كارخانىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
كارخانىلاردىكى ھوقۇق تەقسىماتى كارخانا باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاشنىڭ ئاساسى. ئەگەر ھوقۇق تەقسىماتى مۇۋاپىق بولمىسا، 1- سەپتىكى خادىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يېتىپ، باشقۇرغۇچى تۈگىمەس-پۈتمەس يوليورۇق سوراشلاردىن خالىي بولالمايدۇ. خوجايىن قول ئاستىدىكىلەرگە ھوقۇق بېرىش بىلەن بىللە، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش بۇ جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، بۇ مەقسەتكە تۆۋەندىكى بەش خىل ئۇسۇل بىلەن يەتكىلى بولىدۇ: 1-قوماندانلىق ئۇسۇلى. بۇ خوجايىن بۇيرۇق بىلەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى كونترول قىلىدىغان، باشقۇرغۇچىلار يوليۇرۇق ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلالمايدۇ. بۇ خۇددى يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىدا سېتىش بۆلۈمى دىرېكتورىنىڭ يوليۇرۇقى بولماي تۇرۇپ، ئاشپەزلەر باشلىقىنىڭ باھا تەڭشەش ھوقۇقى بولمىغىنىغا ئوخشايدۇ. 2- تەستىقلاش ئۇسۇلى. بۇ باشقۇرغۇچىلار خىزمەت نىشانى ۋە ئىجرا قىلىشقا دائىر ئۇسۇل ھەققىدە پىلان تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم خوجايىننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئۆي-پىكىر ۋە پىلاننى ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا تەستىقلانغان تەغدىردىمۇ، بەلگىلەنگەن دائىرىدىلا ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، يىمەك–ئىچمەك كارخانىسى ئارقا سەپ سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالدى بىلەن باھا تەڭشەش پىلانىنى سېتىش بۆلۈم دىرېكتورىغا يەتكۈزىدۇ، قاچان تەڭشەش ۋە قانداق تەڭشەشنى سېتىش بۆلۈمى دىرېكتورى ئاشپەزلەر باشلىقى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن بېكىتىدۇ. 3- تىزگىنلەش ئۇسۇلى. خادىملار ئىش تەرتىپىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئوتتۇرا قاتلام باشقۇغۇچىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، خوجايىن پەقەت پۈتكۈل جەرياندىكى مەلۇم بىر ھەل قىلغۇچ ئۆتكەلنىلا كونترول قىلىدۇ. مەسىلەن، يېڭى باھا بېكىتىلىپ، تەييارلىق تاماملانغاندىن كېيىن، يېڭى باھانى يولغا قويۇش ۋاقتىنى خوجايىن بەلگىلەيدۇ. 4-نىسپىي مۇستەقىللىق بېرىش ئۇسۇلى. بۇ ئاۋال ئىجرا قىلىپ، ئاندىن مەلۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. خادىم ئىشلىتىش، ئاتچوت قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلار ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارغا بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىدۇ. لېكىن، ھەر بىر مۇھىم باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا خوجايىنغا دوكىلات قىلىنىدۇ. خوجايىن ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ ھوقۇق بېرىش ياكى يىغىشتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا شۇكى، باشقۇرغۇچىلار چوقۇم ئەڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتە خوجايىنغا دوكلات قىلىپ، كېيىنكى پىلانىنى ئەسكەرتىشى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل كارخانىدىكى ئەڭ مۇھىم، دەپ قارالغان ئىشلاردىلا يولغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن، ئاشخانا ئارقا سېپىغا ئوت كەتتى دەيلى، باشقۇرغۇچى ئالدى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، يارىلانغانلار بولسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋېتىپ خوجايىنغا دوكلات قىلىدۇ ۋە بۈگۈنكى كېلىدىغان خېرىدارلارغا نېمە دېيىش توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىدۇ. 5- ھاۋالە ئۇسۇلى. خوجايىن ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى، تەشەببۇسكارلىقى ۋەئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلارغا پىلان بويىچە ئىش تاپشۇرىدۇ. خوجايىن پەقەت نەتىجىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، جەريانغا ئارىلاشمايدۇ. مەسىلەن، خوجايىن ئاشخانىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىنى دىرېكتورغا تاپشۇرىدۇ، پەقەت ھەر ئايدا ياكى پەسىلدە پىلان بويىچە ساپ پايدا يارىتىلغان ياكى يارىتىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. كۈندىلىك سودا ئىشلىرىغا ۋە ئىچكى قىسىمدىكى تەڭشەشلەرگە ئارىلاشمايدۇ. بۇنىڭدا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساداقىتىگە تولۇق ئىشەنگىلى بولامدۇ- يوق، لىقىغا قارىلىدۇ، ئەگەر تولۇق ئىشەنچ قىلغىلى بولمىسا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ھاۋالە ئۇسۇلىدا ھوقۇق بېرىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەل قىلغۇچ تۈرلەرگە قويۇدىغان تەلىپى ئېنىق ئايرىلىشى، ئۈنۈمنى باھالاش ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىلىشى تولىمۇ زۆرۈر. مەيلى قايسى ئۇسۇل قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، خوجايىننىڭ پەقەت ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىنچىكە ئىش ھالقىلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىسە چاتاق چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، خىزمەت ئادىتى ۋە باشقۇرۇش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمايدۇ، ناۋادا خوجايىندا مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى بۇيرۇق بېرىپ ئەمەس، تەكلىپ ئاساسىدا يەتكۈزسە ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولمىسا «ئارىلىشىۋېلىش» نى پەيدا قىلىپ، باشقۇرغۇچىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە يۈز-ئابرويىغا دەخلى قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا كارخانىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپمۇ قالىدۇ. ئۈرۈمچى كەچلىكگېزىتى 2014-يىلى 12-مارت كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-3 16:49
|