مەن بىر قاچقۇن
ئېسمىمنى بورىغا يۆگەپ ئوت قويۋەتتىم
شان- شەرىپىمنى تاغ چوققىسىدىن دومۇلىتىۋەتتىم
غۇرۇرۇمنى ئىرغاڭلىتار شاماللار
ئەمدى
ئەينەككە قاراش ئەندىشىسى يوق
بېرىش- كېلىش ۋەسۋەسىسى يوق
ئۆلۈش- تىرىلىش ئەسئەسىسى يوق
بۇ يەردە يۈرسەم، قەدەم تېۋىشىم ئۇ يەردىن ئاڭلىنىدۇ
تۇرارمەن ھېچ يەردە
بىر يەردە تۇرماسمەن،
توختىسام
ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا يا ئارقىسىدا
ئوڭ تەرىپىدە ياكى سول تەرىپىدە...
مەن بىر قاچقۇن
بېسىۋالغۇسىز قېچىش ئىشتىياقى بىلەن
قاچىمەن ھاياتقا ئىچكىرىلەپ؛
ئۇ يەردە
ئۆلگەن جاناننىڭ ئىپار پۇراقلىق قەبرىسى بار
مۇھەببەت سۇلالىسىنىڭ ئەبەدىيلىك خارابىسى بار
كۆز يېشىنىڭ گۈل- چېچەكلىك تۈرمىسى بار
جان كىرىپ- چىقىپ تۇرىدۇ شاد- خۇرام
قانلار ئاقار ئاتلىرىنى قامچىلاپ
يۈگرەپ يۈرەر قىلىچ ئاسقان قەبرىلەر
زېمىن بىھۇش،
يارالمىشنىڭ لەززەتلىك يارا ئېغىزىدا
ئىڭرايدۇ ئاھ، قىپيالىڭاچ بىر گۇناھ...
ئۇ يەردە بىر كارۋات
كارۋاتتا يالغۇزلۇق ياتىدۇ ئۇخلاپ.
ئۇنى ئويغىتىشقا بولمايدۇ،
يالغۇزلۇق ئويغانسا قاپلار ئالەمنى
مۇھەببەت.
مۇھەببەت ئۇلغايسا قاپلار ئالەمنى
جىنايەت.
جىنايەت ئۇلغايسا قاپلار ئالەمنى
قاباھەت.
قاباھەت ئۇلغايسا باشلاپ كېلەر ئالەمگە
قىيامەت...
يالغۇزلۇقنى ئويغاتماڭلار
مۇھەببەتنى ئۇلغايتماڭلار
ئەي
دۇنيا تەرتىپىنى قوغدىغۇچىلار!...
مەن بىر قاچقۇن
قاچىمەن ھامان،
قېچىشىمنىڭ سەۋەبى ئۆزۈمدە تۇرماسلىق ئۈچۈندۇر.
ئۆزۈم ماڭا شۇ قەدەر قورقۇنىچلۇقمۇ؟
ئۆزۈمدە ماڭا قاپقان قۇرۇلغانمۇ؟
ئۆزۈممۇ مېنى ئۆلتۈرىدىغان قاتىل؟!...
ئادەملەر ئۆلۈش ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىپ كەتتى
ھاياتنىڭ ئۆلۈم قىلىچى داتلىشىپ كەتتى
مۇھەببەت دەسلەپ تەندىن چىقمىغانمۇ؟
سەن ياكى مەن، ئىككىمىزنىڭ بىرى قابىل، بىرى ھابىل،
جان دەسلەپ سەندىن ياكى مەندىن چىقمىغانمۇ؟
ئەي قەلبىم،
مەدھىيەلە ياكى تىللا، بەرىبىر
تاڭنىڭ بالدۇر يا كىيىن ئېتىشى
جاھاننىڭ يورۇق ياكى قاراڭغۇ بولۇشى
قۇياش بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 04:28