كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 12

بەگيار: تۈرك ئۇيغۇر يېزىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 00:33:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

تۈرك ئۇيغۇر يېزىقى
قاسىمجان سادقوۋ(ئۆزبېكىستان)
uygur_yozuvi.jpg
      تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى ئاھايتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.ئەرەب يېزىقىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قانچە مۇكەممەل ئىلىپبە لىك يېزىقلىرى بولغان. ئەنە شۇلاردىن بىرى ھازىر ئىلىم-پەن ساھىسىدە «ئۇيغۇر يېزىقى»دەپ دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ يېزىققا نىسبەتەن قوللىنىلغان بۇ نام شەرتلىك بولۇپ،ئۆزىنى تولۇق ئاقلىيالمايدۇ.چۇنكى،قەدىمكى يازما مەنبەلەردە ئۇ ھەرخىل ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان.مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»ناملىق كىتابىدا ئۇنى «تۈركچە يېزىق»، «تۈرك خېتى» دەپ ئاتايدۇ. ئەلىشىر ناۋائىيمۇ ئۇنى «تۈرك خېتى» دەپ تىلغا ئالغان. ئەرەب-پارس مەنبەلىرىدە «ئۇيغۇر خېتى»،«موڭغۇل خېتى» دېگەن ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ. «ئۇيغۇر خېتى»دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى 19-ئەسردە شىنجاڭدىن ئەنە شۇ يېزىقتا پۈتۈلگەن تۈركىي يادكارلىقلارنىڭ كۆپرەك تېپىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    بۇ دەۋردە شىنجاڭغا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسپېدىتسىيەلەر نەتىجىسىدە بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە تۇرار جاي خارابىلىرىدىن قەدىمكى تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن يادكارلىقلىرى تېپىلدى.شۇ دەۋردىن ئىتىبارەن بۇ پۈتۈكلەرنى «قەدىمكى ئۇيغۇر يادكارلىقلىرى»،خېتىنى بولسا «ئۇيغۇر يېزىقى»دەپ ئاتاش ياۋروپا شەرقشۇنا سلىقىدا رەسم بولدى.
    مەلۇمكى،دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي خەلقلەرىدىن بولغان سوغدلارنىڭ قوشنا خەلقلەر بىلەن بولغان مەدەنىي، سودا ئالاقىلىرى كۈچلۈك ئىدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارامىي ئىلىپبەسىگە ئاساسلانغان «سوغد يېزىقى»دەپ ئاتىلىدىغان يېزىقلارمۇ كەڭ تارقالغانىدى.سوغدلار ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ئالاقە-ئارلىششلىرى نەتىجىسىدە ئىرامىزنىڭ 9-ئەسرلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقى شەكىللەندى.
     ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىختا قوللانغان باشقا ئىلىپبەلەرىدىن، جۈملىدىن ئەرەب يېزىقىدىن پەرقلىنىدىغان، تامامەن مۇستەقىل يېزىقتۇر.ئۇيغۇر ئىلىپبەسى 18ھەرپتىن تەركىپ تاپقان، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن قوشۇلۇپ 23 كە يېتىدۇ. ئىلىپبەدىكى ھەرپلەرنىڭ ئازلىقىنىڭ سەۋەبى بىر بەلگە بىر قانچە تاۋۇشنى ئىپادىلىيەلىگەن.بەزىدە ئۇلارغا قوشۇمچە بەلگىلەرمۇ كۆپەيتىلگەن. تۈرلۈك ئارفاگرافىك ئۇسۇل ۋە قوشۇمچە گرافىك ۋاسىتىلارنىڭ ياردىمىدە تىلنىڭ مۇرەككەپ تاۋۇش قۇرۇلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئېرىشىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي خەلقلەر ھېچ بىر قىيىنچىلىقسىز پايدىلىنالىغان.
       ئادەتتە،ئەرەب يېزىقىدا سوزۇقتاۋۇشلار دائىم ئىپادە قىلىنىۋەرمىگەن.ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا سوزۇق تاۋۇشلار ھەر قاچان ئىپادە قىلىنغان.يېزىقنىڭ بۇنداق خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ تۈركىي سىنگارمونىزم (سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى)قانۇنىيىتىگە بويسۇنغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ. ئۈندەشلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىدىمۇ ئۆزىگە خاس تەرەپلەر بار.ئۇنىڭدا بىر قاتار ھەرپلەر بىر قانچە ئۈندەشنى ئىپادىلىگەن مەسىلەن؛ (ب-پ، ت-د، ك-گ، ق-غ-ھ، س-ز قاتارلىقلار).
      ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە تارىختا تۇتقان ئورنىنى تەكىتلەپ يازىدۇ: «بارچە خاقانلار ۋە سۇلتانلارنىڭ كىتابلىرى، يېزىقلىرى قەدىمكى زامانلاردىن شۇ كۈنگىچە، كاشغەردىن جۇڭگوغىچە-ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدە شۇ يېزىق بىلەن يۇرۇتۇلغان» (مەھمۇد كاشغەرىي:«دىۋانۇ لۇغەتىت تۇرك»،1-توم، تاشكەنت،1960-يىل ئۆزبېكچە نەشرى 50-بەت.).
        10- ئەسرگە كەلگەندە قاراخانىيلار خانلىقىدا ئىسلام دىنى رەسمىي دىن سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىندى. نەتىجىدە ئەرەب يېزىقى كەڭ ئاممىۋىيلاشتى. بۇ دەۋرگە كەلگەندە ھەر ئىككى يېزىقتىن تەڭ پايدىلىنىش باشلاندى. شۇنىسى خاراكتېر لىككى،ئۇيغۇر يېزىقى كېيىنكى بىر قانچە ئەسر مابەينىدىمۇ ئاساسىي يېزىقلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. موڭغۇللار ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىمۇ رەسمىي ئىدارە ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلدى. ئۇ باشقا يېزىقلارنىڭ شەكللىنىشىگىمۇ ئاساس بولدى. 13- ئەسردە ئۇنىڭدىن موڭغۇل يېزىقى، موڭغۇل يېزىقىدىن بولسا مانجۇ يېزىقى بۆلۈنۈپ چىقتى.
      ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا ئۇيغۇر يېزىقىغا بولغان ئىتىبار كۈچلۈك بولغان. يېزىق ئەنئەنىسى داۋام قىلىپ،14-15-سرلەردە تۆمۈرىيلەر ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا مۇشۇ يېزىقنى كەڭ قوللاندى. ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراساننىڭ مەدەنىي مۇھىتىدا بۇ يېزىقنىڭ ئورنى ناھايتى يۇقۇرى بولدى.
     ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا 15-ئەسر نىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئەرەب يېزىقى بىلەن يانمۇ-يان قوللىنىلدى. كېيىنكى ئەسردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئورنىنى تامامەن ئەرەب يېزىقى ئىگەللىدى. ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى تېخى تولۇق يېتىپ بارمىغان جايلار- تۇرپاندىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا 17 ئەسرگىچە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.
      ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادكارلىقلارنىڭ ئەڭ قەدىمكىلىرى 9-10-ئەسرلەرگە مەنسۇپ. بۇ دەۋرگە ئائىد بۇددا، مانىي، خرىستىئان دىنىي-پەلسەپەۋىي ئەسەر لىرى،بۇيرۇق ھۆججەتلەر ۋە باشقا تۇردىكى پۈتۈكلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇددىزم ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان «ئالتۇن يارۇق» سۇتراسى، قەدىمكى تۈركىي ئەدەبىياتنىڭ دراماتىك نەمۇنىسى بولغان سەلكەم 600 سەھىپەگە يېقىن «مايترى سىمىت»ئەسىرى، مانىيلىق مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «خۇاستۇوئانىفت» ئەسىرى شۇلار جۇملىسىدىندۇر.
          11-س15-رلەردە ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادكارلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ۋە ئەرەب يېزىقلىرى يانمۇ-يان قوللانغانلىقى سەۋەپلىك بىر قاتار ئەسەرلەر ھەر ئىككى يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن. يۇسۇپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»، ئەھمەد يۇكنەكىينىڭ «ھىبەت-ئۇل-ھەقايىق»، خارەزمىينىڭ «مۇھەببەتنامە»، خوجەند ىينىڭ «لاتافەتنامە»، يۇسۇپ ئەمىرىي يازغان «دەھنامە» قاتارلىق ئەسەرلەرىنىڭ ھەر ئىككى يېزىقتىكى نۇسخىلىرى بار. تۈركىي خەلقلەر ئېغزاكى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرىدىن بىرى «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋارىيانتىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
     لۇتفىي، سەككاكىي ۋە باشقا بىر قاتار كلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن غەزەل، قەسىدىلىرى بار. مىر ھەيدەرنىڭ «مەھزان-ئۇل-ئەسرار» ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى مەلۇم. شۇنىڭدەك، «سىراج -ئۇل- قۇلۇب»،«راھەت-ئۇل-قۇلۇب»، «مىراجنامە»، «تەزكىرەئى ئەۋلىيا»غا ئوخشاش بىر قاتار دىنىي-پەلسەپەۋىي، ئەخلاقىي ئەسەرلەرنى بىلىمىز.
     يۇقۇرىدا ئۇيغۇر يېزىقى رەسمىي-ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىمۇ قوللىنىلغانلىقى ئېيتىپ ئوتىلدى. بۇ دەۋردىن بىزگىچە بىر قاتار يارلىقلار ۋە ئىپۇگرافىك مەتنلەر (تاشقا ئويۇلغان) ساقلانغان. توختامىشخاننىڭ 1393-يىلدا پولەك پادىشاھى دۈشمە نلىرىگە يوللىغان يارلىقى،1397-يىلدا يېزىلغان تۆمۈر قۇتلۇغ يارلىقى، زەھىرىددىن بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۇمەرشەيخ مىرزانىڭ 1469-يىلدا مەرغىلاندا يازغان يارلىقى شۇلار قاتارىغا كىرىدۇ.
      ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەر ئۇرخۇن-يىنسەي يېزىقىدىكىگە ئوخشاش ئالاھىدە -ئالاھىدە ئەمەس،بەلكى بىر-بىرىگە ئۇلاپ يېزىلغان. شۇنىڭدەك، يېزىقنىڭ تۈرلۈك خىل شەكللىرى بولغان. يېزىقنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى كىتابەتچىلىك ئىشىدا ناھايتى قولاي كەلگەن. مەلۇمكى،14-15-سرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا كىتابەتچىلىك سەنئىتىنىڭ گۈللەپ-ياشنغان دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ دەۋردە ئەرەب يېزىقىدا غايەت ئاجايىپ قوليازمىلارنىڭ پۈتۈلگەنلىكىنى ناھايتى ياخشى بىلىمىز. كىتابەتچىلىكىمىز تارىخىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭمۇ ئورنى كەم ئەمەس. ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراساندا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن يەزد، ھىرات، سەمەرقەند قاتارلىق مەدەنىي مەركەزلەردە كۆچۈرۈ لگەن. بۇ دەۋر مەدەنىي مۇھىتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرگۈچى كاتىپلار مەكتىپىمۇ ۋۇجۇدقا كەلدى. بىزگە بۇنداق كاتىپلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ناملىرى مەلۇم. ئۇلارنى ئاشۇ چاغلاردا «باخشى» دەپ ئاتىغان. جۇملىدىن، يەزد شەھرىدە مەنسۇر باخشى، ھىراتتا ئەبۇمەلىك باخشى، ھەسەن قارا، سەيىل شەمس، سەمەر قەندتە زەينۇل ئابىدىن باخشىلار ياشىغان. ئىستامبۇلدا ياشاپ ئىجاد قىلغانلاردىن ئابدۇراززاق باخشىنىڭ نامى مەلۇم.
      ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئاجايىپ قوليازما كىتابلار يېزىلغان، مەجمۇئەلەر تۈزۈلگەن. مەجمۇئەگە مىسال قىلىپ يەزدتە 1432-يىلى مەنسۇر باخشى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن قوليازمىنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭغا «راھەت-ئۇل-قۇلۇب»، «مەسىلە كىتابى»،«سىراج-ئۇل-قۇلۇب»قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلەر، خارەز مىينىڭ «مۇھەببەتنامە»سى، شۇنىڭدەك، قوليازما كاتىپىنىڭ بىر قەسىدىسى، لۇتفىينىڭ تۆت غەزىلى، قەمبەر ئوغلىنىڭ ئۇچ، جەۋھەرىي، سەيىد، قاسىمنىڭ بىردىن غەزىلى ۋە بەش تۆتلىك كىرگۈزۈلگەن، ھاشىيەدە بولسا راشىددىن ۋاتۋاتنىڭ «سەد كەلىمە»نىڭ بىر قىسمى،ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئەرەب يېزىقى بىلەن كامال ئىسفاھانىينىڭ پارسىي دىۋانى كۆچۈرۈلگەن. 1480-يىلى ئىستامبۇلدا ئابدۇراززاق باخشى تۈزگەن قوليازما مەجمۇئەگە «ھىبەت-ئۇل-ھەقايىق»، «مەھزەن–ئۇل -ئەسرار» ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك، لۇتفىي ۋە سەككاكىي غەزەللىرىدىن نەمۇ نىلەر كىرگۈزۈلگەن.
         14-15-سرلەرگە كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەرەب يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىنى بارا- بارا سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى. نەتىجىدە كاتىپلار ئۇيغۇر يېزىقىنى كىشىلەرگە تېخىمۇ كەڭرەك يەتكۈزۈش زۆرۈرىيىتىدىن كېلىپ چىقىپ، ئايرىم كىتابلاردا ئەرەب يېزىقىنىمۇ قوشۇپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مەتنلەر ئارىسىدا ھەر بىر قۇر ئاستىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن ئىزاھلاپ چىقانلىقىنى، شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىپ،بەزى ئورۇنلىرى ئەرەب يېزىقىدا يېزىپ قويۇلغانلىرىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. تارىختا تۈرلۈك تىل نامايەندىلىرى تەلەپىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئىككى تىلدا ئىككى خىل يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن يادكار لىقلار بار. لېكىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلاردا ئىككىنچى يېزىق تۈرك يېزىقىدىكى مەتننى ئىزاھلاپ بېرىش، مەلۇم ئورۇنلارنى ئاجرىتىپ كۆرسىتىشكە خىزمەت قىلغان. ياكى باخشى ئۆز دەۋرى ئۇدۇمىغا كۆرە ئايرىم قۇرلارنى (مەسىلەن، ئەرەبچە ھەدىس، ئايەت ۋە باشقىلار) ئەرەب يېزىقىدا بېرىشنى لازىم تاپقان. ھەر ئىككى يېزىق بىر- بىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، كىتاب كۆركىگە كۆرك قوشقان.
        ئۇيغۇر يېزىقدىكى قوليازما كىتابلار ئىتىبارلىق شەخسلەر تەرىپىدىن مەخسۇس بۇيۇرۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار قېتىرقىنىپ تەييارلىغان. كىتاب سەھىپىلىرى مىنىياتۇرالار، تۈرلۈك گېئومېترىك شەكللەر ھەمدە باشقا خىلدىكى نەقشلەر بىلەن بېزەلگەن. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتن بولسا ئەنە شۇ گېئومېترىك شەكللەر ئارىسىغا ياكى نەقشلەرگە ماسلاپ كۆچۈرىلەتتى. يېزىق  بىلەن نەقشلەر ئۆز ئارا ئۇيغۇ نلىشىپ، ئۇمۇمىي ئاھاڭداشلىق ھاسىل قىلغان. كىتابەتچىلىك سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلىرى قاتارىغا بېرىتانىيە مۇزېيىدىكى ئارىېنت 8193- نومۇرلۇق مەجمۇ ئەنى،«ھىبەت-ئۇلھەقايىق»نىڭ سەمەرقەند نۇسخىسىنى،«مىراجنامە» قاتارلىقلار نى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ قوليازما كىتابلار ئۆزىنىڭ نەپىسلىگى، شەرىقانىلىكى،تەكرارلانماس بېزەكلىرى بىلەن كۆرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تۈرك يېزىقىدىكى كىتابلاردا ئۇنىڭ يېزىقىغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىلگەن. تۈرلۈك سىياھلار ئىشلىتىلگەن. زۆرۈر جايلاردا زەرھەل رېڭدىنمۇ پايدىلانغانىدى.
      ئادەتتە،ئەرەب يېزىقىدىكى قوليازمىلاردا ئەسەرنىڭ نامى مەتن ئارىسىغا كىر گۈزۈلگەن. بۇ ھەقتە تۈركىي يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇ سىيەتلىرى بار. ئۇلاردا دەسلەپ ئەسەرنىڭ نامىنى چوڭ ھەرپلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ يېزىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈك كۆچۈرۈلەتتى.
      كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،ھازىر شەرتلىك رەۋىشتە «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىلىد ىغان ئومۇمى تۈركىي يېزىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمىي پۈتۈكى سۈپىتىدە مەدەنىيىتىمىز تارىخىدا كاتتا ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كۆرە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى لازىم بولغان ئىشلار كۆپ. بۇ يادكارلىقلارنىڭ ئەدەبىياتىمىز، تىلىمىز، خەلقىمىز تارىخىنى ئۈگىنىشتىكى ئەھەمىيىتىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى مۈشكۈل. ئۇلارنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش،ئەجداتلىرىمىز ياراتقان بىباھا مىراستىن خەلقىمىزنى بەھرىمەن قىلىش لازىم. بۇنداق خەيرلىك ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى پەنىمىزنىڭ پەقەتلا ئۇتۇقى بولىدۇ، خالاس.

ئۆزبېكچە«ياشلىق» ژۇرنىلىنىڭ 1989 يىللىق، 7-ساندىن ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 01:20  


uygur_alifbosi.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-26 00:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالە ئىكەن، رەھمەت...

ۋاقتى: 2014-11-26 01:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە بەگيار!

ۋاقتى: 2014-11-26 09:27:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ۋاقتى: 2014-11-26 14:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرلى بەگياركا.

ۋاقتى: 2014-11-26 18:10:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 14:03
مۇشۇنداق ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرلى بەگياركا.

                               ئانا  تىلىم  
                             ئۆلكەم تىلىم
    .                       كۆركەم تىلىم .
                        

ۋاقتى: 2014-11-26 18:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر ماقالە بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت بەگيار .

ۋاقتى: 2014-11-26 19:50:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن، ساقلىۋالدىم، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-11-26 23:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بەگيار

ۋاقتى: 2014-11-26 23:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز ،رەخمەت ،ھارمىغايسز !

ۋاقتى: 2015-7-6 23:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قەدەر ئىلمىي، سىستىمىلىق ھالدا قامۇس شەكىللەندۈرۈشىمىزدە ئالدى بىلەن مۇشۇنداق تەتقىقات ماتېرىيالللىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچۇرشىشنى ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك...

ۋاقتى: 2015-7-6 23:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-17 12:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئېسىل تېما ئىكەن، بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمز ھەققىدىكى بۇ قىممەتلىك مەلۇماتنى ئۆز
تىلىمىزغا ئاغدۇرۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش