تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 16

بوۋاقى: «قىشتىكى خامان»نىڭ دېنى ۋە شائىرنىڭ قېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 657
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 15:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئابلاجان بوۋاقى

«قىشتىكى خامان»نىڭ دېنى ۋە شائىرنىڭ قېنى

(ئوبزۇر)

«قىشتىكى خامان»- ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ يىرىك شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، بۇ كىتاب نەشر قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان نەگىلا بارسام، ئۇ كىتاب ھەققىدىكى مۇتالىيە-تەلقىنلەرنى ئاڭلاپ كەلدىم-دە، دەمال بىر نەرسە دېيىشكە جۈرئەت كامدەكلا  «قۇلاق يوپۇرۇپ» يۈرىۋەردىم. بىراق بىر خىل ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان شىرىن ئىزتىراب بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىمچە كۆڭۈل دەپتىرىمنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە پىغانلىرىمنىڭ يەشمىسىدىن ھاسىل بولغان تەمەچلەرنى تىركەپ قويدۇم.
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، نامدار، پىشقان، مۇھاكىمىسى نېسبەتەن چوڭقۇر، قاراشلىرى يېڭى ھەم ئىلمىي بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ باھا بېرىشىنى كۈتۈپ، سۈكۈتكە پېتىپ كۈن ئۆتكۈزدۈم. ئاخىرى بولماي «سەبرى قاچام» توشۇپ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش سەمىمىيىتى بىلەن بۇ ئاددىي يازمامنى مەتبۇئاتقا سۇندۇم.
ئەمدى گەپنى باشتىىراق باشلىسام، مەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىللىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى چارىكىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھەرقانداق شېئىرلىرى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنسا، ئىزدەپ-سوراپ ئوقۇپ، تەلقىن قىلىپ، شېئىر خۇمارلار بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ، كۆز قاراشلىرىمنى نېسبەتەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گاھىدا چامىمنىڭ يېتىشىچە ئوبزۇر سېنلىق نەرسىمۇ يېزىپ، ساددا باھالىرىم بىلەن كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزۇپ كېلىۋاتقانىدىم. راستىنى ئېيتسام، شائىرنىڭ « شاراب تومۇرى»، «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شائىرلار توپلاملىرىنى نەچچە-نەچچە قېتىم پىكىر ئەلگىكىمدىن ئۆتكۈزۈپمۇ بۇنچىلىك ھاياجانلانمىغانىدىم. لېكىن بۇ نۆۋەت ئاجايىپ تۇيغۇلارغا غەرق بولۇپ، ھەقىقىي شېئىرنىڭ ھەقىقىي كۈچ-قۇدرىتىنى تېگى-پېيىدىن تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم. گەرچە شېئىرنىڭ ئادەتتىكى ھادىسە تەپسىلاتى ياكى بىردەملىك ساختا ھېس-تۇيغۇلارنىڭ  قىلىنىشى ئەمەسلىكىنى ئاللىبۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن بولساممۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئوي-پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىقى، پەلسەپىۋىي ئىماگلارغا تويۇنغانلىقى، تىلىنىڭ ئويناق، ئەركىن، كۆپ قاتلاملىقلىقى، مەزمۇنىنىڭ روشەن قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى: شۇنداقلا ئېتىقاد- ئەقىدە، ئار-غۇرۇر ۋە ساداقەت يېقىدىكى ئىخلاس  سۈيى-لېيى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى روھىناتىمدا چاقماق چېقىپ، ئۆزۈم ھەققىدە يەنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى. مېنىڭچە ھەقىقىي، ياخشى بىر پارچە شېئىرنىڭ خاسلىقى ئەنە شۇ تەرەپتە ئىپادىلەنسە كېرەك...چۈنكى، شېئىر تېگى-تەكتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن پاكىز بىر روھىي چۇقاننىڭ شائىرنىڭ تىلى ۋە دىلى بىلەن زاھىرلىنىشى بولۇپ، ئۇ، دىللاردىن دىللارغا ئاقىدىغان سۈيى پۈتمەس ئېقىن  ۋە ئىلاھىي ھىممەتلىك بۇلاقتۇر! شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇڭا شېئىرلىرىنى ھېچقانداق سۈنئىيلىكتىن خالىي ھالدا روياپقا چىقىرىپ، ئىزگۈ پىكىرلىرىنى ۋۇجۇدلارنىڭ ئىسسىق ئېقىنىغا ئايلاندۇرۇپ، دىللاردا يېشىل ئابىدە تىكلەپ، ئەبەدىيلىكنىڭ ئاساسىنى سالالىدى. ئۇ توغرا  دەيدۇ:«شېئىر- ھەقىقىتەنمۇ بايقىغانلارغا مەنسۇپ».
(ئابدۇقادىر جالالىددىن) مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالادىلىكى ھەققىدىكى «بايقىغان» تەلقىنلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويسام مۇۋاپىق بولغۇدەك، دەپ قاراپ، ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئۈزۈكسىز تەتقىق قىلىپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن:
1.شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت  كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق، ئىزگۈلۈككە تويۇنغان، كەڭ دائىرىلىك، سەرخىل، خاسلىققا ئىگە بولۇپ،  ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر شېئىرىدا ئالدى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇھەببەت نۇرى گويا قۇياشتەك چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ مۇھەببەت قانداقتۇر تار دائىرىدىكى «كۆيدۈم-پىشتىم،  يۈرىكىم پىژ-پىژ، ئۆپكەم غىژ-غىژ، ئاھ-ۋاھ...» دېگەندەك بىمەنە، بىھۇدە، بىمەزگىل زاھىرلىنىپ سۇيۇقلانغان رادىكال مۇھەببەت بولماستىن، بەلكىي رىشتىسى ئانا يۇرتقا، ئانا ۋەتەنگە، ئۇلۇغ بىر خەلقكە، ئەجدادلارغا، ئەۋلادلارغا ۋە ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان ئانا تىلغا بولغان بۈيۈك مۇھەببەت بولۇپ، ھەممىمىزنى ئىختىيارسىز يۈرىكىمىزگە قولىمىزنى سېلىپ بېقىشقا ھەمدە سىلاپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ توپلىمىدىن ئورۇن ئالغان «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم»، «تاش قەسىدىسى»، «كارۋان قەسىدىسى»، «كارىز يىلتىزى»، «ھاۋا قەسرى»، «تۇز قەسىدىسى»، «يارغول خارابىسى»، «تەكلىماكان»...قاتارلىق مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدا ئانا ۋەتەنگە، خەلقكە، ئەجداد ۋە ئەۋلادلارغا، ئانا تەبىئەتكە، ئېزىز يۇرت-ماكانغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت ھەردەم يالقۇنجاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت قانداقتۇر ئادەتتىكى بايانىي جۈملىلەردە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىرلەردەك ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئېيتىلماستىن، بەلكىي تىلنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلاملىرىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن ئاساستا مەجازى ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى ۋە پاك ئېتىقادنىڭ ھامىيلىقىدا تازا دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شېئىرلار بىرمۇنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ غۇل-غۇلىسىغا سەۋەب بولۇپ، روھىي زىل-زىلە پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى «نەۋائىي شېئىرلىرىدىكى ساماۋىي يۈكسەكلىك بىلەن مەشرەب شېئىرلىرىدىكى ئارىپانە مەردانىلىك» (ئابدۇقادىر جالالىددىن) نىڭ يارقىن جۇلاسى چاقناپ، ئىشقىمىزنى تاۋلاپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، بىزنى ئىجادىي پىكىر قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئىجابىي ئىلھام بېرىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەتنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيىتى بىلەن مۇپەسسەل باغلانغان ھالدا ئوبيىكتىپ بىلەن سوبيىكتىپنىڭ گىرەلەشمىسىدە تۈندىكى چولپان يۇلتۇزدەك ئايانلىنىپ، بېسىلغۇسىز ھېس-ھاياجانغا ئىگە قىلىدۇ. مىسال ئۈچۈن «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

«تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ،
يانغان ئەلەم بولۇپ ئانا تىلىمىز.
يارالمىش قىسسىسى پۈتۈلگەن چاغدا،
تەۋرىگەن قەلەم بوپ بىزنىڭ تىلىمىز.


تاغلارنىڭ كەينىدىن يانغان سۈبھىنىڭ،
ھۆسنىدىن بالقىغان ئانا تىلىمىز.
قۇياشقا يۈكسىلىپ سىڭگەن ئوغۇزنىڭ،
كۆزى بوپ چاقنىغان ئانا تىلىمىز.»
-«يارىلىش»تىن

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، شائىرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىدىن گويا ئىدىقۇت تېغىدىكى بېسىققۇسىز لاۋالاردەك ئۇلۇغ بىر قىسمەت بەدەل شەيدالىق بىلەن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇ ئاتاشنەپەس نېدالار بىر ئىپتىخارلىق ئىزتىراب تۈپەيلى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىختىيارسىز ئۆرتەپ، بىر تەرەپتىن ئەقىللىق، ئىجادجان، مېھنەتكەش ئەجدادلىرىدىن سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ شانلىق ئىزىدىن ماڭالىغان-ماڭالمىغانلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.  شۇنداق جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ شېئىرلاردا چىن ئىپادىىسىنى تاپقان مەنا ئىنتايىن كەڭ روھىي چەكسىزلىككە، ئاجايىپ يۈكسەك بەدئىي دىتقا، كۈبلېت ۋە مىسرالار ،ھەتتا ھەر بىر پارچە شېئىر بويىچە مۇكەممەل مەزمۇنەن زەنجىرسىمانلىققا  ھەم ئۆزىگە خاس ئوبرازچانلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، گاھ ھىجران دەشتلىرىدىكى پىداكار ئاشىقنىڭ ياڭراق چۇقانىدەك قەلبلەرنى لەرزىگە سالسا، گاھ سۈبھىدىكى رەڭگارەڭ ئېچىلغان خۇشپۇراقلىق ئارمان گۈللىرىدەك ئەبەدىيلىك ھوزۇرلۇق كەيپىيات ئاتا قىلىپ، شېئىرنىڭ ئىجابىي تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، شائىرانە ئىستەكنىڭ ئەركىنى نامايەن قىلىدۇ. شائىر ئانا تىلنى ئۇلۇغلاش ئىستىكى بىلەن مەھكەم يۇغۇرۇلغان بۇ شېئىرلىرىدا خەلق، ۋەتەن، مىللەت، شائىر ۋە  ئانا تىلنى مۇستەھكەم بىر شېئىرىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، تۇنجى ئىنساننىڭ يارىلىشى ۋە ھقىقىي ئادەمىيلىك مەقامىغا يېتىشكىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەريانلارغا بىزنىڭ گۈزەل، مەزمۇندار، جەزبىدار، چۈشىنىشلىك، مەنىدار، ئەۋرىشىم، پاساھەتلىك، ئىخچام، باغرى كەڭ ۋە ئاتەش ئانا تىلىمىزنىڭ ئۈن-تىنسىز سىڭىشىپ كەتكەنلىككىدەك لاتاپەتلىك ۋە ئىزتىرابلىق ئىشقىي كەچمىشلىرىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە سىمۋوللۇق ئىپادىلەپ ئانا تىلنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەم تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. شائىر بۇ شېئىرىدا يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىد-تىلەك ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن يارالغان ئانا تىلىمىز بىلەن نۇرانە قۇياشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ مەدھىيلەپ، دىل كۆكىنى يورۇتقان ئانا تىلىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولىشىمىزنىڭ پاك ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىمىز ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇندىن باشقا شائىر ئانا تىلىمىزنى سۈبھىدەك سۈزۈك، ئۈمىدكە تولغان، جەلبكار، يېقىشلىق دەپ، تاغ ۋە سۈبھىنى ئەپۇچان، سەبرى-تاقەتلىك، بارلىقنىڭ ئاتىسى ھەم قوغدۇغۇچىسى بولغان خەلقكە سىمۋول قىلسا، ئانا تىلىمىزنى قۇياشقا سىمۋول قىلىپ، يارقىن تەسۋىرلەيدۇ. شائىر ئانا تىلىمىزنىڭ بارلىق ھېكمەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن «ئورخۇن ئابىدىلىرى» گە ئۆتكۈر «ئۈچىنچى كۆز»ىنى يۈگۈرتۈپ، «مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى» نىڭ ئادەتتىكى بىر خىل تاش پۈتۈك ياكى خاتىرە بۇيۇم بولماستىن، بەلكىي، خەلقنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ۋە بەختىيارلىققا ئىگە قىلىش يولىدا ۋەتەن-مىللەتنى قوغداشتىن ئىبارەت ۋىجدانەن بۇرچىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئادا قىلىش ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ئەجدادلىرىمىز قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسسىق قېنىدىن پۈتۈلگەنلىكىنى تويۇنغان بەدئىي دىتى بىلەن ئىپادىلەپ، ئەۋلادلارغا ۋەتەن-مىللەتنى سۆيۈش ھەم قوغداشنىڭ ئۆلگىسىنى زاھىر قىلىپ بېرىدۇ.
ئەمدى بىز تۆۋەندىكى شېئىرىي تەركىبلەرگە نەزەر ئاغدۇرايلى:

«بارچە ئادەملەرنى تۇغار ئانىلار،
ۋە لېكىن، باتۇرنى تۇغىدۇ ئۆلۈم.
كۆڭۈللەر تەختىگە ئالغىنىدا يول،
باتۇرغا پايانداز بولىدۇ ئۆلۈم.

مەردلىكنىڭ قىلىچى قىلمىسا جەۋلان،
ئابىدە دەقىقە تۇرالماس ئۆرە.

تاش مۇنار يىقىلار ئۆتمەستىن ھايال،
باتۇرغا باتۇرلار سالمىسا گىرە.


شائىرلار قەلىمدىكى قاپقارا سىياھ،
باتۇرلار قېنىدىن ئالمىسا زىياھ؛
ھېكمەت، پاساھەتكە تولۇپ كەتسىمۇ،
سىياھدۇر، سىياھدۇر، بەرىبىر سىياھ.»
-«ئورخۇن ئابىدىلىرى»دىن

ۋىجدانلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، شائىرنىڭ بۇ كۇبلېتلاردا ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپىۋىي پىكرى ھەربىر غۇرۇر ئىگىسىنى ئۆزى، ئۆزلۈكى ھەم ئۆز ياشامى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ :«باتۇرنى ئۆلۈم تۇغىدۇ، باتۇر دەل شۇ سەۋەبلىك ئۆلۈمى بىلەنلا كۆڭۈللەر تەختىدىن شاھانە ئورۇن ئالىدۇ، شۇ شەرەپلىك ئۆلۈم ئۇنىڭغا شۆھرەتلىك پايانداز بولىدۇ، ھەرقانداق ئابىدە، مۇنارمۇ مەردلىكنىڭ قىلىچى ئارقىلىق ئۆز تارىخىنىى يېزىپ قالدۇرمىسا، ئۆرە تۇرالمايدۇ...» دەپ يەكۈنلەپ، ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممىمىزگە ياڭراق خىتاب قىلىپ:« ئھ، شائىر، سېنىڭ قەلىمىڭدىكى سىياھ باتۇرلار قېنىدىن نۇرلىنىپ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ جۇلالانمىسا، ھەرقانچە ھېكمەت، پاساھەت ھەم دۇردانىگە تولۇپ كەتسىمۇ، بەرىبىر سىياھ...» دەپ پىكرىنى تاماملاپ، شائىرلارنى ئانا تىلنىڭ ساپلىقى، پاكلىقى ۋە بايلىقىنى قوغداپ، مەڭگۈلۈك مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن، يۈرەك قېنىنى قەلىمىگە ئىچۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ شانلىق تارىخىنى يېزىپ، قەلبلەردە ئابىدە تىكلەشكە چاقىرىدۇ ھەمدە قانلىق كۆرەشلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، بۈيۈك ئابىدىلەرنى قەلبلەرگە تىكلىگەن باتۇر ئەجدادلاردىن ئەبەدىي ئۆگىنىشكە ۋە ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىپ ئىلھام ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمىزكى، بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىرمۇنچە مىللەتلەرنىڭ تىلى خېرىسقا دۇچ كېلىپ، يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەت ئالىمى ۋە مەدەنىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ئورنىنى ئەبەدىي تولدۇرغۇسىز بوشلۇق-زىيان پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا ھەقلىقمىزكى، ئىگە بولىدىغان ئادەم بولمىسا، تىل تۇرماق، بارلىق نەرسە يوقىلىپ كېتىدۇ. رېئاللىق ۋە تەرەققىياتنىڭ شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلىرى تىل-يېزىقسىز ئاپىرىدە بولغان ھەرقانداق مەدەنىيەتنىڭ ئىزناسىنى يوق قىلىپ، ئىچىمىزنى مەڭگۈلۈك ئاچچىققا تولدۇرىدۇ. بۇ موھىم نۇقتىنى دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چۈشەنگەن ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ ئىقبالىغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن شائىر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئانا تىلىمىزنى ئاتەش يۈرىكى بىلەن سۆيگەن، ئۇنىڭ ئىشقىي-پىراقىدا سەمەندەردەك پىغان چېكىپ كۆيگەن ھەم قاپقارا، سۇمبۇل چاچلىرىنى ئېھتىراس بىلەن ئۆيگەن پىداكار ئەجدادلىرىمىز  ھەمدە ئانا تىلىمىزنى جاھانغا يۈزلەندۈرگەن يۈزلەندۈرۈش يولىدا ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىزدىنىپ، ئانا تىلىمىز بىلەن جاھانشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ، ئانا تىل تەەققىياتىمىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئاجايىپ بىر جەڭگىۋار ئىپادە بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈ يالقۇنىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ. شائىر مەدنىيەت سەمەرىرلىرىمىز
نىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس يۇلتۇزلىرىدىن مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ،
ئەلىشىر نەۋائىي، زەھىررىدىن بابۇر، ئەھمەد يەسەۋىي، بىلال نازىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تەۋپىق ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقىي ۋە ئابدۇقادىر داموللىلارغا ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى بىلەن پىنھان سىردىشىدۇ. شائىر شېئىرىدا ئىسمى زىكرى قىلىنغان ئەخدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىد-ئارمانلىرى بىلەن ئىزگۈ تىلەكلىرىنى يۇغۇرۇپ:

« ئالەمنىڭ قىممىتى پۈتۈلگەن تىلغا،
مەن ئۇيغۇر تىلىمنى قويىمەن يانداش.
سېنادا مۇراجەت قىلغاندا مۇسا،
بوۋام نەپەسلىرى بولغان زامانداش.


تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان،
مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان.
يېشىلىپ پۇتىغا چىرماشقان تۈگۈن،
ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان.

كۆزۈم كورلىقىدىن يىمەيمەن ۋايىم،
دىلىم كور بولىدۇ تۇتۇلسا تىلىم.
دىلى كور ئۆزىنى تونۇماس دائىم،
دىلى كور ئەۋلادتىن شۈركىنەر تېنىم.»

-« مەھمۇد كاشىغەرىي» دىن
دەپ نېدا قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان بىباھا سۆيگۈسىنى  چوڭقۇر شېئىرىي كەڭلىك ئىچىدە پەلسەپىۋىي مەنالار قاتلىمى بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلمىغان بۇ ساھىبقىران مۇئەللىپ ئانا تىلنى قايتىدىن باغاش ئېتىپ، مېھىر تەلقىنلىرىدە  ئېقىپ، زاھىر دۇنيادىن مۇستەسنا ھالدا مۇتالىيە قىلىپ، ئانا تىلنىڭ خاس جىلۋىلىرىنى ئەقىل نۇرلىرى بىلەن بىزەپ:

«سۆزلەرنى تېرىساڭ قۇياش ئۈنىدۇ،
قۇياشنى قۇچاقلاپ ئاسمان ئۈنىدۇ.
سىلجىتىپ ئۇپۇقنى يىىراق-يىراققا،
خور قىلىپ ئېيتىلغان داستان ئۈنىدۇ.

-«زاھىررىدىن مۇھەممەد بابۇر»دىن

تىلىم شەبنەم كەبىي ساددا ھەم نازۇك،
سەبىينىڭ كۆڭلىدەك ئوچۇق  ھەم پاكىزە.
ئىگىز خانتەڭرىگە ئىگىلىپ تۇرغان،
دېڭىز رەڭ ئاسماندىن ئالغان ئەندىزە.»

-« ئەھمەد يەسەۋىي» دىن

دەپ يېزىپ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ .
بۇ مىسرالارنى ئوقۇۋىتىپ، تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزگە سوئال قويغىڭىز كېلىدۇ: تىلنىڭ يىلتىزى نەدە، دەپ. تىلنىڭ يىلتىزى نەدە؟ تىلنىڭ يىلتىزى تارىخنىڭ ئوتلۇق بەتلىرىنى ياراتقان  ھەممىگە قادىر خەلق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ دەرد-ھەسرىتىنى يۈدۈپ يۈرگۈچى شائىرنىڭ مۇڭلۇق يۈرىكىدە. تىلنىڭ يىلتىزى ھايات داۋانلىرىدىن مەردانىلىك بىلەن ئۆتكەن ئىجادكار، مېھنەتكەش، سۆيۈملۈك، ئەل سۆيگەن ئالىملارنىڭ شىرىن تىلەكلىرىدىن پۈتمىش ئىسسىق قېنىدا!...
ئۆز خەلقى ئالدىدىكى پەرزەنتلىك قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، يېڭى پىكىر ھەلەكچىلىكىدە ئويلارنىڭ تەكتىماكانىغا شۇڭغۇپ، ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىپ شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ ھارارەتلىك يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ-ئېقىپ چىققان بۇ تويۇنغان مىسرالار ئۇنىڭ يېڭى بىر مەنزىل تامان قەد كىرىپ ئالغا تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. شائىر ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقنى مۇپەسسەل چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئانا تىلنىڭ ئورنىغا ئۆزگە تىلدا زىكىر قىلىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇش ئالدىدا تۇرغان ھەم ئۆز ئانا تىلنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدسىزلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان بىغەملەرگە كۆرە:
« ياتلار سۆزلىسە گەر ئانا تىلىمدا،
ئاغزىغا بال بەردىم، قولىغا ئالتۇن.
ئۆزىنىڭ تىلىنى چاينىغانلارنى،
مېھرابقا ئۆتسىمۇ دېدىم شاياتۇن.»
دەپ ئۆتكۈر ھەجۋىي قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاتتىق تەنقىدلەيدۇ ھەمدە:
خاقانىيە تىلىدا بەردىممەن جاۋاب،
ھەتتا مۇنكىر-نەكىر قىلغاندا سوراق.
ئەيمەندى مەردانە ئەپتىمگە قاراپ،
كۈلدى پەرىشتىلەر تارتىپ ئىشتىياق.

دەپ يېزىش ئارقىلىق، پانىي دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكىي باقىي دۇنيادىمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىگەنلەرنىڭ قەدىرلىنىپ، ئەجدادلار ۋە ئەۋلادلار ئالدىدا ئەبەدىي يۈزى يورۇق بولىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز ئانا تىلىنى قورال قىلىشنىڭ تەڭداشسىز خاسىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
شائىر داستان تۈسىنى ئالغان بۇ چاتما شېئىرلىرىنىڭ تۈگەنجىسىدە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئۆز ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، روھىمىزنى پاكلاپ، ئېتىقادىمىزنى،  ھاياتىمىزنى، ۋىجدانىمىز ھەم مەۋقەيىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىرادە ۋە ئەقىدىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، نادانلىق يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، قاششاقلىق گۈمبەزلىرىنى كۈمپەيكۈم قىلىپ، ئۆزىمىزگە ۋە ئانا تىلىمىزغا ئىگە بولالىساقلا :
« تىلىڭ ئامان بولسا بىر كۈنى،
سۆزلىگۈدەك مەيدان تېپىلار.»

دەپ مەردانە جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىكىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن ياشام ھەقىقەتلىرىنى روھىمىزغا(جىسمىمىزغا) قايتۇرۇپ كېلىش ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ بۇ چاتما شېئىرى مەيلى شېئىرىي قىممەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى بەدئىي ھىممەت جەھەتتىن بولسۇن بالاغەتكە يەتكەن تاكاممۇل شېئىر بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان لەرزىسى مەڭگۈ بېسىقمىغۇسى...
2. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شائىر ۋە شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەكلىكىنى، شېئىرغا كۆڭۈل بېرىپ، شائىرلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نوپۇز ھامىيسى بولۇشنى دىلىغا جا ئەيلىگەن ۋۇجۇد ئىگىسىنىڭ قانداق پەزىلەت-خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇش زۆرۈرلىكىنى؛ شۇنداقلا ئۆزى مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشنى چۈشىنىپ قىلىش بىلەن، چۈشەنمەي قىلىشنىڭ پەرقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلغان شائىر بولۇپ، ئۇ شېئىر ۋە شائىر مەزمۇنىدا يېزىلغان ھەر بىر پارچە شېئىرىدا ۋىجدانىي مەيداندا تۇرۇپ، ئىمانىي كامىللىق بىلەن ھەق چۇقانىنى دادىللىق بىلەن سېلىپ، مەۋجۇدىيەت، ئىنسان، ئەقىل، بىلىش، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي خاراكتىر نۇقتىسىدا سۈزۈك، روشەن، پىكىر يۈرگۈزۈپ، پىكىر بىلەن مەنانى شېئىرنىڭ جېنى، تەسەۋۋۇر، ئوبراز ۋە نازۇك ھېس-تۇيۈۇلارنى شېئىرنىڭ قېنى ھەم بەدئىي دىتى بىلەن يۈكسەك تاللاش، تاۋلاش ۋە اكاكممۇللۇققا ئىگە قىلىش ماھارىتىنى شېئىرنىڭ قانىتى دەپ قاراپ، ئۆز لىرىكىلىرىدا يالقۇنلۇق شېئىرىي ئوبرازلارنى يارىتىپ ۋە «مەن» مەزكەزلىكىدە ئىخچام ئىپادىلەپ، بەدئىي ئۇچقۇننىڭ مىسلىسىز جۇلاسىنى سەمەرىلىك نامايەن قىلدى. ئۇ شېئىرلىرىدا ئىستىتېك تۇيغۇ بىلەن ئىرادە ئەركىنلىكىنى مۇستەھكەم يۇغۇرۇپ، ئىنسان قەلبىنىڭ يىراق ئېرادىكى سىرلىق ئاراللىرىغا مەردانىلىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، غۇۋالىق ئىلكىدىكى روھ ئۆڭكۈرىنى يارقىن گۈلىستانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ ئېتىپ، ناھايىتى كۆپلىگەن ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىردەك دىلدىن ئېتىراب قىلىشىغا سازابەر بولدى.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرىلىرىنى قەلەمنىڭ سىياھى بىلەن ئەمەس، بەلكىي، ئىسسىق قېنى، ۋىجدانى، ئىمانىي ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىپ، «شائىر-بىر مىللەت مەدەنىيەت-سەنئەت مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى»(بوغدا ئابدۇللا) دېگەن ئەقىدىنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئەمەلىلەشتۈردى. بۇندىن باشقا ئۇ ھەر بىر پارچە شېئىرىنى بەلگىلىك شېئىرىي ھېكمەت بىلەن تويۇندۇرۇپ، ئۆز خاسلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەقتە پازىل مۆتىۋەرلەردىن ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇنداق دەيدۇ: « شېئىرىيەت، ھېكمەتنى لېرىك بىلىش ۋە ھېكمەتنى لېرىك تۈستە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن سەنئەت، شېئىرنىڭ سەنئەتلىك قۇۋۋىتىمۇ لېرىك قۇدرەتكە باغلىق بولىدۇ، شېئىر لېرىكىدىن ئېبارەت».
شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن ۋەتەن-خەلق، شېئىر، قەلەم، ئېتىقاد، ئارمان، ۋىجدان، پەزىلەت ھەمدە مۇھەببەتنى پۈتۈن شېئىرلىرىدا دېگۈدەك بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، مەھكەم يۇغۇرۇپ ئپادىلەشكە تىرىشىپ، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر، سېستىمىلىق، ئەتراپلىق، ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ھەر بىر پارچە شېئىرىدا سەمىمىيلىك بىلەن زاھىر قىلدى. بۇ نۇقتىلار ئۇنىڭ « ھايات ۋە ھايات»،  «رەڭسىز شېئىر»، « قەلەم ۋە شائىر»، « شەھەر ۋە شائىر»،  « شېئىرنىڭ ئىپپىتى»... قاتارلىق مۇنەۋۋەر لېرىلىرىدا جانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بىز ئۇنىڭ  «قەلەم ۋە شاائىر» ناملىق شېئىرىدىن بەھر ئالايلى:

« قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان، زاۋالىمنى بەر.

چىلاپ سېنى تۈندەك قاراسىياھقا ،
سىزاي چوغلۇق گۈلى مۇڭلۇق دىللارغا.
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپپاق قارلىرى،
ئەگىز بولۇپ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا.

قەلەم قەلەم ئەمەس، مىسالى ئەلەم،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم.
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم.

ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە،
پادىچى ھەم دانا ئوخشاش قەلەمدە.
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە.

شائىر كۆرسە توڭلاپ، تىترىگەنلەرنى
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار.
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار.»
.................................
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا قەلەمگە خاس ئەقىدە-ئېتىقاد بىلەن شائىرانە پازىل خىسلەت، يۈكسەك دەرىجدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئادەمىي قىممەت، مەنىۋىيەتنىڭ بىقىياس قۇدرەت-كامالى بىلەن كۆمۈلمە روھىي پىغاننىڭ بىتاكرار ئىزتىرابى، تەپەككۇر مىزانىدىكى ئۈزۈكسىز ئۇچقۇرلۇق بىلەن بەدئىي مەپتۇنكارلىقنى شەكىللەندۈرگۈچى سەلتەنەتلىك ئىختىرا قىيامىنىڭ كىشى قەلبىنى مەست قىلغۇچى
نۇسرەتلىك دىيانەتكار جۇلاسى تەرەپ-تەرەپتىن گوتا باھاردىكى ئەگىز سۈيىدەك تامچىلاپ، ئىشقىمىزنى مەتانەت ئىلكىدىكى شېئىرىي كۈي بىلەن بىشارەتلىك زەرەتلەپ، بىزنى تەگسىز ئويلارنىڭ باقىي تىلسىملىق ماكانىغا غەرق قىلىدۇ. يەنە بىزنى «ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە، پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم » بولىغانلىقىدەك ھايات ۋە ياشاش مەنتىقىسى بىزنى چەكسىز ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، ئىزتىرابلىق ھېس-ھاياجاننىڭ ئىزگۈ بەندىسىگە ئايلاندۇرۇپ، شىرىن شېئىرىي ئازاب ھەم لەززەتنىڭ خامىنىدا پايخانغا ئوخشاش بىر  كەيپىياتقا چۆمۈلدۈرىدۇ، خالاس. مېنىڭچە، بىر پارچە بەرنا شېئىر شۇنچە كەڭ  مەزمۇننى كىچىككىنە ۋۇجۇدىغا ىسىڭدۈرگەنلىكى ۋە روھ ئېراسىدا شۇنچە زور داۋالغۇش ھەم سەھۋەن پەيدا قىلالىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئەبەدىيلىككە ئۇزارتالىسا، شائىر ئۆزىنىڭ قان-تەرىدىن مەڭگۈ ئىپتىخارلانسا بولىدۇ.
3. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرى تىل جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، رەڭدارلىققا كۆرە ئىخچاملىق، پاساھەتلىك، روشەنلىك، ئىجادىيلىق؛ دەبدەبىگە كۆرە تېتىملىق، جەزبىدارلىق، يېقىملىق ۋە سىمۋوللۇق تۈسىنىنىڭ قويۇقلۇقىغا كۆرە پەلسەپىۋىي ھېكمەتكە تويۇنغانلىقى بىلەن بەلگىلىك ئارتۇقچىلىققا ئىگىدۇر. بىزگە سىر ئەمەسكى، « تىل-مىللەتنىڭ ھاياتى، تىنىقى ۋە تارىخىدۇر.»(ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن) تىلسىز مىللەت-قەۋم، دىلسىز ئادەم بولمايدۇ. بار دېگەندىمۇ ئۆزىنىڭ روشەن بەلگىسىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا خۇدۇكسىرەپ، ئىزتىراب بىلەن ھاياتىنى تاماملايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ نۇقتىنى تېگى پېيىدىن تونۇپ يەتكەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن ئۆز شېئىرلىرىنىڭ بەردەم تىلى ئارقىلىق بىرمۇنچە شېئىر خۇمارلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، بىر تەرەپتىن ئىستىمالدىن
چۈشۈپ قېلىۋاتقان سۆزلەرنى شېئىرلىرىدا جايى-جايىدا ئىشلىتىپ، ئالاھىدە ئىجادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىدىن- يېڭى سۆزلەرنى ئىجادىي مەپتۇنكارلىق بىلەن ياساپ، مىللەتنىڭ تىلدىن ئىبارەت قان-تومۇر ئېقىنىنىڭ كۈۋەجەپ ئېقىشى ئۈچۈن ئاجايىپ ئىجابىي تۆھپە قوشتى. ئۇ « بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى سەزگۈر ئەقىدە، ھالال ۋىجدان ۋە مۇئەييەن پەلسەپىۋىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن» كۈزىتىپ، ئۆزىگە خاس ئاۋازى بىلەن قىرتاق ھەم شىرىن شېئىرىي تىلىدا نېدا قىلىپ، ئۆزى ئېيتقانداق « سۆزلەرنىڭ مەنە قاتلىمىنى ئىزچىل تۈردە يېڭىلاپ، يېڭى بىر ئىستىمال شەكلىدە كۆرسىتىش» (ئابدۇقادىر جالالىددىن) ئۈچۈن مەئىشەتنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىزدەندى. يەنە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، « جەمئىيەتتە شېئىرىيەت ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولىدىغان ئوكسېگىننىڭ بولماسلىقى تىلنىڭ مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» (ئابدۇقادىر جالالىددىن) شۇنداق بىر دەۋر بۆلگۈچ چاغدا «ئەنئەنە ئالدى بىلەن تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى» (باتۇر روزى) دەپ قاراپ، ئاڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەم سۆزلىيەلەيدىغان، ھەم ئەركىن ھەركەت قىلالايدىغان شېئىرىي تىلنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىپ، شانلىق ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىي تەلقىنلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن كۆۋرۈككە ئايلاندى. ئاتاقلىق شائىر ۋە شېئىرىيەت تەتقىقاتچىسى بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىم توغرا دەيدۇ:« شائىرنى شائىر قىلغان تىل، ئۇ مىللەتنىڭ روھىدىن كېلىدۇ.» ئۇنداقتا بىز بۇ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىغا نەزەر ئاغدۇرساق، شائىرنى مىللەتنىڭ روھىنى قېزىپ، شائىرنىڭ ئىلاھىي قورالى بولغان تىلنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەۋىتىپتۇ، دەپ ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنداق، « شائىر تىل سېھرىگىرىدۇر، ئۇ بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقاتقاندا، ئۆزىنىڭمۇ سېھىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. تىل قىسمەت ئالدىدا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ. شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىنى باشقىلار دوراپمۇ دوراپ بولالمايدۇ، چۈنكى، ئۇ خاسلىققا ئىگە نەرسە». (بۇغدا ئابدۇللا)  شۇنداقلا «شېئىر بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى خۇسۇسىيەتلەرنى ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ تىپىك گەۋدىلەندۈرىدغان ژانىر سۈپىتىدە تەپەككۇردىكى ئېتنوگرافىيەلىك، ئېكولوگىيەلىك، مىللىي پىسخىلوگىيەلىك خاسلىقلارنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» (ئا. جالالىددىن)  ئەمدى بىز بۇ دېگىنىگە ئىلمىي ئەمەل قىلىپ يېزىپ كېلىۋاتقان بۇغۇن شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن ھوزۇر ئالايلى:

« كاللىلار پىكىرسىز
تاش بولۇپ قاتقان
ئېلېكتىرۇن تۇيغۇنىڭ شۆلگەيلىرىدە
شاكىلاتتەك ئېرىپ تۇرىمىز.»

-«شەھەردە نەۋرۇز»دىن
....................................

قاراڭ، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، روھىي ئېچىرقاش ۋۇجۇدىمىزنى تەڭلا چۇلغىۋالغان پەيتتە ئۆزىنىڭ يېڭىچە مەدەنىيەت پىرامىداسىنى تېخىچە قۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھەم بار بولغان گۈزەل،  قىممەتلىك، سالاپەتلىك، جۇلاكار جاۋاھىرات دۇنياسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بۇ بىر ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ بىچارىلىكىگە شاھىد بولغان شېئىرىي مىسرالارنىڭ تىل يېقىدىن خاسلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىنى! تەرەققىياتنى ھەم ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن « ھىممەت»ىنى بۇ مىسرالار قانداق روشەن، ئاچچىق، قايىل قىلارلىق ئىپادىلىگەن-ھە؟ ئەمەلىيەتتە تۇيغۇ-ئېلېكتىرۇن ئەمەس ھەم ئۇنىڭ «شۆلگەي»ىمۇ ھەم يوق.  بىراق شائىر «شاكىلاتتەك ئېرىپ تۇرىمىز» دېيىش ئارقىلىق ئوبيىكتىپ ئوبراز (ئادەم) بىلەن سوبىكتىپ ئوبراز ( ئېلېكتىرۇن تۇيغۇ) زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە خاس مەنىۋىي كەڭلىك ۋە شېئىرىي تىل كامالىتىنى ھاسىل قىلغان.
يەنە بىر ھوزۇرلۇق:

« بىر يەكشەنبە

شاخلار يالىڭاچ
ئەتكەن چاينىڭ رەڭگىدە ئاسمان
تامچىلايدۇ قۇشلار ئاۋازى
قان بولۇپ قاتناشنىڭ شاۋقۇنلىرىغا
بەلكىم، بۇ چاغدا شامالمۇ ھارغان.


باغچىدا
ئەتىيازنىڭ قېرى قوۋۇزىدا
ئۇزۇن ئورۇندۇق
سىلاپ باقتىم-دە، ئولتۇرمىدىم
سۇغا قارىغىنىمچە
ھەممە خىياللىرىم بەربات بولغىچە
ئۆرە تۇردۇم.»

بۇ شېئىردىكى تىلنىڭ جۇشقۇن، ئەركىن، مەنىدارلىقى؛ ئويناق، كۆپ قىرلىقلىقى ۋە كۆپ قاتلاملىقى ۋە ھەممىباب، چۈشىنىشلىك، يېپىشقاقلىقى ھەمدە جانلىقلىقى بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ.
4. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىدىكى لېرىك قەھرىمان نېسبەتەن خاسلىققا ، روھىي تويۇنۇشچانلىققا، پۈتۈنلۈككە ۋە  ئالاھىدە مۇھىتتىكى ھەركەتچانلىققا ئىگە، مەيدانى روشەن، ياشام تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئەقىدىلىك، دەۋر تىنىقىدىن تۆرەلگەن، «مەن» مەركەزلىكىدىكى شېئىرىي ئوبرازلار بولۇپ، ئۇنىڭ روھ قاقاسلىقىدىكى پائالىيەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، مۇساپىسى ناھايىتى ئۇزۇن، خىياللىرى ناھايىتى كۆپ، قىرتاق ھەم شىرىن، مەشئۈم ھەم رەڭدار، ئۇلۇغ ھەم قىممەتلىكتۇر.
بىر پارچە مۇنەۋۋەر شېئىردىكى لېرىك قەھرىماننىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھەقىقىتى بىلەن تونۇپ يەتكەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن لېرىك قەھرىمانلىرىنىڭ خاسلىقىغا، سۆز-ھەركىتىگە، روھىي ئىماگلىرىغا ۋە ئىشقىي كەچۈرمىشلىرىگە ۋىجدانىي مەيداندا تۇرۇپ، ئەھمىيەت بېرىپ شېئىرلىرىنىڭ مەقامىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. شېئىرىي(لېرىك)  ئوبراز ھەققىدە زامانىمىزدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەد پولات ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:« لېرىك ئوبراز ۋە لېرىك رەڭدارلىققا باي بولۇش ھەقىقىي ئىجادىي شېئىرىيەتنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك بەدئىي پەزىلىتى. شېئىرىي تەپەككۇردا رىئال تۇرمۇش ۋە ئەنئەنىۋىي بىلىش ئادەتلىرىدە ئەقىلدىن تاشقىرى بولۇپ كۆرۈنىدىغان غەلىتە ۋەقە ۋە ھادىسىلەرمۇ ئوبرازلار مەنتىقىسىدە مۇئەييەن ئەقلى ئۇيغۇنلۇق بىلەن بەدئىي چىنلىق مۇقەررەرلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر شائىرنى چەكسىز ئىجادىي ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئازادىلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى خىيال ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ بىپايان ئالىمى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.» بۇنىڭدىن كۆرۈش مۆمكىنكى، شائىر ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان رىئال تۇرمۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، تەتقىق قىلىشى، ئوبرازلىرىنىڭ خاس بەلگىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، سۈزۈك تەپەككۇر بىلەن شەيئىيلەرنىڭ كۆزىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن تەكرار تىكىلىشى؛ مۇئەييەن شەيئىي، ۋەقە ھەم ھادىسە ئىچىگە ئۆزىنى قويۇپ، خىيال ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن پەرۋاز قىلىپ، پىكىرىنى تاۋلىشى لازىمكى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزىقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە پۈچەك پىكىرنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنماسلىقى لازىم. بىز ئەمدى شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ قەلبى ۋە قەلىمى بىلەن يارالغان ئوبرازلار بىلەن تەلقىنگاھتا مۇڭدىشايلى:


شېئىر ئوقۇما
ناخشا ئاڭلىما
يېتىپ ئاشىدۇ جىمجىتلىقىڭمۇ.
چەكمە تاماكا قالساڭ خۇماداپ
بولماس ساڭا دال بېرەر قېتىممۇ.

ئەسلەپمۇ يۈرمە پەيلاسوپلارنى،
ياشاپ باق چەكسىز تەنھالىقىڭدا.
يارسىز كۈنلەردە تىڭشا ئۆزۈڭنى،
نېمە بار قېنى سوغۇق قېنىڭدا.

ئېزىپ باق بۈگۈن يوچۇن يوللاردا،
ھېچكىم يادىغا كەلمىگىن بىر رەت.
باشلاپمۇ باقسۇن تۇيۇق يوللارغا،
يۇلتۇزدىن تانغان ئالجىغان زۇلمەت.

بولۇپ راستىنلا ئەرزىمەس ئىنسان،
جانغا پاتقىدەك ئۇنتۇلۇپ باققىن.
مۇجۇپ يۈرەكنى ئۆز قولۇڭ بىلەن،
ئاچچىق ئاھ ئۇرۇپ تولغىنىپ باققىن.

سۈرەتلەر زىنھار بەرمەس تەسەللى،
تاشلار ئۇلارنى ئېقىن سۇلارغا.
ياشاپ مۇزدەك سوغۇق ھىجراندا،
بولما ئىنتىزار نېسى دىلدارغا.

-« زېرىكىش» تىن

خۇش، قەدىرلىك ئوقۇمەنلەر، كۆڭلۈڭلاردىكىنى دەپ بېقىڭلارچۇ، شائىر(لېرىك قەھرىمان-مەن)
نېمىشقا ، نېمىدىن ۋە نېمە ئۈچۈن «زېرىكىش» ھېس قىلىدۇ؟
ئۇنىڭ روھىدا ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا كۆرە زارىقىش پەيدا قىلىپ، « سوغۇق ھىجران» غا تاشلاپ، «يۈرەكنى مۇجۇپ» «يوچۇن يوللاردا ئېزىپ»، « جانغا پاتقىدەك ئۇنتۇلۇپ» ياشاش خىيالىنى سۈرۈش خىتابىنى قىلدۇرىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ھەقىقىي   
شائىر زادى قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەنە شۇنداق « زېرىكىش» تۇيغۇسىغا غەرق بولىدۇ؟ شائىر نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى چەكسىز تەنھالىق ئىچىگە قويۇپ، ئۆزىنى تىڭشىماقچى بولىدۇ؟... بۇ بىر مەڭگۈ يېشىمسىز مۇئەمما، خالاس. بىراق، بىزنى بىئارام قىلىۋاتقىنى بۇ نەرسە بولماستىن، بەلكىي، بۇ شېئىردىكى ئوبراز- لېرىك قەھرىماننىڭ بىرئاز «غەلىتە» لىكىدۇر. نېمىشقا بۇ تەنھالىقنى ئىختىيار ئەيلىگۈچى ئوبراز بىزگە نېسبەتەن «غەلىتە» رەك تۇيغۇ بېرىدۇ؟ چۈنكى، بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ياشاش ۋە بىلىش ئادەتلىرىمىزدە «يالغۇزلۇق ئىتقا يارالغان» بولۇپ، نورمال ئىنسان ئارزۇ قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى- دە!
شائىر بۇ يەردە ئۆزىدىن ھالقىش داۋىنىدا تۇرۇپ، ھايات، ئىنسان، ئەقىدە-ئېتىقاد، ۋىجدان-غۇرۇر، ۋەتەن-خەلق، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت خاھىشى، بىلىش ئادەتلىرى...جەھەتتىن باشقىچە تۇيغۇدىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ۋە مەسلەكداش بولۇپ، ئورتاق پىكىر يۈكسەكلىكىدە دەردىگە دەرمان بولغىدەك سىرداش ئىزدەپ، ئاقىبەت تەنھالىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇسۇلنى تاللىۋالغان بولىشىمۇ ھەم مۆمكىن... بىز پەقەت شۇنچىلىكلا يەكۈن چىقىرىش قۇدرىتىگە ئىگە. بۇندىن تاشقىرى بەدئىي ئوبراز سەمەرىسىدىكى لېرىك قەھرىمان «مەن» نىڭ يۈرىكىدىكى ھەسرەت- ئەلەم ۋە دەرد-پىغانىنى چۈشىنىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمىسە كېرەك. چۈنكى، ھەقىقىي بىر پارچە شېئىر شائىرنىڭ مەنىۋىي ئېراسىدىكى ئوبرازنىڭ يىگانە ئىزتىرابىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇچقۇر تەسەۋۋۇر ۋە تاۋلانغان تەپەككۇر، ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇ، يېڭى پىكىر، يېڭى، پاكىز، مۇكەممەل بەدئىي دىت، پىشقان، ئويناق، ئەركىن شېئىرىي تىل، شېئىرىي قۇرۇلما ۋە ئۆزگىچە جۇلاكارلىققا ئىگە بولغان مەجازى ۋاستىلەر بىلەن تويۇنۇپ، ھېچنېمىگە بېقىنمىغان ھالدا شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر روھىغا ئۈن-تىنسىز قۇيۇلىدۇ. بۇ ھالدا شېئىرنىڭ پىكىر مەنتىقىسى ۋە ئىپادىلەش يۆنۈلىشى تامانىدا بەك كۈچەپ ئەزۋەيلەشنىڭ ھاجىتى قالمىسا كېرەك.
بىلىش كېرەككى، شائىرمۇ ئالدى بىلەن مۇئەييەن بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىي ئەركىنلىككە تەلپۈنۈپ، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشاپ بېقىش ئىستىكىدە ھەر دائىم ئوت بولۇپ يېنىپ، ئۆز روھىنىڭ چەكسىز باياۋانىدىن ئۆزىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ خاس پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدە ھەركەت قىلىدۇ.
شېئىر تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىشقىي ئېچىرقاش، روھىي سىقىلىش ھەم ۋىجدانىي كۈۋەجەشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، شېئىرىي مەتانەت، ۋىجدانىي جاسارەت، ئىشقىي شىجائەت ۋە مېھرى ساداقەت بالقىپ تۇرمىسا، باقىيلىققا ئىگە بولالمايدۇ.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ بۇنداق خاسلىققا ئىگە قىلىنغان ئوبرازلىرى بىلەن قەلبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ « بويتاق ئەر»، « ئەلەۋىي قوشنا»، ئىككىنچى خىل جاراھەت»، « بىر يەكشەنبە»، « ئىستانبۇل»، « شامال، قۇچقاچ ۋە ئورتاق تىل»... قاتارلىق شېئىرلىرىدىمۇ يارىتىلغان ئوبرازلار كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ ھەم ئۇزاققىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.
5. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرىدا يەنە بىرمۇنچە يېڭىدىن ياسالغان، يېقىشلىق، قوللىنىشچان تىل ئەۋرىشكىلىرى بىلەن يەنە  ئىستىمالدىن چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ناھايىتى كۆپ  سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ھەق-دادىغا يەتكۈزۈلۈپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇچرىتىش ئانچە قىيىن ئەمەس. چۈنكى، «تىلمۇ بىر تۈرلۈك ئەمەلىي، رىئال ئاڭدىن ئىبارەت.» (ماركىس) ئۇمۇ شائىردەك تىلغا چوڭقۇر ئىخلاس-ئەقىدە باغلىغان پاك ۋۇجۇد ئىگىسىنىڭ قەلبىدە تاۋلىنىپ، تاكاممۇللىشىپ، بىر بۈيۈك مىللەتنىڭ تىل لۇغىتىنى موللاشتۇرىدۇ. بىر تىلدا يېڭى سۆز ياساش ۋە جايىغا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىش ئانچە ئوڭاي جەريان ئەمەس. شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، قېنىدىن پۈتكەن « شېئىرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، سۆزلەرنىڭ مەنە قاتلىمىنى ئىزچىل تۈردە يېڭىلاپ، يېڭى بىر ئىستىمال شەكلىدە كۆرسىتىشتۇر». (ئابدۇقادىر جالالىددىن) يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش زىنھار ئارتۇق كەلمەيدۇكى، شائىرنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش، تىلنىڭ ساپلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغداشتا ئۆ ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ساناقلىقلا مۇھىم ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا « پۈركەنجە، چۈمبەل، تاغلار دولقۇنى، غالىپ ئۈن، بۇلۇت قۇچىقى، پەلەك يېشى، كىرپىك قاراۋۇلى، سەمە، سەگەك خىيال، تەنھا كۈي، بوغۇق سادا، چايشاپ، زەرگۈن جامال، كۈي چەشمىسى، ئىستەك ئوتى، قۇت كەۋسىرى، مۇڭ سەرۋازى، تەشنالىق چۆلى، ئەقىدە گۈلى، تۈنگى تەبىئەت ئەركىسى، بۇلۇت بەھرى، بۈيۈك ئىخلاس، پەنجى، پەزىلەت تاجىسى، مەنزىل ۋەسلى، ھاياتلىق غۇسسىسى، يارقىن ئۈمىد، چاقماق جىلۋىسى، ئۇيات قەپىسى، مۇراد تەشنالىقى، بەرھەملىك پەيتى، زەڭگەر ساما، يۇلتۇز نازى، قوۋناق چۈش، لېرىكا تەڭرىسى، قەلب شېخى، ناتىۋان تەن، قېرىماس روھ، زەر كىرپىك، رادىكال، ئىلاھ سۈپەت تالانت، مەكتۇپ قۇشى، سوغۇققان سەھەر، قىشتىكى خامان، دېرىزە كىرپىكى، مورا، چاڭگا، تاش ئەتىرگۈل، چاڭلانغان ناۋا، شامال ھىدى، تىنىقلار دەرۋازىسى، ئاپپاق ۋەسىل، ئېرىنچەك ئاخشام، سۇيۇق تەرجىمە، شاللاق  تۈن، سۈزۈك ئۇيقۇ، رەزىللىك مېۋىسى، قۇملۇق ھەلقۇمى، كوۋۇك، يوقلۇق گىردابى، شەبىستان بارمىقى، زامان قۇشى، خىيال تۇپرىقى، ئاۋاز رەستىسى، قانات ئۇستۇرىسى، خۇن رەڭ مېۋە، قۇم تېكىستلىرى، قۇرغاق تاڭ، دىن يەلكەنلىرى، پۇشتەك كۈيى، سۇيۇق ئېتىز، زامان ھۆسنى، سارغۇچ مۆھلەت، يۇمشاق ئىما، خۇمار تۈتۈن، سۇيۇق تاش، گۇڭگا خىيال، قىل جايناماز، لاماكان، سۈرەنلىك دەم، مانانلىق مېڭە، ھايات ماگمىسى، ئۇيقۇ قولۋىقى، سۇچۇلغان، ئىسرىقىم تۈتۈنى، ئالۋۇن كۈيى، يامغۇر روھى، سىياھ پەنجىسى، سۈخەنساز، چۆنەك، دات رەڭ دېڭىز، قوراللار قولى، سەرسان شاراب تامچىسى، ساياق دالا قىبلىسى، سۇ شامدانلىرى، كۈل لەھزىسى، سەمەندەر نەۋرىسى، ئەقىل نېيى، زەپىران ئاي، مامات كۆزى، مەھشەر كۆكسى، قەدىناس ئەرۋاھ، شىۋاق ھىدى، يۇمشاق ئايدىڭ، بەندىلىك چۆلى، پۇل سۇلالىسى، غۇرۇر بەرقى، نەم تۇيغۇ، قۇياش پەنجىسى، مۇزىكا قانىتى، سۈرگۈنگاھ، مىسكىن يۇلتۇز، شارابلىق تۈنلەر، ھەقىقەت كەپتىرى، تەۋەررۈك سەلتەنەت، بىھۇش سۆز، پىغانلىق ناخشا، كەپسىز شاماللار، سۈبھى تۇغى، قېنىم ئۆركىشى، مەڭگۈلۈك سۈرگۈن، جاھالەت كۆكسى، تىرىك دەپنە، رېۋايەت سۇلالىسى، ئەمچى كۆز، ئاسىي قان، ئېلىكتىرۇن تۇيغۇ، كۈلتۈك قار، يالتىراق قاتما، ئاھىم دۇتى، تەقلىدىي كۆمۈر، ھىجران كۆكسى، مۇڭلۇق شىۋىرغان، ئەرۋاھلار ئۇۋىسى، يوچۇن دەريا، بۇلۇت كۆرپىسى، كۈتۈلمىگەن كۈتۈش، قارايغان ئىپپەت، نۆل نۇقتا، سەگەكسىمان ئۇيقۇ، تەسىرچان نامايەندە، لاماكان روھ، دىمىق ئاخشام، تۈن ماڭلىيى، ناپىسەنت، چېكى يوق تىلسىم، تەڭقىس ھىجران، كاپىتال چۆمۈچ، قانىغان ئوي، مەززىسىز چۈش، قانلىق شىرىنلىق، غۇۋا ئۆلۈم چۈشى، مەيىن تىترەك، غېرب چەكسىزلىك، ئەرلىكنىڭ قىيا تاشلىرى، بىپەرۋا مەشۇق، پۇشايمانسىز سەۋەب، تاش سۈكۈتى، نەيرەڭۋاز توختامنامە، ھېسسىياتتىن خالىي يۈرەك، پانىيەت، بىدئەت ئىلاھ، سۈكۈنات تىلى، سەپسەتە غالىبلىقى، داۋراڭسىز مېھىر، ئالجىغان زۇلمەت، نېسى دىلدار، سۈزۈك كۆڭۈل، ھايات قەبرىستان، جۇنۇپ ئايال، يامالغان ئاسمان سۇنۇقى، رەزگى ھاۋا، خامۇش پەسىل، ئالۋان نىكاھ، نىكاھ ھارۋىسى، قاتىل كېچە، كىلونلانغان سۆز، بىر بالقىم ئاپتاپ، جىمجىتلىق سۆڭىكى، ھايات غوۋغاسى، جان ئوتى، ئۆمۈر پانۇسى، ئۇمۇلۇش، زاكاس غايە، ھىدايەت شەنى، كۆڭۈللەر كاسەسى، قان ئىسيانى، تاش ئورمان، گۇناھ كېسەكلىرى، دىن يەلكەنلىرى، دەھرى دۇئاسى، نوتا بۇرجىكى، شامال ئەسلىرى، قۇرغاق تاڭ، تۇلۇم قارنى، مەست ئېتىز، تەڭرى ئارخىبى، ئېتىقاد چومىقى، ئېتىز تومۇرى، شەپەق دولقۇنى، چېقىلغان دەقىقە، ۋىجىك يامغۇر، ئېغىر تۇمان، مەيلەر ئىسيانى، يۇلتۇز تېرىسى، تۇلپار چەشمىسى، تۇپراق سەبرىسى، قېرى ئاسمان، چاقماق غولى، قاپارغان لەۋ، كىسلاتالىق يامغۇر، قىمىرلىغان ئىنتىزام، ئىمتىھانلار غېرىچى ...» غا ئوخشاش كۆپلىگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ئىجادىي رەۋىشتە قايتا بىركتۈرۈلۈش، ياسىلىش ياكى ھاللاندۇرۇلۇش ئاساسىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇلار شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىنىڭ بەدئىي مۇۋەپپىقىيىتىنى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرغان.
ھەممىمىزنىڭ ئېسىمىزدىن چىقىپ قالمىغان بولسا كېرەك، ئۇلۇغ ئەللامە شائىر، ھەقىقەت ئەركىسى، تىل سەنئەتكارى ۋە كۈيچىسى، مۇتەپەككۇر، شائىرلارنىڭ شائىرى ۋە سېخىيلىق شاھى مىرئەلىشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل زور تۆھپىلىرىدىن بىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى بىلەن ئىجادىيەت قىلىشتىن باشقا مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەمەلىي ئىپادە قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بىر مىليون ئۈچ يۈز ئاتمىش يەتتە مىڭدىن ئارتۇق سۆزنى ساقلاپ قېلىپ، جۇلالاندۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى بىر مۇئەييەن مىللەت ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بايلىق بولمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شۇنىڭدىن كېيىن ئانا تىلىمىزنىڭ قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۈگۈنگە ئۇلاشقىنى بىزگە سىر ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ نۇقتىنى ئاللابۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن بۇ مەسئۇلىيەتچان شائىر يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆز شېئىرلىرىدا ئاۋامغا ئەڭ تونۇش بولغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىللە يېڭىدىن- يېڭى  سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ياساپ، مىسرالىرىغا لاتاپەت بېغىشلىغان. بۇ ئىپتىخارلىق ئىزدىنىش خاراكتىرىدىكى   سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ھەممىمىز ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئىزچىلىققا ئىگە قىلىپ ئەبەدىي داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك. مەن يەنە ياش قەلەم ساھىبلىرىغا شۇنى سەممىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرىدىن مەن مىسال ئالغانغا ئوخشاش سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى تېپىپ ياكى مېنىڭ  مىسال ئالغانلىرىمدىن پايدىلىنىپ، بىر پارچە چىن مەنىدىكى بەدئىي ئەسەر يېزىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ھەم بۇ ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن.
بۇندىن باشقا شائىرنىڭ شئىرلىرىدا تۇراقلىق ئىبارىلەرنى جايىغا كەلتۈرۈپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلشتەك ئارتۇقچىلىقمۇ پات-پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:

« نە ئامال تال ئۇچى يەتمىسە تالغا،»
-«ئىككىنچى خىل جاراھەت» تىن

           «شائىرلار سۇ  
كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى»
-«شېئىرنىڭ ئىپپىتى» دىن
6. شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىغا سەمىمىيلىك بىلەن نەزەر ئاغدۇرىغان بولساق، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يېپىشقاق بەدئىي ۋاستىلەرنىڭ مەھھكەم يېپىشىپ، ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئېنىقكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تىلنىڭ قۇدرەت-كامالىنى ئاشۇرۇش  ۋە تەسىرچان، قايىل قىلارلىق، ھېس-تۇيغۇغا باي بەدئىي ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە-تىلنىڭ بەدئىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكىي تىلنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تىلنى ئوبرازلىق، كونكىرىت، جانلىق، ئېنىق قىلىپ بېرىش رولىنى ئويناش بىلەن بىللە، بەدئىي تىلنىڭ سېھىرلىك، رەڭدار، كۆركەم بولۇشتەك تۈسىنى ئاشۇرىدۇ. «شېئىر- ھېسسىياتقا قارىتا ئېچىۋىتىلگەن ئىشىك بولۇپ،-دەيدۇ ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇقادىر جالالىددىن،- خاھىش، ئىپادىلەش ۋاستىلىرى، ئىستىلىستىكا   قاتارلىقلار مانا مۇشۇ بىمالال دولقۇننىڭ تۇغۇندىلىرى.»  بىز بۇ يەردە شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدىغان بەدئىي ۋاستىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ   ئۆتىمىز.
1) ئوخشىتىش.
ئوخشىتىش- بەدئىي ئەسەرلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر مۇئەييەن نەرسىنىڭ ئۆزىنى، شەكلىنى، ماھايىتىنى، ھەركىتىنى ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىقى بولغان يەنە بىر نەرسىنىڭ تۈرلۈك ھالىتى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. شائىر بۇ ۋاستىنى ناھايىتى جانلىق ئىشلىتىپ ۋە يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلدى. مەسىلەن:

①يەلپۈگۈچتەك يېيىلار دىشۋار

چېغىر يول گويا بىر قامچىنىڭ ئىزى،②
دالا گۆدەكلىكنىڭ بىھۇش تېنىدەك.

③ چىرىمەس جانلىرى ئۇزىغانلارنىڭ
سەندەل ئۈستىدىكى قىزىل ئۇچقۇندەك.

④ ئويناپ تۇرار كۆزۈڭ كەپتەر كۆزىدەك
مۇھەببەتنىڭ ئىمزالىرى ئويۇلغان.

⑤قېنىم كۆك ساماغا ئاقىدۇ ئۈنسىز
ئۇيقۇچان مۆشۈكتەك ئۇقۇم تەكتىدە.

⑥ قاردەك يۇمشاق ئاپپاق كېچىنى
سايەڭمىكىن دېدىم، ئالداندىم.
⑦ بۇ بىر شەھەر
خەرىتىدىن تەمرەتكىدەك كۆرۈنەر ماڭا.
خىياللىرىم⑧
ئۇرۇلار ماڭا
ئايال تىنىقىدەك يېنىككىنە
.............................

2) جانلاندۇرۇش

جانلاندۇرۇش-جانلىق نەرسىلەرگە خاس بولغان خۇسۇسىيەت ۋە ھەركەتلەرنى تەبىئەت ھادىسلىرى ھەم جانسىز نەرسىلەرگە كۆچۈرۈپ تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بەدئىي ۋاستە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەنزىرىنى جانلاندۇرۇپ، ھېسسىياتنى روشەن، جۇشقۇن ئىپادىلەپ، تېتىك كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلنى ئۆز شېئىرلىرىدا جانلىق قوللىنىپ، شېئىرلىرىنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. مەسىلەن:

① دوختۇرخانىدا
ئىڭرىغان ئاۋازلار سارغىيىپ كەتكەن
زامان كۈن  ھەققىدە ئوقۇيدۇ داستان.

② ئىچىمنىڭ  ئىچىدىن ئۆرلەيدۇ تىترەك
تېخىچە سىزىلىپ باقمىغان جۇت بار.

③ چېركاۋلارغا ياماشقان گۈللەر
ئۇقتۇرالماس بەلكىم تىلىنى.
جىلمايسىمۇ يېنىك شامالدا
ئېلىپ كېلەلمەس ئايال ھىدىنى.

ئاپتۇبۇس موتۇرى خىرىلداپ④
نابۇت قىلدى ئاۋازىڭنى بوغۇزلاپ.

  پىچىرلايدۇ دېرىزەم⑤
زېمىستاننىڭ يېنىپ تۇرغان چېچىدىن
تامچىلىغان باھارغا قاراپ

3) سىمۋول

سىمۋول- مۇئەييەن سۆزلىنىۋاتقان باشقا بىر شەيئىي بىلەن گەرچە تۈپتىن ئوخشاشلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارىسىدا ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت (ئوخشاشلىق) بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان بەدئىي ۋاستىدۇر.
سىمۋولنىڭ ئوقۇرمەننىڭ ئېڭىدا چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلماسلىق، شەيئىينىڭ ئالاھىدىلىكىنى روشەن ئېچىپ بېرىش ۋە شائىرنىڭ قەلبىدىكى پىغانلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش رولى بار.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرىدا سىمۋول ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان ھەم مۆلچەرلىگۈسىز بەدئىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. كۆرۈپ ئۆتەيلى:

① يارغۇنچاقلار توققۇز قات ئاسمان
لەۋلىرىدىن تۆكۈلەر زامان

② رېلىسلاردا يالتىرايدۇ بىزنىڭ تىلىمىز

③ قۇياش
تەڭرى باشقۇرغان كۆزەت چىرىقى
باشاقلاردا تاۋلىنار ئوغۇز رەڭ بولۇپ
ئانام ئەجرى، دادامنىڭ تەرى.

④بىر تال بۇغداي
ئاي تۇغار يەنە
           قۇياش تۇغار يۈرەكلەرگە
ئوخشاپ قالار ئاتا-ئانام
چىراغ مېۋىلەيدىغان دەرەخلەرگە

⑤ تۇمانلارغا چۆمۈلدى ئاستا
ئالدىمدىكى گىرىمسەن دۇنيا.

4) مۇبالىغە

مۇبالىغە- تۈرلۈك شەيئىيلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلىەپ، مول ھادىسىلەر ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، كۆرۈنەرلىك، روشەن ۋە ئەستە قالارلىق بايان قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر قىلالايدىغان بەدئىي ۋاستىدىن ئىبارەت بولۇپ، شەيئىيلەرنىڭ ماھايىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئەسەرنىڭ بەدئىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. شائىر ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەيئىي ۋە ھادىسە ھەققىدە بەلگىلىك  كۆز قاراشقا  ئىگە بولغاندىلا، ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈشتىن ساقلىنىپ، سىمۋولدىن ئىجابىي پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتالايدۇ.

شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئىزدىنىپ، پۇرمۇلالاشقان مۇبالىغەلەرنىڭ چىرىپ كەتكەن گەۋدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يىپ-يېڭى ھالەتتىكى مۇبالىغەلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئوقۇرمەنلەردە كۈچلۈك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغان شائىردۇر.
مەسىلەن:

① شۇندىن بېرى خىيالىم قان-قان
قانلىرىمدىن ئۆرلەيدۇ ۋولقان.



② لاۋا قىلدى ئەركە تىنىقلار
كۆزلەر ياققان ئوتلارنى پۈۋلەپ

  ③تاغلارنى كۈچ بىلەن ئېرتكەن فەرھاد
بولدى مۇھەببەتنىڭ قوينىدا

④ بۇلۇتلارنى بېسىپ، يىراق ئۇپۇققا،
مەن كېتىپ بارىمەن شېكېسپېر بىلەن.

⑤ گويا شۇ دەمدە
خىيالىم باشقا، تەنلىرىم باشقا
زەڭگەر ئاسمان قونىدۇ تاشقا.

5) بۇندىن باشقا يەنە شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ شېئىرلىرىدا تەكرارلاش، سىلىقلاش، سۈپەتلەش، سېلىشتۇرۇش، تەنە (كىنايە)...قاتارلىق ۋاستىلەردىنمۇ مۇۋاپىق پايدىلانغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدئىي زوق ئېلىپ، ئك
ئۆز روھىنى پاكلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ شائىر كىنايىنى ناھايىتى كۆپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنمىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بىز بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ يۈرمەستىن، بەلكىي ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزدىنىشىگە قويىمىز.
7. ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن شېئىرلىرىدا يەنە بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز ھەم كىملىكىمىزگە بېرىپ تاقىلىپ بىزنى چوڭقۇر ئويلارنىڭ تىلسىمگاھىغا ئاپپىرىپ تاشلاپ، ۋۇجۇدىمىزنى ئۆرتەپ، ئىزدىنىشكە ئۈندەپ، ئېرىشكەنلىرىمىز بىلەن يوقۇتۇپ قويغانلىرىمىزنى دەڭسەپ كۆرۈشكە ۋە تېز پۇرسەتتە ئورنىنى تولدۇرىۋىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىلھام بېرىدىغان بەرنا شېئىرلارمۇ بار بولۇپ، «شېئىر-ئۇيغۇر ئۈچۈن ھاياتنىڭ ئۆزى»(ئابدۇقادىر جالالىددىن) دېگەن يەكۈنگە كىشىنى بىر يولىلا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ.
بۇ نۆۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئانا-ئوق يىلتىزىمىزنى ئىزدىشىمىزنىڭ روھىي چاقمىقى بولۇپ، شائىربۇنداق مەزمۇندىكى شېئىرلىرىدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىدىن بىشارەت بېرىپ، شۇنداق نېدا قىلىدۇ:

«............................
كىملىك گۇۋاھنامەم يېنىمدا تەييار،
ئۆزۈمنى ئىزاھلاپ قاتراپ يۈرىمەن.
شۇندىمۇ ئادەملەر تونۇماس مېنى،
بۇ ئىشتىن تىرىكىپ باتناپ يۈرىمەن.

يانچۇقتا ئىلتىماس، قولۇمدا كىملىك،
بوسۇقلار ئالدىدا تېنەپ يۈرىمەن.
ئەقلىممۇ جايىدا، پۇت-قولۇم تىرىك،
بەختىمنى ئۆزگىدىن تىلەپ يۈرىمەن.

بەزەن كىملىكىمگە تىكىلىپ ئۇزاق،
ئۆزۈمنى كىملىكىنى بىلىپ قالىمەن.
ئەۋرىشىم يالتىراق رامكا ئىچىدىن،
يوقالغان ئىدرىكىمنى تېپىپ ئالىمەن.»
-«كىملىك»تىن
بۇ كۇبلېت-مىسرالاردىكى ئىزگۈ پىكىر گويا قاڭسىق ئىزتىراب شارابىدەك ۋۇجۇدىمىزغا تاراپ، بىزنى بۇ كۈلپەتكە دۇچار قىلغان پاجىلەلىك سەۋەبنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدىكى، ياخشى شېئىرلارنىڭ پىغانلىق يالقۇنى ئەن شۇنداق يۈرەككە تېگىپ، يا «ئېچىشتۇرىدۇ، يا قىچىشتۇرىدۇ». ھېچقانداق لەرزە پەيدا قىلالماي خۇددى سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتكەن شېئىرلارنى بەرنا شېئىرلار جۈملىسىدىن دەپ ئېيتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەك، دەپ قارايمىزكى، ھەر بىر مىللەت كىشىلىرى كىملىكىنى ئۆزى تېپىپ، روھ يىلتىزلىرىغا چۈشكەن كۈيىلەرنى بەربات ئەيلەپ، « مىللىي ئىناۋەتنى ئۆزى تىكلىمىسە، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا بىرى ئىچ ئاغرىتىپ ياكى ئادالىتىگە ئېلىپ بېرىدىغان نەرسە ئەمەس»تۇر.(ئا. جالالىددىن) شۇڭا بىزمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۆزىمىز ئېنىق بىلىۋىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ھەققانىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىجادىي پىكىر قىلىش ھەم ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى بىر ئېرانىڭ چەكسىزلىككە تەلپۈنگەن يېشىل بەلگىسى بولۇپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا تاشلىنىشىمىز كېرەككى، ئەكسىچە، «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن، بولسا بولار، بولمىسا ، ئىز پۇلى بولار...» دەپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى دۇنيامۇ تاشلىۋىتىدۇ.
ۋۇجۇدى ياشام يالقۇنى ۋە ئىزگۈ تىلەك بىلەن تولغان شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن بۇ نۇقتىنى ئاللىبۇرۇنلا بىلىپ يەتكەچكە، ئىقبال مەنزىلىدىكى ئۈمىدىنى ئەۋلادلارغا باغلاپ:

قولۇمدا كىملىكىم سۈرىتىم بىلەن،
لېكىن كىملىكمنى ئىزدەپ يۈرىمەن.
چۈشۈمدە پۇشتۇمدىن تامغان بالامنى،
سۈپسۈزۈك بۇلاققا ئۈندەپ يۈرىمەن.
«كىملىك»تىن
دەپ نېدا قىلىدۇ. شائىر «پۇشتۇمدىن تامغان بالام» دېيىش ئارقىلىق، ئېھتىمال ھالاللىقنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئايان ئەتسە كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن شائىر كىملىكى بولمىغان، كىملىكىنى چۈشەنمىگەن، ئەللەر ئېتىراب قىلمىغان ۋە نەزەرگە ئىلمىغان ئادەم، ئەل-قەۋم، مىللەتنىڭ قىممتىى بولمايدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق، كىملىلنىڭ يارالمىشتىلا ھەممە ئادەم ۋە مىللەتكە ئوخشاشلا نېسىپ بولىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئادەملەرنىڭ ھاياتىي- پائالىيەتلەر جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي كىملىكىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغانلىدىن بىشارەت بېرىپ، كىملىكمىزنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ جۈملىدىن ئۆزىمىزنى قەدىرلىگەنلىك بولىغانلىقىنى يېشىپ بەرگەن.
دېمەك، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ «قىشتىكى خامان» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەرگىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمايدۇ. بۇ شېئىرلار تېخىمۇ سەمىمىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ھېس قىلىنىشقا مۇھتاجدۇر. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ «بوۋاق»چە تەپەككۇرۇم بىلەن ناھايىتى ساددىلىق بىلەن ئاغزىمغا كەلگىنىچە «بىلجىرلاپ» قويدۇم، خالاس.
مېنىڭ يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ كېلىدۇكى، نېمە سەۋەبتىندۇركى، بۇ يىرىك شېئىرلار توپلىمىغا «ئوت كەينىدىكى يامغۇر» ناملىق بىر پارچە  شېئىر 139-بەت بىلەن 204-بەتلەردە ئىككى يەردە ئېلان قىلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھال كۆڭلۈمنى ناھايىتى غەش قىلدى. چۈنكى، بۇ ھال ئابدۇقادىردىن ئىبارەت ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ  ئابدۇقادىر قانداقتۇر بىر نامۇۋاپىق سەۋەبلەر بىلەن ناچار ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى كوملاپ، قەغەزلەرنى پوملاپ، بىمە
نە ئىش قىلىدىغان ساختا مىللەتپەرۋەر كىشىلەرگە زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇ، ھەممىنىڭ ئورتاق دېگۈدەك ئېتىراب قىلىشىغا ، ھۆرمىتىگە، ياقتۇرىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشكەن كۆپ قىرلىق ئىلىم ئىگىسى، ئىستىداتلىق شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناس ئىدى...بىر قىسىم ئاپتۇرلارنىڭ كىتابلىرىنىڭ بەتلىرىنىڭ بىرمۇنچە يېرىنى بوش قويۇپ، بەت ئاۋۇتۇش غەرىزىدە (قەلەم ھەققىنى كۆپلەپ ئېلىشنى مەقسەت قىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)  قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستاۋاتقان شارائىتتا « ئاپلا، بۇ قانداق بولغىنى...» دەپمۇ قالدىم ئىچىمدە. كېيىن ئېھتىمال بۇ تەھرىرلەرنىڭ بىخەستەلىكىدىن بولغان غەلىتىلىك بولىشىمۇ مۆمكىن، دەپ  ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم.
ئەگەر بۇ بىر شېئىرنىڭ بىر كىتابتا ئىككى يەردە بېسىلىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بار، پەرقلىنىدۇ، دېيىلسە، بىرىنچى شېئىر ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ يېزىلغان، ئىككىنچىسى ئۇنداق ئەمەس. بىرىنچى شېئىرنىڭ 3-كۈبلېتىدىكى «زەر-زەر» سۆزى ئىككىنچى شېئىرنىڭ 3-كۈبلېتىدا « ئىمانسەن، ئىمان» دەپ ئېلىنغان.  باشقا تەرەپتىن تامامەن ئوخشاش بولغان بۇ ئىككى پارچە شېئىرنى بىر كىتابتا ئىككى يەردە بېسىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق ئىدى دەپ قارايمەن. شائىر ئابدۇقادىرمۇ ھەم شۇنداق قارايدۇ، ئەلۋەتتە.
يەنە بىرى، بۇ كىتابنىڭ 386-بەتتىكى « ئۆزۈمنى» دېگەن سۆز توغرا يېزىلمىغان. يەنى « ئۆزۈمىنى» دەپ يېزىلىپ قالغان ھەم يەنە 392-بەتتە «ھاقارەت قىلىسەن جۇپسەنلىكتە» دەپ بىر مىسرا بولۇپ، «جوپسەن» دېگەن سۆز ئەسلىدە « خۇپسەن» بولۇپ، خاتا يېزىلىپ قالغان، دەپ قارىدىم.
خۇلاسە  كالام شۇكى، خۇددىي مېغىز شاكال ئىچىدە بولغاندەك، گۈلنىڭ تىكىنى ۋە ئاينىڭ دېغى بولغاندەك ھەرقانداق بىر مېھنەت روياپلانغاندا ئازدۇر-كۆپتۇر ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق يېتىشسىزلىكلەر بىلىپ –بىلمەي سادىر بولۇپ قالىدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، بىراق ئەلنىڭ .وتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ يۈرگەن شائىرلار، بولۇپمۇ ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىندەك ۋىجدانىي مەيداندا تۇرۇپ پىكىر قىلىپ، ئەلنىڭ تەقدىرىگە بارلىقىنى باغلىۋەتكەن شائىرلار غايەت زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدۇ. شۇ چاغدىلا خۇددىي شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن ئۆزى ئېيتقاندەك:« شېئىرىيەتنىڭ ھەقىقىتى مەڭگۈ يىقىلمايدۇ. ئۇنى مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايدىغانلار ھامان قولىدا كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ»!

پايدىلانمىلار: ① «قىشتىكى خامان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى
②«ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى» ناملىق كىتاب
③ « ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن» ناملىق كىتاب
④ بۇغدا ئابدۇللانىڭ « شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق كىتابى

2013- يىل، ئىيۇل، قەشقەر
-ئابلاجان بوۋاقى
13999644646

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1839
تۆھپە : -1
توردا: 534
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 17:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خامان ئالماق شەھەر ئالماق...

نومۇسۇم غالىپ ئاھانەتلەر يېڭەلمەس ئۇنى...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  193
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2602
تۆھپە : 0
توردا: 392
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 17:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بىر خىل تىندۇرما ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن يۈكسىلىش مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە  تەرەققىي قىلغان تور ئادەبىياتنىڭ سەلبى تەسىرىگە ئۇچراپ بىر قېتىملىق داۋالغۇش ۋە تېڭىرقاشنى كۈتىۋالغان ئىدى. مۇشۇ تىڭىرقاش ئىچىدە ھەقىيقى ھالەتتە كىشى قەلبىگە سىڭىپلا كىتىدىغان، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان شئېرلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇزۇن-قىسقا مىسرالارنى تىزىۋىتىپلا «مانا بۇ شېئىر»«دەپلا قويسا تور ئەھلى ھۇررا كۆتۈرۈپ قارىقويۇق داڭلاۋىرىپ لەۋلىرگە قوقاق چىقىپ كەتكىچە ئۇچۇرۇپ قويسا ئۇ خىل «شېئىر»نى  يازغۇچىمۇ تېخىمۇ ئاسەبىيلىشىپ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان سۆز ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. دەل بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن تۇيغۇلىرىمىزنى، تۇيغۇمىزدىكى شېئىرسىراش ھادىسىلىرىنى ئىزچىللىقىنى ۋە يۈكسەك ئېتىقادى، ئادىمىيلىكنى شۇ شېئىرلىرىغا سىڭدۈرۈپ شېئىرسىرىغان قەلبىمىزنى سۇغىرىپ كىلۋاتقان ئۇستاز ئەدىپ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن باشلىق بىرقانچە شائىرلىرىمىز ھېلىھەم كىملىكىنى يوقىتىپ قويمىغان ئەركەكلەرنى ھەر ۋاقىت سەگىتىپ كەلگەن ئىدى. لىكىن شۇ ئۆلمەس شېئىرلار ئۈچۈن سۆيۈنسەكمۇ، ھاياجانلانساقمۇ ھېچكىم ھېچنىمە دەپ باقمىغان ئىدى. نىمىشقا دىمەيدۇ؟! ياكى شېئىر زوق ئېلىش بىلەنلا ئاخىرلىشىش كېرەكمۇ؟
   يىقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسىرى ئەسەرلەرگە ئانچە-مۇنچە ئوبزۇر ئېلان قىلىنىپ كېلۋاتقان بولسىمۇ شېئىرىيىتىمىزگە نەزەر كۆزىنى سالىدىغان، ئىككى ئىغىز لىللا گەپ قىلىدىغان ئادەم يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان ئىدى. ئابلاجان بوۋاقىنىڭ بىراقلا يوللىغان ماقالىلىرى ئىچىدىن ماۋۇ بىر تىمىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن ھەقىيقى تۈردىكى بىر مۇلاھىزىنىڭ مەيدانغا كەلگىنىدىن خۇش بولدۇم. ئابلاجان بوۋاقى بۇ ماقالىسىدە ناھايتى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە توختىلىپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ شېئىرىغا توغرا باھا بېرىپتۇ.
   

يەي دېسە پۇقرا بېغىدىن پادىشاھ بىر ئالمىنى،
يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلار دەرەخنى غالچىسى.
كۆرسە سۇلتان بەش تۇخۇ

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 5793
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 23039
تۆھپە : 10
توردا: 2461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 18:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




        ئابلاجان، ماۋۇ ماقالىنىڭ خىرىدارى مەن جۇمۇ؟ ماۋزۇ، قىسقىچە مەزمۇنى، ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئىككى خىل تىلدا، يەنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە بولىدۇ. شۇلارنى پۈتۈپ، پايدىلانغان ماتېرىيالنىڭ مەنبەسىنى تولۇق ئېلىپ، ماڭا ماڭدۇرۇپ بەرسىلە...

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7206
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2442
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 22:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ . مۇشۇنداق ماقالىلەر مەتبۇئاتلاردا  ئېلان قىلىنىشى كېرەك .

نادان مىڭ قېتىم دەيدۇ بىلدۈرىمەن دەپ دەيدۇ، دانا بىر قېتىم دەيدۇ بىلدۈرۈپ دەيدۇ.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 22:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ئابلاجاننىڭ بۇ ماقالىسىدە  ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ شېئىرىغا توغرا باھا بېرىلپتۇ. ئابلاجاننىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە تىلەكداشمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11308
تۆھپە : 0
توردا: 1119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 22:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، كۆپ ئەجىر قىپتۇ.

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2082
تۆھپە : 0
توردا: 712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 10:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدە  ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ شېئىرىغا توغرا باھا بېرىلپتۇ. ئابلاجاننىڭ ئىزدىنىشلىرىگە كۆپ رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 10:40  


قېرىپ قالساڭمۇ قال ھېرىپ قالما،يىتىم قالساڭمۇ قال غېرپ قالما.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 657
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 12:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇئەلەيكۇم، ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، بۇ ماقالىنى سىلىگىلا ئەۋەتىمەن زادى، قانداق بىلىپ قىالغانلا بۇ كۆڭلۈمنى؟ كۆڭۈل كۆۈڭلنى تونۇيدۇ دېگەن شۇ بولسا كېرەك. كۆپ راھمات.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6945
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 389
تۆھپە : 0
توردا: 161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 13:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قان بىلەن يازىدۇ؟
بەك ئۆزىڭىزنى تۇتالماي قالدىڭىزمۇ نىمە؟
قان بىلەن ئەمەس ئاۋال ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى سىياغا چۈشۈرۈپ يېزىۋەرسۇنچۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 657
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 14:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمنى تۇتالمىغىدەك ھالەتتە ئەمەسمەن. ھەممىمىز بىر نەرسە دەپ باقمايمىزمۇ؟ سىزمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6945
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 389
تۆھپە : 0
توردا: 161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 14:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆز ھەيۋەتلىك بولسىلا راست بولۇۋەرمەيدۇ بوۋاقى ئەپەندىم. قەلەم تەۋرەتكۈچىدە ئالدى بىلەن سەمىمىيلىك بولۇش كېرەك. سىزنىڭ قان بىلەن يازىدۇ دېگەن ئاشۇ بىر جۈملىڭىزلا سەمىمىيىتىڭىزدىن گۇمانلاندۇرىدۇ. يالغان گەپكە باغرى قانمايدىغان ئۇيغۇر كىتابخانلار قۇمدەاك تولا بولسىمۇ، لېكىن راست گەپكە ۋە سەمىمىيلىككە يېتەكلەش بۇرچىمىز بار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6945
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 389
تۆھپە : 0
توردا: 161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 14:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى تۇتىۋالايدىغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن «قان بىلەن ئەسەر يازىدۇ» دەيدىغان ئۇنداق پۇرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ كۆپتۈرمە شۇئارلىرىغا خاس گەپ چىقمايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6945
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 389
تۆھپە : 0
توردا: 161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 14:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جالالىدىننىڭ ئەسىرىگە ۋە سىزنىڭ ماقالىڭىزغا ئىزدىنىش بىھاجەت.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3747
تۆھپە : -1
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 22:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىزدىنىشلىرىگ رەھمەت.

شېرىن خىيالنىڭ بايۋەتچىسى بولغۇچە، جاپالىق كۈرەشنىڭ جەڭچىسى بول!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش