يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: تائام تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-27 13:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تائام تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يولى

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كارخانىچىلار تائام تىجارىتى ئارقىلىق "جاھان سوراش"نى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمىسە قانداق قىلغاندا تائام تىجارىتىدىمۇ باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاشلا روناق تاپقىلى، تىجارەتنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ؟
تائام تىجارىتىدە ماركا ئوبزارىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەممىدىن مۇھىم، چۈنكى ماركا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆلچەم، شۇڭا ئىستىمالچىلار ياقتۇرىدىغان ماركا يارىتىش تائام تىجارىتىدە ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغان مەسىلە. ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ماركىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن قايسى خىل تائامنى سېتىشنى ئويلاش كېرەك.
تېز تاماقخانا تىجارىتى: خۇددى "كونتاككىي" ياكى "ئەلبەك" ياكى "مارىبروۋن" لاردەك كۆپ ئورۇندا ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئېچىلىپ داڭق قازانغان تېز تاماقخانا ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ زىيىنى يوق. تېز تاماقخانىنىڭ ئوبيېكتى ئاساسەن خىزمەتچىلەر ۋە ۋاقىتلىق بىكارچىلار، شۇڭا ئۇلارنى كۆڭۈللۈك، ئازادە مۇھىت ۋە تېز، ئەرزان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. تائام تىجارىتى مەھسۇلاتى ھەل قىلغۇچ مەھسۇلات، قوشۇمچە مۇلازىمەت ۋە ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشتەك ئۈچتەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى خېرىدار كۆرەلەيدىغان، سېتىۋالالايدىغان ۋەھوزۇرلىنالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. داڭق چىقارغان تېز تاماقخانىلار ئوخشىغان تاماق، ئازادە ۋە يورۇق مۇھىت، تېز ۋە توغرا تاماق چىقىرىش، ئەڭ ئىللىق ۋە يېقىملىق مۇلازىمەت، ھەرقانداق خېرىدارنىڭ قايتۇرۇشىنى خىزمەت نىشانى قىلغان.
ئارامبەخش رېستوران تىجارىتى: بازار سودا ئېقىمىغا ئەگىشىپ سودىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشىنى قانائەتلەندۈرىدىغان ئارامبەخش تائام سورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، مۇمكىن قەدەر ئۇلارنىڭ پۈتۈشۈششىگە كېرەكلىك بولغان مۇلازىمەتلەرنى تەقلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، كومپيۇتېر، خەت باسقۇ، كۆپەيتىش ماشىنىسى، قەغەز-قەلەم قاتارلىق لازىمەتلىكلەر ۋە يىغىن زالى، ياتاقخانا، ئايرىمخانا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەر تولۇق رېستوران بۇ تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
مەھەللىۋىي تائام تىجارىتى: بىر دائىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرى ۋە زۆرۈر ئىستىمالىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنى توي-تۆكۈن، دوستلار ئولتۇرۇشى سورۇنى بىلەن تەمىنلەش ۋە زۆرۈر بولغان ئائىلىۋىي تاماق، ھەتتا يېرىم پىششىق تاماقلار بىلەن تەمىنلەشنى نىشان قىلىش، ھەتتا ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش مەھەللىۋى تائام تىجارىتىنىڭ جېنى.
ئۆزگىچە ئارامگاھ تىجارىتى: بۇ سۈيى، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، بىر نەچچە خىل ئۆزگىچە تاماق ۋەچاي تىجارىتى كىشىلەرنىڭ مۇھىتتىن ھوزۇرلانغاچ غىزالىنىش، بىرەر ۋاق ئۆزگىچە تەم تائاملىرىنى تېپىپ بېقىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان تىجارەت ئۇسۇلى، مۇنداق سورۇنلار ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلمىسا بولمايدۇ.
خام تاماق ۋە پۇشۇرۇقلار تىجارىتى: بۇ دەل شىركەت ۋە سودا دۇكانلىرى مەركەزلەشكەن  رايونلاردا تەييار تاماقنى نەق مەيدانغا يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى پشۇرۇقلارنى ئالدىن تەقلەپ قويۇپ سېتىش تىجارىتىدۇر. بۇ خىل تىجارەت كەڭرى سورۇن بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، تىجەشلىك، خېرىدار جەلپ قىلىش كۈچى زور، شۇنداقلا ھازىرقى زاماننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئۈرۈمچىكەچلىك گېزىتى كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتىدە 2014-يىلى 22- يانۋار ئېلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 13:37  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-29 20:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشچان ،ئىنتىلىشچان بەيگە تۇلپارلىرى قەدەممۇ قەدەم ئىز بېسىپ يىتىپ كەلمەكتە، بىز ئۇلارغا ئىلھام بېرىمىز!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش