تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1260|ئىنكاس: 37

ئابلاجان بوۋاقى ئوبزور-ماقالىلىرى توپلامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 657
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 16:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش

ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژورنالىست ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئەپەندى 1942-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا (چىلگە شال ئورمىسىدا) قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىغا تەۋە كۆك ئېرىق كەنتىدە دېھقان، باپكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئاتا-ئانىسى ئېيىتىپ بەرگەن ئەپسانە-رىۋايەتلەر، چۆچەك-مەسەللەر ۋە ئوتلۇق شېئىر-قوشاقلارنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەدەبىياتقا بولغان ئوت يېلىنجاشقا باشلىغان، دادىسىنىڭ «لاي-لاي» ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئاجايىپ مۇڭلۇق تۇيغۇلارغا چۆمۈپ، ھېكمەت ئۈنچىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن ئىبرەتلىك بېيىت-نەزمىلەرنى ئاڭلاپ، قەلبىدە ئەدەبىياتقا ھېرىسمەنلىك ئۇرىقىنى بىخلاندۇرغان ، شائىر كىچىك ۋاقتىلىرىدىن باشلاپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى جاۋاھىراتلاردىن بىرى بولغان نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادلىغان، كېيىن روس ئەدەبىياتىدىكى يارقىن نامايەندە بولغان ئۇلۇغ شائىر پۇشىكىننىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتابىدىكى شئېرلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ، ئەستايىدىل مۇتالىئە قىلىپ، سەبىي قەلبىدە شېئرىي ئىشتىياقىنى ئۇيغۇتۇپ، كونسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان، شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئەنە شۇنداق ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرگە كۆرە شائىرلىق كوچىسىغا قەدەم بېسىپ، 13 يېشىدىن باشلاپلا تەقلىدىي، مەشقىي « شېئىر» لارنى يېزىشقا باشلىغان.
شائىر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىياتقا دائىر كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغان، شېئىرىيەت ئىشقىدا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ، ئاجايىپ شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ، ھاياتىنى باقىيلىققا ئىگە قىلىش يولىدا ئىزدەنگەن.
شائىر 1957-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغانۋە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا تەئەللۇق بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىيات بىلىملىرى بويىچە ئەتىراپلىق تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، تىرىشىپ ئۈگەنگەن، 1958-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «نۇرلۇق چىراقلار» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، شائىر شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا «باھار تۇيغۇسى»، «نەي»، «بۇلاق»، «ھايات ئىشقى»، «گۈلجاھان»، «ئىنتىزارلىق»، «ھايات تۇغرۇلۇق ئويلار»، «دەسلەپكى قەدەم»... قاتارلىق كۆپلىگەن شېئر-داستانلارنى يېزىپ، شائىرلىقىغا ئاساس سالغان.
شائىرنىڭ ھايات، ئادەم، شائىر ۋە شېئىر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشقانچە «پەقەت شېئىر يازغان چېغىمدىلا ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس-قىلالايمەن» دەپ قاراپ، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ «پەرىشتە» گە ۋۇجۇدىنى ئاتاپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان.
بېشىدىن ناھايىتى كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن ۋە ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى يەتكىچە تېتىغان بۇ كەچمىشكە باي شائىر 1960-يىلى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خاتا سىياسەت تۈپەيلىدىن گېزىت-ژورنال ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇنسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل ئوتتۇرا مەكتىپىگە كالا ھارۋىسى بىلەن بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1961-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى ئېزىزانە قەشقەرگە تولىمۇ جاپادا يىېتىپ كېلىپ، ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا باراي دېگۈچە «سەۋەپسىز خىزمەت تاشلىۋەتكەن» دەپ خىزمەتتىن توختىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن مۇھىم قول يازمىلىرى، ئۆزى يىغىپ ساقلىغان پۇشكىن، لېرمونتوفلارنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى كىتابلىرى تەڭ يۇقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلغان، شائىر 1962-يىلىدىن 1964-يىلنىڭ كەچ كۈزلىرىگىچە دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن، قىغ توشۇغان، ھاشارغا بېرىپ، مەدىكارچىلىق قىلغان، جۇۋازمۇ ھەيدىگەن، كېيىن دىلكەشلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇپ، ئىلگىرىكى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشى پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. بىراق، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئەتسىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن شائىر 1965-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا تېگىشلىككى، شائىر «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي» دىمۇ ئاز جەبرى-جاپا تارتمىغان، ئەجەل ئوقى ئۇنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، تاسلا قالغان ئېزىز جېنىنى ئىسسىق تېنىدىن جۇدا قىلغىنى!
شائىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوتتەك چاغلىرىدىن باشلاپ، شېئىر يېزىشنى دائىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئۇلۇغ ئالىم-ئەدىبىلەرنىڭ ھاياتى، پائالىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، شۇ دەۋر ئېتىبارى بىلەن نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان قىسقا ماقالىلارنى يازغان، بۇنداق ئىزدىنىشلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ «دېڭىز ئۈنچىلىرى» ۋە «ئۇيغۇر شېئرىيىتى توغرىسىدا» دېگەن ئىككى پارچە مۇھىم كىتابنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئاساس بولغان، بۇ كىتابلار 1980-يىلى ۋە 1982-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋېلايەتلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى ۋە مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن بېسىلىپ تارقىتىلغان ھەب كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، شائىرغا ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن.
ئەدەبىياتقا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ھارماس تۆھپىكار شۇنىڭدىن كېيىن تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ « كىتاب ھەققىدە بالىلاردا»، «ئۆچمەس-يۇلتۇزلار»، «نۇزۇگۇم» ۋە « بۈركۈت ناخشىسى»....قاتارلىق داستان-باللادىلارنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش بىلەن بىللە « ئالتۇن ئاچقۇچ»( ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن بىللە)، «ئۆچمەس-يۇلتۇزلار»، «شەپەق جۇلاسى»، «رۇبائىيلار»، «قىيان»،  « ياۋا چىچەك»، « نۇرلۇق چولپان»، «سېھىرلىك ئالتۇن»، «كىتاب ۋە ئىجادىيەت»، «زۇمرەت ئېقىن»، « ئىككى دەۋر ئەدەبىياتنىڭ رىشتىسى-ئەھمەد زىيائى»، «بوز تورغاي»، «ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن شېئرلىرىدىن تاللانما»، «گۈلجامال»، «قالدى ئىز يۇلغۇن قىزارغان دالىدا»، «سۆيگۈ ئۇپۇقى»، «يۇلتۇز بىدار ئۇيقۇدىن»، « ھايات سەھىپىلىرى»، « مىڭ بىر رۇبائىي» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى پارلاق نامايەندىگە ئايلانغان.
بۇندىن باشقا شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن يەنە « نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» ، (بالىلار ئۈچۈن)، « ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى (2)»، « سەلەي چاققان لەتىپىلىرى»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، « قەشقەر ناۋاسى»، «ھېكمەتلىك سۆزلەر»، «شىرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە»، «سامان يولى»، «ئاجايىپ ئالتۇن»،  «قەشقەر خەلق چۆچەكلىرى». «ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايە»،«چىن تۆمۈر باتۇر» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم كىتابلارنى تۈزۈپ، ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىنى تاماملىغان.
شائىر 1980-يىلىدىن 1994-يىلى خىزمەتتىن ئارامغا چىققۇچە بولغان ئارلىقتا «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى «قەشقەر» ژورنىلى) ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ مىڭلىغان ئاپتورلارنىڭ تۈمەنلىگەن ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، تەھرىرلەپ، تەر سىڭدۈرۈپ، بىر ھەقىقىي مۇھەررىردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىزگۈ پەزىلەت ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتنى نامايەن قىلغان، شۇ چاغلاردا ئېنىقكى، « قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ نوپۇزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ژورناللار ئىچىدە كۈنسايىن ئېشىپ بارغان، (خۇددى ھازىرقى «قەشقەر» ژورنىلىغا ئوخشاشلا شۆھرەت قازانغان).
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە پەخىرلىك ھېسسىياتىمىز بىلەن قەلەمگە ئېلىپ، ئەۋلادلارغا ئۆلگە-ئۆرنەك قىلىپ ئەتىۋارلاشقا چوقۇم ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمىزكى، گەرچە بۇ تۆھپىكار، ھارماس، شىجائەتلىك قەلەمكەش 1994-يىلى سالامەتلىكىنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ئىشلەشكە يار بەرمىگەنلىكىدىن بىمەزگىل ئارام ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ئىجادىيەتتە ھەرگىزمۇ ئارام ئېلىشقا چىققىنى، قەلەم-دەپتەر، كىتابلىرىدىن ئىبارەت ئەڭ يىقىن ئۆمۈرلۈك دىلكەشلىرىنى بىر مىنۇتمۇ يېنىدىن ئايرىغىنى يوق، شۇنى ئېتىراب قىلماي بولمايدۇكى، ھاياتىنى ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە، ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ۋە شېئىرىيەتكە بېغىشلىغان زاتى مۇبارەك، تەۋەرۈك ئەللامىنىڭ يىغىپ-ساقلىغان كىتاب-ژورناللىرى 20000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، يالغۇز سانى جەھەتتىنلا كۆپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۈرى جەھەتتىنمۇ ھەرخىللىققا ۋە سەرخىللىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەنمۇ، كىتاب-ژورناللارغا ئوتلۇق ئىشتىياقى بار ئىخلاسمەن جەلب قىلىپ، زىيارەتچىلەرنى بىر موزىيغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. بەلكىم، كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا ھەم كىتابخانانىدا ماتېرىياللارنى مەزمۇنى، تۈرى، خاراكتېرى ۋە يىلى تارىخىي بىلەن رەتلەش خىزمىتى بويىچە ھاياتىنى بىر ئۆمۈر ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ كەلگەن بىر خىزمەتچىمۇ بۇ ئىشنى زىرىكمەس ۋە تېرىكمەس، ئەستايىدىللىقىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بۇ ئەدەبچىلىك تەرتىپلىك ئارتقۇزالماس....
شائىر كىتاب مەزمۇنىدىكى سۆھبىتىمىزدە كىتاب ھەققىدە شۇنداق سەترىلەرنى بايان ئەيلەيدۇ:«....كىتابتىن ئىبارەت بۇ ۋاپادار ھەمراھ ئۆمۈر بويى مېنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلمىدى، ئۇ چەكسىز سېھرىي كۈچى بىلەن قەلبىمگە سىڭىپ كىرگەن كۈنىدىن تارتىپلا مېنىڭ سادىق، دوستۇم ۋە سىردىشىمغا ئايلاندى، ھاياتىمدا يېڭى بۇرۇلۇش ياساپ، كۆز ئالدىمدا غايىۋى بىر دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى، كىتابتىن ئىبارەت بۇ ئەقىل- پاراسەت خەزىنىسى قەلبىمگە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشىق ئوتىنى تۇتاشتۇردى. كىتابتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مەكتەپ مېنى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەرلىك زۆرۈر بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇردى، كىتابتىن ئىبارەت بۇ ئىلھام بۇلىقى مېنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ خورىماس ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتتى... ھازىر مېنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ئازادە كىتابخانەم بار بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك كىتاب تەكچىلىرى ئالدىدا توختاپ، ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى سەرخىل گۈللەرنى پۇراپ ھوزۇرلىنىمەن، نەۋائىي، مەشرەب، پۇشكىن، لېرمومتوفقا ئوخشاش شېئرىيەت دانىشمەنلىرى بىلەن سۆھبەت قۇرىمەن، كىتاب-مېنىڭ روھىي يۆلەنچۈكۈم، بايلىقى ۋە بارلىقىم! ئوغۇل-قىزلىرىمغا مەندىن مىراس بولۇپ قالىدىغىنى مال-دۇنيا ئەمەس، بەلكى كىتابتىن ئىبارەت ئاشۇ مۇقەددەس بايلىق، مەن قالدۇرغان بۇ مىراس گەرچە ئۇلارنى ماددىي مەئىشەتكە ئېرىشتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما ئادەمىيلىك-ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، روھىي دۇنياسىنى بېيىتقۇسى، مەنىۋىيىتىنى كامالەتكە ئېرىشتۈرگۈسىدۇر...».
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تامامەن ھەقلىقمىزكى، كىتابتىن كۆپ مەنىۋىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن بۇ ئەزگۈ پەزىلەتلىك ساھىبى قەلەم ئىگىسى بولغان ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن كىتاب ئارقىلىق كونسايىن ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، زورايتىپ ۋە بېيىتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ، كىتابنى ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىش يولىدىكى مەشئەلگە، كومپاسقا، قۇلۋاققا ۋە شوتىغا ئايلاندۇرۇپ، ھاياتىنى گۈلگە ئورىغان، كىتابنىڭ ئوتلۇق خىتابىدىن ئالەمچە مەددەت ۋە ئىلھام ئالغان بۇ روھىي گۇمانىست تېنىمسىز پىكىر قىلىپ ۋە ئىزدىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تاكاممۇللاشتۇرۇپ، باقى ھايات دەرگاھىدىن ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرىگە كۆرە بىر كىشىلىك پەخىرلىك ئورۇن ئېلىپ، ئىنسانىي مۇپەسسەللىكنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئەقىل-ئىدراكنى مەنبە قىلغان قان-تەر بىلەنلا زاھىر بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق روھىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.
گەرچە ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئەپەندى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ مەنبەلىك ئىجادىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان مۇلھوسۇللۇق، ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىگە ئىگە، جەڭگىۋارلىق ۋە قەيسەرلىك خاراكتىرى ناھايىتى ئۈستۈن، روھىي ھەردەم ئويغاق، مىجەزى تۈزۈك ۋە سۈزۈك، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر بۇلبۇل سۈپەت ئەدىب بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئوخشاش شېئرىيىتىدە كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان يۈكسەك ۋە ئوتلۇق مۇھەببىتى شېئىرىيەت بىلەن باشلىنىپ، راۋاجلىنىپ، مۇقەررەرلىككە ئىگە بولۇپ، شېئىرىيەتتە ۋايىغا يېتىپ، بىر يېشىل روھ بوستانلىقىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان مۇھەببىتى نېسبەتەن چوڭقۇر، جەزبىدار ۋە ئۇلۇغۋار بولۇپ، بۇ خىل مۇھەببەت ۋە ھاياجان كېيىن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان «شېئر ۋە شائىر» دېگەن شېئىرىدا «شېئىر دېگەن شىرىن بولسا مەي كەبىي»، «شېئىر دېگەن ئوزۇق بولسا ئەقىلگە»، «شېئىر دېگەن بولسا جاننىڭ شىپاسى» دېگەندەك ئىجادىي ھەم ئىجابىي پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئاساس بولغان، شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن شېئىرغا ۋىجدانىي مۇئامىلە قىلىدىغان، شېئىرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىدىغان، شېئىرىي پاكىزلىقىنى ئەڭ ئۇلۇغلايدىغان ئىجادىي خاراكتېرىنى مۇقەددەس دەپ چاغلايدىغان ۋە شېئىرنى ھاياتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، ياشاش قورالىغا ئايلاندۇرغان شائىر، بۇھال ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، رىئالنى ئەمەلىيىتىدە ۋە سۆھبەت بايانلىرىدا روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، مەن يەنىلا ئۆز سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، شائىر ھەقىقى شېئىرلار ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دېگەندى:« ساپ ھاۋادىن تويۇپ نەپەس ئالغان چاغدىكىدەك ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، زوق-ھوزۇر بەخش ئېتىدىغان، ئۆزىنىڭ سېھرىي قۇدرىتى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ روھىي دۇنياسىدا بەلگىلىك كەيپىيات قوزغىتالايدىغان، ئارىدا مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاش-پىكىر قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرالايدىغان شېئىرلارنى ھەقىقىي شېئىر دەپ ھېسابلايمەن، بۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئېيتىلغاندەك  دەل ‹يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تېگىدىغان، شېئردۇر›...»
شائىر مۇھەررىرلىك خىزمىتى، مۇھەررىرنىڭ كەسپى ئەخلاقى ۋە ئىستىلىغا نېسبەتەن قانداق شەرتلەرنى قويۇش كېرەك، دىگەن سوئال پېقىر تەرىپىدىن«كاتىۋال» لىق بىلەن سورالغاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق جاۋابى بېرىدۇ: «بىر پارچە ئەسەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھرىرلەپ، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يورۇقلۇققا چىقىرىش مۇھەرىرىردىن كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئەمگەك، ئەدەبىيات ساھەسىدە قانچىلىغان ياش تالانت ئىگىلىرىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، قابىلىيەتلىك مۇھەررىرلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ، ئۇلارنىڭ خالىسانە ياردىمى بىلەن ئىجادىيەت نۇرىنى چاقنىتالىغانلىقى ھەرگىزمۇ تاسادىپى ئەمەس، بۇ جەھەتتىن مۇھەررىرنى ياش كۆچەتلەرنى پەرۋىشلەپ ئۆستۈرۈپ مېۋىگە كىرگۈزىدىغان چېۋەر باغۋەنگە، كېرەكلىك ياغاچ ماتىرىياللىرىدىن رەندىلەپ سىلىقلايدىغان ياغاچچى ئۇستىغا، ئالتۇن بويۇملارنى ئىكەكلەپ-سۈرتۈپ جۇلالاندۇرىدىغان ماھىر زەرگەرگە ئوخشاتساق ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز، ئۇلار ئەتراپلىق بىلىمگە، يۇقۇرى كەسپىي ئەخلاق ساپاسىغا ئىگە، سەزگۈرلۈك ۋە پىداكارلىق روھىغا باي كىشىلەردۇر، شۇڭا، ئۇلارنىڭ نامى ئەدەبىيات تارىخىدا ئاتاقلىق يازغۇچى-شائىرلار بىلەن بىر قاتاردا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ، بىزدىمۇ ئەنە شۇنداق ئەستايىدىل، كەسىپكە پىششىق مۇھەررىرلەر بولغان ھەمدە ھېلىھەم بار...»
بىز ھەممىمىز بىر ھەقىقەتنى چوقۇم تېگى-تەكتىدىن  قەتئىي چۈشىنىشىمىز زۆرۈركى، ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەر قانداق بىر ئىش خەيرلىك تەبەسسۇم بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، ئېتىقادتىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ھامان نۆل بىلەن تاماملىنىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئاددىي مۇتالىئەيىمىزنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان شائىرمۇ شېئر ھەققىدە توختىلىپ:« ھەقىقىي شېئىر مۇستەھكەم ئېتىقادتىن تۇغۇلىدۇ... ئېتىقاد سىڭدۈرۈلگەن شېئر دەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قىلىنغان ئىبادىتىگە ئوخشايدۇ، ئىنساندىكى روھىي سۈزۈكلۈك، مېھرى-مۇھەببەت، ئىرادە-غەيرەت ھەممىسى ئاشۇ خىل يۈكسەك ئەقىدىدىن كېلىدۇ. ئەقىدىسى بولمىغان ئادەمنىڭ نەپرىتى ئېنىق بولمايدۇ، مەۋقەسىز، مۇھەببەت-نەپىرىتى ئېنىق بولمىغان، ئەقىدە-ئېتىقادى ھەم بولمىغان ئادەمدىن ياخشى نەرسىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس، ئىنساندا چوڭقۇر ئېتىقاد،  يۈكسەك ئەقىدە بولغاندىلا ئاۋام ئۈچۈن ئاڭلىغۇدەك ۋە ئوقۇغۇدەك  ياخشى ئەسەرلەر چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا مەۋقەسىز، مەدھىيەۋازلىق، قۇللۇق ئېڭىغا تەۋە نەرسىلەر چىقىدۇ» دەيدۇ ھەم شۇنىڭغا ئۆزى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە ئەمەل قىلىپ، يۈزلىگەن شېئىرلىرىنى ئەل بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ھۆرمەتكە سازابەر بولىدۇ.
ھەقىقى شېئر توغرىسىدا جاھان ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان ھىيوگى شۇنداق دەيدۇ:«ھەقىقىي شېئر شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي شېئىر بولالايدۇكى، ئۇ ھازىرقى دۇنيانىڭ خۇش خەۋىرىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىچكى مەزمۇننىڭ روشەنلىكى ۋە سىرتقى شەكلىنىڭ ئازادىلىكى بىلەن بىزنى يەلكىمىزدىن بېسىپ تۇرغان پانىي دۇنيانىڭ ئېغىر يۈكىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.»
شېئىر- تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىشقىي ئېچىرقاش، روھىي سىقىلىش، جىسمانى يەكلىنىش ۋە ۋىجدانىي كۈۋەجەشنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر شېئىردا كۆتۈرەڭگۈ روھ، شېئىرىي « مەتانەت، كۈچلۈك جاسارەت، مېھرى ساداقەت ۋە ئەدلى-ئادالەت بالقىپ تۇرمىسا، چاڭقىغان دىللارغا روھىي ئۇزۇق بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ مەۋجۈدلۇقىنىمۇ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ، بۇندىن باشقا يەنە شېئىرنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىدىغان ئامىللاردىن تىل ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش روھىغا باي، سەمەرىلىك شائىرىمىز ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «شېئىر تىلى باشقا ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەر تىلىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن روشەن پەرق قىلىپ تۇرىدۇ... شېئىر تىلى ئانا تىلىمىزنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، سۆزلەرنىڭ كونكىرت مەنىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خىيالى، تەسەۋۋۇر، تۇيغۇ ياكى روھ ئامىلى قاتارلىق ئابىستىراكىت مەنىلەردىن پايدىلىنىپ، تىلنىڭ ئىچكى قەۋۋىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان تىلدۇر، ئۇ مەنە ئوبرازلىرى، قاپىيە ، ۋەزىن، شۇنداقلا سۆز تۈزۈلۈشىنىڭ ھەرخىل فورمۇلالىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بىز شېئىرىي تىلنىڭ رەڭدار-جەزبىدارلىقى، يۇمشاق-ئەۋرىشىملىكى، ئىپادىلەش كۈچىگە باي ۋە ئىخچام بولۇشتەك قۇدرەت-كارامەتلىرىنى خەلق قوشاقلىرى بىلەن كىلاسسىك شېئرىيەت نەمۇنىلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز...»
شائىر يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ ھەر قانداق بىر شېئىرىدا شېئىرىي تىلغا بولغان تەلىپىنى قاتتىق قويۇپ، بىرمۇنچە بەرنا شېئىرلارنى ئەلگە تەقدىم قىلدى، شۇنداق، شېئىر تىلى، جانلىق تىلغا ئەڭ يېقىن، قانداش تىلدۇر.
شېئىرتىلى-تىلنىڭ ھەممە پاساھەتلىرىنىڭ جەۋھىرى يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، بارلىق تەركىبىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىل-شېئىرىي تىلغا ئايلانغاندىلا يېڭىلىنىدۇ، مەۋجۈد بولىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ، بېيىيدۇ، باقىيلىققا ئىگە بولىدۇ، شېئىرسىز تىلنىڭ مەۋجۈدلۇقىدىن زادىلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئاناتىلىمىزنىڭ مەۋجۈدلۇقىنىمۇ فارابى شېئىرلىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب تىلى، نەۋائىي نەزمىگاھنىڭ تىلى، ۋەنىزارى تىلى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش مۇھىم دەپ قارايمەنكى، بىر مىللەت ئانا تىلنىڭ ھاياتى ۋە سېھرىي كۈچى، ئويناقلىقى، رەڭدارلىقى، جەزبىدارلىقى، گۈزەل، يېقىشلىقلىقى باشقا ھەر قانداق شېئىرىي تۈرگە كۆرە، كلاسسىك ئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتىمىزدىكى ئۇدۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، نازۇكلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى، لىرىكا تۈسى قويۇق، باغلىنىشچانلىقى مۇكەممەل بولغان غەزەلدە ئەڭ روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان بولۇپ، ئوتلۇق پىكىرلىك شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن غەزەللىرىدە بۇ خىل خاس ئالامەتلەرنىڭ جۇلاسىنى كۆرۈپ، ساداسىنى ھېس قىلىپ، بەھىر ئېلىشقا ئۈلگۈرىمىز، ئەمەلىيەتتە، بىز بۇ يەردە مۆھتىرەم شائىرنىڭ تەزمىن شەكلىدىكى غەزەللىرى بىلەن ئۆزى بىۋاستە يازغان خاس غەزەللىرى ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز.
بىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شئېرىيىتىگە ئەقىل كۆزىمىز ۋە چىن ئىخلاسىمىز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئالدى بىلەن ھەقىقى شئېرىيەتنىڭ گۈلتاجىسى، شاھ-سۇلتانى ۋە ساھىبقىرانى بولغان غەزەلنى شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئاكىنىڭ خېلىلا كۆپ يازغانلىقىنى، غەزەللەرنىڭ ئۇنىڭ شئېرىيەت ئالىمىدە خېلى غۇللۇق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قەلبى بىلەن قەلىمىدىن ئاپىرىدە بولغان غەزەللەرنىڭ ئارۇز ۋەزىننىڭ قاتتىق ئۆلچەملىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە رۇئايە قىلغانلىقىنى بايقايمىز، ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان ۋىجدانىي بۇرچۇم دەپ تونىغان بۇ تەلەپچان ئۇستاز، شئېر پەرۋانىسى ۋە ناۋاكەش بۇلبۇل ئەقىدە- ئېتىقادى بىلەن پۈتكەن غەزەللەرنىڭ مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار:
بىرىنچى، شئېرغا ۋىجدانىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ تالانتلىق شائىرنىڭ غەزەللىرى ۋەزىن، تۇراق، تەپئىللىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان ئاساستا يېزىلغاچقا، ئالدى بىلەن شۇ قەدەر راۋانكى، ئۇ باھاردىكى تاغ سۈيىنىڭ ئويناقلىقىنى، بۇلاق سۈيىنىڭ شوخلۇقىنى ۋە دەريا- تارام سۈيىنىڭ دولقۇنلۇقلىقىنى ئەسلىتىپ، ئوقۇرمەننى غەزەلنى غەزەلدەك ئوقۇشقا دالالەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى بېرەر سۆز ياكى بوغۇم خاتا تەلەپپۇز قىلىنىپ قالسا، شئېر (مىسرالار)نىڭ رېتىمى بۇزۇلۇپ، ئوقۇرمەننى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، ئايانكى، غەزەل شئېرىي مىسرالارنىڭ ئىزچىللىقى ۋە زەنجىرسىمانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر شئېرى تۈر. يەنە بىرى، شائىرنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەنلا پۈتىدىغان شئېرىي تۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەقامىغا كەلتۈرۈپ يېزىش ۋە ئوقۇشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس، غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى قايسى بەھرىدە يېزىلغان بولسا قالغان بېيىتلىرى شۇنداق يېزىلىدۇ. بىزنىڭ پەخىرلىك شائىرىمىز بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.
ئىككىنچى، غەزەل باشقا ھەر قانداق شئېرىي تۈرگە قارىغاندا، مىسرالارنىڭ راۋان بولۇشنى يۈكسەك دەرىجىدە تەلەپ قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي (شەكلەن) گۈزەللىكىگە نۇقسان يېتىشنى ئەسلا خالاپ كەتمەيدىغان، شئېرىيەت زېمىنىغا ئەڭ بۇرۇن يىلتىز تارتقان بىر شئېرىي تۈر بولغاچقا، ئۇ بىر قەلەم بىلەنلا پۈتىدىغان قىسقا، لىرىك شئېرلاردىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ھەقىقى يوسۇندا پىشقان غەزەلنىڭ مىسرالىرىدىكى ھەر قانداق بىر سۆزنى ئالماشتۇرۋەتسە شۈبھسىزكى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە شۇ قەدەر ئېغىر تەسىر يېتىدۇكى، بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، بىز بۇ يەردە شائىرنىڭ «باھار سېغىنچى» دېگەن غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!
«گۈلباھارىم، ھۆر سىياق خەندان ئۇرۇپ بىر كەلگىنە،
قىش بوۋاينىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ بىر كەلگىنە.

ئىنتىزار ئەتتىڭ ئەجەب، تاشتى سەۋر پەيمانىسى،
مەڭدىتىپ زۇلمەتنى، ئوتقاشتەك يۈرۈپ بىر كەلگىنە.

چاچقۇ ئەيلەي، مەشۇقۇم، شەنىڭگە نورۇزلۇق يېزىپ،
قۇتلىشايلى ئەنجۈمەن- بەزمە قۇرۇپ، بىر كەلگىنە.
لەيلىنى كۈتكەن كەبى كۈتتۈم سېنى مەجنۇن بولۇپ،
كۆرسىتىپ دىدار، كۆڭۈلنى تىندۇرۇپ بىر كەلگىنە.
ئەي باھار، مېھرىڭ بىلەن بىمار جېنىمغا جان قوشۇپ،
مۇرغى ھۇمانى بېشىمغا قوندۇرۇپ بىر كەلگىنە».
(«تارىم» 2012-يىل، 2- سان)
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ غەزەل شۇنچىلىك يېقىشلىق، پىشقان ۋە تاۋلانغان بولۇپ ئەنئەنىۋىي غەزەلچىلىكنىڭ ئەندىزلىرىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىشقا بولىدۇ، بىراق، ئۇنىڭ بەرنا مىسرالىرىدىكى ھەر قانداق بىر سۆزنى ئالماشتۇرۇشقا، ئېلىۋىتىپ باشقا سۆزنى قويۇشقا، قىسقارتىشقا ياكى ئۇزارتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر زورمۇ- زور شۇنداق قىلىنسا، ئۇنىڭ سۈپەت- سالاپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، جىلۋىدارلىقى ۋە جەلبكارلىقىدا سۈنئىيلىك ۋە خۇنۇكلۇك نامايەن بولىدۇ، بىز ئايرىم مىسرانى مىسال ئېلىپ كۆرسەتمەستىن، بىر غەزەلنى بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق، تۈمەنلىگەن غەزەل ئاشنالىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈپ، پىكىر قاتناشتۇرۇشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئۈچىنچى، غەزەل باشقا ھەر قانداق شئېرى تۈرگە كۆرە تىلنىڭ راۋان، ئەۋرىشىم، جانلىق، ئىخچام، مەتانەتلىك ۋە لاتاپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋىي شئېرىي تۈر بولۇپ، ئۇنىڭدا تىلنىڭ بارلىق ئويناق، كۆركەم، جىلۋىدار ئىمكانىيەتلىرى ھەردەم ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. شۇنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، غەزەل تىلى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەنىۋىي فۇندى بولۇپ، بۇ يېشىل جاۋاھىراتلار بىلەن خەزىنە روھىي مەدەنىيەت ئارخىبىنى تۇغۇزۇپ چىقىشنىڭ ئەبەدىيلىك ئاساسىدۇر.
شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن شئېر تىلىغا، بولۇپمۇ غەزەل تىلىغا ئالاھىدە چىن ۋىجدانىي بىلەن تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتقان غۇرۇرلۇق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شئېرلىرىدىن (غەزەللىرىدىن)بېرەرمۇ زورمۇزور قوشۇپ قويۇلغان، مەنىسى خۇنۈك بولغان، ئورامىغا چۈشمىگەن سۆزنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، جىپىسلىشىشى ۋە شئېرىي گارمۇنىك قۇرۇلما ھاسىل قىلىشى، شۇنداقلا شائىر ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان پەلسەپىۋىي مەزمۇن- پىكرىگە ماس كېلىشى ئوقۇرمەننى چەكسىز روھ گۈلىستانىغا باشلاپ كىرىدۇ. يۇقۇرىقى پىكرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن شائىرنىڭ «قەشقەر» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان ھەر خىل غەزەللىرى ئىچىدىكى «سەمەندەر» ناملىق غەزىلىنى پۈتۈن سۈرۈك كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«ئىشىق يولىدا جان بېرىپ بەرھەق جاھاندىن كەتمىكىم،
مىسلى تاھىردەك شېھىتلىك شەۋكىتىڭگە يەتمىكىم.

قەلىمىم خەنجەر، رېڭىم قان، شئېرىم زۆھرە مېنىڭ،
پەرز ئىجادتىن دىل چۆلىستانىنى گۈلزار ئەتمىكىم.

پۈتسە ئەشئارىم يۈرەكتە شادلىقىم دولقۇن ياسار،
قۇت ماڭا نازىم بىلال، مەشرەب بىلەن ئۆلەتلىكىم.

دۇچ كېلەر شائىرلىقىمغا ھەر دوقالدا بىر سىناق،
كەلسە پۇرسەت مەردىمەيداندا سىنالغاي مەردلىكىم.
كۆلتېگىننى قىسمىتى سالغان سەمەندەر ھالىغا،
جان قوشار مىسرالىرىمغا يار بىلەن ھەمدەردلىكىم».
بۇ بەش بېيىتتىن تەركىب تاپقان غەزەلدە تىل شۇ قەدەر پىشىپ، مەي باغلاپ ۋايىغا يەتكەنكى، لىرىك قەھرىماننىڭ خاس خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ بەغايەت كۈچ- قۇدرىتىنى ئاجايىپ سېھرى ھالەتتە نامايەن قىلغان.
تۆتىنچى، شائىرنىڭ ھەر بىر غەزىلى ئەنئەنىۋىي غەزەلچىلىكنىڭ ئېسىل ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلغان ھالدا بەش بېيىتتىن توققۇز بېيىتقىچە يېزىلغان بولۇپ، لىرىك قەھرىماننىڭ بېسىلغۇسىز ھېس- ھاياجىنى پەقەت ئاشۇ قىسقىغىنا شئېردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، شائىر غەزەللىرىگە ئاساسەن يەتتە بېيىت بىلەن تۈگەللەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، غەزەل پىرى، ھەزرىتى مىر ئەلشىرنەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلغان.
بەشىنچى، شائىرنىڭ ھەر بىر غەزىلىدە نىسبەتەن يېڭى- يېڭى مەزمۇنلار يارقىن ئىپادىلىنىپ، ئۇنىڭدىن تارىغان ئىشقىي جۇلانىڭ مەتانىتى ۋۇجۇدلارغا تاراپ، شائىردىن ئىبارەت شئېرىي ئوبرازىنىڭ چەكسىز چاڭقاش ئىلكىدىكى پىغانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتە، رۇشەن خاسلىقى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەمدە ۋىسالىغا تەلپۈنگەن باغرى قان بۇلبۇلنىڭ يۈرەك ساداسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. شۇنداقلا پىكىردىكى پەلسەپىۋىي چاقناشلارغا كۆرە، كۆڭۈللەرگە ھەم تەسەللىي ھەم مەدەت بېرىپ، تۈمەنلىگەن شەيئىلەرنى كۈزىتىش، بايقاش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىكى تالانتىنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلغان. بۇ پىكرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇنىڭ «قالۇر» دېگەن غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتسەكلا كۇپايىدۇر:
«پانىي ئالەمدىن كېتەرمەن دەردى دەۋرانلار قالۇر،
بىللە ئويناپ، بىللە ئۆتكەن دوست- قەدىردانلار قالۇر.


ئاغزىدىن بۇلبۇلگويادەك دۇر، جاۋاھىرلار تۆكۈپ،
خۇلقىدا كۆڭلۈمنى ئۇتقان يارى- جانانلار قالۇر.

بىر ئۆمۈر دەشتى جۇنۇندا ئاقتۇرۇپ يار ۋەسلىنى،
يارنى دەپ سەۋدايى بولغان خانىۋەيرانلار قالار.

پەسلى كۆكلەمدە قەلەمداشلار بولۇپ جەم ئۆز-ئارا،
ئەنجۇمەن- بەزمە قۇرۇشقان سەھنە- مەيدانلار قالۇر.

ساددىلىق دەستىدە رەڭۋازلىق- رىياغا ئالدىنىپ،
كارى- بارىدىن جاھاننىڭ ئەقلى ھەيرانلار قالۇر.

كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتمەك ئىستىكىدە جان تىكىپ،
ھالقىغان تاغۇ داۋاندىن يولچى- كارۋانلار قالۇر.

بىر ئۆمۈر جەننەت قۇشىدەك تاڭنى چىللاپ كۈيلىگەن،
كۆلتېگىندىن كەلگۈسىگە ئارزۇ- ئارمانلار قالۇر.».
(«قەشقەر ورنىلى» 2010- يىلى 6- سان)
ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە بۇ غەزەلدىكى بىشارەت ھاياتنى قەدىرلەپ، ئىجاد ۋە مېھنەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، كۆڭۈل كۈتكەن مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ ۋە پىدا قىلىپ، ئەۋلادلار يېتىشنى ئارزۇ- ئارمان قىلغۇدەك چوققا ھاسىل قىلىپ، مەنىۋىي ئېرا ۋە ئىجاد قىياسى ھاسىل ئەيلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇنداق يەكۈنلەشكە تامامەن بولىدۇكى، بۇ غەزەلدە ياڭراپ تۇرغان ھاياتلىق ناخشىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قىسمىتىگە ئورتاقلىشىپ، ئاجايىپ شئېرىي كەكلىك يارىتىپ، پەلسەپىۋىي جۇلاكارلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.
ئالتىنچى، شائىر غەزەللىرىدە ئەجدادلارغا تەنقىدىي ۋە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە جۇشقۇن، يارقىن، مۇڭلۇق شئېرىي ئۇسلۇب يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، شئېرىي دىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ۋە جەڭگىۋارلىشىشىدا، شئېرىي كەڭلىكىنىڭ پايانسىزلىشىشىدا ۋە ئىشقى پىغاننىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاجايىپ يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرگەن.
يەتتىنچى، شائىر ھەر بىر غەزىلىدە بەرنا مىسرالارنىڭ بولۇشىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ بەرنا مىسرالار ھەر بىر غەزەلگە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىپ، شئېرىي جىلۋىدارلىقنى ۋە جەلبكارلىقنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن:
«سالدىيۇ جانغا كۆيۈك، ئۆلتۈردى بەرمەستىن سۆيۈك،
كۆلتېگىننى كەر بالا دەشتىدە سەرسان ئەيلىدى.».
«سەرسانلىق»دىن.
«ئىشق ئوتىدا كۆيسە جىسمىم ئاق تىكەندەك گۈركىرەپ،
تەن ئازابنىڭ تۈگمىنىدە پارە- تالقان بولغۇسى.
ئىشق كىتابىدىن ئوقۇيمەن دەرسىي ھېكمەتنامىنى،
كۈللى ئالەم سىرلىرى قەلبىمدە مېھمان بولغۇسى».
«بولغۇسى» دىن.
«چۆكۈپ كەتكەن كەبى بال ھەرىسى گۈللەر ئاراسىغا،
سىڭىپ كەتتىم گويا مەنمۇ نىگارنىڭ كۆز قاراسىغا.
جېنىمنى كۆيدۈرەر شىرىن ئازاب، ئېلكىمدە يوق ئەركىم،
قاچانكىم مۇپتىلادۇرمەن بۇ يەڭلىغ ئىشق بالاسىغا.
كۆزىدىن ئەجدىھادەك ئوت چېچىپ ئۆرتەيدۇ جىسمىمنى،
بولۇر كۆكسۈم نىشان كىرپىك ئوقىنى سالسا ياسىغا».
«ئىشق ئاھى»دىن.
ئىزدەپ كەلسەك بۇنداق بەرنا مىسرالار شائىرنىڭ ھەر بىر غەزىلىدە مۇئەييەن مىقداردا كۆزگە تاشلىنىپ، قايىللىق تۇيغۇمىزنى ئاشۇرىدۇ.
سەككىزىنچى، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش نېسبەتەن زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا دېگۈدەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، مۇبالىغە، سىمۋول، سۈپەتلەش ۋە جانلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل، چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك ئەۋرىشكىلىرى ئوقۇرمەن قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، ئىنسان روھىنىڭ چەكسىز كۈچ- قۇدرىتىنى، ئازابىنىڭ شىرىن تەمىنى ۋە ھەقىقەتنىڭ جۇلاسىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ خىل ھالەتنى شائىرنىڭ ھەر قانداق بىر غەزىلىدىن تاپقىلى بولىدۇ.
ئەمدى بىز بۇ ئوت يۈرەك شائىرنىڭ تەزمىن تۈسلۈك غەزەللىرىگە كۆڭۈل بېرىپ ئۆتەيلى!
تەزمىن-ئەجدادقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە پەخرى ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلى غەزەلدىكى پىكرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىكىر ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، شائىرنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان شائىرلار يېزىپ قالدۇرغان ئەڭ ئېسىل غەزىلىنىڭ باشتىكى بىر بېيىتىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى يىپ- يېڭى بىر قىياپەتتە ئۇلاپ يېزىپ، تالانتىنى نامايەن قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلغان شئېر تۈرىدىن ئىبارەتتۇر. تەزمىندە ئاساسەن ئالدىنقى شائىرنىڭ غەزىلىنىڭ باشتىكى بېيىتىنى كۆچۈرۈپ ئېلىنىپ، پىكىر ئىزچىللىقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە ۋارىسلىق ئاساستا ئۇستىلىق بىلەن تاماملاش ئاساس قىلىنىدۇ، ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا ئالدىنقى شائىرنىڭ غەزىلىنىڭ ئەڭ بەرنا، ئېسىل مىسرالىرىدىن ئىككى مىسرا تاللىۋىلىپ، ئوچۇق قاپىيەلىك غەزەل شەكلى ھالىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ يازىسىمۇ ھەم بولۇۋىرىدۇ. بىراق، تەزمىن شەكىللىك غەزەل يازغاندا چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
بىرىنچى، تەزمىنلىك غەزەلگە تۇتۇش قىلغان شائىر ئەسلىدىكى غەزەلنىڭ قۇرۇلمىسىغا، بەھىر ئايرىمىسىغا، ۋەزىن تۈزۈلمىسىگە ۋە تۇراق بۆلۈنمىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ بىردەك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ھۆرمەت تەختىدىكى شائىرنىڭ غەزىلىنىڭ پىكرىنى بېيىتىش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ غەزىلىنى تەكرار- تەكرار ئوقۇپ چىقىپ، ئوبدان ھەزىم قىلىپ، ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ يېرىم- يارتا ئوقۇپلا قەلەم تەۋرىتىپ، ئۆز ئىجادىيەت ئەخلاقىغا داغ تەككۈزۋالماسلىقى كېرەك.
ئۈچىنچى، مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن يېقىدىن ۋە ياكى بەدىئىي رەڭدارلىق يېقىدىن بولسۇن، ئەسلىدىكى شائىردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن قان- تەر سىڭدۈرۈپ، ئۆزلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئەگەر يولىنى ۋە ئەپلىك ئۇسۇلىنى تاپالىسا، ئەسلىدىكى شائىرغا بولغان ھۆرمەت- ئىپتىخارىنى، رەھمەت- بارىكاللىسىنى ۋە شۈكرى-ھەشقاللىسىنى ئىپادىلەپ قويسىمۇ بۇلۇۋىرىدۇ.
بەشىنچى، ئەسلىدىكى زاتى مۇبارەت شائىرنىڭ ئىجادىيەت خاھىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر بۇ تەلەپ ئۆز لاياقىتى ۋە ۋىجدانىي بالاغىتى بىلەن ئورۇندالسا، يېزىلغۇسى تەزمىننىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك، جانلىق، جەزبىدار، مەزمۇنلۇق چىقىشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ھېس قىلىشىمچە، شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن بۇ تەرەپلەرگە ئاڭلىق يوسۇندا ئەھمىيەت بېرىپ، 2009- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر نەۋائىي ھەزرەتتىن تەجەللى جانابلىرىغىچە بولغان كلاسسىك شائىرلارنىڭ غەزەللىرىدىن بىردىن (باشتىكى بىر) بېيىتىنى ئېلىپ، ئۇلارغا تەزمىن يېزىپ، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرلۇق چولپان كەبى نامايەندىلەرگە بولغان كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ھەم تىۋىنشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە ئۇلاردىن ئەبەدىي ئۆگىنىش ئىرادىسىنى ياڭراق دىل خىتابى بىلەن زاھىر ئەيلەپ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي روھ مەشئىلىنى يورۇتۇپ بەردى. شائىر تەزمىن يېزىش جەريانىدا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئاجايىپ رەڭدار ۋە پاساھەتلىك غەزەللىرىدىن بەدىئىي زوق- لەززەت ئېلىپ، ئۆز ئىجادىيىتى ئۈچۈن بۇ ئۆلكىلەرنى مەنبە ۋە قانات قىلىدۇ.
شۇنداق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، تەزمىن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت قەددىمىي مىللەتنىڭ شۆھرەتلىك ئەدەبىياتىدا يېڭى تۈر ئەمەس، ئۇ ئەزەلدىنلا ئەدەبىياتىمىزدا بار بولۇپ، ئەۋلادلار ئەجدادلارنىڭ بۇ شئېرىيەت ئەنئەنسىگە سادىق بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ، مەتبۇئات نەشىر-ئەفكارلىرىدا تەزمىننى كۆرمەك قىيىن بولۇپ قالغانىدى، ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چىن ئىخلاس باغلىغان، ئەتىسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، كۆڭۈل بەرگەن ۋە ئىشقىدا پەرۋانە بولغان بۇ شائىر قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بىر مۇنچە تەزمىنلەرنى يېزىپ، «تارىم» ۋە «تۇرپان».... قاتارلىق نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلدۇرۇپ، شئېرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەقىل كۆزلىرىنى چاقنىتىۋەتتى. شائىر بۇر تەزمىنلەرنى يازغاندا، ھەرگىزمۇ پايدا- مەنپەئەت ۋە شان- شۆھرەت قوغلۇشۇپ، زورۇقۇپ يازماستىن، بەلكى، كلاسسىك شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت يولى، ھايات پائالىيەتلىرى ۋە غەزەللىرىنى تەتقىق قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجادىي پىكرى پىشىپ يېتىلگەندىلا قەلەم تەۋرىتىپ، تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈردى، ئېلان قىلىشقا ھەرگىز ئالدىراپ كەتمىدى، تەھرىر بۆلۈملەرگە ئەۋەتكەن تەزمىنلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنماي قالسا، رەنجىمەستىن، ئەسەرلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقتى.
شائىرنىڭ تەزمىنلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋىلىش مۈمكىنكى، ئەسلىدىكى شائىرنىڭ بىر بېيىتىغا باغلانغان ئىجادىي غەزەل مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن شۇنداق جىپىسلىشىپ كەتكەنكى، گويا جان بىلەن تەنگە ئوخشاتساق ناھايىتىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، بىز ئۇنىڭ ھەزرىتى نەۋائىي قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «مۇپتىلا» رادىغلىق غەزىلىگە باغلىغان تەزمىنىنى كۆرۈپ ئۆتسەكلا، يۇقۇرقى قارىشىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ۋە پاكىتقا ئۇيغۇنلىقىنى ھېس قىلالايمىز:

«ۋەھكى بولدۇم ئىشق ئارا بىر بىۋەفاغا مۇپتەلا،
بولمىسۇن ئەھلى ۋاپا مۇنداق بەلاغا مۇپتەلا».
-                                    نەۋائىي
ئەيلىدى قىسمەت توساتتىن ئىشق بازارىدا مېنى،
سۇدىكى قۇندۇز سىياق قاشى قاراغا مۇپتىلا.

جان سەمەندەردەك كۆيۈكتە ئۆرتۈنۇر شۇندىن بېرى،
ئەقلى ھەيرانلىقتا بولغاچ دىلرەباغا مۇپتىلا.
نە بىلەي باشتا سېھىرگەر جىلۋىسىگە باغلىنىپ،
بولمىقىمنى جان ئالار بەرقى زىياغا مۇپتىلا.

ئاي يۈزىدىن نۇر تۆكەر گاھى ماڭا، گاھ ئۆزگىگە،
دىل بېرىپ، بولدۇم نېتەي كۆڭلى ئالاغا مۇپتىلا.

دەر ھېكىم: لەئىلى شارابىدىن شىپالىق تاپقۇسى،
سۆيگۈ ئەھلى بولسا رەنجى بىداۋاغا مۇپتىلا.

كۆلتېگىن ئىشق دەشتىدە ئۆتتۈڭ بېسىلماي چاڭقىقىڭ،
بىر ئۆمۈر ئەيلەپ ۋاپا، بولدۇڭ جاپاغا مۇپتىلا».
شائىرنىڭ بۇ تەزمىنى ئالاھىدە ئەجىر ۋە قان- تەر بەدىلىگە پۈتكەن بەرنا غەزەللەر جۈملىسىدىن ھېسابلىنىشقا تامامەن ھەقلىق بولۇپ، شائىرنىڭ شئېرىي ئىستىداتى خېلىلا جايىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ۋە غەزەل پىرى نەۋائىينىڭ مۇقامىغا تەڭكەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ھەم شۇ غەزەلگە ھازىرغىچە باغلانغان تەرمىنلەرنىڭ ئالدى بولۇشقا مۇناسىپ دېيەلەيمىز. بۇندىن باشقا شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىننىڭ سەككاكى، لۇتفى، ئاتايى، سەئىدى، ئايازى، مەشرەب، گۇمنام، قەلەندەر، خۇشھال غېرىب، ئەرشى، زوھۇرى، مەھزۇن، مەشھۇرى، سالىھى، ناقىس.... غەزەللىرىگە يانداشقان (باغلىغان) تەزمىنلىرى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەۋلادلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ۋە ئۆلگە ئېلىپ، ئىجادىي پىكىر قىلىپ، شئېرىيەتنىڭ يېڭى مەنزىلىگە يۈرۈش قىلىشىغا ئاساس بولالايدۇ.
دېمەك، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمرىنى بىر ئۇلۇغ، قەدەمىي، ئىپتىخارلىق مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشكە، ئەللەر ئارا تونۇتۇشقا ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، پۈتمەس- تۈگمەس شان- شەرەپ كەلتۈرۈشكە سەرپ قىلغان شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ئاكا ھاياتىنىڭ 70- داۋىنىدىن ئۆتۈپ بولۇپمۇ، قەلىمىنى زادىلا تاشلاپ قويماي، پارلاق ئەتىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، سۈبھىدىكى قۇياش نۇرىدا جۇلالانغان «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»دەك ئۆز تالانتىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى غەيرەت- شىجائەت بىلەن چاقنىتىپ، چەكلىك ھاياتىنى چەكسىزلىك پايانىدىكى باقىيلىققا ئىگە قىلىپ، سەمىمىيەتنى چىن دىلىدىن ئىپادىلىمەكتە.
مەن ئاخىرىدا بۇ تۆھپىكار ئۇستازغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سالامەتلىك، بەخت- سائادەت، خاتىرجەملىك، بەدىئىي دىت ۋە پۈتمەس- تۈگمەس شان- شەرەپ تىلەپ، بۇ تاققۇر- تۇققۇر يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
2012- 11- 22.23-كۈنلىرى، كېچە- كۈندۈز، كاشغەر




شائىر تۇرسۇن نىياز ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش
ماقالە)


بىر ئۆمۇر يۇرەك قېنىنى مىللەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا ئاتاپ ، ئۈن – تىنسىز تەر ئاققۇزۇپ ، قەلبلەر گۈلىستانىدا پورەك – پورەك خۇشپۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ ، مىنەتتىن خالىي ھالدا گويا ھېچ ئىش قىلمىغاندەك ياشايدىغانلار ئارىمىزدا ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكنى ئىجادىيەتتىن ھەمدە ياش بوغۇنلارنى بايقاپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىزدەپ ، تەلەپكار شاگىرىتلىرنىڭ قۇچقان شان – شەرىپىدىن غورۇرلىنىپ ، ئەبەدىيلىك بەخت – ئامەتكە ئېرىشكەندەك خۇشال – خۇرام يۇرەلەيدىغانلارمۇ ھەم كۆپ بولمىسا كېرەك . شائىر، ژورنالىست تۇرسۇن نىياز ئەنە شۇ ھەسەدتىن يىراق ، ھىممەتكە يىقىن، نېئمەتىتىن تاماسىسز ، قىممەتكە يىقىن ، قىسمەت بەدەللىك مېھنەتكە يىقىن پىشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتىدا «ئۇزۇن سەپەر ناخشىكىرى » ، « سۇدىن چىققان پەرىزات » ، « بۆشۇك ۋە قەبرە » ، « سالام يۇلتۇزلار » ‹باشقىلار بىلەن بىللە ›، « ياشلىقىمدا يېزىلمىغان شئېرلار » قاتارلىق مۇنەۋۋەر شئېرلاردىن تەركىپ تاپقان شئېرلار توپلاملىرىنى؛ « ئاچا – سىڭىل » ، « سادا » ‹باشقىلار بىلەن بىللە › ھېكايە توپلاملىرىنى ۋە « ئەگرى شاخنىڭ تەقدىرى » ناملىق مەسەللەر توپلاملىرىنى چىن ئىخلاسى بىلەن روياپقا چىقىرىپ ، نەشىر قىلدۇرۇپ ، شۇنداقلا «100 ھېكايە » ، « قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر » ، « تۇمەن دەرياسى» ، « سامان يول » ‹باشقىلار بىلەن بىللە › قاتارلىق شئېر – ھېكايىلەر توپلاملىرنى تۇزۇپ تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرۇپ ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ئىقتىدارلىق شائېرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر .
شائېر تۇرسۇن نىياز 1940- يىل  12 -  ئايدا قەشقەر پەيزىۋات ناھىيسى غولتوغراق يېزىسنىڭ بەشتۇپ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1957- يىلدىن 1960- يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستتوتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان 1961 - يىلدىن 1984- يىلىغىچە پەيزىۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى،« قەشقەر گېزىتى » ئىدارىسىدە تەھرىر ، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن .  1984- يىلىدىن   2003-يىلىغىچە«قەشقەر ئەدەبىياتى»‹ھازىرىقى ‹‹قەشقەر ››ژورنىلى › تەھرىر بۆلۇمىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى بولۇپ ئىشلىگەن .
شائېر تۇرسۇن نىيازنىڭ دەسلەپكى شئېرى 1959 - يىل ‹ ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا › « شىنجاڭ ياشلىرى » گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان . «قەھرىمان قەبرىسىنى يوقلاپ» ناملىق شئېرى بىلەن باشلانغان بولۇپ ، تا ھازىرغىچە ئۇزۇلۇپ قالغىنى يوق . ئەمەليەتتە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا باشلانغان بولۇپ ، ئۇ شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ : « راستىنى ئېيتسام مېنىڭ شئېرغا بولغان ھەۋىسىم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا باشلانغان بولۇپ ، شۇنىمۇ شۇ چاغدىكى سىنىپ تەربىيچىمىز ئېيسا ھەسەن ، قۇربان يۇسۇپ ، مۇھەممەد مەسۇم قاتارلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچلىرىمنىڭ كۈچلۇك تەسىرىدىن ۋە ئىلھام – رىغبىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇ ئېيسا ھەسەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىچىدە خېلى نامى بار ، ئىقتىدارلىق ، تەلەپچان كىشى بولۇپ ، ئۆزى ئۆتكەن ھەر سائەتلىك دەرستىن كىيىن بىرەر ماقالە ياكى تەسىرات يازدۇرۇپ باقاتتى ياكى يېزىپ كېلىشنى تاپشۇرۇق بىرەتتى، ئەگەر ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالساق كېيىنكى سائەتتە سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرۇشمىز تەسكە توختايتتى ، ئۇ ھەمىشە ئۆتۇلگەن دەرسلەرگە بىرلەشتۇرۇپ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر قىسىم شائېرلىرىمىزنىڭ نەمۇنىلىك شئېرلىرنى تولۇپ -تاشقان ئىپتىخارلىق ئىلىكىدە قائىدىلىك دىكلىماتسىيە قىلىپ بىرەتتى ۋە يادقا ئېلىپ كىلىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى ، كىيىن بۇ ئوقۇقۇچۇم يوتكىلىپ كىتىپ قۇربان يۇسۇپ ئىسىملىك بىر مۇئەللىم ئەدەبىيات دەرسى بەردى ، ئۇ تولىمۇ ئاقكۆڭۇل ، سەمىمى ، خۇشئاۋاز ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن خەلق قوشاق – بىيىتلىرى ۋە ماقال – تەمسىلىرى توكۇلۇپ تۇراتتى ، دۇتارنى ياخشى چالاتتى ».
شۇنداق ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ بىر ئىلىم تەلەپكارى بولغان ئوتلۇق يۇرەككە ئىگە شاگىرتقا نىسبەتەن ئەنە شۇنداق تەلەپچان ئۇستازنىڭ ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ . شائىر تۇرسۇن نىياز دائىم دېگۇدەك ئاشۇ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسنى تىلغا ئىلىپ ، ئۇنىڭ «تاھىر – زۆھرە » دىرامىسىدىكى « زۆھرە جانىم» دېگەن مۇھەببەتلىك لىرىك ناخشىسىنى ئاجايىپ زوق – ئىشتىياق بىلەن ئېيتىدىغانلىقىنى ، ھازىرغىچە ھىچكىمنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ئىيتىپ باققانلىقىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ، ئاشۇ ناخشىدىن ئۆرلەپ تۇرغان مۇڭ – پىغان ۋە نالە – پىغاندىن مەرھۇم ئوت يۇرەك شائېر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ پۇت – قولى باغلانغان ھالدا دۇشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ، توغرىسى قانلىق جادۇسى ئاستىدا قىلچە تىز پۇكمەي ، كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي ، مەردانىلارچە كۆكرەك كىرىپ ئالغا كىتىۋاتقان قىياپىتىنى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى ھەمدە بۇ بىر سائەتلىك تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مەڭگۇ ئېسىدىن چىقمايدىغانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ھېكايە قىلىدۇ . شائىر شۇ كۇندىن، شۇ سائەتلىك دەرستىن ئىتىبارەن شئېرغا بولغان ھەۋىسىنىڭ باشقىچە كۇچەيگەنلىكىنى،  ۋاقىت چىقسىلا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، تېيىپچان ئېلىيۇفلارنىڭ شئېرلىرنى تېپىپ ئوقۇپ يادقا ئېلىۋالغانلىقىنى ، كىيىنچە تاتار خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى ئابدۇللا توقاينىڭ تاشكەنتتە بېسىلغان بىر پارچە شئېرلار توپلىمىغا ئىرىشىپ ، شۇنى ئۇستاز بىلگەنلىكىنى ، بۇ توپلامدىكى شئېرلارنىڭ مەيلى بەدىئي جەھەتتىن ، مەيلى ئىددىيۋى جەھەتتىن ، ۋە مەيلى ئىپادىلەش يېقىدىن بولسۇن شۇنچە لىرىك ، شۇنچە رەڭدار ، شۇنچە تارتىملىق بولۇپ ئوقۇغانچە ئوقۇغۇسى كېلىدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ ئابدۇللا توقاينىڭ
« بولمىسا » ناملىق غەزىلىدىكى :

« يەر كۆكەرمەس گۈل ئىچىلماس سۇ تامچىسى بولمىسا ،
شائىر شئېرنى نەدىن ئالسۇن ئىلھامچىسى بولمىسا .

يۇرەك ئۆزى بىر پارچە گۆش ئەگەر ئىشقى بولمىسا
مۇھەببەتنىڭ دەردى ئۇنى پارە – پارە قىلمىسا  »

دېگەن ئوتلۇق مىسرالارنى ئاغزىدىن چۇشۇرمەي ، زور مەنىۋى مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.شائىر كىيىنچە ئوتلۇق شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »،« ياشلىق ئۆگەن » ، « بۇ – مېنىڭ ياش  غۇنچە گۇلۇم ئېچىلاتتى » ، خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شئېرلىرنى ئەڭ قەدىرلەپ تەكرار – تەكرار ئوقۇغانلىقىنى ۋە كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرغا ئىلھام ئۆرنەك قىلغانلىقىنى ، ھەتتا مۇنەۋۋەر شئېرلارغا تەقلىد قىلىپ ، ھەۋەس ئوتىدا كۆيۇپ بىر تۇركۇم شئېرلارنى ھەقىقى يىزىشقا كىرىشكەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلىدۇ . دېمەك ، شائىرنىڭ ۋۇجۇدىغا يارالمىش قىسمىتى بىلەن تۇتاشقان ئەدەبىياتنىڭ تەڭداشسىز ئوتى ئۇنى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بىر رەت كۈلدۈرپ، مىڭ رەت يىغلىتىپ ، سۆيدۇرۇپ سەرسان قىلىپ كۆيدۇرۇپ كۈل قىلىپ شۇ كۇنگە ئېلىپ كەلدى . ئۇ سابىق شىنجاڭ ئىنىسستتوتىغا ئوقۇشقا كىلىپ مەكتەپ ھاياتىدىكى قايناق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، ئۆز – ئارا دوستلۇق ، مىھېر – مۇھەببەت ، ئەدەبىيات سالونلىرىدىكى قىزغىن بەس – مۇنازىرىلەر ، يېزىقچىلىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيتى ئۇستىدە شائىر بىلىم ئىگىلەپ ، تەجىرىبە توپلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى . ئۇ بۇ مەزگىلدە شئېرنىڭ قاتلىمىنى تەتقىق قىلىپ يىزىشنى ئۇگىنىشكە كىرىشتى . شئېر يىزىشنىڭ ئورنىغا كۆپرەك نادىر شئېرلارنى ئوقۇپ ئىلھام ئىلىپ مەنىۋى جۇغلانمىسىنى كۆپەيتتى ، ۋاھالەنكى شۇ دەۋردىكى « ئىستىل تۇزتىش ھەركىتى » ، « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۇرەش » ۋە 1965- يىلى باشلانغان ئاتالمىش « مەدەنىيەت زور ئىنىقلابى » قاتارلىق تەكرار ئېلىپ بىرىلغان سىياسىي پائالىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىشى ھەمدە بۇ پائالىيەتلەردە قەلەم تۇتقانلىكى ئەدىبنىڭ « گېزەندە » ، « ئۇنسۇر » دەپ ئەيىبلىنىپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى ياش شائىرنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت ئىزلىرنى قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە بۇ ياش بوغۇن شائىر 1961 - يىلدىن  1980 - يىلغىچە ئاساسەن بۇرۇختۇم ھالەتتە كۈن ئۆتكۇزۇشكە مەجبۇر بولىدۇ ،  1979-  يىلى  يازغان « پەندىيات » دېگەن شئېرى بىلەن يەنە ب ىر قېتىم ئەدەبىي ھاياتىنى باشلايدۇ . شائىر بۇ شئېرىدا تولۇپ تاشقان ھېسسىيات قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق خىتاب قىلىدۇ :

« پەندىيات ئۆتكۇنچى شائىر بولۇشتىن،
دىلدا مۇڭ، كۆزدە ياش يالغان كۇلۇشتىن.
ئەلنىڭ چىن كۇلكىسى بولساڭ نىيازى ،
ساقلانغىن تۇتىدەك سايراپ ئۆتۇشتىن .»
شائىر تۇرسۇن نىياز شۇندىن ئىتىبارەن بۇ ۋىجدانىي ساداسىغا ئەمەل قىلىپ شئېرىيەت ئىجادىيتىگە ھەقىقى يۇسۇندا كىرىشىپ،
« قەشقەر گېزىتى » ، « قەشقەر ئەدەبىياتى » ژورنالىرىدا تەھرىرلىك ۋە مۇھەرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ، نەچچە يۇزلىگەن تىرەن پىكىرلىك شئېرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ ئەل ئىچىدە خېلىلا كۈچلۇك تەسىر پەيدا قىلىدۇ . گەرچە ئۇ رايۇنىمىزدىكى « تارىم » ، « تەڭرىتاغ » ، « قەشقەر » قاتارلىق نوپۇزلۇق ژورناللار بىلەن « شىنجاڭ گېزىتى » قاتارلىقن تەسىرى زور گېزىتلەرنىڭ تۆھپىكار ئاپتۇرى بولۇپ ، « ھايات ھەقىقىدە رۇبائىيلار » ، « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا،
«كۆڭۇل قۇشلىرىم كۈيلەيدۇ » ناخشا 1991-  يىلى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ، « گۈل دەيمەن ، گۈلۈم دەيمەن » ، « كېچەي » ناملىق ناخشا تېكىستلىرى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە  1-2   - دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ ، ئەلنىڭ ئىجابىي غولغولسىغا سەۋەپ بولغان بولسىمۇ ، بۇ كەمتەر ، سەمىمى ، تىرىشچان شائىر ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن ئۆزۇمنى ھېلىھەم بىر شئېر ھەۋەسكارى دەپ قارايمەن ، يازغانلىرىم شئېرمۇ -يوق بۇنى ياخشىسى خەلق ئۆزى باھالىسۇن ، خەلقنىڭ باھاسىدىن ئۆتكىنى شئېر ، خەلقنىڭ نەزىردىن چۇشكىنى شئېر ئەمەس ››.
بۇ مۆتىۋەر، ئىخلاسمەن، ساختا شان – شۆھرەتتىن يىراق شائىر يەنە ھەقىقى شئېر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : شئېر ئىنسان روھىنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلاملىردىن ئۇرغۇپ چىققان مۇقەددەس ھېس – تۇيغۇلارنىڭ ئوبرازلىق تىل بىلەن ئىپادىلىنىشى ، چوغلانغان يۇرەكنىڭ ھارارەت پۇركىشى ، ھەق - ئادالەت ، غەزەپ – نەپرەت ، مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئىزگۇلۇك ئالىمىنىڭ شائىر قەلبىدە قايتىدىن يۇغۇرلىشى ، ھەقىقى شئېر شائېر قەلبىدىن كۆتۇرۇلگەن قۇياش ، ئۇ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دىللارنى يورتالايدۇ ، توڭلىغان قەلبلەردىكى مۇزلارنى ئېرىتەلەيدۇ ، تىتىرگەن قەلبتىكى گۈزەل ھېس – تۇيغۇلارنىڭ چاقماقتەك چاقنىشى ، شئېر مېنىڭ بەخت – شادلىقىم ، قايغۇ – ھەسرىتىم ، سۆيگۇ – نەپرىتىم ، ئۇمىد – ئارزۇيۇم . شئېرغا بىرىلگەن بۇنداق تەبىر ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن چىن ماھىيىتىدىن ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئىپادىلەنگەن ئۆزىنى بېغىشلاش خاراكتىرىدىكى مۇنداق چۇشەنچە ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىپ قالمايدۇ . ئەمىليەتتە مەشھۇر شائىر تېيىپچان ئېلىيوف « شئېر يازمىقىم ھەۋەستىن ئەمەس ، مەن ئۇچۇن شئېر ۋىجدان ئىشى، بەس » دېگىنىدەك شائېر تۇرسۇن نىيازمۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدە شئېرغا نىسبەتەن ۋىجدانى مۇئامىلە قىلىپ ، ھەر بىر پىكىر تەلقىنلىرنى ۋىجدان تارازىسىدا ئۆلچەپ ، ئۆزى روھى ۋە ۋىجدانى قانائەت ھاسىل قىلغاندىلا ، ئاندىن ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىپ ئەلنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا سازەۋەر بولدى .
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۇشكە ئەرزىيدۇكى ، شائىرنىڭ شئېرلىرى قىسقا، ئىخچام ، يېڭى پىكىرگە نېسبەتەن تۇيۇنغان ، خاسلىققا ئىگە قىلىنغان، خاھىشى ئېنىق ، مۇقامى يۇكسەك ، ئىزگۇ ئىستەككە باي بولۇپ ، دەبدەبىلىك ، ھەشەمەتلىك ، مەنىسى خۇنۇك سۆز – ئىبارىلەر يوق ، ئەرەپ – پارىسچە سۆزلەردىنمۇ خالىي ، پەقەت چاقناپ تۇردىغىنى شائىر ۋە خەلققە ئورتاق بولغان خەلقنىڭ ئاددى – ساددا ، ھەممىباب ، جانلىق ، جۇشقۇن تىلى  دەل شائىر تۇرسۇن نىياز شئېرلىرىنىڭ خاس تىلىدۇر .
ئەمدى ئاساسلىق مەقسەتكە كەلسەك ، بىز بۇ ماقالىمىزدە ئاساسەن شائىر تۇرسۇن نىياز ئاكىنىڭ يېرىم ئەسىر مابەينىدە يۇرەك قېنىنى سەرپ ئېتىپ ، ئەلگە تەقدىم قىلغان مىڭلىغان شئېرلىرى ئىچىدىكى چىمەنزاردىكى رەڭدار گۈل دەستىگە ئوخشايدىغان  غەزەللىرى ئۇستىدە ئېلىپ بىرىلغان يۇزەكى ئىزدىنىشىمزنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز .
غەزەل -ئەنئەنىۋىي شئېرىيەتنىڭ گۈلتاجىسى ۋە بايراقدارى بولۇش سۇپىتى بىلەن جۇشقۇن ، نازۇك ، ھېسسىياتقا بايلىقى ، تىل جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ يۇقىرلىقى ، ۋەزىن – بەھرلىرنىڭ قاتتىقلىقى ، كۇبلېت – مىسرالىرنىڭ مەزمۇن ھەم شەكلەن زەنجىرسىمانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن باشقا ھەر قانداق ئەدەبىي -شئېرىي تەركىپلەردىن پەرقلىنىپ تۇردىغان بەدىئي تۈردۇر .
كلاسسىك شئېرىيتىمزگە نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر شائىرلار ئۆزىنىڭ بەدىئي ئىستىداتى بىلەن ئەدەبىي تالانتىنى غەزەل تۈرى بىلەن سىناپ ، مىللىي تىلىنىڭ پاكلىقى ۋە ساپلىقنى قوغداش بىلەن بىللە ئاساسى لۇغەت تەركىبىنى زورايتىپ ، ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن . بۇ نوقتىدا مەۋلانە مىرئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرنى مىسال ئېلىش ئارتۇق كەتمىسە كېرەك . نەۋائىي ئۆز غەزەللىردە مىللەتنىڭ تىل ئىمكانيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە ئوخشاش بولمىغان تۈس ۋە مەنىدىكى نەچچە يۇزمىڭلىغان سۆزلەرنى جايى – جايىدا ئىشلىتىپ ، قەلبىدىكى ئىزتىراپلىرنى ، ئارزۇ – ئارمانلىرنى ، ئالىيجاناپ غايىلىرنى ۋە ئىزگۇ تىلەكلىرنى يارقىن ئىپادىلەپ جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ، بېشىمىزنى كۆككە يەتكۇزۇپ، بىزنى يۈكسەك دەرگاھتىكى مىللىي كىملىك ۋە خاسلىققا ئىگە قىلغان ئەمەسمىدى؟  شۇنداق ئېيىتىشقا تامامەن ھەقلىقمىزكى ، جاھان ئەدەبىيات گۇلستانىدا
بىزدىنىمۇ كۆپ غەزەل پۇتكەن ، پۇتكەندىمۇ پۇتۇن ئىشتىياقى بىلەن پۇتكەن ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۇتكەن ، غەزەل بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇدقا ئايلىنىپ كەتكەن ، غەزەلنى ۋىجدان قۇياشى قىلغان ، غەزەل ئارقىلىق ئەل رەقىبىنىڭ يۈرىكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تىلغان ۋە غەزەل بىلەن مۇقام چەشمىگاھىنى ئاپىرىدە ئەيلەپ ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان بىزدەك يەنە بىر خەلق يوق .
شائىر تۇرسۇن نىياز ئاكا ئىجادىيەت مۇساپىسىدە مانا مۇشۇنداق گۇزەل لاتاپەتلىك كۆركەم ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، زىل ، ئۆلچەم – تەلەپلىرى كۆپ بولغان شئېرىي تۈر ئۇستىدە ئىزدىنىپ، قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىگە خاس تىل ، ھېس –تۇيغۇ ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ بىر مۇنچە غەزەللەرنى يېزىپ خەلققە تەقدىم قىلدى .  ئۇنىڭ غەزەللىرى مەيلى مەزمۇن، مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ئەجدادلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش يېقىدىكى ئەنئەنىگە يانداشقان غەزەللەر بولۇپ ، ئاساسلىقى ۋىجدان بىلەن پاك ياشاش ، ئادەمىيلىك خىسلەتنى بۇلغىماسلىق ، سۆيگۇ – مۇھەببەتنى قەدىرلەش ،ئەقىدىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماسلىق ، دوستلۇقىنى ئەلا بىلىش ، ۋەتەن ئۇچۇن جانىنى پىدا قىلىش ، بەدنىيەتلىك ، نامەردلىك ، رەزىللىك ئالا- كۆڭۇللۇكتىن ھەزەر ئەيلەش ، سەنئەتكە بولغان مۇھەببەتنى ئۇلۇغ دەپ بىلىش ، ئادالەتكە ، ھەققانىيەتكە دادىل مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق ھەقىقىي بىر ئىنساندا كەم بولسا ئەسلا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان تەرەپلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ . بۇ جەھەتتىن شائىر تۇرسۇن نىياز غەزەللىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ دەپ يەكۇن چىقىرىشقا تامامەن ئۇلگۇرىمىز . تېخىمۇ كونكىرتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ غەزەللىرىگە مەزمۇن نوقتىسىدىن تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس ئىپادە قىلىشقا بولىدۇ :
1  .  شائېر تۇرسۇن نىياز غەزەللىرىدە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان دېڭىز تاشقىنىدەك مېھىر – مۇھەببەت دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ، ئېنىقكى ۋەتەن بىر باي ، ئۇلۇغ ، يۇكسەك ، پاك ، ئىجابىي ۋە ئىجادىي تېما بولۇپ كۇيلەنگەنگە پۇتمەيدۇ ، قازساڭ قازساڭ تۇگىمەيدۇ ، ئۇنى قانداق مۇقامدا قانچىلىك تەرىپلىسەڭ ئەرزىيدۇ ، چۇنكى ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ ئانىسى ، ۋەتەن – دىللاردا ئۆركەشلەپ تۇرغان بىر ئانا دەريا بولۇپ،  ئەبەدىي ئىقىشتىن توختىمايدۇ، ، ۋەتەن بىر قەلب ناخشىسىكى، ھەممە ئادەم ئېيتىشقا خۇشتار بولىدۇ ھەم ئېيتىپ ھارمايدۇ. شائىر مانا بۇ ئوتلۇق تېمىدا قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز ھېسسىياتىنى شۇنداق ئىزھار قىلىدۇ :

« جان ۋەتەن، جانان ۋەتەن بىر سەن ئۇچۇن جاندىن كېچەي،
كۇچ بەخىش ئەتكەن تېنىمگە قىپقىزىل قاندىن كېچەي.

مىڭ ئۆلۇپ مىڭبىر تىرىلسەم ئەرزىگەي شامۇ سەھەر ،
شەپقىتى سىغماس جاھانغا دىلرابا ياردىن كېچەي.

سەن ئانا مېھرىڭنى دىلغا ئەيلىدىڭ ئابىھايات ،
شۇ ئۇلۇغ ئىشقىڭ تۈپەيلى سۇ ھاۋا ناندىن كېچەي.

كىم يۈرەك رىشتىنى سەندىن ئويلىسا ئۇزمەك ئۇچۇن،
كۆيدۇرۇپ نەپرەت ئوتۇمدا يۇز نومۇس ئاردىن كېچەي.

كەلسە ئالدىمغا ئەگەر ياۋ بىلەن قىلماققا جەڭ،
ئوق قىلىپ قەھرىمنى شۇئان مىڭ سەۋەب نازدىن كېچەي.

شان – شەرەپ قۇچسام مۇبادا ياۋنى يەر پايمال قىلىپ،
بولمىسا نامىڭ بېشىمدا زەر – ئاتاق شاندىن كېچەي.

ئېھ  نىيازى، كەتسىمۇ جان ۋەدىگە قىلغىن ۋاپا
بولمىسۇن ھەرگىزمۇ يالغان «مەن » ئۇچۇن باردىن كېچەي »

شائېر بۇ غەزىلىدە ۋەتەنىنى ھەممىدىن ئۇستۇن قويۇپ مۇقەددەس ھېسابلايدۇ . ئارۇز ۋەزىننىڭ تەلەپ – ئۆلچەملىرىگىمۇ رىئايە قىلغان ئاساستا غەزىلىنى تۇگەللەيدۇ ، بىراق شۇ قەدەر نادىر پىكىرنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ئۇچۇن شاش قەلىمىنى يورغىلاتقان شائىر يەتتە بېيىتتىن تەركىپ تاپقان بۇ غەزىلىدە « جاندىن ، قاندىن ، ناندىن ، شاندىن ، ياردىن ، نومۇس – ئاردىن ۋە نازدىن » دېگەنگە ئوخشاش ئۇچ خىل قاپىيەلىك سۆزلەرنى تاللايدۇ . مېنىڭچە غەزەلدە تىل  ياكى قوش قاپىيەلەر بولسۇن ئىزچىللىققا ۋە بىر خىللىققا ئىگە قىلىنسا ئاھاڭدارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ
ئىجابىي تەسىرى ئېشىپ باراتتى . قەلىمى پىشقان بۇ پازىل شائىر پىكىرىمىزنى كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى ئۇچۇن ئويلىنىپ بىقىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن . قىسقىسى ،ئۇتۇقى ئالدىنقى ئورۇندا چاقناپ تۇرىدىغان بۇ غەزەلدە شائىر ئۇلۇغ ۋەتەندىن ئىبارەت شئېرىي ئوبرازنى كۆز ئالدىمىزدا خېلىلا رۇشەن ھالدا گەۋدىلەندۇرۇپ بىرىشكە تىرىشدۇ ،ۋەتەننى جان – قان ۋە شاندىن بۇيۇك بىلگەن شائىر يەنە بىر غەزىلىدە « ۋەتەننىڭ ھوسىنى – جامالىدىن ئاي بىلەن كۇننىڭمۇ خىجىللىقى ، يەر بىلەن كۆكنىڭمۇ ۋەتەن باھارىدىن شادىمانلىقى ..... »نى تولۇپ تاشقان قىزغىن مېھر – مۇھەببىتى ئىپادىلەپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ياڭراق ۋە ئۇزۇلمەس مىلودىيسىنى ياڭرىتىدۇ .
2 خەلققە بولغان بېسىلغۇسىز ئىشقى – مۇھەبىبىتى بىلەن بۇلبۇلدەك خەندان قىلىۋاتقان خۇشناۋا ، ئاتەش نەپەس شائىر ھەر قانداق ئۇلۇغ ۋەتەننىڭمۇ خەلقسىز ئۇلۇغ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ، ئۆزنىڭ بەش بېيىتىن ۋۇجۇدلانغان « يوقتۇر » ناملىق قەسىدىسىدە ئۆز خەلقىگە بولغان سۆيگۇسىنى مۇنداق ئىزھار ئەيلەپ ، ھەمىمىزنى ئەل مەيدانىدا تۇرۇپ ، ئەلنىڭ كۇلكىسىنى كۈلۇپ، يىغىسىنى يىغلاپ ، دەردىگە دەرمان بولۇپ ، ۋىجدانىي بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ :

« جاھان گۇلزارىدا خەلقىم سېنىڭدەك ئۇز گۈلۇم يوقتۇر،
كى  بولسا باشقىدىن بىرسى سېنىڭچە ھۆرمىتىم يوقتۇر .

نەزەر سالسام ھاياتىمنىڭ پايانسىز كەڭ ساماسىغا ،
سېنىڭدەك بىغۇبار ئۆچمەس نۇرانە يۇلتۇزۇم يوقتۇر.

مېھىر – شەپقەت غورۇرڭسىز بېشىم يەتكەندىمۇ كۆككە،
ئۆزۇمنى بەختىيارمەن دەپ ئاتاشقا ھېچ تىلىم يوقتۇر.

جاھان رەنالىرى ئىچىدە سۆيۇملۇكسەن، كۆيۇملۇكسەن ،
سېنىڭدەك مېھرىبان غەمخان تايانچىم ،مۇڭدىشىم يوقتۇر .

قەسەمبىللا ئىرادەمگە مۇخالىپ بىر قەدەم باسسام ،
يورۇق دۇنيا ماڭا زۇلمەت مېڭىشقا تۇز يولۇم يوقتۇر .»

شائىر بۇ مۇنەۋۋەر قەسىدىسىدە « خەلق » بىلەن «مەن » دىن ئىبارەت قەھرىمان ئوبرازىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يارىتىپ ، پۇتۇن بىر غەزەلدە خەلقسىز تۇمەنلىگەن «مەن » لەرنىڭ جۇملىدىن يەككە ھالەتتىكى ئىنسانىيەتنىڭمۇ ھېچنىمىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، خەلق ئەتراپىغا ئۇيۇشقاندىلا ئەبەدىيلىك مەۋجۇدلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرىدۇ ھەمدە ھەممىمىزنى شۇنداق قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ . شائىرنىڭ بۇ غەزىلى ھايات ۋە تۇرمۇش رېتىمى كۇنسايىن ھەددىدىن زىيادە تىزلىشىپ ، ھەر كىم ئۆز غېمى بىلەن ھەلەك بولۇپ نېمىگە ئېرىشىپ، نېمىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويۇۋاتقان ۋە ئويلاشقىمۇ تازا ئۇلگۇرۇوپ بولالمايۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئاجايىپ رىئالنى ئەھمىيىتى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشىمزغا تۇرتكە بولىدۇ  ئەلۋەتتە .     روس ئەدەبىياتىنىڭ گىگانت ئەدەبىي تەنقىدچىسى بىلنېسكى شۇنداق دەيدۇ : « شائىر ئوبراز ئارقىلىق پىكىر قىلىدۇ ، ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىمايدۇ ، بەلكى ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، شائىر كۆڭلىدە ئەكس ئېتىدىغىنى پىكىر ئەمەس ، بەلكى ئوبراز ، شائىر ئوبراز ئارقىلىق پېكىرىنى ھېس قىلالايدۇ ، ھېسسىيات بولمىسا شائىر بولمايدۇ » ، «ھېسسىيات دېگەن شئېرنىڭ يىلتىزى ، مىسىرا شۇ يىلتىزدىن ئۇنۇپ چىققان مايسا ، ئاۋاز ئۇنىڭ گۈلى ، مەنە ئۇنىڭ مېۋىسى .» ‹بەي جۇيى › شائىر تۇرسۇن نىياز ئوتلۇق يۈرىكىدە يالقۇنجاپ كۆيۇۋاتقان ئىلاھىي بىر ئوت – ھېسسىيات ئارقىلىق خەلقنىڭ ئوبرازىغا كۆرە ھەممىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكۇدەك پىكىر قىلىپ ، يېمرىلمەس ئۇلۇغ ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە بىر مۇنچە شائىرلار بۇ مەزمۇندا قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ شائىرنىڭ بۇ شئېرى ئاسماندىكى تۇمەنلىگەن  يۇلتۇزلار ئارىسىدا چولپان يۇلتۇزدەك يارقىن نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇ . بىراق شۇنچىۋالا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قەسىدىمۇ توق پاپىيەگە ئىگە قىلىنمغانلىقى بىلەن ئوقۇرمەننى تەئەجەپلەندۇرۇپ قويسا كېرەك، ئەتىمالىم .
  3.شائىرنىڭ دوستلۇق مەزمۇنىدىكى غەزەللىرىمۇ ئالاھىدە خاراكتىرلىك بەلگىلەرگە ئىگە قىلىنغان بولۇپ ، بۇگۇنكىدەك دوستلۇق سېپىللىرى ئۇپراپ ، ئىستىكاملىرى كۇنسايىن يىمىرىلىپ ، يارقىنلىق خىرەلىشىپ ، خالىس دوستلۇقنىڭ ئورنىنى غەرەزلىك ئاتالمىش دوستلۇق ئىگىلەپ كېتىۋاتقان ئۆتكۇنچى دەۋردە ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر . بىزگە سىر ئەمەسكى، ئەجدادلىرىمىز ھەقىقىي دوستلۇقنى قان – قېرىنداشلىقتىن ئەلا بىلىپ ، ھەقىقىي دوستلۇق ئۇچۇن جان پىدا قىلىشنى شەرەپ دەپ قاراپ كەلگەن ئۇلۇغ ئەل ئىدى ، شۇڭا ھەزىرىتى مىرئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى « مىڭ دوستۇڭ بولسا ئارتۇق كۆرمە ، بىر دۈشمىنىڭ بولسا كەم كۆرمە » دەپ ئەۋلادلارنى كۆپ دوست تۇتۇپ، رەقىبلەردىن ھۇشيار تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى ، شائىر تۇرسۇن نىياز بولسا ئەجدادلارنىڭ دانا پىكىر ئەنئەنسىگە تەنقىدىي ۋە ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزنىڭ دوستلۇق ھەققىدىكى پىكىرلىرنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيدۇ :
  « چىمەندە رەڭمۇ – رەڭ ئۆسكەن گۈزەلدۇر غۇنچىدىن دوستلۇق،
     باھاسىز قەدىر – قىممەتتە جاۋاھىر ئۇنچىدىن دوستلۇق.

     قېلىشماس ئۇ مېھىر – شەپقەت ۋاپادا پاك مۇھەببەتتىن،
    پۇتۇن ئۆمرى ھاياتىڭدا قەدىرلىك ھەممىدىن دوستلۇق.

    جۇدۇن كەلسە تۆكۇپ ياپراق بولار گۈلمۇ قۇرۇق قاقشال،
  لىكىن غالىپ كىلەر ھەر چاغ زىمىستان ئۇستىدىن دوستلۇق.

  دېڭىزلار تەكتىدە ياتسا زۇمۇرەت، ئۇنچە مەرۋايىت،
  ئورۇن ئالغان چېچىپ يالقۇن يۇرەكنىڭ ئۇستىدىن دوستلۇق.

تۆرەلگەي ئۇ  ۋۇجۇدۇڭدا ئېقىپ تۇرغان قىزىل قاندىن،
تۇغۇلماس بىر ئاۋاق يۇندى ھىجايغان كۇلكىدىن دوستلۇق.


يىتىپ ۋەسلى كامالەتكە تولۇپ يۇكسەك شىجائەتكە،
ئىچىپ شەربەت قىيامىنى ساداقەت كۆكسىدىن دوستلۇق.

نىيازى تۇت شۇنى ئەستە كۆرەشتە تاللا چىن  دوستىنى،
يىراقتۇر ئىككى يۇزلىمىچى ۋاپاسىز تۇلكىدىن دوستلۇق .»

شائىر بۇ غەزىلىدە پاك ئەقىدە- ئىخلاس ئۇستىگە قۇرۇلغان ھەقىقىي، چىن پاك دوستلۇقنى « چىمەندىكى رەڭمۇرەڭ غۇنچىدىن ، قەدىر – قىممەتتە تەڭدىشى يوق جاۋاھىر ئۇنچىدىن ئەلا بىلىپ ، ئۇنى پاك مۇھەببەت يالقۇنىدىن كۆتۇرۇلگەن ۋاپادارلىق ھارارىتى دەرىجىسىگە كۆتۇرۇپ تولۇپ تاشقان ئوتلۇق ھېسسىياتى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ . ھەقىقى سىناقتىن ئۆتكەن دوستلۇقنىڭ ھامان زىمىستان ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ « يالقۇن چېچىپ يۇرەكنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغان » لىقىنى چىن دوستلۇقنىڭ ۋۇجۇدتىكى ئېقىپ تۇرغان قىزىل قاندىن تۆرىلدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بىر تاۋاق يۇندە ئۇچۇن ۋىجدانىنى سېتىپ ھىجىيىپ يۇرگەنلەردە دوستلۇق بولمايدىغانلىقىنى ، ھەقىقىي دوستلۇقنى ۋە دوستنى ھايات ئاتا قىلغان كۆرەشتىن تاللاشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ، ئىككى يۇزلىمىچى ۋاپاسىز تۇلكىلەرنىڭ دوستلۇققا يارىمايدىغانلىقىنى ئاجايىپ بەدىئي ماھارەت بىلەن پەلسەپىۋىي يۇكسەكلىككە كۆتۇرۇپ يارقىن ئىپادىلەپ ، ئەۋلادلارنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇھاكىمىسى ۋە تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ ، بۇ غەزەلدىكى ھېسسىيات شۇ قەدەر چىن ، پاكىز ، ئوتلۇق ، سەمىمىي ۋە سۇلۇق بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تومۇر – تومۇرلىرىغا تاراپ كېتىدۇ،بىزگە ئېنىقكى ھسسىياتسىز ئادەمدە شئېر، كۈي، ئالەم ... ھېچنىمە مەۋجۇد بولمايدۇ ، ھېسسىيات ھەققىدە مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى بىلنېسكىي مۇنداق دەيدۇ : « شئېرىي ئەسەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھېسسىيات ئارقىلىق ئاپىرىدە بولىدۇ ، ئەگەر يالقۇنجاپ كۆيۇۋاتقان ھېسسىيات بولمىسا ھەر قانداق نەرسىنىڭ شائىرنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرلغانلىقىنى ، نېمىنىڭ ئۇنىڭغا مۇنچىۋالا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ ...››، ۋەھالەنكى شائىر تۇرسۇن نىيازنىڭ غەزەللىرىدە جۇملىدىن دوستلۇققا بېغىشلانغان بۇ غەزىلىدە يالقۇنجاپ كۆيۇۋاتقان جۇشقۇن بىر يۇرەكنىڭ سىماسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ .
4.شائىر تۇرسۇن نىياز غەزەللىرى ئىچىدە يەنە ساپ ئىشقىي – مۇھەببەتكە بېغىشلانغان غەزەللىرىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ نېسبەتەن تېرەن، يېڭىلىقى، ئۆزگىچىلكى ۋە بەدىئي تۇسكە ئىگە قىلىنغانلىقى بىلەن مۇتالئە قىلىپ بېقىشىمزغا تامامەن ئەرزىيدۇ .
تارىختىن بۇيان شائىرلىرىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئىنىدۇئاللىقىدىن مەلۇمكى شائىرلار شئېرىيەتتە بولۇپمۇ غەزەلدە ئىشقىي – مۇھەببەتنى سىرتقى يۇمران كۆرنۇش قىلىپ تۇرۇپ ، ئىچكى جەھەتتىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەقىقەت تۇسلۇك ئىزگۇ پىكىرلىرىنى ئىپادىلەپ ، نېمىنىڭ گۈزەل – خۇنۇكلۇكىنى ، نېمىنىڭ پەسلىك – ئالىيجاناپلىق ئىكەنلىكىنى ، نېمىنىڭ ھەقىقەت – ساختىلىقلىقىنى ، نېمىگە ئۇمىد باغلاش، نېمىدىن ئۈمىد ئۈزۈش كېرەكلىكىنى ، نېمىنى سۆيۇش، نېمىدىن يىرگىنىش زۆرۇرلىكىنى ، نېمىگە ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە نېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ، شۇنداقلا نېمىنى قوغداش ۋە نېمىنى گۇم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن شئېرى مىسىرالارغا سىڭدۇرۇپ ، ئالەمشۇمۇل ئۇتۇق قازىنىپ ، شان – شۆھرەت تەختىدىن ئورۇن ئلغانىدى ، بۇ جەھەتتە ئاتاي ، ئۇتقى ، نەۋائىي ، نىزارى . مەشرەپ ، قەلەندەر ، مەشھۇرى ۋە گۇمناملارنى مىسال قىلىپ ، ئىپتىخارلىق ھىسىياتىمىز بىلەن تىلغا ئالساق ئەرزىيدۇ ، ئەمدى ئەجدادلار ئىزىدىن مىڭىپ ، ئىجادىيتىگە مەنبە ئىزدەپ ، ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان جۇشقۇن پىكىرلىك شائېر تۇرسۇن نىيازنىڭ تۆۋەندىكى غەزىلىنى كۆرۇپ ئوتەيلى :

    « گۈل تۇتۇپ چۇشتۇڭ قىشىمغا مەھلىيا بولدۇم قاراپ
       نە گۈلۇڭگە كۆز تىكەيكى مەن سىنى قىلدىم تاۋاپ

      چۇنكى نىڭ گۈل ھۆسنىدىن چەندان گۈزەل چىھرىڭ ماڭا
      شۇ چىھىر پەرۋانىسىمەن باغرى ئوت قەلبى كاۋاپ

      باغ كۆرۇندى بارچە جىسمىڭ قايسى گۈل قايسى ئۆزۇڭ
     مەس بولۇپ ئەقلىم ئاداشتى بىر يۇتۇم ئىچمەي شاراپ

     كەلسە بۇلبۇلمۇ قىشىڭغا ئازغىشىپ قالغاي شۇئان
     تاپمىسا ئۆز يارىنى ئۇ بەرگىدىن گۈلنى پۇراپ

   سارغىيىپ قاپتۇ دىدىممەن گەپ ئېلىشنىڭ قەستىدە
   نۇر قامالىڭ ئالدىدا گۈل غۇنچىسى چەككەي ئازاپ

     گۈلغۇمسەن گۈل ئۆستۇرۇش ئۇ بولدى نە ھاجەت ساڭا
     بارچە گۈل ئالدىڭدا خەستۇر مەن ئۆزۇم بەرسەم جاۋاپ

   رەھىم قىلغىن باغرى قان بۇلبۇلمۇ تاپسۇن يارىنى
    ‹نەدە قالدى مەشۇقۇم ›دەپ يۇرمىسۇن سەندىن سوراپ »

  كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى شائېرنىڭ غەزىلىدىن نامايەن بولغان « مەن ، گۈل ،يار ، بۇلبۇل » ئوبرازلىرى ھەرگىزمۇ ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇلدىن بىۋاستە كۆرۇشكە بولىدىغان ئوبىكىتىپ شەيىئلەر بولماستىن ، بەلكى پىغان دەشتىدىكى ئىزتىراپ چىكىۋاتقان شائېرنىڭ باقىي بىرلىككە تەلپۇنگەن يۇرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان روھى ساداسىدن خالاس . بۇندىن باشقا شائېرنىڭ «بۆلەك » ، « دىلبىرىم » ، « شۇنداق » ، « ئۇنتۇش » « ماڭا » ، « مەيلىمۇ »  رادىفلىق بىر تۇركۇم نادىر غەزەللىرىمۇ بار بولۇپ ، بىز سەھىپە ئىتىبارى بىلەن ھازىرچە بۇ ماقالىمىزدە توختالماستىن بەلكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  « ياشلىقىمدا يىزىلمىغان شئېرلار » ناملىق توپلامىغا مۇراجەت قىلىپ شائېرنىڭ شئېرلىرى ، قۇملىدىن غەزەللىرى ھەقىقىدىكى ئىزدىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ماقالىمىزدە تىخى ھىس قىلىشقا ئۇلگۇرمىگەن پىكىر تەلقىنلىرنى زاھىر ئەيلىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز .
  يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە شائېر تۇرسۇن نىيازنىڭ غەزەللىرى تۇرلۇك ئىقتىمائىي مەزمۇندىكى يەنە بىر تۇركۇم بەرنا غەزەللىرىمۇ بار بولۇپ ، بۇ غەزەللەردە بەدنىيەتلىك ، نامەردلىك ، پەسلىك ، رەزىلىك ، قارا كۆڭۇللۇكتىن سەسكىنىش ، ھالال مىھنەتنى قەدىرلەش ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش ، ئىنىساننى خىسلەتكە داغ تەككۇزمەسلىك رىياكارلىقتىن يىراق تۇرۇش ، ئادىمىيلىك پەزىلەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەھمىيەت بىرىش ، ۋىجدان – غورۇر بىلەن ياشاش ، پاك – ئىخلاس – ئىتىقادىنى جىنىدىن ئىزىز بىلىپ قوغداش ، ھەققانىيەتتىن ئەبەدىي كەچمەسلىك ساداقەتمەن ، ۋاپادار ، سادىق ، مەردۇمەردانە بولۇش ، ئەقىدىگە مۇخالىپ ئىش قىلماسلىقتەك بىر قاتار مۇھىم مەزمۇنلارغا بىېرپ چىتىلىپ كىشى قەلبىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ  . شائېرنىڭ غەزەللىرنىڭ مەزمۇن دائېرىسى ئەنە شۇنداق كەڭدىن كەڭ بولغاچقا ، ئوقۇرمەن بۇ غەزەللىرىنى ئوقۇغانچە ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى – تەپەككۇر قۇشلىرىنى يىڭى – يىڭى ئېرالارغا باشلاپ كىتىدۇ – دە ، ئىلھام بۇلىقىنىڭ كۆزنى ئىچىپ  پىكىر جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ ، قىلچىلىك زىرىكىش ھىس قىلدۇرمايدۇ ، شۇنداقلا شئېرى تىلنىڭ جانلىق ، رەڭدار ، ئاددى ، ھەمىمىباپ ، چۇشنىشلىك ، ساپلىقى بۇ غەزەللەردىكى چاقناپ تۇرغان پىكىر شئېرى  گۈزەللىكىنى ھىس قىلىشقا شۇنچىلىك ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بىردۇكى ، ئوقۇرمەن ھىچقانداق توسالغۇنىڭ تەسىرىگە زادىلا ئۇچرىمايدۇ .
   شائېرنىڭ غەزەللىرى ئاساسەن ھەمىمىسى شۇنداق ئاخىرىدا دېگۇدەك تاق بىيىتىن تەركىبلەنگەن بولۇپ ،  بەش ، يەتتە ، توققۇز ،  11 بىيىت بويىچە يېزىلغان ،قارىشىمىزچە شائېر يالغۇز پىكىر يىقىدىن ئەمەس بەلكى شەكىل يىقىدىنمۇ شئېرىيەت جۇملىدىن غەزەل پىرى نەۋائىي ھەزىرتىمنى دەۋىر قىلغان كىلاسىسىك شئېرىيەت ئەنئەنسىگە چىن مەنىسى بىلەن ئەمەل قىلغان بولسا كىرەك ياكى تاق ساننى ئۇلۇغ بىلىشتەك ئەجدادلارنىڭ تاقلىق ئەنئەنسىگە چىن پۇتكەن بولسا كىرەك ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ھەمىمىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ پىكىر يۇرگۇزۇپ بېقىشىمزغا ئەرزىيدىغان موھىم بىر تەرەپتۇر .
قىسقىسى شائېر تۇرسۇن نىيازنىڭ يىرىم ئەسىردىن بۇيان يازغان غەزەللىرى ئوزىگە خاس رەڭ پۇراقلىرى ، مەنا قاتلىمى ، پىكىر ئىپادىلەش يوللىرى ، مەزمۇن دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ، نىسبەتەن پەلسەپىۋىي پىكىرگە تۇيۇنغانلىقى ۋە ئىستىلىستىكىلىك ۋاستىلەرنىڭ جەۋھەرلىرىدىن يىتەرلىك بەھىرلەنگەنلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدىكى ئۆزگىچە پۇراقلىق بىر تال قىزىل گۈلدەك دىققەتكە سازەۋۋەردۇر .
گەرچە شائېرنىڭ چاچلىرى كۈمۇشتەك ئاقارغان ، شەمشاددەك قەددى سەل – پەل مۇكچەيگەن بۇركۇتتەك كۆزلىرى كۆز ئەينەكنىڭ مېھنەتسىز ياردىمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ شئېرىيەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى گويا دېڭىز دولقۇنىدەك شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ، ئۆز بايانىنى نامايەن قىلسا ، ۋەتەن مىللەتكە بولغان يۇكسەك ئىپتىخارلىق سۆيگۈسى ئۇنى جاۋاھىراتلارنى ئەۋلاتلارغا تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلماقتا .
دوستۇم شائېرنىڭ چاچ – ساقاللىرىغا قاراپ ، بىمەھەل ئالدىراپ – سالدىراپ قىرىدى دەپ ئويلىماڭ ، شائېر قىرىمايدۇ ، قېرىسا يۇرىكىدىن قېرىيدۇ ب، بىراق شائېرنىڭ يۇرىكىمۇ قىرىمايدۇ ، شائېر ئەل بىلەن بىللە ئەبەددىي دىللار تۆرىدە تۇرىدۇ ، شۇنى ئىسىڭزدىن زىنھار چىقارماڭكى ، قەلبى ۋە قەلىمى قىرىغان ھەرگىزمۇ شائېر دېگىلى بولمايدۇ .
  مەن ئاخىرىدا ئۆتكۇر پىكىرلىك ، ئىنچىكە نەزەرلىك ئاتاقلىق شائىر تۇرسۇن نىياز ئاكىنىڭ ئېزىز تىنىگە سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۇر ، ئائىلسىگە بەخىت ، خاتىرجەملىك تىللەش بىلەب بىرگە ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەپ ، قان – تەر بەدىلىگە ئىچىلدۇرغان بىباھا كۆڭۇل گۈللىرنى ئەۋلادلارغا ئەبەدىي سۇنۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 00:12  


باھا سۆز

Erchin  تېمىڭىز بەك چېچىلىپ كېتىپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 19:25:03
Erchin  ئەسەرلىرىڭىزنى بىر تېما ئاستىغا يىغىپ قويسىڭىز بولاتتىكەن!  يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 19:24:28

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11308
تۆھپە : 0
توردا: 1119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 23:14:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت ،بەك كۆپ ئەجىر قىلىپ بىزگە يوللاپ بىرىپسىز ،مەن بەك   سۈيۈندۇم. بەك تەسىرلەندىم

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قامۇس-« ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل»نى ئوقۇپ ھېس قىلغانلىرىم


(ئوبزور)



ئابلاجان بوۋاقى


ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ زور ھەجىم (ئىككى قىسىم) لىك «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە مۇشۇ كىتاب سەۋەبلىك بولۇنغان غۇلغۇلا قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق غۇلغۇلىلارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە ئاساسىي نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولاتتى:
-«خۇددىي ئەينى دەۋر رۇس ئەدەبىياتىنى بېلنېسكىيسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك، 50 يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىمۇ مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ قان-تەردىن پۈتمىش سەترىلەرىسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ...»
-«‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل› زور ئەدەبىي تەنقىد قامۇسى بولۇپ، ھازىرقى زامانغا مۇجەسسەملەنگەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىللىق مۇۋەپپىقىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ...»
-«بۇنداق ‹قامۇس›نى روياپقا چىقارماق ئاسان گەپ ئەمەس جۇمۇ...»
-« ئۇ ئاتاقلىق ئوبزورچىمىزنىڭ تەتقىقاتىدىكى ئىجادىي ئىزچىللىقنىڭ نەتىجىسى...»
-« ئىجادىيەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ، بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىغا يۈكسەك ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى...»
-...
ئەلبەتتە، بۇنداق غۇلغۇلىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، تەرپكە تىل ھەقىقەتەن بەكلا ئاجىز كېلەتتى. بۇنداق غەيرى بىرەسمىي ئەنجۈمەنلەردە بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەرنىڭ چىنلىق خاراكتېرى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ ھەق ساداسى ئىدى. ئۇلارنى بۇنداق باھالارنى بېرىشكە ھېچكىم، ھېچبىر كۈچ، ھېچبىر مەمۇرىي ئورگان، ھېچقانداق ۋاقىتتا مەجبۇرلىمىغان ئىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېگۈسى كەلسە، ئەركىن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تامامەن ھوقۇقلۇق ئىدى. بىراق، ئۇلار «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بېلنېسكىي»سىي بولغان ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەد پولاتقا بولغان رازىمەنلىك ئىلكىدىكى دىل سۆزلىرىنى ئاشۇنداق بايان قىلىۋاتاتتى.
راستىنى ئېيتقاندا، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىلا چوڭ بىر مەدەنىيەت- يەنىمۇ توغرىراقى ئەدەبىيات قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مول بولغان ئەدەبىي بىلىمدىن تاشقىرى، يەنە نەزەيىۋىي ۋە مەدەنىيەت بىلىم جۇغلانمىسى يېتەرلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ، كىم، قايسى ئەدىبنىڭ قانداق ئەسىرى قايسى نەشىريات ياكى قايسى گېزىت-ژۇرنالدا، قاچان ئېلان قىلىنىشتىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ئىجادىي پىكرىنى ئادىللىقنى ياقلىغان ئاساستا دادىللىق بىلەن بايان قىلالايتتى. ئۇ بىر ئوبزورچىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، باشتىن-ئاخىر ھەققانىيەت مايدانىدا تەۋرەنمەي تۇرۇپ، ئەدەبىياتقا ھەم غۇرۇرى بىلەن قىلىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە زىنھار ساختىلىق ئارىلاشتۇرماي، ئىنسانىي كامىللىق بىلەن بىر پىشقان ئەدەبىياتشۇناستا بولۇشقا تېگىشلىك پاك ۋىجدانىي تاكاممۇللۇقنى مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، توغرا، ئىلمىي، چوڭقۇر ۋە ئۇزاققىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان باھالارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگەك ساھەسىدىكى خاسلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا نامايەن قىلدى.
ئاددىيسى، بىز «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق ئەدەبىي تەنقىد قامۇسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالغان ئوبزور-ماقلىلەرنىڭ ماۋزۇسىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، بۇ قامۇسنىڭ رەڭدارلىق ۋە جەلبكارلىققا ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسىنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئوبزور-ماقالىلىرىنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا ئەمەس، بەلكىي بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى دەۋر ئۇيغۇر ئەددبىياتىدىمۇ دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايمىز.
ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ ھاياتىي مەۋجۇلۇقىنىڭ روشەن بەلگىسى ۋە مىزانى قىلىپ، ئۆمرىنىڭ 74 داۋىنىغا قاراپ مەغرۇرانە قەدەم بىلەن كېتىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىد پىشىۋاسى مۇھەممەد پولات ئەپەندى پىكىر تەلقىنلىرىنىڭ باغرىدا بارلىقىنى ئۆرتەپ، ئىجتىھاد ئىلكىدە تەڭداشسىز ئىرادە بىلەن ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەر تۈرلۈك بىلىمىنى يېڭىلاپ، ھارماس-تالماس جاسارەت ۋە داجىماس شىجائەت بىلەن يارقىن ھايات قامۇسىنى يېزىپ ھەممىمىزگە ئۆلگە تىكلەپ بەرگەن ئۇستازلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىزنى ئىلىم يولىدا تېنىمسىز ئىلگىرلەشكە دالالەت قىلىدۇ.
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولاتنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  50يىل» ناملىق قامۇسىنىڭ جەمئىي 92 پارچە ماقالىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 35 پارچىسى شائىر، شېئىر ۋە شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنى بويلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ماقالىلەر بولۇپ، بۇنىڭدا ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي كۈزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي سۈت ئانىسى ۋە يىلتىزى بولغان شېئىرىيىتىمىز ھەمدە شائىرلارنىڭ بۈيۈك مەجبۇرىيىتى ھەققىدە ھەم چوڭقۇر، ھەم ئىزتىرابلىق، ھەم ئىپتىخارلىنارلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ «شېئىرىيىتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا بەزى مۇلازىلەر»، « شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە تېما ۋە مەزمۇن»، « شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر ۋە ئوبراز»، « يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىق شېئىرىيەتنىڭ ھاياتى»، « شېئىر-يۈكسەك ئىجادىي سەنئەت»، « شائىر قەلبى-بىپايان ئالەم»، « شېئىردا ھېكمەت ۋە سەنئەت بولۇشى كېرەك»...قاتارلىق ئاجىز ھالقا بولغان شېئىرىيەت نەزەرىيىۋىي تۈسى قويۇق بولغان ماقالىلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ خاسلىققا ئىگە قاراشلىرىنى تېخىمۇ پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەەبىي دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىبلەر(شائىرلار)نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، سەپكە قېتىلىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ غولللىرى ھەم ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىشىغا ئاساس ياراتتى. يەنە بىر نۇقتىدىن، شېئىر ئىجادىيەتچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىرىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە تەلقىنلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ بەردى. مۇھەممەد پولات ئەپەندى شېئىر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« شېئىر-يېڭى، ئىجادىي شېئىرىي پىكىر، ئويناق ۋە جىلۋىگەر ئوبرازلىق شېئىرىي تىل، مەزمۇنغا مۇناسىپ بولغان ئىخچام ۋە ھەركەتچان بەدىئىي شەكىلدىن تۇغۇلىدىغان گۈزەللىك ۋە ئەزگۈلۈك ئالىمىنى ئۇلۇغلاپ، نادانلىق، قاششاقلىق دۇنياسىن نەپرەت ئوتىدا ئۆرتەيدىغان قۇدرەتلىك لىرىك يالقۇن...ئالىيجاناب غايە ۋە قايناق ھېسسىيات ئۇنىڭ جېنى. ئۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچى بىلەن ھاياتىي ۋىجدانىنىڭ ئوبرازلىق گەۋدىلىنىشى، ھەقىقىي بەدىئىي شېئىر-كەڭ ۋە چوڭقۇر لىرىك مەزمۇن ۋە يۈكسەك بەدىئىي گۈزەللىكى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ روھىي ۋە ئەقلىنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى يېڭى بىر ھاياتىي ھېكمەت بىلەن بېيىتىدۇ...»
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ شېئىر ھەققىدىكى بۇ قاراشلىرى ھەقىقەتەن يېڭى، چىن، ئۆزگىچە ۋە شېئىرنىڭ تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى خۇسۇسىيەتلىرىگە ھەقىقەتەن ماس كەلگەن خاس تەبىرلەر بولۇپ، ئۇ قامۇسىدا مۇتالىئە قىلغان شېئىرلارغا ئەنە شۇنداق ئىلمىي مۇئامىلە يېقىدىن باھا بەردى. ئۇ ھەرگىزمۇ ساختا، پۈچەك ۋە بىردەملىك پاسسىپ ھېس-تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولغان شېئىرنى ماختاپ، ئۇچۇرۇپ، كۆككە كۆتۈرۈپ يۈرمىدى. ئۇنىڭ بۇ يىرىك بەدىئىي ئەمگىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان «قامۇس»ىدىن ئورۇن ئالغان شېئىر ھەققىدىكى ئوبزور-ماقالىلەردە 50 يىللىق ئەدەبىياتىمىزدا شېئىرىيەتنىڭ بايراقدارى بولغان تېيىپجان ئېلىيۇف، ئابلىز نازىرى، ئەلقەم ئەختەم، ئىمىن ئەھمىدى، رەخىم قاسىم، ئوسمانجان ساۋۇت، قۇربان بارات، بوغدا ئابدۇللا، تاھىر تالىپ، مۇھەممەدجان راشىدىن، قاسىم سىدىق...قاتارلىق شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ «ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى»(تېيىپجان ئېلىيۇف)، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»(ئوسمانجان ساۋۇت)، «چۈنكى، مەن-ئادەم»(تاھىر تالىپ)، «پەرۋانە توغرىلىق ناخشا»، «ئاق روماللىق پەرىزات»(قۇربان بارات)، «بىر شائىرغا» (قاسىم سىدىق)، «مەلىكە ئاماننىساخان«(بوغدا ئابدۇللا)، « ئارتىس قىزنىڭ ئانىسى«(مۇھەممەدجان راشىدىن)، «قەشقەر قىزىغا»(ئابلىز نازىرى)، « «قۇياش قەسىدىسى»، «توزان قەسىدىسى»(ئوسمانجان ساۋۇت)، «ياشىسۇن قولى گۈل ئىشچاننىڭ قولى»، «چولپان»(رەخىم قاسىم)، «ھىجران مۇڭلىرى»(ھېيتەم ھۈسەيىن)، « باھار يامغۇرى»(ئابدۇكېرىم خوجا)، تەنھا كىيىك»(ئابلىكىم ھەسەن)، «رەيھان بەرگىدە شەبنەم»(مۇھەممەد ئىمىن)...قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك شېئىر-داستانلىرى ۋە شېئىر-داستانلار توپلاملىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 50 يىل ئىچىدىكى دادىل قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ، ئەلنىڭ بىردەك ئېتىراب قىلىشىغا ئېرىشتى. يەنە بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈش زىنھار ئارتۇق كەلمەيدۇكى، بەزى ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىپ بولغىچە، قارشى ئەدەبىي تەنقىدلەر نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. ۋاھالەنكى، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ باھالىرى ئەل نەزەرىگە ئىلىنغاندا ھەممەيلەن قايىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ھال نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ھال ئەلبەتتە، ئۇنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسدە دادىل ۋە ئادىل يول تۇتۇپ، ئادالەتنى ياقىلاپ، پاكىتلىق پىكىر قىلغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنىمۇ ئېتىراب قىلماي بولمايدۇكى، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مۇتالىئە مەركىزىدە تۇرىۋاتقان شائىر ۋە شېئىرلارغا ئوخشاشلا باھا  بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بىزار قىلىپ قويماستىن، بەلكىي، ھەر بىر شائىر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا كۆرە خاسلىقىنى تۇتقا قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، ئوقۇرمەننى قايىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە تەتقىقاتىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەل ئالدىغىراق سۈرۈپ يالقۇنلۇق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە توختىلىپ:«...ئۇ ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شانلىك ۋەكىلى، ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارى. ئۇنىڭ مىللىي روھىي ئۇرغۇپ تۇرغان ئاجايىپ شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى تۇرمۇشى ۋە كۈرىشىنىڭ، ئەلەم ۋە ھەسرىتى بىلەن ئۈمىد ۋە غايىسىنىڭ، غەزەپ-نەپرىتى بىلەن چىدام-غەيرىتىنىڭ، پاك ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن ساددا ۋە ئاقكۆڭۈللىكىنىڭ، دانا ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن سەنئەت ۋە بەدىئىي پىكىر يۈكسەكلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئەخلاقىي ئاجىزلىقى
بىلەن مەنىۋىي زەئىپلىكىنىڭ لىرىك خاتېرىسىدۇر...»دەپ باھا بەرسە، ئاتاقلىق مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ:« شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدە تېماتىك مەزمۇننىڭ خاسلىقى يولىدا مېڭىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىي ئەخلاق يۈكسەكلىكىنى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات دەۋرى شېئىرىيىتىمىزدە ئۆزىگە خاس ئىز قالدۇردى...ئۇ‹قۇياش قەسىدىسى›، ‹ۋەتىنىم سۈت بەردىڭ ھالال ۋە ئاپپاق›، ‹توزان قەسىدىسى›، ‹يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا›...قاتارلىق شېئىرلىرىدا يېڭى ھاياتىي ھېكمەت ۋە ئۆزگىچە ئىجادىي سەنئەت ئارقىلىق ئۆز لىرىك قەھرىمانىنىڭ باي ۋە ئالىيجاناب روھىي دۇنياسىنى، ئۆزىنىڭ ھايات ۋە ئادەملەرگە بولغان مۇھەببەت ۋە تەشنالىق ھېسسىياتى بىلەن تولغان پاك ۋە يارقىن قەلبىنى يورۇتۇپ بەردى...» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇندىن باشقا مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ ئارسلان، ياسىن زىلال، مۇھەممەد ئىمىن...قاتارلىق تالانتلىق ئوتتۇرا ياش شائىرلارغا بەرگەن باھاسىمۇ ھەم ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىغا كۆرە چىقارغان يەكۈنىمۇ زىنھار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە، بۇنى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولاتنىڭ شېئىرىيەت تەنقىدچىلىكنىڭ بىر خاسلىقى دېيىشكە تامامەن ئاساسىمىز يېتەرلىكتۇر.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالىغا يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىنسانىي ئىشەنچ بىلەن ئۈمىدلىك كۆزلىرىدە باققان ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق ھاياتىي تاكاممۇللۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ھالال قان-تەر بەدىلىگە كۆرە مۇجەسسەملەنگەن بۇ «قامۇس»ئىدا يەنە ئەدەبىياتىمىزنىڭ نېسبەتەن پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى ۋە بەلگىسى بولغان پىروزا ھەققىدىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىكى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر مۇلاھىزىلىك قاراشلىرىنى « پىروزىمىزدىكى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بەزى مەسىلىلەر»، « يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش-رومانچىلىقمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى»، «يېڭى دەۋر پىروزىمىزغاا بىر نەزەر»، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىستىك پىروزىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى»...قاتارلىق مۇھاكىمە تۈسى ناھايىتى قويۇق، دەلمۇ-دەللىكى يۇقۇرى، مىللىي خاسلىقى گەۋدىلىك، پىكىر يولى ناھايىتى ئوچۇق، ئىددىيەسى مۇكەممەل، دەۋرچانلىقى ئۈستۈن ھەم ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئەدەبىيات-ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان ھەمدە ماسلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم يىرىك، نادىر، مۇھىم ۋە جەڭگىۋار ماقالىلارنى يېزىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىروزىنىڭ كۆلەملىشىشى، ساپلىشىشى، ئىلغارلىشىشى ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا يۈزلىنىشىگە لايىقىدا تۈرتكە بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا پىروزىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشتى.
بۇندىن باشقا تالانتلىق ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا پىروزىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سېخىلىق بىلەن غەرەزسىز بېغىشلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم نادىر ئەسەرلىرى ھەققىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، «زۇنۇن قادىر ئىجادىيىتىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى»، « قەييۇم تۇردى ۋە ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى»، « زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى»، « ‹ساۋاب› يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىققا ئىنتىلىشنىڭ بەدىئىي مېۋىسى»، « زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى»، « ‹داغ›ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى مۇۋەپپىقىيىتى»، «‹مەھمۇد كاشغەرىي›رومانى ھەققىدەقىسقىچە مۇلاھىزە»،« ‹تۈندىكى چاقماق›تىن كەلگەن كىچىككىنە تەسىرات»، «‹شۇڭقار› رومانىنىڭ بەدىئىي ئىستېتىك قىممىتى ئۈستىدە قىسقىچە مۇھاكىمە»، «يازغۇچى پەرھاد جىلاننىڭ ئىجادىيىتىگە قىسقىچە باھا»، «‹قاباھەت›كە بارىكاللا»، « ‹چۈمبەل› رومانىدىن دەسلەپكى تەسىرات»، «‹قىسمەت ئاچىلىدا› رومانىدا خاراكتېرلار چىنلىقى»...قاتارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى پىروزىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرگە ۋە ئىجادىي ئۇتۇققا ئىگە بولغان سەركەردە يازغۇچىلرىمىزدىن زۇنۇن قادىر، قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر، مۇھەممەد باغراش، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، پەرھاد جىلان، توختى سابىر، ئەخەت تۇردى، ماخمۇد مۇھەممەد، ئىلغارجان سادىق...قاتارلىق پىشىقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا پىروزىنىڭ نېسبەتەن گۈللەنگەنلىكىگە بەلگە-ۋەكىل بولالايدىغان «كۈرەشچان يىللار»(قەييۇم تۇردى)، «قاباھەت»(ئەخەت تۇردى)، « مەھمۇد كاشغەرىي»(پەرھاد جىلان)، «داغ»، «تۈندىكى چاقماق»(ئەبەيدۇللا ئىبراھىم)، «ئابرال شاماللىرى»(زوردۇن سابىر)، «ساۋاب»(ھېكايە، مۇھەممەد باغراش)، «شۇڭقار»(توختى سابىر)، «قىسمەت ئاچىلىدا»(ئىلغارجان سادىق)...قاتارلىقلارنىڭ پىروزى (ئاساسىقى رومان)سى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەردانىلىك بىلەن ئادىللىقنى ياقىلاپ، قايىل قىلارلىق بەدىئىي، ئەدەبىي ۋە مۇھاكىمە خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان تەلقىنلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېلىپ بارغان. ئاتاقلىق ئادەبىي تەنقىدچىمىز ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىمىز ئابدۇبەسىر شۈكۈرى بۇ «قامۇس»قا كىرىش سۆزىدە:«...مۇھەممەد پولات ئەدەبىي ئوبزۇرلىرى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ئەڭ قىممەتلىك تەرەپلىرىنى ھەممىدىن بۇرۇن ھېس قىلىپ يەتتى. ئوبزورچىمىز، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ چىقىش يولى، يەنى ئۇنىڭ مەملىكەتكە ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى پەقەت ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىيات زېمىنىنى ئىككى پۇتتا مۇستەھكەم دەسسەش ئاساسىدا راۋاجلىنىشى بىلەنلا روياپقا چىقىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. دېمەك، ئوبزورچىمىز مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر تەرەپلىمە ۋە يۈزەكى مەسىلىلەرگە نېسبەتەن ئەنە شۇنداق ھەممىدىن مۇكەممەل ۋە ئىلمىي جاۋاب بەردى...» دەپ يازىدۇ. ئۇ راست ئېيتىدۇ، ئابدۇبەسىر ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ھەقىقەتكە ھېچكىم كۆز يۇمۇۋالالمايدۇ، ئەلبەتتە.
ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋر بۆلگۈچ باسقۇچلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مەردانە يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىجابىي ۋە ئىجادىي روھقا باي بىر قاتار ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا خاس ھەم ماس بولغان لايىق باھالارنى بېرىپ، ھەردەم ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەقىقىي بىر ئەدەبىي ئوبزورچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىلمىي تەنقىد پوزىتسىيەسى ۋە پەزىلىتىنى روشەن ئىپادىلەپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئوبيېكتىپ ھالدا پاكىتلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يېتەرسىزلىكىنى ئەمەلىي كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىنى لايىقىدا ئادا قىلغان ئەدەبىي ئوبزورچىمىزدۇر. ئالايلۇق، ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى مەرھۇم ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دىراتورگ زۇنۇن قادىر ئىجادىيىتىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:« زۇنۇن قادىر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ ئەدەبىياتىمىزغا رېئالىستىك پىروزىنى ئېلىپ كىرگەن، دىراماچىلىقىمىزدا بىرىنچى بولۇپ رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يورۇتۇشنى باشلاپ بەرگەن تالانتلىق يازغۇچى ۋە دىراماتورگدۇر...» دەپ ناھايىتى جايىدا باھا بېرىدۇ. بۇندىن باشقا ئۇ يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ۋە پوۋىست ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن مەرھۇم ئاتاقلىق ياشغۇچى قەييۇم تۇردى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:«...يازغۇچى قەييۇم تۇردى رومانچىلىق ئىجادىيىتى بىزدە ساناقلىق بىرقانچە ئاپتۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقان بىر چاغدا، ناھايىتى چوڭ ئىجادىي غەيرەتكە كېلىپ، ئۈچ توملۇق چوڭ رومانغا تۇتۇش قىلدى. بۇ ھال بىزنىڭ تارىخىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىمىز بىلەن، رېئال تۇرمۇش كۈرەشلىرىمىزنىمۇ باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاشلا كەڭ ۋە مۇكەممەل بەدىئىي پىلاندا تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ پىروزا ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ ئوقۇرمەنگە ھەقىقىي ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يىرىك بەدىئىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتالايدىغانلىقىنى ئەمەلىي كۆرسەتتى. بۇ بىزنىڭ بوش ۋە ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پىروزا ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مانا بۇ ‹كۈرەشچان يىللار› رومانىنىڭ ئىجتىمائىي، بەدىئىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپ...»دەپ ئادىل يەكۈن چىقىرىدۇ.
بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ يۈرەكلىك ھالدا تىلغا ئالماي بولمايدۇكى، ئاتاقلىق ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ چەۋەنداز سەركەردىسىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھەرقايسى دەۋر باسقۇچلىرىدا يازغان پىروزا ئەسەرلىرى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ۋەزنى ئېغىر بولغان ئۈچ پارچە ئوبزۇر يېزىپ، ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپىقىيىتىگە چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ، شۇنداق پۈتىدۇ:
« يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەتچىنىڭ بۇ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجادىيەت بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈردى. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ  تارىخىي، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپلا قالماي، باشقا مىللەت ۋە خەلقلىرىنىڭ شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىمۇ بېرىلىپ ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەربىيىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زۆرۈر بەدىئي ماھارەت سەۋىيىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئىجادىي ئاڭلىقلىق ۋە بەدىئىي ئىلمىي مۇھاكىمە كۈچىگە ئىگە بولغان مەدەنىيەتلىك يازغۇچىسى بولۇپ قالدى...
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى يەنە ئىجادىيەتتە مەلۇم ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەرنى ئىلمىي تەنقىد ئەندىزىسى بويىچە سوغۇققانلىق بىلەن يېتەكلەشكىمۇ سەل قارىماي، 1980-يىلى يازغۇچى مۇھەممەد باغراشنىڭ «ساۋاب»، «سەبداش» ناملىق ھېكايىلىرى شۇ يىللىق «تارىم» ژۇرنىلىنى ئېلان قىلىنىپ، ئەل ئىچىدە مەلۇم ئىجتىمائىي، ئىجادىي ۋە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىشى ھامان قولىغا قەلەم ئېلىپ، «‹ساۋاب›يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىققا ئىنتىلىشنىڭ بەدىئىي مېۋىسى» دېگەن ئوبزوربى يېزىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق بىر يازغۇچىنىڭ بۈگۈنىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئەتىسىگە چەكسىز ئۈمىد بىلەن قاراپ، مەدەت ھەم ئىلھام بەرگەن بولسا، ياش يازغۇچى-شائىر ئىلغارجان سادىقنىڭ «قىسمەت ئاچىلىدا» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنىشى ھامان ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، زور غەيرەت-شىجائەت بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىي روھىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋاز قىلدۇردى. مان بۇ بىر دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئادىللىقى، ئىلمىيلىكى ۋە ئىجادىيلىقىنى ياقلىغان ۋىجدانلىق ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدىكى پىداكارلىقى بولماي نېمە؟ مانا بۇ بىر دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي تارازىسى بولغان ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ جەڭگىۋار ئىرادە بىلەن ئۆز روھىنى قېزىپ، ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، مىللەت، ئېتىقاد ۋە دەۋر روھىنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىدىكى ئىزناسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن گويا پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغاندەك ئۆزىدىن  ھالقىش ئىرادىسى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى بولماي نېمە؟...
دېمەك، ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى ئوبزورچىلىق بىلەن ئۆتكەن ھاياتىدا پايدا-مەنپەئەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە نوپۇزنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، غۇرۇر كۆزى بىلەن ئادەمگە ئەمەس، بەلكىي مۇئەييەن ئەسەرگە قاراپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە باھا بېرىپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، خاسلىقنى نامايەن قىلدى.
ئاتاقلىق ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى يالغۇز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەنلا تەقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، بەلكىيجاھان ئەدەبىياتىنىڭ سەرخىللىرى بولغان تاگۇر ۋە ئابدۇللا توقايلارنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىشلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئىجادىيەتچىلىرىمىز بىلەن ئىلمىي ھالدا سېلىشتۇرۇپ، بىزنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىپ، بىر ئىجادىيەتچىنىڭ خاسلىقىنى يارىتىش ۋە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن جاپالىق جەريان ئۆتۈشمىسى ھاسىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق «قامۇس»ىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى شۇكى، ئۇ بىر تۈركۈم ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئائىت نەزەرىيەۈ تۈسى قويۇق،         قاراتمىلىققا ئىگە، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، مەدەنىيەت قۇۋۋىتى ئۈستۈن، بولغان ماقالىلەرنى يېزىپ، ياش قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىجادىي ئىزدىنىشى ۋە ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاساس تۇرغۇزۇپ بەردى. بۇ ئاساس كېيىنكى كۈنلەردە-بۈگۈنىمىزدە بىر تۈركۈم غوللۇق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
يىغىنچاقلىغاندا، بىر پۈتۈن ھاياتىنى بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مەردانىلىك بىلەن سەرپ ئەتكەن ئاتاقلىق ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق بۇ يىرىك «قامۇس»ئى-ئوبزورلار توپلىمى ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى، سېغىمىنىڭ كەڭلىكى، ئىلمىيلىكىنىڭ يۇقۇرىلىقى، مەدەنىيەت تۈسىنىڭ قويۇقلىقى، مول نەزەرىيىۋىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئەڭ مۇھىمى، ھازىرقى زامان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا50يىل»نېسبەتەن قايىل قىلارلىق خۇلاسىلىگەنلىكى بىلەن ئاجايىپ شان-شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، دىللار تۆرىدىن ئەبەدىيلىك ئورۇن ئالغۇسى!...
مېنىڭ ئاخىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى ئۈزۈكسىز قوشۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھۆرمەت ساھىبى-ئاقساقالغا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ:
-«ھۆرمەتلىك جانابىي مۇھەممەد پولات ئەپەندى، سىز يەنىمۇ غەيرەت بىلەن ياشاپ، شىجائەت بىلەن ئىجاد قىلىڭ! سىز تېخى قېرىمىدىڭىز،  توغرا، ئادەم يۈرىكىدىن قېرىيدۇ، بىراق ئەدىب-ھەقىقىي بىر ئەدىب مەڭگۈ قېرىمايدۇ! سىزنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىڭىز تېخى ياشلىق ھارارىتىنى يوقاتقىنى يوق ھەم مەڭگۈ يوقاتمايدۇ! مۇشۇنداقلا ئىجاد قىلىدىغان بولسىڭىز، ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئىجادىي ھارارەتنىڭ ئىلاھىي يالقۇنى مەڭگخۈ ۋە مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدۇ!
سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر، سالامەتلىك، خاتېرجەملىك ۋە ئىجادىيىتىڭىزگە سەمىمىي بەرىكەت تىلەيمەن!...
ئاپتۇر:«كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا
قەشقەر شەھىرى خەلق شەرقىي يولى 51-قورۇ
تېلىفۇن: 13999644646


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ بەختى ۋە لىرىكىنىڭ تەختى


(ئوبزور)


ئابلاجان بوۋاقى




«ئىنسان بىلىمىنىڭ ھەممە ساھەسى شېئىرىيەت بىلەن تولغان.»
-پائوستۇۋېسكىي
مېنىڭ بۇ گېزىتنى ئوقۇپ كېلىۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېڭىدىن-يېڭى سانلىرىنى زور قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىلكىدە قولۇمغا ئالىمەن-دە، سەرخىل، رەڭدار، تېتىملىق سەھىپىلىرىگە تەشنالىق بىلەن بىر قۇر نەزەر ئاغدۇرغاندىن كېيىن، ۋۇجۇدۇمنى تامامەن ئەسىر قىلىپ، كۆيدۈرۈپ كېلىۋاتقان «چولپان»غا ئىختىيارىمنى پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ، بەدىئىي ئەسەرلەر  گۈلىستانىدىن ئەبەدىيلىك ھوزۇر ئىزدەيمەن. گاھىدا قەلب تارلىرىم توختاۋسىز چېكىلىپ، روھىم مۇڭ كۈلبىسىگە مەھكۇم بولسا، گاھىدا ساپ، پاك ۋە سەبىي كۈيلەرنىڭ مۇئەللەق پايانىدا لەيلەپ، ئىشىق ئۇپقۇنلىرىغا غەرق بولىمەن.
دۇنيادا بەدىئىيەت (شېئىرىيەت)تىن دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپاھ ئىزدەپ، قىسقىغىنا ھاياتىنى ئىشىق گۈللىرىگە پۈركەپ، روھىي مەنىدارلىققا تويۇنۇپ، زامان، ماكان ۋە ئۆزىدىن بەردەملىك بىلەن ھالقىغان ھالدا مەغرۇر ياشىيالايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك.
ئاتاقلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللا  يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل شېئىرىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل  مەشغۇل بولۇپ، لىرىك كۈيلەرگە ئاشىقىي بىقارار بولۇپ،  ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقىي مەپتۇنكارلىق بىلەن لەززەت ئىزدەپ، روھىيەت تۇپرىقىدا ئۆزىگە خاس بىر خۇشپۇراق گۈلىستاننى ئاپىرىدە ئەيلىگەن زېھنى  ئۆتكۈر، ئەقلى سەگەك، ئىجادىي تۇيغۇسى ھەردەم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، روھىي ئۈستۈن، خاھىشى ئېنىق، مەنزىلى روشەن ۋە ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىنى ھەرگىزمۇ زورىغا يازماستىن، بەلكىي «شېئىر يېزىش-پەلسەپىۋىي مەنىدارلىققا ئىگە»(ئارىستوتىل)دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن بېرىلىپ بىر ئۆمۈر قىلىۋاتقان ئىشىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۆزگىچە خاراكتېرىدىكى رەڭدار شېئىرلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا سازابەر بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ شائىر:«شائىر بىر مىللەت مەدەنىيەت-سەنئەت مەۋجۇدلۇقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى...شائىر خەلقنىڭ بۈيۈكلىكىنى، غۇرۇرىنى ئېتنىك تىلدا ئىپادىلەيدىغان جاكارچى...ھەقىقىي گۈزەل چىققان نەپىس شېئىرنىڭ ئاپتورى بولمايدۇ، ئۇ خەلقكە ئۆتۈپ كېتىدۇ...» (بۇغدا ئابدۇللا) دەپ يەكۈن خاراكتېرلىك پىكرىنى دىل بەتلىرىگە پۈتسە، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەتقىقاتچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى:« شېئىرىيەت-ھېكمەتنى لىرىك بىلىش ۋە ھېكمەتنى لىرىك تۈستە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئاجايىپ سەنئەت، شېئىرنىڭ سەنئەتلىك قۇۋۋىتىمۇ لىرىك قۇدرەتكە باغلىق بولىدۇ، شېئىر-لىرىكىدىن ئىبارەت.» دەپ ئەقىل ئۆگۈتلىرىنى تۆكىدۇ. مەن بۇ ماقلەمدە ئەنە شۇلارغا يانداشقان ھالدا تەلقىن قىلىپ، ئاتاقلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ «چولپان» كۆزلىرىگە سىڭىپ كەتكەن بىر تۈركۈم لىرىك شېئىرلىرى ھەققىدىكى ھەققىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن:
1. شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدا روھىي چىنلىق ئۈستىگە ھېسسىيات يېڭى، ئويناق، يالقۇنلۇق، ئۆزگىرىشچان، جۇشقۇن ۋە قايناق بولۇپ، بۇ شائىر شېئىرلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلانغان. شۇنداق، «ھېسسىيات دېگەن شېئىرنىڭ يىلتىزى، مىسرا شۇ يىلتىزدىن ئۈنۈپ چىققان مايسا، ئاۋاز ئۇنىڭ گۈلى، مەنە ئۇنىڭ مېۋىسى» (بەي جۈيى). « شېئىرىي ئەسەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھېسسىيات ئارقىلىق ئاپىرىدە بولىدۇ. ئەگەر يالقۇنلۇق كۆيۈۋاتقان ھېسسىيات بولمىسا، ھەرقانداق نەرسىنىڭ شائىرنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، نېمىنىڭ ئۇنىڭغا مۇنچىۋالا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» (بېلنېسكىي). مىسال ئۈچۈن بىز شائىرنىڭ «سەرەڭگە ساتقۇچى قىز» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
« بار-يوقى نەچچە ئورام سەرەڭگە،
كوچا-كويدا ئايلىنىپ شۇ قىز،
ئۇشقىرىتار زېمىستان تېنىمسىز،
نە پاناھ بولغۇدەك بىرەر يەر دالدا.
توڭۇپ چىمىلدايدۇ بارماقلىرى تا
ئۈگدەك بېسىپ كېلىدۇ ئاستا.
چۈشىدە گۈر-گۈر ئوت كۆيەر ئالدىدا...»
بۇ شائىرنىڭ روھىدا ناھايىتى ئۇزاق يىل پىرىسلانغان بىر سەمىمىي ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، پىكىرنىڭ ئەركىن ئىپادىلىنىشى، ھېس-تۇيغۇنىڭ ئىخچاملىققا ئىگە قىلىنىشى ۋە بىشارەتلىك خاراكتېرنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن بىزنى جەلب قىلىدۇ. بىز ھەممىمىز «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» دېگەن بىر ئەسەرنى كىچىك ۋاقتىمىزدىلا بىلەتتۇق. بۇ ئەسەر ھەقىقىتەنمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بىراق ھېچقايسىمىز بۇنداق بىر پارچە لىرىك شېئىر يېزىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
2. شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئىنتايىن قىسقا، ئىخچام بولۇپ، بۇ شېئىرلارنىڭ ئىجتىمائىيەت ۋە روھىيەتتىكى چوڭ-چوڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەسىلىلەرنى بىر مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىخچام ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى نېسبەتەن تولۇق جارى قىلدۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
«‹ئىنتېرناتسيۇنال›ناخشىسى

بۇ ناخشا تارىختىن ئۆچمىدى تېخى،
تۇرىدۇ چاڭقاق يۈرەكنى سۇغىرىپ،
مەيلى ئاق، قارا ۋەيا سېرىق تەن،
لەرزىدىن ئۇيۇشۇپ بىر بولۇپ.
كېلىپ نۆۋەت قۇل، مېھنەتكەشكە
ئىسسىسۇن دەپ يوقسۇل دۈمبىسى،
پەشۋا ئالدىدا زاداگان، زالىم
يىگەنگە توشماس تا نوھ كېمىسى.»
بۇ شېئىر گەرچە ئارانلا سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان  بولسىمۇ، بىراق، ئۇ « ‹ئىنتېرناتسىيونال ناخشىسى›نىڭ تارىخىي يىلتىزىنى يىراق ئېرالاردىن قىياسەن ئىزدەپ، تەپەككۇرغا تايىنىپ، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغ ناخشىنىڭ لەرزى ۋە ئىشقىي ھارارىتى بىلەن ئىرق ئايرىماستىن ئىزىلگۈچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، خۇنخۇرلارنى مامات دېڭىزىغا غەرق قىلغانلىقىدەك پەلسەپىۋىي مەزمۇن ئىنتايىن ئىخچام ئىپادىلەنگەن.
3. ئاتاقلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنىڭ نېسبەتەن تارىخىي تۈسى قويۇق بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق بىر شېئىرنىڭ مۇھىم مىسرالىرىدا يىراق تارىختىن باب-سۆز ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەرنى باشلاپ نە-نەگىدۇ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي تىلنىڭ مەنىدار، ساپ، ھەممىباب، گۈزەل، مەزمۇندار ۋە ئاھاڭدار بولۇشتەك قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ :« ياڭاق دەرىخى» ناملىق شېئىرىدىن ھوزۇر ئالايلى:
                     «ياڭاق دەرىخى

                       -قارغىلىقتا   
سايباغدا
بەش يۈز يىللىق ياڭاق دەرىخى،
يۈزلەپ ئادەمگە سايسى،
مىڭلاپ ئادەمگە مېۋىسى،
قوۋم لېۋى شىرىن بولسۇن دەپ،
سۇلتان سەئىد قويغان كۆچەت شۇ
بىر سەپەردە ئۆز زامانىسى
ئەلمىساقتىن شۇنداق بىر ئۇدۇم:
كىمسەلەر ئېرىق تارتىپ،
كىمسەلەر جىرىم قويۇپ،
كىمسەلەر سۇغىرىپ...»
قاراڭ، بۇ شېئىردىكى دەرەخ-روھقا باغلانغان جىلۋىدار تارىخنىڭ ئۇدۇم تۈسلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىي يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى! قاراڭ، بۇ شېئىردىكى ئويناق تۇيغۇلارنىڭ زەنجىرسىمانلىقىنى! قاراڭ، بۇ شېئىردىكى خەلقپەرۋەرلىك ھەم ئەلسۆيەرلىك ئۇلۇغ روھنىڭ قۇياشتەك جۇلاكارلىقىنى!
4. شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى تىل جەھەتتىن تەبئىيلىككە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ھەم ئاممىبالىقى، ھەم ئېغىز تىلىغا نېسبەتەن يېقىنلىقى، ھەم ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ماس كەلگەنلىكى بىلەن ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ ھەقتە مەشھۇر شائىر ئەيچىڭ مۇنداق دەيدۇ:« ھەممىدىن تەبئىيلىككە ئىگە ئېغىز تىلىدۇر. شېئىرنى مۈمكىن قەدەر ئېغىز تىلى بىلەن يېزىش كېرەك. شېئىرنىڭ مۈمكىن قەدەر ئاددىي، مەنىسى چوڭقۇر بولسۇن.»
ھېس قىلىشىمچە، ئاتاقلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللا دەل شۇنداق قىلدى. خەلق ئېغىز تىلىنى رەھنىما ئەيلەپ، شېئىرلىرىغا يېڭى جان بەردى.
ئاق كېچىلەر
ئاق كېچىلەر، تۇتاش كېچىلەر،
بۇ ئەمەستۇر ئاينىڭ يورۇقى.
بىر يۇلتۇزنىڭ نىگاھىمۇيا،
ئالەمدە ئاز تۈننىڭ بۇندىقى.
بىزنىڭ يۇرتتا
بىر يەرلەردە ئېھتىمال بۇئان
كىمدۇر بىرى
قاراڭغۇدا يۈرۈپ كېلەر يول.
يولدا قالغان يامان دەپتىكەن
يوقكىم ۋايىم، مەنزىلى ئۇدۇل.»
دېمەك، شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرغا قانات ئاتا قىلىدىغان مول تەسەۋۋۇرى بىلەن چۈشىنىشلىك بولغان ئېغىز تىلىغا مۇراجىئەت قىلىپ، «ھېسسىيات بولمىسا، سەنئەتمۇ بولمايدۇ.»(ھىيوتى) دېگەن ئەقىدىگە يۈكسەك دەرىجىدە ھۈرمەت قىلىپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ بېرىۋاتقان ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئوقۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، تەسىرى چوڭ ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان بەرنا گېزىت «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ «چولپان» ئەدەبىي بېتىدە ئېلان قىلىنغان قىسمەن شېئىرلىرى ھەققىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندىم.
ئاخىرىدا ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، شېئىرىيەت ئىخلاسمەنلىرى ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مۆتىۋەر ئاتاقلىق نەزەرىيەشۇناس، ئاتاقلىق شائىرنىڭ يۈرەك قېنىدىن ئېچىلدۇرغان قەلب گۈللىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى «تەلقىن»نى ئۈزۈپ قويماستىن قانات يايدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ھەم شائىرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە بەرىكەت، ئۆزىگە بەخت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
ئاپتۇر:«كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا
قەشقەر شەھىرى خەلق شەرقىي يولى 51-قورۇ
تېلىفۇن: 13999644646


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇھەممەد خېۋىر غەزەللىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش




ئابلاجان بوۋاقى


       غەزەل- جاھان يىراق زامان شېئىرىيىتىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان لىرىك شېئىرلارنىڭ ئەڭ غوللۇق  تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مەنىۋىي مەتانەت مەقامىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى، يارقىن جۇلاسى ۋە ياڭراق ساداسىدۇر.
غەزەل- قەلبدىكى ئىزگۈ تىلەك ۋە روھىي پىغاننىڭ بىۋاستە زاھىرلىنىشى بولۇپ، ھىجران دەشتىدە بىۋىسال يۈرگەن باغرى قان شائىرنىڭ ئىشقىي چاڭقاش ئىلكىدە زارلىنىشىدىن ۋۇجۇدقا چىققان قەلب كۈيىدۇر. شۇڭا شېئىرىيەتنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانە ھەزرىتى مىر ئەلىشىر نەۋائىي :« ھەسرەت- غەزەلنىڭ جېنىدۇر» دەپ يەكۈن چىقارغان. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، غەزەل- مەنىۋىي ئېرانىڭ ئىلاھىي يالقۇنى ھەم ئەبەدىيلىك گۈلخىنى!
غەزەل- ئىشقىي نەپەسلەرنىڭ يېشىل نىگاھى، پاك ئېتىقاد تېۋىنىشىنىڭ قىبلىگاھى، ئۈمىد-ئارماننىڭ سەجدىگاھى ۋە روھنىڭ ئوتلۇق بايانىدۇر.
ئۇيغۇر خەلقىدىن ئىبارەت باي ئەپسانە-رېۋايەتكە، بىباھا مەدەنىي مىراسقا، گۈزەل مىللىي ئەنئەنىگە، مۇرەككەپ ۋە مۇپەسسەل ئىچكى قۇرۇلمىغا، يۈكسەك ئەقىل-پاراسەتكە، مول تەسەۋۋۇرغا، چىن ئىنسانىي ئار-غۇرۇرغا ۋە ئىشقىي ئارزۇ-ئارمانغا ئىگە بولغان بۇ گىگانت ئەل ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شېئىرىيەت، جۈملىدىن شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ جىلۋىدار گۈلتاجىسى ھېسابلانغان غەزەل  تۈرى بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ ياشاپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاجايىپ مەنىدارلىققا ئىگە قىلدى ۋە شادىيانە مەشرەب-تويلىرى ھەم دەرد-ئەلەم، ماتەم-مۇسىبەت، قايغۇ-شادلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. لۇتفى، نەۋائىي، زەلىلى ۋە مەشرەبلەرنىڭ مۇبارەك ئىزلىرىنى تاۋاب ئەيلەپ، زامانىمىزغا كەلگەندە، ئا.ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائى، تېيىپجان ئېلىيوف، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن، مۇھەممەدجان راشىدىن، مۇھەممەد خېۋىر ۋە ئابدۇرېھىم ئابدۇللادەك ئوت يۈرەك ئوغلانلارمۇ ئۆتكۈر زېھىن، پاكىزە ئىمان، چىن ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە ساپ ۋىجدان بىلەن يۇغۇرۇلغان  بۇ لىرىك، تاغ ۋەزىن شېئىرىي تۈردىن پايدىلىنىپ، چىن مۇھەببەت، ۋاپا-ساداقەت، ئەقىدە-ئېتىقاد، سەبرى-تاقەت، چىدام-جاسارەت، سېخىلىق، مەردلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەت سۆيەرلىك؛ بىرلىك-ئىناقلىق، ئادەمىي گۈزەللىك... تېمىلاردىمۇ ئەقىل قۇشلىرىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي بىر ئىنساندا، ئەدناسى بولۇشقا تېگىشلىك ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنى پۈتۈن قەلەم ۋە ئىدراك كۈچى بىلەن مەدھىيلىگەن بولسا، ۋاپاسىزلىق، بېخىللىق، نامەردلىك، غۇرۇسىزلىق، مۇناپىقلىق، تۇزكورلۇق، ئاسىيلىق، خائىنلىق، ئىناقسىزلىق، ھورۇنلۇق، ناپاكلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، كاززاپلىق، رەزىللىك...قاتارلىق ئىنسان روھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان ناچار ئىللەتلەر ۋە بولمىغۇر قىلمىشلارنى ئاچچىق تىل ئەيياملىرى بىلەن قاتتىق قامچىلىغان. جۈملىدىن بۇ مۇھاكىمىمىزگە سەۋەب بولغان بىزنىڭ مەرھۇم، ۋۇجۇدى پاك، گۈلخاندەك يېلىنجاپ گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرىدىغان ئاتەش پىراق شائىرىمىز مۇھەممەد خېۋىرمۇ نەچچە ئون يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە يۈكسەك بەدئىي دىت، پىششىق شېئىرىي تىل، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى، باي، چەكسىزلىككە بوي سوزغان ئىلاھىي تەسەۋۋۇرى بىلەن لىرىك ھېسسىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، غەزەل يېزىپ، ئەجدادلار ئەنئەنىسىگە ھەم تەنقىدىي، ھەم ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تالانتلىق قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بىرىدۇر. كۈزىتىشىمچە، شائىرنىڭ ھازىرغىچە ( شائىر ۋاپات بولغانغا قەدەر) «تۇرپان» ژورنىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا «تارىم»، « تەڭرىتاغ»...قاتارلىق غوللۇق ھەم نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژورناللاردا 250 پارچىدىن ئارتۇق سەرخىل غەزىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قەلبى چاڭقاق، سەنئەت ئاشىنالىرىغا سۇنۇلۇپ، ھەم كۈچلۈك، ھەم  بېسىلغۇسىز، ھەم ئىجابىي، ھەم شەكىلسىز غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مەن شېئىر مۇھەممەد خېۋىرنىڭ ھېسسىياتقا تويۇنغان، ئانا تىل ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئىچكى قۇۋۋەت-قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شىرىن جىلۋىدارلىق بىلەن تۇيغۇ قەسىرلىرىنىڭ گۈزەللىكى نېسبەتەن مۇپەسسەل ئىپادىلىنىپ ئېچىپ بېرىلگەن ھەم ئىشقىي ھىجران كۈۋەجەپ تۇرىدىغان غەزەللىرىنىڭ قىزغىن ئاشىناسى-ھەۋەسكار ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بەزى غەزەللىرى ھەققىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى زاھىر ئەيلەپ، سەمىمىي دوستلىرى بىلەن سىرداشماقچىمەن:
شائىر مۇھەممەد خېۋىر غەزەللىرى ئىنتايىن رەڭدار، جىلۋىگەر، تارتىملىق بولۇپ، ئۇنىڭ غەزەللىرىنىڭ مەنە قاتلىمى ناھايىتى چوڭقۇر، ماقامى ناھايىتى ئۈستۈن، خاراكتىرى ناھايىتى روشەن. تىلى راۋان، لاتاپەتلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە تويۇنغان پەلسەپە چەشمىلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئۇنىڭ غەزەللىرىنى شۇ تۈردىكى شېئىرلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەمەرىلىك بايرىقى دېيىشكە بولىدۇ.
شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ مەركىزىدە ئىنساندا بار بولغان ئالىيجاناب يۈكسەك مۇھەببەت تۇرىدۇ. ئۇ ئاتەش پىراق مۇھەببىتىنى يار (مەشۇقە)، مەن ( شائىرنىڭ ئۆزى-لىرىك قەھرىمان)، مەي-شاراب ( ھىجران-ۋىسال، دەرد-ئەلەم)، نەۋ( ئىستىقبال)، ساقىي ( تەڭرى، سەبرى-تاقەت) ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەشكە ئالاھىدە زېھىن خوراتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ نېسبەتەن بارلىق مۈمكىنچىلىكلىرىنى ئىجادىي ھالدا ئۆزلەشتۈرۈپ، زاھىرى ۋە باتىنى ئىشىق پەللىسىدە تۇرۇپ، روھىيەت ئالىمىنىڭ چەكسىز پايانلىرىغا ئىشقىي بىلەن شۇڭغۇپ ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىسى ۋە دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر غەزىلىدە-ھەر بىر مىسراسىدا زاھىرى ئىشىقنىڭ تىمسالى بولغان ھايات ئادەملەرگە بولغان ھەقىقىي مېھرى-مۇھەببەت گويا سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك ئويناقشىپ، شۇرۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شائىر ھايات قىسمەتلىرى ۋە قىسسەلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان پەلسەپىۋىي پىكىرلەر ئۈگۈتلىرىنى ئاجايىپ مەنىۋىي مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىپ ئىپادىلەپ، توسقۇنسىز تەپەككۇرنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، تىل ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، غەزەلچىلىك گۈلىستانىمىزدا يېڭى، رەڭدار، مەنىدار، جەزبىدار، يېقىملىق ۋە جۇشقۇن بىر روھىي ئېرا مەنزىلىنى نامايەن قىلغانلىقى بىلەن شېئىرىيەت ئاشىنالىرىنىڭ ئويغاق قەلبىدە ئەبەدىي پەسلىمەيدىغان ۋە بېسىقمايدىغان لەرزىگاھ پەيدا قىلىپ، ئۆلگە ياراتتى ھەمدە ھەر مەنزىلىدە يېڭىدىن يېڭى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ھەم جايىدا ئىشلىتىپ، مىللىتىمىزنىڭ تىل بايلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. شائىر بۇ جەھەتتە مىللەتنىڭ تىل بايلىقلىرىنىڭ شائىرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ، قەلبىدە تاۋلىنىپ، ئەبەدىيلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىدەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ۋىجدانىي مەيداندا تۇرۇپ ئادا قىلدى. شائىرنىڭ غەزەلللىرىدە ئىشلەتكەن بۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ئۇنىڭ پىشقان لىرىك غەزەللىرىنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنىى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكىي، يەنە شېئىرىي مەزمۇن مۇكەممەلللىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى قىلىنغان. مەسىلەن:« كەيپ ئەلبۇملىرىم، مەي جۈرئىتى، بالاغەت كەلكۈنى، كەيپلىك پەنجىسى، سۆيۈنگەن كۆكلىمىم، باغرى ئوت پىنھان، خۇنۇك پەيتىمنى، جەزبى رىغبەت، شىرىن دەرد، بەرقىي ھىممەت، سىرىڭغا مۇشتەرى، مىزاج، ھەجى، ھىجىر زىندانىدا، سوغۇق ئەخلاق، سوئاللار پىلسىراتى، نېپىز كۆكلەم، قىرچالدىم، مۇزدەك سۈكۈت، بىمەسەل نەزمەم، كېسەلچان بەزلىنىش، رەزگى شەيتان...» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇندىن باشقا شائىر غەزەللىرىدىكى لىرىك چېكىنمە ۋە تۇيغۇ تەكرارلىقى غەزەللەرگە قويۇق، گۈزەل، تاشقىن يېشىللىق تۈسىنى ئاتا قىلىپ، شاھانە لاتاپەت ۋە ئىشقىي مەتانەت لىباسىنى تەقدىم ئېتىپ، شېئىرىي قىممەتنى ئاشۇرۇپ، بەدئىي ھىممەتنى جۇلالاندۇرۇپ، روھىي نېئىمەتنى زاھىر ئەيلەپ، تەپەككۇر بالاغىتىنى نامايەن قىلىپ، كۈۋەجەك تالانت گۈللىرىنى باراقسان ئېچىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە بىر شېئىرىي ئالەم ياراتقان.
شۇنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالماي بولمايدۇكى، ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى توق( ئاساسەن) قاپىيىلەر گۈزەل قىزنىڭ يۇمران قۇلىقىدىكى قاشتېشى ھالقىسىدەك ياكى ئالتۇن ئۈزۈكتىكى ياقۇت كۆزدەك يارىشىپ، غەزەللەرگە ئاجايىپ شېئىرىي قۇدرەت ۋە جەلبكارلىق بېغىشلىغان. بۇندىن باشقا يەنە رادىف (قوش قاپىيە) ھەم ھەر بىر ياكى ئىككى مىسرا ئىچىدىكى ھەر بىر چوڭ بۆلەك ئاخىرىدىكى قاپىيىلەر شائىرنىڭ غەزەللىرىدىكى قويۇق مەزمۇنلارنى مۇكەممەل زەنجىرسىمانلىققا ئىگە قىلىپ، ئۈنچىلەر دېڭىزىنى بەرپا قىلغان.
مەسىلەن:
« چىراقلار قالدى نۇر يوللاپ، يىراقتا يار جۇلاسى بار،
پىراقلار ئالدى قوش قوللاپ، ئۇنىڭ مۇپتىلاسى بار.

ئەلەمنىڭ زار  پىراقى ئۇ، سەنەمنىڭ نۇر چىراقى ئۇ،
يوقالدى گاھى گاھ ھۇشمۇ، ئۇنىڭ جانغا بالاسى بار.

شەپەق رەڭ ئالدى قەلبىمدىن، قىيا قەد ئالدى قەددىمدىن،
لېكىن ئىقبال جۇلاسىدىن چىدامنىڭ كۆپ سالاسى بار.

شاماللار گەزلىدى لەۋنى، شامال قۇچاقلىدى بەلنى،
پىراقتا قالدى يار ۋەسلى، خىيالنىڭ كەڭ دالاسى بار.

پىچىرلار ھىجىرنى تۈنلەر، تىلىمدىن قالدى شوخ ئۈنلەر،
ئۆزۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم ئۇنىڭ كۈچ، ئېستىلاسى بار.

مېنى تىغ باغرىدىن ئىزدەڭ-ۋاپاسى بارىدىن ئىزدەڭ،
ھامان يوللاردا شەيتاننىڭ قارا تۆھمەت، يالاسى بار.

بالالار ئەۋجىسۇن مەيلى، چېكەمدە تۇرسىلا لەيلى،
ئۇزۇن يوللاردا پىنھاننىڭ دىدارغا كۆپ تاماسى بار.»
-«تۇرپان» ژورنىلى، 2003-يىلى، 1-سان
قاراڭ، ئەقىللىق، ئۆتكۈر زېھىن ئوقۇرمەن، «بار» رادىفلىق بۇ غەزەلدە ئۇ يۇقۇرىدا قەيت قىلغاندىكىدىن سىرت، يەنە ئۇيغۇر كلاسسىك غەزەلچىلىكىدىكى ھەر بىر ئالاھىدىلىكمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئەمدى شۇ يەرگە كەلگەندە چوقۇم ئېيتىش زۆرۈركى، شائىرنىڭ قەلب ۋە ژورنال بەتلىرىدىن چوڭقۇر مۇبارەك ئورۇن ئالغان ھەر بىر تۈركۈم غەزەللىرىگە قويۇلغان ماۋزۇلارمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن ئىزگۈ پەلسەپىۋىي مەزمۇننى ۋۇجۇدىغا يۇغۇرغانلىقىغا كۆرە، تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مەسىلەن: « دىدار تەشنالىقى جىسمىم»، « ساپ-سېرىقتۇر شارابنىڭ رەڭگى»، « شەبنەم يىلتىزى»، « سۈبھىنامە»، « پىنھان غەزەللىرى»، « ئاتەش نەزمىلەر» ...قاتارلىقلار.
قىسقىسى، شائىرنىڭ غەزەللىرى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە نېسبەتەن تويۇنغان بولۇپ، رەڭدار، مەنىدار، جىلۋىگەر، شېئىرىي تىل ئۇنى كۆكلەمدىكى نەۋرۇز گۈلىدەك تەڭداشسىز بىر شىرىن تۇيغۇ ئىلكىدە جۇلالاندۇرغان.
شائىر مۇھەممەد خېۋىرنىڭ غەزەللىرى تەسەۋۋۇپ ۋە باشقا پەلسەپىۋىي تۇيغۇ ( پىكىر)  ئىزنالىرىنى يەرقىن ئىپادە قىلىش،  چىن ئاشىقانە ھېسسىياتنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىش، پەلسەپىۋىي پىكىر بايلىقى ۋە مىللىي روھنى كۈچلۈك ئىستەك بىلەن مۇجەسسەملەشتۈرۈش: ھەر بىر غەزەلنىڭ ئىشقىي سەرگۈزەستە، پىسخىك كەچۈرمە ۋە شىرىن ئازابنىڭ شىرىن جۇلاسىغا چۆمگەنلىكى، پىنھان، نالە-ئەپغان، ھىجرانلارنىڭ سەۋەبىياتلىرىنى ۋە ۋىسال تەشنالىقىنى لەرزان گەۋدىلەندۈرگەنلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىكتۇر.
شائىر ئارۇز ۋەزىننىڭ تۈرلۈك  قىيىن بەھىرلىرىدىكى ئەڭ ئىنچىكە ئۆلچەملىرىگە ۋىجدانەن ئەمەل قىلىپ، غەزەللىرىنى ئاساسەن رەمەل، ھەزەج، رەجەز ۋە مۇتەقارىپ بەھىرلىرىدە يازغان بولۇپ، بۇنىڭ شائىرلاردىن يۈكسەك بەدىي دىت، ئالاھىدە شېئىرىي تالانت، شائىرانە مىزاج ۋە سەبرى-تاقەت، شۇنداقلا مەشق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە سىر بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە.
شائىرنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىرلەر يوشۇرۇنغان بەزى شېئىرىي مىسرالىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئاتراپلىق، ئىنچىكە ۋە سېستىمىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مۇتالىئە قىلىپ، تەھلىل-تەتقىقات ئېلىپ بارمىغاندا، تەپەككۇر دېڭىزىنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇپ، جاۋاھىراتلارنى كۆرۈپ ۋە سۈزۈپ بەھىرلەنگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن؛
.......................................
« يانمىسا گەر تەن ئارا لەززەتتە دەۋزەخ ئوتلىرى،
بەلكىي ئوت پەيتىدە ئوت بىرلە پۈتكەن جان ئەمەس.

بۇ ۋۇجۇدۇم مىڭ مەلامەت دەردىدە تىترەپ تۇرار،
بەلكىي ئىنسان لەرزى ئوتتىن تەركىي لەززەت بولسا تەس.»
«تۇرپان»، 2007-يىلى، 1-سان
ئويلىنىپ كۆرۈڭ، بۇ ئىككى بېيت غەزەلدە «ئوت» دېگەن بۇ ئۇقۇم-سۆز(ئىسىم) تۆت قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر تەكرار ئورنىدىكى مەنىسى ۋە رولى ئوخشاش ئەمەس. شۇنداقلا بۇ ئۇقۇم (ئىسىم) سەككىز بېيتلىق بۇ شېئىردا يەتتە ئورۇندا تەكرارلانغان. بىراق بۇ خىل تەكرارلىق سىزگە ھەرگىزمۇ مەززىسىز، ئارتۇقچە، ھاياتىي كۈچىدىن قالغان بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. چۈنكى، بۇ « ئوت»نىڭ ھەر بىر مىسرا ۋە ھەر بىر مۇئەييەن ئورۇندىكى يالقۇنى بارغانچە كۈچىيىپ، ئاجايىپ بىر گىرىمسەن ئالەمنى كۆز ئالدىڭىزدا مەڭگۈ پەرۋاز قىلدۇرىدۇ!...
دېمەك، مەرھۇم شائىر مۇھەممەد خېۋىر غەزەل يازدى، ئۇ غەزەلدە ئالدى بىلەن ئۆزىنى يازدى،  غەزەلنى پاك ئېتىقادى، چىن سەنئەت ساداقىتى بىلەن يېزىپ خەلقىگە تەقدىم قىلدى. ئۇ «سۈبھىنامە» ناملىق ماۋزۇ ئاستىدىكى بىر غەزىلىدە:
« سۇلايمان خەزىنىگە باقماس، غەزەلدە ئەۋجى سەۋدالىق،
دېڭىزلار بەھرىگە قانماس جۇنۇن سۆيگۈدە تەشنالىق.
ئىمان مېھرابىدا پاكىز يۈكۈندۈم قىبلە-پىكرەتكە،
مۇنەۋۋەر ئەيلىبان باردى دىلىمنى زەۋقى تەقۋالىق.

پۈكۈلمەس ئۇ قۇيۇچ بەللەر قىلار پىرچەڭگىگە سەجدە،
تۆكۈلدى قان بولۇپ نەزمە، يۈكۈندى كۈندە شەيدالىق.

پەرىشتە ھۆكمىتى شائىر تىلىدىن چاچرىغان ماگما،
لېكىن كىملەرچە بىر سەھۋەن غەزەلگە جەزبى ئاشنالىق.

سىلىق بىر يورغىدا ئۆتتى تالاي يىل يىلنى تۇيدۇرماي،
چىڭىپ باردى ۋۇجۇدۇمدا ياشارغان پەسلى بەرنالىق.

يىراق پىنھان قانائەت كۇرسىدىن، ئەمما رىزالىق لىپ،
زىياھ مۆچەللىرى جىقلاپ تۇرار ھەردەم تەمەننالىق».
«تارىم»، 1998-يىلى 8-سان
دەپ يازغىنىدەك، غەزەل-سەنئەتكە(شېئىرغا) بولغان «سەۋدا» لىق تۈپەيلى «سۇلايمان خەزىنىسىگە باقماي»، « جۇنۇن» بولۇپ، «دېڭىز بەھرىگىمۇ قانماي»، « تالاي يىلنى سىلىق بىر يورغىدا تۇيدۇرماي ئۆتكۈزۈپ، قانائەت كۇرسىدىن يىراق» تا تۇرۇپ، ئېتىقادىي بىلەن ھالال ياشاپ، باغرىمىزنى لەختە-لەختە قىلىپ، جىمجىتلا كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ غەزەللىرىدىن تامچىغان پىغان ۋە ئوقچۇۋاتقان ھەسرەت گويا كۆسەيدەك روھىمىزنى قوچىدى. مەن روھ تەسەللىسى سۈپىتىدە بۇ قىسقىغىنا ماقالەمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.
ئاخىرىدا مەن مەرھۇم شائىر غەزەللىرى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان تەلەپكارلارنىڭ ئەتراپلىقراق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابلاجان بوۋاقى ئوبزور-ماقالىلىرى




« شېئىرىيەت مۇقەددىمىسى» دە ئويلىغانلىرىم
(1)


( ئوبزۇر)





   مەن ئاتاقلىق شائىر، شېئىرىيەت نەزەرىيىچىسى، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇناسىپ شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بوغدا ئابدۇللانىڭ يېقىندا نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە بىرمۇنچە بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان « شېئىرىيەت مۇقەددىنىسى» ناملىق تەتقىقات ۋە تەجرىبىنىڭ مەھسۇلى بولغان كىتابىنى بىر ئوقۇشتىلا تۈگەتتىم ھەم قەلبىمدىكى تۈگۈچلەر بىراقلا يېشىلىپ كەتكەندەك بولۇپ، يېنىكلەپ قالدىم. چۈنكى بوغدا مۇئەللىم قەيت قىلغاندەك «ئەسلىدە شېئىر- سېھىرلىك » بولۇپ، « شائىرنىڭ بىر خىل ئاۋازى» ( بوغدا ئابدۇللا) ۋە ساداسى ئىكەنلىكىدەك سۈپەت- تەۋسىپلىرى بىلەن ئەسىرلەردىن بىرى ئىنسانىيەتنىڭ قەلب قەسرىدىن شاھانە ئورۇن ئىگىلەپ، ئاجايىپ يارقىن نۇر چېچېىپ، ئۆز كامالىتىگە كۆرە سەلتەنەتلىك دەبدەبىسىنى نامايەن قىلىپ كەلگەنىدى.
شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، باشقا ئەدەبىي تۈرلەرگە نېسبەتەن شېئىرنىڭ ئەڭ ئوتى يامان، مېھرى ئىسسىق، تىنىقى يالقۇنلۇق، مۇقامى كۆتۈرەڭگۈ، روھىي ئۈستۈن بەدئىي تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ھېرىسمەنلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەزەلدىن ئەبەد كۆپ بولۇپ كەلدى. نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلار بۇ ئوتى يامان دىلبەرگە ئاشىق-بىقارار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تىلسىملىق  ئىشىكلىرىدىن بۆسۈپ كىرەلمەي ياكى ئۇ « تاش يۈرەك» دىلبەرنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەي ۋە ياكى ئۇنىڭ ئالتۇن بوسۇغۇسىدىن نېرى كېتەلمەي، گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك قايمۇقۇپ، تەمتىرەپ بۇ « كوچا» دىن چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئازدۇر-كۆپتۈر كۆرۈلۈپ قالدى. ھەتتا ئۆزلىرىنى سەن ئەمەس مەن دەپ يۈرۈيدىغان ۋە توم-توم نەچچە كىتابنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلارمۇ شېئىردىن ئىبارەت بۇ « جانان» نىڭ يامان ئوتىنىڭ كۆيدۈرىشىگە ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلمەي، ۋاز كەچتى. بىرقىسىم ياشلاردا بولسا شېئىردىن زېرىكىش ۋە ۋاز كېچىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارغا يول ئېچىپ بېرىشنى شائىرانە ۋىجدانىي بۇرچى  دەپ قارىغان بوغدا مۇئەللىم « شېئىرنى ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى» ( بوغدا ئابدۇللا) دەپ تونۇپ، « شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق»، « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ» ۋە « بىر يۈرۈش نەزەرىيىۋىي ماقالە» دېگەن كىتابىدىن كېيىن تېنىمسىز ئىزدىنىش بەدىلىگە كەلگەن « شېئىرىيەت مۇقەددىمىسى» ناملىق قورال خاراكتېرلىك مۇھىم كىتابىنى يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي، يېڭى ھەم ئۆزگىچە پىكىر قىلىشىنىڭ يولىنى ۋە ئەقىل بۇلىقىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ بەردى. مېنىڭچە، بوغدا مۇئەللىم بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللەتسۆيەرلىك روھىنى تولۇق نامايەن قىلىپ كېيىنكىلەرگە ئۆلگە تىكلەپ بەردى. بۇ يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، يۈرگەن بىر شائىرغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ ئەمەلىي پائالىيەتتۇر، خالاس!
بوغدا مۇئەللىمنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ كىتابىدا « بىر پارچە شېئىرنىڭ يېزىلىشى» دىن تارتىپ، « تېما تاللاش»، « خىيال»، « تەسەۋۋۇر»،» « ئىلھام »، « مىسرا ۋە كۇبلېت»، « قاپىيە »، « قۇرۇلما سەنئىتى»، « شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق»، « شېئىرىيەت: چىنلىق، بەدئىي چىنلىق ۋە لايىھە »، « مىللىي تۇپراق – لىرىكا »، « بەدئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، « شېئىر: سان ۋە سۈپەت »، « شائىر، تىل ۋە روھ»، « شېئىر ۋە ئىمتىياز»، « خەلق تىلى ۋە خاراكتىر تىلى » ۋە « شېئىرنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك»... دېگەندەك ناھايىتى مۇھىم بولغان 36 پارچە قىسقا ماقالە ھەم بەش پارچە سۆھبەت ئارقىلىق شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈن كام بولۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇپەسسەل يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ كىتابنى بىر پارچە نادىر ئىجادىيەتچىلەر ئوقۇشلۇقى دەپ تەرىپلىسەكمۇ ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز، ئەلۋەتتە!
بوغدا مۇئەللىم كىتابىدا  شېئىر ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: « شېئىر-شېئىرخانلاردا خۇددىي رېۋايەت ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلالىسا، مەن بۇنداق شېئىر مۇۋەپپىقىيەتلىك شېئىر دەپ قارايمەن... شائىر ئۆزى پەرۋاز ھالىتىدە تۇرۇپ شېئىر يېزىشى كېرەك... شېئىردىن ئايرىلىپ قېلىش – بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن باراۋەر... ئومۇمەن شېئىرلار شائىرنىڭ بىر خىل ئاۋازى... شائىرلىق يولى- ئازابلىق يول. ئاپتۇر ئۇزاق ۋاقىت بەدئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانسېىرى مەغلۇبىيەت ۋە غالىبىيەت تەجرىبىلىرىنى داۋاملىق يەكۈنلەپ بارىدۇ. شېئىرىي ئىجادىيەتتە مەغلۇبىيەتنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ئادەتتىكى بىر ئىش... ھەقىققىي تۇرمۇش شائىرنىڭ ئانا باغرىدۇر... شائىر بىر ئۆمۈر ئىرادىنىلا يازىدۇ... شائىر دۇنيادا پەقەت تەبىئەت بىلەنلا بەھۇزۇر مۇڭدىشالايدۇ، ئاشىقانە ھوزۇرلىنالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى يۇلۇۋالالايدۇ... ئوبراز-مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە...ئوبراز يىلتىزى-تارىخىي يىلتىز بىلەن تومۇرداش بولىدۇ. ئوبراز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ مىللىلىقىنى يوقاتمايدۇ...».
قارايدىغان بولساق ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ھەقىقەت ئۈگۈتلىرى بولۇپ، ياش قەلەم ئىگىلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان بىباھا گۆھەردۇر.
شۇنىمۇ ئالدىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە قارىتا كۆزقاراش پەقەت بوغدا مۇئەللىمنىڭ ئەمەلىي ئىجادىي پائالىيىتى جەريانىدىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى شەخسى ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا يا ئۇنداق، يا مۇنداق يېتىشسىزلىكنىڭ بولۇشى تەبئىي. بۇنى كېيىنكىلەر تولۇقلىغان ئاساستا مۇكەممەللەشتۈرسە ھەم  بولىدۇ. مەسىلەن: بوغدا مۇئەللىم شېئىردىكى ( مەزمۇندىكى) غۇۋالىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە شېئىردىكى سۈپەتنى تەكىتلەۋىتىپ، « بىر ياخشى شائىر پۈتۈن ھاياتىدا مەيلى ئون ېپارچە شېئىر يازسۇن، مەيلى يۈز پارچە شېئىر يازسۇن، سۈپەتكە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. بولمىسا ئۆزىنى شائىر دەپ يۈرسىمۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنى ۋە شېئىرخانلارنى ئالداشتىن باشقا ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دەيدۇ. بۇ مەسىلىدە مېنىڭچە خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. غۇۋالىق شېئىرنىڭ ئۇنچىلىك ئامىلى ھەم بولمىسا كېرەك. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە تېيىپجان ئېلىيوف قەلىمىگە مەنسۇپ شېئىرلارنىڭ ئەل قەلبىدە چاقناپ تۇرالىشىدىكى ئوبيىكتىپ ۋە سوبيىكتىپ سەۋەبلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش ئارتۇقلۇق قىلماس. بىر ئېغىز گەپ بىلەن تاماملىغاندا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى مەزمۇن يېقىدىن غۇۋالىقتىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالىغان.
ئەمدى سۈپەت مەسىلىسىگە كەلسەك، سان-سۈپەتنى بەلگىلەيدۇ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بوغدا مۇئەللىم دېگەندەك :«شېئىر- ساننىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.» ھەم سۈپەتمۇ ساندىن بەرپا بولىدۇ. كىمنىڭ ياخشى ئەسەر يېزىپ ئالقىشلانغۇسى يوق دەيسىز؟ ھەممىمىزنىڭ بار. بىراق بۇ ناھايىتى تەس بولغان ئىجادىيەت جەريانى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇڭا ياش تالانت ئىگىلىرى ئويلىنىپ، كۈزىتىپ، تەپەككۇر قىلىپ، روھ ئەلگىكىدە تەكرار تاسقاپ كۆپلەپ يېزىپ بېرىشى ھەم مەشقلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ بىر كۈنى ئەمەس، بىر كۈنى چوقۇم ھەممىنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىپ، ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك ئەسەر يازىمەن، دەپ كۈتۈپ تۇرماسلىقى كېرەك. بوغدا مۇئەللىممۇ شۇنداق ئەسەر يازىمەن دەپ كۈتۈپ تۇرغان بولسا، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى دېگەن « ئىددىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەر» بۈگۈنكى كۈنگىچىمۇ روياپقا چى قمىغان بولاتتى ھەمدە ئۇنىڭ  
« ئانا» قاتارلىق  بىرمۇنچە نادىر شېئىرلىرىمۇ يېزىلمىغان بولاتتى.
قىسقىسى، ئاتاقلىق شائىر، شېئىرىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە تەلەپچان ئۇستاز بوغدا مۇئەللىمنىڭ بۇ كىتابى ھەرقايسى تەرەولەردىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان كىتاب بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ شېىرىيەتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشىمىزدە تۈرتكىلىك رول
ئوينايدۇ.
پايدىلانمىلار: بوغدا ئابدۇللانىڭ « شېئىرىيەت مۇقەددىمىسى»ناملىق كىتابى



«دادامغا خەت»تىكى ئۆلمەس مۇھەببەت جىلۋىسى

(2)

(ئوبزۇر)





     بەدئىي ئىجادىيەت دېگەن ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە جاپالىق جەريان بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىر پارچە ئەسىرى روياپقا چىقىشى بىلەنلا گويا تۈن ئاسمىنىدىكى ساليۇتتەك كۆزگە چېلىقىپ، قەلبلەردە يېشىل ئابىدە تىكلەپ، باقىيلىق جەزبىسىىنى نامايەن قىلغانلىقىنى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەكسىچە بەزى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر يۈەك قېنىنى سەرپ ئېتىپ توم-توم كىتابلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپمۇ ئانچە تەسىر پەيدا قىلالمىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، شائىر بۇدلېرنى ئالساق، ئۇ ياشىغان زاماندا ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكىي باشقىلارنىڭ ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىر تۈركۈم ئوتلۇق ئوقۇرمەنلىرى پەيدا بولۇپ، ئاجايىپ زور سەلتەنەتلىك مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ روياپقا چىقىپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت يۈزلىنىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. يەنە بىر تۈركۈم ئىجادىيەتچىلەر بولسا ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرلەردىلا ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرىپ،  مۇئەييەن بىر دەۋرنىڭ ئوتلۇق نېداسى، بەلگىسى، ۋىجدانى، سەزگۈسى ۋە پىكىر يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولۇپ، دىللاردا داستان، تىللاردا بوستان بولغان.ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇرېھىم نىزارى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەمتىلى ئەپەندى، تېيىپجان ئېلىيۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر...لەر ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى، بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجادىيەتچىنىڭ پىكرىنى چۈشىنىپ ياكى ھېس قىلىپ يېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ روھىغا سىڭىپ، يېپ-يېڭى پىكىر ئويغۇتۇپ، روھ كۆلچىكىدە سەھۋەن پەيدا قىلىپ، مىللىيلىكنىڭ ئەڭ روشەن جۇلاسىنى ۋە ئەنئەنىۋىي بىلىش ئادەتلىرىنىڭ قاتماللىقىنى بۆسۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان تەلقىنلەرنىڭ قاتلىمىغا قانچىلىك چوڭقۇرلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.
شۇنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەش زۆرۈركى، قىسقىغىنە ھاياتتا بەزىلەر قەلىمىدىن تامغان ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن ئىمانىي دۇردانىلەر بىلەن دىللاردا داستانلارنىڭ پۈتۈشىگە ھەسسە قوشسا، يەنە بەزىلەر قۇتلۇق قەدىمىدىن ئۈنۈپ چىققان خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن قەلب «مەڭگۈ تېشى»نىڭ باقىي مەۋجۇدلىقىغا ئاساس سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىللاردىن ياكى بىرنەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ يىگانە ھاياتىي ئىزى ئارقىلىق يادنامە قەسىرگاھىنى پۈتتۈرىدۇ. بۇنداق ياشام جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ئادەتتىكى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ھەلەكچىلىكى بىلەن ھاياتىنى تاماملىغانلار بولماستىن، بەلكىي، دۇنياغا ئىجاد قىلىش، يېڭىنى يارىتىش، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋلادلىرىغا يول ئېچىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بولۇپ، ئەبەدىل-ئەبەد كۈيلەشكە ۋە دىللاردا مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ.
شېئىرىيەت گۈلىستانىدا ئۆزىنىڭ خۇشپۇراق گۈللەر كەبىي تاتلىق، يېقىملىق، ھەممىباب، لەرزان، يېنىك، ئىخچام، جۇشقۇن، مەتانەتلىك لېرىكىلىرى بىلەن ئەمدىلا بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتىپ، بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت-مەركىزىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش شائىرنىڭ تەقدىرىقىسمەت تۈپەيلىدىن 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراماي شەھرىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلاددە زور ئوت ئاپىتىدە بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە بىمەھەل شەرەپ بىلەن قۇربان بولغانلىقى ئېھتىمال ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىگەن بولسا كېرەك. بۇ زاتى مۇبارەك- مەرھۇم ياش شائىر غەنى رەشىدىدۇر.
شائىر غەنى رەشىدى ناھايىتى قىسقا ياشاپلا ھاياتىنى تۈگەللىدى. ئۇ 1965-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتا يايلاق يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاخىرقى ئوقۇشىنى 1985-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە سابىق بېيجىڭ پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىنىڭ خېمىيە پاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەم شۇ يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومتېتىغا  خىزمەتكە تەقسىملەنگەن. ئۇ گەرچە خىمىيەدە ئوقۇغان بولسىمۇ، بەدئىي ئىجاىيەتكە بولغان ئوتلۇق ئىشتاياقى بىلەن سەھرا ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ساپ لېرىكىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىجاد قىلىپ، مۇھەببەتنىڭ پايانسىزلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە نېسبەتەن چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، خېلىلا كۈچلۈك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ئۇنىڭ لېرىكىلىرىنىڭ سۈزۈكلۈكى، سەمىمىيلىكى، چىنلىقى، ئۈزۈكسىزلىكى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقى كىشى قەلبىنى ئاقايىپ ھارارەتلىك تۇيغۇ-تەسىراتلارغا ئىگە قىلىپ، رۇس ئەدەبىياتىدا سەھرا كۈيچىسى دەپ نام ئالغان سېرگىي يېنسېنىننى ئەسكە سالىدۇ.
مەرھۇم شائىر غەنى رەشىدىنىڭ شېئىرلىرى ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەمدىن، پەرداز-بوياقلاردىن ھەم دەب-دەبىلىك سۆز-ئىبارىلەردىن خالىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى مەركەز قىلىپ قانات يايغان يارقىن تەپەككۇرىغا تولىمۇ ماس كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن كاتتايايلاقتىن ئىبارەت يېشىل، قەدەمىي، مەدەنىيەت يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، روھىي تىندۇرمىسى مول، ئىشقىي رېۋايەت ھېكايەتلىرى كۆپ بىر يۇرتنىڭ چۈچۈك، ئارام بەخش، ئانا سۈتىدەك ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ. چۈنكى، مەرھۇم شائىر غەنى رەشىدى تا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرت-سەھرانى بىر مىنۇتمۇ زىنھار ئېسىدىن چىقارماي سېغىنىش ئىلكىدە ياشىغان ھەم شېئىېرلىرىدا ئۆز يۇرتىدىكى مەھەللىلەرنىڭ خاسلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەم ئوتلۇق، ساددا، سېھىرلىك مۇھەببەت قىسمەتلىرىنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ تۇرمۇشنى كۈزەتمىگەن ھەرقانداق ئەقىللىق كىشىنىڭ ئەسلا شائىر بولالمايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇنلا ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك، ئەتىمالىم.
شائىر، تۇرمۇش ۋە شېئىر ھەققىدە مەشھۇر ئەللامە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئېمىن شۇنداق دەيدۇ:« شائىر-تۇرمۇشنىڭ پەرزەنتى. ئۇ ھېسسىيات چاقمىقى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ پىكىر-تەپەككۇر-ئوبراز يالقۇنىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى شېئىرىي تىل ۋە بېيت شەكلى ئارقىلىق شېئىرىي قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنداق شېئىرىي قۇرۇلما يەنىلا ئۆزىدىكى يالقۇن تۈپەيلى، كۈچلۈك ئىددىيە ۋە ئۇچقۇر ھېسسىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. شائىرنىڭ شېىرىي قەلبى ھەرقانداق باشقا سەنئەتتىن كۆپرەك كىشىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ شېئىرىي قەلب-ھەقىقىي تۇرمۇش چىنلىقى، ھەقىقىي ھېسسىيات چىنلىقى  بىلەن جىلۋىلەنگەن شېئىىي گۈزەللىكنىڭ سېھىرلىك كۈچىدىن ئىبارەت.»
ھەممىمىزگە ئايانكى، تۇرمۇش دېگەن تولىمۇ مۇرەككەپ جەريان. ئېنىقكى، تۇرمۇشنى سۈرەتلەشتىن ئىبارەت تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بەدئىي ئىجادىيەتمۇ ھەم مۇرەككەپ جەريان. تۇرمۇش ھەردەم ئۆزگىرىپ ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشچانلىق ۋە يېڭىلىنىش بەدئىي ئىجادىيەتتە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندا، چوقۇم شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، توسقۇنسىز ئوق تۈسىنى ئالىدۇ. شائىر غەنى رەشىدى شېئىرىي قەلبكە ئىگە بولغان بىر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئەتىگە تەلپۈنۈپ بېقىپ، يۈرىكىدىكى ھەم ئىزتىرابلىق، ھەم مەتانەتلىك، ھەم شادلىق ئىلكىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ.بىز ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدىكى ئىجادىيەت مېۋىلىرىگە نەزەر سالساق،  ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىردىن-بىر ئىجادىي شاھىدىي بولغان «دادامغا جەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا جەمئىي 136 پارچە لېرىكىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ۋە شېئىرلىرىدا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە ئالاھىدىلىكنىڭ روشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز:
1-شائىرنىڭ مىللەتنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ پىداكار، ئەڭ جاسارەتلىك، ئەڭ ئوت يۈرەك، ئەڭ كەسكىن پىكىرلىك، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ ئۈمىدۋار پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا مىللەتنىڭ ھازىرى ۋە ئەتىسىگە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەتىنىڭ يۇمران قۇياشى بولغان ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئۈستۈن ئىددىيە ئەۋرىشكىلىرى ھەردەم چولپان يۇلتۇزدەك چاراقلاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل چاقناش، ئېنىقكى، شائىرنىڭ شېىرلىرىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەب بىللە ئىجابىي تەسىرىنى يىراق-يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھېلىھەممۇ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، دىللاردىن دىللارغا دوستلۇق يولىنى سېلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: توپلامدىن ئورۇن ئالغان « شۇ بالا»، « ئون بەش ياش سەن تېخى»...قاتارلىق شېىرلاردا تېخى ئوقۇش يېشىدىكى ( بىرى سەككىز ياشلىق پادىچى، يەنە بىرى ئون بەش ياشلىق ياتلىق بولغان بىر قىز) بالىلارنىڭ ئۆزىگە زادىلا ماس كەلمەيدىغان تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆز تەقدىرىنىڭ تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ قولىغا ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ رايىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىدەك پاجىئەلىك ھايات سەرگۈزەشتىسى شېئىرىي يول بىلەن بايان قىلىنىپ، ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق قىلىدۇ. مەسىلەن:
«چىرايىڭ سارغايغان، ئۆزۈڭ ئېغىر بوي،
ئىشلەيسەن تاپماستىن بىردەممۇ تىنىم.
كىممۇ قىستىغاندۇ قىلىشىڭنى توي،
ئويلىسام سىقىلار يۈرىكىم-دېمىم.

ئون بەش ياش- بىر قىزنىڭ سەبىي چاغلىرى،
ئون بەش ياش-بىر قىزغا گۈللەردەك گۈزەل.

ئون بەشتە چاقىرار مەكتەپ چاغلىرى،
ئون بەستە تاقلايتتىڭ ئېيتىپ شوخ غەزەل.

ئون بەش ياش سەن تېخى، ئون بەش ياش سىڭىل،
خۇشاللىق جىلۋىسى ئۆچكەن كۆزۈڭدىن.
ھالىڭغا ئېچىنىپ يىغلىدى بۇ دىل،
بالىلىق ئاۋازى ئاڭلاپ سۆزۈڭدىن.»
-«ئون بەش ياش سەن تېخى»دىن.

شائىر بۇ ئىخچام شېئىرىدا تىپىك سەھرا مۇھىتىدا بىمەھەل ئوقۇشتىن قالدۇرۇلۇپ تۇرمۇشنىڭ ئوي-چوڭقۇرلىرىغا تاشلىۋىتىلگەن كىچىككىنە مەسۈمە بىر قىزنىڭ ئاچچىق قىسمىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر مىللەت روھىي پاجىئەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان قىزلار(كېلەچەكتىكى ئانىلار)نى ئوقۇشسىز قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارنى نادانلىق پاتقىقىغا بېشىچە پاتۇرۇپ، بىر توپ ماڭقۇرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتەك ئېچىنىشلىق تراگىدىيەنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، ھەممىمىزنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئىزتىرابلىق، ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان. شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ شېئىرنىڭ بەدئىي ئۇتۇقىدىن ئىددىيە جەھەتتىكى ئۇتۇقى ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
شائىر « شۇ نالا» ناملىق شېئىرىدا بولسا، «تورغايدىن سەھەررەك ئورنىدىن تۇرغان سەككىز ياشلىق بالىنىڭ قەدەمدە مۈگدەپ مېڭىپ، قويلارنىڭ كەينىدىن كەينىدىن يۈگرەپ، دادىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ‹كىچىك پادىچى›غا ئايلىنىپ، بىمەھەل ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقى»دەك پاجىئەلىك ھاياتى سەرگۈزەشتىسى ئۇقۇشلۇق تىل بىلەن تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ھەممىمىزنى يۈرىكىمىزنى سىلاپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان بىر رىئاللىق زاھىرلىنىۋاتقان بىر مۇھىتتا شائىردىن ئىبارەت بىر ۋىجدانلىق ئەزىمەتنىڭ ئورتاق پاجىئەنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، مىللەتنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.
2-شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا سەھرا پۇرىقى كۈچلۈك، مۇقامى ياڭراق، خاراكتېرى روشەن، رېشتىسى مۇكەممەل، خاھىشى ئېنىق، دەلمۇ-دەللىكى يۇقۇرى، شېئىرىي ئوبرازلار جۇشقۇن، شېئىرىي ئىماگلار قېنىق بولۇپ شەھەر تۇرمۇشىدىن يات بولغان ئۆزگىچە بىر مۇھىت ۋە باشقىچە ھاياتىي چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ كىشىلىك قارىشى، دۇنيا ھەققىدىكى ساددا ئوي-خىياللىرى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىمانىي كامىللىقى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەم بۇ نۇقتىدىن قەلىمى ئەمدىلاتىن قانات چىقىرىشقا باشلىغان شائىرنىڭ خاسلىقىنى نىسبىي ھالدا نامايەن قىلىدۇ. چۈنكى شائىر غەنى رەشىدى « شېئىر-ئادەمنىڭ تىنىقىدا» ( سىفىرىس) بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن بولسا كېرەك، دەپمۇ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. مەسىلەن: « خىيالىمدا يىراق بىر سەھرا»، « سەھرادىكى مۇئەللىم قىزلار»، « ئېھ، شاماللىق سەھرا سەھىرى»، « ئەنجۈر ھىدى»، « سەھرادىكى رەسىدە قىز»،
« ئاپتاپ»...قاتارلىق شېئىرلاردا شائىرنىڭ سەھراغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتى گويا تاغ بۇلاقلىرىدىن تېنىمسىز ئېقىپ چۈشكەن سۈپ-سۈزۈك سۇدەك ۋۇجۇدلارغا تاراپ بىردە ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلسا، بىردە كىشى قەلبىنى ئاچچىق تۇيغۇ-ھېسلارغا بەند ئەيلەيدۇ ھەم بۇ تۇيغۇلار دىللاردا ئەبەدىل-ئەبەد ئۇنتۇلمايدۇ. كۆرۈپ ئۆتەيلى:
« خىيالىمدا يىراق بىر سەھرا،
ئاي نۇرىدا ئارىلار چۆنەك.
مەھەللىدىكى كەپسىز بالىلار،
                   ساتمىدا
قېرى قوغۇنچى تارتقاندا خورەك.

خىيالىمدا يىراق بىر سەھرا...
ئەمدى كېچىسى
يۈرەلمەيمىز ساتما كۆزىتىپ...
پەقەت ئەسلىمىلەردىكى


قۇم تاۋۇز ئۇرۇقلىرىدىن
ئۈنۈپ چىقار گۈزەل مىسرالار...

خىيالىمدا يىراق بىر سەھرا...»
ئەقىللىق ئوقۇرمەن، ئويلاپ بېقىڭ، بۇنداق يېقىشلىق دىل كۇشاھ مەنزىرە پەقەت ۋە پەقەت ئاشۇ دىيارلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانىسى بولغان يىراق سەھرالارغىلا خاس بولۇپ، كىشى قەلبىنى تېنىمسىز ھاياجانغا سالمامدۇ؟ قۇم تاۋۇز، ساتما، چۆنەك ۋە قېرى قوغۇنچىلار پەقەت ۋە پەقەت ئاشۇ گۈزەل سەھرالاردىكى گۈزەل سىما ھەم ساغلام، قەدەمىي، يېقىشلىق، يىلتىزلىق ۋە مەتانەتلىك ئوبرازلاردىن تارىغان شېئىرىي ئىماگ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئەسلىمىلەر بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدىكى شەھەر بالىلىرى ئۈچۈن چۆچەك بولۇپ تۇيۇلماسمۇ؟...
3-شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا يەنە قان-قېرىنداشلىق پۈتكەن ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز يالقۇنى ھەردەم ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ، مېھرى-مۇھەببەت يىلتىزى مۇستەھكەم بولغان ھەرقانداق بىر قەۋم ۋە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئاتەش نەپەسلىك ئائىلە گەۋدىسى بىلەن ئەبەدىي يىمىرىلمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىلگەن. مەسىلەن: شائىر «دادامغا خەت» دېگەن شېئىرىدا:
.....................................
« ئوغۇللارغا مول ھوسۇللۇقسەن،
مول  ھوسۇللۇق سەن بىلەن ئېتىز.

پەرۋىش تاپقان ئۇۋىدىن بىراق،
ئۇچۇپ كەتتۇق يىراقلارغا تېز.
...............................
ساقاللىرىڭ تۇرغاي پارقىراق،
ۋە كۈچ-قۇۋۋات ماغدۇرۇڭ تولۇق.
چۈشلىرىمدە كۆرىمەن سېنى،
خىيالىمدىن چىقمايسەن بىردەم،
ئۇنتالمايمەن، ئۇنتۇغىنىم يوق.»
دەپ يېزىپ، دادا ئوبرازى بىلەن ھەممىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئاساسىي ھەم شاھىدىي بولغان ئانا يەر-ئېتىز ئوبرازىنى مەھكەم گىرەلەشتۈرۈپ، ئاجايىپ گۈزەل شېئىرىي سىمانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر ئەيلەش ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت يىلتىزىنىڭ ھەقىقىي ئىنساننىڭ دەل يۈرىكىدە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ ھەم بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدۇ. بۇ شېئىر ھەم شۇنداق بىر ئالاھىدە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگىكى، ھەممە شائىر ئانىلىرىنى ئۆڭمەس مەبۇدىگە ئايلاندۇرۇپ شېئىر يېزىپ كۈيلەۋاتقان ئاشۇ بىر يىللاردا ھەمدە بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدىمۇ ئاتىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمكار ئەھمىيەتكە ئىگە.
      4-شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە يەنە ئۆلمەس تېمىلارنىڭ بېرى بولغان ئىشقىي-مۇھەببەت مەزمۇنىدىكى شېئىرلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەزمۇندىكى شېئىرلىرى قانداقتۇر «كۆيدۈم، پىشتىم، ئاھ-ۋاھ...»لار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكىي، تەبئىي ھالدا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. شائىر بۇ مەزمۇندىكى شېئىرلىرىدا ھەردەم ئۆز غايىسىدىكى دىلبەرنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكى ھەم ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغانلىقىدەك ئاشىقانە جەسۇر روھىنى ئىپادىلەپ، ساداقەتنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىكلىكىنى پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ «نېنى»نىڭ تاتلىقلىقىغا بىقىياس ئىشەندۈرىدۇ.
شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلىنىۋاتقان مۇھەببەت شەھۋەتتىن خالىي، ۋىجدان-غۇرۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئالىيجاناب غايە ئاساسىي كۈچلۈك مۇھەببەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ « كاچكۇل»، « نويابىر ئاخشىمى ياغماقتا يامغۇر»...قاتارلىق شېئىرلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
«...............................
ئېھتىمال بىلمەسسەن مېنىڭ قەدرىمنى،
ئېھتىمال كىرمەسمەن چۈشۈڭگە زىنھار.


ئۈنسىزلا باقارمەن زىلۋا بويۇڭغا،
ئۆرتەنگەن يۈرەكنى قىلالمەي ئىزھار.

تەشنامەن سۆيۈشكە سۈزۈك لىۋىڭگە،
خالايمەن چېچىڭنى ئېلىشنى سىلاپ.
تەشنامەن لىۋىمنى كۆزۈڭگە سۈرۈپ،
سۆيگۈنىڭ لەززىتىن تېتىشنى قاتلاپ.

بار مەندە نامراتلىق دەستۇرى ئېنىق،
ۋە يەنە سەمىمىي ئىنتىلگەن يۈرەك.
نەقەدەر خالايمەن ئوماق گۈلىستان،
بىزدىكى مۇھەببەت ئاچسا دەپ پورەك.

سەندىكى تەبەسسۈم، يېقىملىق باتناش،
تار سۆيگۈ يولۇمنى يورۇتۇپ بارار.
نويابىر ئاخشىمى ياغماقتا يامغۇر،
قىزىغان تۇيغۇلار كېچىگە تارار.»
شائىرنىڭ بۇ ياش قەلبتىن بالقىپ چىققان لىرىكىسىدا پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت ھەققىدىكى « ھەقىقىي گەپ»لا قىلىنغان بولۇپ، ئىنتىلىپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەكتىكى مۇھەببەتنىڭ ئىلاھىي ھارارىتىنى كۆرۈۋىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. بۇ شېئىردىمۇ يەنە تەبىئەت تەسۋىرى بىلەن مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق تەسۋىرى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئېھتىمال بۇ شائىرنىڭ بىر خىل ئىجادىيەت خاسلىقى بولسا كېرەك.
شېئىرغا چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ۋىجدانىي مۇئامىلە قىلىدىغان شائىر غەنى رەشىدى كۆڭلىىدىكى ھەرقانداق ئوي-خىياللىرىنى ئۇچقۇر تەسەۋۋۇرى ۋە ئويناق قەلىمىنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى ئەركىن، بىمالال، ئازادە ھالدا خاس بەدئىي يول بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل-يولنى تېپىش ئىمكانىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا، بىمەھەل شۇم ئەجەل سەۋەبلىك ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى...بىز ئۇنىڭ ئاتەش نەپەسلىك لىرىكىلىرىنى تەكرار ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قات-قېتىدا كۈۋەجەپ تۇرغان ساددا ھېس-تۇيغۇدىن ئۆزگە يەنە قانداق ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئۈمىدلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز، ئەلۋەتتە، بۇ بىلىشمۇ قىسمەن بىلىشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن شائىرنىڭ غايىۋىي پىكىر قەسىرى ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، مەنزىلىگە يېتەلمەيدۇ.
5-سەنئەت-بىر ئۇلۇغ «ھۈنەر»، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرەلىگەن ئادەملەرلا ئۇنىڭ لەززىتىنى تېتىياكايدۇ. شۇنى ھەم قوشۇپ قويۇش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، ئۇنىڭ «جاپا»سىنى ھېس قىلىشمۇ بىر چەكسىز شەرەپ ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بەختتۇر. بولۇپمۇ سەنئەتنىڭ ئەڭ غوللۇق ھۈجەيرىسىدىن بىرى بولغان شېئىر تېخىمۇ شۇنداق. شېئىرغا ئىشتىياق باغلاش جەريانى- بىر شائىر ئۈچۈن ئېلىپ ئريتقاندا، ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزلۈك داۋىنىغا مەغرۇرانە ھالدا قەدەم ئېلىش جەريانىدۇر. شائىرلىق- بىر ھۈنەر ئىكەنكى، ئۇنىڭغا دىل بەرگەن ھەرقانداق بىر كىشى خۇددىي شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن ئېيتقاندەك:«شائىر ئىكەنسەن، ۋۇجۇدۇڭنى مەنىۋىيىتىڭنىڭ گۈلخانىدا كۆيدۈر، ئۇنىڭ كۈلىدىن ئۆز غايەڭنىڭ ئوبرازىنى توقۇپ چىق!» ىدىغان «ھۈنەر»دۇر. شائىر غەنى رەشىدى «دادامغا خەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «شېئىر»، « ماۋزۇسىز» قاتارلىق شېئىرلىرىدا شېئىرغا بولغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك زاھىر ئەيلەيدۇ:
« سۈكۈناتنىڭ ئاۋازىدۇر شېئىر،
زادى قىشنىڭ چۇقانلىرى ھەم.
ئوت يۈرەكتىن تۆكۈلگەن مېھىر،
كىرپىكلەرنى ھۆللەندۈرگەن نەم.

مۇساپىسى ئاچا-ئاچا يول،
يۈرەكلەردىن يۈرەككە تۇتاش.
ئىللىققىنە سىقىپ قويغان قول،
ھېسلار بىلەن ياسالغان قۇياش.



گۈزەل ئۇپۇق يىراقتىن-يىراق،
قەدەملەرنىڭ يېتەلىشى تەس.
يەنە نېمە-نېمىدۇر بىراق،
يەنە نېمە، ھېچنېمە ئەمەس.»
-«شېئىر»دىن
شائىرنىڭ بۇ لىرىكىسىدا شېئىر، ئۇپۇق، قۇياش، يۈرەك ...قاتارلىق ھېسسىي ئوبرازلار بار بولۇپ، بىر-بىرىگە مەھكەم گىرەلىشىش ئارقىلىق شېئىردىن ئىبارەت بۇ مۇساپىسى ئەگرى-توقاي، ئۇزۇن، يىراق بولغان سېھىرلىك روھىي جەريانغا سىڭىش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا شېئىردىن ئىبارەت ئاتەش پىراق تۈرنىڭ يىلتىزىنىڭ باشقا يەردە ئەمەس، بەلكىي دەل ئوتلۇق يۈرەكتە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، شېئىرغا مۇھەببەت باغلاشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىگە مېھرى بىلەن بېقىش ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بىرىدۇ. شائىر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «ماۋزۇسىز»ناملىق ئىخچام شېئىرىدا شۇنداق دەيدۇ:
شەپەقنى ئۆچۈرسۈن گۇگۇم،
چىرىغىنى ياندۇرسۇن ئاسمان.
ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسۇن كېچە،
يارىتاي مەن شېئىر ۋە داستان.
شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا تەبىئەتتە ھەرقانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىنەزەر-شەپەق ئۆچكەندىمۇ، ئاسماندا يۇلتۇزلار چاراقلاپ يانغاندىمۇ ھەم كېچە ئۇيقۇسىغا غەرق بولغاندىمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيەتكە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقى بىلەن شېئىر ۋە داستان يارىتىدىغانلىقىدەك ئۇلۇغۋار روھ بەرق ئۇرۇپ تۇرىدۇ. شائىرنىڭ بۇ شېئىرىنى ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان روھىي ئىرادەنامىسى دەپ ئېيتىشقىمۇ ھەم بولىدۇ.




« مەن- ئادەم»دىكى پەلسەپىۋىي ھېكمەت ۋە ئادەمىي قىممەت

(3)

( ئوبزۇر)



    « مەن-ئادەم»- ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان «خەير، ياشلىقىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كېيىنكى يەنە شۇ نەشرىيات تەرىپىدىن روھىي شېئىرسىراپ، قاغجىراپ ۋە چاڭقاپ كەتكەن ئەلسۆ يەر ئوقۇرمەنلەرگە ئارمىغان ئەيلەنگەن ئىككىنچى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا 1978-يىلىدىن ئېتىبارەن يېزىلغان (ئاساسەن ئالدىنقى شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلمىگشەن ) 72 پارچە شېئىرى بىلەن بىر  باللادىسى مۇجەسسەملەنگەن.
مەن بۇ ئوتلۇق شائىرنىڭ ئۇشبۇ شېئنرلار توپلىمىنى ناھايىتى قىزىقىش ئىلكىدە بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، بىردەم ئىزتىاربلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولۇپ، سۈكۈتكە چۆكسەم، بىردەم قانلىرىم شۇرۇقلاپ، ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم. يەنە بىردەم،
قاقاھقاپ كۈلگۈم كەلسە، يەنە بىردەم ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغۇم كەلدى. چۈنكى شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى قىسمەت چېقىنلىرى  ۋۇجۇدۇمنى يېڭى بىر قىسمەت ئېراسىغا باشلاپ پۇچۇلغان روھىمنى يەنە قوقاسقا تاشلاپ، مېنى تاۋلىماقتا ئىدى...شائىرنىڭ يېڭى، مەنىدار، ۋەزنى ئېغىر پەلسەپىۋىي پىكىر، ھاياتىي يەكۈنلەر ۋە تەگسىز ئۈمىد تەلقىنلىرى قۇرغاق جىسمىمدا كۈۋەجەپ، ئۆز خاسلىقىنى قۇياش مەسەل نامايەن قىلغان شۇۋاقىتتا، كۆڭلۈمگە كەلگەننى ئۇدۇللا دەپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، شائىر تاھىر تالىپ ۋە ئۇنىڭ مىللىي پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى خېلىدىن بېرى ھەممىمىزگە بەكلا يېقىن ھەم تونۇشلۇق بولغىنى ئۈچۈن بۇنداق ئورتاقلىشىش نېسبەتەن ئاقىلانىلىك بولىدىكەن، دەپ قارىدىم.
مېنىمڭ ھېس قىلىشىمچە، شائىر تاھىر تالىپ بىر پۈتۈن ئىنساننىڭ قىممتى ۋە ئۇنىڭ ئىزگۈ پەزىلىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ مەدھىيلەيدىغان، ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈيلەيدىغان، ھەقىقەتكە تويۇنۇپ، ھەقىقىي مەردانە ئەركەكتەك ياشاشنى ئارمان ۋە سەمىمىي تەشەببۇس قىلىدىغان؛ ئاسىيلىقنى، تۇزكورلۇقنى، چېقىمچىلىقنى، خۇشامەتچىلىكنى، ۋاپسىزلىقنى، چاكىنىلىقنى، روھىي مەينەتچىلىكنى، غەيۋەت-شىكايەت، پىتنە-ئىغۋانى، خۇسۇمەتنى ۋە ساختا شۆھرەتپەرەسلىكنى ھېسسىياتقا تويۇنغان ئۆتكۈر تىلى بىلەن ئەبەدىي رەھىم قىلماي قامچىلاپ، زامانداشلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا ئىبرەت ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغان خېلىلا «چوڭ يۈرەك»، ئەركەك مىجەز، جەڭگىۋار شائىردۇر.
ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە شېئىرىدا ۋە ھەر بىر مىسراسىدا ، ھەتتا جايىدا ئىشلىتىلگەن ھەر بىر   شېئىرىي جۈملە ھەم سۆزىدە ھەقىقەتنىڭ ئەبەدىيلىك غەلىبىسىگە بولغان ئىپتىخارلىق ئىشەنچ بىلەن ئۈمىدى ھەردەم بالقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتىكىچە بىلىنگەن ھەر بىر پارچە شېئىرى ياكى مىسراسىدىن گويا ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىق ئىچىدە ئايان بولغىنىدەك ۋە ياكى م. ئېساكوۋىسكىي :« قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن ئادەتتىكى ھادىسىنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى بولمىغان تۈرلۈك  ئالاھىدىلىكلەر بولۇشى مۆمكىن » دەپ ئېيتقىنىدەك ئاجايىپ چوڭقۇر ئىشىق تەلقىنلىرى، ھايات يەكۈنلىرى ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەر چاقناپ، يالقۇنى يۈرەككىلا تېگىدىغان گۈلخاننىڭ جۇلاسى جىلۋە قىلىپ، ئەقلىمىزنى لال، قەلىمىمىزنى گال قىلىدۇ. بۇندق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، شائىر ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېنىمسىز ئىزدىنىدۇ. ئۆزگىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق دىللاردىن دىللارغا يول ئاچىدۇ، رىشتىلەرنى چاتىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ۋەتەن- مىللەتنىڭ تەقدىر-ئىقبالى بىلەن چەمبەرچەس باغلايدۇ. دەۋرداشلىرىنى بىر كېمىدىكى قەلبداش يولۇچىلار دەپ بلىدۇ. ئەۋلادلىرىنى ھايات دەرىخىنىڭ يىلتىزى دەپ ھېس قىلىدۇ. خۇددىي « بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆرنىڭ  ئەنسىز بولىدۇ» دىغانلىقىنى دائىم ئويلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆپ خىل مەدەنىيەت سېترولۇق روھ كۆۋرۈكىنى ھاسىل قىلغان گۈللەنگەن جەمئىيەتتە ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەقىقىي، تۇيغۇغا باي ۋە ھېسسىياتلىق ئادەملەر بىلەن ماشىنا ئادەملەرنى پەرقلەندۈرەلمەي، ئىنسانىي خاراكتېرگە يات ھالدا رەزىللەرچە مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتالمىش ئادەملەرگە قاراپ :« چۈنكى، مەن-ئادەم» دېگەن مەشھۇر شېئىرىدا:
« چۈنكى، مەن ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
ھوقۇقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭ ماتەم.
خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭ ماتەم.»
دەپ چۇقان سېلىپ، بىر ھەقىقىي ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ھېس-تۇيغۇ ۋە پەزىلەتلەرنى ھەم قەلب بايلىقلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر بىر ھايات، ھېسسىياتلىق ئادەمنىڭ ئوتلۇق ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ، كامالەتلىك شېئىرىي پىكىرىنى شۇنداق تۈگەللەيدۇ:
« بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى.
‹ خىزىر › بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى، مەن ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم. »
گەرچە، بۇ بىر كۇبلېت شېئىرنىڭ بېشىدىكى كۇبلېت بولسىمۇ، شېئىر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بەدئىي دىتىنى ئىشقا سېلىپ، شېئىردىكى بەدئىي يەكۈننى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇپ، راۋاجنى كېيىن زاھىر ئەيلەپ، لىرىك چېكىنمە ھاسىل قىلىپ، شېئىرنىڭ بەدئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغان. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىكرىمىزنى دەلىللىسەك، شائىرنىڭ بو شېئىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن پاك ئىنسانىي خاراكتېر مەھكەم يۇغۇرۇلغان پاساھەت ئىلكىدىكى بىر نادىر شېئىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن « ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-رويىڭ سامان بولماس» دېگەن ھېكمەتلىك ماقالنىڭ دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپمۇ ھەم تۇرىدۇ.
تارىخ ئىسپاتلىدىكى، ئانا يۇرتى ماتەمگە چۆككەن، پايخان بولغان ۋە ئەلەمدە قالغان ھەرقانداق بىر توپ ياكى شەخسنىڭ مەڭگۈ خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى ئاللىبۇرۇنلا تۈپ يىلتىزىدىن  تونۇپ يەتكەن ئەقلى سەگەك، زېھنىي ئۆتكۈر، كۈزىتىشكە ۋە پەرق ئېتىشكە ماھىر شائىر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئادەم ھەم ئادەمىيەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى مەزكۇر توپلامدىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان « ئېتىقاد ۋە مۇھەببەت»،
« شۇنداق ئىكەن ئادەملەر»، « يېقىن »، « مىزان ئەت»، « ئادەمنىڭ سۈنئىي ھەمراھى»، « ئاي ۋە...» نامىلق شېئىرلىرىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېتىملىق، جانلىق، يارقىن، مەزمۇنلۇق، جىلۋىدار ۋە ئۆتكۈر ئىپادىلەپ، مۇرەككەپ تەپەككۇر ھادىسىلىدىرىكى ھېس-تۇيغۇ، ئېدراك ۋە  ماھىيەتلەرنى ئەپچىللىك بىلەن روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. ئېنىقكى، شائىرغا ساختىلىق زىنھار ياراشمايدۇ ھەم قۇت ئاتمايدۇ. شائىر پەقەت قەلبىنى چىنلىق تۇيغۇسىغا تويۇندۇرۇپ، نېمىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىسىلا، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئەبەدىيلىككە ئىگە بولالايدۇ. ئەبەدىيلىككە شېئىرىنى ۋە ئۆزىنى ئىگە قىلالمىغان شائىرنىڭ بولغىنىدىن، توغرىراقى بولمىغىنى مەرتە ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە!
خۇددىي رۇس  تەنقىدچىسى چېرنىشىۋىسكى ئېيتقاندەك :« پۇلنىڭ قىممىتى ئالتۇن بىلەن، سەنئەتنىڭ قىممىتى رېئاللىقنى ئەكس  ئەتتۈرۈش بىلەن ئۆلچىنىدۇ.» بۇ يەردىكى « ئەكس ئەتتۈرۈش» دەل قانداق ئەكس ئەتتۈرۈشتە بولۇپ، بۇ ئاخىرقى ھېسابتا شائىرنىڭ بەدئىي ماھارىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ۋە چوڭ مەسىلىدۇر. يەنە بىر ياقتىن شۇنداق چۈشىنىشكە ھەم بولىدۇكى، تەنقىدچىنىڭ بۇ پىكرى سەنئەتكارنىڭ رېئاللىقنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خالاس.
شائىر تاھىر تالىپ بۇ نۇقتىغا دەل ئەھمىيەت بېرىپ ئۇتۇق قازىنىپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر:
« مىزان ئەت

سەنكى ئادەم، ئادەمىينى ئادەم ئەت،
ئادەم ئەتكەنگە سېنى، سەن تەزىم ئەت.
ئۇكى ئادەم، نۇرى چەشمەڭدۇر سېنىڭ،
نۇرغا نۇر بەر –ئادەمىيلىك لازىم ئەت.
دەيدىكىم : كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر،
سۈيى بار دىلنى باھار ۋە يازىم ئەت.
ياخشىنىڭ كۆڭلى جىرىڭلار چىنىدەك،
تا ئەبەد شۇنداق كۆڭۈلنى سازىم ئەت.
تىلتۇماردۇر ياخشىلار كۆڭلى ساڭا،
ھەر ئىشىڭغا ئۇنى مىزان-قازىم ئەت.»

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، شائىر بۇ شېئىرىدا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ-بارابەرلىك مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە بۇ خىل ياشام ئۇسۇلىغا بىراۋنى ئىشەندۈرۈشكە خېلىلا كۆپ سەرپ قىلىپ، « كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر » دېگەن ھېكمەتتىن پايدىلىنىپ، « ياخشىلارنىڭ كۆڭلى ساڭا تىلتۇماردۇر، ھەر ئىشىڭغا ئۇنى مىزان ئەت» دەپ ھەقىقىي ئادەمىيەت نۇقتىسىدىن يەكۈن چىقىرىپ، خەلقىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ئىناق ياشاشقا دەۋەت قىلغان. شائىر يەنە
« ئادەمنىڭ ‹ سۈنئىي ھەمراھى› » دېگەن شېئىرىدا زېمىن بىلەن ئادەمنىڭ دىئالۇگىنى ئاساسلىق ۋاستە قىلىش ئارقىلىق « ئادەمنىڭ ‹ سۈنئىي ھەمراھى›» نىڭ باشقا جايدا ئەمەس، بەلكىي دەل ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ، ئارىمىزدىكى ھەسەدخۇر، غەيۋەتخۇر ۋە تۆھمەتخۇر « سۈنئىي ھەمراھ» لارغا ئەجەللىك پەشۋا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ دورىسىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەممىمىزنى بۇنداق پەس خاراكتېر- يامان ئادەتتىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا  ھەقلىقمىزكى، ئادەم، پەقەت ئادەملا شائىر تاھىر تالىپ شېئىرلىرىنىڭ ھەقىقىي يادروسىدۇر!
شائىر تاھىر تالىپنىڭ شېئىرلىرى تېماتىك مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئەركىن پىكىرلىكى، نېسبەتەن ئىخچاملىقى، قويۇق يەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، مىللىي تۈسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، خاھىشىنىڭ ئېنىقلىقى، مۇقامىنىڭ يۇقۇرىلىقى، مەنتىق باغلىشىنىڭ مۇستەھكەملىكى، سۆز تاللاش ئىشلىتىشكە كامىللىقى،  خاسلىقى ئېنىق ۋە روشەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۈمەنلىگەن شېئىرلار ئىچىدە گويا «ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ياقۇت كۆزى» دەك چاقناپ تۇرىدۇ، ئەلۋىەتتە.
شائىر شېئىرلىرىدىكى بۇ خىل خاسلىق ئوڭايلا شەكىللىنىپ قالغان بولماستىن، بەلكىي بىز دەۋاتقان ھەقىقىي بىر پارچە شېئىردا قايناق ھېسسىياتنىڭ ئىپادىسى، چوڭقۇر پىكىرنىڭ ئىزناسى، يارقىن شېئرىي ئوبرازنىڭ خاراكتېرى ئايان بولغاندىن سىرت، يەنە پىشقان، يېقىشلىق شېئىرىي تىل، شېئىرىي دىت، شېئىرغا بولغان ئىشقىي دىت، مۇكەممەل شېئىرىي قۇرۇلما، بەگىسى روشەن دەۋرچانلىق ۋە جەلبكارلىق بولغانلىقتىن شەكىللەنگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىرى شېئىرى « يا قىچىشتۇرۇشتىن، يا ئېچىشتۇرۇشتىن » ئىبارەت رولىنى تولۇق ئويناپ كەلدى .
تالانتلىق شائىر تاھىر تالىپ دەل بۇ تەرەپلەرگە پۈتۈن ئىشتاياقى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز، ئەمما ساز يېزىپ كېلىۋاتقان مۇنەۋۋەر شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
بىز بۇ پىكىرلىرىمىزنى شائىرنىڭ سېپى ئۆزىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى باللادا ھەم بىرنەچچە مۇھىم شېئىرلىرى ئارقىلىق دەلىللەيمىز. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « بوش ئورۇننىڭ ئىگىسى»،( باللادا)، « بىراق، ئالما، لالىزار»، « ئاڭلا جاھان، مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن»، « مۇھەببەتنامە»، « جەننەت ئەندازى»، « پەيزاۋات قوغۇنلىرى»، « مۇزتاغ قوشاقلىرى»،
«  يۈرەك ۋە تۇپراق »... قاتارلىق باللادا ۋە شېئىرلىرى مەڭگۈ قىز پېتى تۇرىدىغان، كۈيلىسە-كۈيلىسە پۈتمەيدىغان، سۆيسە- سۆيسە قانمايدىغان، روھنىڭ رايى يانمايدىغان، ۋىجدان ئەبەد چانمايدىغان، بۈيۈك، مۇقەددەس، ئۇلۇغ، بىباھا ۋەتەنگە بېغىشلانغان شېئىرلار بولۇپ، شېئىرىي مەتانىتى ۋە بالاغىتى يېقىدىن خاس بەلگىلىرىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. شائىرنىڭ « بوش ئورۇننىڭ ئىگىسى» ناملىق باللادىسى نېسبەتەن شاش پىكىرلىك باللادا بولۇپ، ئۇنىڭدا غەربىي ئافرىقىدىكى قەدەمىي دۆلەت ماراكەشنىڭ جەمائەلفەنادا دۇنيادىكى ئەڭ قەدەمىي، تارىخىي ئۇزاق، مەدەنىيەتكە ئاساس سالغۇچى شەھەرلەر قاتناشقان ئالەمشۇمۇل شۆھرەتلىك بىر مەجلىس ئېچىلىدۇ. شائىر چۈشىدە شۇ مەجلىس ئەھۋالىنى خاتىرلەيدىغان پۈتۈكچى بولىدۇ. «تەۋەررۈك شەھەرلەر ئەنجۈمەنى» دەپ ئاتالغان بۇ مەجلىسكە پەلەستىننىڭ قەدەمىي جىرىكو شەھىرى رەئىس بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۈچ نەپەر شەھەر ئورۇنباسار رەئىس شەھىرى قاتارىدا پالمىرا-قەدەمىي ئاسۇرى شەھىرى، تۈركىيىنىڭ قاتال ھۆبۈك شەھىرى، ھەم ئىراقنىڭ جىرمۇ شەھىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۈچ قەدەمىي شەھەر جىرىكودەك ئون مىڭ ياشلىق بولماستىن، بەلكىي سەككىز-توققۇز مىڭ ياشقا كىرگەن قەدەمىي شەھەرلەردىن ئىدى. بۇ يەردىكى ئورۇن-تەرتىپ ياش جەھەتتىكى قەدەمىيلىكنى ئۆلچەم قىلغانىدى.
ئۈچىنچى پەللەمپەيدىكى بەش-ئالتە مىڭ ياشلىق داڭلىق شەھەرلەر ئولتۇرىدىغان ئورۇن بوش قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا تۈركىي ترويە، سومېر، بابېلۇن، دەمەشىق، قۇددۇس...ئولتۇرغان. سەھنىنىڭ تۆتىنچى رېتىدە روما، ئىستانبۇل، پراگا، ئىدىنبۇگ، ماراكەش، قاھىرە، ئىسپىھان، بۇخارا، سەمەرقەند، سەبىز، كاتماندۇ...قاتارلىق شەھەرلەر ۋەكىللىرى ئولتۇرغان. ئۇنداقتا، بوش ئورۇننىڭ ئىگىسى زادى كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھەيۋەتلىك، دەب-دەبىلىك، كاتتا، خەلقئارالىق ئەنجۈمەنگە كېلەلمىدى؟ بۇ تۈگۈننى قاندىشىمىز تۈركلەرنىڭ مەشھۇر شەھىرى ئىستانبۇل ئىككى پارچە يېشىل ئابىدە كىتاب- « تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن « قۇتادغۇ بىلىگ» نى بىر جۈپ چوڭ رەسىم ۋە بىر چوڭ لىپاپ بىلەن قوشۇپ، بوش ئورۇنغا قويغاندا، بىر ئوتلۇق ساماۋىي ( بەلكىم ئىلاھىي بولسا كېرەك) خىتاب ياڭراپ:
«- بوش ئورۇن ئىگىسى مۇتلەق كاشىغەرىي،
ئىگە يوق ئۇنىڭغا بىزدىن تاشقىرى.
ئەۋلادلار ئۆلمىدى، كەتمەيدۇ خوراپ،
كېلىدۇ چوقۇم بۇ ئىزنى باسقىلى...» دەپ تەنتەنە قىكغان .
رەئىس شەھەر جىرىكو باشچىلىقىدا ئىككى گۈزەل دەريا مەركىزىگە جايلاشقان يېشىل بوستانلىق، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدىكى سىرلىق موزىي-ئاستانە ۋە ئەڭ قەدەمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان شەھىرى كاشىغەرىي ھەققىدە باغداد، ئىسپىھان، تېھران، دەمەشىق، قاھىرە، سەمەرقەند، قۇددۇس، بۇخارا، موسكۋا، شىئەن، پراگا، كاتماندۇ، ھېرات...قاتارلىق شەھەرلەر بىر ئېغىزدىن تەرىپىنى بايان ئەيلىشىدۇ. بۇ تەرەپلەردە بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق  جاھانشۇمۇل قامۇسىنى قەدەمىي شەھەر باغدادتا يېزىپ، ئوبۇلقاسىم بىئەمىرۇللا مۇقتەدىغا ( 27- خەلىپە) تەقدىم قىلغانلىقىنى، كاتتا ئالىمنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ تولىمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكى؛ پەزىلەت جەھەتتە ناھايىتى ئۈستۈن ساھىبى قەلەم ئىگىسى بولۇپ، پادىشاھ بەرگەن مەنسەپنى سەمىمىيلىك بىلەن رەت قىلغانلىقى، كېيىنچە يۈز كىشىلىك «مۇقام كاشىغەرىي» ئىراق خەلقىنىڭ ئاتەش دىلىغا (كۈي ) ئوتىنى چېچىپ، ئالتە ئايلىق پىراق بەدەلى مۇقام «ئىراق»نى ئىجاد قىلغانلىقى، ھېلىھەممۇ باغدادتا مۇقام ئىسسىقى (ھارارىتى)نىڭ بارلىقى؛ كاشىغەرنىڭ قەدەمىي مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇپ، ئەينى بىر دەۋردە ئۇنىڭ قوينىغا جاھاننىڭ جاي-جايلىرىدىن تۈمەنلىگەن ئىلىم تەلەپكارلىرىنىڭ تەشنا دىللىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كېلىپ، ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ تەلىمىدىن قۇتلانغانلىقى، مەشھۇر شائىر سەئىدى شىرازىنىڭمۇ كاشىغەرگە كېلىپ، ئىلمىي تەلقىنلەردە بولغانلىقى، ئىران جەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ناھايىتى يېقىن ئۆتكەنلىكى ھەم كۆپ تەرەپتىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئەسلى بۇ قەدەمىي شەھەر كاشىغەرنىڭ ئورنى خانئۆيدە بولۇپ، قەدەمىي سۈرىيە خەلقىنى مېھمان قىلىپ، ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئېسىل سوۋغىلارنى تەقدىم قىلغانلىقى...ئىپتىخارلىق تەرىپ-تەسۋىپ سۈپىتىدە ھەم سېغىنىش ئىلكىدە دىللاردىن بۇلاق سۇلىرىدەك شىلدىرلاپ تۆكۈلىدۇ. بۇ يەردە بىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئىش مۇنۇ كۇبلېتتا ئەقىلنى لال ئەيلەيدۇ:
«-مەن شاھىد!- قاھىرە چۈشتى مەيدانغا،
قەشقەرلىك ئۇستا بار ئېھرام سالغاندا.
پىشاڭنى دەل شۇلار تاپقان، ئېھرامنىڭ-
ئۈستىگە نى-نى زور تاشنى ئالغاندا.»
قاراڭ، سىز، مەن، ئۇ-ھەممىمىز بۇ كۇبلېتنى ئوقۇغاندا ھاياجانلانماي تۇرالمايمىزمۇ؟ ئەجىبا، فزىكا دەرسلىكتە « پىشاڭ ۋە ئۇنىڭ رولى» دېگەن بىر باب بولىدىغان. ئۇنىڭدا بىزگە ئائىت ھېچقانداق گەپ-سۆز يوق ئىدىغۇ؟ پىشاڭنى تا بۈگۈنگە قەدەر باشقىلار ئىجاد قىلغان، دەپ تونۇپ كەلگەنىدۇق. بەزىدە ئۆكۈنۈپمۇ قالاتتۇق. بىزنى تەبئىي پەن ئىجادىيىتىدە نۆلگە تەڭ قىلىۋاتقان ئاغزىغا قۇم-تۇپراق تىقىلرمۇ ئەمدى؟... خەيرىيەت، « بوش ئورۇننىڭ ئىگىسى» ھەققىدىكى تالاش- تارتىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولۇپ كېتەر، دەپ تەئەججۈپ ۋە ئىزتىراب چېكىۋاتقان ئوقۇرمەن  مۇنۇ كۇبلېتلار ئارقىلىق ئۆز يۈرىكىنى تىڭشاشقا مەجبۇر   بولىدۇ. رەئىس شەھەر جېرىكو مۇنداق دەيدۇ:
«-تەقلەنسۇن ئەڭ ئۇچقۇر گىلەمدىن بىرى،
ھەيدىسۇن ئۇنى بىر ئۇچقۇرلار پىرى.
بېرلىن ھەم فارىژ ھەم سېتوكھولىملار،
ئەلچى بوپ تېز ئۇچسۇن تەڭتاغسىرى.


يېڭىدىن بىر باغاق يازغاچ بېرىڭلار،
تەقەززا دىللارنى ئالغاچ بېرىڭلار.
ھۆرمەتلىك كاشىغەرىي قالمىسۇن سەپتىن،
ئۆزىنىڭ جايىغا چىللاپ كېلىڭلار!...

ئوتقاشتەك چوڭ گىلەم چىقتى ئاسمانغا،
سۆز قىلىپ ھارغانلار كەلدى دەرمانغا.
خەت پۈتۈپ ئولتۇرۇپ دېدىم:‹ يەر-جاھان،
ھەر ئىنسان، ھەر ماكان يەتسۇن ئارمانغا!...»
زاھىركى، ئەسلىدە بۇ قەدەمىي شەھەر كاشىغەرىيگىمۇ دەل ۋاقتىدا باغاق ئەۋەتىلگەن. بىراق، ئۇ كېلەلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە نازلاش، قىيداش ياكى باتناش يوق.
گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش زۆرۈركى، بۇ باللادا پات ئارىدا ئىخلاسمەن ئەدەبىي تىلماچلارنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى،  مۇبارەك قولى ۋە ئەقلى دىتى بىلەن ئۆزگە دۆلەت ھەم مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ئۆرۈلۈپ، خەلقلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشسە، ئەللەر ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئەبەدىيلىك دوستلۇق قەلئەسىنىڭ يېڭى ھۇل تېشىنى قويۇپ، ئابىدە خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. دىققىتىمىز مەركىزىدىكى يەنە بىر مۇھىم جەلبكار نۇقتا شۇكى، خېلى يىللاردىن بىرى، مەتبۇئات يۈزىدە باللادىلارغا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلمىگەنىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۈرلۈك بولۇپ، ئايرىم قاتمال ئىدىىيىدىكىلەر:« ۋاقتى ئۆتكەن ژانىر، بىر شائىرنىڭ بىر باللادىسىنى ئېلان قىلغاندىن كۆرە، ئون شائىرنىڭ بىر پارچىدىن شېئىرىنى ئېلان قىلىپ، خۇش قىلغان تۈزۈك ئەمەسمۇ؟...»
دېيىشىدىكەن. ئېھتىمال، ئۇنداقلار فانتاستېك روھ بىلەن رىئالىستىك ھادىساتلارنى ئىزگۈ تۇيغۇلار ئىلكىدە بەدئىي ماھىرلىق بىلەن مەھكەم يۇغۇرۇپ، يېڭى پىكىرلەرگە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن يېشىل تون كىيدۈرۈپ، باھار تۈسلۈك ياساندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىجادىي جەريان ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك. شۇنداقلا، ئەدەبىيات سالۇنى بىلەن مەتبۇئات يۈزىنىڭ خۇشامەتچىلىك سورۇنى بولۇپ قالماستىن، بەلكىي، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى خەلقى-ئالەمگە ئاشكارىلاپ، تەنقىدلەپ، رەسۋايى جاھان ئەيلەيدىغان «قايناق قازان» ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىغان ۋە بىمەھەل ئەستىن چىقارغان بولسا كېرەك.
قىسقىسى، شائىرلىرىمىز مەزكۇر باللادىدەك ياكى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ يازسا، ئىشىنىمىزكى، ھەم مەتبۇئات يۈزىدىن، ھەم قەلبلەر تۆرىدىن مۇبارەك ئورۇن ئېلىپ، ئەلنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.
بۇندىن باشقا شائىرنىڭ «چىراق، ئالما ۋە ساھىبجامال» نامدىكى شېئىرىمۇ ئۆزگىچە بەدئىي رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنغان سەۋىيەلىك شېئىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شېئىردا تارىم قەدەمىي مبوستانلىقىنىڭ ئەڭ غوللۇق ھەم ھەقلىق ھۈجەيرىلىرى ۋە ھامىيلىرىدىن بىرى بولغان قەدەمىي ئاستانە شەھەرنىڭ جەننەتتىن گۈزەل سىياقىنى تولۇپ -تاشقان ئىشقىي بىلەن مەدھىيلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ پۈتمەس مېلودىيەسىنى ياڭراتقان:
« ئېھ، ئالمىزار، لالىزار خوتەن،
يۈرىكىمدە نەقىش بولۇپ قال.
ئېلىپ كەتتىم بىر دەريا شادلىق،
سەن كۈلۈپ قال، يەنە تولۇپ قال.
......................................
سۈرمەكتىدۇر جەننەت ھوزۇرى،
جېنىم ئاشۇ نۇرلار ئىلكىدە.
ئۈزمەكتىمەن ئاق يەلكەن بولۇپ،
ھەر بىر ناخشا، ھەر بىر كۈلكىدە.

ناخشا ئېيتسا نۇردىن تۆرەلگەن،
نۇر ئاشىقى بۇلبۇلدەك سايراپ.
تاپقىنىمدەك زۆھرەنى شۇ  چاغ،
تېرەمگىمۇ سىغمىدىم يايراپ.

باغدىمۇ نۇر، ئۆيلەردىمۇ نۇر،
چىرايلاردا ئۇندىن زىيادە.
نەۋبەتىينىڭ دىيارى خوتەن،
گويا نۇرلۇق ئالتۇن پىيالە.
شۇڭا باغدا، ئۆلەردىمۇ نۇر،
چىرايلاردا ئۇندىن زىيادە.
ماڭا ھوزۇر گۈزەل خوتەننى،
شاھ مەشرەبتەك كەزسەم پىيادە.»
قارىماققا بۇ مىسرالار ناھايىتى ئاددىيدەك ۋە خەلق قوشاقلىرىغا ئوخشاپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئەستايىدىللىق بىلەن  مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەت، بىقارارلىق ۋە ۋېسال شادلىقلىرىنى ھېس قىلىپ، كۈيلەر تىلسىمىغا شۇڭغۇپ، ئىختىيارسىز قايىل بولماي تۇرالمايمىز. كىچىككىنە بىر شېىردا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئىختىرااچىلىرىمىزدىن ئئىككىسىنىڭ مۇبارەك نامىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ، خاسلىقىنىڭ ئۆز يولىدا (قىسمەن بولسىمۇ)يورۇتۇپ بېرىلىشىمۇ نېسبەتەن مۇھىم بولغان بەدئىي ئالاھىدىلىكتۇر!
بندىن باشقا شائىرنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق قەسىدىسىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئالاھىدە نەمۇنىلىك چىققان شېئىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇقەددەس، پاك، سېخىي، سوغۇق قان، چىداملىق، سەبرى-تاقەتلىك ۋە غەيرەت-شىجائەتلىك ئانا يەرگە بولغان پۈتمەس-تۈگىمەس مەدھىيە كۈيلىرى بىلەن ئىپتىخار چاچقۇلىرى ھەمدە مۇھەببەت گۈلىستانىنىڭ خۇشپۇرىقى ئايان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لال ئەيلەيدۇ. شائىرنىڭ تۆۋەندىكى كۇبلېتلاردىكى ئوخشىتىشلىرى يۇقۇرقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ ھەم بۇ نادىر شېئىرنى قايتىدىن بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشكە دالالەت قىلىدۇ:
«مۇقەددەسسەن، پاكسەن ئانا يەر،
پۈتۈلمىشىڭ ئانىلار تېنى.
ۋۇجۇدۇڭدا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان،
ئاتىلارنىڭ يالقۇنلۇق قېنى.

زىلال سۇلۇق زەمزەم بۇلاقلار،
ئانىلارنىڭ ئەمچىكى، بىلسەم.
ئىگىز تاغلار، چىنار، شەمشادلار،
ئاتىلارنىڭ ‹ئەر تۈكى›، بىلسەم.

ئانىلارنىڭ كۆز يېشى دەريا،
ئاتىلارنىڭ قەھرىدۇر ۋولقان.
گۈل-چېچەكلەر سۆيگۈ پالقۇنى،
شېئىر-يەردىن ئوقچۇغان چۇقان!
......................................
جان دېگىنىم-ئانا يۇرت مېھرى،
جان دېگىنىم- زېمىننىڭ قېنى.
ھەتتا ھاتەم باش چايقىيالماس،
دېسەڭ ئۇنىڭ تۇپراقتا تېنى.»
..................................
شائىر ئانا يەرگە بولغان مەدھىيىسىنى تىل ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە بالاغەت داۋىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەشكە تىرىشقان. راستىنى ئېيتقاندا، ئوتتۇز بەش كۇبلېتلىق مۇرەببە شەكلىدىكى بۇ قەسىدىدە بىر داستاننىڭ ۋەزنى ۋە قۇۋۋىتى بار، دەپ قارايمەن ھەم ئوقۇرمەنلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن:
شائىرنىڭ «ئاڭلا جاھان، مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن» ناملىق شېئىرى دەلمۇ-دەللىكى، ئاكتىۋال پىكرى، مۇكەممەل قۇرۇلمىسى ۋە جەلبكارلىق نۇقتىسى يېقىدىن ئاۋامنىڭ ئالقىشىغا بىردەك ئېرىشىپ، دىل ناخشىسىغا ئايلىنىپ، ھەر دائىم جاراڭلاپ تۇرغاچقا، سەگەك خەلق ئۇنىڭدىكى خاھىشنى چۈشىنىپ بولدى، دەپ قاراپ، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە پىكىر بايان قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم.
بىز ئاتاقلىق تاھىر تالىپ بەكتۇرنىڭ «پەيزاۋات قوغۇنلىرى»، « مۇز تاغ قوشاقلىرى»، « يۈرەك ۋە تۇپراق»، « يۇرتۇم-لىۋىڭ، ۋەتىنىم» ...قاتارلىق نادىر، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېما قىلىنغان ، يۈكسەك قىممەتكە ئىگە شېئىرلىرىنى كۆرسەك، ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت قەلبىدىكى ساداقەت كۈيىنى يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىشتا، سۆيگۈ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تېخىمۇ دولقۇنلىتىشتا (كۈۋەجىتىشتە) ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينايدۇ.
شائىرنىڭ شېئىر توپلىمىدىكى شېئىرلىرىغا ھۆرمەت- ئىپتىخارىمىز بىلەن نەزەر ئاغدۇرىدغان بولساق، ئۇنىڭدا يەنە ھەجۋىي شېئىرلارنىڭمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. نېمە ئۈچۈن شائىر ھەجۋىي شېئىرلارنى نېسبەتەن ۋە ياخشى يېزىپ روياپقا چىقىرىدۇ؟ چۈنكى، بىر دەۋرنىڭ كۆزى، قۇلىقى، ئاۋازى، سەزگۈ ئەزاسى ۋە ۋىجدانى بولغان ھەقانداق شائىرنىڭ يامان ئىش-ھەركەت ھەم بولمىغۇر ئىللەت-قىلمىشلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن  ھەق قامچىسى ئاستىغا ئېلىپ، ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ئەبەدىي خەلق تەرەپتە تۇرۇپ، قىزىل كۆز، قۇۋ تۈلكە، ھىيلەگەرلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، قوۋناق ياشام گۈلىستانى يارىتىش مەسئۇلىيىتى بار. بۇنى پەقەت ھەجۋىي شېئىرلاردىن ئىجتىمائىي رولى كۈچلۈك بولغان شېئىرىي شەكىللا(يېڭى مەزمۇننى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەپ) ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. بۇ ھەقتە شائىر ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇنداق دەيدۇ:« ئۇنىڭدا (ھەجۋىيلەردە)ئاساسەن مەلۇم شەخسنىڭ نادانلىقى، بىلىمسىزلىكى، ناچار ئىش-ھەركەت، قىلمىشلىرى، ئازغىنە نەپ ئۈچۈن ئار-نومۇسىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى سېتىش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، سەمىمىيەتسىزلىك...قاتارلىق تۈرلۈك بولمىغۇر ئىشلىرى، شۇنداقلا، ئەدەب-ئەخلاققا، قائىدە-يوسۇنلارغا مۇخالىپ ئىللەتلىرى پاش قىلىنىدۇ...شۇ ئارقىلىق شائىر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا دىئاگنۇز قويۇپ، كىشىلەرگە نېمىنىڭ سەت، خۇنۇك ۋە بولمىغۇر قىلىق: نېمىنىڭ گۈزەللىك ۋە يارقىن نۇقتا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. مېنىڭچە، ھەجېىيلەرنىڭ تىلى يەڭگىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇش بىلەن خاراكتىرلىنىشى؛ ئوخشىتىش، تەنە، مەسخىرە ۋە قىلىقلاندۇرۇش ئارقىلىق قامچىلىنىدىغان سەلبىي ئوبيېكىت توغرىسىىدىكى ۋاستىلەردىن ماھىرلىق پايدىلىنىشى، ھەجۋىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق دەل جايىغا تەگكۈزىلىشى كېرەك...» شائىر ئابدۇرېھىم زۇنۇن شۇ پىكىرنىڭ ئاخىرىدا يەنە ھەجۋىي شېئىرلارنىڭ بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلسا، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاچچىق، ھەجۋىي تۈسى قويۇق بولىدىغانلىقىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە ھەجۋىي شېئىرنىڭ شېئىرىيەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى قۇۋۋەتلىگەن. ئەمدى بىز شائىر تاھىر تالىپ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان مەزكۇر توپلامدىن ئورۇن ئالغان ھەجۋىي شېئىرلارنى كۆرۈپ، خۇسۇسىيەتلىك بەلگە-ئىزنالىرى ھەققىدە قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەيلى:
شائىرنىڭ بۇ توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك ساتىرىك (ھەجۋىي) شېئىرلارغا تەۋە بولسىمۇ، نېمە سەۋەبتىنكىن، پەقەت « ئۈمىد» ۋە « دىل تېپىش» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىنىلا ھەجۋىي نام بىلەن بەرگەن. مېنىڭچە، بۇ توپلامدىكى « ئەينەك»، « ئىپتىخار قېنى»، « سۈرەتلىرىم»، « كىم ساراڭ»...قاتارلىق شېئىرلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، ئۇ شېئىرلاردا ئەتراپىمىزدىكى بوستان چاچلىرىنى بىھۇدىلا كېسىش، پەرداز ئەينىكى ئالدىدا ياسىنىپ-تارىنىپ تۇرۇپ يەنە ئەينەكتىن رەنجىش...قاتارلىق قىلمىشلار لايىقىدا قامچىلانغان. بىراق، بىز يەنىلا « ئۈمىد» ۋە «ئەقىل تېپىش» ناملىق ئىككى پارچە ھەجۋىي شېئىر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالماقچىمىز.
قىسمەت بەدەل بۇ ئوت يۈرەك شائىرنىڭ «ئۈمىد» ناملىق ساتىراسىدىكى كۆرۈنۈشلەر بىر تۇرۇپ غۇرۇرنى ئۇرغۇتسا، ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق قىلىپ كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرسا، يەنە بىر تۇرۇپ ھەققانىيەتنى بىر ئۆمۈر ياقىلاپ، ئەل-يۇرت دەردىدە باغرى چاك-چاك بولغان شائىرنىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى چاكىنا رەسمىيەتچىلىك ئالدىدىكى بىچارە قىياپىتى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىپ، ساختىلىققا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنداق، شائىر بەھەيۋەت سەھنىدە يالغان-ساختا مالنى تەنقىدلەپ شېئىر دېكلىماتسىيە قىلغان. ئەل-جامائەت تەنتەنە قىلىپ، تەبرىكلەپ گۈل تۇتقان. شائىر بۇ سۈنئىي گۈللەرنى سەھنىدىنلا ئەخلەت سانسۇقىغا تاشلىۋەتكەن. ئەل-جامائەت كەينىدىنلا لوڭقا تەقدىم قىلىشقان. بۇمۇ ساختا-يالغان مال بو لغاچقا، شائىر بۇنى دېرىزىدىن پەسكە ئاتقان. نىھايەت، ئەينەك چېقىلىپ، ئەللىك كوي شىتراب تۆلەشكە بۇيرۇلغان. ئەگەر لوڭقا بەگ-غوجاملارنىڭ بىرەرسىنىڭ بېشىغا ياكى بىرەر ئەرمەك ھايۋانغا تېگىپ قالغان بولسا، قانداق ئېغىر ئىش يۈز بېرەتتىكىن-تاڭ؟ ئىلاھىم ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئۇنداق بولمىغان. شائىر يېنىدىن چىقارغان ئەللىك كوي پۇلمۇ ساختا چىقىپ قالغان. شائىر كاستىيۇمىنى گۆرۈگە قويماقچى بولغان. ئەپسۇسكى، ئۇمۇ جا-ساختا چىقىپ قالغان. بەتىنكىسىنى گۆرۈگە قويماقچى بولغان. بىراق، ئۇنىڭ «قاڭشىرى» يىرتىلغان بولغاچقا ھېلىقى «مەسئۇلىيەتچان ئامانلىق ساقلىغۇچى » ئۇنى ئالمايدۇ. دېمەك بۇ يەردە شائىرنىڭ ئادەمدىنمۇ، ماشىندىنمۇ ھەم مالدىنمۇ ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ، دىل ساداسىنى مۇنداق ئىزھار قىلىدۇ:
راست-يالغاننى ئايرىش مۇشەققەت،
ماشىنىمۇ شەكلىك-گۇمانلىق.
مال ئالدىدا- ئادەم ئالدىدا،
كۆز ئالدىمىز چاڭلىق-تۇمانلىق.

نېمە بولدۇق، بىلمىدۇق زادى،
شەيتان ئۇرغان ئوخشايدۇ بىزنى.
شەيتان بولۇپ كەتتۇق ھەممىمىز،
سىز مېنى، مەن «قويىمەن » سىزنى.

‹ ئىنسانىيەت دۇنياسى › ( ئۈمىد)،
‹شەيتانىيەت›بوپ كەتمىسىدى.
ھېچ بولمىسا شەيتانلار ئۈچۈن
‹ مۇختارىيەت›بوپ كەتمىسىدى.

شائىرنىڭ « ئەقىل تېپىش» نامىلىق شېئىرىدا بولسا، « مەن» دائىم كەپسىزلىك قىلىپ ئۆگەنگەچكە، « كۆنگەن خۇي يامان» دېگەندەك كۆك مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا دەسسەيدۇ. مۈشۈك ئۇنىڭغا ئېتىلىدۇ. « مەن»مۇ مۈشۈكنى بوغماق بولىدۇ. بىراق مۈشۈك چاققان كېلىپ، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى قانىتىپ، يىقىلغاننى چەيلىمەي كېتىپ قالىدۇ. يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىشى مەشغۇل بولىۋاتقان ئۆم-ئىناق چۆمۈلىلەرنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ، بوزەك قىلماقچى بولغىنىدا، چۆمۈلىلەر ئۇنىڭ ئاللا-توۋىسىنى بېرىدۇ. شائىر بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە-پەلسەپىۋىي يەكۈن چىقىرىدۇ:
چۈشەندىمكى، بۇ ئىككىلىك دۇنيا،
بوزەك ئەتمەس زادى ھېچكىم، ھېچنېمە.
قاتتىق خىشقا ئايلىنىدۇ تاۋلىنىپ،
ھەتتا ياتقان لاينىمۇ سەن بوش دېمە.

ئاڭلىدىڭمۇ، خورلۇق دېگەن بىر دورا،
مۈشۈكنىمۇ ئايلاندۇردى يولۋاسقا.
ھە، ئۇيۇشقاق چۆمۈلىلەر جېنىدا،
غەزەپ خەنجەر سالدى ‹ سۇنماس›قا ».
بۇ ھەجۋىيگە يەنە ئىناقلىق-ئۆملۈكنىڭ ھەقىقىي كۈچ-قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىمۇ-قىممىتىمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن.
شائىرنىڭ بۇ نادىر شېئىرلار توپلىمىغا يەنە « شائىر قىسمىتى»، «ئۆيلەنمەيمەن»، «چىشلەشمەيلى»، « كېپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن»، « مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا»، « ئەۋرىشىمبەگ ھەققىدە قوشاق»، « ئۈمىد يالدامىسى»، « يېقىن»، « دەردىسە»، « مالال بولماڭ، سىڭلىم»، « شامالچىلىك يۈزۈم يوقمۇ ئالدىڭدا»، « ھەرىچاقنىڭ نەشتىرى»، « ئېيتىپ قويۇڭلار»، « تۇز»، « مۇنار شۇنداق پۈتىدۇ»، « ۋىسال يولى»، « ۋاپا چاچقۇسى»...قاتارلىق بىر تۈركۈم خاسلىق بەلگىلىرى چاراقلاپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئۆزارا پېتىشماسلىق، يۇرتۋازلىق، ساختاشۆھرەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىك، ئەلگە ۋە ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىش، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى زىنھار چۈشەنمەسلىك ھەم ئىشەنمەسلىك، ھايات يولىنى ھەممىگە گۇمانلىق نەزەر بىلەن قاراپ، تۇمانلىق قىلىش، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قەدىرلىمەسلىك، ئەجداد ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلماسلىق، ئۆز ئانا يۇرتىنى ۋە مىللىي (كىملىك) توپىنى چىن دىلدىن قەدىرلىمەسلىك، بۈگۈن ۋە ئەتىگە مەسئۇل بولماسلىق، ئەۋلادلارنىڭ ئەتىسى ھەققىدە ئويلانماسلىق، ۋاپاسىزلىق، ئەقىدىسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق ۋە ئىرادىسىزلىكتەك يامان ئىللەتلەر بىلەن بىللە غەيۋەت-شىكايەت قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ھەم ھەسەدخۇرلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەلسۆيەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەردانىلىق، ئەركەكلىك تۈسىدىكى تامامىي خىسلەتلەر مەدھىيلەنگەن. «شائىرنىڭ قىسمىتى» ناملىق شېئىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

«شائىرى يوق ئەلگە دائىم ئۇيقۇ بار،
شائىرى بارلارغا ئوتلۇق تۇيغۇ بار.
شۇڭا ئەل شائىرنى تۆرگە تەگلىدى،
بەگ ۋە ئامباللار لېكىن بەك يەكلىدى.
مۇفتىدىن شائىر گۇناھىن سورىسام،
‹ئۇيقۇنى بۇزدى›دېدى، گەپ كولىسام.
قازىنىڭ ئالدىغا بارسام ‹ بەس!› دېدى،
بۇيرۇدى جاللاتنى دەرھال ‹كەس!›دېدى.
.........***.......................
ئەمرىچە، ‹ئەللەيچى › بولسام بولغىدەك،
ياكى نەق لەببەيچى بولسام بولغىدەك.»
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقىي، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ھاياتىي بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەجىلى بىلەن ئەمەس، بەلكىي قەبىھ ياۋلارنىڭ جادۇ-قىلىچى ۋە ئوقى بىلەن بۇ ئالەمدىن ۋاقىتسىز ۋېدالاشتى؟كىم ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟...دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانساقلا، «شائىرنىڭ قىسمىتى»گە لايىقىدا جاۋاب تاپالايمىز. بىر ئەلنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، سۈيىدە ئاقىدىغان، جاپاسىنى سۆيىدىغان، ئوتىدا كۆيىدىغان، قايغۇسىغا ھەمدەم ۋە مەلھەم، شادلىقىغا جۆر-سەنەم بولالايدىغان شائىر بولماق ئۇنچىلىك ئوڭاي ئىش ئەمەس. بىلىشىمىز كېرەككى، شائىر شارائىتنىڭ مەھسۇلى ئەمەس،بەلكىي، ئۇ تۇغما تالانت ھەم نادامەت ئىچىدىكى باقىي ئامەتتۇر!
مېنىڭچە، شائىر تاھىر تالىپنىڭ شېئىرلىرى ھەر تەرەپتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان شېئىرلار بولۇپ، خەلقمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز مەڭگۈ ۋە مەڭگۈ سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. شائىر تاھىر تالىپ دىلى بىلەن تىلى، ئۆزى بىلەن سۆزى، كۆزى  بىلەن بۆزى، قەدەمىي بىلەن قەلىمى بىردەك بولغان پاكىز نىيەتلىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇلۇپ، تىللاردا داستان، دىللاردا گۈلىستان ۋە روھلاردا شەبىستان بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىندۇر.
ئېھتىمال، بۇ تەلەيلىك شائىر تۇغۇلىشىدىنلا شائىر بولۇشقا مۇناسىپ يارالغان بولسا كېرەك...
ئاخىرىدا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، شائىر تاھىر تالىپنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ شائىرلىق ئىشقىي  پايانىكى كىملىكىنىڭ كامالەتلىك زاھىرلىنىشى دەپ جەزم قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.
گەرچە، شائىر بىمەھەل ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇر تۆكۈلىدىغان قەلىمى بىلەن «چۆگۈن قويسا قاينايدىغان يۈرىكى» ھېلىھەم قېرىغىنى يوق.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوتتۇز قىررىق ياش مەزگىلىدىكىدەك تەلۋە (تەبئىي) كۈچ بولمىغىنى بىلەن روھىدا تاغلارنى تىترەتكۈدەك، دەريالارنى دولقۇنلاتقۇدەك ۋە بۇلۇتلارنى سۈر-توقاي ئەيلەپ يىغلاتقۇدەك بەدئىي كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەڭگۈلۈك ماگمىسى مۇجەسسەمدۇر. ئۇنىڭ ياخشى، بەرنا، مۇنەۋۋەر ھەم ئۆلمەس شېئىرلىرى يېشى چوڭايغاندىراق روياپلانغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە ئۇ تېخى قېرىمىدى ھەم قېرىمايدۇ. ئۇ خۇددى ئۆز شېئىرىدا ئېيتقاندەك ھېلىھەممۇ «كۆكىسىمىزدە چۆگۈن قاينايتتى» دەپ يۈرىدىغان شاش ۋە ئىزتىرابلىق يىگىتتۇر. چۈنكى شائىر دېگەن يۈرىكىدىن قېرىيدۇ، (قېرىسا). بىراق شائىر ئەبەدىي قېرىمايدىغان، چىرىمەيدىغان ۋە رەقىبىگە ئېرىمەيدىغان يېشىل قارىغايدۇر!
مەن شائىر تاھىر تالىپنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتلۇق ۋۇجۇدىغا ئىلاھىي قامەت، ئىجادىيىتىگە پۈتمەس-تۈگىمەس ئامەت، تېنىگە سەھەت ۋە قەلىمىگە ( ئوقۇرمەنلەر نامىدىن) مەدەت تىلەيمەن!
ئاخىرىدا سەردارى ئالىم، يىتۈك شائىر، ھەربىيشۇناس زاتى مۇبارەك بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شائىر ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى. بوۋىمىزنىڭ قارىشىچە:
« قىلدىنمۇ نازۇكراق تەپەككۇر قىلالايدىغان، دېڭىزنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تىرىپ چىقىدىغان غەۋۋاسقا ئوخشاش رىئال تۇرمۇشتىن سۆز ئۈنچىلەرنى تىرىپ، قىلىچتىن ئىتتىكرەك تىل بىلەن بەزىلەرنى ماختاپ، بەزىلەرنى سۆكىدىغان، ماختىغان كىشىسىنىڭ شۆھرىتىنى جاھانغا يېيىپ، سۆككەن كىشىسىنىڭ نامىنى سېسىىتىپ تاشلايدىغان ئادەم شائىردۇر ھەم ئۇلارنىڭ ئېيتقان ھەم يازغانلىرى شېئىردۇر.» مېنىڭچە، خالىس نىيەت بىلەن بەدئىي ئىجادىيەت بولۇپمۇ شېئىرىيەت كوچىسىغا كىرگەن ھەر بىر ئوت يۈرەك بۇ ئۆلچەمنى ئۆزىگە مىزان قىلىشى كېرەك. شائىر تاھىر تالىپ بولسا بۇ ئۆلچەمنى ئۆزى ۋە ئىجادىيىتىگە ئىزچىل تەتبىقلاپ كېلىۋاتقان شائىردۇر.

پايدىلانمىلار:
① ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»ناملىق كىتابى
②شائىر تاھىر تالىپنىڭ « مەن-ئادەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى





« ئىشىقنامە»نىڭ تىلى

(4)


( ئوبزۇر)



    بىز يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمەت-ئىپتىخارلىق  ھېسسىياتىمىز بىلەن مەدەنىيەت تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەتتىن ئىبارەت چوڭ، ئۇلۇغ ، جۇشقۇن ھەم ھېكمەتكار ئېقىنىغا چىن دىلدىن ئەقىدە باغلاپ، ئۇنىڭىن تارىغان بىباھا زەرلەر بىلەن روھىنى پاكلاپ، شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مەتانەتلىك پىكىرنىڭ مەۋلانە قىيامىدا ئىرادىىسىنى تاۋلاپ، خاس بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرى بولغان سەلتەنەتلىك روھ پىرامىداسىنى زاھىر ئەيلەپ، جاھان ئەدەبىياتىدا زىلزىلە پەيدا قىلغانلىقى نامايەن قىلىنغان ئالتۇن بەتلەرنى ئۇچرىتىپ، شادلىقتىن بېشىمىز كۆككە يېتىدۇ. قەلبىمىزدە ئەبەدىي دولقۇنى پەسەيمەس بىر دەريا پەيدا بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ئەلۋەتتە.
ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، مىرئەلىشىر نەۋائىي، لۇتفى، ئاتايى، سەككاكى، نىزارى، زەلىلى، ھىرقىتى، گۇمنام، مەشرەب، قەلەندەر، ئەرشى، نەۋبەتى، ئابدۇخالىق

ئۇيغۇر، ئەھمەد زىيائى، ئا. ئۆتكۈر ۋە تېيىپجان ئېلىيوپلارنىڭ قەتئىي، تەۋرەنمەس ۋە ئۆزگەرمەس ئىرادىسى  ۋە شېئىرىيەتكە   ئۆزىنى بېغىشلاش روھىي بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە روھىي بالاغەت ئىستىتېكىسىنىڭ شائىر قەلبىدىكى تەڭداشسىز چۇقانى بولغان بەدئىي تىلنى ۋاستە قىلىپ، كىشى ھەيران قالغۇدەك تۈمەن ئەسىرلىك تىندۇرمىلارنى ھالال قان-تەرى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىپ، شېئىرىيەت جۈملىدىن ئارۇزنىڭ ئەڭ غوللۇق تۈرلىرىدىن بىرى بولغان  غەزەل ئارقىلىق ئىشقىي تىۋىنىشلىرىنى ۋە ھەسرەتلىك نادامەتلىرىنى ئۆزگىچە سەنئەتلىك ھەم سەلتەنەتلىك ئۇسۇل بىلەن  ئىپادىلەپ، گويا مىللەتنىڭ تىل دېڭىزىدىكى غەۋۋااسقا ئايلىنىپ، مىللەت تىلىنىڭ يېڭىلىغۇچىسى ۋە تەرەققى قىلدۇرغۇچىسى ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچىسى بولغان شېئىرىيەت تىلى ئۈچۈن قانچىلىك مېھنەت   قىلغانلىنىقىنى تېگى پېيىدىن بىلىپ يېتەلەيمىز. بىراق بۇلارغا بولغان ۋارىسچانلىق تۇيغۇ ۋە مېھنەت ئەسىرىمىزگە يەتكەندە تازا ئورنىنى تاپالماي، كۆڭلىمىز غەش بولۇپ قالغان چاغدا ئىجتىھاتلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ « ئىشىقنامە» ناملىق ( ئاساسەن غەزەللەردىن تەركىبلەنگەن) غەزەللەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنېۋېرىستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، خېلى زور بەدئىي غۇل-غۇلىنىڭ سەۋەبكارىغا ئايلىنىپ، نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىزگە كۆرە « قىززىق نۇقتا» پەيدا قىلدى. مەن يازمامدا بۇ شائىرنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن قىسمەن غەزەللىرىنىڭ تىلى ھەققىدىكى غورا پىكىرلىرىم بىلەن ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
مېنىڭچە، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان غەزەللىرى ساپ، چىن، سەمىمىي، ھاياجانلىق ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقى، ئۆزىنىڭ روھىي كەچۈرمىشلىرى ۋە روھىي پىغانلىرىنىڭ جۇشقۇن شېئىرىي ئىلھاملارغا قانات بولۇپ، شائىرنىڭ ئىددىيىۋىي غايىسى، ھاياتىي قاراشلىرى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، ئېستېتىك لاتاپىتى ۋە ياشاش ھالىتىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى گۈزەل، ئەركىن، ئويناق، مەنىدار، تېتىملىق، جەلىبكار، تاۋلانغان، ۋەزىندار، مۇڭلۇق، ئىخچام، ئۆزگىرىشچان، رەڭدار، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك، يېقىملىق، جەزىبىدار، ئوبرازلىق ۋە ھىدايەتكار شېئىرىي تىلنىڭ ئىلمىي ھىمايىسىدە كامدىن-كام كۆڭۈل ۋە كۆزگە چېلىقىدىغان پىكىرلەرنى تاۋلاپ، مەردانە ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
يەنىمۇ كونكىرىت قىلىپراق ئېيتسام، ئۇنىڭ غەزەللىرىنىڭ تىلى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن خاسلىققا ئىگە قىلىنىدۇ:
1. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئىشقىي پايانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ ئوتلۇق غەزەللىرىنىڭ تىلى ناھايىتى ئىخچام بولۇپ، كىچىككىنە بىر پارچە لېرىك شېئىردا شۇنچە كەڭ مەزمۇننى ئىجادېئىرىي ئىپادىلەشكە شارائىت ھازىرلىغان. ئېنىقكى، شېئىل ر، بولۇپمۇ غەزە باياننى ئاساس قىلىدىغان ئېپىك ئەسەر بولماستىن، بەلكىي، ھېس-تۇيغۇنى ئىپادىلەش ئارقىلىق شائىرنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاپ، شادلىق-قايغۇ، ھەسرەت-پىغان ۋە ئىزتىراب ئىلكىدىكى ئۈزۈكچىلىكلىرىنى روشەنلىككە ئىگە قىلىدىغان بىر ئالاھىدە سەنئەت بولغاچقا، ئىخچام تىل ئەۋرىشكىلىرى ئارقىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ۋىسالىغا يېتىش- شائىرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ   ماھارىتى ۋە كۈچ-قۇدرەت كامالىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ مۇھىم جەريان پەقەت « بىزنىڭ پۈتكەن تۇرقىمىز، ئەنئەنىۋىي خۇلقىمىز، مىللىي خاسلىقىمىزنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ئانا تىلىمىز (ھاجى ئىمىن تۇرسۇن) » ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ مۇھىم ئەمگەككە ئىجادىي، ئىلمىي ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ  ئۆزگىچە ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن مۆلچەرلىگۈسىز بەدئىي ئۈنۈم ھاسىل قىرىلىپ، بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنى بىزدىن «تارتىپ» ئالدى. ئۇنىڭ:
………………………………………………..
« سېغىنارمەن كۈنۈتۈن نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ،
يىگىنىم ئوغا-زەھەر، ئاش-تۇزدا ھېچ تەم بولمىدى.

دىلى زەرداب، تېنى يالقۇن، چۆلدە مەجنۇن مەن شۇدەم،
نەچچە لوقمان دورىسى دەردىمگە دەرمان بولمىدى.

تۈندە بىدارمەن ھامانە زارىقىپ يار ۋەسلىگە،
كۆزلىرىم يۇلتۇز گويا، كىرپىكلىرىم جەم بولمىدى.
………………………………………………………
بۇ ئىشىقچۈن ئون ئۆمۈر يىغلاپ ياشاشقا رازىمەن،
مىڭ بەختتىن بۇ ئازابنىڭ راھىتى كەم بولمىدى.»
غەزىلىگە كۆز يۈگۈرتسەك، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ غەزەلدە دىلدارىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن پىغان دەشتىگە مەغرۇر يۈزلەنگەن مەردانە ئاشىقنىڭ سەمىمىي ئاھۇ-پەريادى ناھايىتى ئىخچام ھالدا چىنلىق بىلەن ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، روشەن خاسلىق پەيدا قىلغان. شائىرنىڭ بۇ پىراققا كۆرە  روياپلاندۇرغان ئاھۇ-زارى قانداقتۇر ساختا يىغا –زارە بولماستىن،  بەلكىي يارنىڭ ۋىسالىي كويىدا باغرى ئۆرتەنگەن قايناق ھاياتىي تۇيغۇدىكى شائىرنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىدۇر. شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، شائىرنىڭ « باغرى تاش»، « يارى ئۈچۈن شۇنچە ئازاب تارتىۋاتقان ئاشىقىغا قاراپ كۆزلىرى نەم بولمىغان يار» مۇ ئوبيىكتىپ رېئاللىقتىكى مۇئەييەن ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ھادىسىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىستىخىيىلىك رەۋىشتىكى ئوبرازى بولماستىن، بەلكىي شائىر ئۇلۇغ، تەلپۈندۈرگۈچى، گۈزەل پەرىشتىنىڭ –جۈملىدىن باقىي ھەقنىڭ مەڭگۈلۈككە تۇتاشقان يىگانا زاھىرەن ئوبرازىنىڭ روشەنلەشتۈرىلىشىدۇر، خالاس!
يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشقا تامامەن مۆمكىنكى، شائىرنىڭ بۇ غەزىلى تىل جەھەتتىكى ئىخچاملىقتىن باشقا رەڭدارلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزگە سازاۋەردۇر. بۇ غەزەلنى بىر ئوقۇشتىلا ئۇيقۇدىن بىدار بولغان بىر ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ يارىنىڭ ۋەسىل تەشنالىقىدا كۈنۈتۈن سېغىنىپ، يىلاندەك تولغىنىپ، قان-قان يىغلاپ، ئاخىرى ئەتىسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، بۇ ئازابنى مىڭ بەختتىن ئارتۇق كۆرۈپ، بۇنداق ياشاشقا رازى بولغانلىقىدەك گىگانت بىر ئوبرازنىڭ سىماسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا روياپقا چىقىدۇ. ئەجىبا، بۇ پىشقان، يېپىشقاق، شىرىن شېئىرىي تىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بەدىلىگە
كەلگەن بەدئىي ئۈنۈم بولماي نېمە؟ قېنى، قايسى شائىر ئۆزىدىن ئىبارەت ئىجابىي تۈسلەنگەن لېرىك قەھرىمان-«مەن»نى يىلاندىن ئىبارەت سەلبىيەت تەسەررۇپىدىكى نەرسىگە ئوخشىتىپ قارىشىنى ئىپادىلەپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالىدى؟ ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى باغرى قان بۇلبۇلغا ئوخشىتىپ يۈرمىدۇقمۇ؟ … قېنى، كىم يار جامالىغا تەشنا بولغان ئاشىق بىچارىنىڭ بىدارلىق ئىلكىدىكى زارىقىشلىرىنى «كۆزلىرىم يۇلتۇز گويا، كىرپىكلىرىم جەم بولمىدى» دەپ شۇنچە ئىخچام ئىپادە قىلالىدى؟! شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا يۈرەككە سىغمايۋاتقان شۇنچە پىغاننى قىسقىغىنە بىر پارچە شېئىرىدا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بېرىپ، ئۆز تالانتىنى جارى ئەيلىدى.
بىراق مېنىڭ ئاقساقاللىق قىلىپ، بۇ غەزەلنىڭ ئىككى مىسراسى ھەققىدە شائىرغا سەمىمىي تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ. بىرى:
« قىسمىتىم شۇنداقمىكىن غەملەر ماڭا كەم بولمىدى،
چۈشتى باشقا يېڭى سەۋدا كونىسى غەم بولمىدى» دېگەن باش بېيتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىنى «يېڭى سەۋدا چۈشتى باشقا، كونىسى غەم بولمىدى» دەپ ئالسا، تېخىمۇ راۋانراق بولامدۇ-قانداق؟ «كەم»نىڭ ئورنىغا ئەسلى لۇغەت تەركىبىمىزدە يېزىلىشى بويىچە «كام» دەپ ئالسا، ئاچ قاپىيە بولۇپ قېلىپ، شېئىرىي لاتاپەتكە تەسىر يېتەرمۇ؟ بۇ غەزەلدىكى « نەچچە لوقمان دورىسى دەردىمگە دەرمان بولمىدى» دېگەن مىسرادىكى « دورىسى» دېگەن سۆزنى جانلىق تىل تەلەپپۇزى بويىچە «دارىسى» دەپ ئالساق، سىلىقراق چۈشەمدۇ-نېمە؟… مېنىڭچە، بۇ ھەقتە شائىر ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.
2. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرى روشەن رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ لۇغەت بايلىقىدىكى سۆزلەرنى تاللاپ جايىدا  ھەم ئۇنى ناھايىتى كەڭ مەنىلەرگە ئىگە قىلىپ، ئىسلىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە بېرىكتۈرگەنلىكى بىلەن ئۆزىگە خاس تۈس ئالغان. شائىرنىڭ مېھنەت بەدىلىگە ياسىغان غەزەلگە ماس سۆز بېرىكمىلىرى مىسرالار قىيانلىرىدا قىلىقلىنىپ، جانلاندۇرۇلغان شېئىرىي ئوبرازلار ۋۇجۇدىغا كۆچۈپ، ئاجايىپ يارقىن تۇيغۇلار ئىماگىدىكى جۇلاكارلىق ھاسىل قىلغان.
ئۇنىڭ چىن سەمىمىيەت بىلەن تولغان ئوتلۇق مىسرالىرى ئوقۇرمەن ۋۇجۇدىدا توسقۇنسىز لاۋاغا ئايلىنىپ، روھ كۆلچىكىدە ئۇلۇغ لەرزە پەيدا قىلىدۇ. مىسال ئۈچۈن «ئايلاندى» رادېفلىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
« قېنىم قايناپ پىراقىڭدا يىلىك زەردابقا ئايلاندى،
لېۋىمگە تامچىغان ياشىم شىرىن مەيزابقا ئايلاندى.

          يۈرەك-باغرىم كەبىي زەخمەت يىگەن جۇل-جۇل كۇلاھ-جەندەم،
يىراقتىن بىر قاراپ قويساڭ شۇئان زەربابقا ئايلاندى.

ۋىسالىڭسىز غېرىب بولسام قۇياشسىز قالدى بۇ ئالەم،
چۈشۈمدە بىر كۈلۈپ باقساڭ كېچەم ئاپتاپقا ئايلاندى.

ماڭا كار قىلمىدى لوقمان لېۋىڭدىن بىر سۆيۈش ئالماي،
بولۇپ نېمجان زەبەردەست  قۇل مانا بىتاپقا ئايلاندى.
تىلاۋەت دەستۇرۇم بولمىش سېنىڭ ھەر جۈملەئى لەۋزىڭ،
ئىبادەت ئۈستىدە ھەرئان ئۇلۇغ بىر بابقا ئايلاندى.

ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە سەجدە قىلىىشقا بارمىدى ھەددىم،
بېشىم قويسام ئاياغىڭغا قېشىڭ مېھرابقا ئايلاندى.

ئىشىقنىڭ بەختىدىن مەھرۇم دىلى چۆل-دەشت كەبىي گۇمراھ،
ماڭا پەندى-نەسىھەتلەر قىلىپ ئەربابقا ئايلاندى.»

گەرچە ىشائىرنىڭ بۇ غەزىلى ھەزرىتى مىرئەلىشىر نەۋائىي ئىزىنى ئىجادىي ئىزلىغان ئىشقىي-مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ، تىلى شۇنچىلىك راۋان، پاك ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت يالقۇنلىرى شۇنچىلىك ئۆرتىگەك، يارقىن ۋە ئۇلۇغ بولسىمۇ، پىكىرنىڭ چىنلىقى يېقىدىن «ھەقكە يېتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى-ھېچنېمە ئۈمىد قىلمىغان ياكى ھېچنېمىدىن پاناھ تىلىمىگەن ئاساستىكى-ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدىكى خالىس نىيەتلىك چەكسىز ئىشىق » دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن. بىراق ئاشىق يۈرەكنىڭ ھەقىقىي نېداسىنى يورۇتۇپ بېرىش جەھەتتە شائىر قېنى دەري بولۇپ ئاققان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ غەزەلدىكى ئىشىق ئېنىقكى، ئىلاھىي ئىشىق ئارېفلىقىدىن سەل پەستە قالغان بولسىمۇ، مەجازى ئىشىق دەرىجىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان.
شائىرنىڭ غەزىلىدىكى ئۇنى «سەجدە قىلدۇرۇپ، قېشىنى مېھراب ئەيلىگەن، ھەر بىر سۆز-جۈملىسى تىلاۋەت دەستۇرىغائايلانغان، قېنىنى قايناتقان، ۋىسالىنى كۆرسەتمەي بۇ ئالەمنى قۇياشسىز قالدۇرغان ۋە لوقماننىڭ دورىسىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەن» يارنىڭ ئوبرازى گۈزەل ھەم رەڭدار شېئىرىي تىلنىڭ لاتاپىتى ھەم مەتانىتىدە روشەنلىككە ئىگە قىلىنغان. شۇڭا بۇ غەزەلنى بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دەۋرىمىز ئۇيغۇر غەزەلچىلىكىنىڭ نادىر ئۆلگىسىنى يارىتىپ، ئارۇز گۈلىستانىدىن خۇشپۇراق تاراتتى، دەپ يەكۈنلەشكە تامامەن ھەقلىقمىز!
شائىرنىڭ غەزىلىدىكى « پىراق ۋەجى قايناپ، يىلىككە ئايلانغان قان، شىرىن مەيزابقا ئايلانغان ياش، كۇلاھ-جەندىنى بىر قىيا بېقىش بىلەن زەربابقا ئايلاندۇرۇش، چۈش پايانىدا بىر كۈلۈپ قويۇش بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۇش...» قاتارلىق مۇبالىغىلەر شېئىرىي تىلنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، بىرمۇنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب لەرزىسىگە سەۋەب بولغان.
شائىر مۇھەببەتتىن ئىبارەت تارىختىن بېرى ئەڭ كۆپ يېزىلغان بىر تېمىنى يىپ-يېڭى رەۋىشتە تەسۋىرلەپ، ئۆزگىچە بىر شېئىرىي مۇھىت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدىكى ئازاب قەسرىنىڭ كۆرنۈشىنى سىزىپ بەرگەن. شائىر يەنە يارنىڭ قېشىنى مېھرابقا، نەسىھەتكوينى ئەربابقا، يارنىڭ لەۋزىنى ئىبادەت ئۈستىدىكى ئۇلۇغ بىر بابقا، ياشنى مەيزابقا... ئوخشىتىش ئارقىلىق غەزەللىرىنىڭ مەقامىنى يەنە بىر دەرىجە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. يەنە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ قويۇش بىھاجەت ئەمەسكى، بۇ غەزەلنىڭ ئالتىنچى بېيىتىدىكى « ئۆزۈڭدىن باشقىغا سەجدە قىلىشقا بارمىدى رايىم » دېگەن مىسرادىكى « بشقىغا » دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا  « ئۆزگىگە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە تولىمۇ جايىغاچۈشكەن بولامدۇ-نېمە؟ يەنە بۇ مىسرادىكى « ھەددىم» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «رايىم» دېگەن سۆزنى ئېلىش ئاقىلانىلىك، ئەلۋەتتە!
چۈنكى «ھەددىم» دېگەن سۆز بۇ مىسرادا ھەرگىزمۇ « رايىم» بىلەن تەڭداش ئەمەستۇر. «ھەددىم» سۆزى بويسۇنماسلىق خاراكتىرىدىكى سۆز بولسا، « رايىم» ئەكسى مەنىدىكى سۆزدۇر.
3. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرى قايناق ھېس-تۇيغۇلارنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادە قىلىش بىلەن بىللە، مول، روشەن، جانلىق، خاس، ئېنىق، جۇلاكار ئىستىلىستىكىلىق  ۋاستىلەرگە
تويۇنغانلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. شائىرنىڭ غەزەللىرىدە قوللانغان بەدئىي ۋاستىلىرى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئىشلىتىپ تەمىدىن كەتكەن، قېلىپلىشىپ قالغان، كونا، ئۆلۈك ھالدىكى ئاتالمىش ۋاستىلەر بولماستىن، بەلكىي، شېئىرىي پىكىرگە ماس كەلگەن ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بەدئىي ۋاستىلەر بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ يالغۇز ئوقۇشچانلىقى ۋە ئۇقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا  قالماستىن، يەنە  غەزەللەرگە زەردىن لىباس يېپىپ، ئۇنىڭ جەلبكارلىقىنى ئاشۇرغان. مەن تۆۋەندە بۇ غەزەللەردىكى بەرنە بەدئىي ۋاستىلەرنى چۈشەنگىنىم بويىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن:
1)        شائىرنىڭ غەزەللرىدە ئەڭ كۆپ ۋە جايىدا قوللىنىلىپ ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىشتۇر. مەسىلەن:
①« تاش تېگىپ سۇنغان ساپالدەك خاكىسار بولغان كۆڭۈل،
سەن بىلەن شۇڭقار سامادا، ئىززىتىم، شانىم ئۆزۈڭ.»
② «سېغىنارمەن كۈنۈتۈن نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ،
يىگىنىم ئوغا-زەھەر، ئاش-تۇزدا ھېچ تەم بولمىدى.»

③ « ۋىسال، ھىجراندا دەرد-شادلىق گويا  تۆت پەسلىدەك زىنھار،
        يەنە قىلغايكى كىم كۆركەم ھايات پەيكارىنى مەندەك.»        

④  « جاپادىن پۈكلىنىپ قەددىم، ۋاپاغا چاڭقىدىم چۆلدەك،
نە شادمەن غەمگە لىق خەزنەم، ھاياتنىڭ شادى كەم بولدى.»

⑤ « پەلەك سەتھىگە يازدىم خەت، كۆرەر دەپ ھەقكە ئەرزىمنى،
يېشىم قانلىق سىياھ، كىرپىكلرىم ئۆچمەس قەلەم بولدى.»

2)        شائىر غەزەللىرىدە جانلاندۇرۇشنىڭ نادىر ئۆلگىلىرىنى يارىتىپ، جانسىز نەرسىلەرگە جان ئاتا قىلىپ قىلىقلاندۇرۇپ، جانلىقلارنى نەرسىلەشتۈشتۈرۈپ، يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك ھەم كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئۇتۇققا ئېرىشكەن. مەسىلەن:
① « ئەسلىتىپ يار كۆزىنى تاڭلاردا چولپان جىلمىيار،
بولدىغۇ يار مەنزىلى يەتمەككە يۇلتۇزدىن يىراق.»

② « تاپانلار گۈل چېكىپ قاندىن ياياق يۈردۈم باياۋاندا،
بىھۇش ئەيلەپ ھوزۇر بەرگەن قەلەم تۇلپارىدىن كەچمەي.»

③بۇلۇتلار ياش تۆكۈپ يىغلاپ، ئېقىنلار توختىدى مۇڭدىن،
چېكەر كىم يار ئۈچۈن كۈن-تۈن يۈرەكنىڭ تارىنى مەندەك.»

④ « يۈرەرمەن چۆل-باياۋاندا چۆكۈپ بارخانۇ دولقۇنغا،
مېنى قوغدايدۇ قۇم دەۋرەپ چىمەنىم، لالىزارىم يوق.»

⑤ « ئاھلىرىمنىڭ قۇشلىرى يەيدۇ كۈنۈتۈن چوقچىلاپ،
خامتالاش بولغان جىگەرنى چۆلدىكى زاغدىن كۆرۈڭ.»

3)        شائىر غەزەللىرىدە يەنە مۇبالىغىدىن ماھىرلىق بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرىي تىل بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، شائىرنىڭ يۈرىكىدىكى ھەسرەت- پىغانىنى تولۇقى بىلەن ئېچىپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان:
① « گۈلگە تامدۇرسام يېشىمنى غۇنچە بولدى قىپقىزىل،
غۇنچە بولدى-يۇ، يېشىم گۈللەرگە شەبنەم بولمىدى.»

② « ۋىسالىڭسىز غېرىب بولسام قۇياشسىز قالدى بۇ ئالەم،
چۈشۈمدە بىر كۈلۈپ باقساڭ كېچەم ئاپتاپقا ئايلاندى.»

③ « يالقۇنۇڭدا ئېرىدى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم سۇ بولۇپ،
كۆزلىرىمدىن ئاققىنى ياشمۇ، گۆھەر؟ دەپ قورقىمەن.»

④ « ئۆي-ماكان، مەھەللە-كوي يەكسان پىغانىم زارىدىن،
        يەرنى كۈن سوققاندىمۇ بۇنداق ئىگىز-پەس تەۋرىمەس.»

⑤ « پەلەكنىڭ گۈلدۈرى كەلسە زېمىننىڭ نالىسى دەمسىز؟
ھامانە كىم ئۇرۇپ چاقماق يازار ئىزھارىنى مەندەك.»

4)        شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ شۇنچىلىك زىل-زىلە پەيدا قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە بەدئىي ۋاستىلەرنىڭ سەردارى بولغان سىمۋولنىڭ ئوينىغان رولىمۇ خاراكتېرلىكتۇر، ئەلۋەتتە:

① « گۈل خازان پەسلى ئەمەستى مەن تېخى كۈزدىن يىراق،
سارغىيىپ قالدى گۈلۈم بولغاچقا يار كۆزدىن يىراق.»

② « سامادا ئۇچسا جۈپ تۇرنا بۇقۇلداپ يىغلىدىم زار-زار،
تىلەي، تاش باغرىغا يارنىڭ خۇدا ئىنساپنى سالغايمۇ.»

③ « كۆكتە يۇلتۇز، يەردە تاۋۇس، باغدا گۈللەر جىلۋىسى،
سەن نىھانسەنكى كۆرەرمەن بارچە جەۋلاندىن سېنى.»

④ « ئۆزۈڭ يوق تۈندە خانامدا، قىياقىڭدىن چىراغ پەيدا،
يېشىمدىن ئۇ، چىراقىمغا كۆيۈپ ئۆچمەسكە ياغ پەيدا.»

⑤ « ۋىسالسىز ئۆمرىدىن قاقشاپ يىراق باغلاردىكى كاككۇك،
گويا يەر، كۆكنى باغرىدەك قىلىپ مۇڭ-زارى يىغلايدۇ.»

5)        شائىر غەزەللىرىدە يەنە سۈپەتلەشنىڭ رولىدىن جايىدا پايدىلىنىپ، خاس ئالاھىدىلىكنى مول ئۈنۈمگەئېرشتۈرگەن بولۇپ، خۇددى خۇشپۇراق گۈلدەستىدەك كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدىكى يارىنىڭ ئوتلۇق ۋۇجۇدىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن تىلى ھەرقانداق بىر شائىرنىڭكىدىن پەرقلىنىپ، قايىللىقىمىزنى قوزغايدۇ:

① « سامانمۇ، زەرمۇ يار ئېيتقىن ساڭا ھاجەت سېرىق رەڭمۇ؟
پىراقىڭ داغمىلى بىرلە چىرايىم كەھرىۋا بىلسەڭ.»

② « قارا قاينام يۇتۇپ،  يالماپ  پىراق دەرياسىدا ئۈزدۈم،
بىراق چاڭقاشتىمەن، لەۋدىن ئىچىپ مەي قانمىغان شەيدا.»

③ « قاپقارا لىباستا تۇرسا مۇڭلىنىپ،
نە سەۋەب تۇتقاندۇ ماتەم دەپتىمەن.»

④« دەردۇدىشۋارىم ئۇۋالى سەرۋى قامەتتە چوقۇم،
زۇلفى ئارقان، قامىتى دار، ھۆسنى ئاپەتتە چوقۇم.»


⑤« كۆزلىرىمدىن ئاققىنى رەڭ ئالدى قاندىن قىپقىزىل،
ياشلىرىم يۇلتۇزلىرى ئاسماننى گۈلزار ئەيلىدى.»

6)        سېلىشتۇرۇشمۇ بەدئىي ئەسەردە تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدىغان، مەنىسىنى كىڭەيتىدىغان، چۈشەنچىنى نېسبەتەن چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋە ئەدىبنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرىنى تولۇقراق ئىپادىلەشكە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغان ئاساسلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ جەھەتتە تېگىشلىك تەر سىڭدۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلدى:
① « لەھەل، ئالتۇن، جاۋاھىرلار پەۋەسكى ئىلكىدە يەرنىڭ،
يۈرەكنىڭ مەشئىلى سۆيگۈ، تېپىلماس تۇتىيا بىلسەڭ.»

② « گۆھەر تاۋۇتقا بەند سۇلتان چىرىپ ئاخىر توزان بولغاي،
پىراق دەشتىدە كۈلگەن مەرد شېھىت ئۇ، مومىيا بىلسەڭ.»

③ « كۆزىن دەيمۇ، سۆزىن دەيمۇ، تولۇن ئاي لال يۈزىن دەيمۇ؟
جاھان ھۆسنىگە سۇلتانلىق كۆرۈڭ باشتىن-ئاياغىدۇر.»

④ « ۋاھ قۇچاقلايمەن قۇياشنى تۈندىمۇ،
يار خىيالى ئون قۇياشنىڭ بەرقىدۇر.»

⑤ « ئېقىپ زۆھرە دىبان تاھىر ياغاچ ساندۇقتا لەيلەرمىش،
لېكىن مەن كىت، لەھەڭلەردىن نىگارچۈن يانمىغان پەيدا.»
.................................................................
قىسقىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئۆز شېئىرلىرىدا بەدئىي تىلنىڭ قۇدرەت-كامالىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭ توسقۇنسىز يالقۇنىنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرۇپ ئەبەدىيلىك لەرزى زاھىر قىلىش جەھەتتە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا تېنىمسىز، ئەتراپلىق، ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر شېئىرىي-بەدئىي ئالەمنى يارىتىپ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئالدىنقى ئاۋانگارتلىرى قاتارىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالدى.
4. شۇ يەرگە يەتكەندە بىر نەرسىنى قوشۇپ بايانىمنى قانتلاندۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.   بىرى، « ھەر بىر يازغۇچى-شائىرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە قانچە سۆز ئىشلەتكەنلىكى ئۇنىڭ سۆز تالانتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكىي شۇ مىللەتنىڭ سۆز بايلىقىنىڭ قانچلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ... ‹نەۋائىي لېكسىكىسى›ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە 21 مىڭ 197 سۆز، شېكىسپىر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، سېرۋانتېس 18 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز، ئاباي ئالتە مىڭ سۆز، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى بولسا بىر مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىپ، ئۇلۇغ  مەنىۋىي سېما بەرپا قىلغان.» («بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1992-يىلى 4-سان) شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئەجدادلار ئىزىدىن ئېغىشماي مېڭىپ،  بۇ جەھەتتىمۇ يېتەرلىك ئىزدىنىپ، كۆپنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا سازابەر بولدى.  يەنە بىرى، بىر مىللەتنىڭ بەدئىي تىلى شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللاغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھەر بىر قويغان چېكىت-پەشلىرىگە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئوت يۈرەك، مىللەت سۆيەر، ئېتىقادىي مۇستەھكەم، ئىرادىسى چىڭ ۋە چىن، ھەق پىكىر قىلىش مادارىغا ئىگە شائىرلارنىڭ دەريا-دەريا قىان –تەرى بەدىلىگە ساپلىشىپ، موللىشىپ، گۈزەللىشىپ، تەرەققىي قىلىپ، مەنىۋىيەت ئېراسىنىڭ يېشىل بەلگىسىنى ئەللەردىن ئەللەرگە ۋە ئەۋلادلاردىن ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىر بولغان ئادەم تەييار تىل ماتىرياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى قوغداش بىلەن بىللە يەنە ئىستىمالدىن چۈشۈپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سۆزلەم ھەم سۆز بېرىكمىلىرىنى شېئىرلىرىدا جايى-جايىدا ئىشلىتىپ ئەۋلادلارغا ئۆلگە تىكلەپ بېرىش بىللە، زامانغا خاس بولغان، تىل ئىستىمالىمىزغا ماسلىشالايدىغان يېڭى-يېڭى سۆز ۋە سۆز بېرىكمىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىپ، لۇغەت بايلىقىمىزنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىشى لازىم. مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ پاك ۋىجدانىي بۇرچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئىزدىنىپ تەر ئاققۇزغان ،شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ غەزەللىرىدە « سايماس، تۆئىمىلەر، مۇھەببەت تەسكىيى، ناشۈكۈر، ئەمچى جەرراھ، يارماق، يەڭلىغ، ۋەجى، لەھەد، قاماپ، ياۋان، ئىبا، نازغىسا، غولاپ، زەبۇن، زەرتەخت، مەجنۇنىۋار، ئەغيار، لولا، ماك-ماك، ھەمراز، بەند، لەھزە، مۇسۇلمانزادە، جەھلى، زەر قونداق، جۇدالىق جۇتلىرى، چەكپارە، مەھرەم، ھاپاشلاپ، غەيۇران، پايمال، دال، ياساق، ئوغىلاپ، رەشك لەشكىرى، ھەسەد لەشكىرى، مەررە، ئۆمرىبان، زەر ھەيكەل، پەيۋەندە، بىداد، سەيياد، مۇغەننىي، ھەلقۇم، جۇنۇن، سەجدىگاھ، رەزگى جان، خەيلى، تۈن نىقابى، قاغجىراش، مومىيا، ياسىڭارى، ئەجەل تىرنىقى، نۇر مەۋجى، قوۋۇق،  سەددى دىۋارىم، ۋۇجۇد جامى، يىڭنە مىژگان، ناپىسەنت، مەھشەرگاھ، تۇغيان، ساھىر، زەربەئى بەرھەم، تەنناز، ئايىنە، غاپىل، جامۇجام، سەييادىشاد، ھەيكىلى بۇت، نامېھمان، ھەمراز، مەرگىمۇش، دەربەدەر، كىرپىك قەلەم، لالەگۈن، قەتلىئام، نادىرى دەۋران، چاھارپاي، نالاپ، شۈمۈپ، جەبرىگاھ، پايكان شىددىتى، دامى شەيتان، ھەپسە، سىتەمكار، بىۋاپانامە، پازىل باغىبان، غېرىب ئۆتەڭ، پەرگالى، تەن جەۋھىرى، خىيالىي كەيپ، بەھرى بوستان، بالخۇمار، جاھانداش، لەختىلەپ، گويىيا، لەنەتگەردە، بىنېسىپ، تەختىسىرا، غېرىب چاڭگا، قىپقىزىل ياش، دىۋانەۋار، گۈرزا، مەشئۈم خىيانەت، نەۋ ھايات، بۈيۈك غەليان...» قاتارلىق يۈزلىگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى تېپىپ، ياساپ، ئېنىقلاپ ۋە تۈرلەپ جايىدا ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ غۇرۇر پايانىدىكى مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئالىيجاناب پەزىلەت يېقىدىن ۋىجدانىي بۇرچىنى خېلىلا بەركاماللىق ئىلكىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلغان. بۇ نۆۋەتتە ھەممىمىز جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك قىيىن، شەرەپلىك، توغرا، بۈيۈك خىزمەتتۇر.
5) تارىختىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قەسرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ ئەتكەن ئەدىبلەردىن ھەزرىتى مىرئەلىشىر  نەۋائىي كەبىي ئەللامە جاھان شائىرلارنىڭ يازغان پۈتۈنسسۈرۈك ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەڭ قۇلاق سەرخىل چىققان ئەمەس. بۇ ھال بولۇپمۇ شېئىرىي ئەسەرلەردە ناھايىتى روشەن ئۆز ئىپادىىسىنى
تاپقان.
دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ شائىرغا شېئىرنى ئۇنداق-ياكى بۇنداق يازىسەن، ھەممە مىسرالارنى ئالاھىدە سەرخىل چىقىرىسەن، دەيدىغانغا ھەم ھەققىمۇ يوق. شۇنداقلا بىر كىمنىڭ دېگىنىدەك يازغىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەرقانداق بىر شائىرمۇ پالانى چاغدا، پالانى يەردە، مۇنداق مەزمۇندا، مۇنداق دەرىجىدىكى بەدئىيلىككە ئىگە بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ دىللاردا ئۆلمەس ھەم ئۆڭمەس ئابىدە تىكلەيمەن، دېيەلمەيدۇ. ئەكسىچە شۇنداق بىر ئىلاھىي تۇيغۇ ئىلكىدە شائىر روھىي غىدىقلىنىپ، ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، يارقىن، جۇشقۇن، مەتانەتلىك، جەڭگىۋار، دىللارنى لەرزىگە سالغۇچى شېئىر-مىسرالار ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
بىزنىڭ دىققىتىمىز مەركىزىدىكى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللللانىڭ غەزەللىرىمۇ بۇنداق بەرنا مىسرالار پات-پات كۆزگە  چېلىقىپ، ئوقۇرمەننىڭ روھ كۆكىدە ھەسەن-ھۈسەندەك چاراقللاپ، ئۆز جۇلاسى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۇتىدۇ. مەسىلەن:
« ۋىسالنىڭ مەنزىلى ۋىل-ۋىل گويا چۆللەردە ئالۋۇندەك،
نىگارىڭ دەردىنى دەريا، ئۆزىنى كەم دىدار قىلمىش.
سۆزى بۇلبۇل زۇۋانىدا، كۆزى ئاھۇدىدۇر يارنىڭ،
پىراق باغۇ باياۋاندا ساياق دىۋانەۋار قىلمىش.

قىلىچ چەككەن گۈزەل تاتۇق باھادىر ھۆسنىگە شاندۇر،
ئىشىق ئىككى جاھان ھىجران دېغىنى يادكار قىلمىش.»
-« قىلمىش»تىن

«كۆزلىرىمدىن چۆلگە سۇ باشلايدۇ ئول يار توختىماي،
ئىشىق ئۈچۈن ئاققاچقا كىرپىكلەردە شەبنەمدۇر ماڭا.

كىمكى ئاچچىق دەيدۇ تۇزنى ھەر غىزادا لەززىتى،
لەۋگە تامغان ياشلىرىمنىڭ بەھرى زەمزەمدۇر ماڭا.»
-«ماڭا»دىن.
« تىغ ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا جاللاتمۇ تەڭلىك تارتىدۇ،
سەن كۈلەرسەن تىغ ئۇرۇپ، جاللاتقا پىر، تەڭسىزمىدىڭ؟

« قۇياش كۈندۈزدە، ئاي تۈندە، دىدارى تاڭدا چولپاننىڭ،
خىيالىم كۆكىدە ئول يار قۇياش، ئاي، چولپىنىم ھەردەم.»

« تېنىم ئوتكى، نەپەس يالقۇن، ئىشىقنىڭ تەپتىدە ياندىم،
يۈرۈپ دەشتلەردە گۈلشەنگە نەزەر سالماقلىقىم يوقتۇر.»

« كۆزى شەھلاسىنىڭ شەۋقى بىلەن شەيداغا ئايلاندىم،
ئىشىقنىڭ دەشتىدە سەرسان، ساياق ىسەۋداغا ئايلاندىم.

يېنىپ باغرىمدا مىڭ دەۋزەخ ئوتى يالقۇن ئۇرۇپ تۇرسا،
قەيەردە مەشئىلى يانغىن شۇئان پەيداغا ئايلاندىم.

تېنىمگە جان بولۇپ كىرگەن پىراقىڭ ئۆچمىدى ئەي يار،
ئامانەت جان كېتەر، كەتمەس قولۇڭ، ئەسراغا ئايلاندىم.

قاشۇكىرپىك، چېچىڭ بوستانىنى ياشناتقىلى ھەرئان،
قانۇياشىم بىلەن ئۆركەشلىبان دەرياغا ئايلاندىم.

بېغىڭ گۈلشەنلىرىڭ ئاۋات، لېۋى چاك-چاكى تەشنامەن،
ئېقىپ ئۆكسۈپ، قۇرۇپ قاقشال، قاقاس سەھراغا ئايلاندىم.

ئۇزاق تۈنلەردە كۈلبەمدە خىيالىڭ شام بولۇپ ياندى،
ئۇڭا پەرۋانىدەك زارۇ غېرىب تەنھاغا ئايلاندىم.

تېنىم قۇرتلار ماكانىدۇر، بېغىر نەلەردىدۇر قالدى،
ئۆزۈمگە بىر قاراپ ھەيران، بىھۇىش ئەرۋاغا ئايلاندىم.»
-« ئايلاندىم»

«تەنىلەر كەلكۈن ياراتتى، پىتنىلەر يامغۇر تۆكۈپ،
باسسىمۇ دەريا، سەلەبلەر ئۆچمىدىم، كۆيدۈم ھامان.»

« كۆزلىرىمدىن ئاققىنى رەڭ ئالدى قاندىن قىپقىزىل،
ياشلىرىم يۇلتۇزلىرى ئاسماننى گۈلزار ئەيلىدى. »

« يېرىپ كۆكسۈمنى ئاھىمدا يۈرەكنى يوقلىدىم ق،انچە
           لېكىن قان بەھرى ئەيلەپ غەرق ئۇنى مەندىن نىھان قىلدى.»

...........................................................


شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرىدىكى بۇ مىسرالارنى ئوقۇغان ئادەم –ئوقۇرمەن، ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى بىلەن ئۇچقۇر  تەپەككۇرى ۋە بەرىكەتلىك قەلىمىگە ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ.
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى غەزەل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « غەزەل- لىرىك ھېس-تۇيغۇنى، قەسىدىلىك  پىكىرلەرنى، قەلبنى لەرزىگە سالغۇچى ھېكمەتلەرنى ئىپادە قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت شەكلىدۇر...ھەقىقىي شائىرنىڭ قەلبىدە ھەر دەقىقە بىر چۇقانى كۆڭۈل مۈلكىنى ئەسىر قىلغان. ئۇ-ھەقىقەت مۇنارىنىڭ ساداسى، ۋىجدان چۇقانى. ئىشىق مەملىكىتىدە شائىر بىر مەجنۇن...» دەيدۇ. ئېھتىمال بۇنداق تەرپ-تەۋسىپ ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللادەك ئوي پىكىرلىك، ئوت يۈرەك، ئەلنىڭ يۈرىكىدىكى ساداسىنى بايان قىلالايدىغان، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ۋۇجۇدىنى قەيسەرلىك بىلەن تىلالايدىغان دەۋرانە شائىرلارغا مۇناسىپ كەلسە كېرەك.
ئەمدى تۈگەنجە گەپكە كەلسەك، گەرچە شائىرنىڭ غەزەللىرى تىل يېقىدىن يۇقارقىدەك بىر قاتار ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىچىك نۇقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى:
1)        بەزى سۆز-سۆز بىرىكمىسى، مەجازى ۋستىلەرنى تەكرار ئىشلىتىپ  تىل ۋە بەدئىي ۋاستە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىكنى شەكللەندۈرۈپ قويغان. مەسىلەن: « نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ، تۇرنىنىڭ جۈپ ئۇچقىنى، لەيلىدىم، چۆكتۈم، سېنى دەپ كەلدىم جاھانغا، تەن جەۋھىرى، يىراقتا سايرىسا كاككۇك، كىرپىكتىكى ياش...» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كۆپ تەكرارلىنىپ، شائىرنىڭ تىل جەھەتتىكى كامالىتىدىن شەكلەندۈرۈپ قويغان.
2)         «بولۇپ» دېگەن پېئىل « بوپ» دەپ ئىشلىتىلىپ، شائىردىن ئىبارەت ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان پىدا قىلغۇچىنىڭ ئوبرازىنى بىرئاز خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويغان.
مەن ماقالەمدە شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدىكى مۇلاھىزەمنى ئورتاقلىشىۋاتقان بولغاچقا مەزمۇن يېقىدىكى پىكىرلەر خۇسۇسىدا بىرنەرسە دېمىدىم، باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ،  تەتقىق قىلىپ چوڭقۇر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە شائىرغا يەنىمۇ زور بەدئىي ئۇتۇق، شان-شۆھرەت ۋە ئامەت تىلەپ مۇتالىئەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

2013-يىلى، ئىيۇل،   قەشقەر





« ئۇنتۇلغان سۆيگۈ » دىكى ئىشقىي ھارارەت ۋە بەدىئىي پاساھەت

(5)


( ئوبزور )



    شېئىر – شائىر روھىنىڭ يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ۋە قايتا جۇلالىنىشى بولۇپ ، ئۇ ، شائىرنىڭ مەنىۋىيەت گۈلىستانىدىكى ھەركەتچان تەسەۋۋۇر ۋە تاۋلانغان تەپەككۇر ، ئۆزگىرىشچان ، قىزغىن ، ئوتلۇق ھېس – تۇيغۇ ، يېڭى پىكىر، يېڭى ، پاكىز ، ئۆزگىچە ، مۇكەممەل بەدىئىي دىت ، قات – قېتىدىن يېڭى – يېڭى دۇنيانىڭ ھارارەتلىرى ۋە جاراھەتلىرى سۈبىھگاھتىكى ماناندەك ئۆرلەپ ، تىنىمسىزلىك ھاسىل قىلالايدىغان شېئىرىي تىل ، نىسبەتەن تۇراقلىققا ئىگە بولغان پىششىق شېئىرىي قۇرۇلما ۋە مەجازى ۋاستىلار بىلەن تويۇنۇپ ، ھېچنىمىگە ۋە ھېچكىمگە بېقىنمىغان ھالدا شائىر قەلبىدىن ياپ – يېشىل ئىشىق تېغىدىكى بۇلاق سۈيىدەك ئۇرغۇپ چىقىپ ، ئوقۇرمەنلەر روھىغا ئۈن – تىنسىز قۇيۇلۇپ ، قەلب دېڭىزىدا سەھۋەنلەرنى زاھىر ئەيلەپ ، وىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ . مانا ، بۇ ھەقىقىي بىر پارچە شېئىرنىڭ روشەن خاسلىقىدۇر .
ۋود شىۋىرس شۇنداق دەيدۇ : « بارلىق ياخشى شېئرلارنىڭ ھەممىسىلا كۈچلۈك ھاياجاننىڭ تەبىئىي ئېقىپ چىقىشى .
شېئىر – بارلىق بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى ، ئۇ ، پۈتۈن ئىلىم – پەننىڭ چىرايىدىكى كۈچلۈك ئىپادە .
شېئىر – بارلىق بىلىملەرنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى . ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە ئوخشاش مەڭگۈ ئۆڭمەستۇر . » .
شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەقلىقمىزكى ، بىر پارچە بەرنا شېئىردا بىر دەۋرنىڭ ساداسى ۋە ئالاھىدىلىكى ، بىر مىللەت – قوۋمنىڭ شادلىقى ۋە خۇرسىنىشى ، بىر ۋەتەننىڭ خاسلىقى ۋە نېداسى گويا قۇياش نۇرىدەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇكى ، شۇنى توم – توم كىتابلاردىمۇ بىر يولىلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ .
بىزگە شېئىر بەرگەن زوق ۋە ئىلھامنى ھھېچكىم ۋە ھېچنەرسە ئەبەدىي بېرەلمەيدۇ . بىز شۇڭا شېئىرنى ئۇلۇغ ، مۇقەددەس ، مەرھەمەتلىك پەرىشتە قەلبىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىشق جامىغا قۇيۇلغان شېرىن شاراب دەپ بىلىمىزكى ، ئۇنىڭ ھىممەتكار لەززىتى بىلەن ئېتىقادىمىز پاكلىنىپ ، ئۈمىد – ئارمانىمىز كۆكلەپ ، مېھرىمىز تاشقىنلاپ ، كۆڭلىمىز ئۆسۈپ ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىجادىي ۋە ئخجابىي نامايەن قىلىش كويىدا تېنىمسىز تىپىرلايمىز .
ھەقىقىي بىر شېئىرگاھىدا بىزگە يىراق كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرىپ ، پەرىلەرنىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلاتسا ، گاھىدا « ئۇنتۇلغان سۆيگۈ » مىزنى ئېسىمىزگە سېلىپ ، ھېسسىي ئىماگ ( ئوبراز ) لار قوينىدا ئۆزىمىزنى تىڭشاشقا دالالەت قىلىدۇ » .
مەن ئىجتىھاتلىق شائىر نىياز ئىمىن قۇرباننىڭ « ئۇنتۇلغان سۆيگۈ » ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تەكرار ئوقۇش نەتىجىسىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلىنىڭ يەڭگىل ، ئويناق ، راۋان ، ھەممىباپ ، چۈشىنىشلىك ، ئىخچام ، جانلىقلىقى ؛ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ، قاتلاملىق ۋە چوڭقۇرلۇقى ؛ بەدئىيتىنىڭ نىسبەتەن تۇراقلىق ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدىكەن . شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىرى تاسادىپىلا يېزىلىپ ، زورۇقۇش ئىلكىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن قېلىپلىشىپ قالغان ، قاتمال ھەم قۇرۇق سۆزلەر تىزمىسى بولماستىن ، بەلكى، ئىجتىمائىيەتتىكى كەسكىن ، ئۈزۈلمەس ۋە ئايىغى چىقماس ۋەقە – ھادىساتلارنىڭ شائىر قەلبىنى تىنىمسىز غىدىقلىشىدىن پەيدا بولغان لىرىك چېكىنمىلەرنىڭ جۇلاسى بولغاچقا ، نېسبەتەن قويۇق ، ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ۋە پىكىر جەھەتتىكى پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە قىلىنغانىكەن .
شائىر نىياز ئىمىن قۇربانىنىڭ « ئۇنتۇلغان سۆيگۈ » ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ بارماق ۋەزىندىكى تۈرلۈك شېئىرىي شەكىللەردە يېزىلغان 67 پارچە شېئىرى ، ئارزۇ ۋەزىنگە خاس بولغان تۆت پارچە غەزىلى ، 22 پارچە تەخمىسى ، 44 پارچە رۇبائىسى ، ئىككى باللادا ۋە بىر پارچە داستانى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، شەكىل جەھەتتىن غەزەل ، تەخمىس ، مۇرەببە ، مۇسەللەس ، سېكىل ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بولۇپمۇ توپلامدا شائىرنىڭ 30 يىللىق شېئىرىيەت مۇساپىسى جەريانىدا مېھنەت بەدەل يېتىلدۈرگەن 22 پارچە تەخمىسى ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر .
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەت ۋە مىللىتىگە بولغان پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بالقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل تۇيغۇسى ئەقلىي تەپەككۇرى بىلەن ھېسسىياتىنىڭ تەبىئىي رەۋىشتە بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ئىپادىلىنىشى ئاساسىدا زاھىرلىنىدۇ .
شائىر ھەر بىر شېئىر ۋە مىسرالىرىدا ئۆز مىللەت – خەلقىنىڭ مېھنەتكەشلىكىنى ، ھالال ئىزدىنىشىنى ۋە گۈللىنىشىنى كۈيلەپ، تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئەۋلادلارنى ئويلاپ ، ئىجتىمائىي ئەخلاق بىرلىكىنى ئەلا بىلىپ ، ئىنسانىي – پاكلىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقى كۈيلىنىدۇ .
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ھەممىگە تونۇش بولغان تەبئىي مەنزىرىنى تەبئيلىك نۇقتىسىدىن كۈزىتىپ ، ئىجتىمائىي ئاڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ ، قويۇق شېئىرىي مۇھىت ئىچىگە ئېلىپ ، ساپ ھېس – تۇيغۇ بىلەن بەدئىي دىن ۋە چىنلىقنىڭ مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى تۈندىكى مەشئەلدەك چاقناپلا تۇرىدۇ . شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا رىئاللىقتىكى كەسكىن زىددىيەت مەركىزىگە ئاپىرىدە بولغان تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي شەيئىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈزلۈكسىز پىچىرلىشى ۋە ئىشقىنى سېھىرلىشىدىن تەسىرلەنگەن ، ئازابلانغان ۋە ھاياجانلانغان ؛ نالە – ئەپخان ئىلكىدە ۋۇجۇدىنى پارە – پارە ئەيلەپ ، ئۆزلۈكىنى تاۋلىغان پىداكار شائىرلارنىڭ ھىسسىي ۋە ئىشقىي يۈكسەكلىكتىكى سەۋدا مۇڭى بىلەن نادامەتلىك ناۋاسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ .
« ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولالىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسى گۈزەل بولىدۇ ، ياخشى بولىدۇ ؛ شۇنداقلا شېئىر بولىدۇ . » دەيدۇ شائىر ئەيچىڭ .
ھېس قىلىشىمچە ، شائىر نىياز ئىمىن قۇربانىنىڭ بۇ توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان « مەن شۇنداق ياشايمەن يۈكسەك تۇيغۇدا » ، « شائىرلىق ئىشقىي » « بەشكېرەم » ، « غايە ئۇلۇغ، غايە مۇقەددەس » ، « تەڭرىنىڭ مەرھىمىتى تۆكۈلگەن جاي » ، «تىل ۋە دىلىڭ بولغاندا ئوخشاش » ، « يالقۇنلۇق خىتاب » ، «نۇرلۇق سىيما » ، « ئويتاغ سۈرەتلىرى » ... قاتارلىق شېئىر ۋە باللادا – داستانلىرى ئىنسانىيەتنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ ، تەسىر كۆرسىتىپ ، يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ھەقىقى شېئىرلار بولۇپ ، مەن بۇ ئاددىي يازمامدىكى پىكىرلىرىمنى ئەنە شۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا قاناتلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن .
شائىرنىڭ بۇ شېئىرلىرى ئىپادە قىلىنغان پىكىرنىڭ يېڭى ، تىرەت ۋە دەلمۇدەللىكى ؛ ھەممىباب ، روشەن ۋە چىنلىقى ؛ شېئىرىي تىلىنىڭ ئەشۇ پىكىرگە كۆرە خاسلاشقان ۋە ماسلاشقانلىقى ؛ ھېس – تۇيغۇغا تويۇنغان بەدىئىي ئىماگ ۋە شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ ھەرىكەت ئىلكىدىكى روھىي تۇراقلىقلىقى بىلەن پىكرىمىزنى قانات يايدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ :
« خانتەڭرى ئوغلىمەن ، ئەجدادلار نەسلى ،
شۇ سەۋەب مەردانە ياشايمەن ئويغاق .
يېلىنىپ ئۆزگىگە ئەگمەيمەن بويۇن ،
چۈشسىمۇ بېشىمغا دەھشەتلىك چاقماق .
مەن شۇنداق ياشايمەن يۈكسەك تۇيغۇدا ،
شىرىن چۈش كۆرمەيمەن غەپلەت ئۇيقۇدا . »
پەخىرلىك ھېسسىياتقا خېلىلا تويۇنغان بۇ شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ ياشاش ئىرادىسى ۋە ھاياتلىك مەنتىقىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنداق يازىدۇ :
« يالتىراق شۆھرەتكە بولمايمەن مايىل ،
شامالغا ئەگىشىپ سالمايمەن ساما .
يەپ ۋەتەن – خەلقىمنىڭ غېمىنى مەڭگۈ ،
جان تىكىپ ئىشلەيمەن قويماي تەمەننا . » .
گەرچە پۈتۈن مىسرادىكى سۆزلەر بىر – بىرىگە شۇ قەدەر زىچ جىپسىلىشىپ كەتكەن ئادەتتىكى گەپتەك تۇيغۇ بەرسىمۇ ، ئۇنىڭ مۇكەممەل بىر پۈتۈنلىكىدىن ھاسىل قىلىنغان مەزمۇن ئۇيۇتمىسى ھەر بىر ۋىجدانلىق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى بتەكرار لەرزىگە سېلىپ ، ئۆزى ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ : شائىر بۇ شېئىرىنىڭ ئۈچىنچى كۇبلېتىدا ھەقىقى بىر سەنئەتكار – شائىرنىڭ خاسلىقىنى شۇنداق يارىتىپ :
« مۈشكۈللەر تېغىنى قازسام پەرھاتتەك ،
قورالىم ئەل ماڭا تۇتقۇزغان قەلەم .
كەشپىيات كۆكىدە ئەيلىسەم پەرۋاز ،
ئاچىدۇ باغرىنى ئاي يۈزلۈك سەنەم » .
ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھىناتىنى روشەنلىككە ئىگە قىلىپ ، ئۆمرىنى ھالال تەر تۆكۈپ ، ساپ ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىجادىيەت ئېڭىنى كۈتىۋىلىپ ، « سەنەم » نىڭ ۋىسالىغا يېتىشتەك ئىنسانىي ، شائىرانە ۋە مەردانە تەلپۈنىشىنى ئىپادىلەيدۇ .
شائىر بۇ شېئىرىنى مۇنداق تۈگەللەپ :
« ياشايمەن ئىنسانىي خىسلىتىم بىلەن ،
ئېتىقاد ، ئەقىدەم جىسمىمدىكى قان .
خەلقىمگە مېھرىمدىن چاپسام زەررە نۇر ،
قالمىغاي بىر ئۆمۈر دىلىمدا ئارمان .
مەن شۇنداق ياشايمەن يۈكسەك تۇيغۇدا ،
شىرىن چۈش كۆرمەيمەن غەپلەت ئۇيقۇدا . »
ھەقىقى بىر ئىنسان ئۈچۈن مېھنەت بىلەن ئەقىدە – ئېتىقادنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىدىن بىشارەت بېرىپ ، ھەممىمىزنى ئەلنىڭ ئۈمىدىنى قان – تەرىمىز بىلەن ئاقلاپ ، پاكلىقىمىزنى ساقلاپ ، ۋىجدان شەمشىرىمىزنى قۇياش نۇرىدا چاقلاپ ، ئەتىگە ئۈمىد بىلەن بېقىپ ، ئەۋلادلارنىڭ تومۇرىدا قان بولۇپ ئېقىپ ، مۈشكۈلاتلار ئالدىدا باش ئەگمەي ، ئانىلارنىڭ ئانىسى بولغان ۋەتەن – ئەلنىڭ كۆڭلىنى چەگمەي ، رەقىبلەرنى مات ئەيلەپ ، ئەل كۆڭلىنى شاد ئەيلەپ ياشاشقا ئۈندەيدۇ .
شۇنى ھېس قىلىش كېرەككى ، بۇ شېئىردا شېئىرىي مۇكەممەللىك بىلەن شېئىرىي كەڭلىك ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەندىن سىرت يەنە مىسرالارنىڭ توق قاپىيەلەنگەنلىكى ، شېئىرىي مىسرالاردىكى بوغۇملارنىڭ تەڭلىكى ، تەكرارلانما ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ جەلبكارلىقى ۋە شېئىرنى زەنجىرسىمانلىققا ئىگە قىلغانلىقى بىلەن ئالاھىدە جىلۋىلىنىپ ، ھەر دائىم دىققىتىمىزنى ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدىغان خاسلىققا ئىگە ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن 42 مىسرا شېئىردا بىرمۇ چۈشىنىكسىز سۆز ئۇچرىمايدۇ .
شۇنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويماي بولمايدۇكى ، شېئىرىيەتتە ئۇتۇق قازىنىپ ، ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ، قەلب تۆرىدىن باقىي ئورۇن ئېلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە شۇ پىكىرنى ئۆزگىچە خاس ھالدا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەرەپنى ئەسلا ئەستىن چىقارماي، تېنىمسىز ئىزدىنىش ، ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاش ، پىكرىنى تاۋلاش لازىم . بۇ نۇقتىدا شائىر نىياز ئىمىن قۇربانى خېلىلا سوغۇققانلىق بىلەن ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولغان ھالدا ئويلىنىپ كۆرگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر .
بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى ، ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسىدە ئۆزى قىلىۋاتقان كەسپ – ھۈنەر ۋە ئىشقا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىنلىق بولغاندىن سىرت ، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىش – ھەرىكەتنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەش ، قىممىتىنى بىلىش ، ئۆزىنى ۋە شۇ ئىشنى چۈشىنىش ھەم ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك . شېئىريەتتىن ئىبارەت يۈز مىڭ ئادەم ھەۋەس قىلىپ ، بىرسى ئۈزۈپ ئۇتۇپ چىقىدىغان ، ئەلدىن ئۆزگە ئۇستازى يوق بۇ ئالاھىدە نېسبەتەن ئېيتقاندا ، تېخىمۇ شۇنداق ، ئەلبەتتە ،
بىز شائىرنىڭ « شائىرلىق ئىشقىي » دېگەن شېئىرىدىن ھوزۇرلانساقلا ، پىكرىمىزنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلانمايمىز :
« ئەي تەقدىر ، شائىرلىق ئىشقىنى مېنىڭ ، -
بۇ ئاتەش قەلبىمگە سالغانتىڭ قاچان ؟
بىلمەيمەن نە سەۋەب ، نېمە قىسمەت بۇ ،
كۈن ۋە تۈن ھاياتىم ئۆتەر خىيالچان .

ھېچ تىنىم تاپمايمەن ئىزدىنىپ دائىم ،
تەپەككۇر كۆكىدە قىلىمەن پەرۋاز .
تىزىمەن ياداڭغۇ مىسرانى قۇرغا ،
بولغاچقا ئىجادقا دىلدىن ئىشقىۋاز .

ئەپسۇسكى يازغىنىم خەلقىم قەلبىگە
ياقامدۇ – ياقمامدۇ بۇنى بىلمەيمەن .
ئارزۇيۇم : راستنى راست دەيدىغان شائىر –
بولساملا كۇپايە ، شۇنى تىلەيمەن » .
شائىرلىق – ئۇ بىر زىل ھۈنەر ، بارچە دەل – دەرەخ ، ئوت – چۆپ ۋە گۈل – گىياھلار شائىرنىڭ مېھنەت بەدەل قېنىدىن ئۈنەر، شائىرنىڭ قەلبىدە پەرىشتە تۈنەر ... چۈنكى ، ئۇ ، ئۆزبېك شائىرى ئەركىن ۋاھىدۇفنىڭ شېئىرىي تىلى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن پىكرىنى نەسرىلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا : « ئۆزىنىڭ نازۇك تېنىگە خەنجەر ئۇرۇپ ، ئۆزگىلەرگە لەززەت بېغىشلاپ » « راستنى راست دەيدىغان » خاسلىقى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ، ۋەتەن – خەلقنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئار – نومۇسىنى قوغدايدىغان پىداكار جەڭچىدۇر . ئېھتىمال ، روس شېئىرىيەت ئاسمىنىنىڭ ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولغان پۇشكىننىڭ : « شائىر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى سەمىمىيلىكتۇر » دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك . چۈنكى ، سەمىمىي بولمىغاندا ، راستنى راست دېگىلى بولمايدۇ – دە !
« شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ، - دەيدۇ رۇس تەنقىدچىسى بېلنىسكىي ، ؛ دېگۈدەك ھېسسىيات ئارقىلىقلا ئاپىرىدە بولىدۇ .
ئەگەر يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ھېسسىيات بولمىسا ، ھەرقانداق نەرسىنىڭ شائىرنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ، نېمىنىڭ ئۇنىڭغا مۇنچىۋالا كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ » .
بەلكىم ، شائىر نىياز ئىمىن قۇربانىنى « قولىغا قەلەم ئېلىپ، شېئىرنىڭ شۇنچىۋالا كۈچ – قۇدرتىنى » نامايەن قىلىشقا ئۇنىڭ شېئىرنى ، ئۆز ۋەتەن – خەلقىگە ۋە ھاياتقا بولغان ساپ مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ئەبەدىي ئۆزگەرمەس ۋىجدانى ۋە سەمىمىيتى ھەردەم ئۈندەۋاتقاندۇر ...
ھاياتىدا ئۇلۇغ ، مۇقەددەس غايىنى ئۆزىگە قانات قىلغان شائىر نىياز ئىمىن قۇربانى غايە ھەققىدە شۇنداق مىسرالارنى ئۈنچىدەك تىزىپ ، مارجاندەك قەسىدە پۈتىدۇ :
..........................
« غايە ئۇلۇغ ، غايە مۇقەددەس ،
غايە گويا تومۇردىكى قان .
شۇ ئۇلۇغۋار غايىنىڭ كۈچى ،
ۋۇجۇدۇمغا بېغىشلايدۇ جان .

غايە ئۇلۇغ ، غايە مۇقەددەس ،
غايە قانات كۆكتە ئۇچۇشقا .
تىلسىماتلار سىرىنى ئېچىپ ،
ئىجادتىن شان – زەپەر قۇچۇشقا .

غايە ئۇلۇغ ، غايە مۇقەددەس ،
غايە ئۈندەر مېنى ئىجادقا .
غايىسىغا كۈچ – قۇدرىتى ئاخىر ،
ئېرىشتۈرەر مېنى نىجادقا .


غايە ئۇلۇغ ، غايە مۇقەددەس ،
غايە قەلبىم قەسىرىدە مەشئەل .
غايە مېنىڭ ئۆتكۈر قورالىم ،
غايە بىلەن پۈتكۈل ئىشىم ھەل ...
..............................
-        « غايە ئۇلۇغ ، غايە مۇقەددەس » تىن
شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن « ئۇلۇغ ، مۇقەددەس غايە» سى ھەم بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق – ھاياتىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلاپ ، چەكلىك ھاياتىدا چەكسىز يېڭىلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە كۆڭۈللەردىن ئەبەدىيلىك ئورۇن ئېلىش – بولۇپ ، يەنە بىرى خاسلىققا ئىگە غايە – ئىجادىيەت ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازىنىپ ، مەۋجۇدلىقىنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىشنى « پۈتكۈل ئىشىم » دەپ بىلىش – دۇر .
مېنىڭچە ، مۇكەممەل بىر شېئىردا شۇنچىلىك يېڭى ، ئىزگۈ ، مۇستەقىل ۋە تىرەت پىكىر بولسىلا ، كۇپايە قىلىدۇ .
بىزگە سىر ئەمەسكى ، شائىر ئادەمىي پەزىلەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلگىسى ، ئىنسانىيەتنىڭ سەرخىلى ، مەردلەرنىڭ مەردانىسى ، گۈلزارلىقتىكى بارچە گۈللەرنىڭ كۆركى ۋە مېھنەتكەشلەر ئېلىنىڭ سۇلتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنچىلىك ئۇلۇغ ، مۇقەددەس ، پاك ، دىيانەتكار ئالىيجاناب ئىنسانىي خىسلەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەككى ، ھەرگىزمۇ ھەسەد ئوتىنى ئۇلغايتىپ ، ھەسرەت قازىنىدا قايناپ ، پىتنە – پاسات تېرىپ ، غەيۋەت – شىكايەت قازىنىنى قاينىتىپ ، ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ ، كاللا سوقۇشتۇرۇپ ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ ، تۇخۇمغا تۈك ئۈندۈرۈپ ، بىراۋغا تۆھمەت تونىنى توقۇپ ، غەپلەت ئەپسۇنىنى ئوقۇپ ، ھايۋانغا خاس ياشىماسلىقنى ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيت قىلىدۇ :
« تىل ۋە دىلىڭ بولغاندا ئوخشاش ،
سېنى ئىززەت قىلاتتۇق دائىم .
ئولتۇرغۇزۇپ سورۇندا تۆرگە ،
مۇڭدىشاتتۇق قىزغىن ، مۇلايىم .

لېكىن نەگە بارساڭ غەيۋەتنىڭ
ئۇرۇقىنى ئارىغا چاچساڭ ؟
ياخشىلارنىڭ قەلبىگە دائىم
تۆھمەتتىن ئوق ، زەمبىرەك ئاتساڭ .

سېنى قانداق ئادەم ئاتايمىز ،
ۋە قانداقچە قىلىمىز ئىخلاس .
سەندەك ئىككى يۈز بىلەن ياشاش ،
بىلسەڭ پەقەت ھايۋانغىلا خاس ...
مېنىڭچە ، بۇ ئىخچام شېئىردىكى روشەن مەزمۇنغا كۆرە بىرنەرسە دېيىش ھاجەتسىز بولسا كېرەك . پەقەت بۇ شېئىردىكى « ئىخلاس » دېگەن سۆز ھەققىدە شائىرنىڭ قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
گەرچە بۇ توپلامدا شائىرنىڭ « سۆيگۈ » ، « شائىرغا » ، «تەڭرىنىڭ مەرھىمىتى تۆكۈلگەن جاي » ، « تەخمىسلەر » ۋە «رۇبائىيلار » ... قاتارلىق مۇھىم شېئىرلىرى بولسىمۇ ، مەن بۇ نۇقتىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ، تىرەت ، مەنىدار ئوي – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى باشقا خالىس نىيەتلىك ۋە ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇپ ، شائىر بۇ توپلامدىكى بىردىن بىر يىرىك شېئىرىي ئەسىرى بولغان « ئويتاغ سۈرەتلىرى » ناملىق داستانىغا نەزەر ئاغدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
داستان – ئەڭ چوڭ ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەرلا بولۇپ قالماستىن بەلكى مۇرەككەپ ۋەقە ۋە مۇكەممەل پېرسوناجلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر دەۋر ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان شېئىري ئەسەردۇر .
شائىر نىياز ئىمىن قۇربانىنىڭ « ئويتاغ سۈرەتلىرى » ناملىق داستانىدا ئويتاغدىن ئىبارەت ئالاھىدە مەنزىرىلىك ، گۈزەل ئانا دىيارنى تەسۋىرلەپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىزنى ئۇرغۇتۇش بىلەن بىللە يۈز يىللار بۇرۇن زۇلۇمغا قارشى ئاتلىنىپ چىقىپ ، خەلققە باش بولۇپ ، تەشكىللەپ ، رەقىبلەرنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ ، ئەقلىنى لال ئەيلەپ ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ، شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، ئۆچمەس تارىخقا ئايلانغان گىگانت شەخس – قەھرىمان ئەنجانباينىڭ روھىيتى ۋە ھاياتى پائالىيتىنى نېسبەتەن جانلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، جانلىق ئادەملەر ئوبرازىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ھەقىقى يوسۇندا نامايەن قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ .
مۇئەييەن بىر داستاندا بايان ۋە ئايان قىلىنىدىغىنى يالغۇز شائىرنىڭ ھېس – تۇيغۇسى ، كۆزقارشى ، كەچۈرمىشى ، غايىسى ۋە ئارزۇ – ئارمىنىلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ، تۈرلۈك شەيئىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇئەييەن بىر ئىش – ھەرىكەتكە كۆرە تۇتقان پوزىتسىيسى ، خاھىشى ، ھېس – تۇيغۇسى ۋە باھاسىنىمۇ قوشىدۇ .
شائىر « ئويتاغ سۈرەتلىىرى » ناملىق داستانىدا ئويتاغدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈزەل بىر قىسمى بولغان تاغ تۇرانى شۇنداق سۈرەتلەيدۇ :
« گۈزەل ئويتاغ ، خىلۋەت ، ئۆز ماكان ،
سېھرىي كۈچكە نەقەدەر بايسەن .
يايلىقىڭ گۈل ، تاغلىرىڭ مەخمەل ،
سەن كۆكتىكى پارلىغان ئايسەن » .
شائىر شۇنداق ھېس – تۇيغۇنىڭ كۈچى ۋە ئويتاغدىن ئىبارەت ئانا ماكانىنىڭ جەلبكارلىقى پەيدا قىلغان روھىي زىلزىلە بىلەن بىزنى « قۇتلۇق – سەپەر » گە باشلاپ ، « خىلۋەتتىكى گۈزەل يۇرت » قا ئېلىپ بېرىپ ، « كەكلىك ئويۇنى » دىن ئىلھاملىنىپ، « ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ھېكايىسى » - نى ئاڭلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ ، نەزەرىمىزنى ئەنجانباي دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغان چەشتاغ باغرىغا يۆتكەپ ، باھادىر – سەركەردىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تاشقى قىياپىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ :
« ئەنجانباي باھادىر سەركەردە ئىدى ،
بەستىمۇ ھەقىقىي پالۋانلارغا خاس .
ئۇ شۇنداق كېلىشكەن ، قەددىي – قامەتلىك ،
سادىردەك ئوت يۈرەك ئارسلانلارغا خاس .

ئۇنىڭكى ھەيۋەتلىك نەرىلىرىدىن
لەرزىگە كېلەتتى بارچە تاغ – دالا .
دۈشمەنگە يولۋاستەك ئېتىلىپ ھەتتا ،
قىراتتى قىلماستىن ھېچ سۈلھى – سالا .

لاغىلداپ تىترەيتتى دۈشمەنلەر ئۇنىڭ
ئات بىلەن كەلگىنىنى قالسا گەر كۆرۈپ .
‹ ئۇرەچاپ ، قىر بۇ نىجىس ئەبلەخلەرنى › دەپ ،
جېنىنى ئالاتتى قوغلاپ ھەم سۈرۈپ . »
شۇنداق سۈپەتلەش ئارقىلىق يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بىتەكرار قەھرىمانىمىزنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى يارىتىدۇ . شائىر بۇ ئارقىلىق – ئەۋلادلارنى ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇدۇمىنى تىلتۇمار ئەيلەپ ، خەلقپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، ۋەتەن رەقىبلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ ، ۋەتەننىڭ ئامان – ئېسەنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەردەم تەييار تۇرۇشقا چاقىرىدۇ . شۇنداقلا ، ئەنجانباي پاجىئەسىنى يېزىش ئارقىلىق ۋەتەن دۈشمەنلىرىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئېچىپ تاشلاپ ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايەن قىلىپ ، ھەقىيقەتنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ :
« دەرىخا ، مەرھۇمنىڭ بېشىنى تەندىن
رەھىمسىز يىرتقۇچلار ئەيلەپتۇ جۇدا .
يۈرەككە ، مۈرىگە تىگىپتۇ ئوقمۇ ،
بىز يىغلاپ ئاھ ، ئۇرۇپ دېدۇق ‹ ئەلۋېدا ! › . »
شۇنداق ، رىئاللىق ۋە رەقىب رەھىمسىز ، نومۇسسىز ۋە يۈزسىز . بىراق ، ھەقىقەت ، ۋەتەن – خەلق ۋە روھ ئۇلۇغ ، مۇقەددەس ۋە بىباھادۇر .
دېمەك ، شائىر نىياز ئىمىن قۇربانىنىڭ « ئۇنتۇلغان سۆيگۈ » ناملىق بۇ تپلىمىدىن ئورۇن ئالغان شېئىر ۋە داستان – باللادىلىرى مەيلى ئىدىيۋىيلىك ، مەيلى بەدئىيلىك ۋە مەيلى ئىپادىلەش جەھەتتىن بولسۇن نېسبەتەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ ، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ .
ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى ، گويا باھارنىڭ جۇدۇنى ، ئاينىڭ دېغى ۋە سۇنىڭ كۆپۈكى بولغاندەك شائىرنىڭ بەزىبىر مىسرالىرى ئادەتتىكى بايانى جۈملە بىلەن رەڭداش ( شەكىلداش ) بولۇپ قالغان ، سۆزلەر تەكرار ئىشلىتىلگەن . مەن شائىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيتى جەريانىدا بۇ تەرەپلەرگە سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، تېخىمۇ بەرنا شېئىرلارنى يېزىشىغا تىلەكداش بولۇش بىلەن بىللە ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ ، « شائىرلىق ئىشقى » دىن پۈتكەن تاڭسۇق ، لىرىك مىسرالىرىنى ئەلدىن ھەم ئەۋلادلاردىن ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل ۋە ئۇنىڭ غەزەللىرى
ھەققىدە ئىزدىنىش


ئابلاجان بوۋاقى



    ئىستىداتلىق، ئوچۇق پىكىرلىك، تەلەپچان، ئىزدىنىش روھىغا باي شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل، 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سەپىرىنى ھالال ئەجىر-مېھنىتى بىلەن تاماملاپ، بىز بىلەن مەڭگۈ ۋېدالاشتى. «كەتكەنلەر» كەلگىنى بىلەن، «كەتمەنلەنگەنلەر»نىڭ كەلمەيدىغىنى ھەممىمىزگە روشەن بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ئۇشتۇمتۇت زاھىرلانغان جۇدالىق ئازابى باغرىمىزنى ئۆرتەپ، قەلب كۆكىمىزنى ھەسرەت تۇمانلىرى قاپلىدى. ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدىكى شائىرنى بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ ياخشى تەرىپلىرىنى قىلىشىپ، ھاياتى-پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشتى. تۈمەن دەرياسى يەنە ناۋاكەش بۇلبۇلىدىن بىمەھەل ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىمىكىن، ئەيتاۋۇر مۇڭغا چۆمدى. ھېيتگاھ سۈكۈتكە ئەسىر بولدى...
شۇنداق، بىز ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق، ۋۇجۇدى يالقۇنلاپ تۇرىدىغان بىر شائىردىن ئايرىلىپ قالدۇق. تەقدىرۇ قىسمەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى. بىز پۈتمەس-تۈگىمەس ئازاب ئىچىدە قالدۇق ...
مەن شائىرنىڭ ئويناق لىرىكىلىرىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئاددى بىر ئوقۇرمەن بولغىنىم ئۈچۈن، بۇ مۇسىبەتلىك كۈنلەرنى ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزىۋىتىشنى خالىمىدىم-دە، ئاقباش شائىرنىڭ ھاياتى-پائالىيىتى ۋە غەللىرى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، كۆڭۈللەرگە تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشنى لايىق كۆردۈم. گەرچە نەچچە قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالغان بولساممۇ، بۇ خۇشچاقچاق، كام سۆز، جاسارەتلىك ئاكىمىزنىڭ رەھلىتىگە تازا ئىشەنگۈم كەلمىدىمۇ يا باشقا سەۋەبى بارمۇ، ھېچنەرسە يازالمىدىم. كۈنلەر ئۆتكەنچە شائىرغا بولغان تىۋىنىشىم كۈنسايىن ئېشىپ  بېرىپ، بۇ ئادەملەر قەلەمگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلدىم.
توۋا دەيمەن، بىز ئادەملەر قىززىق بولىدىكەنمىز، بارنىڭ قەدرىگە تازا يېتىپ كەتمەيدىكەنمىز، يوقنىڭ خەقىشىنى قىلىپ، ئاھ، ئۇرىدىكەنمىز، يوق بولغاندىن كېيىن قىممىتىنى بىلىپ، يىغلايدىكەنمىز. مەرھۇم شائىرىمىز ھايات ۋاقتىاد بەلكىم ھەممىمىز دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىزگۈ پەزىلىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان، شېئىرلىرىنىڭ قات-قېتىغا سېڭىپ چۆكمىگەن ۋە بۇنداق كۈننىڭ بۇنچە تېز كېلىشىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بولغىيتتۇق. ئۇنى قەدىرلەشكە، ئاسراشقا ۋە ھۆرمەتلەپ، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولغىيتتۇق، خەيرىيەت. «كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن» دېگەن گەپ بار. ئەمدى تىرىلدۈرۈش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ سۈزۈك روھىنى مىڭلىغان شېئىرلىرىنىڭ يالقۇنلۇق جىسمىدىن ئەبەدىي ئىزدەيمىز.
شائىر يالقۇنجان ئىسلام 1949- يىلى قەشقەرنىڭ ئەڭ قەدىمى، گۈزەل ۋە كۆركەم قىشلاقلىرىدىن بىرى بولغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئاۋات يېزىسىنىڭ چاھارىگان بازىرى ئەتراپىدا شۇ يۇرتنىڭ خاتىپ ئىمامى ۋە مۆتىبەر دىننىي زىيالىلىرىدىن بىرى بولغان ئوسمان سەندەلنىڭ ئوغلى ئىسلام سەندەلنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن. شۇ دەۋىردە ئۆلىما ئوسمان سەندەلنىڭ يوغان بېغىدىكى كۆللەر بويىغا جايلاشقان سالاسۇنلۇق شىپاڭ ۋە تال-باراڭلىقتا دائىم يىراق-يېقىندىن كەلگەن شائىر، ھاپىزلار ۋە ئەل سەنئەتكارلىرى گىلەم-كۆرپىلەر ئۈستىدە گويا سەندەلدەك ئېغىر ئولتۇرۇپ، نەپس ۋە مۇڭلۇق تەلقىن قىلىدىغان نەۋائىي غەزەللىرى، خوجاھاپىز ۋە سوپى ئاللايار دىۋانلىرى ھەققىدىكى مۇتالىئە بولۇپ تۇراتتى. شائىر مانا مۇشۇنداق قويۇق بىر مەنىۋىي مۇھىت ئېراسىدا ھاياتقا كۆز ئېچىپ، ئەس تاپقاندىن كېيىن، بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن بوۋىسىنىڭ ئورۇس ساندۇقىغا قاچىلاپ ساقلىغان كۆن مۇقاملىق كىتابلىرىنى كۆرۈش، ھەۋەس قىلىش، سىلاش ۋە ۋاراقلاش بىلەن ئۆتكەن. بىراق، زېرەك شائىر تولىمۇ كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭدىن يېتەرلىك بەھىرلىنەلمىگەن. شائىر بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ ھەزىم قىلالىغۇدەك بولغاندا، قاباھەتلىك يىللاردا كىتابلار كۆيۈپ تۈگىگەن. بۇ ھال شائىرنى بىر ئۆمۈر ئازابلىغان. شائىرنىڭ بالىلىق خاتىرىسدىكى ئاۋت ئاجايىپ كېلىشكەن، گۈزەل بىر يۇرت بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىن يىل بويى توختىماي ئاقىدىغان ئۈچ ئۆستەڭ سۇ ئوتتۇرسىدا چۈشۈرەە، ئىككى قاسناقتا ئىككى تۈگمەن، ھەيۋەتلىك مەسچىد، سۈپ-سۈزۈك، لەببا-لەب كۆل، بىر-بىرىگە گىرە سېلىشقان تېرەكلەر، تال-باراڭلار، قارا ياغاچلار، ئالاقانات بالىلار، جەننەتتەك باغلاردىكى قۇشلار نەۋاسى، نەۋرە كۆرگەندىمۇ ئويۇندىن قالمىغان ئاتىلار، مەشرەپ ۋە غوجا گەپلىرى ... بىرەر ھويلىغا يىغىلىپ چاق چۆرۈپ ناخشا ئېيتىدىغان ئانىلار، خامان ناخشىلىرى، ساتما قوشاقلىرى، تۈمەن دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ۋادىسىدىكى كۆز يەتكۈزسىز توقايلىقلار ... شائىرنىڭ قەلب ئېتىزىغا شېئىر ئۇرۇقلىرىنى چاچقان. چۈنكى، شائىر ئاپىرىدە بولغان ئاۋات يېزىسى يالغۇز قەدىمى يۇرتلار بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىلىم-مەرىپەت ۋە ھۈنەر-سەنئەت گۈللەنگەن بىر يۇرت ئىدى. ناۋاي، قاسساپ، ئاشپەز، دوغچى، خام-چەكمەنچى، باپكارلار ھەممە ئۆيدىن دېگۈدەك چىقاتتى. شائىر ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىدىمۇ بۇنداق ئۇستىلار بولغان، ئەلۋەتتە.
شائىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاجايىپ تالانتلىق، جۇشقۇن، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ۋىجدانى مەسئۇلىەتچان، پاكىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇپ، قەلبىنى ئىلىم مەشئىلى بىلەن نۇرلاندۇرغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرەتتى. شائىر شۇ زاماندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەسلەپ: «ئۇلار راستىنلا خىزىردەك ئادەملەر ئىدى. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ھازىر يوق. ئاۋات 1930- يىللاردا مائارىپ تازا گۈللەنگەن دەۋىرگە كىرگەندى. نىسا غوپۇر خانىم، كۇچا ئوغلى، مەشھۇر سەنئەتكار، رەسسام، مۇزىكانت، قىزىقچى ھېكىمجان مۇسا ئىلى ئوغلى ئاتا سۈپەت ئۇستازىم سەمەت ساقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى، كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر شائىرە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قىزى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن مۇپەسسەل مەلۇماتلىق، تالانتلىق شائىر ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىم ... قاتارلىقلار مېنى شېئرىيەت يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر دېسەم ھەقلىق ... دەيدۇ. گەرچە شائىر شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بۇ بىر تاشقى سەۋەبلەرگە كۆرە پەزىلەت يېقىدىن ئېيتىلغان يۈرەك سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىغا كىرىپ قېلىشىدا ۋە ئەاللىك يىلغا يېقىن مۇشۇ يولنى بويلاپ ياشىشىدا ئۆزىنىڭ تەبئىي قىزىقىشى بىلەن تىرىشچانلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى.
شائىر يالقۇنجان ئىسلام بالا ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا دۇنيادىكى يوللار ئىچىدە ھەم ھەممىدىن پارلاق، ئەبەدىيلىككە تۇتىشىدىغان، ھەم ھەممىدىن گۈزەل، ھەم تولىمۇ ئىزتىراپلىق بولغان ئىجادىيەت يولىنى تاللاپ، كۆپلىگەن قوشاق شەكىللىك مەشىقى شېئىرلارنى يازىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 1974- يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ياخشى بولدى ئىنىقلاپ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كېلىدۇ. بىراق، بۇ شېئىر شائىرغا ياقمىغانلىقتىن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاساسەن سىياسىي لىرىكا يازمايدۇ.
شائىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 1966- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1970- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى سودا شىركىتىدە تا پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر خىزمەتچى، كاتىپ، دىرىكتور ياردەمچىسى، دىرىكتور بولۇپ ئىشلەيدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، شائىر ئالى مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئالى مەكتەپكە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئۆتتۈم. بىراق، تىلەكلىرىم تىلەك بولمىدى. مەكتەپكە كىرىپ تەييارلىق سىنىپىدا يەتتە ئاي خەنزۇ تىلى ئۆگىنىپ تۇرىشىمىزغا ھېلىقى بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردا يېتىپ كەلدى. دەرسخانىلار تاقالدى. ھە دىسە تەنقىد، كۆرەش، تارتىپ چىقىرىش، قالپاق كىيدۈرۈش، بۇلاش، تالاش ... دېگەن بىلەن تۆت يىل تۈگىدى. بىرەر سائەتمۇ كەسپى جەھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنەلمىدۇق. بىر قېتىملىق (ئىسيان) تۈپەيلى تاسلا قالغان ئائىلە جەمەتىمىز توردىن چۈشۈپ قالغان پومچىك بولۇپ، بوراندا سورۇلغىلى ۋە قازاندا قورۇلغىلى ...
بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردىكى ماددى-مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىكى سورۇقچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان شائىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىش-ئوقەتنىڭ يولىنى ئىزدەپ يەتتە ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. جەنۇبى، شەرقى ۋە ئوتتۇرا جۇڭخودا ھەم، دېڭىز بويلىرىدىن ھوزۇر ئالىدۇ. تەبىئەتنىڭ شۇ قەدەر گۈزەل، سېخىي ۋە تالانتلىقلىقىدىن بەھىرلىنىپ، يەنە مەكتەپكە قايتىپ كېلىدۇ، بەلكىم، مەكتەپكە ئەمەس، قىپ-قىزىل قىيامەت ئۈستىگە قايتىپ كېلىدۇ، دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولار. بىراق، سىياسى بىلەن تازا ئەپ ئۆتەلمەيدىغان شائىر ھېچبىر ئىشقا ئارىلاشماي، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، سىلاۋىيان يېزىقى بىلەن «چاغاتاي يېزىقى»نى ئۆگىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ۋە رۇس، ئۆزبېك، تاتار ... لارنىڭ يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپ، كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالىدۇ. شائىر بىر ئۆمۈر سودا-سانائەت ساھەسىدە ئىشلەپ، سىرىتلاردا يۈرۈپ كۆپ يەرلەرنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. ھەتتا ئۇ شىركەت ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى سودا ئىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ چىقىپ كىرگەن بولۇپ، گەرچە باشقا سودىدا زىيان تارتقان بولسىمۇ، تاغار-تاغارلاپ كىتاب ئەكىرىپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، ئۆز يېزىقچىلىقىنىڭ ھۇلىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت «مەنىۋى سودا»دا ئەسلا زىيان تارتىپ باقمىغان. شائىر بىلەن ئاز-تولا دىدارى-مۇلاقەتتە بولغانلارغا ئەسلا سىر ئەمەسكى، ئۇ پوشكىن، لېر مونتوف، بايرۇن، مۇقىمى، مىرتېمىز، ئەركىن ۋاھىدۇر، ئابدۇللا ئارىپوۋ، ئابدۇللا توقاي، خەمت ئالىمجان ۋە مۇھەممەد سالىھلارنىڭ بىرمۇنچە شېئىرلىرىنى يادقا ئوقۇيالايتتى. دېكلىماتاىسيە قىلغاندا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن راۋان، جانلىق ۋە قائىدىلىك دېكلىماتسىيە قىلاتتى.
مۆھتىرەم، زاتى مۇبارەك شائىر باشقا ھەرقانداق ئىشقا چاقچاق ئارلاشتۇرسىمۇ، شېئىرغا ھەرگىز چاقچاق ئارلاشتۇرماستىن، ۋىجدانىي مۇئامىلە قىلاتتى.
شائىر شۇ قەدەر كەمتەر ئىدىكى، ئىككىمىز خاسلا ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە مۇنداق دېگەنىدى:« مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى شائىر دەپ ئېتىراب قىلالمايمەن، ناخشا ئېيتقاننىڭ ھەممىسى سەنئەتكار، سايرىغاننىڭ ھەممىسى بۇلبۇل بولالمىغاندەك، مەندەك قوشاق سۈپەت بىر نەسىلەرنى جىجىلاپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىمۇ شائىر دېگىلى بولمايدۇ. قوشاق دېگەننى بىزدە ھارۋىكەشمۇ، يىپ ئىگىرىدىغان ئاياللارمۇ، ھۆپىگەرلەرمۇ ۋە رەۋەندىلەرمۇ توقۇيالايدۇ. شائىر دېگەن بەغايەت مۆھتىرەم نام، كاتتا ئىمتىياز، ئالي ئۈنۋان، ئۆزىمىزنىڭ يېقىنقى مىڭ يىلغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا قانچىلىك ھەقىقى شائىرنى ساناپ بېرەلەيمىز؟ ھەر ئون يىلدا بىر شائىر چىقتى دېگەندىمۇ، بىزدە يۈز شائىر بولۇشى كېرەك ئىدى. شائىر دېگەن تۇپراقتىن شائىر ئۆلۈپ ئەللىك، يۈز يىلدىن كېيىن چوقۇم قايتىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ نامى، ئىجادىيىتى ۋە شۆھرىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تەۋەرۈك بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن تېخى يېقىندىلا خاتېرەمگە:
بولالمىدىم شائىر شېئىر يېزىپ،
ئادەم بولدۇم شېئىر ئارقىلىق. دەپ يازدىم. ئۇ ھالدا مەن كىم؟ ھەرقانداق ئادەم-بېرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمگە نام بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ھەۋەسكار دەي دېسەم، يېشىم ئاتمىشتىن ئېشىپ كەتتى.  چاچلىرىم ئاقاردى. شېئىر ئاتلىق بۇ سەتەڭگە كۆڭۈل بەرگىلى ئاز كام يېرىم ئەسىر بولۇپتۇ، شائىر دەي دېسەم ھايات خارمىنىمدىكى موما تۈۋىگە چۈشكەن داننىڭ تازا تايىنى يوق ...
مەرھۇم شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەدەل شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇغان. شائىرلىقىنىڭ بۇرچىنى ھەقىقى ھېس قىلغان ۋە ئېسىل پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ۋىجدانى نۇقتىدىن نېسبەتەن مۇكەممەل چۈشەنگەن شائىر ئىدى. تەكەببۇرلۇق، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە داغۋازلىقتىن ۋۇجۇدى خالى پاك ئىنسان ئىدى.
بۇ ھالال ئىنسان 1996- يىلى شىركەت تىجارەت ئىشلىرىدا چەتئەللىك قويمىچىلارغا ئۇچراپ، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىەتنى زېممىسىگە ئالغان شائىر تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ ھەتتا ھەر كۈنى 18 سائەتلەپ چايخانا ئېچىپ، ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە تەۋەككۇل قىلغانىدى. بىراق، قىسمەن شائىرنى ئىقتىسادتىن ئايرىغىنى بىلەن ئېتىقادتىن ئايرىمىغان بولغاچقا، ئۇ ھەردەم قەلەم بىلەن شېئىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ، يېقىن دىلكەشلەرگە ئايلاندۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇ ھاياتىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ، روھىي جەھەتتىن تاكاممۇللىققا ئىگە بولغاچقىمىكىن، بىرەر قېتىم ئېزىپ-تېزىپ ۋايساپ، قاقشاپ، ئاھ-ۋاھ، دەپ باقمىغانىدى. شائىر بارلىق دەردۇ ھەسرەتلىرىنى، ئىشقىي ئىزتىراپلىرىنى ۋە روھىي چاڭقاشلىرىنى كۈۋەجەپ تۇرغان قايناق ھېسسىياتى بىلەن مەھكەم يۇغۇرۇپ، قەلەم بىلەن شېئىرغا دالالەت قىلىپ، قەددىنى توغراقتەك قىلىپ تۇتۇپ ياشاپ كەلگەنىدى. شېئىر بىلەن قەلەم بۇ ھاياجىنى بېسىقماي ئۆتكەن شائىرنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنى ئەركىن، جانلىق، ئەبەدىيلىك، جۇشقۇن، مەتانەتلىك ئىپادە قىلىشنىڭ يىمىرىلمەس قورالىغا ئايلانغانىدى.
مول ھوسۇللۇق شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل باشقا ھەر قانداق ئىشتا قانائەت قىلسىمۇ، شېئىر يېزىشقا كەلگەندە ئەسلا قانائەت ھاسىل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى، يېڭى-يېڭى تېمىلارغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىڭشاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۈزىتىپ، تەپەككۇر رېتى ئۇرغۇتۇپ، شېئىرنىڭ ئۆزى بىلەن ئەڭ يېقىن دىلكەش دوست بولغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا تاشلىنىپ، ياشاپ كەلگەنىدى. شۇڭا، ئۇ ھاياتىدا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 20 پارچىغا يېقىن داستان ۋە 5000 كۇبلېتتىن ئارتۇق شېئىردىن تەركىب تاپقان شېئىرىي رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقانىدى. ئۇنىڭ تا ھازىرغا قەدەر «قەلب ئىزھارى»(باشقىلار بىلەن بىللە) شېئىر توپلىمى بىلەن  «كاككۇك رىۋايىتى»، «كەچۈر، مېنى مۇھەببەت ...» قاتارلىق داستانلىرى (8 پارچە داستانى ئېلان قىلىنغان) جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈش بىلەن بىللە، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، ئاپتونوم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك گېزىت-ژورناللاردا ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە سۆيۈپ ئوقۇشقغا سازاۋەر بولغانىدى.
راستىنى ئېيتقاندا، مەرھۇم شائىرىمىز شۇنچىلىك ھالال تەر ئاققۇزۇپ، بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئېلان قىلدۇرغان بولسىمۇ، گويا ھېچ ئىش قىلمىغاندەك ئۈن-تىنسىز ياشاپ، بىز بىلەن ئەبەدىيلىك ۋېدالىشىپ، ھەقىقى بىر شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت بىلەن بەرنا خىسلەتنى نامايەن قىلىپ ئىجادىيەتتىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزبىكىستاننىڭ پەخىرلىك شائىرى ئابدۇللا ئارىپوۋ مۇرات ھەمرايىۋ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان مەرسىيەسىدە «نېە قىلغىنىڭ بۇ، ئاھ، دوستۇم مۇراد، ئۆلۈمدىمۇ ئۆتۈۋاپسەن ئالدىغا» دەپ تىلغا ئالغاندەك «ئۆلۈمدىمۇ ئالدىمىزغا ئۆتۈۋىلىپ، ئەلەم تىغلىرى بىلەن باغرىمىزنى تىلما-تىلما قىلدى.
شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل شېئىرلىرى ھەرگىزمۇ قۇرۇقتىن-قۇرۇق ھېس-تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى، «رىئال تۇرمۇشنىڭ شائىر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى»دۇر، شائىر شېئىر يازىدۇ، شېئىرلىرىدا باشقا بىرىنى ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ نالە-ئەپقانلىرىنى، ھىجران-پىغانلىرىنى، شادلىق-قايغۇلىرىنى ۋە باقي ھېس-تۇيغۇلىرىنى رەڭدار، يېقىملىق، جانلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ، ھەقىقي ئادەمنىڭ روھىي سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا كىنو كارتىنىسىدەك زاھىر ئەيلەيدۇ.
شائىر دېڭىز بويلىرىدا يۈرۈپ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبىكىستان ۋە پاكىستاندا بولۇپ ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ. تارىمدىن سۆيۈنىدۇ، تارىمنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. نەتىجىدە «تارىمنىڭ زالىرى» دېگەن بىر بېيىتتىن تەركىب تاپقان قىسقا شېئىرنى يازىدۇ:
«بېرىپسەنۇ ھەممىنى خۇدا،
نىچۈن قىلدىڭ دېڭىزدىن جۇدا!»
گەرچە بۇ شېئىر شۇنچىلىك قىسقا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىغدۇرغان ئىزتىراب، بېرەر پارچە كىتابقىمۇ مەنبە بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. شائىر ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ... مەن 3- ئايدىن 11- ئايغىچە ئاساسەن شېئىر يازالمايمەن. ئويلىغان ئوي-پىكىرلىرىنى قەلەمگە ئالمىغىچەم كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ. ماڭا ئەڭ زېرىكىشلىك دەشتلەردىكى قۇم دۆۋىسىمۇ، قاقشال توغراق-يۇلغۇنلارمۇ، تاقىر تاغلارمۇ، قۇرۇپ كەتكەن دەريالارمۇ، يىلاندەك تولغۇنۇپ ئاسمانغا توپا پۈركۈۋاتقان قۇيۇنلارمۇ چۆچەك سۆزلەۋاتقاندەك، مۆجىزىدەك تۇيۇلىدۇ، شۇڭا شېئىرلىرىمنى رىئاللىققا نېسبەتەن يېقىن دېسە مۇۋاپىق. مەن يېزىشقا ئالدىرىمايمەن. تېما تاللايمەن، مېڭەمدە پىشقاندا شېئىرغا ئايلىنىدۇ-دە، ئارام تاپىمەن. يولدا كېتىۋىتىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە شىۋىرلايمەن. بەلكىم باشقىلار مەجنۇنمىكىن، دەپ قالىدىغاندۇ. بەزىدە ئاۋازىم سىرىتقا چىقىپمۇ كېتىدۇ ... كاللامدىكى تېمىلارنى پىرىسلايمەن، يېزىشقا ئالدىرىمايمەن، يازغاندا ناھايىتى تىز يازىمەن، ئىككى-ئۈچ كۈندە ئىككى-ئۈچ يۈز كۇبلېتلىق داستانلىرىم پۈتكەن چاغلارمۇ بولغان، بىراق، تۈزىتىش ئۈستىدە بەكرەك كۈچەپ ئىزدىنىمەن. تۈزىتىش جەريانى ماڭا بەك جاپالىق تۇيۇلىدۇ. ئەسەرنى ئاساسەن ئون قېتىم ئاققا ئالىمەن. ئاساسەن كېە سائەت ئۈچتىن ئالتىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئىجاد قىلىمەن. بەك ھاياجانلىنىمەن ...
بەلكىم، بۇ مۇلايىم شائىر «قارا يانتاق»، «مېنىڭ ساددا، مۇلايىم ئانام»، «توغراق ناخشىسى» ... قاتارلىق داستانلىرىنى ھەمدە ۋەتەن، خەلقنى كۈيلەپ، دەۋر مىلودىيەسىنى تېنىمسىز ياڭرىتىپ، قەلبلەرنى زىل-زىلىگە سالغان، نەۋائىينىڭ ئۇدۇم دەرىخىدىن كۆكلەپ چىقىپ، ۋۇجۇد قەسىرگە تۈۋرۈك بولۇپ، رەڭدارلىقى ۋە جەلىبكارلىقى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان غەزەللىرىنى ئاشۇنداق ئەبەدىي بېسىقمايدىغان ھاياجان، ئىزتىراپ ۋە چاڭقاش-كۈۋەجەش ئىلكىدە يازغان بولغىيتتى ...
غەزەل يېزىش ھەرگىزمۇ ئاددى ئىجادىيەت جەريانى ئەمەس. شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئىجادىيەت جەريانىمۇ ھەم ئەمەس، بەلكى ئەڭ نازۇك، ئەڭ زىل، ئەڭ جەڭگىۋار ئىجادىيەت جەريانىدۇر.
بىزگە سىر ئەمەسكى، غەزەلنىڭ تەمىنى تېتىيالىغان، ئۇنىڭدىن بەھىر ئالالىغان، مەنە قاتلىمىغا چۆكەلىگەن ۋە ئۇنىڭ چەكسىز ئىشىق پاياندىكى ئوتلۇق كۈيىدىن لەززەت ھېس قىلالىغان ئادەملەرلا سەنئەت سەزگۈسى ئالاھىدە ئۈستۈن، ھەقىقى جۇشقۇن ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
غەزەل-غېرىب كۆڭۈلنىڭ كۈي غەزىنىسى، ئىنسانىي ۋىجدان-غۇرۇرنىڭ جۇلالىنىشى، ئاشىق يۈرەكنىڭ يېقىملىق، مۇڭلۇق ناۋاسى، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنىڭ جىلۋىسى ۋە گۈل ۋىسالىغا يېتەلمىگەن بۇلبۇلنىڭ ئىشقىي سەرگۈزەشتىسىدىن پۈتكەن قىسمەن داستانىدۇر.
«غەزەل-لېرىك ھېس-تۇيغۇنى، قەسىدىلىك پىكىرلەرنى، قەلبىنى لەرزىگە سالغۇچى ھېكمەتلەرنى ئىپادە قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت شەكلىدۇر.» (ئابدۇسىر شۈكۈرى)
«پاساھەت دىۋانىنىڭ غەزەلىانلىرى، ئالماستەك تىل شەرەپلىرى، گۆھەر تۆككۈچى سۆزى بىلەن ئاشىقلارنى باشقا ئىنسانلار تاجىنىڭ گۆھىرى قىلغان. ئاشۇ ياراتقۇچىنىڭ ھەمدۇسانا جاۋاھىراتلىرى بىلەن سۆزنىڭ دىباچىسى(سۆز بېشى، مۇقەددىمىسى)نى بېزىمىسە ئاشىقلارنىڭ جان خارمىنىغا ئوت سالالىغۇدەك بىر چوغ كەبى گۆھەرنى نەزمە يىپىغا تىزالمايدۇ ... (ئەلشىر نەۋائىي).
شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل شائىر ۋە شېئىر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:«شېئىر-شائىر ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ دېمۇكراتىيەسى، مەدەنىيەت ئارخىپى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تارىخ بىز ياشاۋاتقان دەۋر شېئىرىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغاندا دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن، تىرىكچىلىك تەشۋىشلىرىدىن، پەس ئارزۇ-خىياللاردىن ۋە يالغانچىلىق-ساختىپەزلىكتىن خالىي بولۇشى كېرەك. بۇ شەرتلەردىن باشقا يەنە شائىر مۆمىنلىك، ئارىفلىق، پازىللىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشى كېرەك. مانا بۇ دەل ئەلشىر نەۋائىي ئىزدىگەن پەلەكنىڭ كۇڭگۇرسىدۇر...
بۇ دۇنيادا گەپ-سۆز قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، بىراق، دېگەن گەپ-سۆزىگە ئەمەل قىلىپ ياشىيالايدىغانلار ناھايىتى ئاز. «ھەرىكەتنى سۆزىگە ئايلاندۇرالايدىغانلار ناھايىتى ئاز ...(گوركى) بولۇپ، شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزىنى رىئالنى ئەمەلىيىتىدە نامايەن قىلىپ ياشىغان ھەقىقى شائىر ئادەمدۇر.
شائىر غەزەللىرىدە ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئانا تەبىئەتنى، ۋەتەن-خەلقنى، تەكرار ھاياتىنى، ئەدلى-ئادالەتنى، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى، دوستلۇق-ياخشلىقنى، ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ۋە پاك ۋىجدان-غۇرۇرنى يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمەت-ئىپتىخار ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ-ئۈمىدۋارلىق ئىلاھىي مەقامغا كۆتۈرۈپ مەدھىيىلىدى. ئۇنىڭ ئەكسىدىكى خۈنۈك تەرەپلەرنى قەھرى-غەزەپ بىلەن ئەيىبلەپ، ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەۋلادلارنى ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا دالالەت قىلدى. بىز شائىرنىڭ ئويناق قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان «دەيمەن» رادىفلىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«ۋەتەن، ئەي دىلبىرىم سەنچۈن كۆڭۈل ئىزھار ئېتەي دەيمەن،
ئۆمۈرۋايەت ساڭا مۇشتاق نىگارىڭ بوپ ئۆتەي دەيمەن.

تېپىلماس ئۆزگىچە بەختىم سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئۇتماقتىن،
بۇ يولدا چىن ۋاپا بىرلە مۇرادىمغا يېتەي دەيمەن.

جاھاندا كۆرمىدىم سەندەك كېلىشكەن بىر پەرىۋەشنى،
ئەبەدكە ياتقا كۆز سالامي بۇ ئالەمدىن كېتەي دەيمەن.

ياساپ قان-تەر بىلەن چەشمە، ئوراپ باغرىڭنى گۈللەرگە،
ۋاپادار ئاشىقىڭ قەلبىن ئەمەلدە كۆرسىتەي دەيمەن.
سېنىڭ بەختىڭ-مېنىڭ بەختىم، غېمىڭدۇر ھەم ئازابىم ھەم،
سىناقلار ئالدىدا مەغرۇر كىرىپ كۆكرەك ئۆتەي دەيمەن.

مۇبادا كەلسە ئالدىمغا سېنىڭچۈن جان تىكىش پەيتى،
كۈرەش مەيدانىدا ئالغا ئېتىمنى سەكرىتەي دەيمەن.

سېنىڭدىن ئۆرۈسەم گەر يۈز، بولايكىم شەرمىسار رەسۋا،
تىرىكلىكتىن ئىلىك چايقاپ بىراقلا قان يۈتەي دەيمەن.

ئەمەستۇر بۇ قۇرۇق ۋەدە، ساڭا بولغان ئەقىدەمنى،
يۈرەكىم بېتىگە ئۆچمەس تۇمار ئەيلەپ پۈتەي دەيمەن.»
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، شائىر كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراق- ئۇلۇغ ۋەتىنىنى دىلبەرگە تەققاسلاپ، ئۇنىڭ بەختىنى بەختىم، تەختىنى تەختىم دەپ بىلىپ، ۋاپادارلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېزىز جېنىنى مەردانىلارچە پىدا قىلىشنى قەھرىمانلىق، ئاشىقلىق ۋە ھەقىقى ئادەمىيلىكنىڭ روشەن بەلگىسى قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ۋە قىممىتىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ چۈشىنىدۇ. شائىر ئەقىدە-ئېتىقادنى، جان پىدالىقنى ۋە ۋاپادارلىقنى ئېزىزلەپ كۈيلەيدۇ. شائىر ئۆزىنى يالغۇز ۋەتەن بىلەنلا تەقدىرداش دەپ قارىماستىن، بەلكى، تارىخنىڭ شاھىدى، ئۇلۇغلارنىڭ داھىسى، گۈزەللىكنىڭ مەناسى ۋە ھاياتلىقنىڭ رەناسى بولغان خەلق بىلەنمۇ بىر تەن، بىر ۋۇجۇد دەپ چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئىزگۈ پىكىرلىرىنى ۋە شىرىن تىۋىنىشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزھارلايدۇ:
«ئېزىز خەلقىم سېنى دىلدىن جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ دەيمەن،
بەشرەم بولغۇسى شۇ چاغ قۇياشتەك يوپ-يورۇق دەيمەن.

ئۇنىڭسىز بوپ كېتەي مەيلى ئەقىل بابىدا ئەپلا تۈن،
يۈزۈمنى ئالدىدا ئەلنىڭ ئۇ ھال مايماق چورۇق دەيمەن.

ئەمەسمۇ سەن ئۆزۈڭ باغۋەن، مېنى مېھرىڭدە ياشناتقان،
سېنىڭسىز بۇ ھايات باغىم تامام قاقشال-قۇرۇق دەيمەن.

گۈزەل ئىقبالغا ئات سالدىم، ئۆزەڭكىم رەھنىسن بولغاچ،
سېنىڭدىن ئايرىلىپ ماڭغان يولۇم بەرھەق تۇيۇق دەيمەن.

سېنىڭ كۈلكەڭ بىلەن كۈلمەك، مېنىڭچۈن بېھىساب راھەت،
سېنىڭ قايغۇ، ئازابىڭدىن ھامان كۆڭلۈم سۇنۇق دەيمەن.

بولۇپ قازى كالان يالقۇن بۇ ھۆججەتكە مۆھۈر باستى،
قەلەم تامغام، قۇتا قەلبىم، قىزىل قانىم سۇرۇق دەيمەن».
قاراڭ، قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ قىسقىغىنا غەزەلدىكى پىكىر تىرەنلىكىنى، تىل ۋە مەجازى ۋاستىلارنىڭ پاساھىتى، رەڭدارلىقى ۋە كامالىتىنى! بۇ غەزەلنىڭ بالاغىتى ئەڭ ئاخىرىقى بىر بېيىتقا ھەقىقى رەۋىشتە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شائىر ھۆججەت، مۆھۈر، تامغا، قۇتا، قان ... قاتارلىق لىرىك ئوبرازلار ئارقىلىق غەزەلدىكى پەلسەپەۋىي پىكىرنى خاسلىققا ئىگە قىلغان.
«ھەقىقي شائىرنىڭ قەلبىدە-، دەيدۇ، ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى،- ئاجايىپ بۈيۈك تەۋرەنمەس بىر مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ- ھەقىقەت مۇنارى، شائىرنىڭ قەلبىدە بىر تەڭداشسىز ھارارەت كۆيىدۇ. ئۇ-ساپ ۋە سەمىمىي ئېتىقاد، ئىشىق يالقۇنى، ھەقىقى شائىرنىڭ قەلبىدە ھەر دەقىقە بىر چۇقان كۆڭۈل مۈلكىنى ئەسىر قىلغان. ئۇ –ھەقىقەت مۇنارىنىڭ ساداسى ۋىجدان چۇقانى، ئىشىق مەملىكىتىدە شائىر بىر مەجنۇن.»
شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەلنىڭ قەلبىدىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلق سۆيەرلىك تۇيغۇسى ئاپىرىدە ئەيلىگەن بىر مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقەت نۇرلىرى جىلۋىلىنىدۇ. ۋۇجۇدقا قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى بىر ھارارەت ئەبەدى ئۆچمەس يالقۇنغا ئايلىنىدۇ. سەمىمى ئېتىقاد يالقۇنى كۈۋەجەيدۇ. ۋىجدانى چۇقانى پەيدا قىلغان تولغاقتىن ئەنە شۇنداق ئوتلۇق غەزەللەر تۇغۇلىدۇ.
ئوت يۈرەك شائىر ۋەتەننىڭ كۈلكىسىنى ئۆز كۈلكىسى، ئازابىنى ئۆز ئازابى، يىغىسىنى ئۆز يىغىسى ۋە شادلىقىنى ئۆز شادلىقى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلاپ، جان پىدا قىلىشنى مەڭگۈلۈك ھايات شەجەرىسى ۋە باقي شان-شەرىپى ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇ، ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن خالس نىيەتتە بېسىلغان ھەربىر قەدەمنى ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشنىڭ مۇقەددىمىسى، ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ماڭغان يولنى ھەقىقەت يولى دەپ چۈشىنىدۇ ھەم مەڭگۈ تەۋرەنمەيدۇ مېڭىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ  ئۆتۈش زىنھار ئارتۇق كەلمەيدۇكى، شائىر غەزەللىرىدە لىرىك تۇيغۇ ئىچىدىكى لىرىك شېئىرىي ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۆز پىكىرىنى يارقىنلىققا ئىگە قىلىپ، مۇئەييەن كۆز قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى زادىلا نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. بۇ جەھەتتە شائىر مەۋھۇم ۋەتەن ئۇقۇمنى كونكىرىت زېمىن ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن قوندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ جۇلاكار، مېھرىبان، ئۇلۇغ، قامەتلىك، جۇشقۇن، پاك ... ئوبرازىنى سىزىپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ بەدئىي ئىستادىتىنى خېلىلا يۈكسەك دەرىجىدە نامايەن قىلىپ، كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى جەزبىدار گۈلدەستىلەرنىڭ بىرى بولغان غەزەل ئارۇزغا چىن ئىخلاس بىلەن پەخىرلىك ھېس-تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىيى ۋارىسلىق قىلىپ، تەر سىڭدۈرگۈچى ساناقلىقلا شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. بۇ پىكرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن شائىرنىڭ 24 يىل مۇقەددەم يازغان «تارىم» رادىفلىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتسەكلا كۇپايە، ئەلۋەتتە!
«جاھان بوستانىنىڭ خۇشبۇي گۈلى دەيدىغانىدۇر تارىم،
قەدىم يۇلتۇزلار يۇرتىنىڭ يورۇق چولپانىدۇر تارىم.

سۆزۈمنىڭ شاھىدە مىڭلاپ ئەسىر كۆرگەن قېرى تارىخ،
ئېزىز باغرىدا ھېكمەت كۆپ، مۆجىزات كانىدۇر تارىم.

غۇرۇرۇم، ئىپتىخارىمدۇر كۇچار، دوڭخۇاڭدىكى مىڭ ئۆي،
ۋەتەننىڭ باشىغا زەر تاج، شەرق ئېھرامىدۇر تارىم.

ئۇ تۇنجى كەپىسى بولدى، مۇقامنىڭ چەشمىسى ئويناق،
ئۈچۈن ناخشا، ئۇسسۇل مۇشتاق گويا پەرۋانىدۇر تارىم.

بىلەن ئالىملىرى مەھمۇد، يۈسۈپتەك زەپ پاساھەتلىك،
دېسەم يوللۇق مەرىپەت ۋە ئەقىلنىڭ شاھىدۇر تارىم.
گىلەم، ئەتلەسلىرى مەشھۇر ئىراق، چاڭئەن بازارىدا،
ھۈنەر-سەنئەتكە پىر-ئۇستاز، ئېسىل دۇردانىدۇر تارىم.

يېتىلدى بۇ قەدىم يۇرتتا ئىپارخاندەك باھادىرلار،
لوتۇن، سادىر كەبى ئەرلەر، ئەجەب مەردانىدۇر تارىم.

گۈزەل ئارزۇ تېڭى ئاتتى ۋەتەندە قوغلىنىپ زۇلمەت،
قىزىلگۈل شاخىدا بۇلبۇل كەبى خەندانىدۇر تارىم.

گۈزەل ئىقبالغا ئات سالدۇق كۆڭۈلدە بىر بۈيۈك مەقسەت،
يېڭى شانلىق سەپەر ئىچىدە زەپەر داستانىدۇر تارىم.
مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ قەسىدىدە شائىر تارىمدىن ئىبارەت ئەڭ قەدىم ماكاننىڭ يىراق ئىبرالاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزغا ۋە بىزگە باقىي ماكان بولۇپ، جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئاجايىپ مۆجىزاتلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇنى بېيىتىپ، «مەرىپەت ۋە ئەقىلنىڭ شاھى ... غا ئايلىنىپ، «شەرق ئېھرامى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، «قەدىم يۇلتۇزلار يۇرتىنىڭ يورۇق چولپانى»غا ئايلانغانلىقىدەك سەلتەنەتلىك تارىخىغا تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارلىق، ئىشەنچ، ھۆرمەت ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن مەھىيە ئوقۇپ، ئاجايىپ يارقىن، مېھىرلىك ۋە سېھىرلىك، لاتاپەتلىك، قەيسەر، مەدەنىيەتلىك بىر ۋەتەننىڭ ھەم  ئۇنى شۇنچىۋالا شانۇ-شۆھرەتكە ئىگە قلغان ئۇلۇغ ئەللامىلەردىن مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ؛ قەھرىمانلاردىن ئىپارخان. لوتۇن، سادىر پالۋان ...لارنىڭ جاسارەتلىك ئوبرازىنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن يارىتىپ، ئىپتىخارىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا، بىر پارچە شېئىرغا، غەزەلگە نېسبەتەن شېئىرىي، لىرىك ئوبرازنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھېس قىلدۇرىدۇ ھەمدە ھەممىمىزنى ئۇلۇغ ۋەتەننى چىن دىلىمىزدىن سۆيۈپ، گېزى كەلگەندە جېنمىزنى پىدا قىلىشقا چاقىرىدۇ.
شېئىرىي ئوبراز ھەققىدە رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق تەنقىدچىسى بىلنىسكىي شۇنداق يازىدۇ:«شائىر ئوبراز ئارقىلىق پىكىر قىلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىمايدۇ. بەلكى ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شائىر كۆڭلىدە ئەكس ئېتىدىغىنى پىكىر ئەمەس، بەلكى ئوبراز. شائىر ئوبراز ئارقىلىق پىكىرنى ھېس قىلالايدۇ. ھېسسىيات بولمىسا شائىر بولمايدۇ ...
شۇنداق، بىزنىڭ مەرھۇم، مۆھتىرەم شائىرىمىزيالقۇنجان ئىسلاممۇ ۋەتەن ئوبرازىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىپ، «ۋەتەن سۆيگەن كىشى مەڭگۈ خار بولمايدۇ» ۋە «ۋەتىنىگە سادىق بولغان ئادەم قەلىبلەردە ئەبەدىي چىناردەك كۆكلەپ مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ» دېگەن بىباھا ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى.
بىزنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئوبزۇرچىمىز مۇھەممەد پولات ئەپەندى لىرىك ئوبراز ھەققىدە خاس پىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« لىرىك ئوبراز ۋە لىرىك رەڭدارلىققا باي بولۇش ھەقىقي ئىجادىي شىئىرىيەتنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك بەدئىي پەزىلىتى، شېئىرىي تەپەككۇردا رىئال تۇرمۇش ۋە ئەنئەنىۋى بىلىش ئادەتلىرىدە ئەقىلدىن تاشقىرى بولۇپ كۆرۈنىدىغان غەلىتە ۋەقە ۋە ھادىسلەرمۇ ئوبرازلار مەنتىقىسىدە مۇئەييەن ئەقلى-ئۇيغۇنلۇق بىلەن بەدئىي چىنلىق مۇقەررەرلىككە ئىگە بولىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر شائىرنى چەكسىز ئىجادىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئازادىلىككە ئىگە قىلىپ، ئۇنى خىيال ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ يېڭى بىپايان ئالىمى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.»
ئۇنداقتا، شائىر يالقۇنجان ئىسلامنىڭ مەنىۋىيەت قاتلىمىدا بېسىلغۇسىز ھېس-ھاياجان ۋە زىلزىلە پەيدا قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ شۇ قەدەر ياڭراق مىلودىيەسىنى ياڭرىتىشقا سەۋەب بولغان نەرسە زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە، بۇ رىئال تۇرمۇش ئاتا قىلغان ئىشقىي پۇراق ۋە تەجرىبە-ساۋاقتۇر.
بىزگە سىر ئەمەسكى، تارىختىن بۇيان ۋەتەن، خەلق ھەققىدە تالاي ئەسەرلەر يېزىلدى. قەسىدىلەر خارمانلىرى پەلەك بىلەن بوي تالاشتى. بىراق، ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزگىچىلىك ھېس قىلدۇرالىغانلىرى ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. نېمەئۈچۈن شۇنداق؟ بۇ ھەقتە جاھان ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان ھىيوتنىڭ پىكىرىگە نەزەر ئاغدۇرايلى:«ئۆزگىچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى ئالامىتى – تېمىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى تولۇق ۋايىغا يەتكۈزۈپ، جانلاندۇرۇپ چىقىش ئارقىلق ھەممەيلەننى بۇ تېمىدا شۇنچىۋالا جىق نەرسىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقىغا قايىل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.»
گەرچە ھەممىمىزنىڭ ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە بىر مۇنچە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرخىل بەدئىي تۈرلەرنىڭ ھامىلىقىدا سۆزلىگىمىز بولسىمۇ، ئۇنى شائىرچىلىك يارقىنلىققا ئىگە قىلالماي ئىزتىراپ چەككەندىمىز ...
شائىر غەزەللىرىنىڭ مەزمۇن-تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ، كىلاسسىك شېئىرىيەت تۇپرىقىدىكى ئەجدادلار ئەنئەنىسىگىمۇ ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىشقىي-مۇھەببەت ھەققىدىمۇ تەلقىن قىلىپ، تىرەن پىكىرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك قاناتلاندۇرىدۇ:
«بارمىدۇ ئالەم ئارا بىر سەرۋىي قامەت سەنچىلىك،
كەلدى ھۈسىن بابىدا كىملەرگە ئامەت سەنچىىك.

بولدى ئەلگە غۇلغۇلا-پىتنە، مەلامەت مەنبىئى،
يارىتىپ كىملەر يەنە ھېكمەت-كارامەت سەنچىلىك.

تەگدى كىمگە بۆلگىنىدە بۇ ھايات بوي، كۆز، چىراي،
ھەر غېنىيلاردىن-غېنى ئارتۇق دارامەت سەنچىلىك.

يوقتۇر شۇنداقلا ھەم ئىچرە جاھان مەشۇقلىرى،
ئاشىقنىڭ باشىگە سالغان مەلامات سەنچىلىك.

كىم سېنى سۆيسۈن دېدى يالقۇن بۇ ھۆرنى، دېمىگىن،
چەككۈزگىلى يوقتۇر مېنى ھېچكىم نادامەت سەنچىلىك.»
چۈشىنىشىمىز كېرەككى، يارنى ۋاستە ۋە پروتوتىپ قىلىپ يارىتىلغان بۇ شېئىر ئوبرازمۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىزنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋە قوينىغا ئالىدىغان ئۇلۇغ ۋەتەن بولۇپ، بۇنداق ئىپادىلەش شائىرغا نېسبەتەن ئۆز پىكىرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى يەنىمۇ قاناتلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن.
قىسقىسى، تالانتلىق شائىر يالقۇنجان ئىسلام سەندەل ئۆز غەزەللىرىدە ئاددى، چۈشىنىشلىك، جانلىق، ئاممىباب تىل ئەۋرىشكىلىرى بىلەن روھىي ئېچىرقاشلىرى ۋە ئىشقىي پىغانلىرىنى بىمالال ئىپادىلەپ بەرگەن. ھايات ۋە ئىجادنىڭ ھىممىتى بىلەن قىممىتىنى نېسبەتەن چوڭقۇر تونۇغان ۋە تونۇتقان، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھالال ياشىغان شائىردۇر.
ئۇلۇغ ئالىم، مەشھۇر شائىر ئەھمەد زىيائى جانابلىرى شۇنداق دېگەنكەن: «گۈلنىڭ تىكىنى، باھارنىڭ جۇدۇنى، راھەتنىڭ جاپاسى بار. شۇڭا ھايات ئىنساندىن ئەقلۇ چىڭلىقىنى، كۈرەشنى، ئىلمۇ غەيرەتنى، پىداكارلىقنى ئىستەر. ئەگەر سەن ئۇشبۇ خىسلەتلەردە مەھكەم تۇرمىساڭ، بۇ گۈلىستاندىن مۇرادنىڭ غۇنچىسىنى ئۈزەلمەيسەن.»
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، شائىر ئەھمەد زىيائى ئەپەندى ئېيتقان گۈلىستاندىن لايىقىدا بەھىرلەنگەن ۋە بەھىرلىنىشكە ھەقلىق ھالال ئىنسان ئىدى. گەرچە، بۇ ئوتلۇق شائىرنىڭ ئېزىز تېنى بىزدىن بىمەھەل ئايرىلغان بلسىمۇ، ئۇنىڭ بىر مۇنچە بەدىئى مىراسلىرى روھى بىلەن قوشۇلۇپ، بىز بىەن مەڭگۈ بىللە ياشاپ، توغراقتەك كۆكىرىپ، پەسىللەرنى قېرىتىپ، نەسىللەرنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئىشىنىمىزكى، ۋەسىللەرگە يەتكۈسى ...
دېمەك، ئۆزىدىن ئۆزگىنى ئەلا بىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئىقبالىنى ئويلاپ، قان-تەرىدىن دەريا ياسىغان بۇ شائىر دىللاردا مەڭگۈ ھاياتتۇر! ...



Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر تاھىر تالىپ شېئىرلىرىدىكى ئادەم ئوبرازىغا نەزەر




(ئوبزور)


ئابلاجان بوۋاقى



     «ئادەمنى ئادەمگە چۈشەندۈرۈش يولىدا ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە يارىتالىسام مەن ئۆمرۈمدىن رازىمەن، ئادەم ۋە ئادىمىيىلىك مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك تېما» دەپ ئادەملەر روھىغا قېتىغا سۇ ۋە نۇر سېڭگەندەك چۇڭقۇر سېڭىپ كېتىۋاتقان تالانتلىق، دادىل، مەردانە، دۇرۇس، ئەل سۆيگەن شائىر تاھىر تالىپنىڭ يىرىم ئەسىرلىك بەدىئىي ئىقتىراسىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى سۈپىتىدە ئاران «خەيىر، باشلىقى»، «مەن ئادەم» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمى يورۇق كۆرۈپ، بىر توپ دەۋىرداش قەلەمكەشلەرنىڭ ھەسىتىنى ئىجابىي قوزغاپ، چاڭقاق دىللىق يەنە بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە مەلھەم بولدى. شائىرنىڭ بۇ ئىككى توپلىمىغا ئۆزىنىڭ يىرىم ئەسىردىن بىرى يازغان ئاساسلىق شېئىرلىردىن 101 پارچىدىن ئارتۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى رەڭدار كىتابلار تۆكمە بولغان بىر مۇئەييەن بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا شېئىر توپلاملىرىنىڭ تىداژمى ئۈچ مىڭغىمۇ يەتمەيۋاتقان، شېئىرلار توپلاملىرىنى نەشىر ۋە كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان، نەشىر قىلىنغان توپلاملار سېتىلماي كىتاب جاھازىلىرىنى ئاۋارە قىلىپ، توپا بېسىپ تۇرىۋاتقان، قىسقىسى بەزىلەرنىڭ كۆزىنى مۈشۈكتەك يۇمۇپلا ئېيتقىنىدەك: «شېئىرنىڭ بازىرى كاساتلاشقان» چاغدا 5000 گراژدا نەشىر قىلىنىپ ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، شېئىرىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلارغا ئىلھام بەردى. ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، ئەلنىڭ قەلبىگە قەدىمى يەتكەن بەزى شېئىرلار توپلاملىرىنى خەلقىمىز بەس-بەستە سېتىۋىلىپ، ئىزگۈ تىلەكلىك شېئىرلارنى سۆيۈپ ئوقۇپ ئەتىۋارلايدىكەن. پۈچەك، تەمسىز، تول سۈيئىستىمال قىلىنىپ پېتى چۈشۈپ كەتكەن ئاتالمىش شېئىرلارنىڭ بازىرى راستلا كاساتكەن. ئۇنداقتا، ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر، دىدار غەنىيمەت، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورتاقلىشپ كۆرەيلى. شائىر تاھىر تالىپ شېئىرلىرىنىڭ ئەلنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇشىدىكى سەۋەب زادى نەدە؟ سەۋەب ناھايىتىمۇ ئاددىي بولۇپ، شائىرنىڭ بىر توپ خەلقنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەملەرنى كۈزىتىپ، تەتقىق، ماسلىق ۋە خاسلىقلىرىنى تېپىپ، ئۆز شېئىرلىرىنى ھەقىقى بىر دەۋىرنىڭ ھەم ئادەمنىڭ ۋىجدان قېنى بىلەن روياپقا چىقىرىپ، سەمىمىي ھېس تۇيغۇسىنى قۇياش نۇرىنىڭ چاپسانلىقىدا تېز ھەم دادىل ئىپادىلەپ، ساختىلىقتىن خالىي، مۈجىمەللىكتىن يىراق، كاززاپلىقتىن مۇستەسنا زەر مەدەنىي شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىپ، ھەر بىر غورۇر مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، ھايات داۋىنىدىن غالىپ قەدەملەر بىلەن ئۆتكۈچىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىدا.
بىلىپ تۇرۇپتىمىزكى، جاھان جاھان بولۇپ، ئادەمدىنمۇ مۇرەككەپرەك، ئۆزگىرىشچانراق ھەم مۇكەممەلرەك يەنە بىر شەيئىي تېخىچىلا ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. پەقەت ئادەملەر جاھاننامە ئەينىكىنى ئىلىپ، جاھان پاياندازىغا قەدەم قويغاندىن كېيىنلا تەبىئەت ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ سۆيۈندى. بىراق، ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ ھېس تۇيغۇسى ھەممىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. شۇڭا، بۇ خىل مۇرەككەپلىككە كۆرە، ھېچكىممۇ ئادەملەر ھەققىدە مۇكەممەل بىرەر تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر بوۋىمىز ھەقىقى ئادەم ھەققىدە ئاجايىپ يارقىن مەزمۇنلارنى، مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتكەن:
«تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى،
بۇ يەڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.
چىقارىپ يۈرەكنى ئالقاندا تۇتۇپ،
ئۇياتماي يۈرەلىسە ئەلنى كۆرۈپ.»
بوۋىمىزنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە قارىغاندا تېشى بىلەن ئىچى ئوخشاش ئادەم دۇرۇس، ھەقىقى ئادەم بولۇپ يۈرىكىنى ئالقانغا ئېلىپ، ئۇياتماي ئەل ئارا يۈرەلىسە كۇپايىدۇر.
بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسانىي ئەخلاق پەزىلەت مەسىلىسىنى ئۆز ئەسىرىنىڭ گېنىئال مەركىزىگە قويۇپ، ھەر بىر ئىنساندا «توغرىلىق، ياخشىلىق، مۇلايىملىق، مېھرىبانلىق، ئاڭلىقلىق، سەبىرچانلىق، ئېغىر-بېسىقلىق، مەردلىك، سېخىيلىق، چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە شەپقەت، ئەدەپ، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، تىلنىڭ پەزىلىتىنى ساقلاش، پايدىسىز سۆزلەرنى قىلماسلىق، شىرىن سۆزلۈك، يۇمشاق تىللىق بولۇش، زوراۋان، ئوغرىلىق، لۈكچەكلىك، يالغانچىلىق، تەكەببۇرلۇق، ھەسەدخورلۇق، ئاداۋەت ساقلاش، ئاچكۆزلۈك، ھاياسىزلىق، ھاراقخورلۇق، زىنا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامانلىقلاردىن قاتتىق ساقلىنىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن».
ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ ئۈلگىسى، شېئىرىيەت پىركامىلى، مۇتەپەككۇر بوۋىمىز مىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى بولسا: «ئىنسان ياخشىلىقنىڭ جەندىسىدۇر، ئەگەر مەن چىن ئىنسان بولالىسام ماڭا شۇ كۇپايە، ئادىللىق ئىنساننىڭ ياخشى سۈپىتىدۇر» دېسە، ئالىم، شائىر ۋە پىروفىسسور ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىن، «ئىنسان كائىناتنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى ۋە ئالەمنىڭ تەڭداشسىز زىننىتى، ئىنسان بىردىنبىر ۋە يىگانە، نۇتۇق ۋە تەپەككۇر، ئەمگەك ۋە تەجىرىبە، ئەقىل ۋە بىلىم، ئەخلاق ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇلۇغ ئوبىيكتىپ ۋە ئۇلۇغ سوبىكتىپ سۈپىتىدە ئالەم سىرلىرىنىڭ جاھاننامىسى ۋە خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان_دۇنيا، ئىنسان- دۇنيانى بىلگۈچى ۋە شەرھلىگۈچى قامۇس» دەپ ئىزاھاتلىق تەرىپلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ ئەللاملىرىمىز ئادەمنى شۇنچىلىك ئۇلۇغلايدۇ؟ چۈنكى ئىنساننى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ ئۆزىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۇلۇغلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز بىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
بۇ مۇتائىلەلىيىمىزنىڭ بىۋاستە ئوبىيكتى بولغان تاھىر تالىپ تاھىر شېئىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى. ئېنىقكى، ئادەمگە بېغىشلانغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىكتۇر. شائىرنىڭ ئەڭ قىسقا شېئىرلىرىدىن ئەڭ ئۇرۇن شېئىرلىرىغىچە ئۇنىڭ مەركىزىدە ئادەم تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىككى يۈزى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ھەممىنى ئىجاد قىلىپ، نىجادلىققا ئېرىشتۈرگۈچى مېھنەتكەش ئادەم مەدھىيلىنىدۇ. تەييار تاپ بولۇپ، ھەممىنى گۇمران قىلىش كويىدا پىتنە-ئىغۋا، غەيۋەت-شىكايەت تېرىپ يۈرگۈچى پاسسىق شەيانى تۆرەلمىلەر رەھمىسىزلىك قامچىلىنىدۇ، پاش قىلىنىدۇ. ئېھتىمال بۇ تاق يوللۇق، چىن سۆزلۈك شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەتانەت، كىنايەت، مەنىدارلىق، ئادەملەرگە بولغان ئىزگۈ مۇھەببەت.... بۇ نەقەدەر ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنمىغاندا ئىدى، بەلكىم. بارچە دىللاردا ئۇ قەدەر گۈلگۈن تەبەسسۇم، زىلزىلە ۋە ئەقىدە زاھىر قىلالمىغان بولاتتى...
ماكسىم گوركىي نېمە ئۈچۈن «ئادەم» ئىسىمىنى چوڭ ھەرپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان بولغىيتى؟
بۇ سۇئال شائىرنى چۇڭقۇر ۋە تەگسىز ئويلارغا غەرق ئەيلەپ، ئادەم ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋە قەلىبلەرنى چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان. بۇ نۇقتىدا شائىر ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشەنگەن. دەل شۇنداق مۇھىت ئىلكىدە شائىر ئادەمنىڭ جىسمانى ھاياتى بىلەن مەنىۋى ھاياتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئادەمدىكى مەنىۋى خىسلەت ۋە پەزىلەتلەرنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا سەبرى-تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. <مۇھەببەت پايخان بولسا، ماڭا خاتىرجەم!>، <غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم!> دەيدۇ شائىر ھەمدە بۇنداق ئەقىدىنىڭ بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەپ ئۈستىدە توختىلىپ: <چۈنكى، مەن ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم!> دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ ئارقىلىق شائىر ئادەمنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا چۈشىنىپ، ماشىنا ئادەمنىمۇ <ئادەم> ھېسابلايدىغانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئادەملەرنى ئادىمىيلىك قەدرى ھەققىدە ئىنساندەك ياشاشقا چاقىرىدۇ ھەمدە ئۆزى، شۇنداقلا ئادەملەر ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شائىرنىڭ مۇبارەك قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ھەقىقى ئادەملەرنىڭ ئوبرازى نىسبەتەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. «ئاڭلا جاھان، مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن» ناملىق شېئىرى بولسا ئادەم قەلبىنى زىلزىلگە پات ئارىدا بېسىقماس ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارغا غەرق قىلىپ، كىشى روھىنى ئەبەدىي ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنىڭ شاھىدى قىلىدۇ:
«ئاڭلا  جاھان، مەھمۇد بىلەن يۇرتى-قەشقەرلىقمەن،
ئىپتىخارىم-ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداشلىقىم.
بەختىيارمەن شۇ ئۇلۇغلار ياتقان يەردە،
گۈللەر پۇراپ، گۈلدەك ئۆتكەچ گۈل ياشلىقىم.

قەشقەرلىكمەن-مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن،
ۋەتەنداشمەن، نەسىلداشمەن، ئەجدادىم ئۇ.
ۋۇجۇدۇمدا پىرىم مەھمۇد ئۇدۇمى بار،
مەھمۇد روھى قۇرۇپ پۈتمەس ئۈزۈلمەس سۇ.

دېمەككى بىز نادان ئەمەس، تارىخ گۇۋاھ،
ئالەمشىمۇل <دىۋان>- ئالتۇن ماقۇس گۇۋاھ.
ئەقلىمىزنىڭ جەۋھىرىنى كەڭ جاھانغا،
ئۇرۇق قىلىپ چېچىۋاتقان «تاۋۇش» گۇۋاھ.

ئاڭلا جاھان، مەھمۇد روھى ھەمدەم ماڭا،
گاھ يەلكەمگە تاغ يۈكىنى ئالالايمەن.
مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن، نەسىلداشمەن،
ھەر كىم بىلەن جاھاندا تەڭ تۇرالايمەن.
قاراڭ، شائىر بۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيت پىرامىداسىنى شەكىللەندۈرگۈچى بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى بىلەن ئۆزىنى ھەم بىزنى بىر ئاجرالماس گەۋدە دەپ قاراپ، مەھمۇد روھىنىڭ ئۇدۇم خاراكتىرلىك قۇرۇپ پۈتمەس-ئۈزۈلمەس سۇ ئىكەنلىكىنى زاھىر قىلىپ، جاھان مىللەتلىرى ئارا ھەر جەھەتتىن تەڭ تۇرالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ھەممىمىزنى بىجاندىل، ئۈمىدۋار، شىجائەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
شائىرنىڭ «چايان» ناملىق ماۋزۇلۇق ھەجۋىسىمۇ بىزنى ئادىمىيلىك ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ:
«چايان»
قەھرىڭ بىلەن چاققىنىڭدا ھەر قېتىم،
غەزەپلەندۇق، لېكىن زۇۋان سۈرمىدۇق.
ياخشى نىيەت بولغاچقا بىز، بۇرادەر،
بۇ بالانى نېيىتىڭدىن كۆرمىدۇق.

چۈنكى ئۆزۈڭ:"چايان يېگەن- دېگەنتىڭ،
ياشلىقىمدا كېسىلىمگە شىپا دەپ"
ئۈچەي باغرىڭ ئېچىشىپلا تۇرغاچقا،
يەپتىكەنسەن <كۆڭلۈم ئارام تاپار دەپ>.

بىز ئويلىدۇق: ئىچىڭدىكى چايانلار،
تېرىك پېتى يېيىلگەن يا تېرىلگەن.
لايىق ماكان تاپقاچ يەنە كۈچلىنىپ،
تاشقىرىغا نەشتەر سوزۇپ كېرىلگەن.»
بۇ قىسقىغىنا ئۈچ كۇبلىت شېئىردىكى ئاجايىپ كۈچلۈك ھەجۋىي كۆز ئالدىمىزدا بىر بولسا ئىچى پۈتۈنلەي زەھەر بىلەن پەۋەسلەنگەن بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى تامام تۆشۈڭچىلەردىن ئاچكۆز، خۇنخور چايانلار بىر-بىرلەپ چىقىۋاتقاندەك بىر يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈشنى زاھىر قىلدى. بىر بولسا چايانلارنىڭ ئىچىدىن ئادەملەر چېقىۋاتقاندەك يىرگىنىشلىك ھالەتنى زاھىر ئەيلەيدۇ. شۇ دەم بىزنىڭ تېنىمىز ئىختىيارسىز جۇغۇلدايدۇ، چايان يەۋاتقان ئادەمنى خىيال قىلغىنىمىزدا بولسا ھەممىمىزنىڭ ئويلايدىغىنى ئۆزىمىزگە ئايان.
شائىر بۇ شېئىرىدا ئۆتكۈر ھەجۋى تىل بىلەن ھەجۋى خاراكتېر ئارقىلىق قېنىدا چېقىمچىلىق ئالامىتى بولغان ھايات خارمىنىنىڭ مېتە قۇرۇتلىرىنى ئەيىپلەيدۇ ھەم قامچىلاپ ئەدەبلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق تېنى «چايانغا لايىق ماكان» بولغان ئادەملەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى ئېچىپ تاشلىنىپ، روھى ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا نامايەن قىلىنىدۇ.
ئايانكى، ئادەم تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، خىيالچان شەيئىي بولۇپ، ھەردەم ئۆزىنىڭ خاھىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەممە ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. «ئىنساننىڭ ماھىيتى ئۆز نەپسىگە تېنىمسىز چوغ تارتىشتۇر» دېگەنىدى كىمدۇر بىرى. ماھىيەت قەلىبتە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىدۇ. خۇشامەتمۇ قەلىبتىن باشلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەسەت دىلدا كۈۋەجەيدۇ، رېئاللىقتا تىكەنگە ئايلىنىدۇ. شائىرىمىز ئىنسان روھىيتىدىكى بۇ كەمتۈك، ئاجىز تەرەپلەرنى ماھىرلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش جەريانىدا چۇڭقۇر تونۇپ يېتىپ، پەرقىنى يىپىدىن يېڭنىسىغىچە ئاجرىتىپ، قەلب ئەلگىكىدىن نەچچە ئون قېتىم ئۆتكۈزۈپ، زاھىر ئەيلەيدۇ. ئۆزىگە يارىسا خەلقىگە تەقدىم ئېتىدۇ. يارىمىسا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ قايتا-قايتا ئىشلەيدۇ.
يەنە ئايانكى، ھايات چەكسىز قىسمەتلەرگە ھامىلدار بولغان. قىسمەتنىڭ ****** كۆزى كور، ** بۇزۇلغان، خاراكتېر خاھىشى بۇرمىلانغان. ئويلاپ كۆرۈڭ، بۇنداق قىسمەت پايانلىرىدا ھايات پائالىيەتلەر مەشغۇل بولۇۋاتقانلارنىڭ روھ سازلىقىدا نېمىلەر بولمايدۇ دەيسىز؟...
تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ئادەمنى چۈشەنمىگەن (ئۆزىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ئادەمگە ئىشەنمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، ئادەمنىڭ ئەتىسىنى ئويلىمىغان، ئەتىسى بىلەن بۈگۈنىنى باغلىيالمىغان، ۋۇجۇدى گويا ماگمىدەك قايناپ تۇرمىغان ۋە ئازاپقا گويا پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغاندەك ئۆزىنى ئۇرمىغان ئادەم ھەقىقى شائىر بولالمايدۇ. چۈنكى، شائىرمۇ ئەسلى باتۇر سەمەندەردەك ئوتتا كۆيۈپ، يەنە ئوتتا تېرىلىشى ھەمدە تېرىلىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. دەل شۇنداق بولغاندا شائىر بىر توپ ئاۋامنىڭ قەلب ئابىدىسىگە ئايلىنىپ، ئۇلارنى پارلاق ئىقبالغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئاقارتىپ، تاڭ شەپىقىنىڭ سۆيۈنىشىگە سازاۋەر قىلالايدۇ. مېنىڭچە تاھىر تالىپ شېئىر- (زۆھرە) گە، ئەل-(زۆھرە) گە، ۋەتەن-(زۆھرە) گە، ئەۋلادلار-(زۆھرە) گە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاشىق بىقارار بولۇپ، سەۋداغا ئايلىنىپ ھەقىقى تاھىر شائىردۇر.
شائىرنىڭ «ئېتقاد ۋە مۇھەببەت» شېئىرىدىن بەھىر ئالايلى:
«ئېتقاد ۋە مۇھەببەت»
«كۆرمەي دېسەڭ يۇرتۇڭغا ياۋنىڭ،
نەس ئايىغى بېسىلغىنىنى.
سەن ئېلىڭگە پولات قالقان بول،
قوغداپ ئۇنىڭ پاسىل تېمىنى.

سەن ياشىساڭ ئازدا-ھۆر ياشا،
مەھكۇم بولۇپ جان بېقىش ئۆلۈم.
سەن جەڭلەردە ئوت بول، بوران بول،
پايمال بولۇپ يانجىلىش ئۆلۈم.

قەھرىماننىڭ ئېتقادى شۇ،
شۇڭا بىلمەس قورقۇش دېگەننى.
ئەقلى-ھۇشى ئىشلەر جايىدا،
لەش قىلسىمۇ ئوقلار بەدەننى.

قەھرىمانلار ۋەتەنگە قالقان،
ئاڭا قالقان ئەل مۇھەببىتى.
مۇھەببەتسىز باتۇرمۇ بولماس،
ئەگەر بولسا يوقتۇر قىممىتى....»
قاراڭ، بۇنداق ئېغىر ۋەزىن پىكىرلەرنى ئاللا بۇرۇنلا ئۆزىگە خىتاب قىلىپ، چىن دىلىدىن تەدبىقلاپ، مۇھەببەت ھەم نەپرەتنىڭ پىچىدا تاۋلانغان شائىر، سىزنى ھەم مېنى، شۇنداقلا ئۇنى، ئەل-يۇرتنى ياۋلاردىن قوغداپ، ھەتتا «ئوقلار بەدەننى لەش قىلسىمۇ» قورقماي ۋەتەنگە قالقان بولۇشقا چاقىرىپ، ۋىجدان خىتابنامىسىنى ئاجايىپ جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئېلان قىلغان. بۇ كىچىككىنە شېئىردا زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بولغان بىر ئوتلۇق پىكىر بار بولۇپ، «قەھرىمانلار ۋەتەنگە قالقان بولسا، ۋەتەندە ياشىغۇچى خەلق قەھرىمانلاردا قالقان بولىدۇ، باتۇر مۇھەببەتسىز بولمايدۇ، مۇھەببەتسىز باتۇر بولسىمۇ قىممىتى بولمايدۇ....» دېگەن قاراشنى (ئاكتىپ) ئىجادىي بايقاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ جۇلاكار مېلودىيەسىدىكى يارقىن پەلسەپىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىر يېڭى پىكىر بولۇپ، بىر پارچە مۇئەييەن شېئىردا تىل ھەر قانچە دەبدەبىلىك بولسىمۇ، يېڭى پىكىر بولمىسا قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. قىممىتى يوقالغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھىممىتى بولمايدۇ.
شائىر تاھىر تالىپ ئاز، ئەمما ساز يازىدىغان، پىكىر دېڭىزىنىڭ ئاستىدىن جاۋاھىراتلار قازىدىغان، ئادەمنى مەركەز قىلىپ ئۆز شېئىرلىرىدا تېرەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، دىل كۆلچىكىدە خېلى كەڭ سەھۋەت پەيدا قىلىپ، خەلققە يارىغان، نام-ئاتىقى يىراق-يېقىنغا تارىغان ۋە ھەممە ئۈمىد بىلەن قارىغان شائىردۇر. شائىرمۇ بۇ بىر مۇھىم نۇقتىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ بىردەملىك، تەرەپپال، تەپمەھالا، ساختا ھېسسىياتنىڭ دەيدەيسى ۋە ۋەسۋەسىسى بىلەن ھەرگىزمۇ قولىغا قەلەم ئالمايدۇ-ئۇ، بۇنداق پەيتتە يېزىلغان شېئىرنىڭ ئاي-كۈنى توشمىغان بالا كەمتۈم تۇغۇلۇپ، مېيىپلىق دەردىنى ئاتا-ئانىسى تارتقاندەك، دەردىنى شائىرنىڭ تارتىپ قىلىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئۇ شائىرنى ھەقىقى ئادەم دەپ قاراپ، ناھايىتى چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قەلب تۆرىگە باشلاپ مۇڭدىشىدۇ:
«شائىر قىسمىتى»
شائىرى يوق ئەلگە دائىم ئۇيقۇ بار،
شائىرى بارلارغا ئوتلۇق تۇيغۇ بار.
شۇڭا ئەل شائىرنى تۆرگە تەڭلىدى،
بەگ ۋە ئامباللار لېكىن بەك يەكلىدى.

مۇپتىدىن شائىر گۇناھىن سورىسام،
<ئۇيقۇنى بۇزدى> دېدى گەپ كولىسام.
قازىنىڭ ئالدىغا بارسام <بەس!> دېدى،
بۇيرىدى جاللاتنى:<دەرھال:<كەس!> دېدى.

ئەسىردىكى ئەللەيچى بولسام بولغۇدەك،
ياكى نەق <لەببەيچى> بولسام بولغۇدەك.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، قىسقىغىنا بۇ شېئىردا شائىرلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى، مۇقەددەسلىكى ۋە بەرنالىقى، «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش» كويىدا يۈرگەن قارا دىل، نادان بەگ-ئامباللارنىڭ تىلى بىلەن ناھايىتى ئۆتكۈر ھەجۋىينىڭ ھىمايىسىدە روشەن ئېچىپ بېرىلىپ، شېئىرى تەگلىك-خاسلىق نامايەن قىلىنغان.
مېنىڭچە شائىر تاھىر تالىپ ناھايىتى كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، بەھىرلىنىشكە ماھىر شائىر. ئامرېكىلىق شائىر يۈسىف بىروستىكىي:«ئوبدان ئەدەب زوقىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى شېئىر ئوقۇش...» دېمەكچى بولغىنىم ئىنسانىيەت تىلىنىڭ ئالىي شەكلى بولغان شېئىر ئىنسانىيەت تىلىنىڭ ئالىي شەكلى بولغان شېئىر ئىنسانىيەت تەجىرىبىسىنى بايان قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولۇش بىلەن بىللە شېئىر ھەر قانداق تىل پائالىيتىگە، بولۇپمۇ يېزىق تىلىغا ئۆلچەم بولىدۇ. بىرەر ئادەم شېئىرنى قانچە كۆپ ئوقۇسا، ھەر قانداق شەكىلدىكى تىل چايناشقا ۋە تىل ئەزمىلىكىگە يول قويمايدىغان بولىدۇ.
دەرھەقىقەت، مۆھتىرەم شائىر تاھىر تالىپ ناھايىتى كۆپ شېئىرلارنى ئوقۇغان ھەم ئوقۇپ مۇتالىئە قىلغان، ئۆزى يازغان شېئىرلىرىنىڭ تىلىنى تاۋلاشقا ھەم مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، جىلۋىدارلىقا ئىگە قىلىشقا نىسبەتەن دادىل قەدەم بىلەن ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىۋاتقان شائىردۇر.
شۇنداق بىر نۇقتىنى ئالاھىدە ئېيتماي تۇرالمايمىزكى، شائىر تاھىر تالىپ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي پىرسۇناژلار نەق مەيدان ئوبرازلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇسىڭىز ئۇلار ھەر خىل سىياقتا كۆز ئالدىڭىزغا نامايەن بولىدۇ. جانلىق ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ، سىزنى گاھ كۈلدۈرسە، گاھ غەزەپلەندۈرىدۇ. دېمەك، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ رېئالنى تۈسى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۇلار بىزگە ئىنتايىن يېقىن بىر جايدا كۆز ئالدىمىزدىلا ئۆز قىلىقلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچ-باغرىنى بىلىپ-بىلمەي يىرىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، نىجاسەت ئەتراپىنى بىر قاپلاپ، بىزارلىق تۇيغۇمىزنى قوزغايدۇ. خەلقكە تونۇش بولغان ھەممە نەرسىنى چۈشەنمەك ئاسان بولىدۇ. شۇڭا، تاھىر تالىپ شېئىرلىرىنى خەلق ئوقۇپ، ھەزىم قىلىپ، چوڭقۇر-چوڭقۇر غەرق بولىدۇ.  شائىرنىڭ شېئىرلىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك قەدىرلىنىشكە ئېرىشىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نەدە؟ سەۋەب شۇكى، شائىرنىڭ ۋە ئۇنىڭ شېئىرنىڭ خەلقكە يېقىنلىقىدا خەلقنىڭ قەلبىنى سادانى ئىپادىلىگەنلىكى ۋە ئىپادىلەشكە دادىللىق بىلەن جۈرئەت قىلغانلىقىدا. بىز يەنە بۇ بەختكە سازاۋەر بولغان شائىرنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرلىرىدىن بەھىرلىنىپ ئۆتەيلى:
«چىشلەشمەيلى»
«بەزىمىز بار، بىكار تۇرماي چىش بىلەپ،
باشقىلارنى چىشلىمەكچى بولىمىز.
ئۆز ئىشقىمىز گوياكى ئاز كەلگەندەك،
خەق ئونىدا ئىشلىمەكچى بولىمىز.
بەزىمىزا بار ھالىمىزغا پايلىماي،
تاغلارنىمۇ ھاپ ئەتمەكچى بولىمىز.
بەزىمىز بار شېرىن جاننى ئويلىماي،
ھەتتا چوغنى كاپ ئەتمەكچى بولىمىز.

ياشاپ بوپمۇ ياشىغۇلۇق كۈنلەرنى،
ياپرىقىمىز سۇلغىنىنى بىلمەيمىز.
ئۇنتۇپ كېتىپ ھەتتا بەزى مەھشەرنى،
پەيمانىمىز تولغىنىنى بىلمەيمىز.

بىر ئېغىز گەپ، كىچىك بىر نەپ دەستىدە،
قان قېرىنداش كانايلارنى سىقىشتۇق،
لېكىن، تۈلكە قاش ئاتسا جان قەستىدە،
كۈچۈكلىنىپ ئېغىز-بۇرۇن يېقىشتۇق.

ئۆگەتمەيلى چىشىمىزنى غاجاشقا،
گۆردىمۇ كېپەن چىشلەپ ياتمىسۇن.
دۈشمەن بولۇپ كەتمەيلى دوست-ئاداشقا،
ئىنسان قولى ئىنسانغا مۇشت ئاتمىسۇن.

چىشلىگەنلەر يات بولۇپ كېتەر ئادەمگە،
چىشلىگەكتىن قاچار ئىنسان يىراققا.
چىشلىگەكنىڭ ئوغلى بويتاق، قىزى تۇل،
ھازىسىمۇ تولماس ھەسرەت-پىراققا.

چىشلەشمەيلى، چىشلەشمەيلى ھېچكىمنى،
باقى ئەمەس ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەم،
ئۇنتۇمايلى، بۇ ئالەمگە بىز مېھمان،
ھەتتا مېھماندۇر، بىر-بىرىگە ھەر ئادەم.»
ئۆز ئېلى ۋە خەلقىگە، جۈملىدىن كىلەچەكنىڭ ئېگىسى بولغان ئەۋلادلارغا نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق گۈلخانى يۈرىكىدە ھەردەم چاراقلاپ تۇرغان شائىر بۇ مۇپەسسەل قۇرۇلمىلىق شېئىرىدا نېمە دېمەكچى؟ قانداق دانا ئۆلمەس پىكىرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى؟ بۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسايىشلىقنى يەنىمۇ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش نىمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟.. بۇ ھەقتە ئەتراپلىقراق ئويلىنىدىغان بولساق، بۇ جايدىكى قەلبىمىزنى ئازابلىق ۋە ئىزتىراپلىق تۇيغۇلار بىرقلا چۇلغايدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ئۇلۇغۋار مىللىتىمىز ئەزەلدىن تارتىپلا ھەر يەردە قانداق شارائىتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشقان. رەقىبلىرىنىڭ قانلىق كۆزىنى ئۆمىلىشىپ، دەقىقىلا ئۇيۇشقان. ھەر قانداق ئىشتا بىر-بىرىگە يول قويۇشقان. كۆڭلى-كۆكسى زېمىن ۋە قەلىبلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەئىشەتلىرىگە تويۇشقان. يامان ئىشلاردىن بىراقلا سويۇشقان، گۈزەللىك دەرىخنىڭ شاخلىرىغا بۇلبۇلى بولۇپ قونۇشقان. بىر-بىرىگە كېچە-كۈندۈز يۈرەكلىرىنى سۇنۇشقان، ياخش-ياماننى بىر يولىلا تونۇشقان. بۈيۈك يىپەك يولى، دېلىتسىدىكى سېھىرلىك ماكان تەكلىماكان تارىم بوستانلىقىدىكى تۆھپىكار خەلق ئەمەسمىدى؟ ھالا بۈگۈنكى ئەھۋالىمىز قانداق؟ چەتئەل ئالىملىرىدىن ر. ئەمېرسۇن:«تەرەققىياتنىڭ ھەقىقى بەلگىسى- بايلىق ياكى تەلىم-تەربىيە دەرىجىسى ئەمەس، شەھەرنىڭ چوڭلۇقى ئەمەس. ھوسۇلنىڭ موللۇقى ئەمەس، بەلكى شۇ يۇرت باغرىدا تەربىيلىنىۋاتقان ئىنسان قىياپىتىدۇر.» دېسە، لابولبى:« تەرەققىياتنىڭ ئومۇمى كۆلىمى ھەر بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ» دەيدۇ. مەشھۇر ئالىم ۋە شائىر مەرھۇم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن جانابلىرى بولسا:«كىتاب- مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تىجەش ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلىكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر. نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا بەخت يولى ئېچىلىدۇ. بۇ ئەپسانە ئەمەس، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر...» دەپ بىزگە تەنبىھ ۋە بىشارەت بېرىپ، توغرا يولنى تاللاشقا ئۈندەيدۇ. شائىر تاھىر تالىپمۇ ئاشۇ ئالىملارغا ئوخشاش تەرەققىياتقا، ئىلگىرلەشكە ۋە قۇت پەيزىنى سۈرۈشكە پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇيۇشقاق مىللەتنىڭ بىردىنلا «ئۇرۇشقاقا» قا ئايلىنىپ، گويا لوقما ئالدىدىكى ئىت كەبى بىر-بىرىنى چىشلىشىپ، ئەل رەقىبلىرىنى خۇشال قىلغانلىقلىرىدىن ئازابلىنىپ، ھىيلىگەر، قۇۋ تۈلكىنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەنلىكىدىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ. شۇنداقلا شائىر «چىشلىشىش» نىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنىمۇ بۇ شېئىرىدا يارقىن بىشارەت بېرىپ، «ھېچكىمنى چىشلىمەيلى، چىشلەشمەيلى، ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەم باقى ئەمەس، ئۇنۇتمايلى، بىر مۇنۇ بۇ ئالەمگە مېھمان ھەمدە ھەر بىرىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھمان...» دەپ پىكىرىنى يەكۈنلەپ، پەلسەپىۋى تۈس بېرىدۇ. بۇ پىكىر نۆۋەتتىكىدەك بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىياپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېرىشكەنلىرىمىزدىن يوقاتقانلىرىمىز ئېشىپ بېرىۋاتقان، تۇغۇلىشىمىزدىنلا ھېس-تۇيغۇمىز قېرىۋاتقان، ھۈجەيرىلىمىز بېقىسىغان ماددىئىيەتلەر ئىلكىدە تېنىمسىز چېرىۋاتقان ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئالەمشىمۇل تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
بۇنىڭدىن ئەۋلادلىرىمىز ئىبرەت ئىلىپ، گۈزەل ئىقبال يولىنى تاللىيالىسا شۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر.
ھېس قىلىشىمىزچە، تاھىر تالىپ شېئىرلىرىدىكى ھەر كونكىرت ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش مەنتىقىسى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى، كۈن ئۆتكۈزۈش ماھارىتى ۋە جان بېقىش مىتۇدى بار. شائىرنىڭ شېئىرى ئوبرازلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەقىقى بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان سەمىمىي روھ، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەك، ئەقىل-پاراسەت، بىلىم، تالانت-قابىلىيەت(ئىقتىدار)، غەيرەت-شىجائەت، ھېممەت، ئەدلىي-ئادالەت، مېھرى-شەپقەت، ھايا-نومۇس، پاكلىق، ھالاللىق، ۋىجدان-غورۇر، مەردانىلىك، ۋاپا-ساداقەت، كەمتەرلىك، پىداكارلىق، مۇلايىملىق، سېخىيلىق.... لارنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ساختا شۆھرەتكە ئۆلگىدەك بېرىلىش، مال-دۇنيا، نام-ئاتاق، ھوقۇق-مەنسەپ، ھاۋايى-ھەۋەس كويىدىلا بولۇش، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماسلىق، ئاچكۆزلۈك ۋە تەمەگەرلىكتىن خالىي بولالماسلىق، كېبىر ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ساقلىنالماسلىق، خۇشامەت ۋە ساختىپەزلىكنى كەسپ قىلىپ ياشاش، ۋاپاسىزلىق، ئاسىيلىق، خىيانەتكارلىق، ئار-نومۇسنى قەدىرلىمەسلىك، مۇناپىقلىق... قاتارلىق ئەڭ يامان، بەدبەشىرە ئىللەتلەر ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئادەملەر تۇرۇپتۇ.
شائىر ئادەملەرنىڭ خاراكتىرىدىكى يۇقىرىقىدەك كەمتۈك ياكى بۇرمىلانغان تەرەپلەرنى كۈچلۈك ھەجۋىي ۋە كىنايىلىك، ئۆتكۈر، يۇمىرىستىك شائىرانە تىلى بىلەن دادىل ئېچىپ تاشلاپ، ھەممىمىزنى رىئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ، ئەتە ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىشقا چاقىرىدۇ.
يەنە بىر نۇقتا روشەنكى، شائىر تاھىر تالىپ شېئىرلىرىنىڭ تىلى ساپلا خەلق تىلىدۇر. بۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ «خېرىدار» لىرى كۆپ بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەنە بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، شائىر  «خەلقتىن ئېلىپ، يەنە خەلققە قايتۇرۇش پىرىنسىپى» بويىچە شېئىرلىرىدىكى ئوبرازلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتمىش-قىلمىشلىرىنى خەلق ئىچىدىن كۈزىتىش نەتىجىسىدە، تاۋلاپ ئۇنى بەدىئىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، يەنە خەلققە تەقدىم ئەتكەنلىكىدۇر. شائىرنىڭ «چۈنكى، مەن ئادەم»، «ئادەمنىڭ سۈنئىي ھەمراھى»، «ئاق ۋە كۆك»، «سۇلايمان گۇۋاھ»، «دەرد-ئېسە»، «نېمە ئۈچۈن قۇلاق ئىككى، ئېغىز بىر»، «مېھمان بىز ھەممىمىز مۇشۇ دۇنياغا»، «ئەقىل تېپىش»، «كىپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن»، «ئۈمىد يالدامىسى»، «ئۈمىد»، «يېقىن»، «مىزان ئەت».... قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىرلىرى ئادەم، پەقەت ئادەم ئۈچۈنلا، جۈملىدىن ئادەم خاراكېتىرىنى يورىتىپ، ئادەم ئوبرازىنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا يېزىلغان بولۇپ، بەلكىم دەۋرىمىز ئەدەبىياتىدا ھېچقانداق بىر شائىر بۇ جەھەتتە شائىرىمىز تاھىر تالىپ بەركتۈرىدەك ئىپتىخارلىنارلىق تەر سىڭدۈرۈشكەندۇر.
«كىپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن»
«ھەممىمىزنى چىشلەپ ياتاتتىڭ،
گاڭ بەلچىدەك چىشلىرىڭ بىلەن.
چىشلەيتتىڭ-يۇ، ئۈزۈپ ئالالماي،
يارا قىلىپ قويغىنىڭ تۈمەن.

سەپەر قىلىپ قالساڭ باقىيغا،
ئىسىت، كىمنى چىشلەپ تارتارسەن؟
خۇيار قىلساڭ، بىرلا ئامال بار،
كىپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن.»
شائىر قىسقىغىنا بىر شېئىرىدىلا بىر مۇئەييەن ئادەمنىڭ روھ كىپىنەرلىكىدىكى بۇ ئالەم ۋە ئۇ ئالەمدىكى كەچمىش ئەتمىشلىرىنى تەسەۋۋۇرغا تاينىپ باغلاپ، ھەممىمىزنى بۇ تۈردىكى پاسىق ئادەملەردىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرغان. شۇ ئارقىلىق «بۇ دۇنيادا سېڭگەن نېنىنى يەپ، خەلقى بىلەن ئىناق ئۆتمىگەن ئادەم ئۇ دۇنيادىمۇ كونا كېسىلى قوزغىلىپ، جىم ياتمايدۇ.... چىشلەيدىغان نەرسە تاپالمىسا قانداق قىلار؟...» دەپ «غەم» يەپ «كىپىنىڭنى چىشلەپ ياتارسەن» دەپ خۇلاسىلەيدۇ. شۇنداق يەكۈن چىقارساق خاتا بولمايدۇكى، تاھىركامنىڭ بۇ شېئىرىدىكى ئادەمنىڭ ئوبرازىنى بىر ئىككى قېتىملىق رومان ياكى تۈمەن مىسرالىق داستان قىلىپ يازسىمۇ بولىۋىرىدۇ. بىراق، بۇ دەرىجىدە ئىخچام، يارقىن، تېتىملىق، ئوبرازلىق سۈرەتلەش پەقەت شائىر تاھىر تالىپ قەلىمىگىلا مەنسۇپ بولغان مەنىۋى مەشغۇلاتتۇر، خالاس. چۈنكى شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئىپتىدائىيسى ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتنىڭ روشەن سۇ بۆلگۈچ  بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قانداق بىر شائىردىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قىسقا، ئىخچام، مەركەزلىك، رەڭدار، مەنىدار، جەلىپكار، چۈشىنىشلىك... ئىپادىلەشنى ھەردەم تەلەپ قىلىدۇ. شائىر تاھىر تالىپ شېئىرىيەتنىڭ بۇ مۇھىم تەرەپلىرىگە شائىرلىق ۋىجدانى بىلەن ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، قەلبىنى ھەم قەلىمىنى بۇزماي، خاس ئىجادىيەت مىتۇدىنى سەمەرىىك مەنىۋىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئاللا بۇرۇنلا شەكىللەندۈرۈپ بولغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
ئىشىنىمىزكى، «ئادەمنى ئادەمگە چۈشەندۈرۈش يولىدا ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە يارىتالىسام، مەن ئۆمرۈمدىن رازىمەن، ئادەم ۋە ئادىمىيلىك مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك تىما» دەپ ئىپتىخارلانغان بۇ گۇمانىس شائىرنىڭ ئادەم ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ كۆپىيىپ، زورىيىپ بارىدۇركى، ھەرگىزمۇ شالاڭلاپ تۈگەپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تۇلپار قەلىمىگە بەرىكەت تىلەش بىللە، ئەۋلادلىرىمىزنى بىر-بىرىگە چۈشەندۈرۈش ۋە ئىشەندۈرۈش يەنىمۇ ئىپتىخارلىق شېئىرلارنى روياپقا چىقىرىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشنى، ھەمدە ئېزىز تېنىنىڭ ئەبەدىي سالامەت بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!



Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«كەچمىش» رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە




(ئوبزور)


ئابلاجان بوۋاقى





     ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل-1987 يىللىرى يازغان «ئېھ، ھايات»، «گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر» ناملىق نادىر ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بەدئىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «رەڭدار قۇيۇن»، « ئۇ كۆزلەر»، «باھاردا ياغقان قار»، « ھاڭگىرت كۆلى»، « ئوربىتا»، « ئارمان»، « مەختۇمسۇلا»، « تىمتاس شەھەر»، «تاش شەھەر»، «شەھەردە كالا يوق» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ، ناھايىتى ئىجابىي ۋە زور ئەدەبىي غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان مۇنەۋۋەر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «كەچمىش» ناملىق تۇنجى رومانى 2011-يىلى 7-ئايدا «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» ۋە « شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەجداد ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز روھىنى قېزىپ، يىلتىزلىرىنى ئىزدەپ، ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولۇپ يۈرگەن بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسسىغان ۋە چاڭقىغان يېرىگە بېرىپ، مۇھاكىمە-مۇتالىئە ۋە  بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن تالانتلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوبزورچىلار رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا خېلىلا ۋەزنى ئېغىر بولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رومان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ رومان ھەققىدىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار  گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، غەيرى بىرەسمىي سورۇنلاردىمۇ ئاغزاكى بايان قىلىنىپ، ئىجابىي باھالار ھەر دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى. بەزىلەر بۇ روماندا يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدىيە ھەققىدە توختىلىپ:« روماندا توختاخۇن ئەۋلادىنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلىش ئارقىلىق، ئەينى دەۋرلەردىكى خەلقىمىزنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىزنى ھاياتلىقنىڭ شۇنداقمۇ كۈنلىرى-تاڭسۇق قىسمەتلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىققا ۋە ئىشەندۈرۈشكە دەۋەت قىلغان…» دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ روماننىڭ ئوبراز يارىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى  چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ:« بۇ روماندا توختاخۇن، يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۇكېرىم قارىھاجى، ھېلىماخۇن، رۇستەم، روزىقارى، زەينەپ، نەمەت، ئالتۇنگۈل…» قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا يارىتىلغان. پېرسۇناجلار ئوبرازلىرىنى يارىتىشتا ئاپتور تەبئىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈنئىيلىكتىن خالىي بولۇپ، ئۆز پېرسوناجلىرىنى شۇ دەۋرنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ئىچىگە قويۇپ، ئىنسان روھىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ياراتقان…» دېسە؛ يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى باسالمىغان ھالدا بۇ روماننىڭ تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، تېتىملىق، مەنىدار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىچە پىكىر بايان قىلىشاتتى. يەنە ئايرىم ساندىكى ئوي -پىكىرلىك بەزى كىشىلەر :« بىزدىنمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىدەك چوڭ ھەجىملىك، مۇنەۋۋەر، دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى رومان يېزىلىپتۇ، دېسەك، بىراق ئاۋۇ ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› ۋە ‹تۇلپارمۇكاپاتى› نى قانداق باھالىدىكىن، مۇشۇ رومانغا نەزەر-گۈزىرىنىمۇ سېلىپ قويماپتۇ…» دەپ ئېغىر پۇشقۇنۇش ئىچىدە ئۇھسىنىشاتتى.  شۇنداق، مەيلى ئۇلار ئاددىي بىر ئاددىي (مەندەك) ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسۇن، بۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ بەدئىي دىتىغا قايىل بولماي قالمايتتى. رومان ھەقىقەتەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ، مەيلى تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش،تارىخنى، شۇ تارىخ ئىچىدىكى ئالاھىدە «كەچمىش»لەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پېرسۇناجلارنىڭ ھاياتىي-پائالىيەتلىرىنى  ئەكس ئەتتۈرۈش، شۇ دەۋرگە خاس بولغان مىللىي خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز يارىتىش، تىل ئىشلىتىش، بايان قىلىش ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىش جەھەتلەردىن بولسۇن، ئەسىرىمىزدە يېزىلغان ۋە نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ ئالدى ئىدى.
يولى كەلگەندە شۇنىمۇ دەپ  ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەتتا بەزى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى بولغان ئوقۇرمەنلەر بۇ روماننى «تارىخىي رومان» دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرۈپ:« … چۈنكى، بۇ روماندا توغراقلىقتىن ئىبارەت ئادەم ئايىغى تەگمىگەن ئالتۇن ماكاندا تۇنجى بولۇپ ياشىغان نەچچە ئەۋلاد ئاددىي، ساپ دىل، سەمىمىي، ئوت يۈرەك، كۆيۈمچان (كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى روھىي بۇلغىنىشنىڭ زامانەن تېڭىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، مېھنەتكەش، ئۈمىدلىك، مەردۇ-مەردانە، ساداقەتمەن، ۋاپادار كىشىلەرنىڭ ھايات تارىخىي ئوبرازى ھەرقايسى دەۋردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساستا يىغىنچاق بايان قىلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن. بىز ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىنى ھىدلىيالايمىز، قەلب تىۋىشلىرىنى ئاڭلىيالايمىز، ھايات ئىزلىرىنى ئاسانلا تاپالايمىز…» دەيتتى. ئۇلار راست ئېيتاتتى. مەنمۇ بۇ روماننى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان چېغىمدا زەينەپخان ئانىنىڭ 20 ياش ۋاقتىدىلا ھالال جۈپتىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىن بىخەۋەر چۆچۈرىدەك بالىلىرىنى مىڭبىر مۇشەققەتتە يىگانە ھالدا بېقىش جەريانىدا تارتقان قىيىنچىلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي رەھمەتلىك ئانامنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلغانتى. دېمەك، بۇ روماندا ئاز كام ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتىي «كەچمىش»لىرى ناھايىتى روشەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مېنىڭچە، بۇ روماننى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، بۇ روماندا ئىپادىلەنگەن ۋەقەلىك ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك، مۇرەككەپ، ئەگرى-توقاي، كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان ۋە ئالاھىدە مۇھىتتىكى قىستۇرۇلغان ئەسلىمىلەرگە تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاپتور بۇ روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى يېزىشتىن ئاۋۋال قايتا-قايتا ئويلانغان، تاۋلىغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلىگەن بولغاچقا، بايان قىلىش جەريانىدا ئوقۇرمەننى زىنھار زېرىكتۈرۈپ قويمايدۇ. بۇ روماننى ئوقۇپ بەھر ئېلىپ روھىي مەلھەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىغا ئالغان ئوقۇرمەننىڭ ئۇنى ئوقۇپ تۈگىتىپ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمىغىچە، قولىدىن چۈشۈرگىسى كەلمەيدۇ. ئوقۇپ بولۇپ تەگسىز ئويلارغا غەرق بولغىنى بولغان. ئۇنداقتا، روماندىكى ئوقۇرمەننى شۇنچىۋالا جەلب قىلغان ۋە ئويغا سالغان نەرسە زادى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىلەر قەلبىدە شۇنچىلىك بېسىلغۇسىز ھاياجان پەيدا قىلالىدى؟…بۇ پەقەت تونۇش ۋە تۇتاش مەھەللىلەر، ئوتلۇق، سەمىمىي، نۇرانە چىرايلار، يېقىملىق، تەبئىي، يېقىشلىق تۇرمۇش، ئەگرى-توقاي ھاياتلىق مۇساپىسى ۋە ئىنساننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنىڭ پەردازسىز ئىپادىلىنىشى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ تىلى، بولۇپمۇ جايىغا كەلتۈرۈلۈپ ئىشلەتكەن ئاجايىپ كېلىشىملىك ھەم پاساھەتلىك ئوخشىتىشلىرىدۇر.
ھەممىمىزگە روشەنكى، چىنلىق-ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن خالىدە ئىسرائىل قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «كەچمىش»تەك تارىخىي ۋە رېئالنى تۈسى قويۇق بولغان ئەسەرنىڭ جېنى بولۇپ، ئۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن ھاياتلىق ئىماگلىرىنى ھېس قىلىپ، روھىي مەنزىلگە يېتىدۇ. بۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەدئىي دىتى قوشۇلۇپ، ئەسەرنى روھ كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان بۈركۈتسىمان  ئانا قۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بىر تەرەپتىن زوقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېتىك ھوزۇرغا ئىگە قىلىدۇ.شۇنىمۇ ئالاھىدە قوشۇپ قويۇش كېرەككى، يازغۇچىنىڭ بۇ نادىر رومانىدىكى پېرسۇناجلارنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى سۇ-سۇ قىلىپمۇ تاشلايدۇ، تېخى! مانا، ھەم ھاياجانغا  سالالايدىغان، ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان، ھەم يىغلىتالايدىغان، ھەم ئۆلتۈرەلەيدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىك پەقەت ئۆزىنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ دەردى، قىسمىتى، روھىي ئىچىگە قويۇپ، يۈرەك قېنى بىلەن ئەسەر يازغان مۇنەۋۋەر، ئوت يۈرەك، قىسمەتكار يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا چىنلىق بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
مولھوسۇللۇق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ بايانغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پېرسۇناجلارنىڭ روھىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن سىزىپ بېرىپ، ئاجايىپ زور بەدئىي ئۇتۇققا ئېرىشكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور توغراقلىقتا كۆك دېھقاننىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان رۇستەمنىڭ نازىرنىڭ جىيەن قىزىنى  ئېلىپ، نازىر ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە  مېھرىبان ئانىسىدىن ئايرىلىپ تەڭ يۆتكىلىپ، مۇدىرلىققا ئۆسكەندە، ئاسمىنى كەڭ يەردە، ساددا، يامان غەرەزسىز، مېھرىبان، ۋاپادار، قەلبى ئاتەش كىشىلەر بىلەن بىللە چوڭ بولغىنىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، دۆڭكۆۋرۈكتىن كىچىك ماشىنا بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىۋاتقانلاردىن ئىچى پۇشۇپ  ئۇلارنى تىللاپ كەتكەنلىكىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىدىكى ئەسلىنى ئۇنتۇپ، بىھۇدە ئاينىپ، كۆزىگە ياغ تولۇپ،  ئالجىغانلىقىدەك خاراكتېرىنى ئۇستىلىق بىلەن  ئېچىپ بېرىدۇ :«…نېمانداق قاملاشمىغان خەق بۇ؟… تىجارەت قىلسىمۇ يولنىڭ تېشىدا قىلسا بولمامدۇ، ئاۋۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا لاغايلاپ يۈرگەنلەر نېمىشقا پىيادىلەر يولىدا ماڭمايدىغاندۇ؟…». ئويلاپ باقساق، رۇستەم ئەسلىدە ھېچقانداق يول تەرتىبى يوق، چەكسىز كەتكەن قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توغراقلىقتا، بىر مۆمىن، ئەسلىگە سادىق بەندىنىڭ ئۆيىدە  چوڭ بولغان ئەركە، تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، ئاددى-ساددا، مېھرىبان بالا ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ «نېمانداق خەق بۇ؟» دېگەن سوغۇق جۈملىسىدىكى «خەق» زادى كىم؟ ئاپتور شۇنچىلىك قىسقا دىئالوگ  ئارقىلىق شەھەر مۇھىتى، زامانىۋىيلىق ۋە باشقا ئاتالمىش «دەۋر سادا»لىرىنىڭ  كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى قانداق ئاينىتىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.    ئاپتور يەنە خەلقىمىزنىڭ ئەينە ۋاقىتتىكى ھال-كۈنلىرىنىڭ تۈگىمەس تېگى ۋە  تۈكى يوق باجلار تۈپەيلىدىن قانداق پاجىئەلىك ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ:«…يەر بېجى، ئۆي بېجى، تۇز بېجى، ئوتۇن-سامان بېجى، چاي بېجى، ياغ بېجى، باغ بېجى، بازار بېجى، يول بېجى،  كۆۋرۈك بېجى، چارۋا بېجى، تۇياق بېجى، تۈگمەن بېجى… دېگەندەك ھەددىي-ھېسابسىز باج ئالۋان-ياساقلار كىشىلەرنىڭ گەجگىسىدىن بېسىپ تىن ئالالماس قىلىپ قويدى…». قاراڭ، بۇ تەپسىلاتلار تەسۋىرىنېمە دېگەن چىن، ئۇنىڭ  قايىل قىلىش كۈچى نېمە دېگەن زور-ھە؟ بۇ تەپسىلاتلار تەسۋىرى قانداق قىلىپ شۇنچىلىك چىنلىققا ئىگە بولالىدى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئاپتورغا نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئۇ مۇھىت ئىنتايىن تونۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتور ئۇزاق يىللىق كۈزىتىشنى زارىقىش ئىلكىدە ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكرار ئويلىنىپ، ئۆز روھىنى ئاشۇ ساماۋىي قۇملۇقتىن ۋە ياپيېشىل توغراقلىقتىن ئىزدەپ تېپىپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەمەلىي يېزىقچىلىققا كېرىشكەن. مانا بۇ خىل روھىي تاۋلىنىش ئەسەرگە باقىيلىققا تۇتاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە مەڭگۈلۈك ئاسايىشلىق ئاتا قىلغان.
ئىككىنچى، تالانتلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ روماننى تىل جەھەتتىن خاسلىققا ئىگە قىلغان. ئېنىقكى، «تىل-ئەدبىي ئەسەرنىڭ تۇزى» (ئەھمەد دەرۋىش). تىل جەھەتتىن پىشمىغان، تاۋلانمىغان، ئانا تىلنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرمىگەن ھەرقانداق بىر بەدئىي ئەسەر ھەرقانداق جاھانشۇمۇل ۋەقەنى ئەكس ئەتتۈرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئەۋلادلارنىڭ قەلب قەسىرىگە نەقىشلىشىگە ساززابەر بولالمايدۇ.
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل رومانىدا ھەر بىر دەۋردىكى پېرسۇناجلارنىڭ خاس خاراكتېرىنى يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا  نامايەن قىلىشتا ئۇنىڭ ئىشلەتكەن تىلىنىڭ خاسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بىلىشىمىز كېرەككى، تارىخ تەكرارلانمايدۇ، ئەگەر تەكرارلىنىدۇ دېسە، ئۇ ھامان قەلبتىكى پىغاندىن زاھىرلانغان قەلەم ئارقىلىق ئەدىبىي ئەسەرلەردە تەكرارلىنىدۇ، بۇ خىل تەكرارلىق قانداقتۇر ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ تەكرارلاش بولماستىن، بەلكىي ئۆلگەن تارىخقا ھەقىقىي مەنىدىكى قان تەقدىم قىلىپ، جان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى-يولى بىلەن جانلىق تەكرارلاشتىن ئىبارەتتۇر.  شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، مىللەتنىڭ تىلىمۇ تارىخ ئىچىدىن پەقەت ئەدەبىياتنىڭ ھامىيلىقىدا يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي مەنىدە نامايەن قىلىدۇ. كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«ئەڭ ئالىي يوليورۇق، ئىچىدە ئاش بولمىسا، تاغار ئۆرە تۇرغان يوق، توغراقلىق دېگەن يۇرتتا، دېھقانغا يەيدىغان ئاش يوق. قەرزگە ئالاي دېسەڭ، ئامبارچى بىلەم كويجى يوق. قۇرۇق گەپنى تولا قىلما، نەمەت دېگەن گېلى پوق…». قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ كۈلكىلىك قوشاقنى ئوقۇغاندا، بۇ روماننى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن چوقۇم بۇنى داۋۇت كاناينىڭ نەمەت تازغا قارىتىپ دېگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ-دە، بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئىزتىراب ئىلكىدە ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىدەك كۈلۈپ، پۇخادىن چىقىدۇ ھەم سولچىللار سورىغان شۇنداق بىر دەۋردە داۋۇتنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان پاجىئەدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ.  
شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، بىر ئەل سۆيگەن ئەدىبنىڭ بىرىنچى ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى ئۆز مىللىتىنىڭ روھىي پاكلىقىنى قوغداپ، روھىي ۋە ئېتىقادىنى تاكامموللاشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ئالاھىدە جىلۋىلىنىدۇ. شۇڭا ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ روماندا كۈنىمىزدە ئىستىمالدىن قالغان ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان :«…دەرسگۇيلۇق، ئۈمتۈلدى، دەستار، ئاتالىق غازى، غەللە-تاناپ، كاجۋا، شانا، جىرغا، دىڭزى، يۇلقۇنۇپ، كۆلۈ، دۇمبا، خامىرى، پەتتە…» قاتارلىق سۆزلەرنى جۈملە ئىچىدە جايى-جايىغا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نىسبەتەن قەدىمىيلىككە ئىگە بولغان بۇ سۆزلەرنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ بايلىقىنى مۇجەسسەملەنگەن غەزىنىسىدە كام بولسا زادى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، ئاپتور ئۆز رومانىنى يەنىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا قۇۋۋەتلىك رول ئوينايدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى دەل ئورنىدا ئىشلىتىپ ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىشلارنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىنى ھېچكىمنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان  بىر ھالەتتە روياپقا چىقىرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىردەك قايىللىقىنى  قوزغايدۇ. مەسىلەن:« ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالغان سەبىي كۆزلەر، توزاققا چۈشكەن قۇش قانىتىدەك لىپىلداپ كەتكەن ئۇزۇن كىرپىكلەر… ئۇ باش ئۈستىنى يېشىل پەردىدەك توسۇۋالغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن بۇلاق تەرەپكە تەقاززالىق بىلەن قارىدى… جىمىرلاپ تۇرغان پايانسىز قۇملۇقتا خۇددىي بىر تال ئارغامچىدەك سوزۇلۇپ ياتقان  يولغا… چېكى يوقتەك بىلىنىدىغان ۋەھىمىلىك كېچىلەردە بوراننىڭ ھۇشقۇيتىشى، دەرەخلەرنىڭ غىرىسلاپ ئىڭرىشى، قوناق شاخلىرى بىلەن چاتقاللارنىڭ شۇۋۇلدىشى، ئۆگزىدە نېمىلەرنىڭدۇر تاراقلىشى خۇددى يىراق غايىپ شەھەردە بەزمە قۇرغان جىنلارنىڭ نەغمە-ناۋاسىدەك بىلەتتى (بۇ جۈملىدە جانلاندۇرۇشمۇ جايىدا قوللىنىلغان)… ئۇي تۇۋىقىچىلىك يېرى، نوغۇچچىلىك سۈيى بولمىغان دېھقاننىمۇ دېھقان دېگىلى بولامدۇ؟… خۇددىي غۇر-غۇر شامالدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ يېنىك مەۋجىدەك تۈرۈم-تۈرۈم قۇملارمۇ، بورانلىق دېڭىزنىڭ ئۆركەشلىرىدەك ئېگىز، ھەيۋەت قۇملارمۇ بار ئىدى…» ۋاھاكازالار. ئىزدەپ كەلسەك، مۇنداق مىساللارنى ناھايىتى كۆپلەپ تاپالايمىز، ئەلۋەتتە. بۇندىن باشقا ئاپتور تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت تەسۋىرىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن  بولۇپ، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ چىنلىقى ۋە گۈزەللىكىمۇ روماننىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئالاھىداە ئاشۇرغان. كۆرۈپ ئۆتەيلى:«…ئۇپۇقتا قۇياش ئاستا-ئاستا پېتىپ كېتىۋاتاتتى. كۈننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ سەھەردە قىزغۇچ، چۈشتە كۈمۈشرەڭ، كەچتە پېتىپ كېتىۋاتقان كۈننىڭ رەڭ جۇلاسىدا قىزىل تۈس ئالغان قۇملۇق نامازشامنىڭ خىرە-شىرە پەردىسى ئاستىدا بىر پەس زەڭگەر بولۇپ كۆرۈندى ۋە بۇ رەڭ بارا-بارا قويۇقلىشىپ زېمىن بىلەن تۇتاش كەتكەن، سىياھتەك قاراڭغۇلۇققا چۆمدى…»، « ئىللىق، تىنچ كۈز كۈنلىرىدە توغراقلىق گويا تۇتاش كەتكەن، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك دولقۇن ئىچىدە چايقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بىر خىللىقنى بۇزۇپ تۇرغان ئېتىزلاردىكى يېڭىدىن ئۈنۈپ چىققان ياپيېشىل كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى بىرنەچچە كۈن قەيسەرلىك قىلىپ باقىدۇ-دە، ئاخىر تەن بېرىپ، ئاستا-ئاستا بۇ چەكسىز سېرىقلىق ئىچىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. سارغايغان باغلاردا كۈز ئاپتىپى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پىشۇرغان يەل-يېمىشلەر، ئېتىزلاردا سارغىيىپ پىشقان، توپا باسقان قوناقلار ئەتراپتا مەست قىلغۇچى پۇراقلىرىنى تدرقىتىدۇ…» قاراڭ، بۇ تەسۋىرلەر ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگىلا خاس بولغان تەسۋىر بولغانلىقى بىلەن گۈزەللىك  ئالىمىدە يىگانىدۇر، ئەلۋەتتە.
تۆتىنچى، بۇ روماندا ئۆزىگە خاس بولغان ئىنسانىي خاسلىققا ئىگە پېرسۇناجلار ئوبرازلىرى خېلىلا جانلىق يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ قازىدىغانلا بولساق، ھازىرمۇ مەزكۇر روماندا تەسۋىرلەنگەن توختاخۇن، تۇردىئاخۇن، ئابدۇكېرىم قارىھاجى، زەينەپخان، ئالتۇنگۈل، گۈلناز، نەمەت تاز، ئابباس نازىر، رۇستەم ۋە روزىقارىلارنىڭ پروتېتىپىنى ئەتراپىمىزدىن تېپىش ئىمكانىيىتمىز پۈتۈنلەي يوق ئەمەس. چۈنكى، بۇ روماندا تەسۋىرلەنگىنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى، پېرسۇناجلار بولسا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۆزىمىز بولۇپ، بىزنى مىڭ قېتىم ئوقۇشتىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك ھېس قىلدۇرمايدۇ. بىراق ئەينى رېئاللىق بىلەن ئەسەردىكى ھاياتىي تۇرمۇش ۋە زامانىمىزدىكى «بىز» بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناجلارنى تامامەن ئوخشايدۇ، دەپ سېلىشتۇرۇپ تۇرۇۋېلىشمۇ ئىنسان ئەقلىگە سىغمايدۇ، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلىنىڭ «كەچمىش» ناملىق بۇ رومانى ھەر جەھەتتىن مۇۋەققىيەتلىك يېزىلغان رومان بولۇپ،  بىر ئاددىي ئوقۇرمەننىڭ بۇنچىلىك بىر ئاددىي تەسىراتى-«ئىككى كەلىمە»سى بىلەن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۈگەللەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر خالىس نىيەتلىك ئوقۇرمەننىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى دادىللىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىش بىلەن بىللە كىچىككىنە يېتىشسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
بىرىنچى، رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بۇ رومان بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەچچە دەۋر ۋە شۇ دەۋردە ياشىغان نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھاياتىي «كەچمىش»لىرى تەسۋىرلەنگەن رومان بولغاچقا، ۋەقەلەر بىرئاز زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە، بەزى ۋەقە-تەپسىلاتلار ناھايىتى تەپسىلى يېزىلىپ، يەنە بەزىلىرى ناھايىتى كولتا بايان قىلىنغان. گەرچە بۇ ئاپتورنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ ياكى مەركىزى ئىدىيەگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەر تەپسىلى، ئانچە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس يەرلەر قىسقىراق يېزىلىدىغان بولسىمۇ، مەن بۇ پىكرىمنى يەنىلا ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. مەسىلەن: بىرىنچى قىسىمدىكى ئالتىنچى باب ئاران ئىككى يېرىم بەت، يەتتىنچى باب بولسا تۆت يېرىم بەت يېزىلغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇنىڭدىمۇ مۇھىم بولغان مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىكىن، تەپسىلىرەك يېزىلىشى ياكى باشقا بابقا قوشۇۋېتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ مېنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىم، قالغىنى ئاپتورنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر.
ئىككىنچى، بۇ روماندا يەنە ئايرىم جۈملىلەر ئىچىدە بەزى سۆزلەر توغرا قوللىنىلمىغان. مەسىلەن:« تېزراق بېدە چىقسا، يۇمران، سېمىزلىرىنى چاناپ-چاناپ چۆچۈرە ئەتسەم، غورا سېلىپ ئاش ئەتسەم…دەپ ئويلايتتى» دېگەن بۇ جۈملىدىكى «چاناپ-چاناپ» دېگەن سۆز توغرا قوللىنىلمىغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «سوقۇپ-سوقۇپ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە توغرا بولاتتى. بۇنى ئاپتور ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھەر، يېزا-قىشلارلاردىمۇ «چاناپ-چاناپ» دەپ ئىشلەتمەيدۇ.  يەنە بىرى بۇ ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاپتور بىلمەيدىغان يەردىمۇ بولمىسا كېرەك. يەنە كۆرۈپ باقايلى:« بىر ئاخشىمى ئادەم كۆپ چىقىۋالغان بىر ئۆي گۈلدۈر-غالاپ قىلىپ ئۆرۈلۈپ، كىنو كۆرۈۋاتقانلارنى چاڭ-توزانغا پۈركىدى» دېگەن جۈملىدىكى «پۈركىدى» دېگەن سۆز جايىغا چۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا «كۆمۈۋەتتى» دېگەن بولسا ناھايىتى توغرا، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بولاتتى. يەنە تېخى مۇنداق جۈملىلەرمۇ ئۇچرايدۇ:« بىر چەتتە، ئەتىگەن ئوماچ قايناتقان چوڭ قازاننىڭ قىسمىقىنى تالىشىپ، كۈچۈكتەك بوغۇشۇۋاتقان…» دېگەن جۈملىدىكى «قىسمىقىنى» دېگەن سۆز «قىژمىقىنى» دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. چۈنكى «قىسماق» دېگەن تۇتىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ قازاندىكى قىژماق بىلەن ھېچقانداق مەنەن يېقىنلىقى ياكى مۇناسىۋېتى يوق. «يەنە قانداقلا بولمىسۇن تۆت ئەزايى ساق قايتىپ كەلگىنىنى ئويلاپ، كۆڭلى سەل تەسكىن تاپتى…» دېگەن بىر جۈملىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىكى «ئەزا» «تۆت» ئەمەس، «بەش» بولسا توغرا بولاتتى. يەنە روماندا :« ئورتاقچى، دەسماللاپ، پېرىمۇ ئوقۇتتى، ‹ئېچىل سۇپرام›…» دېگەن سۆزلەرمۇ توغرا ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، ئەسلىدە جانلىق تىل بويىچە «ئوتاقچى، دەسمال، ‹ئېچىل داستىخىنىم، ئېچىل›، دەپ يېزىش بىلەن بىللە «پېرىمۇ ئويناتتى» دەپ ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇندىن باشقا ئاپتور ھەممىمىزگە تونۇش ۋە ئەسىرلەردىن بېرى قېلىپلىشىپ قالغان «غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلدىن خەۋىرى يوق» دېگەن ماقالنى « غوجامنىڭ قورسىقى توق، كەمبىغەل بىلەن ئىشى يوق» دەپ ۋاريانتلاشتۇرۇپ، ئېلىپ قويغان. مېنىڭچە، «قۇل» بىلەن «كەمبىغەل» دېگەن ئىككى سۆز ئىككى مەنىدە بولسا كېرەك. گەرچە «قۇل»لارنىڭ ھەممىسىنى «كەمبىغەل» دېيىشكە بولسىمۇ، بىراق «كەمبىغەل»لەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «قۇل» بولىشى ناتايىن.
ئويلايمەنكى، گەرچە بۇ سەۋەنلىكلەر بۇ روماننىڭ يۇقىرىقىدەك  مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمىسىمۇ، ئاپتورنىڭ ھەم ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىپ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىمىزدە تۈزىتىۋېلىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن!



«سۇزاق» دېگەن يۇرتنىڭ نامى توغرىسىدا ئىزدىنىش



سۇزاق دېگەن بۇ يۇرت-قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي يۇرت-ئايماقلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يۇرت قەدىمىيلىككە ئىگىلىكى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئائىلىسىنىڭ نىسبەتەن زىچلىقى، كۆجۈملىكى، غەربتىن جەنۇبقا نىسبەتەن سوزۇلغانلىقى(سوزۇنچاقلىقى)، پارچە-پارچە بىرنەچچە توقايلىق ۋە بوستانلىقتىن تەركىب تاپقانلىقى سۈيىنىڭ مول، تۇپرىقىنىڭ مۇنبەتلىكى ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكى  بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ يۇرت ئەل ئىچىدە قەدىمدىن باشلاپ «كەڭرى غوجام» دەپ ئاتىلىپ تەرىپلىنىدۇ. ئېھتىمال بۇ نام بۇ يۇرتنىڭ كەڭ بىر پارچە زېمىن پۈتۈنلىكىگە كۆرە ئېيتىلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. چۈنكى، بۇ يۇرتنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىدا ئىككى يارلىق، غەربىي بىلەن جەنۇبىدا ئۈچ (قىزىل، تۈمەن ۋە چاقماق) دەريا بار بولۇپ، بۇلار بۇ يۇرتنى باشقا يۇرتلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ. مەن تۆۋەندە مۇشۇ قەدىمىي يۇرتقا مۇناسىۋەتلىك  بەزى كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:
1.        «سۇزاق» دېگەن بۇ قەدىمىي نام توغرىسىدا
بۇ نام توغرىسىدا بىر قىسىم ماتېرىيالللاردا ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار ۋە خام-پىششىق چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاان بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. 1) قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ 1986-يىلى تۈزگەن «قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى»دە « ‹سۇزاق› دېگەن نام توغرىسىدا» ۋە « ‹باش سۇزاق› دېگەن نام توغرىسىدا» دېگەن ماۋزۇلاردا بەزى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تۈزگۈچىلەر ھېچقانداق ئاساسسىزلا «كەنت كومتېتى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان» دەپلا ئەسكەرتىش بەرگەن. ئېنىقكى، بۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان بىر دوگمىلا بىر چۈشەنچە بولۇپ ھېچنېمنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇ يۇرتتىكى ئاياغ سۇزاق، توقاي توغرىسىدىمۇ قايىل قىلارلىق بىرەر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. پەقەت تىلسۇزاق توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ:« بۇ يۇرتنىڭ يەر شەكلى سوزۇنچاق بولغانلىقى ئۈچۈن ‹سۇزاق› دەپ ئاتالغان» دەپلا قويغان. بۇ سەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چۈشەنچە بولۇپ، تىلسۇزاقنىڭ يەر تۈزۈلىشى ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەمنىڭ تىلىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان بولۇپ، سوزۇنچاق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 2) «قەشقەر ۋىلايىتى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە « ‹سۇزاق› دېگەن سۆز بىلەن ‹سۇغا ئۇزاق› دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىسىدىكى فونىتېكىلىق يېقىنلىقنى تەكىتلەپ، ‹ سۇزاق-سۇغا ئۇزاق دېگەنلىكتۇر›» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە بۇ قاراش سەل-پەل ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندەك كۆرۈنسىمۇ، تەتقىق قىلىپ قارىغاندا، يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك پاكىت-ئاساسقا ئىگە ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن دائىملا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان «بەش ئېرىق»  دەپ ئاتىلىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر بار بولۇپ، ھازىرمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان ھەم «كىچىك ئېرىق» دەپ ئاتىلىدىغان كەنت-مەھەللىلەر بار. يەنە بىرى، بۇ يۇرت چاقماق دەرياسى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەشكېرەم، ئاۋات ۋە قوغان قاتارلىق  بىر قانچە يېزىلارنىڭ  ئوتتۇرىسىغا جاتيلاشقان بۇ يۇرتنىڭ يەرلىرىنى سۇغىرىش بىلەن شۇ يېزىلارنىڭ يەرلىرىنى ئۈنۈملەشتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك مەنبەلىك رول ئوينىغان. شۇنداق  ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ يۇرت ھەرگىزمۇ بۇ «تەزكىرە»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك «سۇ ئۇزاق» بولغان بىر يۇرت بولماستىن، بەلكىي، سۈيى خېلىلا ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت ۋە كەڭ، خەلقى ئىناق-ئىتتىپاق، ئەل تۇرمۇشى قوۋناق بولغان بىر يۇرتنىڭ نامىدۇر. 3) 2010 –يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «قەشقەر مەجمۇئەسى»نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن «قەشقەر مەجمۇئەسى»نىڭ ئادىل مۇھەممەد قەلىمىدىكى «قەشقەر يەر-ناملىرى» ناملىق كىتابتا تۆۋەندىكىلەر بايانغا ئېلىنغان:« سۇزاق- قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر كەنت نامى. بۇ يېزا ‹تۆۋەنكى سۇزاق، ‹يۇقىرىقى سۇزاق› دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.» دەپ  ئېلىنىپ مۇشۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك «تىل سۇزاق» دېگەن چوڭ بىر بۆلەك نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، كۆڭۈلنى  غەش قىلىدىغان بىر ھال روياپلانغان. بۇ كىتابتا يەنە مۇنداق يېزىلغان:« ‹سۇزاق› سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹يېزا-كەنت›، ‹كوچا-كوي›، ‹ مەھەللە› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام قەدىمكى تۇرپان تېكىستلىرىدىمۇ ئۇچرايدىغان ئىبارە بولۇپ، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›دە ‹يېزا-كەنت› دەپ ئىزاھلانغان.» بىراق ماتېرىياللاردا بولسا ئاتالمىش فونىتېكىلىق «يېقىن»لاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق «سۇزاق» بىلەن «سۇغا ئۇزاق» دېگەن سۆز ۋە سۆز بېرىكمىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىلىرى قويۇلۇپ، « سۇزاق-سۇغا ئۇزاق دېمەكتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نام ئەسلىدە «ئىپتىدائى جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىدا، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش(تەڭ تەقسىماتچىلىق) يېمىرىلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكى ئىدى. كېيىنچە بۇ بەگلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بىرلىككە ئىگە بولغان ئاھالىلەر ياشايدىغان ئورۇننىڭ نامى بولۇپ قالغان. «سۇزاق» سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يېزا-كەنت»، «كوچا-كوي»، « «مەھەللە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى بىر تەرەپتىن يۇقىرىدىكى شەرھىي-بايانلارنىڭ توغرىلىقىنى چغشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكېرەم بوستانلىقىدا ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرىدا ۋە قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ باشلىرىدا «يېزا-كەنت»لەرنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ماسلىشىپ ئالدىدا ماڭغانلىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2.        سۇزاق دېگەن يۇرتنىڭ دائىرىسى
      سۇزاق دېگەن يۇرت قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، شىمالىي تەرىپى ھازىرقى بەشكېرەم يولىغا جەنۇب تەرىپى قىزىل دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. شەرقى ۋە غەربىي تەرىپىدە ئىككى يارلاڭ بولۇپ، شەرق تەرىپى ئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمپۇتۇق، يالا-يىڭچىكە كەنتلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ تەۋەدە باش سۇزاق (ھازىر قوغان يېزىسىغا قارايدۇ)، تىل سۇزاق كەنتى، لەنگەر كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، توقاي كەنتى (بۇ كەنتلەر ھازىر دۆلەرباغ يېزىسىغا قارايدۇ)قاتارلىق بەش كەنت بار بولۇپ، نوپۇسى 20000مىڭغا يېقىن.  كېيىنچە بۇ چوڭ يۇرتنىڭ غەرب ۋە شەرق تەرىپىدىكى يارلاڭلار شۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سۇ ئامبېرىغا ئۆزگەرتىلگەن. (ھازىر ئاۋات يېزىسى تەرىپىدىكىسى « دايالاڭ» ۋە ۋاپ كەنتى تەرىپىدىكىسى «شىياۋ يالاڭ» دەپ خاتا تەلەپپۇز قىلىنماقتا.)
  قارايدىغان بولساق، سۇزاق دېگەن بۇ تارىخىي ئاتالما-يۇرتنىڭ شىمالىي قىسمىي تارراق بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى تەدرىجى كېڭىيىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى كەلكۈن-سەل ئاپەتلىرىنىڭ  سەۋەبىدىن ئاياغ تەرەپلىرىنى سۇ كۆپرەك  ئېلىپ قېچىپ شۇنداق بولغان بولۇشى مۈمكىن. بۇ يۇرتنىڭ شىمالدىن جەنۇبىغىچە تە‍خمىنەن 10 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلىقى كەڭ يېرىنىڭ بەش كېلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سۇزاق دېگەن بۇ يۇرتنىڭ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇنچاق كەتكەن جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا سۇزاق دېگەن بۇ نامنى ئىزاھلاش كۇپايىلەنمەسلىكىمۇ مۈمكىن. بۇ يەنىلا دەسلەپكى ئىزدىنىش باسقۇچىدىكى بىر ئوي-پىكىر، خالاس.
     بىز يۇقىرىدا سۇزاق دېگەن بۇ تارىخىي نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان يۇرتنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە ئىككى يارلىق بار دېگەنىدۇق. شەرق تەرىپىدىكى يارلىق سۇزاق دېگەن يۇرتنى ئاۋات يېزىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەبئىي پاسىل ھاسىل قىلغان. غەرب تەرىپىمۇ ئوخشاشلا قوشنا (ۋاپ كەنتى، ۋاپ مەيدان، قازئېرىق كەنتى) كەنتلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل بولۇپ قالغان. سۇزاق مانا مۇشۇ ئىككى يارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوزۇلۇپ جايلاشقان. بۇ يارلىقلارنىڭ تارىخىي سۇزاق دېگەن بۇ يۇرتنىڭ تيارىخىي بىلەن زىچ باغلانغان.
  قەدىمكى دەۋردە سۇزاق خەلقى چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قىسمەن باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىللە قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سودا-تىجارەت ھەم ھۈنەر-كەسىپ بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردىن پەقلىق ياشاپ كەلگەن.
   ئازادلىقتىن بۇرۇن سۇزاق بەشكېرەم بەگلىكىگە تەۋە بولغان بىر يۇرت بولۇپ، 1950-يىلى بەشكېرەم رايون بولۇپ قۇرۇلغاندا ئالتىنچى يېزىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. 1954-يىلى قازئېرىق رايونىنىڭ ئالتىنچى يېزىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1958-يىلى قوغان يېزىسىغا تەۋە ئالتىنچى چوڭ ئەترەت بولغان. 1950-يىللارنىڭ  ئاخىرىدا كونا شەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاۋات يېزىسىنىڭ سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزىلارنىڭ ئەمگەك كۈچىنى قوزغاپ سۇزاقنىڭ شەرقىدىكى يارلىقنىڭ ئاۋاتقا تەۋە بولغان يىڭچىكە كەنتى بىلەن تۇتاش يېرىدىن چوڭ توسما توسۇپ سۇ ئامبېرى ياسىغان بولۇپ، بۇ سۇ ئامبېرى ھازىرغا قەدەر ئاۋات يېزىسىنىڭ سۇغۇرۇش قىيىنچىلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ سۇ ئامبېرىنىڭ باش تەرىپى ئاۋات يېزىسى تەرەپتىن ئاۋات يېزىسىىنىڭ يىڭچىكە كەنتى بىلەن، قوغان يېزىسى تەرىپى قوغان يېزىسىنىڭ كىچىك ئېرىق كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. توسما قىسمى بولسا شەرق تەرىپى ئاۋات يېزىسىنىڭ يىڭچىكە كەنتى بىلەن غەرب تەرىپى تىلسۇزاق كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ سۇ ئامبېرىنى «ئاۋات» ياكى  «يالاڭ» سۇ ئامبېرى دەپ ئاتايدۇ.
   سۇزاقنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يارلىققا 1970-يىللاردا قوغان يېزىسى تەۋەسىدىكى 15كەنتتىكى خەلق ئاممىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى  سەپەرۋەر قىلىپ، ۋاپ كەنتى بىلەن ئاياغ سۇزاق كەنتى تەۋەسىدىكى ئاۋات  يولىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ توسما توسۇپ، سۇ ئامبېرى ياساپ، شۇ تەۋەدىكى كەنتلەرنىڭ سۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلغان. بۇ سۇ ئامبېرى «سۇزاق» ياكى «ۋاپ» سۇ ئامبېرى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى.
     1998-يىلى قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن قوغان يېزىسىنى كونا شەھەر ناھىيەسىدىن قەشقەر شەھىرى ئۆتكۈزىۋالغان چاغدا سۇ باشقۇرۇش تارماقلىرى سۇغىرىش ئىنشائاتلىرىغا نېمە سەۋەبتىنكىن، تارىخىي ئەنئەنىگە يات بولغان نام بىلەن ئاتالغان.   ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. يەرلىك ئىسىملار ئەمەلدىن قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
2013-يىلى ئاۋات يېزىسىنى قەشقەر شەھىرى يەنە شەھەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋات سۇ ئامبېرىغا «دا يالاڭ» ۋە «شىياۋ يالاڭ» دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان. ھازىر بولسا سۇزاقتىن ئىبارەت چوڭ بىر يۇرت قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە بىرقانچە چوڭ زامانىۋىي يوللار ئېلىنىپ، ئېگىز-ئېگىز بىنالار سېلىنىپ، ئاجايىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن كۆۋرۈكلەر ياسىلىپ، ھەر بىر ئۆزگەرگەن مەھەللىلەرگە ھەر خىل ناملار بىلەن ئىسىم قويۇلماقتا.  بۇ يەردىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋە ئۆي-ماكانلىرىنى زامانىۋىي شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەردانىلىك بىلەن تەقدىم قىلماقتا.
بىراق كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئىش تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك ناملار ھېچچبىر سەۋەبسىزلا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي يۇرتنىڭ تارىخىي ئىزى ۋە نامى ئۆچۈش ئالدىدا تۇرماقتا. گەرچە سۇزاقتىكى ھەر بىر مەھەللە، كوچا ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ مىڭ يىللاردىن ئاشقان، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان ۋە مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۇردۇشئاخۇن غېرىبىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى مەشھۇر «كىتابى غېرىب»تا قەيت قىلغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر، بۇ قەدىمىي نام-ئىسىملار تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر ئېغىر خاتالىق. شۇڭا ھەممىمىز بۇ تارىخىي ئۇزۇن يۇرتتىكى تارىخىي ناملارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىكتىن ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.
يەنە بىر تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئىش شۇكى، بۇ يۇرتنىڭ مەركىزىدە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك «سۇلتان سۈزۈك غازى پادىشاھىم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر چوڭ، تارىخي مىڭ يىللاردىن ئاشىدىغان بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، 2014-يىلى 7-ئايدىن ئېتىبارەن ئەسلى ئورنىدىن قوغان يېزىسىنىڭ چۆجەباش (قەشقەر پويىز ئىستانسىسى) ئەتراپىغان يۆتكىۋېتىلدى.
قىسقىسى، پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى بۇ تارىخىي ئۇزۇن قەدىمىي يۇرتنىڭ ئەسلى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ھېچبىر سەۋەبسىزلا ئۆزگەرتىلىپ نام-نىشانسىز يۇتۇپ-يوقاپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. بۇ بىر ئىلىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى خەلق يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ھەرقانداق يول، قۇرۇلۇش-بىنالار ۋە باشقىلارغا مۇشۇ يەردە ئەسلىدىن بار بولغان جۇغراپىيەلىك ناملارنى قويۇشنى  خالايدۇ، بۇ جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.

      
«تۆشۈك مونچاق»نىڭ قىممىتى


(ئوبزور)



ئابلاجان بوۋاقى




  «تۆشۈك مونچاق يەردە قالمايدۇ».
                                      -ئۇيغۇر خەلق ماقالى
    ئۆزىنى ۋەتەن-ئەل ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مىننەتسىز بېغىشلىغان ھالال قان-تەرلىك، ۋىجدان-غۇرۇرلۇق بىر ئەدىب ئۈچۈن ھاياتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئالتۇن پەسلىنى ساپ  ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا ئۆتكۈزۈش ئانچە ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك. نەچچە ئەسىرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزغا چەكسىز ئىپتىخارلىق نەزەرىمىز بىلەن كۆز سالغىنىمىزدا، بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە، چىدامچان، سەبرى-تاقەتلىك؛ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى پاك قان-تەرىدن روياپلانغان ھالال، ئۆزگىچە ئىجادىي ئەمەلىيىتى بىلەن روشەن ئىپادىلەپ، ھايات گۈلىستانلىرىنى ئۈن-تىنسىز ھالدا خۇشپۇراق گۈللەرگە ئورىيالىغان ساھىبى قەلەم ئىگىلىرى بارماق بىلەن سانىغۇچىلىكلا، ئەلبەتتە. شۇنداق، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت مۇئەييەن بىر ئادەمنىڭ ھاياتىي قەدەم ئىزلىرىغا كۆرە ئېيتقاندا، ناھايىتى زور ئۈمىدۋارلىق ئىلكىدىكى ئۇزۇن روھىي مۇساپىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنى باشقىلار (قەلەم ئىشى بىلەن مەشغۇل بولمايدىغان)غا نېسبەتەن قەلبىگە ئەدەبىياتنىڭ ئۆچمەس ئوتى ئەبەدىيلىككە تۇتاشقانلار بەكرەك چوڭقۇر ھېس قىلاللايدۇ. ئېنىقكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇرەككەپ، زىل، جاپالىق، ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ئىلمىي پائالىيەت بولۇپ، بۇ يولغا كىرگەن ئوت يۈرەك ئەدىبتىن ئىشقىي ھىدايەت بىلەن ۋىجدانىي دىيانەت تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئەدىبنىڭ روھىي پاك، ئېتىقادىي مۇستەھكەم، ئۈمىدۋارلىك تۇيغۇھى بالقىپ تۇرىدىغان، نىيىتى دۇرۇس بولسىلا، ھاياتىدا كۆزلىگەن  نىشانىغا يېتىپ، كۆچمەس تاغلارغا ئوخشاش خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالالايدۇ. ئەكسىچە، تەمە، سا ختا شان-شۆھرەت ۋە مىننەت بىلەن ئۆزىنى گۆللەپ، كۈنلىرىنى ساناپ دېگۈدەك ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش «ئەدىب»لەر لەنەت تۈۋرىكىگە مىقلىنىپ، ھەرقانچە قىلسىمۇ «قىر»دىن ئاشالمايدۇ.
كۆزگە كۆرۈنگەن مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئابلا ئەھمىدى مەدىكار ئاكا 1935-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۈلغان بولۇپ، ئەدەبىيات سېپىگە 1958-يىلى شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگەندىن بۇيان ئاجايىپ  يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆگىنىش ئىرادىسى، چىدامچان خاراكتېرى ۋە ئىجاد قىلىش روھىغا تايىنىپ، يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە 300 پارچىدىن ئارتۇق داستان-باللادا ۋە شېئىرلارنى ئېلان قىلدۇرۇش بىلەن بىللە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە-پوۋېست، نەسىر، ئوچېرىك؛ «يول ئۈستىدە»، «بۇزۇلغان قەسەم»، «ئوغۇلخان»، «ئادراسمان چېچەكلىگەندە»، «تۇنجۇققان سۆيگۈ» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى؛ «يىللار»، «تۆشۈل مونچاق» ۋە «داۋالغۇش» قاتارلىق رومانلارنى خەلقىمىزگە مىننەتسىز تەقدىم ئېتىپ، ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان ساھىبى قەلەم ئىگىسىدۇر.
بۇ ماقالىدە يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، بىر ئەدىبنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك مىقداردىكى ئەسەرنى يېزىشى ۋە نەشر قىلدۇرۇشى  مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ يازغانلىرى ئۆزى ياشىغان دەۋر كىشىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئېتىپ بېرەلىدىمۇ-يوق؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش ۋە ئوبرازلار نىسبەتەن خاسلىققا ئىگە قىلىندىمۇ-يوق؟ شۇ مىللەت ۋە قەۋمنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەم ئۆرپ –ئادىتىگە ئۈستىمۇ-ئۈست چۈشەمدۇ يوق؟ ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رېئاللىق ئىچىگە ئۆزى مەۋجۇد بولغان مىللەتنىڭ ئىچكى-تاشقى بەلگىلىرى ماھىرلىق سىڭدۈرۈلدىمۇ-يوق؟ ئۇ ئاشۇ يازمىلىرى بىلەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرى ۋە نەچچە ئەۋلاد ئىزباسارلارغا يۈز كېلەلىدىمۇ، كېلەلەمدۇ-يوق؟ ئەدەبىياتنىڭ قېنى بولغان مىللىي خاراكتېرنىڭ يالقۇنى  يۈرەككە تەگكىدەك يورۇتۇپ بېرىلدىمۇ-يوق؟...قىسقىسى، ئۇنىڭ ھاياتىي پۈتمىشلىرى تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەلنىڭ نەزەرىدىن ئۆتەلەمدۇ-يوق؟...
مەن مانا مۇشۇ ۋىجدانىي مەنتىقىدە تۇرۇپ، ھاياتىنىڭ 80داۋانىدىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاتاقلىق يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى مەدىكار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، يىمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، روھ ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئومۇرتقىلىرىدىن بىرى بولغان قەدىمىي شەھەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك قىسمەت بەدەل كەچمىشلىرى خېلىلا ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە خېلىلا تويۇنغان، چىنلىق تۈسى قويۇق، ئەنئەنىۋىي تۈپلۈككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى بىلەن «بەدئىي قامۇس» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان «تۆشۈك مونچاق» رومانىنىڭ ھەر جەھەتتىكى قىممىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
مۇئەللىپ ئابلا ئەھمىدى مەدىكارنىڭ چىن دىللىق پوزىتسىيە بىلەن ئېيتقىنىدەك:« رومان-ئېكرانسىز كىنو» بولغانلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر دەۋر، خەلق، مەدەنىيەت، ئۆزگىرىش، روھ، تۇيغۇ ۋە ئىچكى-تاشقى قىياپەتلەرنىڭ بەلگىسى روشەن ئىپادىلىنىپ، يازغۇچىنىڭ قەلبى ۋە قەلىمى ئارقىلىق ئۆلگەن تارىخقا جان كىرگۈزۈپ، ئەڭ كەڭ دەۋرنىڭ ئەڭ جەسۇر قەھرىمانلىرىنىڭ يارقىن ئوبرازى  بىلەن روھىي زەيپانە  ماڭقۇرتلىرىنىڭ خۇنۇك ئوبرازى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلىدۇ.
يازغۇچىنىڭ «تۆشۈك مونچاق» رومانى ئاددىي كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتىكى تۇرمۇشى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەلەرنى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ماھىرلىقى، ياراتقان ئوبرازلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە ققىلىنىش بىلەن جانلىقلىقى، پېرسوناژلىرىنىڭ روھىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ۋە ھاياتىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئەگرى-بۈگرىلىكى، يەرلىك پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى ۋە ئاممىبابلىققا ئىگە بولغان تىلىنىڭ تاۋلانغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
روماندا روزى سەرراپ بىلەن ئەپروزىخان ھەم قۇددۇس ئاخۇن بىلەن سانىخاندىن ئىبارەت ئىككى ئائىلە (بىر ئائىلە دېسىمۇ ھەم بولىدۇ، سانىخان بىلەن ئەپروزىخان ئاچا-سىڭىل) كىشىلەرنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇرەككەپ كەچۈرمىشلىرى قىزىقارلىق ۋە ئىزتىرابلىق  ھېسسىياتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن مەرۋانەمدىن ئىبارەت ئەقلى سەگەك، چىچەن، گۈزەل، خاس خاراكتېرگە ئىگە  روھىي ئويغاق بىر قىزنىڭ بىر قېتىملىق قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبلىك  دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلماي (ئانىسىنىڭ خۇراپاتلىقى تۈپەيلىدىن)، داخانغا ئوقۇتۇپ، داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىپ، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشتەك پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى مەركىزى ئوق قىلىپ ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئەينى دەۋرنىڭ تۈسى، مىللىتىمىزنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالى قايىل قىلارلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، مەن بۇ روماننى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ قارايمەن:
1. روماننىڭ (ئاپتور ياكى پېرسوناژلار تىلى بولسۇن) خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. تىل-بىر پارچە (چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن) ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئۇنى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش ئەدىبتىن ھېچ بولمىغاندا ئۇزۇن ۋاقىت ئەل ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ كۈزىتىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە تەكرار پىششىقلاپ تاۋلاپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئۈستى ئوچۇق موزېي» دەپ ئەل كۆڭلىگە يېقىن بولغان قەدىمىي شەھەر قەشقەردە 80 يىللىق ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن بۇ تەۋەررۈك يازغۇچىمىز رومانىدا تېخىچە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولمىغان، تىل ئارقىلىق ئەزىزانە قەشقەر كوچىلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە سېھىرلىكلىكىنى  ھەردەم ئەسلىتىدىغان، ئاتىلىشى ئۆزگىچە ۋە مەنىسى چوڭقۇر يۈزلىگەن سۆزلەرنى مىڭلىغان جۈملىلەردە ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن جايىدا ئىشلەتكەن بولۇپ، مەن بۇ سۆزلەملەردىن ئاز بىر قىسمىنى مىسال قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن:« رىزقى-تۆمەم، ساغدىقى، روگەي، قادىغاللاپ، بۇدەپەن، ھوپ-جوپ، خارج، نامەندە، رېزە-رېزە، جەررا، پېيكىنىپ، ئوخرىسى، ھەقىر، كوساراپ، غولغۇن، ئاسۇقۇپ، ئۇتۇقۇپ، بوزاخانە، خۇنۇقۇش، ئۆمسىلەڭ، چۇراپ، دوۋۇسا، دېكىنىش، يالانچۇق، سوغالدى، جاڭداپ قېلىش، نىكۈنىكى، دۇدۇزلىتىپ...» قاتارلىقلار.
مانا بىز كۆرۈپ تۇرغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىگەن سۆزلەر زامانىمىزدىكى باشقا ئەدىبلەرنىڭ رومانلىرىدا بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ. ياش ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسا ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.  روماندا بۇ سۆ‍زلەر جۈملە ئىچىدە ناھايىتى جايىغا كەلتۈرۈپ قوللىنىلغاچقا، ھەر بىر جۈملىگە جان كىرگۈزۈپ روماننىڭ ئوقۇشچانلىقى ۋە جەلبكارلىقىنى ئاشۇرغان. روماننىڭ تىلى ھەققىدە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش زۆرۈركى، بەزى پېرسۇناژلار( ئەپروزىخان، سانىخان، روزى سەرراپ...)نىڭ ئاغزىدىن چىققان ئايرىم سۆزلەر قەشقەر كوچىلىرىدا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ، شۇنچىلىك ياشقا كىرگەن كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن-ماس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئوقۇرمەندە سەل-پەل غەشلىك ھېس قىلدۇرۇپمۇ قويىدۇ. سىر ئەمەسكى، قەشقەر كوچىلىرىدىكى بىز خەق(ئۇيغۇرلار)نىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە « ‹بىر›نى-بىژژى، ‹بولۇپتۇ›نى-بولاپتا، ‹جۈرسىلە›نى-جۈسىلە، ‹قارىسىلا›نى- قايلىسىلا، ‹بار ئىدى›نى- باتى، ‹قىلسىلا›نى- قىسىلا، ‹كىرگەن›نى- چىگەن، ‹كىم›نى- چىم، ‹جۇمۇ›نى-جىما...» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ، تىڭشىغۇچىغا مەردانە، يېقىشلىق، يەرلىك خاس تۇيغۇ ئاتا قىلدۇ. بىراق روماندا بۇ تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىندىمۇ ياكى مۇھەررىر، كوررېكتورلار  «ئىشلەپ» قويدىمۇ، بىلەلمىدىم. مەن جەزم قىلالاليمەنكى، بۇ تىل ئۇستىسى، پىشىۋا يازغۇچىنىڭ ئەستايىدىل خاراكتېرىدىن قارىغاندا، بۇنداق ئەھۋال بۇ رومان-«قامۇس»تا زاھىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى...
روماننىڭ تىل يېقىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا  يەنە شۇنداق روشەن ئالامەتلەر كۆزگە چېلقىدۇكى، رومان تىلىنىڭ شېئىرىي خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتورنىڭ شائىرانە ھېس-تۇيغۇسىنىڭ بەرنا مەھسۇلى بولغان  شېئىرىي پارچىلاردىن باشقا، چوڭ-كىچىك ئابزاسلاردىكى جۈملىلەر ئىچىدىمۇ تاۋلانغان ھېس-تۇيغۇ بىلەن قاپىيەلىك سۆزلەرگە تويۇنغان شېئىرىي ئېلمىنتلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قايىللىقىنى قوزغايدۇ:« كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دوستلىرىم تەزگىلى، ئائىلەمدىكىلەر مەندىن بەزگىلى تۇردى...دېھقان خەقنىڭ قولى ئوچۇق، كۆڭلى نازۇك...گاچا، ئىككى پۇتى ئاچا، ئاچىنىڭ ئارىسىدا قاچا دەپ... غەمزىسى يوق، نەغمىسى يوق...تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى ئىچىگە خۇنۇكلۇك، رەڭدارلىقى ئىچىگە رەڭۋازلىق، لەززىتى ئىچىگە بەدبۇيلۇق، سۆلكىتى ئىچىگە بەدخۇيلۇق، ھەسرىتى ئىچىگە جۈرئەت، كۈلپىتى ئىچىگە سەمىمىي، پاك مۇھەببەت يوشۇرۇنغان...مەرۋانەم سازاڭدەك تولغىنىپ، قارماققا ئىلىنغان بېلىقتەك پىلتىڭلاپ چىشلىرىنى كاراسلىتاتتى... ئۆمۈر بويى چىرايىدىن تەبەسسۈم ئۆكسىمەيدىغان مەرۋانەم بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ، بوراندەك گۈركىرەپ، يامغۇردەك تۆكۈلۈپ...كۈز تۇماقچىنىڭ، ئەتىياز دوپپىچىنىڭ...خېرىدار كور بولسا، كاسىپ ئاچ قاپتۇ...بەش بالاڭ نان دەيدۇ، ئەزرائىل جان دەيدۇ....ئەجەلگە ئاغى يوق...ئۆزى سەزگر، قۇلىقى ئۆتكۈر...». ئىزدەپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
2. روماندىكى ماۋزۇلار خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. قارىماققا بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ماۋزۇ ئۇنچىۋىلا مۇھىم ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. بىراق ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭقۇرراق ئويلاپ كۆرسەك، ماۋزۇنىڭ خاسلىققا ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ جەلبكارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەسەر ۋەقەلىكىنى ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پېرسوناژلار ئوبرازىنى ئۆز ئەۋزەللىكى بويىچە خاسلىققا ئىگە قىلىشتا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىمىز. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئاپتورنىڭ بۇ رومانغا قويغان «تۆشۈك مونچاق» دېگەن نامىمىۇ نىسبەتەن ئىچ مايىللىققا  ۋە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننى جەلب قىلىش بىلەن بىللە ئوقۇپ ، «تۆشۈك مونچاق»نىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ، قىزىقتۇرىدۇ. بۇندىن باشقا روماندا يەنە «بىر جۈپ سەمەندەر»، « تەڭرى سالغان كوي»، « كامىلنىڭ ‹كامىل›لىقى»، « قۇزغۇن ‹ئوۋدا›»، « كۆيۈك ئاپتاپ»، « شاۋقۇن» ۋە «قۇتراش» قاتارلىق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ماۋزۇلار بار بولۇپ، بۇلار بىر تەرەپتىن قىسقا، ئىخچام، مەزمۇنلۇق؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇن بىلەن ناھايىتى جىپسىلاشقانلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.
3. ئاتاقلىق يازغۇچى بۇ رومانىدا يەنە ئۆزىنىڭ ھايات ۋە ئادەملەرگە بولغان ھەققانىي قارىشى، چۈشەنچىسى ۋە لىللا باھاسىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ گاھىدا بايانچىنىڭ تىلى بىلەن ئىپادىلەنسە، گاھىدا پېرسوناژنىڭ تىلى بىلەن نامايەن قىلىنغان بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى ئەخلاق، مەدەنىيەت، ھاياتلىق قىممىتى، ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە قەدرى-قىممەت يۇلتۇزلىرىنىڭ بىقىياس نۇرلىرى خىرەلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئەۋلادلارنى تەرنىيەلەشتە مول مەزمۇنلۇق بىر « قوللانما-دەستۇر» بولۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ئاچچىق، ئىزتىرابلىق ۋە بېسىقماس ھېس-تۇيغۇلارغا قەلبى پەۋەسلەنگەن بۇ ئاقساقال پۇچۇلغان يۈرىكىىنى مەھكەم قاماللاپ تۇرۇپ شۇنداق نېدا قىلىدۇ:« ئادەم بارلىقلار ئىچىدە ئەقىللىق بولغىنى ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكى، ئاچكۆزلىكى ئالدىدا ھېچقانداق مەخلۇق يىپ ئىشەلمەيدۇ. ئالايلۇق، يولۋاس ھايۋانلدار ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىيس، ئەڭ يىرتىقۇچى. ئېچىرقاپ كەتكەندە، قورسىقىنى بىر قېتىم تويغۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىدىن بىرنەچچە ھەىسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يوغان بولغان پىلغا ھۇجم قىلىشتىن يانمايدۇ. قورسىقى شۇنداقلا تويسا، تۇمشۇقى ئاستىدىلا ئوتلاۋاتقان كېيىك، توشقانغىمۇ كۆزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قويمايدۇ. بىرى ئاچچىقىنى كەلتۈرمىسە، ئۆزى زورلاپ باشقا بىرى بىلەن جەڭگى-جىدەل قىلمايدۇ. گەرچە ئادەمگە كېرىكى قورسىقى تويغىدەك تائام، ئۇچىسى يېپىلغىدەك كىيىم، باش پاتقىدەك ماكان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى بايلىقلارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىۋالسىمۇ، نەپسى قانائەت قىلمايدۇ. قالغان يېرىمى كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ، كۈندۈزى بىكار تۇرالمايدۇ، كېچىسى تۈزۈك  ئۇخلىيالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى بىر چىشلەم ناننىمۇ تارتىۋېلىش كويىدا ئىشلەتمىگەن ھىيلىسى، قوللانمىغان چارىسى قالمايدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى شەكىللەنگەندىن  بۇيانقى قانلىق ئۇرۇشلار، ئوغرىلىق، قاتىللىق، ئالدامچىلىق، خائىنلىق قىلىشلارنىڭ  مەنبەسى پەقەت بىرلا، يەنى ئاچكۆزلۈك- نەپسانىيەتچىلىك. نەپسانىيەتچىلىك-ئىنسان تەبئىتىدىكى ئەڭ روشەن بەلگە، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق...». قاراڭ، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىڭىزدا :« راست، يازغۇچىلىق دېگەن ئىنسان تەتقىقاتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. يازغۇچىنى ئىنسانشۇناس دەپ ئاتىساق تاماممەن توغرا بولغىدەك...» دېگەن ئويغا كەلمەي قالمايسىز. بۇنداق ئاقىلانە، توغرا، دانا ۋە سىغىمچان يەكۈن ئاقساقال ئەدىبنىڭ ئۇزاق يىللىق ھاياتىي تەجرىبىلىرىدىن تىندۇرما بولۇپ، بىزنىڭ روھىيىتىمىزنى يەنىمۇ پاكلاپ، ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئېتىقادمىزنى تاۋلاپ، ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئوپتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئەۋلادلارنىڭ ھايات يولىغا ئەبەدىي نۇرى ئۆڭمەس مەشئەل يېقىپ، ئەجدادلارنىڭ مۇبارەك ئىزىنى سۆيۈپ، ئۇلۇغ مەن‍زىلگە يېتىشىمىزدە رېئالنى ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر.
4. روماننىڭ ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت-توقۇنۇشلار دراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ روھىيىتىدىكى لىرىك چېكىنىش، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ھېس-تۇيغۇلارنى روشەن ئىپادىلەىش ئۈچۈن پىشقان قەلىمىدىن ئۈنچىدەك تۆكۈلگەن شېئىرلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئاجايىپ بەدئىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇ. مەسىلەن: تەقدىرى-قىسمەت ئاتا قىلغان روھىي، جىسمانىي ۋە  سۆيگۈ زەربىسىگە مىڭ تەستە بەرداشلىق بېرىپ، لېۋىنى قاساپ ياشاپ كېلىۋاتقان مەرۋانەم ۋىسالغا يېتەيلا دەپ قالغان چاغدا ئاشىقى ئابلىكىم(دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىپ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن) ئىز-دېرەكسىز ويقاپ كەتكەندە، ئاھ،  ئۇرۇپ  ئازابلىنىدۇ، ئۆۈنىدۇ، «كىيگىنى كىپەن، يىگىنى زەھەر» بولۇپ، باغرىنى ئۆرتەيدۇ. يازغۇچى مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ، چېگىش روھىي چھالەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ قەلب كۆكىدىكى پىغانلىق ئىزتىرابلىرىنى شېئىرىي يول  مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
«ئىلاھا، يارىتىپسەن بۇ جاھاننى،
خەلق ئېتىپ ياخشىغا، يانداپ ياماننى.
بېرىپ بۇلبۇلغا جۇت، قۇزغۇنشغا ئاپتاپ،
زېمىستان ئىلكىدە گۈل باغرى زەرداب.
چۈشۈممۇ يا ئوڭۇممۇ بۇ غەيرى قىسمەت،
ۋەيا باش-ئۇچى يوق بىر سىرۇھېكمەت.
ئەجەب كۆڭلۈم بېغىدا ئۆستۈرۈپ گۈل،
پۇراپ، يا تۇتماس ئۇ تەگكۈزۈپ قول.
كېتىپ قالدى قاياققا-بولدى غايىپ،
قىلىپ ھىجران ئوتىنى ماڭا ساھىب.
كۆيۈپ بۇ ئوتتا باغرىم، كۆز يېشىم سەل،
تېشىم گۈل، كىمكى باقسا، توققۇزۇم تەل.
ئىچىم خۇن، قانۇزەردابنىڭ ماكانى،
ھەمىشە يار قىلىپ مېھرۇۋاپانى؛
.......................
گۇناھىم نە مېنىڭ ئالدىڭدا رەببىم؟
تىلىم ئاجىز، قېشىمدا يوق مۇرەببىم!
...........................
ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە ھېچ يوقتۇر پاناھىم،
ھەقىرلىق دەشتىدىن قۇتقۇز ئىلاھىم!...»
يۈرىكىگە سىغمايۋاتقان نالە-پەريادى ئون يىللاردىن بېرى بېسىقمايۋايقان بۇ ئاجىزەنىڭ تىلسىزلىق ئىلكىدە پاك، سۈزۈك، بىغۇبار دىلىدا كۈۋەجەۋاتقان دەردۇ-ھەسرىتىى شېئىردىن باشقا يەنە نېمىمۇ بۇنچىلىك روشەن، دادىل ۋە ئۆزىگە خاس ھالدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ؟ ھېس قىلىشىمچە، تەجرىبىلىك ۋە تالانتلىق ئەدىب بۇ لېرىك چېكىنمىنى ناھايىتى جايىدا قوللانغان بولۇپ، مەرۋانەمنىڭ روھىي سەرگۈزەشلىرىنى مەركەزلىك، روشەن، ھەسرەتلىك، جانلىق، ئىخچام ئىپادىلەشتە خېلىلا  زور بەدئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
5. ئاتاقلىق يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى مەدىكار ئىككى قىسىملىق، 25 بابلىق، 642 بەتلىك بۇ چوڭ رومانىدا ئەسەت تىلىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەللىكنى نامايەن قىلىش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بېرىش ئۈچۈن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىدىن مۇبالىغە، جانلاندۇرۇش ئوخشىتىشتىن باشقا   ئۆزگىچە  خفسلىققا ئىگە بولغان مەجازى ۋاستىلارنى ياساپ، «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغان». مەسىلەن:« دات يەپ كەتكەن قەلىمىنى بىلەپ قويۇش... ئايالىنىڭ تاتلىق تەبەسسۈمى بىلەن بىرلا بېقىشى ئەرنىڭ تىلىنى كەستى...يۈرىكىم ‹ساما›غا چۈشتى...بۇ قېتىم چوقۇم ناخشىدەك گۈزەل، مۇزىكىدەك يېقىملىق بىر مۇھەببەت داستانىنى يېزىۋېتىدىغان بولدۇم...مەرۋانەم ئانا قارنىدا ئۇخلاۋاتاتتى...پىشانەڭدە بىر تونۇرنىڭ ئوتى كۆيۈۋاتمامدۇ؟...بىر تال مويىدىن مىڭ تامچە تەر قۇيۇلۇشقا باششلىغان كامىل چەكچەيگەن كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكتى...ئەگەر ئۇ قىزنىڭ تىلى ئاجىز بولمىغان بولسا، يىپ-يىڭنىدە ئادەم تىكىپ، جان كىرگۈزۈپ، ماڭغۇزىۋېتەرمىكىن، دەيمەن...كامىل كۆك سېغى‍زدەك بوزىرىپ، يوپۇرماقتەك تىترەپ... مەرۋانەم سازاڭدەك تولغىنىپ، قارماققا ئىلىنغان بېلىقتەك پىلتىڭلاپ چىشلىرىنى كاراسلىتاتتى... ئۆمۈر بويى چىرايىدىن تەبەسسۈم ئۆكسىمەيدىغان مەرۋانەم بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ، بوراندەك گۈركىرەپ، يامغۇردەك تۆكۈلۈپ...»   خەيرىيەت، بىز جەۋھەرىياتلارنى بىرمۇ-بىرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەھلىلى قىلىپ، ۋاقىتنى زايە قىلمايلى. شۇنداقلا شۇ يەرگە كەلگەندە دەيدىغان گەپتىن ئاتلاپمۇ ئۆتۈپ كەتمەي شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويايلى: بىزنىڭ بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىز رومانىدا «ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمىدى، تىل كەستى، تاش چىشلەش، قېتىقى ئۇيىماق، بۆرىدەك ھوۋلاپ، قەپەستىكى يولۋاستەك، يۈرىكى ‹ساما›غا چۈشتى، بىر تونۇرنىڭ ئوتى...»قاتارلىق سۆز-جۈملىلەرنى تولا تەكرارلاپ ئىشلەتكەن بولۇپ، گەرچە بۇنچە چوڭ ھەجىملىك رومانغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ سەۋەنلىك ھېسابلانمىسىمۇ، ئوقۇرمەننى سەل-پەل گۇمانغا سېلىپ قويىدۇ.
بۇ روماننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا بىرمۇنچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تۇراقلىق سۆز-ئىبارىلەردىن ئىدىيۇم ۋە ماقال-تەمسىللەر، شۇنداقلا ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇچرايدىغان بولۇپ، روماننىڭ مەزمۇن، تىل ۋە خاسلقىقىغا نىسبەتەن تويۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
روماندا يەنە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر تەرەپ شۇكى، ئانا ئوبرازى يارقىنلىققا ئى‍گە قىلىنغان بولۇپ، «ئانا» بىلەن «ئاپا» مەسىلىسىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭدىڭلاشتۇرغان. گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق بىرەر چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، شۇنچە چوڭ روماندىلى شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئۆز ئانىلىرىنى بىرەر قېتىممۇ ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىل ئىستىمالىدىن بىزگە ئېقىپ كېرىپ، تېزلا سىڭىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن «ئاپا» (ئۆزبېكلەر ئاچىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ) دەپ ئالماشتۇرۇپ ئاتىمىغان. خەلقمىز بولسا «ئاپا» سۆزىنى بىر تۈرلۈك «زامانىۋىي»لىق ۋە «مەدەنىي»لىكنىڭ بەلگىسى دەپ چۈشىنىپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كۈنسايىن كېڭەيتمەكتە. بۇ ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر رېالنى ئەھۋال بولۇپ، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ  قېلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر بىزنىڭ تىلىمىزدا «ئانا» ۋە ئانىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلىگىدەك سۆز بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا مەيلى ئىدى. بىراق بىزنىڭ بۈيۈك ئانا تىلىمىز قەدىمىيلىكى، بايلىقى، ئىپادىلەش قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكى، مەنالارغا بايلىقى، روھىمىزغا يېقىنلىقى، جەپبكارلىقى، قوبۇل قىلىش ۋە شاللاشنى ھەردائىم باشتىن كەچۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ ئەقىللىق مىللەتكە ئورتاقلىقى بىلەن تامامەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا «كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى» دېگەندەك ئۆزىمىزنىڭ ئىزلەتكىنىمىز تۈزۈك. بۇ بىر ۋىجدانىي مەسىلە، خالاس!
قىسقىسى، بۇ رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، سەھىپىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ۋەقە-تەپسىلاتلىرىنىڭ  چىن، ئەگرى-توقايلىقى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى پۇختىلىقى، پېرسوناژلار ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان دوپپا ۋە بازار مەدەنىيىتى بىلەن ئوبرازىنى ماھىرلىق بىلەن بېرىكتۈرۈپ يارتىشتىكى خاسلىقى، تىل جەھەتتىن تاۋلانغانلىقى، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، جانلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى بىلەن روشەن پەرقلەرگە ئىگىدۇر.
ئاخىرىدا بۇ تەۋەررۈك ئاقساقالغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر، مۇۋەپپىقىيەت تىلەش بىلەن بىللە شۇنداق مۇراجىئەت ئەيلەيمەن: ئەي ئاقساقال ئۇستاز، سىزگە ھاردۇق يەتمىدى، ياق، ئەبەدىي يەتمەيدۇ. سسىز مەۋجۇدلىقىڭىزنى ئىجادكارلىق بىلەن نامايەن قىلىسىز. غەيرىتىڭىزگە چەكسىز ئاپىرىن! ھىز ھېلىھەم يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يېزىپ قويغان «سەلەي چاققان»(رومان)دىنمۇ چاققانسىز. سىزنىڭ قەلىمىڭىزدىن تامغان « ‹قۇتادغۇبىلىك›تىن يۇقۇندىلار» بىلەن « ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىن يۇقۇندىلار» خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، يېشىل مەنزىللەرگە يار قىلغۇسى! ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ، نامىڭىز قىتئەلەرگە تاراپ، بېشىڭىز كۆككە يەتكەي!
ئاپتور:«كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا
قەشقەر شەھىرى خەلق شەرقىي يولى 51-قورۇ
13999644646


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 16:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئاسمانلار-تاغلار»نىڭ تىلى

«تىل تولىمۇ سېھىرلىك كۈچ، ئۇ ئىبارىلەر تەختىدە مەنىلەرمەلىكىسىنى كۆتۈرۈپ،كىشىلەر قەلبىنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن بېزەيدۇ.»
-ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن

تالانتلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئاتاقلىق شائىر، يىتۈك تەرجىمان، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى
«ئۆز قەلىمىنى ھاياتلىق ھېسسىياتىنىڭ تاتلىق سېزىملىرى بىلەن تويۇندۇرۇپ، تەپەككۇر ساھەسىدە  ۋە روھتا زىل-زىلە پەيدا قىلالايدىغان شېئىرلارنڭ »مۇئەللىپىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك مىللىي پۇراق بىلەن ئالاھىدە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئادەملەردىكى ھاياتلىق ۋە ئۇنىڭ قىممىتى، ئادەملەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئەركى، خاسلىقى، ئۆزگىرىشچان پىسخىك خاراكتىرى، ئارزۇ-ئۈمىدى، ۋاپادارلىق سەزگۈلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئەلسۆيەرلىك تۇيغۇسى... قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇن دائىرىسىگە چېتىلىدىغان غۇرۇر چېقىندىلىرىدىن روياپلىنىپ، زاھىرلانغان ئوتلۇق مىسرالاردىن تەركىپ ۋۇجۇدلانغان. شۇنداقلا، مۇئەللىپ ئۆزى ئېيتقاندەك ئويناق قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان لىرىكىلىرى سەمىمىيەت ئىلكىدىكى نازاكەتلىك تۇيغۇلارغا كۆرە، ئوقۇمەنلەرنىڭ ئوتلۇق قەلبىدە ئادالەتلىك ئەكس سادانى زاھىر ئەيلەيدۇ:« ھەقىقىي شېئىر جاراڭلاپ تۇرىدۇ. كۈندەك روشەن، ئايدەك چىرايلىق بولىدۇ. دەريا سۇلىرىدەك جانلىق، ئانار دانىسىدەك تاتلىق، باھار چېچەكلىرىدەك يېڭى بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى لېرىكا ھېسسىياتنى غېدىقلىمايدۇ، ئۇنىڭدىكى سەمىمىيلىك ناز-كەرەشمە قىلمايدۇ. بۈ يەردىكى لېرىكا بىر خىل سالماقلىقنى، تەمكىنلىكنى، ئادەمىيلىكنى تەكىتلەيدۇ. ئۆتكۈر سۆزلەر، ئوقتەك ئىتتىك جۈملىلەر، جانلىق بوغۇملار ئوقۇرمەنگە ھاياتلىقنىڭ ئېغىرچىلىقىنى، مۇھەببەتنىڭ ھىجرانلىرىنى، دېڭىزلارنىڭ ئۇپقۇنلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ». (ئىمىن ئەھمىدى) شائىرنىڭ بۇ ئىجادىي پىكىرلىك يەكۈنىدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، «كۈندەك روشەن، ئايدەك چىرايلىق، دەريا سۇلىرىدەك جانلىق، ئانار دانىسىدەك تاتلىق، باھار چېچەكلىرىدەك يېڭى» شېئىر  ۋۇجۇدنى لەرزىگە سېلىپ، قەلب كۆلچەكلىرىدە سەھۋەن پەيدا قىلغىنى ۋە قىلالايدىغىنى دەل شېئىرىي تىلدۇر. ئوقۇرمەنگە «ھاياتلىقنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى، مۇھەببەتنىڭ ھىجرانلىرىنى، دېڭىزلارنىڭ ئۇپقۇنلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ»غانمۇ يەنىلا شۇ ھەممىگە قادىر شېئىرىي تىلدۇر.
شۈبھىسىزكى، شېئىرىي تىل شائىرنىڭ ئازب يۈكسەكلىكىدىكى قەلب كۈۋەجىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل مەنىۋىي بەلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن قەلب پىچىدا پىشىپ، مۇھەببەتنىڭ ئالتۇن بوتىسقدا تاۋلىنىپ، شاراب قەدەھلىرىگە سىڭىپ، ئۇپقۇنلاردىن ھالقىغان ئۆزلۈك تېڭىدىكى سەنئەت سۈبھىسىدە بەرنا قۇياشتەك چاقناپ، مىللەتنىڭ روھىي ئېراسىدىكى ئوبراز بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ-دە، خەلق، تەبىئەت ۋە ئەۋلاد ۋۇجۇدىدا ئەبەدىي ئۆلمەس يېشىل ئابىدە تىكلەيدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، شېئىرىي تىلنىڭ نىھايەت بۈيۈكلىكىدىن، پاساھىتىدىن، مۇقەددەسلىكىدىن ھەم تەڭداشسىزلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  
ئۇچقۇر لېرىك ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ھازىرلىغان ياخشى بىر شېئىر شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز-جۈملە ۋە بوغۇم تاۋۇشلىرىدىن ئانا تىلنىڭ جىلۋىدارلىقى ھەرۋاقىت بالقىپ تۇرىدۇ ھەمدە سەنئەتكە بولغان ساداقەتمەن ، سادىق، ئېتىقادلىق يۈرەكلەرنىڭ باقىي تەلپۈنىشى ۋە مۇھەببەتلىك ئىماگلىرى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
شېئىرىي تىل-بىر ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان لېرىك تىل بولۇپ، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئەڭ يېقىن بولغان جايدا پەرىشتىلەر بىلەن تېنىمسىز پىچىرلىشىپ، شائىرنىڭ سەزگۈسىنى ھەردەم ئويغىتىپ، ئىنسان روھىنى كۈيلەرنىڭ تىلسىملىق دېڭىزىغا شۇڭغۇتىدۇ، يولى كەلگەندە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر (شاھانە داستان) «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ جاھانشۇمۇل شان-شۆھرىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن يىگانە ئىددىيىنى ئىپادىلىگۈچى شېئىرىي تىلغا مەنسۇپتۇر. ناۋائىي لېرىلىرىدىكى تۇيغۇدىن تاشقىرى نازاكەتنى ئىپادىلىگۈچى شېئىرىي تىل ئەبەدىي تەنھادۇر.
شېئر-روھنىڭ ئۆزىدە ئاپىرىدە قىلغان سەنئەت دۇنياسىدىكى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنەئى مەۋجۇدىيىتى بولۇپ، قەلب ئالىمىمىزدىكى تۈگۈنلەر ئۇرۇلىشىدىن چېقىلغان چاقماقتۇر»-دەيدۇ مەرھۇم شائىرە ھايات نوپۇس مۇھەممەد.
سۆز تىلدىكى كىچىك، مۇھىم، ئىقتىدارى چەكسىز بىرلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭسىز تىلدا مەنە ئىپادىلەش ۋە ئوي-پىكىرنى راۋان ئىپادىلىگۈچى جۈملە شەكلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۆمكىن ئەمەس.
قىسقىسى، شېئىرىي تىلسىز ئەل، مىللەت، تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ھەمدە سەنئەتتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئۆزۈمگە ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە نەزەر ئاغدۇرسام، دائىم گوركىينىڭ :«دۇنيادا سۆزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالايدىقغانلار ساناقلىقلا، بىراق، ھەرىكەتنى سۆزگە ئايلاندۇرىلايدىغانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.» دېگەن بىر جۈملە سۆزى يادىمدىن كېچىدۇ. يىپ ئۇچى زاھىرلانغان ئوي-پىكرىم ئەنە شۇ يەردىن چوڭقۇرلىشىدۇ-دە، ئىزتىراب ئىلكىدە بىردەمدىن كېيىن جىمىپ قالىمەن. ئارقىدىن يەنە شېئىرىي تىلنىڭ نېداسى بىلەن ئۆزۈمنى تېزلا تېپىۋالىمەن. قايسى بىر دانىشمەننىڭ دېگەنلىكى تازا ئېنىق ئېسىمدە يوق، ئۇ پىر-كامىل:«شائىر بىلەن شېئىرنى بۈيۈك بىلگەن، ئۇلۇغلىغان مىللەتنىڭ تىلى مەڭگۈ يوقالمايدۇ، ئۇنىڭ دىلىنى شېئىرىي تىل بايان قىلىدۇ.»دەپتىكەن. ئويلاپ باقسام راست ئىكەن. شېئىرنىڭ سېھرى كۈچى ھەم قۇدرەت-كامالى شېئىرىي تىل ئارقىلىقلا جارى قىلدۇرىلىدىكەن. «شائىرنى شائىر قىلغان تىل، ئۇ، مىللەتنىڭ  روھىدىن كېلىدۇ... شائىر تىل سېھرىگىرىدۇر، ئۇ بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقاندا، ئۆزىنىڭمۇ سېھىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. تىل قىسمەت ئالدىدا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ، شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىنى باشقىلار دوراپمۇ دوراپ بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ىاسلىققا ئىگە نەرسە.» (بوغدا ئابدۇللا) خۇش، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مۇھاكىمىمىز مەركىزىدىكى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان «يېڭى دەۋر ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرىلىرىدىن نەمۇنىلەر» دېگەن ئومۇمىي سەمەرىلىك نام ئاستىدا روياپقا چىققان «ئاسمانلار-تاغلار»نىڭ تىلى قانداقكەن؟ ئۇنىڭ مۇئەللىپى ئۆز سەمىمىيىتىگە بىنائەن دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلدىمىكىن، قاراپ باقايلى، مېنىڭچە، بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ تىلىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن ئالاھىدە دەپ قاراپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ:
1.«ئاسمانلار-تاغلار» نىڭ تىلى يەڭگىل، ئىخچام، تەبئىي، جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئۆتكۈر، يېقىملىق، تېتىملىق بولۇپ، شائىرنىڭ ئاتەش پىراق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماس ھەم خاس كەلگەن. نەتىجىدە،«شېئىر-شائىرنىڭ يۈرىكى» (ئابدۇللا تۇردى) گە ئايلىنىپ، ۋۇجدلارنى لەرزىگە سېلىپ، بېسىلغۇسىز ھاياجانغا ئاساس بولغان. شۇنىڭ بىلەن ھايدىگىر ئېيتقاندەك:« شېئىرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى تىل ئىچىدىلا مەۋجۇدلۇق ۋە بىرلىككە ئىگە بولۇپ» ھېسسىي تۇيغۇ كېڭىيىپ بارغان ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىپ، دىققىتىنى قوزغىغان:

«كاراپ مەن، بۇدەمدە جەڭلەر دېڭىزىم،
ئۇپقۇنلار يارارمەن ئۆچمەسكە ئىزىم.
ھارغاندا ئۆزۈمنى قويسام زېمىنغا،
يەڭگىنىم شۇ يولدا پۈكۈلمەس تىزىم.
ئانا يۇرت ئاق سۈتى پەرزەنتكە قۇۋۋەت،
خەلق مەڭگۈ يىلتىزىم، ۋەتەن يىلتىزىم.

تاغلارغا قارايمەن، مەزمۇت قارىغاي،
زېمىننى ئۇل قىلىپ كۆككە تاقاشقان.
دەريالار تېنىمسىز قىنىغا پاتماي ،
سۆيۈپ قىرغاقلارنى سەكرىگەن-تاشقان.
بۈركۈت قانچە ئىگىز ئۇچقىنى بىلەن،
ئەمەس ئۆزى ئۆسكەن ئۇۋىدىن قاچقان.
بىمارغا شىپالىق بەرگۈچى گۈللەر،
تۇپراق بولغاچقىلا پورەكلەر ئاچقان.
سەۋەبىنى سورىسام سۆزلەيدۇ بىر-بىر،
خەلق مەڭگۈ يىلتىزىم، ۋەتەن يىلتىزىم.»
«ھايات يىلتىزى»دىن.
بۇ ئون ئالتە مىسرا شېئىر كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھىي بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىچكى چىن ھېس-تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بەدئىي (شېئىرىي) تىل ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى بولغان ۋەتەن بىلەن خەلقنىڭ گىگانت ئوبرازى روشەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ  ھەم بۇ ئون ئالتە مىسرا شېئىردا مەنىسى تۇتۇق ياكى مۇجىمەل، مەنزىلى گۇڭگا ياكى دەبدبىلىك، «ئۆزى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» بولغان تۇترۇقسىز سۆز-جۈملدىن بىرسىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئەجىبا، بۇ «شائىرنى شائىر قىلىدىغان، پىشقان، تاۋلانغان، ئەلدىن كېلىپ، ئەلگە قايتقان، مىللەتنىڭ روھىدىن كەلگەن»، ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرىگە خېلىلا قېنىق تويۇنغان شېئىرىي تىل بولماي نېمە؟ بۇ شېئىردىكى «دېڭىز، مەن، تاغ، قارىغاي، زېمىن (ۋەتەن)، بۈركۈت، ئاسمان ۋە گۈللەر... مۇئەييەن بىر شېئىرىي ئوبراز بولماي نېمە؟!... «تىلنىڭ توغرىلىقى- ئېسىل ئۇسلۇبنىڭ ئاساسىي.» دەپتىكەن بىر ئاقىل. دېمەكچىمەنكى، ئانا تىل-شېئىرىي تىلغا توغرا، ئەستايىدىل، جان بەدەل مۇئامىلە قىلالىغان شائىر شېئىرىي تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى ئۆز لايىقىدا يېڭىلىغۇچى سەركەردە بولۇپ، « شائىر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەۋجۇدلۇقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى» بولۇشتەك ۋىجدانىي بۇرچىنى چىن ھەقىقىتى بىلەن ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغان.
2.شائىرنىڭ ئىپادىلەش يېقىدىكى ماھارىتى نېسبەتەن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ ھەر دائىم ئۆز روھىنى قېزىپ، بەدئىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يىپ- يېڭى شېئىرىي پىكىرلىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى پاساھەتلىك شېئىرىي تىل ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ئېراسىدىكى ئۇچقۇر تەسەۋۋۇر ۋە تاۋلانغان تەپەككۇر، ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇ، يېڭى، پاكىز، مۇكەممەل بەدئىي دىت، مۇپەسسەل شېئىرىي قۇرۇلما ۋە مەجازى ۋاستىلەر بىلەن شېئىرىي تىلنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئەبەدىي ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ھېچنېمىگە بېقىنمىغان ھالدا ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئۈن-تىنسىز سېڭىپ كېتىدىغان شېئىرلارنى ئاپىرىدە ئەيلىگەن. ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات ئەپەندى :« ئالىيجاناب غايە ۋە قايناق ھېسسىيات ئۇنىڭ (شېئىرنىڭ) جېنى، ئۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچى بىلەن ھاياتىي ۋىجدانىنىڭ ئوبرازلىق گەۋدىلىنىشى، ھەقىقىي بىر بەدئىي شېئىر  كەڭ ۋە چوڭقۇر لېرىك مەزمۇن ۋە يۈكسەك بەدئىي گۈزەللىكى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ روھىي ۋە ئەقلىنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى ھېكمەت بىلەن بېيىتىدۇ.» دەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ جەريانلار نېمىنىڭ ياردىمىدە شېئىرىي مىسرالارغا تېزىلىپ، ئۆز گۈزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە نامايەن  قىلىپ، قىزغىن «مۇھەببەت»ىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ؟ ئېنىقكى، پەقەت ۋە پەقەت  شېئىرىي تىل ياكى ئۇنىڭ ياردىمى بىلەنلا تەسكىن تاپالايدۇ ھەم تەلەپكارلارنى تەسكىن تاپقۇزىدۇ. «شائىر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى سەمىمىيلىكتۇر» دەيدۇ رۇس شېئىرىيىتىنىڭ ئەبەدىيلىك بايراقدارى ۋە رۇس تىلىنىڭ نىجادكارى بولغان شائىر پوشكىن. بەلكىم شائىر دەۋاتقان سەمىمىيەت- ۋەتەن-مىللەتكە، ئەجداد-ئەۋلادقا، شېئرىيەتكە، ئانا تىلغا  ۋە شائىرنىڭ خاس ۋىجدان-غۇرۇرىغا ئىزھار ئەيلەنگەن سەمىمىيت بولۇشى مۆمكىن. بىز بۇ تەرەپلەرنى «ئاسمانلار-تاغلار» نىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپالامدۇق-يوق، قېنى، قاراپ باقايلى:
« مېنىڭ بارلىقىمدىن يوقلۇقۇم ياخشى،
ئەل بەرگەن جېنىمنى ئەلگە بەرمىسەم.
مەن ھاۋا، ئىچەر سۇ، يۈرەك قېنىمنى،
مەن غايە، ئېتىقاد، بۈيۈك ئارزۇنى،
ھەتتا سەن ئوقۇغان مۇشۇ شېئىرنىڭ
بېشىغا قويۇلغان ئاددىي ماۋزۇنى،
ھايات بىر رەت دېگەن ھۆكۈمدىن تارتىپ،
ھەممىدىن ھەممىنى ئالدىم ۋەتەندىن.
بۇلارنى ئېرىتىپ جىسمىم ئىچىدە،
كېلەر ئەسىر ئۈچۈن تۆھپە ئورنىدا،
چىقىرىپ بېرىمەن تىرىك بەدەندىن.
ئەلۋەتتە مۈكچەيگەن ئاجىز گەۋدىگە،
شۇنچە قەرزنى ئارتىپ كەتمەك بەك نومۇس.
دېمەك قەرز ئۈندەيدۇ مېنى ياشاشقا،
دېمەك قەرز ئۈندەيدۇ مېنى ئىجادتىن،
ئۆمۈردىن ئۇزۇنراق بىنا ياساشقا.
شۇڭا ئەي گۈزىلىم، ئۆمۈر ھەمراھىم،
خۇشالمەن بىردەملىك بولساممۇ خالىي.
كەل، بىز قېرىتايلى يىللارنى بىللە،
بىزنى قېرىتىشقا يوق يىلنىڭ ئامالى.»

-«قەرزىم مېنى»دىن.

ئېنىقكى، سەمىمىيەت بولمىسا، ئىجادىقيەتمۇ بولمايدۇ. ئىجادىيەت بولمىسا شېئىرىيەت بولمايدۇ. بۈ نۇقتىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن  سەزگۈر شائىر سەمىمىيەتنى، جۈملىدىن شائىرىرانە سەمىمىيەتنى قەلب تۆرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەپ، ۋۇجۇد زېمىنىغا ئجادىيەت بايرىقىنى قاداپ، شېئىرىيەت تۇغىنى لەپىلدىتىپ، ئەبەدىيلىك نىجادىيەت يولىنى تۇتقان. بۇ تەرەپلەردىمۇ شېئىرىي تىل تېگىشلىك رولىنى ھەردەم جارى قىلدۇرغان.
3.«ئاسمانلار-تاغلار»نىڭ تىلى ھەرگىزمۇ ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئېيتىلغان دىئالوگ ياكى بايانىي سۆز-جۈملە شەكىللىك تىل بولماستىن، بەلكىي بىر خىل شېئىرغا خاس بولغان، مەجازى ۋاستىلەرنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان،دىللارغا سىڭگەنسىرى شاراب كەبىي مەۋج ئۇرىدىغان «ھەركەتچان» شېئىرىي تىلدۇر. بۇنداق ئوبرازلىق تىل بىلەن شېئىردىكى ئاددىي مەۋجۇداتلارغىمۇ باشقىدىن قان كىرىپ، شېئرىي مەنزىرە جىلۋىلىنىپ، شېئىرىي گۈزەللىك ۋە ھايات گۈزەللىكى نامايەن بولىدۇ. تىل گۈزەللىكى شېئىرىي گۈزەللىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئەڭ مۇھم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، شېئىرىيەتتىكى ھەرقانداق بەدئىي مۇۋەپپىقىيەت ۋە بالاغەتنى ئۇنىڭدىن ئيرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە مەرھۇم شائىر، ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىننىڭ :« تىل –مىللەت تارىخىنىڭ تېغى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ دەرياسى، مىللىي تۇرمۇشنىڭ تىنىقى ۋە يىمىرىلمەس سېپى... تىل-ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى، قېنى ۋە جېنى.» دېگەن ھېكمەتلىرى بىلەن ئۆز پىكرىمىزنى دەلىللەشكە مۇھتاجمىز.
قېنى، «ئاسمانلار-تاغلار» نىڭ قوينىدىن ئورۇن ئالغام بىشارەتلىك تىلدىن بەھرلەنگەن شېئىرلارنى كۆرۈپ، مۇتالىئە قىلپ باقايلى:



سايلىقتىن ئىزدىدى، قومۇردى تاغدىن،
ئوت يېقىپ كۆيدۈردى، ئەزدى ئۇن قىلىپ.
مىلىدى سۇ ئىچرە، قىينىدى ئاندىن،
پۈركىدى تاملارغا كۇمپەيكۇم قىلىپ.

ۋە لېكىن ئاقلىقى ئۆڭمىدى قىلچە،
پاك قەلبى، رۇخسارى پارلىدى يېنىپ.
ئۇ ئەسىرلەرسىرى ياشاپ كەلمەكتە،
دەۋر بىنالىرىغا گۈزەللىك بېرىپ.»
-«ھاك»تىن.
قاراڭ، شائىرنىڭ شېئىرىي تىلى تەسۋىرلەۋىتىپ، نېمە دەۋاتىدۇ؟ بىزگە قانداق ئۇسۇل بىلەن قانداق ھەقىقەتنى ئۇقتۇرىۋاتىدۇ؟ بۇ ئارقىلىق قانداق ، قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى؟!...
بۇ شېئىرنى ھاياجان ئىلكىدە قانچە قېتىم ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق، بىراق، ھەر قېتىم ئوقۇپ بولساملا، جاھان تۈركولوگىيە پېنىنىڭ ئىجادچىسى ھەم ئاساسچسى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىپتىخارى، ئۇيغۇر پەخىرلىك جان كۆيەرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىدىكى جاھانشۇمۇل قامۇسنىڭ دەۋرانە مۇئەللىپى مەھمۇد كاشىغەرىي كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مەھمۇد كاشىغەرىي ئېسىللار (خانلار) نەسلىدىن بولۇپ، ئەسلىدە قارا خانىلار ئىلىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، دۆلەتنى ھىمايىتىگە ئالسا بولاتتى، ئەلەمدە ەھم قەلەمدە تەڭ يېتىشكەن بۇ ئەزىمەت ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايتتى. بەدنىيەت غەلۋىكەشلەر تۈرلۈك پىتنە-پاسات تېرىپ ئاتىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ قەست قىلماقچى بولۇپ، جان پىدا، قەھرىمان، شىجائەتلىك ئايالىنى شېھىد ئەيلەپ، خۇمسىلق قىلدى. ئالىم ياشلىق ھاياتىنى يىراق-يىراق ئەل- ئايماقلارادا ئۆتكۈزۈپ، ئىلىم دۇنياسىدا يىگانە بەرناغا ئايلىنىپ، جاھان ئېتىراپ قىلغاندا، ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلمىي تتقىقات ۋە ئادەم تەربىيەلەش بىلەن مەشغۇل بولدى. ئوردىغا تالاي قېتىم تەكلىپ ئەتسىمۇ، قوبۇل قىلمىدى. شۇندىن كېيىن راھەت-پاراغەت ئىلكىدە ئوڭيناپ- كۈلۈپ  بىرمۇنچە پادىشاھ- خانلار، ۋەزىر-ۋۇزرالار، سەركەردە-نۆۋكەرلەر ۋە زەردار بايلار... ئۆتتى، ئەمما، تارىخ كىمنىڭ نامىنى نۇرلاندۇردى، ئەلبەتتە، ئىجادكار بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش قەلبى ئاتەشپىراقلارنىڭ! ئۇ گويا پاك قەلبى-رۇخسارى بىلەن دەۋر ئىمارەتلىرىگە گزەللىك ئاتا قىلىپ، ئەسىرلەرسىرى ياشاپ كېلىۋاتقان «ھاك»تەك قەلبىمىزدە پارلاپ كەلمەكتە... بۇنداق ئىپادىلەش، ئەلۋەتتە، شېئىرىي تىلنىڭ بىشارەتكە تويۇنغانلىقىنى تەققاسلايدۇ. يەنە بىر مىسال كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«شارقىراپ بىردىنلا قۇيۇلدى يامغۇر،
دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان.
ماڭا تامچە ئەمەس، گويا تەگدى ئوت،
بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام.
كەلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلەمىدىم مەن،
نامەردلىك بولاتتى ھۇدۇقۇپ قاچسام.
ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق،
ئويلىدىم :  نە بولۇر قوينۇمنى ئاچسام.
يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز،
بىر تاتلىق خىيالدا ئېسىمنى تاپسام.
<ھەي، ئېست> دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم،
< ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!>».
-«ئىككىلەنگەن سۋيگۈ»دىن.
بۇ شېئىرنى شېئىر قىلىپ تۇرغىنى بىر دەملىك ھېسسىيات چېقىنىنىڭ يالداما بايانى بولماستىن، بەلكىي، ئاخىرقى مىسرادىكى جانلىق شېئىرىي تىل روياپقا چىقارغان دىل خېتابىدۇر!
4.«ئاسمانلار-تاعلار» نىڭ شېئىرىي تىلى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئاساسلىقى جانلاندۇرۇش بىلەن خاسلىققا ئىگە قىلىنىپ، ئالاھىدە شېئىرىي مۇھىت ۋە مەنە كەڭلىكىنى يارىتىشقا، شائىرنىڭ پىكىر تۇلپارىنى تېخىمۇ تېز چاپتۇرۇشقا، ئىلھام بۇلىقىنىڭ كۆزىنى يەنىمۇ چوڭراق ئېچىشقا ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىتىشقا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىنى ئويغىتىشتا ئاساس بولىدۇ:
«خىيالىمغا شاماللار قانات،
ئارزۇلىرىم ئايىغىمدا ئات.
نۇرلۇق قىرغاق ئىزدىسەم بۇندا،
دەيدۇ دولقۇن قىلىمەن بەربات.
ياش تۆكۈشكەنىدى قىيالار،
مىتىن بىلەن چاپقاندا پەرھاد.
مەن ئۇپقۇننى يېرىپ ماڭغاندا،
چەككەندىمىز قايسىمىز پەرياد؟
ئايىغى يوق شورتاڭ سۇلارنىڭ
توسقۇنلىرى شۇنچە قاتمۇ-قات.
بەزى ئالداپ باقىدۇ تېخى،
دەيدۇ:‹كەلگىن، قۇچىقىمدا يات›.
سەيياھ قەلبى يېڭىشكە قادىر،
نىشانسىز يول مەقسىتىگە يات.
دېڭىز –ئوكيان شاماللار قوينى،
قىرغاقتىلا مەن كۈتكەن ھايات!».
-«نۇرلۇق قىرغاقلار»دىن

بۇ شېئىردىكى 1-، 2-، 4-، 5-، 9-، 10-، 12- مىسرالاردا جانلاندۇرۇش، بولۇپمۇ جاملاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى شېئىرىي تىلنىڭ ياردىمىدە ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، شېئىردىكى ئىددىيىنى ئېچىپ بېرىشكە يول ئاچقان ھەمدە شېئىرنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنە كەڭلىكىگە زېمىن ھازىرلىغان. جۈملىدىن ئىخچام تىل بىلەن رىئاللىقنى مەركەزلىك ئىپادىلەشتىن ئىبارەت شېئىرىيەت مىزانىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا تۈرتكە بولغان.
5. «ئاسمانلار-تاغلار»دىكى شېئىرلاردا ئاساسەن دېگۈدەك شائىر پىشقان شېئىرىي تىل جەۋھەرلىرىنى ئۆز شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇبلېتى (يېشىم)گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەھرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە شېئىرىي تىلنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىدەك قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆلگە تىكلەپ بەرگەن:

« ھۆركىرەپ نەرە تارتىپ كەلدى دولقۇن،
قۇچاقلاش ئىستىكىدە مەيدە ئاچتىم.
ئوق بولۇپ تەگكىنىدە مارجانلىرى،
گەۋدەمنى زەربىسىدىن ئېلىپ قاچتىم.
سوزۇلدى نازۇك قولى ئايىقىمغا،
ئەقلىمدىن جۇدا بولۇپ قىيا باقتىم.
بىلىمنى چىرمىۋالدى تال-تال چېچى،
مەھلىيا بولۇپ شۇدەم بىللە ئاقتىم.
بىلمەيمەن، مېنى تاشلاپ كەتتى قاچان،
ئەلەمدىن يۈرىكىمنى نەمگە ياقتىم.
ئۇ ماڭا ھەم مېھرىبان، ھەم رەھىمسىز،
بىرنەرسە يوقاتىممۇ ياكى تاپتىم.
قىيالار سۆزلەپ قالدى ئېغىر تىنىپ:
‹ئەي نادان ئويناشقىنىڭ سۇ پەرىسى،
بىلەمسەن، باشتا ھەۋەس، ئاخىر ئازاب،
ھەرقانداق مۇھەببەتنىڭ شەجەرىسى›...».
«سۇ پەرىسى»دىن
بۇ شېئىردىكى ئويناق تەسەۋۋۇر ۋە قايناق تەپەككۇرنىڭ ئاخىرقى ئالتە مىسرا  شېئىردا ناھايىتى لەرزان، مەتەنەتلىك، كۆركەم، جەلبكار، تارتىملىق، تەسىرلىك ئىپادىلىنىپ، ئۇستىلىق بىلەن شېئىرىي مەنىنى- شېئىرىي ۋىسال دەرگاھىنى تاپقانلىقى ئۈچۈن شرېئرىي تىلنىڭ ياردىمىدە  پەلسەپىۋىي پىكىر بىلەن تۈگەللەنگەن...
يىغىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تالانتلىق شائىر ئىمىن ئەھمىدىنىڭ «ئاسمانلار-تاغلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان شېئىرلار تىل مەتانىتى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان شېئىرلار بولۇپ، 56 پارچە (مۇندەرىجىدە) مۇكەممەل شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ توپلام شېئىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك باشقا تەرەپلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپمۇ تەتقىق قىلىنىشقا تامامەن ھەقلىقتۇر. چۈنكى، بۇ «شېئىرىيەت دىۋانى-توزۇمايدىغان گۈل سېۋىتى»دۇر .(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن)

« ئىشىقنامە»نىڭ تىلى

( ئوبزۇر)
بىز يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمەت-ئىپتىخارلىق  ھېسسىياتىمىز بىلەن مەدەنىيەت تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەتتىن ئىبارەت چوڭ، ئۇلۇغ ، جۇشقۇن ھەم ھېكمەتكار ئېقىنىغا چىن دىلدىن ئەقىدە باغلاپ، ئۇنىڭىن تارىغان بىباھا زەرلەر بىلەن روھىنى پاكلاپ، شېئىرىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مەتانەتلىك پىكىرنىڭ مەۋلانە قىيامىدا ئىرادىىسىنى تاۋلاپ، خاس بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرى بولغان سەلتەنەتلىك روھ پىرامىداسىنى زاھىر ئەيلەپ، جاھان ئەدەبىياتىدا زىلزىلە پەيدا قىلغانلىقى نامايەن قىلىنغان ئالتۇن بەتلەرنى ئۇچرىتىپ، شادلىقتىن بېشىمىز كۆككە يېتىدۇ. قەلبىمىزدە ئەبەدىي دولقۇنى پەسەيمەس بىر دەريا پەيدا بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ئەلۋەتتە.
ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، مىرئەلىشىر نەۋائىي، لۇتفى، ئاتايى، سەككاكى، نىزارى، زەلىلى، ھىرقىتى، گۇمنام، مەشرەب، قەلەندەر، ئەرشى، نەۋبەتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەھمەد زىيائى، ئا. ئۆتكۈر ۋە تېيىپجان ئېلىيوپلارنىڭ قەتئىي، تەۋرەنمەس ۋە ئۆزگەرمەس ئىرادىسى  ۋە شېئىرىيەتكە   ئۆزىنى بېغىشلاش روھىي بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە روھىي بالاغەت ئىستىتېكىسىنىڭ شائىر قەلبىدىكى تەڭداشسىز چۇقانى بولغان بەدئىي تىلنى ۋاستە قىلىپ، كىشى ھەيران قالغۇدەك تۈمەن ئەسىرلىك تىندۇرمىلارنى ھالال قان-تەرى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىپ، شېئىرىيەت جۈملىدىن ئارۇزنىڭ ئەڭ غوللۇق تۈرلىرىدىن بىرى بولغان  غەزەل ئارقىلىق ئىشقىي تىۋىنىشلىرىنى ۋە ھەسرەتلىك نادامەتلىرىنى ئۆزگىچە سەنئەتلىك ھەم سەلتەنەتلىك ئۇسۇل بىلەن  ئىپادىلەپ، گويا مىللەتنىڭ تىل دېڭىزىدىكى غەۋۋااسقا ئايلىنىپ، مىللەت تىلىنىڭ يېڭىلىغۇچىسى ۋە تەرەققى قىلدۇرغۇچىسى ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچىسى بولغان شېئىرىيەت تىلى ئۈچۈن قانچىلىك مېھنەت   قىلغانلىنىقىنى تېگى پېيىدىن بىلىپ يېتەلەيمىز. بىراق بۇلارغا بولغان ۋارىسچانلىق تۇيغۇ ۋە مېھنەت ئەسىرىمىزگە يەتكەندە تازا ئورنىنى تاپالماي، كۆڭلىمىز غەش بولۇپ قالغان چاغدا ئىجتىھاتلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ « ئىشىقنامە» ناملىق ( ئاساسەن غەزەللەردىن تەركىبلەنگەن) غەزەللەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنېۋېرىستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، خېلى زور بەدئىي غۇل-غۇلىنىڭ سەۋەبكارىغا ئايلىنىپ، نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىزگە كۆرە « قىززىق نۇقتا» پەيدا قىلدى. مەن يازمامدا بۇ شائىرنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن قىسمەن غەزەللىرىنىڭ تىلى ھەققىدىكى غورا پىكىرلىرىم بىلەن ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
مېنىڭچە، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان غەزەللىرى ساپ، چىن، سەمىمىي، ھاياجانلىق ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقى، ئۆزىنىڭ روھىي كەچۈرمىشلىرى ۋە روھىي پىغانلىرىنىڭ جۇشقۇن شېئىرىي ئىلھاملارغا قانات بولۇپ، شائىرنىڭ ئىددىيىۋىي غايىسى، ھاياتىي قاراشلىرى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، ئېستېتىك لاتاپىتى ۋە ياشاش ھالىتىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى گۈزەل، ئەركىن، ئويناق، مەنىدار، تېتىملىق، جەلىبكار، تاۋلانغان، ۋەزىندار، مۇڭلۇق، ئىخچام، ئۆزگىرىشچان، رەڭدار، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك، يېقىملىق، جەزىبىدار، ئوبرازلىق ۋە ھىدايەتكار شېئىرىي تىلنىڭ ئىلمىي ھىمايىسىدە كامدىن-كام كۆڭۈل ۋە كۆزگە چېلىقىدىغان پىكىرلەرنى تاۋلاپ، مەردانە ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
يەنىمۇ كونكىرىت قىلىپراق ئېيتسام، ئۇنىڭ غەزەللىرىنىڭ تىلى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن خاسلىققا ئىگە قىلىنىدۇ:
1. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئىشقىي پايانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ ئوتلۇق غەزەللىرىنىڭ تىلى ناھايىتى ئىخچام بولۇپ، كىچىككىنە بىر پارچە لېرىك شېئىردا شۇنچە كەڭ مەزمۇننى ئىجادېئىرىي ئىپادىلەشكە شارائىت ھازىرلىغان. ئېنىقكى، شېئىل ر، بولۇپمۇ غەزە باياننى ئاساس قىلىدىغان ئېپىك ئەسەر بولماستىن، بەلكىي، ھېس-تۇيغۇنى ئىپادىلەش ئارقىلىق شائىرنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاپ، شادلىق-قايغۇ، ھەسرەت-پىغان ۋە ئىزتىراب ئىلكىدىكى ئۈزۈكچىلىكلىرىنى روشەنلىككە ئىگە قىلىدىغان بىر ئالاھىدە سەنئەت بولغاچقا، ئىخچام تىل ئەۋرىشكىلىرى ئارقىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ۋىسالىغا يېتىش- شائىرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ   ماھارىتى ۋە كۈچ-قۇدرەت كامالىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ مۇھىم جەريان پەقەت « بىزنىڭ پۈتكەن تۇرقىمىز، ئەنئەنىۋىي خۇلقىمىز، مىللىي خاسلىقىمىزنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ئانا تىلىمىز (ھاجى ئىمىن تۇرسۇن) » ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ مۇھىم ئەمگەككە ئىجادىي، ئىلمىي ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ  ئۆزگىچە ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن مۆلچەرلىگۈسىز بەدئىي ئۈنۈم ھاسىل قىرىلىپ، بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنى بىزدىن «تارتىپ» ئالدى. ئۇنىڭ:
………………………………………………..
« سېغىنارمەن كۈنۈتۈن نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ،
يىگىنىم ئوغا-زەھەر، ئاش-تۇزدا ھېچ تەم بولمىدى.

دىلى زەرداب، تېنى يالقۇن، چۆلدە مەجنۇن مەن شۇدەم،
نەچچە لوقمان دورىسى دەردىمگە دەرمان بولمىدى.

تۈندە بىدارمەن ھامانە زارىقىپ يار ۋەسلىگە،
كۆزلىرىم يۇلتۇز گويا، كىرپىكلىرىم جەم بولمىدى.
………………………………………………………
بۇ ئىشىقچۈن ئون ئۆمۈر يىغلاپ ياشاشقا رازىمەن،
مىڭ بەختتىن بۇ ئازابنىڭ راھىتى كەم بولمىدى.»
غەزىلىگە كۆز يۈگۈرتسەك، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ غەزەلدە دىلدارىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن پىغان دەشتىگە مەغرۇر يۈزلەنگەن مەردانە ئاشىقنىڭ سەمىمىي ئاھۇ-پەريادى ناھايىتى ئىخچام ھالدا چىنلىق بىلەن ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، روشەن خاسلىق پەيدا قىلغان. شائىرنىڭ بۇ پىراققا كۆرە  روياپلاندۇرغان ئاھۇ-زارى قانداقتۇر ساختا يىغا –زارە بولماستىن،  بەلكىي يارنىڭ ۋىسالىي كويىدا باغرى ئۆرتەنگەن قايناق ھاياتىي تۇيغۇدىكى شائىرنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىدۇر. شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، شائىرنىڭ « باغرى تاش»، « يارى ئۈچۈن شۇنچە ئازاب تارتىۋاتقان ئاشىقىغا قاراپ كۆزلىرى نەم بولمىغان يار» مۇ ئوبيىكتىپ رېئاللىقتىكى مۇئەييەن ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ھادىسىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىستىخىيىلىك رەۋىشتىكى ئوبرازى بولماستىن، بەلكىي شائىر ئۇلۇغ، تەلپۈندۈرگۈچى، گۈزەل پەرىشتىنىڭ –جۈملىدىن باقىي ھەقنىڭ مەڭگۈلۈككە تۇتاشقان يىگانا زاھىرەن ئوبرازىنىڭ روشەنلەشتۈرىلىشىدۇر، خالاس!
يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشقا تامامەن مۆمكىنكى، شائىرنىڭ بۇ غەزىلى تىل جەھەتتىكى ئىخچاملىقتىن باشقا رەڭدارلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزگە سازاۋەردۇر. بۇ غەزەلنى بىر ئوقۇشتىلا ئۇيقۇدىن بىدار بولغان بىر ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ يارىنىڭ ۋەسىل تەشنالىقىدا كۈنۈتۈن سېغىنىپ، يىلاندەك تولغىنىپ، قان-قان يىغلاپ، ئاخىرى ئەتىسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، بۇ ئازابنى مىڭ بەختتىن ئارتۇق كۆرۈپ، بۇنداق ياشاشقا رازى بولغانلىقىدەك گىگانت بىر ئوبرازنىڭ سىماسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا روياپقا چىقىدۇ. ئەجىبا، بۇ پىشقان، يېپىشقاق، شىرىن شېئىرىي تىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بەدىلىگە
كەلگەن بەدئىي ئۈنۈم بولماي نېمە؟ قېنى، قايسى شائىر ئۆزىدىن ئىبارەت ئىجابىي تۈسلەنگەن لېرىك قەھرىمان-«مەن»نى يىلاندىن ئىبارەت سەلبىيەت تەسەررۇپىدىكى نەرسىگە ئوخشىتىپ قارىشىنى ئىپادىلەپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالىدى؟ ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى باغرى قان بۇلبۇلغا ئوخشىتىپ يۈرمىدۇقمۇ؟ … قېنى، كىم يار جامالىغا تەشنا بولغان ئاشىق بىچارىنىڭ بىدارلىق ئىلكىدىكى زارىقىشلىرىنى «كۆزلىرىم يۇلتۇز گويا، كىرپىكلىرىم جەم بولمىدى» دەپ شۇنچە ئىخچام ئىپادە قىلالىدى؟! شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا يۈرەككە سىغمايۋاتقان شۇنچە پىغاننى قىسقىغىنە بىر پارچە شېئىرىدا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بېرىپ، ئۆز تالانتىنى جارى ئەيلىدى.
بىراق مېنىڭ ئاقساقاللىق قىلىپ، بۇ غەزەلنىڭ ئىككى مىسراسى ھەققىدە شائىرغا سەمىمىي تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ. بىرى:
« قىسمىتىم شۇنداقمىكىن غەملەر ماڭا كەم بولمىدى،
چۈشتى باشقا يېڭى سەۋدا كونىسى غەم بولمىدى»
دېگەن باش بېيتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىنى «يېڭى سەۋدا چۈشتى باشقا، كونىسى غەم بولمىدى» دەپ ئالسا، تېخىمۇ راۋانراق بولامدۇ-قانداق؟ «كەم»نىڭ ئورنىغا ئەسلى لۇغەت تەركىبىمىزدە يېزىلىشى بويىچە «كام» دەپ ئالسا، ئاچ قاپىيە بولۇپ قېلىپ، شېئىرىي لاتاپەتكە تەسىر يېتەرمۇ؟ بۇ غەزەلدىكى « نەچچە لوقمان دورىسى دەردىمگە دەرمان بولمىدى» دېگەن مىسرادىكى « دورىسى» دېگەن سۆزنى جانلىق تىل تەلەپپۇزى بويىچە «دارىسى» دەپ ئالساق، سىلىقراق چۈشەمدۇ-نېمە؟… مېنىڭچە، بۇ ھەقتە شائىر ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.
2. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرى روشەن رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ لۇغەت بايلىقىدىكى سۆزلەرنى تاللاپ جايىدا  ھەم ئۇنى ناھايىتى كەڭ مەنىلەرگە ئىگە قىلىپ، ئىسلىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە بېرىكتۈرگەنلىكى بىلەن ئۆزىگە خاس تۈس ئالغان. شائىرنىڭ مېھنەت بەدىلىگە ياسىغان غەزەلگە ماس سۆز بېرىكمىلىرى مىسرالار قىيانلىرىدا قىلىقلىنىپ، جانلاندۇرۇلغان شېئىرىي ئوبرازلار ۋۇجۇدىغا كۆچۈپ، ئاجايىپ يارقىن تۇيغۇلار ئىماگىدىكى جۇلاكارلىق ھاسىل قىلغان.
ئۇنىڭ چىن سەمىمىيەت بىلەن تولغان ئوتلۇق مىسرالىرى ئوقۇرمەن ۋۇجۇدىدا توسقۇنسىز لاۋاغا ئايلىنىپ، روھ كۆلچىكىدە ئۇلۇغ لەرزە پەيدا قىلىدۇ. مىسال ئۈچۈن
«ئايلاندى» رادېفلىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

« قېنىم قايناپ پىراقىڭدا يىلىك زەردابقا ئايلاندى،
لېۋىمگە تامچىغان ياشىم شىرىن مەيزابقا ئايلاندى.

          يۈرەك-باغرىم كەبىي زەخمەت يىگەن جۇل-جۇل كۇلاھ-جەندەم،
يىراقتىن بىر قاراپ قويساڭ شۇئان زەربابقا ئايلاندى.

ۋىسالىڭسىز غېرىب بولسام قۇياشسىز قالدى بۇ ئالەم،
چۈشۈمدە بىر كۈلۈپ باقساڭ كېچەم ئاپتاپقا ئايلاندى.

ماڭا كار قىلمىدى لوقمان لېۋىڭدىن بىر سۆيۈش ئالماي،
بولۇپ نېمجان زەبەردەست  قۇل مانا بىتاپقا ئايلاندى.

تىلاۋەت دەستۇرۇم بولمىش سېنىڭ ھەر جۈملەئى لەۋزىڭ،
ئىبادەت ئۈستىدە ھەرئان ئۇلۇغ بىر بابقا ئايلاندى.

ئۆزۈڭدىن ئۆزگىگە سەجدە قىلىىشقا بارمىدى ھەددىم،
بېشىم قويسام ئاياغىڭغا قېشىڭ مېھرابقا ئايلاندى.

ئىشىقنىڭ بەختىدىن مەھرۇم دىلى چۆل-دەشت كەبىي گۇمراھ،
ماڭا پەندى-نەسىھەتلەر قىلىپ ئەربابقا ئايلاندى.»

گەرچە ىشائىرنىڭ بۇ غەزىلى ھەزرىتى مىرئەلىشىر نەۋائىي ئىزىنى ئىجادىي ئىزلىغان ئىشقىي-مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ، تىلى شۇنچىلىك راۋان، پاك ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت يالقۇنلىرى شۇنچىلىك ئۆرتىگەك، يارقىن ۋە ئۇلۇغ بولسىمۇ، پىكىرنىڭ چىنلىقى يېقىدىن «ھەقكە يېتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى-ھېچنېمە ئۈمىد قىلمىغان ياكى ھېچنېمىدىن پاناھ تىلىمىگەن ئاساستىكى-ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدىكى خالىس نىيەتلىك چەكسىز ئىشىق » دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن. بىراق ئاشىق يۈرەكنىڭ ھەقىقىي نېداسىنى يورۇتۇپ بېرىش جەھەتتە شائىر قېنى دەري بولۇپ ئاققان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ غەزەلدىكى ئىشىق ئېنىقكى، ئىلاھىي ئىشىق ئارېفلىقىدىن سەل پەستە قالغان بولسىمۇ، مەجازى ئىشىق دەرىجىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان.
شائىرنىڭ غەزىلىدىكى ئۇنى «سەجدە قىلدۇرۇپ، قېشىنى مېھراب ئەيلىگەن، ھەر بىر سۆز-جۈملىسى تىلاۋەت دەستۇرىغائايلانغان، قېنىنى قايناتقان، ۋىسالىنى كۆرسەتمەي بۇ ئالەمنى قۇياشسىز قالدۇرغان ۋە لوقماننىڭ دورىسىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەن» يارنىڭ ئوبرازى گۈزەل ھەم رەڭدار شېئىرىي تىلنىڭ لاتاپىتى ھەم مەتانىتىدە روشەنلىككە ئىگە قىلىنغان. شۇڭا بۇ غەزەلنى بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دەۋرىمىز ئۇيغۇر غەزەلچىلىكىنىڭ نادىر ئۆلگىسىنى يارىتىپ، ئارۇز گۈلىستانىدىن خۇشپۇراق تاراتتى، دەپ يەكۈنلەشكە تامامەن ھەقلىقمىز!
شائىرنىڭ غەزىلىدىكى « پىراق ۋەجى قايناپ، يىلىككە ئايلانغان قان، شىرىن مەيزابقا ئايلانغان ياش، كۇلاھ-جەندىنى بىر قىيا بېقىش بىلەن زەربابقا ئايلاندۇرۇش، چۈش پايانىدا بىر كۈلۈپ قويۇش بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۇش...» قاتارلىق مۇبالىغىلەر شېئىرىي تىلنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، بىرمۇنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب لەرزىسىگە سەۋەب بولغان.
شائىر مۇھەببەتتىن ئىبارەت تارىختىن بېرى ئەڭ كۆپ يېزىلغان بىر تېمىنى يىپ-يېڭى رەۋىشتە تەسۋىرلەپ، ئۆزگىچە بىر شېئىرىي مۇھىت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدىكى ئازاب قەسرىنىڭ كۆرنۈشىنى سىزىپ بەرگەن. شائىر يەنە يارنىڭ قېشىنى مېھرابقا، نەسىھەتكوينى ئەربابقا، يارنىڭ لەۋزىنى ئىبادەت ئۈستىدىكى ئۇلۇغ بىر بابقا، ياشنى مەيزابقا... ئوخشىتىش ئارقىلىق غەزەللىرىنىڭ مەقامىنى يەنە بىر دەرىجە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. يەنە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ قويۇش بىھاجەت ئەمەسكى، بۇ غەزەلنىڭ ئالتىنچى بېيىتىدىكى « ئۆزۈڭدىن باشقىغا سەجدە قىلىشقا بارمىدى رايىم » دېگەن مىسرادىكى « بشقىغا » دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا  « ئۆزگىگە» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە تولىمۇ جايىغاچۈشكەن بولامدۇ-نېمە؟ يەنە بۇ مىسرادىكى « ھەددىم» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «رايىم» دېگەن سۆزنى ئېلىش ئاقىلانىلىك، ئەلۋەتتە!
چۈنكى «ھەددىم» دېگەن سۆز بۇ مىسرادا ھەرگىزمۇ « رايىم» بىلەن تەڭداش ئەمەستۇر. «ھەددىم» سۆزى بويسۇنماسلىق خاراكتىرىدىكى سۆز بولسا، « رايىم» ئەكسى مەنىدىكى سۆز بولۇپ، «  ‹ھەددىم ئەمەس›نىڭ ئورنىغا ‹ رايىم ئەمەس›نى ھەمدە ‹ رايىم يوق›نىڭ ئورنىغا ‹ ھەددىم يوق›نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ-دە!
3. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرى قايناق ھېس-تۇيغۇلارنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادە قىلىش بىلەن بىللە، مول، روشەن، جانلىق، خاس، ئېنىق، جۇلاكار ئىستىلىستىكىلىق  ۋاستىلەرگە
تويۇنغانلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. شائىرنىڭ غەزەللىرىدە قوللانغان بەدئىي ۋاستىلىرى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئىشلىتىپ تەمىدىن كەتكەن، قېلىپلىشىپ قالغان، كونا، ئۆلۈك ھالدىكى ئاتالمىش ۋاستىلەر بولماستىن، بەلكىي، شېئىرىي پىكىرگە ماس كەلگەن ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بەدئىي ۋاستىلەر بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ يالغۇز ئوقۇشچانلىقى ۋە ئۇقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا  قالماستىن، يەنە  غەزەللەرگە زەردىن لىباس يېپىپ، ئۇنىڭ جەلبكارلىقىنى ئاشۇرغان. مەن تۆۋەندە بۇ غەزەللەردىكى بەرنە بەدئىي ۋاستىلەرنى چۈشەنگىنىم بويىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن:
1)        شائىرنىڭ غەزەللرىدە ئەڭ كۆپ ۋە جايىدا قوللىنىلىپ، ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىشتۇر. مەسىلەن:
①« تاش تېگىپ سۇنغان ساپالدەك خاكىسار بولغان كۆڭۈل،
سەن بىلەن شۇڭقار سامادا، ئىززىتىم، شانىم ئۆزۈڭ.»

② «سېغىنارمەن كۈنۈتۈن نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ،
يىگىنىم ئوغا-زەھەر، ئاش-تۇزدا ھېچ تەم بولمىدى.»

③ « ۋىسال، ھىجراندا دەرد-شادلىق گويا  تۆت پەسلىدەك زىنھار،
        يەنە قىلغايكى كىم كۆركەم ھايات پەيكارىنى مەندەك.»        

④  « جاپادىن پۈكلىنىپ قەددىم، ۋاپاغا چاڭقىدىم چۆلدەك،
نە شادمەن غەمگە لىق خەزنەم، ھاياتنىڭ شادى كەم بولدى.»

⑤ « پەلەك سەتھىگە يازدىم خەت، كۆرەر دەپ ھەقكە ئەرزىمنى،
يېشىم قانلىق سىياھ، كىرپىكلرىم ئۆچمەس قەلەم بولدى.»

2)        شائىر غەزەللىرىدە جانلاندۇرۇشنىڭ نادىر ئۆلگىلىرىنى يارىتىپ، جانسىز نەرسىلەرگە جان ئاتا قىلىپ قىلىقلاندۇرۇپ، جانلىقلارنى نەرسىلەشتۈشتۈرۈپ، يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك ھەم كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئۇتۇققا ئېرىشكەن. مەسىلەن:
① « ئەسلىتىپ يار كۆزىنى تاڭلاردا چولپان جىلمىيار،
بولدىغۇ يار مەنزىلى يەتمەككە يۇلتۇزدىن يىراق.»

② « تاپانلار گۈل چېكىپ قاندىن ياياق يۈردۈم باياۋاندا،
بىھۇش ئەيلەپ ھوزۇر بەرگەن قەلەم تۇلپارىدىن كەچمەي.»

③بۇلۇتلار ياش تۆكۈپ يىغلاپ، ئېقىنلار توختىدى مۇڭدىن،
چېكەر كىم يار ئۈچۈن كۈن-تۈن يۈرەكنىڭ تارىنى مەندەك.»

④ « يۈرەرمەن چۆل-باياۋاندا چۆكۈپ بارخانۇ دولقۇنغا،
مېنى قوغدايدۇ قۇم دەۋرەپ چىمەنىم، لالىزارىم يوق.»


⑤ « ئاھلىرىمنىڭ قۇشلىرى يەيدۇ كۈنۈتۈن چوقچىلاپ،
خامتالاش بولغان جىگەرنى چۆلدىكى زاغدىن كۆرۈڭ.»

3)        شائىر غەزەللىرىدە يەنە مۇبالىغىدىن ماھىرلىق بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرىي تىل بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، شائىرنىڭ يۈرىكىدىكى ھەسرەت- پىغانىنى تولۇقى بىلەن ئېچىپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان:
① « گۈلگە تامدۇرسام يېشىمنى غۇنچە بولدى قىپقىزىل،
غۇنچە بولدى-يۇ، يېشىم گۈللەرگە شەبنەم بولمىدى.»

② « ۋىسالىڭسىز غېرىب بولسام قۇياشسىز قالدى بۇ ئالەم،
چۈشۈمدە بىر كۈلۈپ باقساڭ كېچەم ئاپتاپقا ئايلاندى.»

③ « يالقۇنۇڭدا ئېرىدى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم سۇ بولۇپ،
كۆزلىرىمدىن ئاققىنى ياشمۇ، گۆھەر؟ دەپ قورقىمەن.»

④ « ئۆي-ماكان، مەھەللە-كوي يەكسان پىغانىم زارىدىن،
                     يەرنى كۈن سوققاندىمۇ بۇنداق ئىگىز-پەس تەۋرىمەس.»

⑤ « پەلەكنىڭ گۈلدۈرى كەلسە زېمىننىڭ نالىسى دەمسىز؟
ھامانە كىم ئۇرۇپ چاقماق يازار ئىزھارىنى مەندەك.»

4)        شائىرنىڭ غەزەللىرىنىڭ شۇنچىلىك زىل-زىلە پەيدا قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە بەدئىي ۋاستىلەرنىڭ سەردارى بولغان سىمۋولنىڭ ئوينىغان رولىمۇ خاراكتېرلىكتۇر، ئەلۋەتتە:

① « گۈل خازان پەسلى ئەمەستى مەن تېخى كۈزدىن يىراق،
سارغىيىپ قالدى گۈلۈم بولغاچقا يار كۆزدىن يىراق.»

② « سامادا ئۇچسا جۈپ تۇرنا بۇقۇلداپ يىغلىدىم زار-زار،
تىلەي، تاش باغرىغا يارنىڭ خۇدا ئىنساپنى سالغايمۇ.»

③ « كۆكتە يۇلتۇز، يەردە تاۋۇس، باغدا گۈللەر جىلۋىسى،
سەن نىھانسەنكى كۆرەرمەن بارچە جەۋلاندىن سېنى.»

④ « ئۆزۈڭ يوق تۈندە خانامدا، قىياقىڭدىن چىراغ پەيدا،
يېشىمدىن ئۇ، چىراقىمغا كۆيۈپ ئۆچمەسكە ياغ پەيدا.»

⑤ « ۋىسالسىز ئۆمرىدىن قاقشاپ يىراق باغلاردىكى كاككۇك،
گويا يەر، كۆكنى باغرىدەك قىلىپ مۇڭ-زارى يىغلايدۇ.»

5)        شائىر غەزەللىرىدە يەنە سۈپەتلەشنىڭ رولىدىن جايىدا پايدىلىنىپ، خاس ئالاھىدىلىكنى مول ئۈنۈمگەئېرشتۈرگەن بولۇپ، خۇددى خۇشپۇراق گۈلدەستىدەك كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدىكى يارىنىڭ ئوتلۇق ۋۇجۇدىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن تىلى ھەرقانداق بىر شائىرنىڭكىدىن پەرقلىنىپ، قايىللىقىمىزنى قوزغايدۇ:

① « سامانمۇ، زەرمۇ يار ئېيتقىن ساڭا ھاجەت سېرىق رەڭمۇ؟
پىراقىڭ داغمىلى بىرلە چىرايىم كەھرىۋا بىلسەڭ.»

② « قارا قاينام يۇتۇپ،  يالماپ  پىراق دەرياسىدا ئۈزدۈم،
بىراق چاڭقاشتىمەن، لەۋدىن ئىچىپ مەي قانمىغان شەيدا.»

③ « قاپقارا لىباستا تۇرسا مۇڭلىنىپ،
نە سەۋەب تۇتقاندۇ ماتەم دەپتىمەن.»

④« دەردۇدىشۋارىم ئۇۋالى سەرۋى قامەتتە چوقۇم،
زۇلفى ئارقان، قامىتى دار، ھۆسنى ئاپەتتە چوقۇم.»


⑤« كۆزلىرىمدىن ئاققىنى رەڭ ئالدى قاندىن قىپقىزىل،
ياشلىرىم يۇلتۇزلىرى ئاسماننى گۈلزار ئەيلىدى.»

6)        سېلىشتۇرۇشمۇ بەدئىي ئەسەردە تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدىغان، مەنىسىنى كىڭەيتىدىغان، چۈشەنچىنى نېسبەتەن چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋە ئەدىبنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرىنى تولۇقراق ئىپادىلەشكە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغان ئاساسلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ جەھەتتە تېگىشلىك تەر سىڭدۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلدى:

① « لەھەل، ئالتۇن، جاۋاھىرلار پەۋەسكى ئىلكىدە يەرنىڭ،
يۈرەكنىڭ مەشئىلى سۆيگۈ، تېپىلماس تۇتىيا بىلسەڭ.»

② « گۆھەر تاۋۇتقا بەند سۇلتان چىرىپ ئاخىر توزان بولغاي،
پىراق دەشتىدە كۈلگەن مەرد شېھىت ئۇ، مومىيا بىلسەڭ.»

③ « كۆزىن دەيمۇ، سۆزىن دەيمۇ، تولۇن ئاي لال يۈزىن دەيمۇ؟
جاھان ھۆسنىگە سۇلتانلىق كۆرۈڭ باشتىن-ئاياغىدۇر.»

④ « ۋاھ قۇچاقلايمەن قۇياشنى تۈندىمۇ،
يار خىيالى ئون قۇياشنىڭ بەرقىدۇر.»

⑤ « ئېقىپ زۆھرە دىبان تاھىر ياغاچ ساندۇقتا لەيلەرمىش،
لېكىن مەن كىت، لەھەڭلەردىن نىگارچۈن يانمىغان پەيدا.»
.................................................................
قىسقىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئۆز شېئىرلىرىدا بەدئىي تىلنىڭ قۇدرەت-كامالىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭ توسقۇنسىز يالقۇنىنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرۇپ ئەبەدىيلىك لەرزى زاھىر قىلىش جەھەتتە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا تېنىمسىز، ئەتراپلىق، ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر شېئىرىي-بەدئىي ئالەمنى يارىتىپ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئالدىنقى ئاۋانگارتلىرى قاتارىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالدى.
4. شۇ يەرگە يەتكەندە بىر نەرسىنى قوشۇپ بايانىمنى قاناتلاندۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.   بىرى، « ھەر بىر يازغۇچى-شائىرنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە قانچە سۆز ئىشلەتكەنلىكى ئۇنىڭ سۆز تالانتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكىي شۇ مىللەتنىڭ سۆز بايلىقىنىڭ قانچلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ... ‹نەۋائىي لېكسىكىسى›ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە 21 مىڭ 197 سۆز، شېكىسپىر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، سېرۋانتېس 18 مىڭدىن كۆپرەك سۆز، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز، ئاباي ئالتە مىڭ سۆز، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرى بولسا بىر مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىپ، ئۇلۇغ  مەنىۋىي سېما بەرپا قىلغان.» («بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1992-يىلى 4-سان) شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئەجدادلار ئىزىدىن ئېغىشماي مېڭىپ،  بۇ جەھەتتىمۇ يېتەرلىك ئىزدىنىپ، كۆپنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا سازابەر بولدى.  يەنە بىرى، بىر مىللەتنىڭ بەدئىي تىلى شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللاغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھەر بىر قويغان چېكىت-پەشلىرىگە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئوت يۈرەك، مىللەت سۆيەر، ئېتىقادىي مۇستەھكەم، ئىرادىسى چىڭ ۋە چىن، ھەق پىكىر قىلىش مادارىغا ئىگە شائىرلارنىڭ دەريا-دەريا قىان –تەرى بەدىلىگە ساپلىشىپ، موللىشىپ، گۈزەللىشىپ، تەرەققىي قىلىپ، مەنىۋىيەت ئېراسىنىڭ يېشىل بەلگىسىنى ئەللەردىن ئەللەرگە ۋە ئەۋلادلاردىن ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىر بولغان ئادەم تەييار تىل ماتىرياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى قوغداش بىلەن بىللە يەنە ئىستىمالدىن چۈشۈپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سۆزلەم ھەم سۆز بېرىكمىلىرىنى شېئىرلىرىدا جايى-جايىدا ئىشلىتىپ ئەۋلادلارغا ئۆلگە تىكلەپ بېرىش بىللە، زامانغا خاس بولغان، تىل ئىستىمالىمىزغا ماسلىشالايدىغان يېڭى-يېڭى سۆز ۋە سۆز بېرىكمىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىپ، لۇغەت بايلىقىمىزنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىشى لازىم. مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ پاك ۋىجدانىي بۇرچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللا بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئىزدىنىپ تەر ئاققۇزغان ،شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ غەزەللىرىدە « سايماس، تۆئىمىلەر، مۇھەببەت تەسكىيى، ناشۈكۈر، ئەمچى جەرراھ، يارماق، يەڭلىغ، ۋەجى، لەھەد، قاماپ، ياۋان، ئىبا، نازغىسا، غولاپ، زەبۇن، زەرتەخت، مەجنۇنىۋار، ئەغيار، لولا، ماك-ماك، ھەمراز، بەند، لەھزە، مۇسۇلمانزادە، جەھلى، زەر قونداق، جۇدالىق جۇتلىرى، چەكپارە، مەھرەم، ھاپاشلاپ، غەيۇران، پايمال، دال، ياساق، ئوغىلاپ، رەشك لەشكىرى، ھەسەد لەشكىرى، مەررە، ئۆمرىبان، زەر ھەيكەل، پەيۋەندە، بىداد، سەيياد، مۇغەننىي، ھەلقۇم، جۇنۇن، سەجدىگاھ، رەزگى جان، خەيلى، تۈن نىقابى، قاغجىراش، مومىيا، ياسىڭارى، ئەجەل تىرنىقى، نۇر مەۋجى، قوۋۇق،  سەددى دىۋارىم، ۋۇجۇد جامى، يىڭنە مىژگان، ناپىسەنت، مەھشەرگاھ، تۇغيان، ساھىر، زەربەئى بەرھەم، تەنناز، ئايىنە، غاپىل، جامۇجام، سەييادىشاد، ھەيكىلى بۇت، نامېھمان، ھەمراز، مەرگىمۇش، دەربەدەر، كىرپىك قەلەم، لالەگۈن، قەتلىئام، نادىرى دەۋران، چاھارپاي، نالاپ، شۈمۈپ، جەبرىگاھ، پايكان شىددىتى، دامى شەيتان، ھەپسە، سىتەمكار، بىۋاپانامە، پازىل باغىبان، غېرىب ئۆتەڭ، پەرگالى، تەن جەۋھىرى، خىيالىي كەيپ، بەھرى بوستان، بالخۇمار، جاھانداش، لەختىلەپ، گويىيا، لەنەتگەردە، بىنېسىپ، تەختىسىرا، غېرىب چاڭگا، قىپقىزىل ياش، دىۋانەۋار، گۈرزا، مەشئۈم خىيانەت، نەۋ ھايات، بۈيۈك غەليان...» قاتارلىق يۈزلىگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى تېپىپ، ياساپ، ئېنىقلاپ ۋە تۈرلەپ جايىدا ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ غۇرۇر پايانىدىكى مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئالىيجاناب پەزىلەت يېقىدىن ۋىجدانىي بۇرچىنى خېلىلا بەركاماللىق ئىلكىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلغان. بۇ نۆۋەتتە ھەممىمىز جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك قىيىن، شەرەپلىك، توغرا، بۈيۈك خىزمەتتۇر.
5) تارىختىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قەسرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ ئەتكەن ئەدىبلەردىن ھەزرىتى مىرئەلىشىر  نەۋائىي كەبىي ئەللامە جاھان شائىرلارنىڭ يازغان پۈتۈنسسۈرۈك ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەڭ قۇلاق سەرخىل چىققان ئەمەس. بۇ ھال بولۇپمۇ شېئىرىي ئەسەرلەر(غەزەللەر) دە ناھايىتى روشەن ئۆز ئىپادىىسىنى تاپقان.ئاتاقلىق شائىر ياسىن زىلال ئۇلۇغ شائىر مىرئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ گۇمانتار روھىي بىلەن بەدئىي جەھەتتىكى ئىستىداتىغا زور ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ غەزەللىرىنى يالغۇز ئىدىيەنى ئىپادىلەشتىكى پىكىرنىڭ يېڭىلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكىي،تىل يېقىدىن ئالاھىدە تاۋلىنىشقا ئىگە قىلىپ، بەدئىي رەڭدارلىق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، شۆھرەتلىك ئۇتۇق ھامىيسى بولغان زامانىمىزدىكى ۋارىسلىق ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك، سەزگۈسى ھەردەم ئويغاق، ئۈمىدۋارلىقى ئۈستۈن، ئىزدىنىش روھىغا باي بولغان بايراقدار شائىردۇر. بىز ئۇ يازغان غەزەللەرنى ئىجتىھات بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇپ تەلقىنەاھىمىزدا سۈكۈتكە چۆكۈدىغان بولساق، ئۇنىڭ غەزەللەرىنىڭ قات-قېتىغا يوشۇرۇنغان  پىكىرلەرنىڭ خۇددىي يىپەك لىباس ئىچىدىكى سەنەملەردەك تېخىمۇ جىلۋىدار ئىكەنلىكىنى ھەم كىشى قەلبىنى ئۇزاققىچە بېسىقماس ھاياجانغا سالىدىغانلىقىنى ئېنىقى بىلەن ھېس قىلالايمىز.بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئارۇز ۋەزنىدە غەزەل يېزىشنىڭ پىركامىللىرى ئازلاپ كېتىۋاتقان، ھەممەيلەن قاتتىق ۋەزىن ئۆلچەملىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىڭ ئورنىغا ئەركىن پىكىر قىلىپ، ئەركىن ئىپادىلەش»كە ئادەتلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاتاقلىق شائىر ياسىن زىلالنىڭ غەزەلگە ئوتلۇق ئىشتاياق باغلاپ، ئۈزۈكسىز ھالدا ئىزدىنىپ، «تارىم»قاتارلىق نوپۇزلۇق نەشر-ئەفكارلىرىدا ھەر ئون غەزەلنى بىر گەۋدە قىلغان ھالدا ئىزچىل بەرنا غەزەللەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشى ئەۋلادلارغا ئەمەلىي ئۆلگە بولۇپ، بەدئىي ئىجادىيەتتە يول ئىچىپ ئىلگىرلەشنىڭ يېڭى نەمۇنىسىنى نامايەن قىلىپ بەردى. بۇ ئەلۋەتتە ھەر تەھرىر-مۇھەررىر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئالىيجاناب روھتۇر! چۈنكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ۋە ھەرقايسى زانىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىپ تەھرىرلىك قىلغان بىلەن ئۆزى يېزىقچىلىق قىلالماي تۇرۇپ، ئابىستىراكىتنى ھالدا تەھرىرلىك قىلغاننىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. بۇنى بىر مەزگىل ئىچىدىكى نەشريات، گېزىت-ژورناللارنىڭ سۈپىتىگە نەزەر سالساقلا ئېنىق بىلىۋالالايمىز. ئاتاقلىق شائىر ياسىن زىلال بۇ ئۇلۇغ ئىشقا تەڭ قول تىقىپ، ھەر ئىككىلىسىدىن يۇقۇرى بەدئىي ئۈنۈم ۋە نەتىجىگە ئېرىشكەن  تالانت ئىگىسىدۇر!  
دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ شائىرغا شېىرنى ئۇنداق-ياكى بۇنداق يازىسەن، ھەممە مىسرالارنى ئالاھىدە سەرخىل چىقىرىسەن، دەيدىغانغا ھەم ھەققىمۇ يوق. شۇنداقلا بىر كىمنىڭ دېگىنىدەك يازغىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەرقانداق بىر شائىرمۇ پالانى چاغدا، پالانى يەردە، مۇنداق مەزمۇندا، مۇنداق دەرىجىدىكى بەدئىيلىككە ئىگە بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ دىللاردا ئۆلمەس ھەم ئۆڭمەس ئابىدە تىكلەيمەن، دېيەلمەيدۇ. ئەكسىچە شۇنداق بىر ئىلاھىي تۇيغۇ ئىلكىدە شائىر روھىي غىدىقلىنىپ، ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، يارقىن، جۇشقۇن، مەتانەتلىك، جەڭگىۋار، دىللارنى لەرزىگە سالغۇچى شېئىر-مىسرالار ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
بىزنىڭ دىققىتىمىز مەركىزىدىكى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرىمۇ بۇنداق بەرنا مىسرالار پات-پات كۆزگە  چېلىقىپ، ئوقۇرمەننىڭ روھ كۆكىدە ھەسەن-ھۈسەندەك چاراقللاپ، ئۆز جۇلاسى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۇتىدۇ. مەسىلەن:
« ۋىسالنىڭ مەنزىلى ۋىل-ۋىل گويا چۆللەردە ئالۋۇندەك،
نىگارىڭ دەردىنى دەريا، ئۆزىنى كەم دىدار قىلمىش.

سۆزى بۇلبۇل زۇۋانىدا، كۆزى ئاھۇدىدۇر يارنىڭ،
پىراق باغۇ باياۋاندا ساياق دىۋانەۋار قىلمىش.

قىلىچ چەككەن گۈزەل تاتۇق باھادىر ھۆسنىگە شاندۇر،
ئىشىق ئىككى جاھان ھىجران دېغىنى يادكار قىلمىش.»
-« قىلمىش»تىن

«كۆزلىرىمدىن چۆلگە سۇ باشلايدۇ ئول يار توختىماي،
ئىشىق ئۈچۈن ئاققاچقا كىرپىكلەردە شەبنەمدۇر ماڭا.

كىمكى ئاچچىق دەيدۇ تۇزنى ھەر غىزادا لەززىتى،
لەۋگە تامغان ياشلىرىمنىڭ بەھرى زەمزەمدۇر ماڭا.»
-«ماڭا»دىن.

« تىغ ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا جاللاتمۇ تەڭلىك تارتىدۇ،
سەن كۈلەرسەن تىغ ئۇرۇپ، جاللاتقا پىر، تەڭسىزمىدىڭ؟

« قۇياش كۈندۈزدە، ئاي تۈندە، دىدارى تاڭدا چولپاننىڭ،
خىيالىم كۆكىدە ئول يار قۇياش، ئاي، چولپىنىم ھەردەم.»

« تېنىم ئوتكى، نەپەس يالقۇن، ئىشىقنىڭ تەپتىدە ياندىم،
يۈرۈپ دەشتلەردە گۈلشەنگە نەزەر سالماقلىقىم يوقتۇر.»

« كۆزى شەھلاسىنىڭ شەۋقى بىلەن شەيداغا ئايلاندىم،
ئىشىقنىڭ دەشتىدە سەرسان، ساياق سەۋداغا ئايلاندىم.

يېنىپ باغرىمدا مىڭ دەۋزەخ ئوتى يالقۇن ئۇرۇپ تۇرسا،
قەيەردە مەشئىلى يانغىن شۇئان پەيداغا ئايلاندىم.

تېنىمگە جان بولۇپ كىرگەن پىراقىڭ ئۆچمىدى ئەي يار،
ئامانەت جان كېتەر، كەتمەس قولۇڭ، ئەسراغا ئايلاندىم.

قاشۇكىرپىك، چېچىڭ بوستانىنى ياشناتقىلى ھەرئان،
قانۇياشىم بىلەن ئۆركەشلىبان دەرياغا ئايلاندىم.

بېغىڭ گۈلشەنلىرىڭ ئاۋات، لېۋى چاك-چاكى تەشنامەن،
ئېقىپ ئۆكسۈپ، قۇرۇپ قاقشال، قاقاس سەھراغا ئايلاندىم.


ئۇزاق تۈنلەردە كۈلبەمدە خىيالىڭ شام بولۇپ ياندى،
ئۇڭا پەرۋانىدەك زارۇ غېرىب تەنھاغا ئايلاندىم.

تېنىم قۇرتلار ماكانىدۇر، بېغىر نەلەردىدۇر قالدى،
ئۆزۈمگە بىر قاراپ ھەيران، بىھۇىش ئەرۋاغا ئايلاندىم.»
-« ئايلاندىم»

«تەنىلەر كەلكۈن ياراتتى، پىتنىلەر يامغۇر تۆكۈپ،
باسسىمۇ دەريا، سەلەبلەر ئۆچمىدىم، كۆيدۈم ھامان.»

« كۆزلىرىمدىن ئاققىنى رەڭ ئالدى قاندىن قىپقىزىل،
ياشلىرىم يۇلتۇزلىرى ئاسماننى گۈلزار ئەيلىدى. »

« يېرىپ كۆكسۈمنى ئاھىمدا يۈرەكنى يوقلىدىم ق،انچە
           لېكىن قان بەھرى ئەيلەپ غەرق ئۇنى مەندىن نىھان قىلدى.»
.........................................................
شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرىدىكى بۇ مىسرالارنى ئوقۇغان ئادەم –ئوقۇرمەن، ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى بىلەن ئۇچقۇر  تەپەككۇرى ۋە بەرىكەتلىك قەلىمىگە ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ.
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى غەزەل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « غەزەل- لىرىك ھېس-تۇيغۇنى، قەسىدىلىك  پىكىرلەرنى، قەلبنى لەرزىگە سالغۇچى ھېكمەتلەرنى ئىپادە قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت شەكلىدۇر...ھەقىقىي شائىرنىڭ قەلبىدە ھەر دەقىقە بىر چۇقانى كۆڭۈل مۈلكىنى ئەسىر قىلغان. ئۇ-ھەقىقەت مۇنارىنىڭ ساداسى، ۋىجدان چۇقانى. ئىشىق مەملىكىتىدە شائىر بىر مەجنۇن...» دەيدۇ. ئېھتىمال بۇنداق تەرپ-تەۋسىپ ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللادەك ئوي پىكىرلىك، ئوت يۈرەك، ئەلنىڭ يۈرىكىدىكى ساداسىنى بايان قىلالايدىغان، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ۋۇجۇدىنى قەيسەرلىك بىلەن تىلالايدىغان دەۋرانە شائىرلارغا مۇناسىپ كەلسە كېرەك.
ئەمدى تۈگەنجە گەپكە كەلسەك، گەرچە شائىرنىڭ غەزەللىرى تىل يېقىدىن يۇقارقىدەك بىر قاتار ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىچىك نۇقسانلاردىنمۇ خالىي ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى:
1)        بەزى سۆز-سۆز بىرىكمىسى، مەجازى ۋستىلەرنى تەكرار ئىشلىتىپ  تىل ۋە بەدئىي ۋاستە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىكنى شەكللەندۈرۈپ قويغان. مەسىلەن: « نىمجان يىلاندەك تولغىنىپ، تۇرنىنىڭ جۈپ ئۇچقىنى، لەيلىدىم، چۆكتۈم، سېنى دەپ كەلدىم جاھانغا، تەن جەۋھىرى، يىراقتا سايرىسا كاككۇك، كىرپىكتىكى ياش...» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كۆپ تەكرارلىنىپ، شائىرنىڭ تىل جەھەتتىكى كامالىتىدىن شەكلەندۈرۈپ قويغان.
2)         «بولۇپ» دېگەن پېئىل « بوپ» دەپ ئىشلىتىلىپ، شائىردىن ئىبارەت ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان پىدا قىلغۇچىنىڭ ئوبرازىنى بىرئاز خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويغان.
مەن ماقالەمدە شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدىكى مۇلاھىزەمنى ئورتاقلىشىۋاتقان بولغاچقا مەزمۇن يېقىدىكى پىكىرلەر خۇسۇسىدا بىرنەرسە دېمىدىم، باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ،  تەتقىق قىلىپ چوڭقۇر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە شائىرغا يەنىمۇ زور بەدئىي ئۇتۇق، شان-شۆھرەت ۋە ئامەت تىلەپ مۇتالىئەمنى تاماملايمەن ھەمدە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلىستانىنىڭ خۇشپۇراق گۈلغۇنچىسى بولغان « ئىشىقنامە» ناملىق غەزەلىياتنىڭ تىلى ۋە باشقا تەرەپلەردىكى مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە بۇنچىلىك ئاددىي تەسىرات بىلەن يۈزەكى باھانىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان ئەيلەش بىلەن بىللە، ئەقلى سەگەك ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىپ، بۇ يىرىك ھەم نادىر غەزەلىياتنىڭ باشقا تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا يىرىك، ئادىل، چوڭقۇر بولغان ماقالە-ئوبزۇرلارنى يېزىپ، مەتبۇئات يۈزىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىغا تىلەكداشلىقىمنى ئېيتىپ قويماقچىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلق ئالتۇن بىلەن مىسنى ۋە جاۋاھىرات بىلەن تاشنى ئېنىق ئايرىيالايدۇ.
كۆڭۈل بايانىم: غەزەل- ئوت يۈرەك، ھېس-تۇيغۇغا باي، غەيرەتلىك، غەيۇر، ۋارىسلىق ئېڭى كۈچلۈك، ۋىجدانىي ئەقىدىسى پاك ۋە مۇستەھكەم، ئۈمىدۋار،  قېنى قىززىق، نەپسى ھارارەتلىك شائىرلارغا خاس بولغان بىر بەدئىي تۈر بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشەنگەن ھەم ئەتىسىگە ئىشەنگەن يالقۇنلۇق قەلب ئىگىلىرىگە مەڭگۈ مەنسۇپتۇر!
2013-يىلى، ئىيۇل،   قەشقەر

قەشقەر شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتىن:
-ئابلاجان بوۋاقى
        تېلىفۇن: 13999644646
پايدىلانمىلار:
1. ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ « ئىشىقنامە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى.
2. ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ « ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتانى.
3. «بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي» ناملىق كىتاب
4. « ئەل نەزەرىدە خوتەن» ناملىق كىتاب
5. مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ « شېئىر ۋە شائىر» ناملىق كىتابى




















Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4128
تۆھپە : 0
توردا: 201
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 18:35:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىلەرگە ئاپتۇر خېلى كۈچ ھەم زېھىن سەرىپ قىلىپتۇ، ئوقۇغان ئادەمگىمۇ خېلى نەپ بىرىدىكەن، ئويلىنىشلارنى بەخىش ئىتىدىكەن. تەكىتلەيدىغىنىم؛ ئىملادا  قىسمەن سەۋەنلىكلەر، شۇنداقلا ئايرىم جۈمىلىلەردە باش-ئاخىرىغا راۋان ماسلاشماسلىقتەك ئەھۋاللار  مەۋجۈت ئىكەن، مۇشۇ تەرەپلەر تۈزىتىلىپ مەتبۇئاتلارغا سۇنۇلسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملەر ھاسىل بولغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 18:35  


دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن توغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                    -«دانالار خەزىنىسى»دىن

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 01:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ زور مىۋە بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4412
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1777
تۆھپە : 0
توردا: 1200
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 06:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 16:57
«ئاسمانلار-تاغلار»نىڭ تىلى

«تىل تولىمۇ سېھىرلىك كۈچ ...

    ئادىشوييييييييييي! ئەجرىڭگە رەھمەت!!! (ســـــــــــــــــــــــــەن ھەم  ھاجىكام، تاھىركاملار ئامان بولغاي![«قەشقەرىيە» ئۈچۈن مەمتىلىكام قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقمۇ كىچىك ئەمەس ئىدى-ئاداش!]
   
دوستانە تەۋسىيەم:
    پىروزىغا  ئېتىبار بېرىپ قويساڭ!!!

ئىشەنسەڭمۇ تاغدەك مەغرۇر بەستىڭگە،
قاراپ باققىن، چوققىلار بار ئۈستىڭدە!
                                ___ خاتىرەمدىن.
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3812
تۆھپە : 7
توردا: 1522
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 10:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات چىمەنىستانلىقىمىزدىكى رەڭدار گۈللەردىن  تىزىۋاتقان گۈلدەستىڭىز  تېخىمۇ پورەكلىگەي، بۇرادەر.
  ئېسىل ئىشتىن بىرنى باشلىدىڭىز. ئىجادىڭىز خەيرلىك بولغاي.

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15043
تۆھپە : 6
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 14:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان بوۋاقى
«قەشقەر بالىسى»غا نەزەر
(ئوبزور)

«قەشقەر بالىسى»-تىرىشچان شائىر ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ 2014-يىلى 9-ئايدا «شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى» بىلەن «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، بو توپلامغا شائىرنىڭ 160 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
     دېھقان شائىرنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى (شېئىرىيىتى)ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئانا دەريا ئېقىنىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن بەھرلەنگەنلىكى، ئۆلگە ئالغانلىقى، ئوزۇقلانغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا يېقىنلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە بەدئىي زوق ئاتا قىلىدۇ.
          شائىر ئابدۇغوپۇر شىرىپنىڭ بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان شۇنچە كۆپ شېئىرلىرى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن «يۇرتۇم ساڭا قىلىمەن تازىم»، « ئوتقا چىقماس بوپ قالدى قىزلار»، «قەرزدارىڭمەن»، « تەبىئەتتىن تامچىلار»، « روھ چۇقانلىرى»، « كەچۈر، دېھقىنىم» ۋە «كەپسىزلىكىم، خەير-خۇش» دېگەن يەتتە چوڭ ماۋزۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تىلىنىڭ ھەممىبابلىقى، چۈشىنىشلىكلىكى، تېتىملىقلىقى، نېسبەتەن راۋانلىقى، ئىخچاملىقى ۋە ئېنىقلىقى بىلەن زامانىمىز شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. گەرچە شائىرنىڭ بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان شېئىرلىرى تېما دائىرىسىنى بويلاپ ئەنە شۇنداق يەتتە چاتما ماۋزۇ ئاستىغا جەملەنگەن بولسىمۇ، مەن بۇ شېئىرلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مۇھاكىمە-مۇتالىئە قىلىشنى ئەقىلغا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن:
1.        ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ، بۇنىڭغا شائىرنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىكى «يۇرتۇم، ساڭا قىلىمەن تازىم» دېگەن چوڭ ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرلار بىلەن «تەبىئەتتىن تامچىلار» دېگەن چوڭ ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرلار بولۇپ، شائىرنىڭ كىندىك قېنى تامغان ئانا ۋەتەننىڭ تۇپرىقىنى، سۈيىنى، تاغ-دەريالىرىنى، باغ-ۋارانلىرىنى، قەدىمىي كوچا، ئاستانە-قەلئەلىرىنى، گۈل-گىياھلىرىنى ۋە ئۇنىڭ خاسلىققا ئىگە بولغان تىل شېۋىلىرىنى؛ شۇنداقلا بەرنا پەسىللىرىنىمۇ تولۇپ-تاشقان ھاياجان، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈيلەپ، بىر ئۆمۈر ئانا تۇپراقنىڭ ئۇلۇغلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەدھىيەلەپ ئۆتسىمۇ، يەنە ئۇنىڭغا «قەرزدار» ئىكەنلىكىنى چىن دىلىدىن تىۋىنىش ئىلكىدە سەمىمىي بايان قىلىپ، روھىي ئىزتىراب پەۋەسلەنگەن يۈرىكىدىكى ئىپتىخارلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى شۇنداق ئىزھار ئەيلەيدۇ:
                             « تاغلىرىڭدا تاجۇتەختىم بار
يۇرت مېھرىگە ھېچنېمە يەتمەس،
قەشقىرىم، سەن بۈيۈك، مۇقەددەس.
ئىپتىخارىم نۇرلۇق كوچىلار،
ئىشىق ئوتۇڭ يۈرەكتە پەۋەس.

يۈرىكىمدە سۆيگۈ دولقۇنۇڭ،
ۋۇجۇدۇمدا ئاتەش-يالقۇنۇڭ.
مۇزىكىغا كەتتى ئايلىنىپ،
دەريالاردىن كۆچكەن شاۋقۇنۇڭ.

تاغلىرىڭدا تاجۇتەختىم بار،
باغلىرىڭدا ياشنار قۇت-بەختىم.
بىلدىم سېنىڭ قەدرىڭنى مانا،
قىرىق ياشقا توشقاندا ئەقلىم.»
مانا بۇ ئۈچ كۇبلېتلىق شېئىردا شېئىرىي مۇددىئا شېئىرىي تىلنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى راۋان، جانلىق، ئۇدۇل ئىپادە قىلىنغان بولۇپ، شېئىرنىڭ 2-كۇبلېتىدىكى «مۇزىكىغا كەتتى ئايلىنىپ، دەريالاردىن كۆچكەن شاۋقۇنۇڭ» دېگەن ئىككى مىسرا ھەرقانداق بىر ساپدىل ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنى ئىختىيارسىز لەرزىگە ۋە ھاياجانغا سالىدۇ. چۈنكى، شائىر بۇ ئىككى مىسرا شېئىرىدا ئانا تۇپراقتىكى ئانا دەريا شاۋقۇنىنىڭمۇ ھېس قىلالايدىغان يۈرەككە نىسبەتەن مۇزىكىدەك لەزىز، يېقىملىق، مۇڭلۇق ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش زۆرۈركى، تەبىئەت لىرىكىلىرىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئانا دىيار مۇھەببىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان ھەم شائىرنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇنەۋۋەر شېئىرلار بولۇپ، شائىر بۇ تۈردىكى شېئىرلاردا ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، تەڭداشسىزلىقىنى، سېخىيلىقىنى، مەردانىلىكىنى، توسقۇنسىزلىقىنى ۋە مىننەتسىزلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئانا ۋەتەن ۋە ئانا يەرنىڭ بارلىق ئەزگۈ پەزىلەتلىرىنى تەبىئەت ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ، تىۋېىنىش ئىلكىدە پەخىرلىنىپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. بۇ نۇقتىنى بۇرۇنلا ھېس قىلىپ يەتكەن شائىر ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپ ئۆزىنىڭ تەبىئەت تېمىسىغا بېغىشلانغان «كەچكۈز لىرىكىسى» ناملىق شېئىرىدامۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
«چاۋاكتىن توختىدى يوپۇرماقلار،
دەرەخلەر بەرمەس ھەم يېشىل سالام.
قۇرۇق شاخ ئۈستىدە سېرىق قۇشقاچ،
بىرە-بىرە دانلىغاچ ئالار ئارام.
........................
مۈكچەيگەن رەيھان ھەم سېرىق سەبدەر،
يۈزىنى سۆيمەكتە كېكەچ شامال.
قەيەرگە يوقالدى كېپىنەكلەر،
يىغىشتىن توختىدى ھەرىلەر بال.
.....................»
شائىرنىڭ بۇ شېئىرى ئانا دىياردىكى تەبىئەتنىڭ قەلەم ۋە شېئىرىي تىل بىلەن ئەينى سىزمىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىزتىرابلىق تۇيغۇلىرى خېلىلا خاسلىققا ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، 1-كۇبلېتىنىڭ «قۇرۇق شاخ ئۈستىدە سېرىق قۇشقاچ، بىرە-بىرە دانلىغاچ ئالار ئارام.» دېگەن مىسرالاردا ئەمەلىيەتتىن-رېئاللىقتىن چەتنىگەن بىر ھالەت كۆرۈلگەن. ئېنىقكى، «سېرىق قۇشقاچ»نىڭ دانلايدىغان ئورنى «قۇرۇق شاخ» ئەمەس، بەلكىي، يەردە- دان بار جايدا، دالىدا بولىدۇ. قۇرۇق شاخ ئۈستىدە دان بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ھېچنېمە يوق «قۇرۇق شاخ»تا «سېرىق قۇشقاچ» گەرچە «بىرە-بىرە ئارام ئالا»لىسىمۇ، دانلىيالمايدۇ. يەنە بۇ شېئىرنىڭ بەشىنچى كۇبلېتىدا «سۇ تۇتار كانجىغا سۇچى بوۋاي، سۇ كېچىپ رېزىنكە ئۆتۈك بىلەن» دېگەن ئىككى مىسرا ئۇچرايدۇ. بۇ شېئىرىي تىل بىلەن روياوپلانغان شېئىرىي جۈملە بولماستىن، بەلكىي تىل گۈزەللىكى ۋە بېزىكىدىن خالىي بولغان خەۋەر جۈملىدۇر. يەنە بۇ شېئىرنىڭ ئالتىنچى كۇبلېتىدا «نويابىر، دېكابىر ئۆتتى بەك تېز، يېڭى يىل قار بىلەن كەلدى مانا.» دېگەندەك خەۋەر شەكىللىك جۈملە ئۇچراش بىلەن بىللە كۈز ۋە قىش پەسلى ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. شۈبھىسىزكى، دېكابىر ھەرگىز كۈز پەسلىگە تەۋە ئاي ئەمەستۇر. شۇنىمۇ  قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، يۇقىرىقى كۇبلېت- مىسرالاردا بەزى بوغۇملارمۇ تەڭشەلمىگەن.
2.         شائىرنىڭ بۇ توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر تۈركۈم شېئرلار ئاتا-ئانا، قان-قېرىنساشلى تېمىسىغا بېغىشلانغان شېئرلار بولۇپ، بۇلار ئاساسەن «قەرزدارىڭمەن»، دېگەن چوڭ ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرلار بىلەن «كەچۈر، دېھقىنىم» دېگەن چوڭ ماۋزۇ ئاستىغا مۇجەسسەملەنگەن. شائىر بۇ تۈردىكى شېئىرلىرىدا ئاتا-ئانا بىلەن قان-قېرىنداشلار ۋە قەلبداشلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە دۇنيادا ھەرقانداق مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئەسلا، ئەبەدىي، مۇتلەق يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئوتىنى ھەرقانداق مېھرى-مۇھەببەتنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى چىنلىق بىلەن شۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
« ئاھ، ئۇرغاندا سىز
تاغۇدەريا كېلەر لەرزىگە،
تاشقىن پەيدا قىلار ھەم دېڭىز.
تاشمۇ ياغار ھەتتا بۇلۇتتىن،
جېنىم ئانا، ئاھ، ئۇرغاندا سىز.

تۆكۈلىدۇ كۆكتىن يۇلتۇزلار،
ئوتتا كۆيۈپ تۈگەيدۇ مۇزلار.
پەرىشتىلەر سىز ئۈچۈن بوزلار،
جېنىم ئانا، ئاھ، ئۇرغاندا سىز.

زىرائەتلەر كېتىدۇ قۇرۇپ،
باغۇبوستان تۈگەيدۇ سۇنۇپ.
تاغمۇ ھەتتا كېتىدۇ توزۇپ،
جېنىم ئانا، ئاھ، ئۇرغاندا سىز.

مېھرى-شەپقەت چاچالمايدۇ نۇر،
ئادەملەرنىڭ ئەقلى يۈرەر كور.
پايخان بولۇپ تۈگەيدۇ غۇرۇر،
جېنىم ئانا، ئاھ، ئۇرغاندا سىز.»
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، قاراڭ، بۇ شېئىردىكى چوڭقۇر مەنانىڭ دىللارغا شۇنچىلىك يېقىشلىقلىقىنى، قاراڭ، شېئىرىي تىلنىڭ شۇنچىلىك چۈچۈكلىكىنى، قاراڭ، بىر قولىدا بۆشۈكىڭىزنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى-جاھاننى تەۋرىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئانا ئوبرازىنىڭ يارقىنلىقىنى!
يىغىشتۇرۇپ كەلگەندە، سېنى، مېنى ۋە ئۇنى ۋۇجدلاندۇرغان ئانا ئاھ ئۇرسا، پۈتۈنكائىنات ۋە يارالمىش ئاھ، ئۇرۇپ، قۇرۇپ، كۆيۈپ تۈگەيدۇ، خالاس. بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ئانىمىز ئالدىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس قەرزىمىز ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش بىلەن دىلىمىزغا ئىنتايىن يېقىندۇر. بىراق ئۆزەمچە « سىز» دېمەي «سەن» دېگەن بولسا، تېخىمۇ يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرەركەن ھەم كۈچلۈكرەك بولاركەن، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم تېخى!
3.         شائىرنىڭ توپلامدىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ياشلىق ھېس-تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار بولۇپ، توپلامدا بۇ تۈردىكى شېئىرلار «ئوتقا چىقماس بوپ قالدى قىزلار» دېگەن چوڭ ماۋزۇ بىلەن «روھ چۇقانلىرى» دېگەن  چوڭ ماۋزۇ ئاستىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىدە كىشىلىك مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئىلھاملار روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار شۇ قەدەر ساپ، يارقىن ۋە كۆڭۈلگە يېقىن بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى شېئىرلار قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي مۇھەببەتكە بېغىشلانغان بولسا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مۇھەببەتنىڭ كەڭ، چوڭ، نازۇك، بىغۇبار قانىتى بولغان ساداقەت، ۋاپادارلىق، ۋىجدان-غۇرۇر ۋە ئەدەب-ئەخلاققا بېغىشلانغانلىقى بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. بۇ شېئىرلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەخلاقلىق، سەمىمىي، دىل كۆيەر، ساداقەتمەن ۋە ئېتىقادلىق بولۇپ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە كام بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھەممىمىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن:
«جانانىم، سەن يېنىمدا ماڭغىن

جانانىم، سەن يېنىمدا ماڭساڭ،
گۈل ئىزىڭغا قالارمەن دەسسەپ.
ياكى مېنىڭ ئارقامدا قالساڭ،
ياتلار سېنى قويارمۇ قەستلەپ.
مانا بۇ شېئىر شۇنچىلىك ئاددىيلىقىغا ۋە ئىخچاملىقىغا قارىماي، ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىقىنى خېلىلا چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۇندىن باشقا شائىرنىڭ بۇ بۆلەكتىكى شېئىرلىرى ئىچىدە «ئەدەب-ئەخلاق مۇقەددەس»، « ‹رەھمەت› سۆزى ئۇلۇغدۇر» ۋە «ئادەم بولساڭ» كەبىي بىر تۈركۈم شېىرلىرى ھەممىمىز بىردەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئادەمىيلىك پەزىلەت ھەم پاك ئىنسانىي خىسلەت يېقىدىكى ئەزگۈ تىلەكلەر روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان شېئىرلار بولۇپ، ئەبەدىي قەلبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇسى!
    4. شائىرنىڭ «كەپسىزلىكىم، خەير-خوش» ناملىق چوڭ ماۋزۇ ئاسستىغا توپلانغان شېئىرلىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شېئىرلاردا بالىلىق ئەستىلىكلىرى روشەن ئىپادىسىنى تاپقان.
     بۇندىن باشقا شائىرنىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى بولمىغۇر ئىش-ھەرىكەت ھەم ئىنسساني ئەدەب-ئەخلاققا يات بولغان قىلمىش-ئەتمىشلەرنى تەنقىد قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «زەللە»، « نەدە ئەخلاقنىڭ كويى»، « نېمىشقا زادى»، « بىر ھورۇنغا» ۋە «مەندە» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئۈستۈن ھەم تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى نىسبەتەن كۈچلۈك بىر تۈركۈم شېئىرلىرىمۇ بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، تەنقىد ئوبيېكتىنى تاللاش، ئىپادىلەش، ئوبراز يارىتىش ۋە خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىققا ئىگىدۇر.
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەنكى، ئاپتور توپلىمىدىكى چوڭ ماۋزۇلاردا ۋە شېىرلىرىدا «بولۇپ، قىلىپ» دېگەن پېئىللارنى « بوپ، قىلىپ» دەپ زورىغا قىسقارتىپ ئىشلەتكەن. بۇندىن باشقا ئىجادىيىتىدە ئۇنداق نۇقسانلارغا يول قويماسلىقىنى؛ شۇنداقلا، شائىرنىڭ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ، ۋەزىنگە چۈشۈرۈپ، قائىدىگە ئۇيغۇن يېزىش ئۈچۈن قەلىمى پىشقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يەنىمۇ كۆپرەك ئوقۇپ، مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن يېزىشىنى ھەم قايتا-قايتا ئىشلەپ مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا سۇنۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
قىسقىسى، شائىرنىڭ «قەشقەر بالىسى» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان شېئىرلىرى ئىپادە قىلغان مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭ، ساغلام، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، ئەل كۆڭلىگە يېقىنلىقى، ھەرقانداق سۈنئىي رەڭ-بوياقلاردىن خالىيلىقى؛ تىلىغا ھېچقانداق ھەشەن-دەرەم ئىشلەرتمىگەنلىكى، دەبدەبىدىن يىراقلىقى، تېتىملىقلىقى، چۈچۈكلىكى، ئاممىبابلىقى، جانلىقلىقى، ئىخچاملىقى، ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇللىقى ھەم شېئىرىي مىسرالارنىڭ نىسبەتەن رەڭدار، كۆركەم ۋە جەلبكارلىقى؛ بەدىئىي ۋاستىلارغا تويۇنغانلىقى بىلەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلىستانىدا خۇشپۇراق بىر دەستە تەبىئي گۈل بولۇپ، دىللاردا مەڭگۈ يادلانغۇسى!
                                  2014-يىلى 6-نويابىر، كاشغەر


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش