تۇرپان ئەدىبلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى
5 ?+ q8 U% N( F$ r' L+ u) \ 9 F! c# ?( ~$ C- j" x3 a
تۇرپانۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىق باشچىلىقىدىكى تۇرپان ئەدىبلىرى19 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ناھىيە،شەھەرلىرىدە زىيارەت، ئېكسكۇرسىيىدە بولدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «توپان»ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى، يازغۇچىئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت، تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پىچان ناھىيە لۈكچۈن مەركىزىي مەكتەپنىڭئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى،توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىن شائىر پەرھاتباھايىدىن، توختى زىياۋدۇن قاتارلىق بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان زىيارەت ئۆمىكىتۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تۇرپان»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭنامىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەدىبلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ،يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ تەشۋىقاتىنىئىشلەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ باردى. زىيارەتئۆمىكىدىكىلەر 20 – نويابىر تۇنجى بېكەت كورلا شەھىرىگە چۈشكۈن قىلىپ، ئۆمەرمۇھەممەتىئىمىن كىروران باشچىلىقىدىكىبايىنغولىن ئەدىبلىرى بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولدى. 21 – نويابىر كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مۇقەددەستوغراقلاردىن، ئانا دەريا تارىمدىن بەھر ئېلىپ، كەچتە كېرىيە ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى. ) J/ R8 w$ e9 W! F
! |" a6 x0 R; ~5 y9 y6 ? z
! H1 A% }/ ]* p) X22 –نويابىر كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئەدىبرېھىم نىيازنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە رېھىم نىيازغا بىر ئاتمىندۈرۈپ، تۇرپانلىق يۇرتداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. ياسىن زىلال قاتارلىقئاتاقلىق ئەدىبلەر، كېرىيەدىكى ۋەخوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاربىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. " s( D2 `5 L/ k( P( _$ Y
0 x4 M" n% o2 o
4 }+ e/ @3 X) T8 W
23 –نويابىر كۈنى خوتەن شەھىرىگە كېلىپ، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئەنۋەر ھوشۇرباشچىلىقىدىكى خوتەن ئەدىبلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 24 – نويابىر كۈنى خوتەنشەھىرىدە «ئىنساپ»نامىدا خۇسۇسىي كۇتۇپخانا ۋە كىتابخانا ئېچىپ، ئەدىبلەرنىڭھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تۇرسۇنتوختى ھاجىمنى ۋە «ئىنساپ»كۇتۇپخانىسىنىزىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن كۇتۇپخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە پىكىرلەشتى.ئاتاقلىق خەلق شائىرى، مەرھۇم روزى سايىتنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلدى.
5 u4 J( w5 Z1 _' {" e( ^
$ v, G: d% ], y* T2 d# ^. tشۇ كۈنىكەچتە گۇمىغا يېتىپ بېرىپ، قاراتاغىز دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئابدۇقادىر سادىر،ئابلىكىم تالىپ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك باشچىلىقىدىكى گۇما ئەدىبلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. بۇ يەردىكىمامۇت ئۆمەر باشچىلىق قەلەمكەشلەر مېھمانلارغا قىزغىن ساھىبخانىلىق قىلدى.شېئىرلار ئوقۇلۇپ، مۇشائىرىلەر ئەۋجىگە چىقتى، كىلياڭ يېزىسىدىن تەكلىپ قىلىنغانخەلق سەنئەتكارلىرى جۇشقۇن كىلياڭ مەشرەپ ئاھاڭلىرى بىلەن مېھمانلارنىڭ قەلبىنىلەرزىگە سالدى.
2 E9 z( B% L) j7 Q- L0 I
% I6 }+ ~- x( R9 m& ~4 y$ `
25 –نويابىر كۈنى سەھەردە تۇرپانلىق ئەدىبلەر مەرھۇم شائىر ئابلىپىز ئارىقۇمىنىڭ ئۆيىنىپەتىلەپ بولۇپ، قوشتاغ يېزىسىدىكى يازغۇچى ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىننىڭ ئۆيىگەيېتىپ كەلدى. بۇ يەردە قوشتاغدىكى ئەدىبلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئائىلە تامىقىنىڭ مېھرىدىنبەھر ئالغاندىن كېيىن گۇما ئەدىبلىرى بىلەن خوشلىشىپ، قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيىسىگەيېتىپ كەلدى. بۇيەردىكى بازار جەمئىي يېزىسىنىڭ چامغۇرلۇق كەنتىدە «ئۈچ ئەلخىزمەت گۇرۇپپىسى»مەسئۇلى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق قوشتىللىق يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنى يوقلىدى. كەچتە ئەسقەر ئوسمان، ئادىل نۇرەك،ياسىنجان ئوسمان باشلىق مەكىت ئەدىبلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، خەلق سەنئەتكارى قادىرپاراڭنىڭ لەتىپە، چاقچاقلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
9 z. \5 A |0 q4 K ; V# K' P$ E. `
26 – نويابىر كۈنى مەكىت دولان مەدەنىيەتباغچىسى، دولان دەرياسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەر شەھىرىگە يېتىپكەلدى.
* P# e' G J% R: ^9 g6 k3 m' p2 Uبۇ كۈنىكەچتە كېرىمجان ئابدۇرېھىم، قۇربان ئەمەت، ئەخمەتجان خۇما، ئەنۋەر ئىبراھىم، ئابلاجانبوۋاقى، ئىبراھىمجان تاش باشچىلىقىدىكى قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىشەھەر ئەدىبلىرىبىلەن ئەدەبىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 26 – نويابىر، 27 - نويابىر كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە ھېيتگاھجامەسى، تارىخىي مەدەنىيەتلىك ئۆستەڭبويى كوچىسى، ئاتۇش كوچىسى، قەشقەر پېداگوگىكائىنستىتۇتى، تۈمەن دەرياسى، ئاپئاق غوجا (ئىپارخان) مەقبەرىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپمەقبەرىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى. مەرھۇم ئەدىب ئېزىزجان توختىھاجىئائىلىسىنى پەتىلىدى. 27 – نويابىر كۈنى كەچتە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكىمۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار، ئابدۇراخمان، پازىلجانلارنىڭ قاتارلىقلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدايەنە بىر قىسىم ئەدىبلەر بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولدى.
28 – نويابىر سەھەردە قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 29– نويابىر چۈشتە تۇرپانغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى سەپەر تۇرپان ئەدىبلىرىبىلەن خوتەن، قەشقەر ئەدىبلىرىنىڭ دىل رىشتىنى چىڭىتىش، ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ تەسىرىنىكېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. پەرھاتباھايىدىن خەۋىرى، فوتوسى . P. I+ r8 A6 n6 N q
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-1 11:48 % N' F1 [% ]2 G$ \6 i/ V
. ?3 P/ l9 _7 I/ Y8 K% ]
|