7 |& j& o% ~; n9 p! p/ a
«مايبۇلاق»ژۇرنىلى 2014-يىلدا: قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «مايبۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىراتى 2014-يىل 26-نويابىر ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2014-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسسىلەپ، بۇ بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىلىق پىكىرلەشتى. سۆھبەت يىغىنىغا 20 نەچچە ئاپتور قاتناشتى. «مايبۇلاق»ژۇرنىلىمىزنىڭ 2014-يىللىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش ھەم ئېلان قىلىشتا ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى ھەم بەدىئىيلىكىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ئوقۇشچانلىقى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، ساقلىنىش قىممىتى، ئىستىتىك ھۇزۇرى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ تاللاپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: 2014-يىلى ژۇرنىلىمىزدا ئەلىجان ئوبۇل خەنجەرنىڭ«ئىمتىھان»، گۈزەلنۇر مۇتەللىپنىڭ «ئاي روجەكتىن مارايدۇ» قاتارلىق ئىككى پوۋېست، ئېرشاد ھېيتاخۇننىڭ «يوقالماس ئىز»، ئارزۇگۇل ئابدۇرېھىمنىڭ «ھاياتلىق بۇسۇغىسىدا» قاتارلىق توققۇز پارچە ھېكايە،ئارسلان تالىپنىڭ رومانىدىن پارچە- «غالىپ كەلگەن سۆيگۈ» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە پارچە نەسر، 70نەچچە پارچە شېئىر، يەتتە پارچە ماقالە، 16 پارچە تەرجىمە ئەسەر، شەھىرىمىز فۇتۇ سۈرەتچىلىرىنىڭ 40 پارچىگە يېقىن فۇتۇ سۈرەتلىرى ئېلان قىلىنغان. يەنە شەھىرىمىز ئاپتورلىرىنىڭ بۇ يىلغا تەۋە سىرتقى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ قىسقىچە ئىستاتىستىكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارغا بولغان يېڭى تەلەپلەر تاپشۇرۇلدى. ئاخىرىدا بۇ يىل شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن «دەۋر مىلودىيەسى شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى-قاراماي مۇشائىرە پائالىيىتى» دىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىلدى.
|