كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 0

تۇردى سۇلتان ئىزچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
图片1副本.png    

    تۇردى سۇلتان ( ئىزچى ) 1978– يىل 7– ئاينىڭ 18– كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ سۇبھاناللا كەنتىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرى ئۆز يېزىسىدا قەدىمىي تەلۋىچۈك دەرياسى بويلىرىدا ئۆتكەن، 1985– يىلدىن 1994– يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپلەردە، 1994- يىلدىن 1997– يىلغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىدە ئوقوغان، 2010- يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى مەخسۇس كۇرسىنى تاماملىغان.  1997– يىلدىن بۇيان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزا سۇبھاناللا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
       ئۇ 《 يېڭى قاشتېشى》 ژورنىلىنىڭ 1996 – يىللىق 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان 《 يولچى رىۋايىتى》 ناملىق داستانى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قەدەم قويغان . ھازىرغىچە 《 تارىم》 ،《 يېڭى قاشتېشى》،《 قۇمۇل ئەدەبىياتى》 ،《 كىرورەن》 ،《شىنجاڭ گېزىتى》 ،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》قاتارلىق گېزىت – ژورناللاردا ئاتمىش پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئىلان قىلىنغان .
   ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sultan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 21:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش