [" ?3 T+ Q% I