سەن مېنى سۆيمەيتىڭ مەنمۇ ھەم سېنى
سەن مېنى سۆيمەيتىڭ مەنمۇ ھەم سېنى،
بىز پەقەت مەقسەتسىز ئايلانغان كوچا.
يانمىغان زەرىچە ئۇچقۇنمۇ پەقەت،
ھېچقانداق سەزگۈ يوق ۋۇجۇدىمىزدا!
ئايانتى ئاھ لېكىن ھەر ئىككىلىمىزگە،
مەنىسىز تۇيۇلغان بۇ گۈزەل ھايات.
سەن سۆيگەن ئادەمدىن ئايرىلغان بۇ كۈن،
مەن بىر قىز تەرپىدىن تاشلانغان شۇ تاپ.
ئۈن-تىنسىز يىراققا كېتىپ بارىمىز،
قۇلۇمدا تاماكا، كۆزۈڭدە يىغا.
قارشىلىشىش چىرمىغان سەبىي قەلبىمىز،
شۇم تەقدىر ئۈستىدىن قىلماقتا غەۋغا.
سەن مېنى سۆيمەيتىڭ مەنمۇ ھەم سېنى،
شۇندىمۇ سۆيگۈنى خالىماقتىمىز.
ئېھ ئەشۇ خارلانغان مۇھەببەت ئۈچۈن،
بىز يەنە ئۈزلۈكسىز خارلانماقتىمىز.