كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 13

ئۆمەرجان رۇزىھېيت (ت): ليۇ ۋېيجۈن _ ئىپارخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىپارخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى
ليۇ ۋېيجۈن

ئۆمەرجان رۇزىھېيت تەرجىمىسى

ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى مەمۇرە ئەزىم. ئۇ 1734-يىلى توغۇلۇپ، 1788-يىلى 54 ياشتا ۋاپات بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شاھى چىيەن لۇڭنىڭ كىچىك خانىشى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئىپار پۇراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىپارخان (خەنزۇچە شىياڭ فېي) دەپ ئاتالغان. ئىپارخان توغرىلىق مۇنداق ئىككى ھېكايە بار:
بىرىنچى ھېكايە بولسا: ئىپارخان ئوردىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇ خۇجا جاھاننىڭ ئايالى ئىدى. خۇجا جاھان ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ كىچىك خۇجىسى ئىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى چوڭ خۇجا بورھانىدىن قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. چىيەن لۇڭ خان جاۋخۇي قۇماندانلىقىدىكى چوڭ قوشۇننى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خۇجا جاھان ئايالىنى ئېلىپ تاغ ئىچىگە قاچىدۇ. قىرغىز چارۋىچىلار ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ چىڭ لەشكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. چىڭ لەشكەرلىرى خۇجا جاھاننىڭ ئايالىنى گىنراللارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدۇ. ئىككى گىنرال بۇ ئايالنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىشنى ئويلايدۇ. لېكىن ئۇلار بىر ئايالنى تالىشىپ قالغاچقا، قۇماندان جاۋخۇينى ئىزدەپ بارىدۇ. جاۋخۇي بىر ئايال ئۈچۈن گىنراللارنىڭ جاڭجاللىشىپ قېلىشىغا كۆزى يىتىپ، ئۇ ئىككەيلەنگە: <<بولدى تالاشماڭلار، بۇ ئايال بەدىنىدىن ئىپار پۇرايدىغان كەم تېپىلىدىغان ئەتىۋارلىق ئايال ئىكەن. مېنىڭچە ئۇنى خانغا سوۋغا قىلساق بولغۇدەك>> دەيدۇ. بۇ ئىككى گىنرال گەپنىڭ تېگىنى چۈشۈنۈپ، جاۋخۇينىڭ پىكىرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا مەلۇماتنامە يوللىنىدۇ. چىيەن لۇڭ خان مەلۇماتنامىنى كۆرۈپ، ئۇ ئايالنى ئوردىغا ئەۋەتىپ بىرىشكە خۇشاللىق بىلەن يارلىق چۈشۈرۈدۇ. جاۋخۇي مەخسۇس ئادەم بىلەن ئۇ ئايالنى يولغا سالىدۇ. يول بۇيى ئايماق، ناھىيىلەر ئۇنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدۇ. مەمۇرە ئەزىم ئوردىغا كىرگەندە، چىيەن لۇڭ خان ئۇنى كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بولۇپ قالىدۇ. ئۇ شىياڭ فېي(ئىپارخان)غا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۈن بۇيى بەزمە- مەشرەپ بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈدۇ. ئەيىش- ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كىچىك خانىشلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، باشقا خانىشلار ھەسەتخورلۇق قىلىپ، چىيەن لۇڭنىڭ ئانىسى ۋەلىدەخانغا چاقىدۇ. ئۇلار: << شىياڭ فېينىڭ بەدىنىدىكى پۇراق بولسا بىر خىل سېھىردىن ئىبارەت. ئۇ سېھىر ئىشلىتىپ خاننى ئالداۋاتىدۇ. ئەگەر نەسىھەت قىلىپ توسمىغاندا، خان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرايدۇ>> دەيدۇ. ۋەلىدەخان بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق چۈچۈيدۇ. ئۇ چىيەن لۇڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ << شىياڭ فېي >>(ئىپارخان) دىن يىراقلىشىشنى ئېيتىدۇ. چىيەن لۇڭ كۆلۈپ تۇرۇپ: << شىياڭ فېينىڭ بەدىنىدىكى پۇراق نەدىمۇ سېھىر بولسۇن، ئۇ دائىم بىر خىل گۈلنى يەپ تۇرغاچقا، شۇنداق پۇرايدىكەن >> دەيدۇ. ۋەلىدەخان چىيەن لۇڭدىن ئۇنىڭ قانداق گۈل ئىكەنلىكىنى سۇرايدۇ. چىيەن لۇڭ: << ئۇنىڭ دىيىشىگە قارىغاندا، ئۇ گۈل بىر خىل مىس دەرەختە بولىدىغان، كۈمۈش رەڭلىك يۇپۇرماقنىڭ ئالتۇن رەڭدىكى گۈلى ئىكەن>> دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ( بۇ ئەمەلىيەتتە جىگدە دەرىخى بولۇپ، ئاشۇرۇپ تەسۋىرلەنگەن.)  ۋەلىدەخان: << ئۇنداق بولسا ئۇ خىل گۈلنى ئەكەلگىن مەن بىر كۆرەي >> دەيدۇ. چىيەن لۇڭ: << بۇخىل گۈل < شىياڭ فېي > نىڭ يۇرتىدا ئۆسىدىكەن>> دەيدۇ. ۋەلىدەخان ئالدانغاندەك ھىس قىلىپ، يەنىلا كۆڭلى ئەمىن تاپمايدۇ. ئۇ بىر قېتىم چىيەنلۇڭنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شىياڭ فېي (ئىپارخان) غا ئادەم ئەۋەتىپ يېنىغا چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ئەتراپىدا ئىككى قاتار شەمشەرۋاز قاراۋۇللارنى تۇرغۇزۇپ پوپوزا قىلغان ھالدا سۇرايدۇ:
- شىياڭ فېي ، گۇناھىڭنى بىلەمسەن؟
شىياڭ فېي(ئىپارخان):
-ۋەلىدەخانغا مەلۇم بولغاي، پېقىر نىمە گۇناھ قىلدىمكىن؟
ۋەلىدەخان غەزەپ بىلەن يەنە:
-سەن سېھىرىڭنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ، ئوردىنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتىڭ، گۇناھىڭ كەچۈرگۈسىزدۇر!-دەيدۇ.
شىياڭ فېي(ئىپارخان) ئۆزىنى ئاقلاپ:
-مەن شۇنداق ئادەم بولسام، سېھىر قەيەردىن كەلگەندۇ؟-دەيدۇ.
ۋەلىدەخان رومكىنى كۆتۈرۈپ:
-سەن بۇنى ئىچىۋەتكىن، شۇ چاغدا ھەقىقىي ئەھۋالىڭ ئايان بولىدۇ،- دەيدۇ.
شىياڭ فېي(ئىپارخان) رومكىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ. چىيەنلۇڭ كەلگەندە ئۇ ئاللىقاچان نەپەستىن قالىدۇ.
يەنە بىر ھېكايە بولسا، ئىپارخان نامرات ئائىلىدە توغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەقىللىق، لاتاپەتلىك ، ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەن. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ گېنرالى ئۇنى ئوردىغا كىچىك خانىشلىققا ئاپىرىپ بىرىپتۇ. شىياڭ فېي (ئىپارخان) كېچىكىدىن باشلاپ ئېتىزدا ئىشلىگەچكە يۇرتىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھەرەمخانىغا كىرگەندىن كېيىن، قەپەسكە سولۇنۇپ قالغان قۇشتەك <<ئەيشى-ئىشرەت، كەيىپ –ساپالىق >> تۇرمۇشقا، چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا كۈنەلمەپتۇ. شىياڭ فېي(ئىپارخان) يۇرتىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنغان چاغدا، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىپتۇ. بۇ ئىش –ھەرىكەتلەر چىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە، قائىدە-يۇسۇننى بۇزغانلىق، نازاكىتىنى يۇقاتقانلىق ھېسابلىنىپتۇ. ۋەزىرلەر چىيەن لۇڭغا شىياڭ فېي(ئىپارخان)نى ھەرەمخانىدىن قوغلاپ چىقىرىش تەكلىپىنى بىرىدۇ. لېكىن خان بۇنداق قىلىشتىن باش تارتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، شىياڭ فېي(ئىپارخان) ھەرەمخانىدا نامى بار خانىشقا ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە چىيەنلۇڭ خان بىلەن شىياڭ فېي(ئىپارخان) ئەزەلدىن بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىغان. چۈنكى، چىيەنلۇڭ خان ھەر قېتىم شىياڭ فېي(ئىپارخان)نىڭ قېشىغا كىرگەندە، شىياڭ فېي (ئىپارخان)ساراڭ بولۇۋېلىپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ، چىرايلىق كىيىملىرىنى يىرتىپ پارچە- پارچە قىلىۋېتىدۇ. خاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىغان ھەرەمخانا خادىملىرى ئۇنىڭ يېنىدا قۇنۇشقا قۇشۇلمايدۇ. ئەمما چىيەن لۇڭ دائىم شىياڭ فېي (ئىپارخان)نى كۆرگىلى بارىدۇ. ۋەلىدەخان بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. بىر كۈنى چىيەن لۇڭنىڭ ئوردىغا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سۇمرۇغ شاھانە ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، ھەرەمخانا قەسىرىگە كېلىدۇ. شىياڭ فېي(ئىپارخان) ئۇنى قارشى ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتقان بولسىمۇ، يەنىلا كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ۋەلىدەخان شىياڭ فېي (ئىپارخان) نىڭ لاتاپىتىنى كۆرۈپ، چىيەن لۇنىڭ چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ مۇماينىڭ كۆڭلى بىر ئاز ئېرىگەندەك قىلسىمۇ، يەنىلا بىر مەرتىۋە دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىك ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ: <<پەقەت سىزلا خاننى گەپكە كىرگۈزەلەيسىز، سىز نېمە دېسىڭىز، خان سىزگە شۇنى قىلىپ بېرىدۇ>> دەيدۇ. شىياڭ فېي(ئىپارخان) كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ: << ماڭا ھېچنەرسە لازىم ئەمەس، پەقەت يۇرتۇمغا قايتساملا بولدى>> دەيدۇ. ۋەلىدەخان ئۇنى سىناپ باقماقچى بولۇپ: <<ئەگەر مەن سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا قايتىشىڭىزغا قوشۇلسام، سىز راستىنلا كېتەمسىز؟>> دەپ سورايدۇ. شىياڭ فېي(ئىپارخان) شۇئان يىقىلىپ تازىم قىلغىنىچە: <<ئەگەر چاقچاق بولمىسىلا، پېقىر ئۆلسەممۇ ۋەلىدەخاننىڭ شاپائىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتىم>> دەيدۇ. ۋەلىدەخان بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ياۋۇز پىلانىنى ئىشقا سېلىشتىن باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ بىر يېقىملىق چاۋاك چېلىپ << ئىنئام كەلتۈرۈڭلار>> دەيدۇ. ۋەلىدەخان بىلەن شىياڭ فېي (ئىپارخان) نىڭ ئالدىغا بىر ئۈستەللىك مول زىياپەت كەلتۈرۈلۈپتۇ. ۋەلىدەخان ماماتلىق شارابىنى شىياڭ فېي(ئىپارخان)غا قۇيۇپ بىرىپ، ئۆزى رومكىنى ئېلىپ، شىياڭ فېي (ئىپارخان)نى قەدەھ كۆتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: <<بالام، مەن سېنىڭ كېتىشىڭگە ئىجازەت بەردىم، سېنى شاراپ بىلەن ئۇزۇتۇپ قۇياي، سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن>>. شىياڭ فېي(ئىپارخان) شاراپنى ئىچىپلا جان ئۈزۈدۇ.
يۇقارقى ئىككى ھېكايە بولسا خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتتۇر. نۇرغۇن خاتىرىلەردە، غەيرىي رەسمىي تارىخ ۋە نەزملەردە ھەدەپ كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرغانلىقتىن چەتئەلنىڭ لۇغىتىگە مەخسۇس <<شىياڭ فېي>> توغرىسىدىكى ئۇقۇم كىرگۈزۈلۈپ قالغان. ئۇنداق بولسا شىياڭ فېي (ئىپارخان)نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى قانداق؟ شىياڭ فېي- رۇڭ فېينىڭ ئۆزىدۇر. <<چىڭ خان ئوردىسىدىكى تۆت رىسالە- كىچىك خانىشلار رىسالىسى >> دە: << رۇڭ فېي ، خۇجاسى... يېڭىدىن قەسىرگە كىردى، خان ئوردىسىغا ئىلتىپات قىلىندى. ئۇنىڭ قەسىردىكى نامى <خې گۈيرىن> دەپ ئاتالدى>>. << ئىچكى ھويلا ئىنئام ئۆرنەكلىرى >> نىڭ 3-جىلىدىدا: <<9-ئاينىڭ 15-كۈنى (چىيەن لۇڭنىڭ 26-يىلى) خې گۈيرىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە 150 سەر كۈمۈش ئىنئام قىلىندى>>.  << ئىچكى ھويلا ئىنئام ئۆرنەكلىرى >> نىڭ 5-جىلىدىدا يەنە: << بىرىنچى ئاينىڭ 14-كۈنى رۇڭ فېينىڭ 50 ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنىگە تارتۇق قىلىندى، يەنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى>> دىيىلگەن. ۋاقتى چىيەن لۇڭنىڭ 49-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىدا، رۇڭ فېي دەل خۇجاسىدۇر. ئۇنى يەنە تەيجى خۇجام قىزى دەپمۇ ئاتايدۇ. خۇجا دېگەن بۇ سۆز ئەسلىدە ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئىسلام دىنى يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ، دىننى ئىختىرا قىلغۇچىنىڭ ئەۋلادى ۋە ئىسلام دىنى ئۆلىماسى قاتارلىق ئىككى خىل مەنىسى بار.
ئىپارخان ئىسلام دىنىنىڭ داڭلىق مەرتىۋىلىك ئائىلىسىدە، قەدىمىي يۇرت ياركەنىت ( ھازىرقى يەكەن) تە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىسى ئىسلام دىنى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ رەھبىرى.
<<فەنبۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى>>دا ئىپارخاننىڭ ئۇرۇق نەسەبىنى مۇنداق يازغان: <<ياركەنىت ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىشانىسىگە (ئىپارخاننىڭ بەش تاغىسى) ئەركە خۇجا دېگەن نام پۈتۈلگەن. زۇرىپە خان ئىپار مۇسۇلمانلار يۇرتىدىن...يولباشچى جەمەتىدىن.>> بۇ جەمەتنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا خۇجا دېگەن نام ئىشلىتىلىدۇ. <<خۇجام>> نىڭ مەنىسىنى كونكىرتلاشتۇرغاندا، ئىنتايىن يېقىن كىشىلىرىنى ھۆرمەتلەپ ئاتايدىغان << مېنىڭ خۇجام>> دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. بۇ ئەھۋاللار ئېنىق چۈشىنىلمىگەنلىكتىن، ئىپارخاننىڭ فامىلىسىغا خاتا ھالدا <<خۇجا>> قوللىنىلغان.
چىڭ دەۋرىدە، ئوردىغا بىر ئۇيغۇر خانىش كىرگەن، ئۇ بولسىمۇ شىياڭ فېي(ئىپارخان)دۇر. چۈنكى شىياڭ فېي (ئىپارخان) شەك- شۆبھىسىز رۇڭ فېيدۇر. ئىپارخان ۋە <<كىچىك خوجا>>، خوجا جاھان بىر بوۋىلاردىن. ئۇلارنىڭ چوڭ بوۋىسى قېرىنداش ئاكا- ئۇكىلاردۇر. كونا جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارنڭ ئۆرپ- ئادىتىدە، بىر ئەۋلاد كىشلەرنىڭ 4-5-ئەۋلادىدىن كېيىن ئىنى، ئاچا- سىڭىللار ئارىسىدا توي قىلىشقا بولاتتى. بۇ خىل قالاق ئادەتكە ئاساسەن، ئىپارخاننىڭ كىچىك خۇجام يەنى خوجا جاھانغا تۇنجى ياتلىق بولىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى.
ئىپارخان ئوردىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئاللىقاچان 25ياشقا كىرگەن ھەمدە توي قىلىپ بولغانىدى.ئۇنداقتا، چىڭ سۇلالىسى تاارىخىي ماتىرىياللىرىدىكى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئىرى زادى قانداق ئادەم؟ ئىپارخاننىڭ ئائىلە نەسەبنامىسىگە قارايدىغان بولساق، ئاپاق خۇجىدىن ئىپارخانغا كەلگىچە ئەۋلادلار بوش قالغان. ئىپارخانغا بۇ چوڭ نەسەبتىكى ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر ياردەم قىلغان دىيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئىجىل ئىدى. ئىككى ئەۋلاد كىشىلىرى ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. خۇجا جاھان ئاكا- ئۇكا قېرىنداشلار دۆلەتنى پارچىلاشنىڭ ئۇنسۇرلىرى، ئىپارخاننىڭ تاغىسى ۋە ئاكىسى بولسا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلەرنى بېسىقتۇرۇشتىكى مىللىي قەھرىمانلاردۇر.
چوڭ-كىچىك خۇجىلار(خۇجا جاھان ۋە بورھانىدىن)لارنىڭ ئىسيانى چىيەن لۇڭنىڭ 14-يىلى(مىلادى 1759-يىلى ) بېسىقتۇرۇلدى. شۇ يىلى دېھقانلار كالىندارى بۇيىچە 9-ئايدا، ئىپارخاننىڭ 5- تاغىسى ھۆسىيىن ئوردىغا ئىتائەتمەنلىكنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن فۇگۇگۇڭ (دۆلەتكە نائىپ ھەزرەت) لۇققا ئۆستۈرۈلدى. ئارقىدىنلا ئىپارخاننىڭ ئاكىسى تۇردى 12-ئايدا، ئوردىغا كىرىپ<<تەيجى>>لىك ئۈنۋانىغا ئېرىشتى. چىيەن لۇڭنىڭ 27-يىلى، تۇردى قەشقەردىكى ئىسيانچىلارنى بېسىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن فۇگۇگۇڭ (دۆلەتكە نائىپ ھەزرەت) لۇققا ئۆستۈرۈلدى. ئۇندىن كېيىن ھۆسىيىن ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى كاسارەنشى فۇگۇگۇڭ (دۆلەتكە نائىپ ھەزرەت) لۇققا تەيىنلەندى. چىيەن لۇڭنىڭ 56-يىلى، ئۇ يەنە چىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتاپ بىرىلىپ ئىشلىگەنلىكى خان ئۇنىڭغا جىن گۇگۇڭ (دۆلەتنى قوغدىغۇچى ھەزرەت) دېگەن پەرمان چۈشۈرىدۇ.
تۇردى بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا چىيەن لۇڭ يارلىق چۈشۈرۈپ: <<جاۋخۇي ئاستانىگە تۇردى خۇجىدىن باشقا، ئاۋۋالقىدەك باشلامچى ئاھالىلەرنىمۇ ئەۋەتسۇن، مامۇت ( ئىپارخاننىڭ شىرەم تۇغقىنى)، قىز-ئوغۇل خۇجىلار، جاۋخۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىللە كەلسۇن>> دەيدۇ. ئىپارخاننىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىنى ئاستانىگە ئەكىلىش چوڭ تۆھپە ھېسابلىناتتى. چىگرانى تىنىچلاندۇرغۇچى سانغۇن، <<كۈن پېتىشتا زەپەر قۇچقان ئۇستاز>> جاۋخۇي چىيەن لۇڭنىڭ 25-يىلى 2-ئايدا، ئىپارخان ئائىلىسىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئاستانىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىپارخان تىزلا ئوردىغا كىرىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاكىسى تۇردى 5-تاغىسى ھۈسىيىن بىلەن بىللە تۇغان ئىدى. ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، خان 3-ئايدا تۇردىغا ئالاھىدە كۆزدە قاراپ، بىر يۈرۈش كەڭ، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېلىپ بىرىدۇ ۋە 500 سەر كۈمۈش بىرىپ، مائاشىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پادىشاھنىڭ خانىشلىرى-خانىش، كىچىك خانىش، ئالىي مەرتىۋىلىك ئايال قاتارلىق مەرتىۋە- دەرىجىلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى باسقۇچ مەرتىۋىسى ئۆرلىگەن. دەسلەپ ئۇنىڭغا <<ئالىي مەرتىۋىلىك ئايال>> دېگەن ئاتاق بىرىلگەن. ئاندىن ئوردا ئىچىدە <<خۇجايىنلىق ئورنى>> غا ئىگە بولۇپ، <<خۇجايىن>> دەپ ئاتالغان. بۇ – ئۇنىڭ ئوردا ئىچىدە ھۆكۈمىرانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ئۇنداق بولسا، شىياڭ فېي (ئىپارخان)نى زادى ۋەلىدەخان ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، شىياڭ فېي (ئىپارخان) ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈلگەن، بۇنى ۋەلىدەخان قىلغان. چىيەن لۇڭنىڭ 26-يىلى 12-ئاي، جىياۋۇ يىلىدا <<ۋەلىدەخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇجاسى ئالىيلىرى كىچىك خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدى>> دىيىلگەن. چىيەن لۇڭنىڭ 33-يىلى 12-ئاي، شىن يۈ يىلىدا، <<ۋەلىدەخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن رۇڭ فېي خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدى>> دىيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەلىدەخان (چىيەن لۇڭنىڭ 53-يىلى ئۆلگەن) ئىپارخان (چىيەن لۇڭنىڭ 42-يىلى ئۆلگەن) تىن 11يىل بۇرۇن ئۆلگەن. ۋەلىدەخان قانداقسىگە ئىپارخاننى ئۆلتۈرەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، چىيەن لۇڭ چوڭ خانىش تۇرغۇزمىغان تۇرسا. چىيەن لۇڭنىڭ 42-يىلىغا كەلگەندە، رۇڭ فېي (ئىپارخان) ئوردا ئىچىدە خانىش، كىچىك خانىشلار قاتارىدا ئاللىقاچان 3-ئورۇننى ئىگەللەپ بولغان. ئۇنى كۈتىدىغان ھەرەم خادىمى ۋە كېنىزەكلەر 24تىن ئاشىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئەركە بولغانلىقى ئۈچۈن چىيەن لۇڭ خان ئۇنىڭ كىيىم- كىچەك، يىمەك- ئىچمەك، يۈرۈش- تۇرۇش، تۇرالغۇ جايلىرىغا قەدەر مىللىي ئۆرپ- ئادەتكە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلغان.
ئۇنداقتا، ئىپارخاننىڭ بۇنداق ئىلتىپاتقا ئېرىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىنىڭ ياخشى مۇئامىلىگە نائىل بولىشى- ئىپارخاننىڭ چىرايىنىڭ گۈزەللىكىدىنمۇ؟ ئەلبەتتە، بۇ ئامىلنى چەتكە قاقمايمىز. ئەمما، تېخىمۇ مۇھىمى- ئۇنڭ سىياسىي رول ئوينىغانلىقىدا. چۈنكى، چىڭ ئوردىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ۋاستە قىلىپ، ھەر مىللەت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىش، شۇ ئارقىلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان ھۆكۈمىرانلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يىتىشتىن ئىبارەت.
تارىخىي پاكىت شىياڭ فېي (ئىپارخان)نىڭ رۇڭ فېي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. رۇڭ فېي(ئىپارخان) چېڭ دېنىڭ شەرقىدىكى دۆڭلۈككە دەپنە قىلىنغان. قەشقەر شەھىرىدىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسىگە بولسا، پەقەت ئۇنىڭ كىيىم- كىچەكلىرى دەپنە قىلىنغان.
ئىپارخاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەبرىگاھ قۇرۇلۇشىنىڭ كۈلىمى چوڭ، كۈرۈنىشى تەنتەنىلىك. ئۇنىڭغا قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قەبرىگە سېرىق رەڭلىك گلازلانغان كاھىش ئىشلىتىلگەن. گۈزەل ۋە كۆركەم، كۈن نۇرىدا نۇرلىنىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش. چاقناپ تۇرىدىغان مىللىي ئۇسلۇبتىكى دەرۋازا ۋە ئىشىكلەرنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە كەترەن گلازلانغان كاھىش ئىشلىتىلگەن. تاملىرىغا نەقىش ئويۇلغان، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئەمما، سىز ئىچىگە كىرسىڭىز، سەيناغا قۇيۇلغان ئون نەچچە يۇغان قەبرىلەرنى كۆرىسىز. قەبرىلەر ئەرلەرنى ئەزىز، ئاياللارنى پەس كۆرىدىغان، ئورۇق- ئەۋلاد، چوڭ- كىچىك تەرتىپى بۇيىچە تىزىلغان. ئاپاق خۇجىنىڭ قەبرىسى ئەڭ يوقىرى ئورۇنغا، ئىگەللىگەن ئورنى چوڭ قىلىپ؛ ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قەبرىسى ئۇنىڭدىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان... ئىپارخاننىڭ قەبرىسىنىچۇ؟  ئۇنىڭ قەبرىسى ئەڭ كىچىك بولۇپ، يەر يۈزىدىن پەشتىقى كىچىككىنە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
بۇ قەبرىگاھنىڭ ئىككى ئىسمى بار. يەنى ئىپارخان قەبرىگاھى ۋە ئاپاق خوجا قەبرىگاھى. بۇ قەبرىگاھنىڭ ئەڭ بۇرۇن ياسالغان ۋاقتى 1640-يىلى بولۇپ، ئاپاق خۇجا ئاتىسى ھاجى مۇھەممەت يۈسۈپ خۇجاغا ئاتاپ ياسىغان. يۈسۈپ خۇجا يەركەندە ئۆلگەن بولۇپ، بۇ يەرگە يۆتكەپ دەپنە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا، قەبرىنىڭ كۈلىمى كىچىك بولۇپ، ئاپاق خۇجا ئۆلگەندىن كېيىن كىڭەيتىلگەن. سۇ تاشىياڭ ( خەنزۇ، تۇردىنىڭ ئايالى، ئىپارخاننىڭ يەڭگىسى) ئىپارخان ۋە ھەسەن خۇجا (تۇردى خۇجىدۇر، ئىپارخاندىن 10 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن ) نىڭ جەسىتىنى مەسئۇل بولۇپ قەشقەرگە قايتۇرۇپ كەلگەن. ئۆزى شەخسەن ئاپاق خۇجا قەبرىگاھىنى ئەسلىدىكى ئاساستا يەنىمۇ كىڭەيتكەن. سۇتاشىياڭ قەبرىگاھنى قوغداش جەريانىدا، قەبرىگاھنىڭ يېنىغا بىر ئىغىز سۇ توسمىسى ياسىغان. بىر باغ بىنا قىلغان. بىر يارغۇنچاق ياسىغان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلار بۇ يارغۇنچاقتىن پايدىلانغان. سۇتاشىياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشكەچكە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە <<دىلشادخان>> دېگەن يېقىملىق ئىسىم قۇيۇلغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلەپ تۇرغان. سۇ تاشىياڭ ۋە ئىپارخان ئۇيغۇر- خەنزۇ ئىككى مىللەتتىن بولۇپ، ئۇلار قۇيۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋۇلىدۇر.

ئىزاھات:
ئاپتۇر <<خۇجا>> نى پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى دەپ ئىزاھلىغان.

خەنزۇچە <<غەربىي يۇرت ھەققىدە تارىخىي ھېكايىلەر>>(1) ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.
ئۆمەرجان رۇزىھېيت تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 00:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 17:41:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تەستىقلىغۇچى ‹‹ئىپارخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى›› ناملىق تەرجىمە ماقالەمنى باشقىلارنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىدىغان قىلىپ قويسىڭىز.

ۋاقتى: 2014-12-4 01:58:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-12-4 02:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە بولسىمۇ ئېلىۋالماس.

ۋاقتى: 2014-12-4 06:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqma يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 17:41
ھۆرمەتلىك تەستىقلىغۇچى ‹‹ئىپارخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى››  ...

ئەنسىرەپ كەتكۈدەك قىممەتلىك ماقالە ئەمەس ئىكەن-غۇ!
ۋەلى كەرىم كۆكئالىپنىڭ ئىپارخان ئۈستىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىمۇ بۇ يەرگە چىقىرىپ قويالامسىز؟سېلىشتۇرۇپ ئاندىن تارتىشما قىلايلى.

ۋاقتى: 2014-12-4 10:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز...!

ۋاقتى: 2014-12-4 10:42:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqma يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 17:41
ھۆرمەتلىك تەستىقلىغۇچى ‹‹ئىپارخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى››  ...

مۇھەممەد سالىھ ئۇستازنىڭ ماقالىسىنى تېپىپ بىر ئوقۇسىڭىز.سىز تەرجىمە قىلغان ماقالىدىكى سۇ دەيشىياڭنىڭ 1800-يىللاردا چىيەنلوڭنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقىمىزنىڭ دىنى ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ،ئالداپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ،يامبۇ كۆتەرتىپ ئاپپاق خوجىنىڭ قەبرىگاھىنى رېمونت قىلىشقا ئەۋەتكەن خوتۇن ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ۋاھالەنكى،مەمۇرە ئەزىزە يەنى نۇرئەلانۇر خېنىم 1765-يىلىلا بۇ دۇنيادىن كەتكەن ئىدى.

ۋاقتى: 2014-12-4 11:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوتىنىڭ ئىككى بېشى بار...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 12:26:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن باشقىلار يازغان ماقالىسىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. بەلكىم ئاپتۇرمۇ مەلۇم ئاساسقا تايىنىپ  يازغان بولىشى مۇمكىن. سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ماقالىنىڭ ئاپتۇرى مەن ئەمەستە.پ لىتقشىولارنىو ھاجىتى بارمۇ.م

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 12:38:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ تىلى سەۋىيەم يۇقىرى بولمىسىمۇ جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم. شۇڭا تەستىقلىغۇچقىغىلا ئاتاپ يازغان خەتنىڭ باشقىلارغىمۇ تىگىپ كىتىشىنى ئويلىماپتىمەن. ھۆرمەتلىك تەستىقلىغۇچى«باشقىلارنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىدىغان قىلىپ قويسىڭىز»دىگەن  بۇ خەتنى خاپا بولماي سىزلا ئوقۇغان بولسىڭىز.

ۋاقتى: 2014-12-4 13:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-قەۋەت؛
ھېچقىسى يوق!- سىزنىڭ تەرجىمە ئەمگىگىڭىزدىن سۆيۈندۈم...تارىخى ماتىرياللار قانچە كوپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ،ھەقىقىي چىنلىرىنى خەلق ئۆزى تاللىۋالىدۇ...
...بولۇپمۇ تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزنى ھەرگىزمۇ توختاتماڭ!

ۋاقتى: 2014-12-4 13:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى بىر ئۇچۇردا  بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ‹‹ ئىپارخان ›› رومانىنى يېزىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 14:00  


ۋاقتى: 2014-12-4 14:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلپىن ناھىيەلىك 1 - ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقاھار ھامۇدۇننىڭ ئىپارخان رومانىنى خېلى يىللار ئىلگىرى مىللەتلەر نەشىرياتىغا تاپشۇرغان . يېقىندا بىر ماتىريالدىن ۋەلى كەرىم كۆكئالىپنىڭ ئىپارخان ناملىق رومان ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. بۇرومانلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپالمىدىم....

ۋاقتى: 2016-4-5 18:30:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
رەھمەت!
يېڭى بىلىمكەن!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش