يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1477|ئىنكاس: 30

ئارزۇ: پۇشايمان«ئىتوت»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 14:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پۇشايمان
(ئىتوت)

قانتاشقۇچىلار: يانچۇقچى ئوقوغۇچى، يولوچى ساقچى

ۋاقىت: چۇش

ئورۇن: يول ئۇستى
سەھنە تۇزۇلشى: 2دانە ئورۇندۇق قويۇلغان

   دەسلەپتە سەھنىگە يانچۇقچى قولىدا سومكا تۇتۇپ يۇگۇرگىنىچە چىقىدۇۋە سومكىدىن قەغەزنى ئلىپ كۆرۇپ ئاچىقلاپ سۆزلەيدۇ: تۇففى! قۇرۇق قەغەزكەنغۇ؟« سەھنە سىرتىدىكى مەلۇم ئادەمگە قاراپ تىللايدۇ»ئۆزۇڭنى سۇنۋۇكۇڭدەك ياساپ گرىم قىلغانغا چۇشلۇق سومكاڭغا پۇل سىلىپ يۇرسەڭچۇۋا قىياپىتىڭگە قاراپ كاتتا باي ئوخشايدۇ دىسەم مەندىنمۇ ئۆتە نامرات نىمىكەنسەنغۇ؟ خەپ شۇ پۇللىرىڭنى مەندىنمۇ ئۇستا يانچۇقچى ئالار ئلاھىم! بۇ قاقباش قانجۇق پۇلنى نەگە سالغاندۇر؟ياخشى ئوقۇغان بولسام بۇنداق ئىشمۇ يوق خاتىرجەم ياشاپ باشقىلاردەك گىدىيىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرەتتىم .ھازىرقىدەك ساقچى تۇتسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ تۇرمىدا قانچىلك ياتارمەن؟ دەپ قورقۇپ يۇرمەيتتم. خزمىتى بارلارغۇ خزمىتىنىڭ جاپالىقلىقىدىن ۋايساپ يۇردىكەن مەندەك ماخزمەتنى قىلىپ باققان بولسا ۋايسىمايدىغان بولاتتى. باشتىغۇ يانچۇقچىلىقنى قاملاشتۇرۇپ پۇلنى ئاسان تاپقان كىين تەلىيىم كەلمىدى ئۆتكەندە ئاران تەستە بىر پورتمالنى ئوغۇرلاپ ئادەم يوق يەردە ئىچىپ قارسام بىر قەغەز تۇرىدۇ بۇ نىمە خەتتۇ؟ دەپ قەغەزدىكى خەتنى ئوقۇسام يانچۇقۇمدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ دىگەن خەتكەن ئاچىغىم بەكلا كەلدى ئادەملەر قاقباشلىشىپ كەتمەي بىزدەك يانچۇقچىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىچۇ؟ قورسۇقۇم ھەجەپ ئاچتىيا، ھەجەپ ھاردىم « ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇ» مەشەدەپۇل تىپىپ قورسۇقۇمنى تويغۇزۇپ ئىشتىن چۇشۇپ ئارام ئالاي.( ئوقوغۇچى كىتاپ تۇتقان ھالدا سەھنىگە چىقىدۇۋە نەگىدۇر قاراپ ئاندىن سائتىگە قاراپ يانچۇقىدىن يۇز يۇەننى ئىلىپ كۆرۇپ يانچۇقىغا سىلىپ ئولتۇرۇپ كتاب كۆردۇ)
يانچۇقچى: چىۋىن گۆشىمۇ گۆش  پۇرسەت كۇتەي( يانچۇقچى ئوقوغۇچىنىڭ يانچۇقىغا قول سىالاي دىگەندە ئوقوغۇچى سىزىپ قىلىپ قارايدۇ يانچۇقچى يۇمۇرلۇق قىياپەتتە  يىقىن ئولتۇرۇپ كىتابقا قارايدۇ)
يانچۇقچى:دەرى ئۇگىنۋاتقانمىتىڭىز؟ بىلمىگەن يەرلىرىڭىزنى مەن چۇشەندۇرۇپ قوياي
ئوقوغۇچى: ( يانچۇقچىنىڭ ئۇستىبىشغا قاراپ) سىز چۇشەندۇرۇپ قويالامسىز؟
يانچۇقچى: قانچىلىك ئىشتى؟
ئوقۇغۇچى: دەرىسنى چۇشەندۇرۇپ قويۇش ئەمەس ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب بىرەلەمسىز؟
يانچۇقچى: سوراڭ
ئوقوغۇچى: جۇڭگۇ تارىخدىكى پادىشاھلاردىن بىر قانچىنى دەپ بىقىڭە؟
يانچۇقچى: كاڭشى چيەنلۇڭ
ئوقوغۇچى: توغرا
يانچۇقچى: شاھيار مالاچۇەر پادىشاھى
ئپقوغۇچى: ئا،،،، نەدىمۇ جۇڭگۇدا مالاچۇەر پادىشاھى دەپ پادىشاھ ئۆتكەن
يانچۇقچى: بۇدا ئالامەت جاۋاب بىرىمەن سورىڭە؟
ئوقوغۇچى: (كىتابنى كۆرسىتىپ) تاڭ تەيزۇڭ دىگەن خەتنى كۆردىڭىزما؟ شۇنىڭ ئاستىدىكى سانلار  نىمە مەنىنى بىلدۇردۇ؟
يانچۇقچى: تلفۇن نۇمىرىدۇ؟
ئوقۇغۇچى: ئۇ زامانلاردا نەدىمۇ تىلفۇن بولسۇن بۇ تۇغۇلغان ۋاپات بولغان ۋاقتى( دەرس يادلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ)
يانچۇقچى: چاقچاق( ئوقۇغۇچىنىڭ يانچۇقىغا قول ئۇزۇتىشىغا ئوقوغۇچى سىزپ قىلىپ قارايدۇ يانچۇقچى دەرھال يەنە بىر كىتابنى تۇتۇپ)خەنزۇچىغا ئۇستا ئىدىم بۇنىڭدىن سوراپ بىقىڭە؟
ئوقوغۇچى: ( بىزا بولغان قىياپەتتە قاراپ) جى لى دې فڭ جىڭ خن مي بۇ گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ؟
يانچۇقچى: جىگدە يەپ مەي ئىچتىم.
ئوقوغۇچى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى بەك چىرايلىق دىگەن گەپ دەرس ئۆگىنىمەن دەخلى قىلماڭ
يانچۇقچى: باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ تىلفۇن تۇتۇپ ئۇندىدار ئوينايدىكەن دىسكوخانلاردا كۆڭۇل ئاچىدىكەنغۇ؟ پاراڭلىشىپ كۆڭلىڭىزنى ئاچاي دىدىم دەرىس
ئۇگۇنىۋىرىپ چارچىغانسىز؟
ئوقوغۇچى: ھەممە ئوقوغۇچى بۇنداق ئەمەس تىرىشىپ ئوقۇۋاتقانلارمۇ كۆپ، مىنىڭ ئويۇنغا بىرلىپ نابۇت بولغان ساۋاداشلاردەك ئاقىۋەتكە قالغۇم يوق(بايا قارىغان يەرگە قاراپ) كىتابخانىنى ئىچىپتۇ ماتريال ئلىپ مەكتەپتە دەرىس ئۇگۇنەي( سەھنىدىن چىكتىدۇ)
يانچۇقچى: ھەجەپ يامان شۇمكىنا ( يولوچى تلفۇندا سۆزلەشكەن ھالدا چىقىدۇ)
يولوچى: ئانا سىنىڭمۇ خەۋرىڭ بار مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى يىراق دەپ بالىنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەرگەن  خزمەت بىلەن بولۇپ كىتىپ دىگەندەك كۆڭۇل بۆلەلمىدۇق ئوقۇتقۇچىسى تىلفۇن قىپتىكەن بارسام نىمە دەيدۇ دىمەيسەن بالا ئوغۇلبالا تۇرۇپ چىچىنى غەلىتا ياسىتىپ يۇردىغان بەزىدە ياتاققا ھاراق ئىچىپ كىردىغان،مۇھەبەتلىشىدىغان، بولۇپ قالدى.قىز دوستى بىلەنتورخانا دىسكوخانلاردا يۇرۇپ دەرسكە كىرمەيدۇ بۇگۇنمۇ 4 سائەتلىك دەرسكە قاتناشمىدى شۇ قىز بىلەن بالىڭىزغا نەسھەت قىلىپ تۇزۇتەلمىدۇق دەيدۇشۇنىڭ بىلەن بالنى ئىزدەپ يۇرۇشۇم تىلفۇن قىلسام ئتتككەن  بالغا قايتا تلفۇن قىلىپ باقاي ماقۇل خوش!
يانچۇقچى: بالا بىلەن كارى يوقلارمۇ نىمە؟ مۇشۇنى باپلاي
يولوچىundefined تىلفۇن قىلىدۇ) بالام سەن نەدە؟ يالغان گەپ قىلۋاتقىنىنى خانىمىڭنىڭ (ئايال ئوقۇتقۇچى مەنىسىدە) يىنىدىن كىلىشىم سىناق ئىمتھاندا58 ئاپسەن 4 سائەتلىك دەرسكە قاتناشماپسەن؟
يانچۇقچى: مەندەك ئوقۇغان نىمىكەن مەنمۇ 58 -59 ئالتىم 60 قا چىقالمايتىم بەزىدە كۆچۇرۇپ چىقتىم 60قا
يولوچى: سەن نەدە مۇشۇنداق ئوقۇساڭ قانداق ئادەم بولىسەن؟
يانچۇقچىundefined ئۆزگە پىچىرلاپ) قانداق ئادەم بولتى مەندەك ئادەم بولىدۇ ماڭا شاگرت بولسا بولغۇدەك بۇ گۇي
يولوچى: مەكتەپكە دەرھال قايت بولمىسا ئەدىپىڭنى يەيسەن نىمە مەكتەپكە بارمايمەن؟ بارماي باقە قىنى( يانچۇقچى يولوچىنىڭ يىنىدىكى پورتمالنى ئوغۇرلايدۇ يولوچى ئاچچقىدا دىققەت قىلمايدۇ)
يولوچى : ۋەي ۋەي ۋەي تلفۇننى قويدىيا شۇم( يەنە بىرقىتتىم تىلفۇن قىلىدۇ ئۇلانمايدۇ) ئىزدەي بۇنى ( سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ)
يانچۇقچى: (پورتمالنى ئچىپ) ۋاھ، نىمانچە جىق پۇل ئالدى بىلەن قورسىقىمنى تويغۇزۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن بىر قۇر قىيىم ئالاي شۇنداق قىلاي( ساقچى سەھنىگە چىقىدۇ )
يانچۇقچى: (ساقچىنى كۆرۇپ) ئو بۇ تۇرمىدىكى ساقچىغۇ؟ ھەجەپمۇ بىر ۋاقىتتا ئۇچىراپ قالدى.
ساقچى: ۋۇي بۇ سەنغۇ؟ نىمە ئىش قىلۋاتسەن؟
يانچۇقچى: (ھىيلگەرلىك بىلەن) ۋوي بۇ ساقچى ئاكامغۇ؟ قانداق تىچلىق تۇرلىمۇ تچلىق ( كۆرۇشكەن بولوپ قولىنى چىڭ سىقىدۇ) ھىچ ئىش قىلمىدىم ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرغان
ساقچى: ئۆزگەردىڭمۇ ياكى يەنە جنايەت ئۆتكۇزۇپ يۇرۋاتامسەن؟
يانچۇقچى: ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم  بوپ كەتتۇق كۇندۇزلىرى ئىشلەپ كىچىلىرى كۇرۇسلاردا خەنسوتى پىرانسوس تىلى ئۆگۇنۇپ بىلىپ كەتتىم
ساقچى: خەنزۇ تىلى فرانسۇس تىلى!
يانچۇقچى: شۇنداق دىمەكچىتم
ساقچى: نەدە ئىشلەۋاتسەن مائاشىڭ قانچىلىك؟
يانچۇقچى: مۇ،،، مۇقىم ئەمەس بەزى،،   بەزىدە ئىش بار بەزدە ئىش يوق 5 مىڭ ياق 3 مىڭ ياق 8،،،،
ساقچى: نەدىمۇ شۇنداق ئىش بار ؟ ئاز ئىشلىسىمۇ كۆپ مائاش بىردىغان؟
يانچۇقچى: بەزى شىڭچە كۇنلىرى بىكار دىمەكچىتىم
ساقچى: شۇنداقمۇ؟ ( يانچۇقچىنىڭ يانچۇقىدىكى كۆرۇنۇپ قالغان پورتمالنى ئلىپ) ما نىمە؟
يانچۇقچى: بۇ مىنىڭ
ساقچى: ( پورتمالدىكى نەرسىلەرنى كۆرۇپ) بۇ باشقىلارنىڭ كملىكى ئاياللار ئىشلىتىدىغان نەرسىلەركەنغۇ؟ئوغۇرلاپسەندە؟
يانچۇقچى: بۇ سىڭلىمنىڭ
ساقچى: توۋا ئۆزۇڭدىن چوڭ ئادەم سىڭلىڭمۇ؟
يانچۇقچى: ئىزىپتىمەن يول قويغان بولسىڭىز
ساقچى: قانۇن يول قويمايدۇ( قولغا كويزا سالىدۇ) ھەي،، ھالال ئىشلەپ جان باقساڭچۇ؟ نىمانچە تۇزەلمەيسەن؟
يانچۇقچى: مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ يۇرۇپ مەكتەپتىن چىكىندىم( تەسىرلىك مۇزىكا كىرىشتۇرۇلدۇ)پۇلنى ئاسانلا تىپىپ سۇدەك خەجەلپ يۇردىغان ئۇنداق ئاسان ئىش يوقكەن خزمەت ئىزدسەم مەدەنيەت سەۋىيسى تۆۋەنكەن دەپ ئىشلەتمىدى ئاشخانا زاۋۇتلاردا جاپاغا چىدىماي ئىشلىمىدىم بىلىمى بار ئادەمگە ھەممە ئىش ئاسانكەن بىلىمسىزگە كۇن يوقكەن ئىسىت نىمىشقىمۇ ياخشى ئوقۇمغاندىمەن ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسىچۇ كاشكى بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس تە كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۇڭگە دۇشمەن دەپ ئاتا- بوۋلىرىمىز ھەجەپمۇ توغرا دەپتىكەن ئەمدى پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ساۋاقداشلار ئبرەت ئىلڭلار( ساقچى قولدىن تارتقىنىچە سەھنىدىن چىكتىدۇ)
ئاپتورى: رەيھانگۇل مۇتەللىپ

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-11-28 14:16:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-11-28 14:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-28 14:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 14:28
بەگيار ئەپەندى، مەيلى كىمنىڭ قانداقلىكى ئەجرى بولسۇن، ...

باشقۇرغۇچىنى ئەيپلىمەڭ گۇناھ مەندە كومپىيۇتۇردا دەماللققا ئملاغا دىققەت قىلماق تەسكەن بۇنىڭلىق بىلەن باىشقۇرغۇچىنى ئەيپلىسىڭىز  قاملاشماس  بۇندىن كىيىن خەتنى توغرا بىسىشنى مەشىق قىلپ سىلەرگە يارىغۇدەك يوللاشقا تىرىشاي

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-11-28 14:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-11-28 14:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ! نىمانچە ئېسىل دىئالوگلار يۇقارقى ... ھەجەپ سۆيۈندۈمما !

ۋاقتى: 2014-11-28 14:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 14:28
بەگيار ئەپەندى، مەيلى كىمنىڭ قانداقلىكى ئەجرى بولسۇن، ...

مەنمۇ ئۆزى ئىملاغا دىققەت قىلماي تۇرۇپ گۇناھنى كومپيۇتېرغا ۋە باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغان ئادەملەرگە بەك ئۆچ. شۇڭا ئىملاغا %99.99 دىققەت قىلىمەن. چۈنكى، مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچقانداق يېقىن سىردىشىم يوق!

باھا سۆز

بەكلا نوچى گەپ بوپتۇ .  ۋاقتى: 2015-2-21 01:07 PM
qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-11-28 15:01:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-28 15:44:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستانە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 14:56
مەنمۇ ئۆزى ئىملاغا دىققەت قىلماي تۇرۇپ گۇناھنى كومپي ...

ماقۇل ماقۇل ماقۇل . دىققەت قىلاي ئوقۇرمەنلەردىن زىيان تارتىۋەرگۇدەكمەن ياق دىسەم.

باھا سۆز

پەش ، چېكىتلەرنى ئۆزىڭىزدەك كىچىك چاغلىماڭ!  ۋاقتى: 2015-2-21 01:11 PM
ۋاقتى: 2014-11-28 23:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبرىكلەيمەن!

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-11-29 20:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-11-30 00:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى تېمىكەن، ئارتىسلار رول ئېلىپ سەھنىدە ئويناپ چىقسا ئاندىن قىممىتى يەنىمۇ ئاشاركەن، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-1 19:36:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭلارغا رەھمەت

ۋاقتى: 2014-12-2 18:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .
مىنىڭ سىزگە بىردىغان تەكلىۋىم شۇكى ،« يازمىنىڭ تىما ۋەژانىرىنى يازغاندا ئاستىغىلا ئاپتۇر ئىسمىنى قىستۇرۇپ ياكى ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
»

ۋاقتى: 2014-12-7 20:27:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوت ئىنتايىن ئىخچام ياخشى  يېزىلىپتۇ. لىكىن يانچۇقچىنىڭ ماۋۇ «ياخشى ئوقۇغان بولسام بۇنداق ئىشمۇ يوق خاتىرجەم ياشاپ باشقىلاردەك گىدىيىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرەتتىم .ھازىرقىدەك ساقچى تۇتسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ تۇرمىدا قانچىلك ياتارمەن؟ دەپ قورقۇپ يۇرمەيتتم. ....»دىگەن باشتىكى بايانلىرى يانچۇقچى ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇلغان چاغدىكى بايانلارغا قىستۇرۇلسا مۇۋاپىق بولغۇدەك.چۈنكى يانچۇقچى ئۇ بايانلارنى باشتا ئويلىسا يانچۇقچىلىق قىلماسلىقى كېرەك.ئەسلى ئۇ يانچۇقچىدا ئۇلارنى ئويلىغىدەك كاللا يوق.تۇتۇلغان چاغدا شۇنداق پۇشايمان قىلىشى كېرەك.لىكىن بۇ يانچۇقچى پىشقەدەم يانچۇقچى ئىكەن.ئۇنىڭ تۆۋە قىلىشى تامامەن يالغان.ئارتۇق سۆزلىگەن بولسام ئۆزرىلىكمەن.
ئاپتورنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە نەزەر سىلىپ ئىجادىيەتتە ئۇتۇق قازىنىشىنى تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش