تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 448|ئىنكاس: 12

بەربەرى: شېئىرىيەت ئالىمىدە سۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1269
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 325
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 12:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىيەت ئالىمىدە سۇ

(ئەدەبىي ئوبزور)

ئۆمەر ئەمەت بەربەرى



ئۇيغۇر شېئىرىيىدە سۇ ـــ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە تالاي يىللىق بوران- چاپقۇن ۋە ئەندىكىشلىك دەملەرنى باشتىن كەچۈردى. شېئىرىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىن تا ھازىرغىچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشىدە سۇدىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇدىيەت تەزكىرىسىنى ۋاراقلىمىغان دەملەرنى ئۇچرىتالمايمىز. شائىرلار ئارىسىدىمۇ سۇ ھەققىدە توختالمىغان، سۇ ھەققىدە بىرەر مىسرامۇ شېئىر يازمىغان شائىرنى يوق دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. چۈنكى سۇ ئىنسانىيەتكە مەڭگۈ مەۋجۇدلۇق بەخش ئەتكىنىدەك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگىمۇ باشقىچە تۈس بەرگەن، جان كىرگۈزگەن.

ئۇشبۇ يازمىمىزدا شېئىرىيىتىمىزدە سۇ ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلار ۋە سۇ ھەققىدىكى گىرەلەشمە تەلقىنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.



سۇ- ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىشى.سۇ-ئىنسانلارنىڭ يارىلىشى. سۇ-جىمى جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق يولى،يەنە شۇ سۇ بىزنى مەۋجۇدلۇق ئالىمىدە ساقلاپ تۇرغۇچى.ئۇنىڭ ھېكمىتىنى ،سىرلىرىنى،ئەھمىيىتىنى بىزدەك ئاددىي ئىنسانلار ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشىنىپ بولالمايمىز.سۇنىڭ قاچان،قايسى زاماندا،قانداق سەۋەب بىلەن ئىنسانلار ئۈچۈن ھەم خىزمەتكار ھەم تۆرە قىلىپ يارىتىلغانلىقىنى مۇقەددەس كىتابلاردىن باشقا ھەر قانداق جايدىن تېپىش مۇمكىن ئەمەس.سۇنىڭ ھېكمىتى چەكسىزدۇر، ئۇنىڭ ئىنسان مەۋجۇدلۇقىدىكى مۇقەددىمىسى ئىنسان ئاپىرىدە بولغان تۇپراقتىن باشلانسا،خاتىمىسى يەنە شۇ تۇپراق قوينىدا بولىدۇ.ئۇ ئىنساننى ھاياتلىقى ئۈچۈن كۈتىۋالىدۇ ھەم يەنە ماماتى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.ئۇ ھەرگىز ئىنسان بىلەن تەڭ پەيدا بولۇپ،تەڭ يوقالمايدۇ.ئالەم بىنا بولۇپ ئىنسانلار يارىتىلغۇچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىختا سۇ دەريا-دېڭىزلاردىن چۆللەرگە،ئېرالاردىن ئېرالارغا، يەردىن ئاسمانغا ۋە ئاسماندىن يەرگە ئالمىشىش ھاسىل قىلىپ ئادەملەردىن بۇرۇنقى مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتلىق كاپالىتى بولغان.دېڭىز ۋە يەر ئاستىدىكى مول سۇ بايلىقى شۇنداق بىر سىر،شۇنداق بىر ھېكمەتكى ئۇ ئىنسانلار تارىخىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشىدە توختىماستىن شاۋۇلداپ ئېقىپ تۇردى،مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك.بىپايان زىمىندىكى تۇپراقنىڭ ئاستىنى چەكسىز سۇ دۇنياسى قاپلاپ تۇرىدىغانلىقىنى،بىپايان دۇنيانىڭمۇ تەڭدىن تولىسى سۇ ئىكەنلىكى بۇنىڭغا ئىسپات، ئەلۋەتتە.

سۇ-ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇقەددىمىسى.ئەڭ دەسلەپكى ئادەملەر سۇلۇق،نەم جايلارنى تاللاپ تېرىقچىلىق ئېلىپ باردى.سۇ قوغلاپ كۆچكۈن قىلدى.دەريا-دېڭىز بويلىرىدا دەسلەپكى شەھەر ۋە دۆلەتلەر قۇرۇلدى.ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئىنسانيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىدىن بولغان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى بىپايان زېمىندا ھىندى مەدەنىيىتىنى، نېل دەرياسى ۋادىسىدا مىسىر مەدەنىيىتىنى، گانگ ۋە ئېفرات دەرياسى ۋادىسىدا يوقىلىپ كەتكەن بىباھا مەدەنىيەت بابىلون مەدەنىيىتىنى ۋە خۇاڭخې ۋە چاڭجىياڭ دەرياسى بويىدىكى مول مەدەنىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئىنسانلار تارىخىدا سۇنىڭ مەۋجۇدلۇق ھەقىقىتىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىدى. ئەنە شۇ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كېيىنكى زاماندىكى مەغرۇر ھالقىشلىرىدىن دەسلەپكى تىرانسىپورت ھادىسىسى سال بارلىققا كېلىپ كېيىنكى پاراخوتلارغا ئاساس بولدى... بۇ ئاقىۋەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ بېيىشى، كېڭىيىشى، ئالمىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىنىش ھادىسىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا مەملىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ زور ئىستىلا يەنىلا شۇ سۇنى ۋاستە قىلدى.

سۇ-ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ خاتىمىسى. ئىنسانلار ئاللاھىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ،ئەيىش-ئىشرەت،كەيىپ-ساپاغا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ سۇدىن ناشلانغان تارىخىنى يەنە سۇ بىلەن يۇيماقچى بولۇپ توپان بالاسىنى پەيدا قىلدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسانىيەت تارىخى يەنە سۇدىن باشلاندى؛ مۇسا ئەلەيھىسسالامتوغرىسىدىكى بىر ھەدىستە دېيىلىدۇكى :«...ئۆز ئىگىسىنى تونۇمىغان كىشىنى نېل دەرياسىغا غەرق قىلىۋېتىڭلار...»

سۇ-ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ جەريانى.ئەڭ دەسلەپكى پاراخوت، سۇ ئۈسىتى ئۇرۇشلىرى سۇنىڭ يېڭى بىر تارىخىنى ياراتتى.سۇدىن پايدىلىنىپ تۈگمەن قۇرۇلدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسانلار ئۇننى بىلدى.پار ماشىنىسى ياسىلىپ ئىنسانلار سانائەت دەۋرىگە كىردى.يەنە شۇ سۇدىن پايدىلىنىپ تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ۋۇجۇدقا چىقتى...

سۇ-ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە خاتىمىسى.بىر بوۋاق تۇغۇلسا ئۇنى سۇدەك پاك،دەپ تەرىپلەيدۇ.40كۈندىن كېيىن سۈيى قۇيۇلىدۇ؛بىراۋ قازا قىلسا ئۇنىڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن ئەزايى سۇدا يۇيۇپ پاكلىنىدۇ.دېمەككى ئىنسان سۇدىن باشلىنىپ يەنە سۇدا ئاخىرلىشىدۇ.

سۇ-ئىنسان مەۋجۇدلۇقىنىڭ جەريانى.تاماق يىمەي بىر كۈن چىدىغىلى بولىدۇ.ئەمما سۇسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس.تاماقنىمۇ سۇسىز ئەتكىلى،زىرائەتنىمۇ سۇسىز تېرىغىلى بولمايدۇ. قىسقىسى ئىنساننى سۇسىز تەسەۋۋۇر قىلىش قىپقىزىللا جۆيلۈشتۇر.

ئىنسانىيەت دۇنياسى سۇدىن ئايرىلغان ئەمەس ھەم ئايرىلالمايدۇ. بىر سىقىم تۇپراقتىن باشلانغان ئىنسانىيەتنى شۇ بىر سىقىم تۇپراقنى لايغا ئايلاندۇرغان سۇدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.كونىلاردا«لېيى خام » دەيدىغان بىر ئىدىئوم بار.بۇ يەردىكى لاينىڭ خام بولۇشى دەل سۇنىڭ مىقدارىغا باغلىق.

خەلقىمىزدە سۇغا باغلانغان ئىدىئوم،ماقال-تەمسىللەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ،مەسىلەن:«سۇ كەلگۈچە توغان سال»،«پۇل بايغا ئاقار، سۇ سايغا»،«سۇدەك سۈزۈك»قاتارلىقلار.مانا بۇ ماقال-تەمسىل ۋە ئوخشىتىشلار دەل ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ياشاش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى سۇغا بولغان مۇھەببىتى ۋە چۈشىنىشىنى، سېغىنىشى ئىپادىلەيدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سۇنىڭ سىڭىپ كەتكەنلىكى بولۇپ ئۇلار ئۆزىنى سۇدىن ئايرىيالمايدۇ.



ئەسلىدە

سۇ ئىدى بەكمۇ مۇلايىم.

سۇ كەلسە

خۇشال بۇلاتتۇق كەمپۈت يىگەندەك

خۇشال بۇلاتتۇق تەكلىماندەك

يىمەستىن ۋايىم.



...



ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى قوشنىمىز

ئوتياشلىققا سۇ ئاچىمەن دەپ.

يەنە بىر قوشنىمىزدىن بېشىغا-

كەتمەن بىلەن بىرنى يەپ.

                     روزى سوپى ئۇچتېكىن ـــ ( قەلبىمدىكى شارقىراتما)①



مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى سۇ.خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتى جەريانىدا سۇغا بولغان تەشنالىقى،مۇھەببىتى، قاراملىقى سىڭىپ كەتكەن.سۇ تالىشىپ بىر-بىرىنى ئۇرغان،سۇغا چۆمۈلىۋېتىپ ئۆلگەن،سۇغا ئۆزى ئېتىۋېلىپ ئۆلگەن،ئۆيىنى سۇ بېسىپ تام ئۆرۈلۈپ،تام ئاستىدا ئۆلگەن قىسقىسى بۇ خىل تىراگىدىيىلىك ئەمەلىيەت تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قاتلاملىرىغىچە يوشۇرۇنغان.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇغا بولغان ئېھتىياج ۋە قىزغىنلىقنىڭ جەريانىدۇر.



ئاشىقمەن ساڭا،

ئەسىرلەپ ئېچىرقىغان

تەكلىماكان بويىدا.



تەكلىماكان بويىدا

ئۆزۈڭدىن شۇنچە يىراق ئاقىسەن،

ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە مەخپىي ياتىسەن.

مەن بىلمەيمەن تەنھالىق نېمە؟

تۆت پەسىلدە ئاۋازىڭ تۆت خىل،

گاھىدا چوڭقۇر ئۇھ تارتىسەن

گەھىدا مۇز بولۇپ قاتىسەن.

گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر ساقلىغان چىڭ

زۇمرەت رەڭلىك مەخپىيەتلىكىڭ،

ئوخشار مېنىڭ ئۈمىدلىرىمگە.

                         ئادىل تۇنىيازـــ (سۇ)②



مانا بۇ قۇرۇپ كەتكەن كۆللەردىكى،قاغجىراق چۆللەردىكى،ئىسمىمۇ قالمىغان گۈللەردىكى ئۇيغۇرلۇق.تەكلىماكاننى كىشىلەر قەدىمدىن تارتىپ«قۇم دېڭىزى»، «ھالاكەت دېڭىزى»دەپ ئاتاشتى.ئەمەلىيەتتە دېڭىز دېگەن بۇ ئۇقۇم سۇغا بېقىنىدۇ. سۇ بولغاندا «دېڭىز»بولىدۇ.ئەمما بۇ يەردىكى سۇنى ئۇلۇغلاش،سېغىنىش ھېسىياتى دەل سۇسىز چۆلدە ئىپادىلىنىدۇ.تارىختىن بۇيان تەكلىماكان باغرىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر خانلىقلىرى ئەنە شۇ تەكلىماكاندىكى سەلتەنەتنىڭ جارچىسى.ئۇنىڭ ئاستىدىكى توغراق،يۇلغۇن،چاكاندا قاتارلىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرى سۈمۈرىۋاتقان سۇ بايلىقى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكاننىڭمۇ ھەقىقىي چۆل ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ ھەقتە كىروران شەھىرىنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىقىدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار. يەنى:تەكلىماكان ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى چەكسىز كەتكەن دېڭىز بولۇپ جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ،ئاسماندىن توختىماي قۇم ياغقان بىر كۈنى تىنىپ كەتكەنمىش. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ جاي چەكسىز قۇملۇققا ئايلىنىپ قالغانمىش.

مەيلى بۇ رىۋايەت راست ياكى يالغان بولسۇن بۇمۇ سۇغا بولغان تەلپۈنۈش،تارىخقا بولغان سېغىنىش ۋەئېچىنىشنىڭ ئىپادىسى.



ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﯲﺳﺘﻪﯓ ﻟﯩق ﺳﯘ

ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﻩﺭ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ...



ﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ،

ﯮﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺭﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻧﻰ.

ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺗﻪﻟﯟﻩ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ،

ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻖ ﺳﯘﻧﻰ.



ﯰﻻﺭ ﺳﯘﻧﻰ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ،

ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ.

ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ

ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ...

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ــــ ( سۇ تالىشىش )③



مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ئەمەلىيىتىدىكى سۇ.سۇسىز دۇنيا،سۇسىز جانلىق،جۈملىدىن سۇسىز ئىنسانىيەت مەۋجۇت ئەمەس.تۇرمۇشتىكى سۇغا بولغان تۈگىمەس ئېھتىياج،تۈگىمەس ئىشىلتىش... يەنە تۈگىمەس.

ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىمىز،يۈز يۇيغاندا سۇ ئىشىلتىمىز،سۇغا چۆمۈلگەندە سۇ ئىشىلتىمىز،كىيىملىرىمىزنى سۇدا يۇيىمىز؛ئورمان ۋە زىرائەتلەرگە، توڭگۈزدىن تارتىپ چېكەتكىلەرگىچە ھەممىگە سۇ كېرەك.بۇ بىر تەبئىي قانۇنىيەت،ئۇنىڭدىن چەتنەش مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاخىرلىشىشى؛بۇ بىر ئادەت، ئۇنى يوقىتىش رېئاللىقنىڭ پارچىلىنىشى.



قۇياش سۇدىن چىقىپ سۇغا پاتقاندا

قۇياشنىڭ كىيىملىرى چىلىق-چىلىق سۇ.

بۇ يەدە قۇياش سۇ

ئوخشىمايدۇ تەكلىماكان سۇغا.



مەن

سېلىۋېتىپ رېئاللىقىمنى،

سۇغا كىردىم،بېلىقمەن

سۇغا چۆككەن بىر مىسرا تاشمەن.

سۇغا كۆكسۈم تەگكەندە

كۆزۈم بېشىنى ئەگكەندە

بىر قەۋمنىڭ تەنھالىقىدا

دولقۇنلىغان بىر تامچە سۇمەن.

قۇچاقلاشتىم سۇ بىلەن

سۇنىڭ ئەمچەكلىرى يۇمشاق، سوغۇق.

لەيلەپ تۇرغان كارىۋات سۇ

بوستان چاچلىق ئايال سۇ

سۇنىڭ كۆزلىرى كۆك ۋە يۇمىلاق.



سۇغا سۇ دەپ خەت يازدىم،

ئاسمان كۆرۈندى خەتتە.

سۇنىڭ ئىگىسى كۆرۈندى،

خىەت يېزىلغان ئاق بەتتە.

  ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە ــ ( خەرىتىدىكى تېنچ ئوكيان)④



ئىنسانىيەت بىر قېتىمىلىق سۇ ئاپىتى-«توپان سۈيى بالاسى»دا ئاخىرلىشىپ يەنە شۇنىڭدىن باشلاندى.مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھالاكىتى ئىدى.كىشىلەر قىيامەت ھەققىدە ئېغىز ئاچاتتى، قىيامەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشاتتى. ئويلىغانسىرى سۈر باساتتى. قىيامەتنىڭ دەل ئادەملەرنىڭ رېئاللىقىدىن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى.قىيامەتنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن بولۇشى ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى ۋە يەنە قىلغۇلۇقنى قىلىۋېرەتتى.ئىنسان قانچە تاپتىن چىقىپ،چەكلەنگەن ئىشلارغا يېقىنلاشقانسىرى قىيامەتنىڭمۇ ئۆزىگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىيۇ بىر-بىرىنى يامان ئىشلاردىن توسۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.مانا شۇنىڭ ئۈچۈن تۇيۇق يولدىكى ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەر،بالىلار ئۈچۈن ئاتا-ئانا،ئاچا-ئاكىلار،جەمەت ئۈچۈن چوڭلار، جامائەت ئۈچۈن بىلىملىك كىشىلەر ۋە ئالىملار،يۇرت ئۈچۈن مۆتىۋەرلەر ھامان ئوخشاش ئورۇندا تۇرغۇزۇلۇپ ھېساب بېرەتتى.مانا شۇلارغا چىنپۈتكەن ئىنسانلار مەيلى قىيامەتنىڭ قاچان،قانداق شەكىلدە كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى توپان سۈيى بالاسىغا ئوخشاش سۇ شەكلىدە قىياس قىلىشقا،ئۇ كۈنى ھەممىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىغىنىغا، دۇنيادا ھاياتلىق تۈگەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ قىيامەت ھەققىدىكى خىياللىرىنىڭ سۇ ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ئىدى.



تۆت ئەتراپقا ياماششماقتا سۇ

كىچىكلەشكە باشلىدى ئەرلەر.

پەلەمپەيدىن نايناقلاپ چۈشۈپ

قوزغىماقتا ھاياجىنىمنى

ئىشخانىدىن چىقىۋاتقان سۇ.

مۇزدەك سوغوق ئەينەك تىلىدا

ماڭا قاراپ بۇيرۇق قىلار ئۇ.

شىلدىرلايدۇ سۇ مىسرا-مىسرا،

ئۇلغايماقتا سۇ ئاستا-ئاستا،

قۇتۇلۇشۇم مۇمكىن ئەمەستەك

ھەر تەرپتىن كەلمەكتە دەۋرەپ.

رەستىلەر سۇ

بانكىلار سۇ

ساقچىخانا سۇ

شەھەرلىك ھككۈمۈتنىڭ بىناسى سۇ

سۇ

ئاياللارغا تولدى بۇ شەھەر

                   ئادىل تۇنىياز ـــ (ئەركەكلەر قېنى سىلەر)⑤



مانا بۇ ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ سۇدىكى رېئاللىقى.ئىنسانلار ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىلدى.ئۇلار بىر-بىرىگە جۈپ قىلىپ يارىتىلدى.ھالال جۈپلۈك  بىلەن ھارام جۈپلۈك نېكاھنى ئۆلچەم قىلىپ ئايرىلدى.نېكاھتىن كېيىن ئىككى ئېرىق سۇ بىللە ئاقىدىغان بولدى.ئەمما نېكاھسىز ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە بولۇشى زىنا دەپ ئاتىلىپ ئەڭ يامان گۇناھ سۈپىتىدە سانالدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى ئېرىق سۇ قوشۇلالمايلا قالماستىن رەڭگى ئۆزگىرىپ قىيامەتتە جاننى قىينايدىغان ئىككى ئېرىق زەرداپقا ئايلاندى. بۇنىڭدا گۇناھقا چاقىرغۇچىمۇ،يېقىنلاشقۇچىمۇ ئوخشاشلا سۇنىڭ ئاستىدا تۇرغاندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن بەدىنىنىڭ پاكلانماي بارغانسىرى بۇلغىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن تەڭ ئۇلار چۆچۈپ تۇرۇپ ھەممىنى يۈرىكىدىكى قىپقىزىل سۇغا مۇراجىئەت قىلىشتى.مانا بۇ بۇلغانغان بىر توپنىڭ سۇدىكى سايىسى ۋە سۇغا بولغان ئېچىرقاشلىرى.



« سۇ ئىلاھى چىقتى ئۈستىگە

بولدۇق قۇللار ئەقىلدىن ئازاد.

سۇ - ھاياتلىقنىڭ بېسىلىپ تۇرغان قەۋىتى. سۇ – ئىنساننىڭ جىنسىيەت قاتلىمى. كىچىك بالا سۇ ئويناشقا ئامراق، چۈنكى ئۇنى قىزىقتۇرىۋاتقىنى، يىتەكلەۋاتقىنى ئاڭسىزلىق، ئۇنى ئۆلۈمدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى يۇقىرى ئاڭ ئۆزىدە يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتلىق تەجىرىبىسى كەمچىل.»

                   ئادىل تۇنىياز ـــ ( سۇدىكى بىشارەت)⑥



مانا بۇ ئىنسانلاردىكى ۋىجداننىڭ ئۆلچىمى.ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى سۇدەك سۈزۈك تۇيغۇلار،پاكلىق ئۇلار سۇغا تەشنا بولغاندەك ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ سۇدەك يۇمشاق،پارقىراق،ئاپئاق تېنىگە مەھكۇم قىلدى.ئەرلەر ئاياللارسىز ياشىيالماس بولدى.ھەتتا ئەرلەر ئۆيىدىكى «سۇ»نى ياراتماي سىرتتىن«سۇ»ئىزدىدى،ئەمما كۆپىنچىلەر ھەقىقىي پاك ۋە پاكىز سۇغا ئەمەس،بەلكى ئاللىقاچان بۇلغىنىپ كەتكەن،ئاللىقانداقتۇر زەھەر ۋە قۇرتلار بىلەن تولغان «سۇ»غا ئۆزىنى ئاتتى.ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى «سۇ»نىڭ قىممىتى يوقىلىپ ئۆيىدىكى«سۇ»بىئەجەل سېسىق سۇغا ئايلىنىدىغان،سىرتتىكى ئەرنىڭ باغرىدا ئېقىۋاتقان«سۇ»بولسا ئۇنى پۈتمەس-تۈگىمەس بالا-قازاغا مەھكۇم قىلىپ،ئۆيىدىكى «سۇ» دىنمۇ، سىرتتىكى «سۇ»دىنمۇ راھەتلىنەلمەي بىر ئۆمۈر چاڭقاپ ئۆتىدىغان، مەھرۇملۇقنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

بەزى ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ پاكلىق ئىچىدىكى يارالمىشىدىن تېيىلىپ چىقىپ ئاللىقانداقتۇر جايلاردا ئۆزىنىڭ تېنىنى ساتىدىغان،كوچىلاردا سەلدەك ئېقىۋاتقان ئاياللار توپىدىن ھەقىقىي ئايالنى ئايرىش تەس بولغان رېئاللىقتا ئەرلەر ئاللىقاچان ئۆزلىرىىنىڭ ئەرلىكىنى ئۇنتۇغانىدى.«يولدىن چىققان ئاياللار ئۈچۈن ئاخىرەتتە قاراپ تۇرغان ئەرلەر ھېساب بېرىدۇ»غان قاباھەتلىك كۆرۈنۈش بەزى ئەرلەر ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس بوپ قالدى. بەزىلەر كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئاياللىرىنى ئاشۇ بۇلغانغان«سۇ»غا قوشۇلۇشقا ئۈندەۋاتقان ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلۇشتىن توسمىغان، «ئاياللار ئەركىنلىكى»نى دەستەك قىلىپ ئاياللار ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق ھازىرلاۋاتقان ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىمۇ شۇ قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كېتىۋاتقان،كوچىلاردا يايما قىلىپ ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىملىرىنى سېتىۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئاللىقاچان يۈرىكى قارىداپ كەتكەن.ئۇلار ئاخىرىدا شۇ يۈرىكىنى يەنە شۇ سۇ بىلەن ئاقارتماقچى بولاتتى.ئەمما بىر قېتىملىق شېرىن خام خىيال بولۇپ قالاتتى،خالاس.



« ئۇلار نۇھنىڭ قۇتقازغۇچ كېمىسىنى ،توپان بالاسىنى بىلىشىدۇ،ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىممۇ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار مەڭگۈ سىرلىق پېتى ، سۇغا بولغان ئىنتىزارلىق  ئەمەلىيەت. ئۇنىڭ رەھمىتى ھەر لەھزە . ئۇلار سۇغا تەشەككۇر ئېيتىدۇكى ،قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر لەنەت ئوقۇمايدۇ .ھەتتا سۇ بىلەن مەڭگۈ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشنى ئىستەيدۇ.»

                    ھەزرەتئەلى ئەلى ـــ («سۇ» دىن مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا نەزەر)⑦



گۈلخانلار يېقىلغان

بارگاھلار ئەتراپىدا،

مۇخ، يۇسۇنلار قاپلىغان

ئاراللاردەك كارىۋاتتا،

ئېچىلىدۇ ئۆلۈم چېچىكى

كېچىدىكى ئاياللاردەك

مەستخۇش ئاۋازدا.

نېپىز، جىمجىت كىرلىك ئۈستىدە

يۇمران كۆكسۈڭ تېگىپ تۇرغاندا

ئۇيقۇسىزمەن ئۇزاق تۈنلەردە

كۆيۈۋاتقان يۇمران ئازابتا.

                       ئادىل تۇنىياز ـــ ( ئەركەكلەر قېنى سىلەر)⑧

مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنى.گۇناھقا پاتقان،ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىشنى بىلمەيدىغان،ئۆزى ھەققىدە ئويلانمايدىغان، ۋۇجۇدىدىكى ھەۋەس كەلكۈنىدە قانچە ئاقسىمۇ ئەمما ئاخىرى بارىدىغان جايىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى رۇسلاپ، يۈرىكىنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدىغان،ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە كېتىۋاتقانلىقىغا ھەم چىنپۈتمەندىغان بىر توپنىڭ رېئاللىقى.مەيلى ئۇكىم؟ قانداق ئادەم؟بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرەتتە يەنىلا سۇدىن ئىبارەت بۇ پاك نىممەتنىڭ ئالقانلىرىدا بىر قېتىم قاتتىق مۇجۇلۇپ ياكى سىپىلىنىپ قەبرىگاھقا راۋان بولىدىغان ئىنسانلارئارىسىدا بارا- بارا مېھىر مۇھەببەت يوقىلىپ،كۆڭۈللەر قارىداپ،ئىللىق چىرايلارنى مۇز قاپلاپ ئۇنى پاكىزلايدىغان،ئىللىتىدىغان ۋە ئېرىتىدىغان سۇغا يەنە مۇھتاج بولماقتا.



سۇنىڭ ئۆزى بىر رەھمەت،
قۇچاقلاپ تۇرۇپتۇ ئۇنى تەبىئەت.
ئادىمى بىلىق بولسام ئەگەر،
يۈزىگە لەيلەپ چىقمايتىم ئەبەت.
سۇنىڭ ئۆزى بىر لەززەت،
بولۇپ قالسام ئورنىدا قىسمەت.
چاك-چاك قۇملۇقنىڭ لىۋىگە ئەمەس،
يۈرىكىگە باراتتىم پەقەت .

بۇغدا ئابدۇللا ــــ  ( سۇ )⑨



مانا بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇ،مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى سۇ،مانا بۇ جانلىقلارنىڭ جۇملىدىن ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىدىكى سۇ.ئېغىز،بۇرۇن،قۇلاققا كىرىۋاتقان ھەم چىقىۋاتقان، كۆزدىن ھەم سۈيدۇك يولىدىن چىقىۋاتقان سۇ پۈتۈن بەدەندىكى بىرلىكنىڭ يەنىلا سۇدىن ئىبارەت ئاساسى مەۋجۇدلۇق يۆنىلىشىگە باغلانغانلىقىنىڭ دەلىلى.تومۇردىكى قىپقىزىل سۇ،مۇسكۇل ۋە ئۇستىخاندىكى شىلىمشىق سۇ،سۆڭەك ئىچىدىكى قۇيۇق سۇ،ئۆت ۋە ئاشقازاندىكى ئاچچىق سۇ ئەمەلىيەتتە سۇدىن ئىبارەت بۇ ئاساسى مەۋجۇدىيەتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن باشقا ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەزالىرىغىچە سىڭىپ كەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.

خۇلاسە كالام شۇكى،تەبىئەت دۇنياسى سۇ،ئىنسان تەبىئىتى سۇ، جىمى ھاياتلىقنىڭ تىرىكى سۇ،ئىنسانىنڭ سۇدىن قورقۇپ تۆككەن يېشى سۇ،ئېشى سۇ،جېنى سۇ،قېنى سۇ.سۇنىڭ مەۋجۇدلۇقتىكى ئاۋازى يۈرەكلەردە شاۋقۇنلايدۇ،ئېقىندىن ئېقىنغا،يۈرەكتىن يۈرەككە قۇيۇلىدۇ. سۇنىڭ ئاۋازى چۆللەرگە جان بېرىدۇ،چاڭقىغان يۈرەكلەرگە قان بېرىدۇ،سۇنىڭ ئىللىقلىقى ۋە ھوزۇرى ئەرلەردە ئاياللارنىڭ خۇمارىنى قوزغايدۇ.تارىختىن تارىخقا شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان شۇ سۇ يەنە ئىنسانلارغا قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن شەپە بېرىدۇ.بۇ چاغدا ئىنسانلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.خۇددى ئادىل تۇنىياز ئېيتقاندەك:

«نۇرغۇن شەھەرلەر يوق بولدى، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ۋاقتى توشۇپ مەدەنىيىتى كۆمۈلدى.بىزگە تارىخنىڭ ئىزلىرى قالغان، تەكلىماكان قۇملۇقى، تۇرپان ئويمانلىقلىرى نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى سۇ، يەنى دېڭىز ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئۆتكەن زامان. قەدىمكى زامان مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان، ھېلىھەم ئوتلۇق باغرىدا ئىنسانلار ھاياتى داۋاملىشىۋاتقان تۇرپان – يەر شارىنىڭ تەكشى سۇ يۈزىدىن، يەنى دېڭىز يۈزىدىن نەچچە يۈر مىتىر چوڭقۇرلۇقتا. بۇ ھازىرقى زامان. ئۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئىنسانيەت ھاياتى مۆجىزە، دېڭىز ئاستىدا تۇرۇپ ھۆل بولمىغان، قەدىمكى ھاياتلىق تەجىرىبىلىرى ۋە يوقلۇق ئېڭى ئارقىلىق ھالاك بولۇشتىن ساقلانغان مىللەتلەر ھەقىقىي مەدەنيەتلىك مىللەتلەردۇر. كەلگۈسى ئىنسانلار روھىي چاقىرىقلارنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى چەكلىمىسىز قويۇۋەتكەن كۈنى دۇنيانىڭ ھالاكەت كۈنىدۇر!»

                          ئادىل تۇنىياز ـــ (سۇدىكى بىشارەت)⑩



«سۇ كەلدى،سۇ كەلدى!؟»



ھاياتلىق ئۆز جايىدا تۇرۇپلا ئاخىرلىشىدۇ.كۆيىۋاتقان ئىشىق ئوتى سۇنىڭ باغرىدا يوقلۇققا ئايلىنىدۇ...



پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1. ئادىل تۇنىياز- «چۈمبەلدىكى كۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003-يىلى 11-ئاي1-نەشىرى.

2. ئادىل تۇنىياز- «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2004-يىلى 3-ئاي1-نەشىرى.

3.ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم - « ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار»، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2012-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى.

4. مايبۇلاق، 2012-يىللىق 1-سان

5. ئىلى دەرياسى، 2013-يىللىق 3-سان

6. تەڭرىتاغ، 2013-يىللىق 4-سان



ئىزاھاتلار:

1. مايبۇلاق،  2012-يىللىق 1-سان

2. ئادىل تۇنىياز- «چۈمبەلدىكى كۆز»، 112-بەت

3. ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم - « ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار»، 192-بەت

4.تەڭرىتاغ،  2013-يىللىق 4-سان

5. ئادىل تۇنىياز- «چۈمبەلدىكى كۆز»، 132-بەت

6. ئادىل تۇنىياز- «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، 240-بەت

7. ئىلى دەرياسى، 2013-يىللىق 3-سان

8. ئادىل تۇنىياز- «چۈمبەلدىكى كۆز»، 134-بەت

9. ئىلى دەرياسى، 2013-يىللىق 3-سان

10. ئادىل تۇنىياز- «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، 244-بەت



2013-يىلى مار-نويابىر  شەھىرى بەربەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 13:25  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 657
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ. مەرھۇم شائىر قۇربان ئىمىننىڭ «سۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە غەزىلىمۇ بار بولۇپ، خېلىلا ئۇتۇقلۇق چىققان.  كۆرۈپ باققايسىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1839
تۆھپە : -1
توردا: 534
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋا سۇ بولمىسا ،
ھاياتلىق بىر كۈن ياشالماس.
شائىرلىق بەرمىسە كىشىگە ئىلھام،
شېئىر تۇرماق چېكىت ئۇرالماس.

ل.مۇتەللىپ

نومۇسۇم غالىپ ئاھانەتلەر يېڭەلمەس ئۇنى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1584
تۆھپە : 2
توردا: 333
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 14:07:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 2012 -يىللىق  مەلۇم بىر سانىدا ئەخەت كەلپىن ئىنسانىنىڭ ‹‹ سۇنىڭ ئۇچى››  سەرلەھۋە ئاستىدا بىر بۆلۈك  شېئىرلىرى بولىدىغان،  ‹‹ سۇ  ››  تېمىسىدىكى ئىشارىلەرگە  ياخشى مەنبە بولالايدۇ،

  بۇ  ماقالەنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1675
تۆھپە : 0
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 16:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۇدىن كەلدى
                   سۇنىڭ  ئېقىشى،
سۇغا سىزىدى
                  سۇنىڭ ئېگىسى،
سۇغا ھامىلدار
                    شائىر قەلىمى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  366
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2902
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 17:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر، ئاز ھەم ساز يازىدىغان قېرىندىشىمىز .
ماقالىڭىز ئەتىراپىلىق يېزىلىپتۇ ...

http://harunbeg.com

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 818
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 18:46:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھمىيەتلىك بىر تىمىنى قېزىپ ،بىزنى سەگىتىپ قويدىڭىز. .. مىسالغا ئالغان ئەسەرلەرنىمۇ ھەقىقەتەن تاللاپسىز...مۇشۇنداق ياخى ماقالىلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىغاي...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 00:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1786
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 122
تۆھپە : 5
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 00:51:25 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق  يار بولسۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1269
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 325
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 18:46
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھمىيەتلىك بىر  ...

ئېزىز مۇئەللىم مېنىڭ غەزەل ھەققىدە يازغان يەنە بىر پارچە ماقالەم بار ئىدى، نەچچە ئۆزگەرتىپمۇ يەنە جانغا ئەسقاتقۇدەك قىلالماي يۈرىمەن. مالال كۆر مىسىڭىز ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز. مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە بوپ قالدىم،ئاقسۇغا قايتقاندا سىزنى ئىزدىسەم  بولامدۇ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1555
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1927
تۆھپە : 0
توردا: 392
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 18:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن،ماقالىڭىزنى سۈيۈنىش ،قىزىقىش ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم.سىزگە رەھمەت.

تۇرمۇش ئىچىدە مەن ياشايمەن،تۇرمۇش مىنىڭ ئىچىمدە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 818
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 13:44:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەربەرى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 11:38
ئېزىز مۇئەللىم مېنىڭ غەزەل ھەققىدە يازغان يەنە بىر پا ...

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن...كەلگەندە كۆرىشەيلى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1246
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 21:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىكەتلىك بولۇڭ، ئىنىم. بۇ ماقالىڭىزنى بۆگۈن مۇنبەردە كۆرۈپ تولىمۇ ياقتۇردۇم،.ھەم تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. قەلىمىڭىز ھارمىغاي.  .....سىزدەك بىلىمخۇمار، تىرىشچان ئىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.!....

كىسەل پەقەت تەندىلا بولمايدۇ، ئىدىيەدىمۇ بولىدۇ!...
                                    
            -ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش