يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: تىجارىتىڭىز روناق تاپسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 17:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تىجارىتىڭىز روناق تاپسۇن

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


ھازىر تائام تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇش تولىمۇ مۇھىم ئىزدىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مېنىڭچە بۇ سودىدا ئۈنۈملۈك تىجارەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋەمەلۇم خىلدىكى ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلىپ، ماركا ئوبرازىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش، خېرىدار مەنبەسىنى غولىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، كىشىلەر تاماق ئۈستىدە ئىختىيارسىز ھالدا بىر خىل خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، تاماق ئۈستىلىدە ئادەم ئۆزىنى ئەڭ يېنىك ھىس قىلىدىغان بولغاچقا، بىر تەرەپتىن غىزالانغاچ يەنە بىر تەرەپتىن بىردەملىك بولسىمۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە تائام تىجارەت سورۇنلىرىدا جەم بولىدۇ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
   تائام تىجارىتىدە، يەنە خېرىدارلارنىڭ سىناپ بېقىش نىيىتىنى قانائەتلەندۈرۈش تولىمۇ مۇھىم، چۈنكى خېرىدارنىڭ كۆپىنچىسى كۆرۈپ بېقىش ۋە تېتىپ بېقىش نىيىتىدە تائام تىجارىتى سورۇنلىرىغا قەدەم باسىدۇ. يېڭى ئېچىلغان تائام سورۇنلىرىنىڭ بىر مەزگىل بېسىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ. كىشىلەر تۇنجى قەدەمنى باسقاندىلا ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى قاندۇرۇلسا، بۇنداق ئورۇنلارنىڭ تىجارىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ بارىدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرېجى ھالدا خېرىدار مەنبەسىدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا ئوخشاش تائام ۋە ئوخشاش تەسىر دائىرىسىدىكى ماركا ئوبرازى بىلەنمۇ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان خېرىدار مەنبەسىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟
تائام؛ تائامنىڭ تەمى، ھىدى، كۆرۈنۈشى خېرىدارلارغا ئەڭ تېز، ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. بىر خىل نامدىكى ئوخشاش تاماقنىڭ ئوخشىمىغان تەمى، ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشى خېرىدارلارغا خاس ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېغىزىدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، شۇ تائام سورۇنىنىڭ خېرىدارى كۆپىيىدۇ، تىجارىتى روناق تاپىدۇ.
مۇھىت؛ تائام تىجارىتىدە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تائام سورۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى، بېزىلىشى، سەرەمجەملاشتۇرۇلۇشى، ئازادىلىكى، تازىلىقى قاتارلىق تاشقى مۇھىتى ۋە كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ، غىزالىنىۋاتقانلارنىڭ كەيپىياتى ۋە شاۋقۇن-سۈرەنلىرى قاتارلىق مۇھىت تۈسى خېرىدارلارغا خوشاللىق، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. تاماق ئۈستىلىدىكى يۇرۇقچىلىق، تام تورۇسلاردىكى يېقىملىق كۆرۈنۈش، ئۈسكۈنە ئەسلىھەلەردىكى رەتلىك، پاكىزلىق تۇيغۇسى، ئۆزگىچىلىكى، مۇۋاپىق ھالەتتىكى توساق ۋە  يېرىم يېپىق تورۇس خېرىدارلارنىڭ ئېچىلىپ يېيىلىپ غىزالىنىپ، بىمالال ھوزۇرلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ ۋە كىشىلەرگە بىر خىل ھۆرمەت، ئالىجاناپلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.
مۇلازىمەت؛ ئەمەلىيەتتە زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى مۇلازىمەت پەقەت چاي قۇيۇش ۋە تاماق تارتىشلا ئەمەس، مۇلازىمەتچىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى ۋە شەخسىي تازىلىقى ۋە كىيىنىشى خېرىدارنىڭ بۇ تائام سورۇنىغا قايتا كېلىش ياكى كەلمەسلىك قارارىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى تائام تىجارىتىدە تاماق ئۈستۈلىدىن تارتىپ، قاچا-قۇچا ۋە چوكا-قوشۇقلارغىچە بولغان نەرسىلەر تەكرار ئىشلىتىلىدۇ. مۇلازىمەتچىنىڭ ھەركىتى مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قايتا ئىشلەتكۈچىسى بولغان خېرىدارنىڭ خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەدەنىيەت ھوزۇرى؛ مەدەنىيەت تەبىئىي ھالدا مەلۇم ئۆزگىچىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، شۇڭا مەدەنىيەت ھوزۇرى تائام تىجارىتىدە كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار پەقەت يېيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، كۆرۈپ بېقىش، ھوزۇرلىنىش ئارزۇسىدا تائام تىجارىتى سورۇنىغا قەدەم باسىدۇ. مەدەنىيەت تۈسى بىناكارلىق، بىزەكچىلىك، ھۇنەر سەنئەت بويۇملىرى، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، تام رەسىملىرى، ئىشىك دەرىزە نۇسخىسى، پەردە ۋە رەڭ تاللاش قاتارلىقلاردا نامايەن بولىدۇ، مەلۇم ئاساسىي تېمىنى ياقلىغان مەدەنىيەت تۈسى كۆزگە چېلىقىدىغان كۆپلىگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ يىغىندىسى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە تەسىر قالدۇرىدۇ. شۇڭا، تائام سورۇنلىرىدا مەدەنىيەت ھوزۇرى مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تائام تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
گەپنى يىغقاندا، تاماق تىجارىتىدە تائام، مۇھىت، مۇلازىمەت ۋە مەدەنىيەت ھوزۇرى قاتارلىقلار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا، خېرىدارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. بۇ تۆت نۇقتىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ تىجارەت باشلىغان ئورۇنلار بىر مەزگىللىك تىجارەتتىن كېيىن تەبىئىي ھالدا تاقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. تولا ئۆزگەرتىش، تولا تەڭشەش پەقەت ئۆگىنىش ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلىك. تائام تىجارىتىدە خېرىدارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزچىللىق، شۇنداقلا بۇ تۆت نۇقتىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا نامايەن قىلىشتا شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ روھى ئىنتىلىشى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلماي بولمايدۇ.
ئۈرۈمچىكەچلىك گېزىتى 2014-يىلى 29- يانۋار كارخانىچىلار بېتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 17:39  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-29 22:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كارخانىچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇسا بولدىغان ياخشى ماقالىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش