قارامايدا ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلدى
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى شەھىرىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى يىغىپ ج ك پ مەركىزى كومېتىتىنىڭ شۇجىسى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە تەسىراتىنى بايان قىلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا شەھىرىمىزدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى، رەسساملار جەمئىيىتى، گۈزەل-سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 30دەك ئادەم قاتناشتى. 20 –ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىدە، ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق يىللىرى دەپ بىرى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى 1941-1942-يىللىرى، يەنە بىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى سوتسىيالىزىم قۇرۇشنىڭ سىناق يىللىرىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشى نەتىجىسىدە كۆرۈلگەن 1960-1961-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئېغىر قىيىنچىلىق يىللىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ يىللاردا دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش قىيىن، مەنىۋىيەتتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ تەس بولغان يىللاردۇر. ئەنە شۇنداق ئېغىر قىيىنچىلىق يىللىرىدا (1942-يىلى 5-ئايدا)ماۋزېدۇڭ يەنئەندە بىر قېتىملىق قەلەمكەشلەر يىغىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، روھىيەتنىڭ قازغۇچىلىرى بولغان يازغۇچى-شائىرلارنى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا، خەلقنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا، ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنى غەلىبىگە يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا چاقىرىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە چوڭ تەلەپ، ھەم ئۈمىدلىرىنى باغلىغان. ئارىدىن 72 يىل ئۆتكەندە رەئىس شى جىنپىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىغا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىپ خەلق ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈش، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىش، خەلقنىڭ كۈلكىسىگە كۈلۈپ، يىغىسىغا يىغلاش، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بارلىق يولداشلارغا شى جىنپىڭ سۆزىنى ھەقىقى روھى بىلەن ئۆگىنىش، ئۆز يېزىقچىلىق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈش، ئەسەرلىرىدە نېفىتلىك ئەدەبىياتى ھەم كارخانا مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، نېفىتلىك ئىشچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تولۇقى بىلەن ياڭرىتىشقا چاقىردى. شەھىرىمىزدىكى يازغۇچى-شائىرلار بۇ قېتىملىق ئۆگىنشتىن ئىلھام ئېلىپ ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن-ئازادە بايان قىلدى ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەركىن مۇھەممەد كامالى مۇنداق دېدى: مەن قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەھرىمىزدىكى يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدىغان، خاسلىقى ۋە بەدىئىلىكى يۇقىرى، دەۋىر روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشقا يېتەكلەش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە ئەمەلىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، نېفىتلىكنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئايانماي تەر ئاققۇزۇۋاتقان نېفىتچىلارنىڭ ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇش،ئۆزىنى بېغىشلاشتەك جەڭگىۋار روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىرگە،كەڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقان باي-باياشات تۇرمۇشى،قىممەت قارىشى، ھايات قارىشى، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان يىرىك ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،يۇقۇرى سىياسى سەزگۈرلۈك بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ،سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمەن. ياش يازغۇچى گۈزەلنۇر مۇتەللىپ: شى جىنپىڭنىڭ « خەلق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ جانلىق مەنبەسى، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقتىن ئايرىلىپ قالسا، يىلتىزسىز دەرەخكە، قۇرۇق ۋە جانسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ» -دېگەن سۆزى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىن ۋە خەلقتىن ئايرىلغان ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئوقۇشچانلىقىمۇ بولمايدۇ. مەن بۇ يىل شەرەپ بىلەن «ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ياش تايانچ» بولۇپ سايلاندىم. بۇ پۇرسەتنىڭ ماڭا بېرىلگىنىدىن تولىمۇ شادلاندىم. ئۆز نۆۋىتىدە ھەم ئۆزۈمگە بېسىم ھېس قىلدىم. ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ئىشىنىپ بۇ پۇرسەتنى ماڭا بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپەمدە باش شۇجى شى جىنىپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەسەرلىرىمنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى قىلىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەھىرىمىزنىڭ جۈملىدىن نېفىتچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۇردىغان، ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقي روھىي ئوزۇق ئاتا قىلالايدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشمەن، دېدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 19:31
|