يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: باشقۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-25 15:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باشقۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

باشقۇرۇش ھەرگىزمۇ باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق- مەرتىۋىسىگە ياكى بايلىقىغا تايىنىپ باشقىلارنى مەجبۇرىي باش ئەگدۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى كېرەك. ھەقىقىي مەنىدىكى باشقۇرۇش ئەڭ زور دەرىجىدىكى كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ھەرقانداق شەكىلدىكى يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر تۈزۈش ۋە ئۇنى ئادىل، ئاقىلانە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىر قاتار خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بايان قىلىنىدىغان قىسقا ھېكايە بۇ سۆزىمىزنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرىدۇ.
ئىككى ياشلىق بىر بالا ئەينەك سۈت بوتۇلكىسىنى چېقىۋەتتى.
-ھەي بۇ بالىنىڭ كەپسىزلىكىنى قارا!- دېدى بوۋىسى.
-ھەجەپمۇ قىممەت بوتۇلكا ئىدى ئۇ،- دېدى مومىسى
-بۇتۇپكا سۇنۇقلىرىنى دەسسىۋالماڭلار،- دېدى دادىسى. پەقەت ئاپىسىلا:
-بالا سۈتنى ئىچىپ بولغان ھامان بوتۇلكىنى نېرىراق قىلىۋېتىدىغان ئىش ئىدى،- دېدى. بوۋا ئەيىپلىدى، موما ئىچ ئاغرىتتى، دادا ئىشنىڭ يامان تەسىرىنى ئويلىدى، پەقەت ئاپىلا ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ئويلاپ، ئەڭ ياخشى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىنى نامايەن قىلدى.
گەپنى يىغقاندا، باشقۇرۇش خاتا قىلغۇچىنى ئەيىپلەش ياكى جازالاش ئەمەس، پەيدا قىلغان زىياننى تۆلىتىشمۇ ئەمەس، يامان ئاقىۋەتنى ئورنىغا كەلتۈرۈشمۇ ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ھەرقانداق بىر يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاخىرقى مەخسەت قىلغان بىر يۈرۈش ئاقىلانە تەدبىرنى ئىجرا قىلىش جەريانى. مەلۇم خاتا ئىش يۈز بېرىپ بولغاندا ئەيىپلىگەنگە قارىغاندا، شۇ ئىش يۈز بېرىۋاتقاندا توسقان ياخشى؛ يۈز بېرىۋاتقاندا توسقاندىن كۆرە، شۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئالدىنى ئالغان ياخشى. ئەڭ ياخشى باشقۇرغۇچى ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە ھەرقانداق زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدرى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلالايدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2013-يىلى 27-نويابىركارخانىچىلار مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 15:36  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش