يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 6

ئاققاش: ئالمىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئالمىشىش
(نەسىر)
پائۇل.كوئىلخو [برازىلىيە]
ئاققاش تەرجىمىسى
تەبىئەت دۇنياسىدا يېڭىش ۋە يېڭىلىش مەۋجۇت ئەمەس،بەلكى ئالمىشىشلا مەۋجۇت.قىش باھارغا ،ياز كۈزگە ئورۇن بېرىدۇ.
قوي ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ.بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم  توختاۋسىز  ئالمىشىدۇ خالاس.
بۇ خىل ئالمىشىشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ بولمايدۇ،پەقەت رولغا چىقىدىغان  سەھنىلا بولىدۇ.
ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ.
ھەر ئىككىلىسى يوقىلىدۇ،بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئالىدۇ،ئالمىشىش داۋاملىشىدۇ، ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.

مەنبە:«ياشلار تەرمىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2013 –يىلى 4-ئايلىق (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 19:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-2 21:08:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

ۋاقتى: 2014-12-2 22:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشكىرەم بىلەن ئاققاش كونا شەھەردىن قەشقەر شەھرىگە ئۆتۈپ كەتكەن كەتكەن بولسىمۇ ئورنى ئالماشمىغاندەك،دىسلە ئۇكام ئاققاش.

ۋاقتى: 2014-12-2 23:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-12-3 13:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ.»

مۇنۇ قۇرلارنى مەن بەكمۇ ياقتۇردۇم،مۇشۇنداق ئالمىشىش بولغاچقىلا ھايات ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرالايدۇ!.يەر بىلەن ئاسماننى،ئاي بىلەن قۇياشنى سىغدۇرالايدىغان پەزىلىتى بار ئادەملا ھاياتلىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ!
مۇشۇنداق پەلسەپىۋىلىك تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 15:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشكىرەم بىلەن ئاققاش كونا شەھەردىن قەشقەر شەھرىگە ئۆتۈپ كەتكەن كەتكەن بولسىمۇ ئورنى ئالماشمىغاندەك،دىسلە ئۇكام ئاققاش.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەخەتجان مۇئەللىم،ھارمىغايلا!توردىن ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن،سىلى بىلەن دىدارلىشىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى،ئەمدى بۇ پۇرسەتمۇ كىلەر دېگەن ئۈمىدتىمەن،ئامان بولغايلا!يازغۇچىلار تورىدىكى بارىلىق ئەزىزلەرگە سالام يوللايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOKKUZSAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 16:00  


ۋاقتى: 2014-12-4 02:03:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش