يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 2

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: كارخانىچىنىڭ ئىدىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-30 17:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كارخانىچىنىڭ ئىدىيەسى


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


   كارخانىچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىنى كۈچەيتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە يارىتىلغان پايدىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى، شۇ ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلمايدىغىنى بولمىسا كېرەك. كارخانىچى ئۆزى قۇرغان كارخانىنى خۇددى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئىش-ھەرىتىكى، ئوي-خىيالىنى ئىدىتلاپ، كارخانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە بارلىق ئەقىل ئىدراكىنى سەرىپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى كارخانا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا، پايدا يارىتىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قايسى ئىشقا تۇتۇش قىلىشنى بەلگىلەش ئەركىنلىگى كارخانىچىنىڭ قولىدا بولىدۇ. كارخانىچى ھەر دائىم تۈرلۈك تاللاشلارغا دوقورۇپ تۇرىدۇ. ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بەزى تاللاشلارغا چوقۇم يۈزلىنىشى كېرەك. مەسىلە شۇ تاللاشلارنىڭ قايسىسىنى قايسى چاغدا ۋە قايسى خىل رەۋىشتە ئورۇنداشنى بىلىشتە.

ئەنئەنىۋىلىك بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش. يەنى تارىخى ئىزچىللىق، ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبە ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن پىكىر قىلىش، ئۆرۈپ-ئادەت قاراشلىرى بىلەن ھازىرقى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئاكتىپ ئامىللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشىش، قاتمال ئىشلارغا يېنىك، مۇرەككەپ ئىشلارغا ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بىرىنى تاللاش. تۈرلۈك ئىشلارغا قارىتا يولنى ئەزەلدىن مۇشۇنداق مېڭىپ كەلگەن، تاماقنى مەن چوڭ بولساملا مۇشۇنداق يەيدىكەنتۇق دەپ بېكىنمە جاھىل خاراكتىرىدە يۈزلىنىشمۇ ياكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قوللىنىشقا بولىدىغان يېڭىچە ئەپچىل ئۇسۇلنىڭ بار-يوقلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىشمۇ ئىككىدىن بىرىنى تاللاش. چۈنكى ئادەتلىنىپ قېلىش كىشىلەرنى نۇرغۇن بىھۇدە يوللارنى بېسىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جىددىي ئىشلارغا جىددىي تۇتۇش قىلىش، تەسەدىبىي ئىشلارغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، ئالدىراپ چېچىلماسلىق، جىددىيلەشمەسلىك ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاددىي ساۋات. كارخانىچى بولغان ئادەمدە بۇ خىل ئىقتىدار چوقۇم ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك.
خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەش بىلەن مەجبۇرى ۋاسىتە ئىشلىتىپ بۇيسۇندۇرۇش. خۇددى "ئەقىلغە ئۇيغۇن ئىشلارغا ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، توغرا ئىشقا ئىزاھ كەتمىگەن"نىدەك توغرا بولغان تاللاشنى باشقىلارغا ئېزىپ ئىچىرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مەلۇم دەرىجىدە باشقىلارنى ئالداش، ھېلە ئىشلىتىش، شەخسىيەتچىلىك يوشۇرۇنغان ئەقىلگىلا باشقىلارنىڭ توللۇق ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر تالاي چۈشەندۈرۈشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېلىش پەقەت ئىدىيە قاتماللىقىغا مەھكۈم كىشىلەرنىڭ ئىشى. كارخانىچىدا مۇنداق ئىللەتلەرنىڭ بولمىغىنى تۈزۈك.
ئۆزئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن ۋاز كېچىش ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش. "ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا" دېيىلگىنىدەك مەن ياشتا چوڭ، مەن كۆپنى كۆرگەن ئەمەس بەزى ئىشلاردا بالىلارچە تەسەۋۋۇر بىلەن قىلىنغان ھۆكۈمنىڭمۇ كاتتا رولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇرۇن تاغ ئايلىنىپ كېلىدىغان ئىشلار ئەمدى باغ ئايلىنىپ كېلىدىغان بولۇپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە، ھەممىلا ئىشقا كونا ئۇدۇم بويىچە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەمدى مەلۇم نىسبەتتە ۋاقتى ئۆتتى. بەزىدە ۋاز كېچىشمۇ كېيىنكى چوڭ ئېرىشىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
شەرھىلەشكە توغرا كەلسە يېڭىلىقنى شەرھىلەش، ئىزدىنىشكە توغرا كەلسە يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، قوللاشقا توغرا كەلسە ئىجابىيلىقنى قوللاش. تۈرلۈك تاللاشلاردىكى ھەر بىر ئامىلنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلەردىن قانچىلىك ئىلمىنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا قاراپ قارار چىقىرىش، دىلىغۇللۇقتىن ساقلىنىش، قارار چىقارغاندىن كېيىن يالتايماسلىق، ھەتتا خاتا چىقىرىلغان قارارلىقىنى بىلىپ يەتكەن تەغدىردىمۇ ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىش. كارخانىچىدا ھېلى ئۇنداق ھېلى مۇنداق بولىدىغان بىتايىنلىق بولماسلىقى كېرەك.
كەلگۈسى جەمئىيەتتە كىشىلەر يولۇقىدىغان كىرزىس ھەرگىزمۇ بايلىق ياكى ياشاش ھوقۇقى تالىشىش كۈرىشى بولماسلىقى ئېنىق، ئەگەر كىرسىز يۈز بەرسە دەل كىشىلەرنىڭ ئىدىيە كۈرىشى كىرزىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. مۇرەككەپ ئىجتىمائىي زىدىيەتلەر قاينىمىدا جەمئىيەتتىكى كىچىكرەك ئىجتىمائىي بىرلىكنىڭ باشلامچىسى بولغان كارخانىچى ئىدىيە كۈرىشىنىڭ ھامىيلىقىدىن خالىي بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ شامالنىڭ يۆنىلىشىگە ئىغاڭلايدىغان دەرەختەك ھېلى ئۇ ياققا ھېلى بۇ ياققا ئاغىدىغان ئىدىيە قاتماللىقىغا قالماسلىقى كېرەك.

2014-يىلى26-فېۋرال ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كارخانىچىلارمۇنبىرى بېتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 17:59  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-30 22:00:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردىكام كارخانا ۋە كارخانا مەدەنىيىتى  توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىۋاتىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتىنمۇ ئۆتكىزىۋاتىدۇـ  مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىزدنىشلىرىڭىز
ۋاقتى: 2014-11-30 22:04:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب بولۇپ چىققان بولسا ياخشى بولاتتىـ  ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ خىلدىكى ئىجادىي كىتابلار يوق دېيەرلىك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش