تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 9

قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ ئىدىيىۋىي ۋە بەدئىي قىممىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3812
تۆھپە : 7
توردا: 1522
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ  ئىدىيىۋىي ۋە بەدئىي قىممىتى ھەققىدە  مۇلاھىزە

                                             ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

                                        قادىر پاراڭ پاراڭلىرىنىڭ مەنبەسى

    دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان دولان دىيارىمىزدا خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە 1963-يىلى تۇغۇلغان، 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈۈپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ،پۇرسەت تاپسىلا ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان قادىر پاراڭ 1980-يىللاردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر يۇرت-ماكاننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر خەلق چۆچەكلىرى، خەلق قوشاقلىرى، خەلق  ماقال-تەمسىللىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ توپلام»نى توپلاش، رەتلەش، تۈزۈش  پائالىيىتى داۋامىدا دولان خەلقى ئارىسىغا  چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكىتنىڭ  ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھىرى-«ئۈچ توپلام»نى يىغىپ-توپلاش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىمىز بىلەن كەڭ كۇشادە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە كۈچ چىقاردى،ئەمەلىي تۆھپىسى بىلەن ئەل ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى ھەمدە «ئۈچ توپلام»نىڭ ئىلھامى بىلەن «ھەركىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق»،« ئىت مەن »قاتارلىق  شېئىرلىرىنى يېزىپ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات گۈلزارلىقىغا قەدەم باستى. ئۆز ئەجرىنىڭ  بۇ تۇنجى شېرىن مېۋىسى تۇرمۇشنىڭ  ئەگرى-توقاي مۇساپىلىرىدا تېنەپ-تەمتىرەپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن تىپىرلاپ يۈرگەن قادىر پاراڭنى يېڭىچە ئىجادىيەت يولىغا باشلىدى.
ئەل ئارىسىدا بوۋىسى ئابدۇراخمان پاراڭ، دادىسى ئابدۇكېرىم پاراڭ، ئۆزىنىڭ   قادىر پاراڭ ئاتىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىش ۋە چوڭلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۈلكە-چاقچاقلار ئارقىلىق يۇرت خەلقىنى كۈلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېقىملىق، تېتىملىق، ئەھمىيەتلىك كۈلكە-چاقچاقلىرى ئارقىلىق دەرمان بولالىغانلىقى ئۈچۈن پاراڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، پاراڭ ئارقىلىق ھۆرمەت تاپقانلىقىنى چۈشەنگەن قادىر پاراڭ ئىدىيىسىدە خۇددى  ئەجدادلىرىغا ئوخشاش ئەل-ئاۋام ئۆز پاراڭلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان پاراڭچى بولۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىدە ئەمەلىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئىشتياقى قەلبىدە گۈلخاندەك لاۋۇلدايدۇ-دە، يەنە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۇيغۇر ۋە قوشنا ئەللەر  ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۆزىدە خەلق قىزىقچىسى بولۇشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى  ھازىرلاپ، دولان خەلق مەشرەپ  بەزمىلىرى، ياشلار سورۇنلىرى ۋە قەلەمكەشلەر  يىغىلىشلىرىدا ئۆزىنىڭ يومۇرىستىك كۈلكە-چاقچاقلىرى بىلەن سورۇن ئەھلىگە شادلىق ئاتا قىلىشقا باشلىدى.
  2000-يىللىرىدىن ئېتىۋارەن قادىر پاراڭ قولىغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن لەتىپە-چاقچاق، كۈلدۈرگە-يومۇر، ماقال-تەمسىللەرنى يىغىپ-توپلاش ئاساسىدا خەلق ئارىسىدىكى كىشىلىك ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ئەنئەنىمىزگە يات  ئىللەتلەرنى ھەجۋىيلەپ، خەلقىمىزنى ئەمەلىي تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان ساتىرىك شېئىر-قوشاقلارنى يېزىشقا باشلىدى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك  قادىر پاراڭ بۇ جەھەتتە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق نۆۋەتتە يىراق-يېقىندا نامى بار خەلق قىزىقچىسىغا ئايلىنىپ، ئەل-ئاۋامنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سازەۋەر  خەلق قىزىقچىسى، خەلق قوشاقچىسى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋارىسى بولۇپ قالدى.

kk.jpg


       قادىر پاراڭ (سولدىن ئىككىنچى كىشى)  دولان قەلەمكەشلىرى بىلەن بىرلىكتە رەئىس ئازات سۇلتان بىلەن سۆھبەتتە
                          
                                 قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى

         قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تۈرلىرى خېلىلا كۆپ بولۇپ، مۇھەببەت قوشاقلىرى قوشاقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر تۈر، شۇنداقلا، قوشاقلارنىڭ  ئەڭ قەدىمكى بىر تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قادىر پاراڭ ئەنە شۇ كۆپ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قوشاق ئىجاد قىلغان سەنئەتكار. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ قوشاقلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى يەنىلا مۇھەببەت قوشاقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. دەرۋەقە، مۇھەببەت-مەيلى ئېغىز ياكى يازما ئەدەبىياتىمىزدا بولمىسۇن، قەدىمدىن بۇيان ئىزچىل مەدھىيەلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆلمەس تېما.
مۇھەببەت ئىنسان قەلبىنى تىترەتكۈچى نازۇك تۇيغۇ ۋە يېقىملىق كۈي بولغاچقا،ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى،ئىشقى ۋاپادارلىقىنى ناخشا-قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. سەنئەتكارلار ئارىسىدىمۇ مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ سېھىرلىك مىلودىيەگە كۈي قاتماي يانداپ ئۆتۈپ كەتكەنلەردىن بىرىمۇ يوق دېيەرلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. قادىر پاراڭمۇ مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ  مەزمۇن ۋە شەكلىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدئىيلىك جەھەتتىن  خېلىلا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە  قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ، دەۋرىمىز قىز-يىگىتلىرىنىڭ ساداقەت، مېھرى-ۋاپادىن ئىبارەت  ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلىتىگە  قىزغىن مەدھىيەلەرنى ئوقۇدى.  مەسىلەن:

ئىشىكىڭنى چەكتىم مەن،
تاك ئېتىپ، تاك-تاك ئېتىپ.
كېلىپ بىرنى سۆيسەڭچۇ،
چاك ئېتىپ، چاك-چاك ئېتىپ.

غازكۆل بويىدا ئەگىپ،
سۇغا چۈشتى بېلىقچى.
دەردىڭىزدە ئايشەمگۈل،
جانىم قالدى تېرىقچى.

دولان قويىنىڭ قىممىتى،  
  قاڭشا بىلەن قۇلاقتا.        
سىز خېنىمنىڭ دەردىدە،  ،
ھەپتە ياتتىم سولاقتا.   


ئالما تىزدىم تەخسىگە،
ئامۇت ئۈزدۈم تەخسىگە.
كۆز تەگمىسۇن جۈپ ھەمرا،
قىز-يىگىتلەر بەختىگە.
بۇ قوشاقلاردا ھىجران دەشتىدە تولغىنىۋاتقان ئوت يۈرەك ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا  يېتىشكە تەلپۈنىۋاتقان ئىنتىزارلىقى،  ئۇنتۇلغۇسىز ۋىسال پەيزىدىن ئالەمچە شادلىققا تولغان قەلب ئىزھارلىرى چۈشىنىشلىك خەلق تىلى بىلەن  جانلىق ئەكس ئەتكەن.
ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا يازغۇچىنىڭ قەلبىدە ئوتلۇق  مۇھەببەت بولۇشى كېرەك. قەلبى ئوتلۇق يازغۇچى  ياخشى ئەسەرلەرنى  روياپقا چىقىرالايدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش قىزغىن، مۇرەككەپ ھەم رەڭدار بولىدۇ. دەۋر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھال يازغۇچىلاردىن جانلىق، كۆپ خىل  ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە سەنئەتلىك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى، ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.  بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيدىغان ھەر بىر  قەلەم ئىگىسى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە  كۈچلۈك  بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۇرمۇشنىڭ  پايانسىز دېڭىزىدىن كۆزلەرنى چاقنىتىپ، دىللارنى سۆيۈندۈرىدىغان جاۋاھىراتلارنى سۈزۈپ چىقىپ،ئوقۇرمەنلەرگە  سۇنالايدۇ. ئەمدى بىز تۆۋەندىكى قوشاقلارغا قاراپ باقايلى:

دېھقانچىلىق مول بولدى،
قولىمىزدا پۇل بولدى.
مەن-مەن دېگەن گۈزەللەر،
پۇلىمىزغا گول بولدى.

كۆچەت تىكتۇق سايلىققا،
شالنى تىكتۇق لايلىققا.
بۇ زاماننىڭ قىزلىرى،
ئامراق بولدى بايلىققا.

بۇ يىل بۇغداي بەك بولۇپ  
  سۇندى يارنىڭ ئوغىقى.
  قايرىپ سۆيسەم پاتاڭدىن،
سۇنۇپ كەتتى تاغىقى.

نۈزەي ئىشتان-تار ئىشتان،
تارتىپ قانداق كىيەلا.
ناۋاتتەك لەۋنى شوراپ،
چىشلىۋالماي سۆيەلا.
ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە دەۋر مىلودىيەسىنىڭ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى- ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بىلەن ئەتراپلىق تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا بۇ قائىدىنى چۈشىنىپ يەتكەن قادىر پاراڭ قوشاق ئىجادىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەزمۇنى ساغلام،  مەۋقەسى ئېنىق، ھېسسياتى چىن ۋە جانلىق، ئۇسلۇبى يېڭى، قاراتمىلىقى، جەلپ قىلىش ۋە  تەسىر  قىلىش كۈچى كۈچلۈك، خەلقىمىزنى ئىتتىپاقلىق-ئىناقلىقنى، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ،  سەمىمىي، دوستانە ھالدا ئورتاق ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان ھازىرقى زامان قوشاقلىرىنىمۇ كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ، دەۋرىمىز كىشىلىرىدە گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەت  يېتىلدۈرۈشكە كۈچلۈك ئاساس سالدى.

پارلاق يولغا باشلايدۇ،
بىزنى ئۇلۇغ پارتىيە،
تېرورچىدىن قوغدايدۇ،
ساقچى بىلەن ئارمىيە.

زوراۋان تېرورچىنىڭ،
ئەلگە قەلبى تاش ئىكەن.
گۈزەل ماكان قۇرۇشقا،
كومپارتىيەم باش ئىكەن.

گاداي دېمەڭ دېھقاننى،
يېڭى سالغان ئۆيى بار.
ئېغىلىدا -قوتاندا،
سېمىز دولان قويى بار.

دولان مەشرەپ-مۇقامى،
نۇر چاچىدۇ جاھانغا.
دېھقان سىزغان رەسىملەر،
گۈل چاچىدۇ زامانغا.

ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ياخشى،  
قازان كۆلنىڭ جاڭگىلى.
پۇلغا توشار كۈزلۈككە،   
قادىرخاننىڭ چاڭگىلى.


                    قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئىدىيىۋىي ،
                                     بەدئىي  ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى


         1985-يىلى پاراڭ كوچىسىغا قەدەم باسقان  قادىر پاراڭنىڭ پاراڭ مەزمۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، قادىر پاراڭنىڭ  ئاساسلىق پاراڭ تېمىلىرى لەتىپە-چاقچاق، شېئىر-قوشاق ۋە خەلق چۆچەكلىرىلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە يادا بىلىدىغان  خەلق قوشاقلىرى  مىڭ كۇبلېتقا، ئۆزى ئىجاد قىلغان قوشاقلار 600 كۇبلېتتىن كۆپرەككە، ئىجادىي چۆچەكلىرى 30 نەچچە پارچىدىن  كۆپرەككە يېتىدۇ. بۇلاردىن تۈرلۈك  مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان قوشاقلار 200 پارچىغا، چۆچەكلەر 20 پارچىدىن ئاشىدۇ. قادىر پاراڭنىڭ ئاغزاكى پاراڭلىرىدىن مەلۇمكى،  قادىر پاراڭنىڭ  جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا يات ئىللەتلەرنى قامچىلاپ، كىشىلەرنى ئىنسانىي پەزىلەت،  ساداقەت، مېھرى-ۋاپا بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان تۈرلۈك گۈزەل ئارزۇ-ئارمان، ئۆتۈنۈش-تەشەببۇس، تىلەك-تەۋسىيەلەرنى ئۆزىنىڭ ئاغزاكى  ئىپادىلەش جەھەتتىكى ماھارىتىنى  ئەڭ ئەركىن، ئەڭ تېز، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ھازىرجاۋابلىققا ئىگە لەتىپە-چاقچاقلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەندىن باشقا، ھەر خىل ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى ئىشتىراكچىلارنىڭ ھەرقاندىقى دېگۈدەك ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان، تىلى ئاددىي، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش شەكلى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىك قادىر پاراڭ پاراڭلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



             k.jpg
  


                 قادىر پاراڭ ۋە ئاپتور  قاتارلىق بىر قىسىم  دولان قەلەمكەشلىرى شىنجاڭ ياشلار-             ئۆسمۈرلەر  نەشرىياتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ   دوكلادىنى ئاڭلىماقتا

                        قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ ئىدىيىىۋىي قىممىتى

         سەنئەتكە بارلىقىنى بېغىشلىغان ھەقىقىي سەنئەتكاردا ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە نىسبەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت  تۇيغۇسى بولىدۇ. سەنئەتكارلار شۇ بۇرچنىڭ تۈرتكىسىدە ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۇچراتقان گۈزەللىكلەردىن بەھىرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتېرىش ئارقىلىق جانلىق، جەلپ قىلارلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، باشقىلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلسا، ئۆزىنى سەسكەندۈرگەن،  قەلبىدە نەپرەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان  سەلبىي شەيئىي-ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ يىرگىنىش، ئۇنىڭدىن لەنەتلىنىش ھېسسىياتىنى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ۋە تاماشىبىنلار دىققىتىگە سۇنۇش ئارقىلىق، بۇ خىل ئىللەتلەرنى قاتتىق پاش قىلىپ ۋە كۈچلۈك ھەجىۋىيلەپ كىشىلەرنى ئەمەلىي تەربىيەگە ئىگە قىلىىدۇ.
ئۆزىنىڭ تىلى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى  زور قوشاقلىرى ئارقىلىق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىمىزگە سەمەرىلىك نەتىجىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان دولان ئوغلى قادىر پاراڭ يىللاردىن بۇيان، ئەنئەنىۋىي تېمىدىكى مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك سەلبىي ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلاپ، بىزگە ئىبرەت بولىدىغان نادىر قوشاقلارنىمۇ كۆپلەپ ئىجاد قىلدى ۋە ئۇنى تۈرلۈك شەكىل ۋە ئۇسۇللاردىكى  تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەل ئىچىگە كۆپلەپ تارقىتىپ، خەلقىمىزنى بىزدىكى ياتلىشىۋاتقان مىللىي ئەنئەنە، يوقۇلىۋاتقان  گۈزەل ئەدەب-ئەخلاق، ئېسىل شەرم-ھايا، بىباھا گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتنى يېڭى دەۋرگە ۋە ئەجدادلار  ئارزۇسىغا ماس ھالدا ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىشقا چاقىرماقتا. بۇ-قادىر پاراڭ قوشاق ئىجادىيىتىدىكى ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە، تولۇقى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا.
سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە قادىر پاراڭنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە كۇبلېت قوشاقلىرىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:

زامان ئازغۇن قىزلىرى،
تاققا-تۇققۇ سۆزلىرى.
سۆھلىتى ئالتۇنغا تەڭ،
مەيخانىدا ئۆزلىرى.

ئاھ خېنىم، ئاپئاق خېنىم،
ئېرىڭىز ئامبال قېنى؟
كېيىۋاپسىز كۇسار كۇ ،
ئەل بەرگەن تامبال قېنى؟

جۈپ كۆكسۈڭ ئوچۇق قاپتۇ،
ياپقۇدەك ياقاڭ يوقمۇ؟
يامان يولدىن توسقۇدەك،
زەردىلىك ئاكاڭ يوقمۇ؟

لاي ئۇسسىغان زەمبىلنىڭ،
تەتۈرى يا ئوڭى يوق.
يولدىن چىققان خېنىمغا،
كىچىكى يا چوڭى يوق.

تەڭلىماتنى سېپ قويدۇم،   
ھويلاڭدىكى سۇپاڭغا.
تاپقان پۇلۇم يەتمەيدۇ،  
  قاشلىق بىلەن ئۇپاڭغا.

كاساڭ تىلەپ ئەكەلدىم،
كوچا ئەتكىن كۆكۋاشتا.
  يېڭى ياردا ئىنساپ يوق،
  ۋاپا دېگەن ئاقۋاشتا.      
شۇنداق، قادىر پاراڭ توغرا ئېيتىدۇ: بىز مىللىي ئەنئەنىدىن، گۈزەل ئەدەب-ئەخلاقتىن، ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس ئېسىل پەزىلەت، ساداقەت، مېھرى-ۋاپادىن يىراقلاشساق، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلساق  ئەسلا بولمايدۇ.


                  قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ بەدئىي  قىممىتى

خەلق قوشاقلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان تىل سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى ئىپتىدائي جامائە تۈزۈمى دەۋرىدە بارلققا كەلگەن بولۇپ، بەكراق يىراققا نەزەر سالساق، «ئوغۇزخان» ئېپوسىدىكى قوشاقلار، ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى قوشاقلار ۋە بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينىڭ
«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق تەۋەررۈك ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن 200 پارچىدىن ئارتۇق قوشاقلارنىڭ نەمۇنىلىرى، شۇنداقلا، سېيىت نوچى قوشاقلىرى ، ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدىكى قوشاقلار، سادىر پالۋان قوشاقلىرى، نوزۇگۇم قوشاقلىرى... قاتارلىق قوشاقلارنىڭ ھەممىسىدە خەلقىمىزنىڭ  ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۆچمەس تارىخىي چۈشىنىشلىك تىللارنىڭ ياردىمى بىلەن  يۇقىرى بەدئىي ماھارەتتە خېلىلا ئەتراپلىق خاتىرىلەنگەن.
    قادىر پاراڭ  قوشاقلىرىدىمۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش بىلەن ئىنتايىن يېقىن بولۇش،تېما دائىرىسى كەڭ بولۇش، شەكلى خىلمۇ-خىل، ئۇسلۇبى ئۆزىگە خاس بولۇش، شەكلى ئاددىي، رېتىمى ئېنىق، جاراڭلىق، قاپىيەسى كۆپۈنچە توق قاپىيە شەكلىدە  كېلىپ، ئەستە ساقلاشقا ئوڭاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر تولۇقى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئاڭلىغۇچىغا  نىسبەتەن كۈچلۈك بەدئىي ۋە ئىسېتىتىك زوق ئاتا قىلالايدۇ. مەسىلەن:
بۈگۈن مەشرەپ بولغىدەك،
ھوقۇشدۆڭدە،لايداڭدا.
يارنى سۆيۈپ قاچىمەن،
ئاخشاملىققا ئايدىڭدا.
قوتاندىكى بەش ئۆچكە،
ئۆگىنىپتۇ ھەلەپكە.
سېنى ئەجەپ سېغىندىم،
كەلمەمسەن بۇ تەرەپكە.
  ئۈجمە پىشتى ھويلامدا،   
  ئۆزۈڭ كېلىپ تېرىپ كەت.
ماڭا كۆڭۈل بەرمىدىڭ،  
   ئەرگە تەگمەي قېرىپ كەت.
  يۇقىرىقى قوشاقلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ قوشاقلار خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ،  ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ قوشاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۇنىڭ ۋارىسچانلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى  ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

                قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى

1.قادىر پاراڭ قوشاقلىرى قادىر پاراڭنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە يۈزلىنىشى ئۈچۈن داغدام  يول ئاچتى. ئۆز ئىجادىيىتىنى خەلق  قوشاقلىرىنى يىغىپ-توپلاشتىن باشلىغان قادىر پاراڭ  ئۆز قوشاقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا ھازىرغىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، جەمئىي200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى ۋە « رەزىل ھاياتلىق» نامىدا توپلام قىلىپ تەييارلاپ نەشرگە تاپشۇردى.
2. مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ياش قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئۆرنەك بولدى. چۈنكى قوشاقلار  خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئاممىۋىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك بىر ژانېر بولغاچقا، خەلقىمىز ئارىسىدا بىرەر كۇبلېت قوشاقنى يادا بىلمەيدىغان چوڭ-كىچىك ھېچكىم يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ھال  تېخىمۇ كۆپ قەلەم ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي يېتەكلىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.
3. سەنئەتخومار خەلقنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرى، ئوتتەك قىزغىن تىلەكلىرىنىڭ مۇجەسسەمى سۈپىتىدە تۈرلۈك توي-تۆكۈن، مەشرەپ قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئېيتىلىپ، يىگىت-قىزلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.  خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتتى، كىشىلەرنى ۋاپا-ساداقەتنى ئۇلۇغلاپ، چىن ئىنسانىي خىسلەت بىلەن ياشاشقا ئۈندەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
4. قادىر پاراڭ قوشاقلىرى كىتاب سۈپىتىدە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلسا، ئېنىقكى، ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسى گۈلىستانىمىزغا يەنە بىر دەستە ئۆزگىچە خۇشپۇراققا ئىگە رەڭدار گۈلدەستە قوشۇلۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىىۋىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا، ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بۇ بايلىقىمىزنى توپلاش، رەتلەش، تارقىتىش ۋە ۋارىسلىق قىلىپ بېيىتىشتىمۇ ئەھمىيىتى زور بولىدۇ.

                  قادىر پاراڭنىڭ پاراڭ ئىجادىيىتىگە تەكلىپ

قادىر پاراڭ پاراڭچىلىقتا بەلگىلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەن،  پاراڭلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان خەلق ئىچىدىكى پاراڭچى بولسىمۇ، ئەمما شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، ئۇ مۇشۇ كەسىپ ساھەسى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بويىچە سېستىملىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ پاراڭ-لەتىپىلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە پەلسەپىيىۋىلىكى  نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، ئاممىۋىي سورۇنلاردا نوقۇل كۈلكىنىلا مەقسەت قىلىۋېلىپ، بەزى زىل ئەخلاقىي مەسىلەرگە ئىلمىي نۇقتىدىن چىقىپ  توغرا باھا بېرەلمەسلىك، پاراڭلىرىنىڭ بەدئىيلىكى نىسبەتەن تۆۋەن، بەدئىۋىيلىكى يۇقىرى بولۇپ كېتىش...تەك نۇقسانلارمۇ مەۋجۇت.
خۇلاسىلىغاندا، قادىر پاراڭنىڭ يومۇرىستىك كۈلكە-چاقچاق، لەتىپىلىرى ئىنتىرنېت تورى ۋە «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئارقا-ئارقىدىن سىن ھۆججىتى شەكلىدە، ئاۋازلىق ۋە يېزىقچە ئېلان قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنى تونۇيدىغانلار، تونۇشۇشنى خالايدىغانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ،  ئۇنىڭ مۇبارەك نامى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئەل ئارىسىدا خېلىلا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشمەكتە. ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىلىرى ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ  تولۇقى بىلەن  مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە نائىل بولماقتا.  قادىر پاراڭنىڭ نۆۋەتتىكى روھىي ھالىتى ساغلام،  تەپەككۇرى سەگەك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى خېلىلا يۇقىرى، ھازىر جاۋاپلىقى ئەقىللەرنى لال، كۆڭۈللەرنى شاد قىلىدۇ. ئۇ نۆۋەتتە«دولاندا كۈلكە»،« كۈلكە بىلەن ئۆتكەن ھايات»،« رەزىل ھاياتلىق» (شېئىرلار توپلىمى)،« يېڭى دەۋر قوشاقلىرى» قاتارلىق تۆت پارچە توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. قادىر پاراڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پاراڭلىرى  داۋامىدا،  قىزىقچىلىقتا ۋە شىئىرىيەتتە تەڭ يىتىلگەن ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، چاقچاقلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىزچىل يوقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، چاقچاقلىرىغا شىئېرىي تۈس، شىئېرلىرىغا چاقچاق تۈسى بېرىش ئارقىلىق پاراڭلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ۋە پاراڭلىرىدادەۋر مىلودىيەسى ۋە ئاۋامنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن تېنىمسىز ئىزدىنىدىغانلا بولسا، چوقۇم ئۇ -زامانىمىزنىڭ مەشھۇر چاقچاقچىسى بولۇپ، ئەل قەلبىدىن، ئۆچمەس تارىخنىڭ شانلىق بەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالالايدۇ.

                  (  مەنبەسى:  « دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانى )

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5690
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 475
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 12:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.ئېختىدارلىقلارنى ھايات ۋاقتىدا ئەل-جامائەتكە تونۇشتۇرغىنىمىز ئەۋزەل.بىز دايىم بىراۋ باقى دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كىيىن ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ-مەدىھلەپ كىلىۋاتىمىز.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6574
يازما سانى: 1534
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2782
تۆھپە : 0
توردا: 313
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 14:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز ئەركزات ئەپەندى ،خەلىق قوشاقچىلىرى ،خەلق چاخچاقلىرىنى ۋاقتىدا خەلىققە تونۇتۇش تولىمۇ زۈرۈل ،ھارمىغايسىز !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8333
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 23:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاركىزات ئەپەندىم، ماقالىڭزنى وكۇپ سويۇندىم

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 02:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر پاراڭ قوشاقلىرىنىڭ  ئىدىيىۋىي ۋە بەدئىي قىممىتى ھەققىدە  مۇلاھىزەلىرىڭىز ياخشى يېزىلتۇ. قايتا-قايتا ئوقۇپ سىز ۋە قادىر پاراڭ قاتارلىقلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولغان چاغلىرىمىنى خىيال قىلىپ قالدىم. ھارمىغايسىز

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 818
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 675
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 01:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق قۇشاقلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش تېخڭمۇ چۇڭقۇرلاشسا بۇلاتتى.تېما ئىگىسىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ئۇتۇقلار بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8486
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 17:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر پاراڭنىڭ  «پاراڭ»لىرى تېخىمۇ قىززىق. يىقىندا ئۇنىڭ بىر تۈركىم چاقچاق-يۇمۇرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5271
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 638
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 20:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزات مۇئەللىم، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىلغان ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈندۈم. قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن. بەك ياخشى تەھلىل قىلىنىپتۇ.
لېكىن كىچىككىنە بىر ئىشنى سەمىلىرىگە سېلىپ قويغۇم كەلدى. يەنى سىلە مىسال ئېلىپ سۆزلىگەن  قادىركامنىڭ قوشاقلىرىنىڭ ئارىسىغا مېنىڭ يەتتە كۇبلېت قوشىقىمنى كىرگۈزۈپ قويۇپتىلا. كۆڭۈللىرىگە كەلمىسۇن. مۇئەللىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5271
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 638
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 20:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشاق بولغاندىكىن ئوخشاپ قالغانمىكىن  دېسەم، بىر-ئىككى ئەمەس، يەتتە كۇبلېت ئىكەن  شۇڭا دېگۈم كەلدى. ئەگەر مېنىڭ قوشاقلىرىم قادىركامنىڭ بۇرۇنقى قوشاقلىرىغا ئوخشاپ قالغان بولسا مەيلى. لېكىن سىلە ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىلا كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىدە پايدىلنىش ئۈچۈن بۇ گەپنى دېدىم. پەقەت رەنجىمىسىلە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش