يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانىدا چىقىمنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كارخانىدا چىقىمنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ




بارلىق مائاشلىق خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئايلىق تاپاۋىتىنىڭ شۇ ئايلىق تۇرمۇش چىقىمىغا يېتىش- يەتمەسلىكى خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەۋېرىش ياكى خىزمەت ئالمىشىشنى ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىرىنچى ئامىل. مال باھاسىنىڭ تەدرېجى ئۆرلىشىمۇ كىشىلەرنى ئىلگىرىكىدىن كۆپرەك كىرىم قىلمىسا بولمايدىغان ھالەتكە قىستايدۇ. كارخانىدەك كوللىكتىپ ئورۇنلارمۇ پايدا قوغلىشىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە چىقىمنى تىجەش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەندۈرۈشنى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئويلاشمىسا بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا، نورمال خىزمەت كەيپىياتى ۋە سودا ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا چىقىمنى تېجەپ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم ئىشلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟
1-باشقۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش. ھەر كەسىپتە باشقۇرۇش تەننەرخىنىڭ ئومۇمىي پايدىدا ئىگىلەيدىغان پىرسەنت كۆرسەتكۈچى 5 پىرسەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىمۇ ئامال قىلىپ باشقۇرۇشۇشقا كەتكەن چىقىمنى تېجەش كېرەك. يەنى باشقۇرغۇچى سانىنى ئازايتىش، ئادەمنى ئادەم باشقۇرۇشتىن ئادەمنى تۈزۈم باشقۇرۇشقا ئۆتۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى تەمىناتلىق باشقۇرغۇچىلارنى قىسقا مۇددەتلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچىلارغا ئالماشتۇرۇش، تۆۋەن تەمىناتتىكى ئىقتىدارسىز باشقۇرغۇچىلارنى ئەمەلىي خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى ئىقتىداردىكى ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ قەرەللىك يېتەكلىشى ۋە تەربىيىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، باشقۇرۇشنى ھۆددىگە بېرىش، مۇئەييەن تەمىناتقا باغلانغان مەلۇم نىسبەتتىكى پايدا يارىتىشنى تاناسىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قارانچۇق، تۈزۈك ئىشى يوق باشقۇرغۇچىلارغا قىلىنىدىغان چىقىمنى ئازايتىشنى بىرىنچى قەدەمدىكى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ھەل قىلىش كېرەك.
2-خىزمەتچىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش. ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ھەرگىزمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە ھەر خىل ئۆلچەملەرنى قويۇپ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرىنى ياكى ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىرىنى جازالاش، مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە مۇمكىن قەدەر مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا بىر ئادەم كۆپ ئىشقا مەسئۇل بولۇش، بېكار قالماسلىق، ئارتۇقچە خىزمەت ئورۇنلىرى بولماسلىق، ھەر ئىشقا بىردىن مەسئۇل خادىم بولۇش بىلەن بىرگە مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قىلىش، تېخنىكىلىق ئىشلارنى يېتەكچىلىك ئاستىدا قىلىش، مەسئۇلىيىنى چوڭ ئىشلارنى بىر قانچە خىزمەتچى تەڭ ئىگە بولۇپ قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش كېرەك.
3-يىغىن ۋە تەرىبىيىلەشنى ئاددىلاشتۇرۇش. كۆپ ئادەم بىر يەرگە كېلىپ ئېچىلىدىغان يىغىن ۋە تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئازايتىش، ئەمەلىي خىزمەت ئۈستىدە نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشلەۋېتىپ تەربىيىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى خىزمەتچىلەرنى كونا خىزمەتچىلەرگە ئەگەشتۈرۈش، پىشقان خىزمەتچىلەر يېڭى خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ يېتىشتۈرۈش، ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىش، رەسىم، سىن كۆرۈنۈش، يازما ئۇچۇر قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىلغارلىقنى تەشۋىق قىلىش، پاسسىپلىقىنى ئەيىپلەش، شۇ ئارقىلىق ھەممە خىزمەتچى ئۆزلىكىدىن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاكتىپ خىزمەت كەيپىياتى ھاسىل قىلىش ھازىرقى زاماننىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئادەم بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4-ۋاقىتلىق خىزمەتچى ئىشلىتىش. جىددىي ئىش چىققاندا چاقىرغىلى بولىدىغان، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھۆددە بەرگىلى بولىدىغان ۋاقىتلىق خىزمەتچى ۋە ھۆددە ئېلىپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. ئايلىق مائاش ۋە يىللىق مۇكاپات ئالىدىغان مۇقىم خىزمەتچىلەر بولغاندىن باشقا يەنە مەلۇم نىسبەتتىكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىزمەتچىلەرمۇ بولۇش، ئالدىراش چاغلاردا چاقىرغىلى بولىدىغان، سائىتىگە قاراپ ئىش ھەققى بېرىدىغان ۋاقىتلىق خىزمىتچى، كومپيۇتېر تېخنىكا ئۇستىسى بولۇش ۋاقىتلىق كۆرۈلىدىغان جىددىي خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئورۇنداشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى. شۇنداقلا بىر قىسىم كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ئىشلاردا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى ھېسابلىنىدىغان باشقا كارخانىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش، چوڭ تۈر ياكى زۆرۈر ئىشلاردا ئۆزئارا تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئاساسىدا ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىشمۇ كارخانا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


گەپنى يىغقاندا، كارخانىدىكى چىقىمنى تېجەپ پايدىنى زورايتىش ئۈچۈن زۆرۈر خەجلەشكە تېگىشلىك چىقىملارنى قىسمىغان ئاساستا يۇقىرىقىدەك ئاكتىپ ئامىللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرگە كارخانا ۋە شەخسىي ھەرئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى ھاسىل قىلىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ھايات- ماماتلىق ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەلىبابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۇن: «خىزمەتچىلەرنىڭ داۋاملىق ئىشلىمەي، يېرىم يولدا كېتىپ قېلىشى، بىرىنچى، خىزمەتچىنىڭ تىرىشقىنىغا تۈشلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن، ئىككىنچى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت كوللېكتىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىدىن بولىدۇ.» دەيدۇ. شۇڭا كېسىپ ئېيتىمىزكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورنى ھاسىل قىلىش كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلالىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 18:58  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-2 09:04:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش