مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش شۇنداق ئاسانمۇ؟
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
دۇنيادىكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ، شەرەپ قوچقۇچىلارنىڭ ئارىسىدا جاپالىق ئەجىر قىلمىغانلار يوق، ئۇلار قىيىنچىلىق ئالدىدا ئەسلا باش ئەگكەن ئەمەس. جاپا چەكمەي، قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەي تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەت نەدە بولغان؟ بىر كۈنى بىر مۈشۈك ئورمانلىققا كىرىپ قاپتۇ، ئۇ يولۋاسنىڭ بۇ يەردىكى بارلىق جانلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇيرۇق سوقۇپ، ئوۋ غەنىمەتلىرىنى تەقسىملەيدىغانلىقىنى، باشقا بارلىق كىچىك ھايۋاناتلارنىڭ يولۋاسقا ھۆرمەت بىلەن ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە يولۋاسقا ھەۋەس قىپتۇ. بىركۈنى مۈشۈك دەريا بويىدا سۇ ئىچىۋېتىپ سۇدىكى ئەكسىنىڭ يولۋاسقا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ ۋە يولۋاس ئوۋغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئورماندا ھەر ياققا قاتراپ ئۆزىنى "ھايۋانلار شاھى" دەپ جار ساپتۇ. كۈتكۈنىدەك تىيىن، تۈلكە، دالا چاشقىنى دېگەندەك ئۇششاق ھايۋانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ. مۈشۈك ئۇلارنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ بۇيرۇق سوقۇپ يۈرۈپ، ئۆزىنى ھەقىقەتەن پادىشاھتەك ھېس قىپتۇ. بىراق بىركۈنى بىر بۆرە توساتتىن پەيدا بولۇپ مۈشۈككە ئېتىلىپتۇ، مۈشۈك مىياڭلىغىنىچە جان ئاچچىقىدا ئۆزىنى ھەر ياققا ئۇرۇپتۇ. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يولۋاس ئېتىلىپ چىقىپ بىر ھۆكىرەپتىكەن، بۆرە قۇيرۇقىنى قىسىپ جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يولۋاس مۈشۈكنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا مۇنداق دەپتۇ: -بالام، تۇرقۇڭ ھەقىقەتەن ماڭا ئوخشايدۇ، بىراق پىشانەڭدە "پادىشاھ" دېگەن خەت يوقتە؟ دېمەك، مۈشۈك قاچانلا بولمىسۇن مۇشۇك، ھەرگىز يولۋاس بولالمايدۇ، ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ "يولۋاس" دەۋالساڭلا يولۋاس بولۇپ قالمايسەن. بىزمۇ ئۆتمۈشتە مۈشۈك ئىدۇق، نەچچە ئەۋلاد ھايات ماماتلىق تىرىشىش ئارقىلىق مانا ھازىرقىدەك يولۋاس بولۇپ يېتىلدۇق. شۇنداق، ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت ئارزۇلاپ دورىغانغىلا روياپقا چىقمايدۇ، ھېلە-نەيرەڭ بىلەن ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت ھامان ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ. 2014-يىلى13- مارت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى دەستۇر بېتىدە ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-2 20:08
|