تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 344|ئىنكاس: 7

سابىرى: ئېيىق مىنگەن پالۋان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1036
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 187
تۆھپە : 6
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېيىق مىنگەن پالىۋان



ئەخمەتجان قۇربان سابىرى



كىچىكىمدە مۇمام دائىم ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى . ئۇنىڭ قىزىقارلىق چۆچەكلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى . مەن قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە دائىم ئۇنىڭ چۆچەكلىرىگە بەنىت بولۇپ تۈن يېرىمىگىچە ئۇخلىمايتىم . چۆچەكلەردىكى ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋەقەلەر ۋە چۆچەكتىكى ساماۋىي دۇنيا بالىلق تەسەۋۋۇرىمنى بېيىتىپ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇراتتى . مۇمامنىڭ ماڭا ېيىتىپ بەرگەن چۆچەكلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ «يالغانچى تۇسۇق» دېگەن چۆچىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. مەن ئۇنى ئۇكىلىرىمغا ۋە بالىلىرمغا كۆپ قېتىم ئېيتىپ بەردىم. بۇ جەرياندا بۇ چۆچەكنىڭ قىسمەن يەرلىرى چۈشۈپ قالدى، قىسمەن يەرلىرى ئۆزگەردى، يەنە بەزى تەپسىلاتلار قېتىلىپ چۆچەكنىڭ مەزمۇنى بېيىپ باردى . بۈگۈن مەن بۇ چۆچەكنى كىچىك دوستلارغا ئېيتىپ بەرمەكچى بولۋاتىمەن. سىلەرنىڭمۇ كىچىكمدە مومامنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىنى بېرىلىپ ئاڭلىغانغا ئوخشاش ئاڭلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قۇلاق سېلىڭلار، ئەمىسە چۆچىكمنى باشلىدىم .

بۇرۇنقى زاماندا تەڭرىتاغلىرى ئېتىكىدە كۆكدالا دېگەن بىر يېزىدا تۇرسۇنجان ئسملىك بىر بالا ئۆتكەنىكەن. تۇرسۇنجاننىڭ ئاتا-ئانىسى توي قىلغاندىن كېين خېلى يىللارگىچە پەرزەنىت كۆرمەپتۇ. كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پەرزەنىت كۆرگەن بولسمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇپلا ئۆلۇپ كېتىپتۇ. يەنە خېلى يېللاردىن كېيىن تۇرسۇنجان تۇغۇلۇپتۇ. تۇرسۇنجاننڭ ئاتا-ئانىسى خۇشاللىقىدىن بېشى ئاسمانغا يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر نەچچە بالىسى تۇغۇلۇپلا ئۆلۇپ كەتكەچكە، ناھايىتى يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەنىكەن . شۇڭا، يۇرت خەلقىگە نەزىر-چىراغ بېرىپ، بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى تىلەش ئۈمىدىدە، ئۇنىڭ ئسمىنى تۇرسۇنجان دەپ قۇيۇپتۇ. تۇرسۇنجان ناھايىتى چىرايلىق ۋە ساغلام چوڭ بوپتۇ. بىرلا بالا بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۇنى ناھايىتى ئەركە چوڭ قىپتۇ. ئۇ ھە دېسە بالىلار بىلەن سوقۇشىدىغان، كىچىكلەرنى بوزەك قىلىپ، چوڭلارنى ئەخمەق قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۇرۋاپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى بوغچىسىنى ئېلىپ مەكتەپكە بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، بوغچىسىنى ئۆستەڭ بويىدىكى كۆكتاتلار ئارىسىغا تىقىپ قويۇپ بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە يۈرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەڭ يامان بىر ئادىتى ئۇ ناھايىتى يالغانچى ئىكەن. ئۇ يالغان گەپ تاپالماي قالغان چاغلىرىدا راسىت گەپ قىلمىسا، باشقا چاغلاردا پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەيدىكەن. شۇڭا ئۇنى مەھەللىدىكى بالىلار ئانچە ئارىسىغا ئالميدىكەن، گەرچە ئۇنىڭ ئىسمى تۇرسۇنجان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھەممە ئادەم ئۇنى «يالغانچى تۇسۇق» دەپ ئاتايدىكەن. شۇڭا مەنمۇ ئۇنى تۇسۇق دەپ ئاتايمەن. شۇڭا مەنمۇ ئۇنى تۇسۇق دەپ ئاتايمەن.

تۇسۇقلارنىڭ «كۆكدالا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يېزىسى ئسمى جىسمىغا لايىق كۆك دالا بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپى يېشىل مەخمەلدەك يايلاقلار، سالا-سالا ئېتىزلار، قۇشلار چاكىلداپ سايراپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار ۋە تۇرلۇك ھايۋانلار ياشايدىغان ئورمانلارئوراپ تۇرىدىكەن. ئۇ بىر كۈنى ئاتا-ئانىسىغا «مەكتەپكە بارىمەن» دەپ قۇيۇپ، بوغچىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ-دە، بوغچىسىنى يۇشۇرىدىغان يەرگە يۇشۇرۇۋېتىپ يېنىكلەنگەندىن كېيىن، يىراقتىكى بىر ئورمانلىقنى كۆزلەپ ناخشىسىنى دۆڭ ئېيتىپ مېڭىپتۇ .  

مەھەللىدىكى ئادەملەر،

مېنى بەكمۇ شوخ دەيدۇ.

ئەسلى ئىسمىم تۇرسۇنجان،

لېكىن مىنى ئادەملەر

يالغانچى تۇسۇق دەيدۇ.

ھاي،ھاي،ھاي!

يالغانچى تۇسۇق دەيدۇ.

ئۇ بۇ ناخشىسىنى قايتا-قايتا ئېيىتقىنىچە ئالدى-كەينىگە قارىماي مېڭىۋىرىپتۇ. ئۇ بىر چاغدا نېمىگىدۇر ئۈسسىۋېلپ ئوڭدىسىغا چۇشۇپتۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ باشلىرى پىرقىراپ كېتىپتۇ. ئۇ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ بايا ئۈسۈۋالغان نەرسىنىڭ ئىشتاھا بىلەن ئوتلاۋاتقان بىر ئات ئىكەنلىكىنى كۆرۇپتۇ-دە، غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ :

-ھەي ئات، سەن نېمىشقا بىكاردىن ناخشا ئېيتىپ كېتىپ بارغان ئادەمنى  ئۈسۈۋېتىسەن؟- شۇ چاغدا ئات بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىرماي سۆزلەپتۇ:

-ھوي قانداق بالىسەن، بېشىمنى كۆتۇرمەي ئوتلاۋاتاتتىم، ئۆزۇڭ بىر نېمىلەرنى غىڭشىغىنىڭچە كېلىپ قورسىقىمغا ئۈسسۈۋېتىپ يەنە مېنى ئەيىپلەيسەنغۇ؟

-ھە مۇنداق دېگىن،- دەپتۇ تۇسۇق ھەيرانلىق بىلەن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،- مەن تېخى سىنى ئۈسسۈۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. بوپتۇ،خاپا بولما، مەنمۇ خاپا بولماي - ئۇ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ ئۆزىنى بىلمگەن ھالدا «مەھەللىدىكى ئادەملەر يالغانچى تۇسۇق دەيدۇ» دېگىنىچە غىڭشىپ ناخشا  ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئات :

-سېنىڭ ئسمىڭ تۇسۇق ئوخشىمامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ .

- ياق، مېنىڭ ئىسمىم تۇسۇق ئەمەس ، بىزنىڭ مە ھەللىدە كەچكىچە يالغان سۆزلەيدىغان شۇنداق ئسىملىك بىر بالا بار، شۇنىڭغا ئاتاپ بىر قوشاق توقىغان ئىدىم، ئېيتىپ بېرەي، ئاڭلاپ باقامسەن؟- دەپتۇ تۇسۇق .

-ياق، بولدى ئاڭلىمايلا قوياي،-دەپتۇ . ئات پۇرقۇپ قۇيۇپ، شۇ چاغدا تۇسۇقنىڭ كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە بىر خىيال كەپتۇ-دە، ئاتقا قاراپ ئالدىرماي سۆزلەپتۇ؛

- سەن بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ سەن بۇ يەرلىك ئەمەس ئوخشايسەن، مەن سېنى كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن. بىزنىڭ بۇ يايلاقتىكى ئاتلار بەك يۈگۈرگەك، مەن يۈگەرگەك ئاتلارنى بىر قاراپلا بىلۋالالايمەن، سەن ئانچە يۈگۈرەلمەيدىغان ئاتتەك قىلىسەن . قارسام پۇتلىرىڭ قىسقا، بېشىڭ يوغان، كۆزلىرىڭ نۇرسىز تۇرىدۇ.- تۇسۇقنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتنىڭ ئاچچىقى كېلپ تۇرالماي قاپتۇ.

- سەن نەدىكى گەپنى قىلپ يۈرىسەن؟ مەن مۇشۇ يايلاقتا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يايلاقتا چوڭ بولغان . يۈگرۈشتە ماڭا تەڭ كېلىدىغان ئات يوق،-دەپتۇ ئات.

- مەن ئشەنمەيمەن، يالغان سۆزلەۋاتىسەن، سەنمۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇسۇققا ئوخشاش يالغانچى ئوخشايسەن،-دەپتۇ تۇسۇق قوللىرىنى شىلتىپ، پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ .

- سەن ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەۋەرمىگىن، مەن يالغان سۆزلىگىنىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستگە مەن يالغانچىلارنى ئۆچ كۆرىمەن،-دەپتۇ ئات سەل تېرىكىپ .

- مىجەزىمىز ئوخشايدىكەن، مەنمۇ يالغانچىلارنى ئۆچ كۆرىمەن، بىراق، مەن سېنڭ بەك يۈگۈرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن . سەن بەك يۈگرۈيمەن دەۋاتىسەن، ئەمدى قانداق قىلساق بۇلار؟ - دەپتۇ تۇسۇق نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىۋاتقان قىياپەتتە .

- ئەمىسە مەن ساڭا چېپىپ كۆرسىتىپ قوياي .

- توغرا، سەن ماڭا چېپىپ بەرسەڭ بولغىدەڭ ؟-دەپ ئاتنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپتۇ تۇسۇق.ئات :

-ئەمىسە سەن ئوبدانراق كۆرۇپ تۇغىن –دېگىنىچە چاچماقچى بولغاندا،تۇسۇق ئۇنى تۇسۇق ئۇنى توختىتۋاپتۇ ۋە؛

-بولمىغىدەك،بولمىغىدەك،مېنىڭ كۆزۈم بەك ئاجىز،ئەگەر بۇ يەردە تۇرۇپ يۈرگىنىڭگە قاراپ تۇرسام،سېنڭ تېز ياكى ئاستا چېپۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگىدەكمەن.

-ئەجەپ جېدىلىڭ تۇلا نېمىسەن،ئەمسە قانداق قىلىمز؟-دەپتۇ ئات.تۇسۇق خۇددى ئويلىنۋاتقاندەك قىياپەتتە بىردەپ تۇرۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ؛

-ھە،تاپتىم،تاپتىم،مەن ساڭا مىنۋالاي،شۇ چاپالايدىغانلىقىنى ھەقىقىي بىلىۋالالايمەن.

-ئۇنداق بولسا مىنگىن،-دەپتۇ .ئات.

-بىراق سەن سەل ئېگىزمۇ نېمە،پۇتلىرىڭمۇ خېلىلا ئۇزۇندەك قىلىدۇ،يىتىپ تۇرساڭ مىنۋالسام قانداق؟

ئات يېتپ بېرىپتۇ.تۇسۇق ئاتقا مىنىپ ئۇنىڭ يايلىسنى چىڭ تۇتۋالغاندىن كېين، يىراقتىكى ئورمانلىقنى كۆرسىتىپ :

-ئاشۇ ئورمانلىققا قاراپ چاچقىن-دەپتۇ.ئات تۇسۇققا ئۆزىنڭ تېز چاپالايدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ئورمانلىققا قاراپ چېپىپتۇ.

تۇسۇقنىڭ قۇلاقلىرى قاتتىق غۇڭۇلداپ كېتىپتۇ ۋە يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئاتنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدىن ئنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاران كۆرەلەپتۇ . ئۇنىڭ باشلىرى قايغاندەك بولۇپ،كۆڭلى ئېلىشىپتۇ، ئۇ كۆزلىرى چىڭ يۇمغىچە ئاتنىڭ يايلىسنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ.كۆپ ئۆتمەي ئات سۇرىتىنى ئاستا-ئاستا ئاستىلىتىپ توختاپتۇ . تۇسۇق شۇ چاغدىلا كۆزىنى ئېچىپ  ئورمانلىققا  يىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپتۇ –دە، ئاتتىن  ئىتتىك سېرىلىپ چۈشۈپتۇ.

-قانداق ،تېز چاپالامدىكەنمەن؟-دەپ سوراپتۇ ئات پۇشۇلداپ تىنىپ تۇرۇپ.

-ھەر ھالدا يامان ئەمەس چاپىدىغاندەك قىلىسەن،بىر قېتم كۆرۈپلا بىر نېمە دېگىلى بولمىغىنىدەك، سەن مۇشۇ يەردە بىردەم ئوتلاپ تۇرغىن، مەن ھېلىلا كېلىمەن،-دەپتۇ تۇسۇق ۋە ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ.

تۇسۇق ئورمان ئىچىگە  كىرىپ سانسىزلىغان قۇش لارنىڭ  توختىماي  نەغمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ .قۇشلار ناخشا ئېيتىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك توختىماي سايرايدىكەن .شۇ چاغدا تۇسۇقنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كەپتۇ ؛.<<بۇ قۇشلار ناخشا ئېيتىشتا،   بىر –بىرىنى يېڭەلمەي  ،مۇشۇنداق توختىماي سايرىسا كېرەك ، مەن ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارنى مۇسا بىقىگە سېلىپ قايسىنىڭ  ئەڭ ياخشى ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي ،شۇ چاغدىلا بىر –بىرى بىلەن بەسلىشىشنى توختىتىشى  مۇمكىن >>. ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن يەنە خىيالىنى  داۋاملاشتۇرۇپتۇ : <<بۇلارنى قانداق قىلسام بىر يەرگە  يىغارمەن ؟ ھە، ئېسىمگە كەلدى ،مەن ئۆ زۇمنى قۇشلار شاھى بۇركۇتنىڭ  كاتىپى ، شاھ بۇركۇتنىڭ  كاتىپى، شاھ بۇركۇت  مېنى ھەرقايسىڭلارنى  مۇسابىقىگە سېلىپ قايسىڭلارنىڭ ناخشىنى ئەڭ ياخشى ئېيتىدىغانلىقىڭلانى تاللاپ كېلىشكە ئەۋەتتى،دېمەمدىمەن . بىراق بۇلار توختىماي ناخشىسىنى ئېيتىۋېرىپ  مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىسىچۇ ؟ ھە، تاپتىم،تاپتىم،مەن مۇشۇ مەقسىتىمننى بىر ناخشا قىلىپ توقۇپ كۇچۇمنىڭ بارىچە ۋارقىراپ ئېيتاي >>. ئۇ بىر دەرەخكە يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ  تۇۋەندىكى قوشاقنى تۇزۇپتۇ .

مېنىڭ ئسمىم تۇرسۇنجان

مىنىپ كەلدىم ئات.

شاھ بۇركۇتكە كاتىپمەن

ئۆتەر كۈنۈم شاد.

ئەمدى سىلەر جىمىڭلار،

قىلماڭلار ۋات-ۋات،

شاھ بۇركىتنىڭ بۇيرىقى-

قالتىس مۆجىزات.

يىغىلىڭلار بىر يەرگە،

ناخشا ئېيىتقۇزۇپ

ياخشى ئېيتسا كىم ئەگەر

ئالار مۇكاپات.

تۇرسۇق يۇقىرىقى قوشاقنى تۈزۈۋالغاندىن كېيىن،خېيالىغا كەلگەن بىر ئاھاڭغا سېلىپ ئاۋازنىنىڭ بارىچە ناخشا قىلىپ ئېيتپتۇ.قۇشلار باشتا جىمىپ كېتىپتۇ.كېيىن بۇ چۇقۇم شاھىمىز بۈركۈتنىڭ كاتىپى بولسا كېرەك،دەپ ئويلاپ تۇسۇقنىڭ ئالدىدىكى يوغان بىر دەرەخنىڭ ئۈستىگە كېلىپ يىغىلپتۇ.تۇسۇق راستىنلا شاھ بۇركىتنىڭ كاتىپىدەك كېسۋېتىلگەن بىر دەرەخنىڭ كۆتىكىنىڭ ئۈستىگەچىقىپ پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ-دە :

-ھەممىڭلار تەق بولدۇڭلارمۇ؟-دەپ ۋارقىراپتۇ.

-تەق بولدۇق!-دەپتۇ قۇشلار.

- ئەمىسە ھازىر مۇسابىقىمىزنى باشلايمىز،ناخشىنى ياخشىراق ئېيتىدىغانلىرىڭ باشتا چىقىپ ئېيت.-قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلبۇلنى ناخشا ئېيتىشقا چىقىرىپ قويۇپتۇ . بۇلبۇل ئالدىرىغاق چىقىپ ئەمدىلا ناخشا ئېتقىلى تۇرۇپتىكەن، تۇسۇق ئاچچىقلانغان ھالدا ۋارقىراپ كېتىپتۇ :

- بولمايدۇ! بولمايدۇ!...مۇشۇنىمۇ ناخشىچى دەپ  چىقىرىپ قۇيۇشتۇڭمۇ ؟ -بۇلبۇل خىجىل بولغان ھالدا قۇشلار توپىغا كىرىپ كېتىپتۇ .

-قېنى ،تولا  ئادەمنى  ئەخمەق  قىلماي ھەقىقىي  ناخشا  ئېيتالايدىغانلىرىڭ چىق ،-قۇشلار توپى بىردەم ئوپۇر -توپۇر بولغاندىن كىيىن، كاككۇك ئالدىغا  چىقىپتۇ :

كاككۇك، كاككۇك

گۇلىستاننى تاپتۇق ...

   –بول  كاپشىما ،سەنمۇ ئۇزۇڭنى ناخشىچى دەپ يۇرەمسەن ؟ ھەي تۇزۇكرەكلىرىڭ چىقىشساڭچۇ ،مۇشۇنداق قىلىشساڭ  مەن  شاھ بۇركۇتكە نېمە دەپ بارىمەن ؟ -قۇشلار توپى تىخىمۇ  ئوپۇر –توپۇر بولۇپ  ،خېلى ۋاقىتقىچە بىرەرسى ئالدىغا  چىقىپ ناخشا ئېيتىشقا  پېتىنالماپتۇ .خېلى ئۇزۇندىن كىيىن ھۆپۈپ مەغرۇرانە ئالدىغا  چىقىپ ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلاپتۇ :

ھۆپۈپۈپ – ھۆپۈپۈپ

گۇلدەك تاجىم بار

قەھرىمان ۋە ئۇلۇغ

بۈركۈت ئاتام بار

ھۆپۈپۈپ-ھۆپۈپۈپ

ئارزۇيۇم بەك كۆپ

ئۆتىمەن ئەبەتكە

بۈركۈت ئاتامغا

تەزىم قىپ،تەزىم قىپ

ھەمدە تىز پۈكۈپ .

ھۈپۈپۈپ –ھۆپۈپۈپ ...

تۇ سۇق ھۆپۈپ ناخشىسىنى تۈگىتە –تۇگەتمەيلا  <<بارىكاللا! كارامەتكەن ،كارامەتكەن !>> دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ  ھەمدە قۇشلارغا قاراپ ؛

-قالغانلىرىڭ ئېيتمىساڭمۇ  بولىدۇ، ئەتە مۇشۇ چاغدا  مۇشۇ يەردە مەشھۇر ناخشىچىمىز  ھۆپۈپكە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، ھازىر تارقىلىپ ئەتە كېلىڭلار  ،- دەپتۇ . قۇشلار مەيۇسلەنگەن، ھەيران بولغان ۋە نارازى بولغان ھالدا ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىىپتۇ . تۇسۇق يەنە ھۆپۈپتىن باشقىلارنىڭ    ئورمانلىقتا ناخشا ئېيتىشىنى چەكلەپتۇ . قۇشلار تارقاپ كەتكەندىن كىيىن ، تۇسۇق  قورسىقىنىڭ  ئېچىپ كوركىراپ كېتىپ بارغانلىقىنى  ھېس قىپتۇ-دە ، ئورمانلىقتىن چىقىپتۇ . ئۇ شۇ چاغدا ئورمانلىق بىلەن  يايلاقنىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى  كىچىككىنە  چېچەكلىكتە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ << بۇ يەر دىكى  چېچەكلەرنىڭ  شىر نىسى قالماپتۇ ،قانداق قىلساق بولار؟ >> دەپ زارلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە بىردىنلا بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۇكۈپ :

- ھەي ھەرىلەر ، خۇش خەۋەر، خۇش خەۋەر  !-دېگىنىچە ھەرىلەرنىڭ يېنىغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ . ھەرىلەر تۇسۇقنى تۇنۇمىسىمۇ  ئۇنىڭ نىمە خۇش –خەۋەر ئەكەلگەنلىكىگە  قىزىقىپ قاپتۇ .

- ھە مېھمان ، نېمە خۇش خەۋەر ئەكەلدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ ھەرىلەرنىڭ پادىشاھى .

- مۇنداق گەپتى، سىلەرنىڭ بۇيەردە تۈزۈك چېچەكمۇ يوقكەن، بار چېچەكلەرنىڭمۇ شىرنىسىنى شوراپ بوپسىلەر ،كۆردىڭلارمۇ ؟-تۇسۇق قولى بىلەن يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئورمانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ – ئەنە ئاۋۇ ئورمانلىقتىن ئۆتسەڭلارلا ، پاھ،پاھ، رەڭگارەڭ چېچەكلەر، پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر ، ئەمدى گۈل ئاچقان ئاپتاپپەرەسلەر شۇنداق كۆپ ، بۇ يەر دە ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگۈچە ئاشۇ يەرگىلا بارساڭلا بولمامدۇ ؟

-بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر ئىكەن، ھەممىمىز ئاشۇ يەر گە بارساق بولغۇدەك، بىراق، بۇ يەردە ئازراق ھەسەل بار ئىدى . ئۇنىڭغا قارايدىغان بىر نەچچەيلەننى قالدۇرۇپ قويسام بولغۇدەك ،- دەپتۇ ھەرىلەر پادىشاھى كىچىككىنە ساندۇقچاقنى كۆرسىتىپ .

-بىرسىڭلار كۆپ بارساڭلار ھەسەلنى بىر ئۈلۈش كۆپ ئەكىلىسىلەر، مېنىڭچە ھەممىڭلارنىڭ بارغىنى تۈزۈك ، مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق، سىلەر كەلگۈچە ھەسىلىڭلارغا قاراپ تۇراي دەپتۇ،- تۇسۇق ،

-بولىدۇ ئەمسە ، رەھمەتنى سىزگە كىيىن ئېيتىۋالارمىز ، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق ،-ھەرىلەرنىڭ پادىشاھى شۇنداق دېگىنىچە ھەرىلەرنى باشلاپ تۇسۇق كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ .تۇسۇق ھەرىلەرنىڭ غۇڭۇلدىشى ئاڭلانماي قالغاندىن كىيىنلا كۆزلىرىنى قىسىپ قويۇپ، ئەتىگەن  يانچۇقىغا سېلىۋالغان ناننى ئېلىپ  ساندۇق چاقتىكى ھەرىلەر مىڭ بىر مۇشاقەتتە يىغقان ھەسەلگە مىلەپ مەززە قىلىپ يىيىشكە باشلاپتۇ . تۇسۇقنىڭ قورسىقى ئەتىگەندىن بېرى بەك ئېچىپ كەتكەچكە  نان بىلەن ساندۇق چاقتىكى ھەسەلنى پاك-پاكىز  يەپ بوپتۇ.

ئۇ قۇرۇقدالغان ساندۇقچاقنى بىر ياققا تاشلاپ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇراي دەۋاتقاندا يېقنلا يەردە بىر قارا ئېىقنىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ قاپتۇ-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خۇددى پوسىتتا تۇرۋاتقان ئەسكەردەك ئۆزىنى رۇسلاپ تىك تۇرۇپتۇ . كۆپ ئۆتمەي ئېيىق كەپتۇ-دە، تۇسۇقنىڭ بۇ يەردە جىمجىت تۇرۇپ كەتكىنىگە ھەيران بۇلۇپ سۇراپتۇ :

-ھەي بالا،بۇ ھەرىپلەرنىڭ ماكانىدا سەن نېمە قىلىپ يۇرىسەن؟ ـ تۇسۇق ئېيىقنى ئەمدىلا كۆرۋاتقاندەك چۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن :

-ھە، ئېيىقمۇ سەن، ھەسەل ھەرىلىرى <<ئۆيۇمگە قاراپ بەرسەڭ ساڭا ناھايىتى جىق ھەسەل ئەكىلىپ بېرىمەن>> دېيشكەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ بېرۋاتىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

-ئۇلارنىڭ ھەسىلىدىن بارمۇ قانداق؟- دەپ سوراپتۇ ئېىق تۇمشۇقلىرىنى يالاپ تۇرۇپ .

-ھازىرغۇ ئۇلارنىڭ ھەسىلى يوق، بۈگۈن ئۇلارنىڭ ھەسەل يۆتكەپ كېلىدىغان كۈنىكەن، بىراق، مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بار ئىدى، كۆپ ساقلىيالمايدىغان ئوخشايمەن.-دەپتۇ تۇسۇق .

- ئۇنداقتا بۇ يەرگە كىم قارايدۇ ؟ - دەپتۇ ئېيىق .

- مەنمۇ بىرەسى كېلىپ قالسىكەن، دەپ تۇراتتىم . باشقا ئىشڭ بولمىسا مېنىڭ ئورنىمدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ بېرىپ، ماڭا بېرىدىغان ھەسىلىنى سەنلا ئالامسەن؟-دەپتۇ تۇسۇق.

- مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق، سېنىڭ ئورنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ تۇرسام تۇراي،-دەپتۇ ئېىق يەنە تۇمشۇقلىرىنى يالاپ. تۇسۇق :

- ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،- دەپتۇ-دە، سەكرەپ-تاقلىغانىچە يايلاق تەرەپكە يۇگۈرۇپ كېتىپتۇ.

تۇسۇق بايا ئاتتىن چۇشكەن يېرىگە كېلىپ ھېلىقى ئاتنىڭ چۈشكەن يېرىگە كېلىپ ھېلىقى ئاتنىڭ چۈشكەن يېرىگە كېلىپ ھېلىقى ئاتنىڭ تېخىچىلا ئۆز جايىدا ئوتلاۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قاپتۇ-دە، ئۆزىنى تۇتالماي  سۆزلەپ كېتىپتۇ :

-سەن ھەقىقەتەن يالغان سۆزلىمەيدىغان ئاتكەنسەن جۇمۇ، تېخىچىلا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئوخشىمامسەن؟

-شۇنداق،- دەپتۇ ئات تۇرسۇقنى كۆرگەندىن كېيىن ، - ھەجەپ كېچىكىپلا كەتتىڭغۇ؟

-ساڭا نېمە دېسەم بۇلار، بۇ ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىغانتىم، كىرىپلا قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا مەپتۇن بۇلۇپ مېڭىۋىرىپتىمەن، بىر چاغدا قايسى ياقتىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلمەي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇياق، بۇياققا مېڭىپ يۇرۇپ ئورماندىن ئاران چىقىۋالدىم، بايا سەن يامان ئەمەس چاپتىڭ، بۇ قېتىم ئەنە ئاشۇ ئورمانلىققا قاراپ - ئۇ قۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ مەھاللىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ- يەنە بىر چاپساڭ، سېنىڭ ھاقىقەتەن بەك چاپىدىغانلىقىڭغا قايىل بۇلۇشۇم مۇمكىن.

ئات يەنە يىتىپ بېرىپتۇ . تۇسۇق ئاتقا مىنىپ ئۇنىڭ يايلىسىنى چىڭ تۇتۇۋاپتۇ . ئات تۇسۇق كۆرسەتكەن ئورمان تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپتۇ . تۇسۇقتا يەنە بايىقى ھالەت تەكرارلىنىپتۇ . ئۇ يەنە كۆزىنى چىڭ يۇمىۋاپتۇ . كۆپ ئۆتمەي ئات سۇرئتىنى ئاستا-ئاستا ئاستىلتىپ توختاپتۇ . تۇسۇق ئاتتىن سەكرەپ چۇشۇپ :

-قۇل قۇيدۇم، قۇل قۇيدۇم، سەن ھەقىقەتەن بەك چاپىدىغان ئات ئىكەنسەن، رەھمەت ساڭا،-دەپ قۇيۇپ مەھاللىسىگە قاراپ تىز يۇگۈرۇپتۇ.

شۇ كۈنى ئاخشىمى تۇسۇق مەھەللىسىدىكى بالىلار يىغىلىدىغان كۆۋرۇك بېشىدا بالىلارغا بۇگۈنكى قىلغان ئشلىرىنىڭ بىرىنى ئون قىلىپ ھېكايە قىپتۇ.بالىلارنىڭ كىچىكرەكلىرى ئۇنىڭ گېپىگە ئىش ئىشىنىپ ھەيران قالغان بولسىۇ، چوڭراقلىرى <<سەن يەنە يالغانچىلىقڭنى قىلۋاتىسەن>> دەپ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەپتۇ، تۇسۇق ئۇلارغا تېرىكىپ قايناپ كېتىپتۇ:

-قاراپ تۇرۇش، بىر كۇنى ئەمەس، بىر كۈنى ئۆزۇمنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام !-تۇسۇقنىڭ توختىماي ئۆزىنى ماختاشلىرىدىن زېرىككەن بالىلار ئاستا-ئاستا ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتىپتۇ....

ئارىدىن بىر ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كېيىن تۇسۇققا: <<مەن بىر ئامال قىلىپ ھېلىقى ئېيىقنى ئالداپ مىنىپ مەھەللىگە ئەكىلىپ بۇ نېمىلەرگە ئۆزۇمنى بىر كۆرسىتىپ قۇيمايمۇ!>> دېگەن ئوي تۇغۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ؛<<ھېلىقى ئېيىق چۇقۇم ئاشۇ ھەسەل ھەرىلىرى بار يەردە،مەن ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنى مىنىپ كېلەي>>دەپ ئاشۇ يەرگە قاراپ مېڭىپتۇ.

تۇسۇق ھەھەل ھەرىلىرىنىڭ ماكانىغا كالگەندە، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكتىن چارچاپ ئەمدىلا قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىۋاتقانىكەن . تۇسۇق ئۇلارغا قاراپ :

- سالام ھەرىلەر، مەن يەنە كېلىپ قالدىم . – دەپتۇ .

تۇسۇقنى كۆرگەن ھەرىلەر پادىشاھى دەر غەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى بېسۋېلىپ :

-كەل مېھمان،كەل، - دەپ قويۇپتۇ . تۇسۇق كۆرەڭلىگەن ھالدا ھەرىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ :

- سىلەر مۇشۇ ئەتراپتا بىر قارا ئېيىقنى كۆردۇڭلارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.

-كۆردۇق، ئۇ سىنىڭ دوستىڭمىدى؟

-شۇنداق،دوستۇم ئىدى....

تۇسۇقنىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەيلا ھەرىلەر ئۇنىڭغا تەرەپ - تەرەپتىن ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ باش-يۈز، بىلەكلىرىگە نەشتەرلىرىنى تىقىپتۇ . تۇسۇق پەرياد كۆتۇرىنىچە سەكرەپ دومىلاپ كېتىپتۇ، ھەرىلەرمۇ تەرەپ-تەرەپتىن نەشتەرلىرىنى تۇختىماي تىقىۋېرىپتۇ، تۇسۇقنىڭ پەريادلىرىمۇ بارغانسېرى ئاستىلاپ جىمىپ قاپتۇ.تۇسۇق خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ھوشىغا كەپتۇ . ئۇنىڭ يۈز – كۆزلىرى ئىششىپ خۇددى پومزەكتەكلا بولۇپ قاپتۇ . ئۇ ئورنىدىن سەل نېرىراق بۇلۇپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا، ئورمانلىقتىن بۇركۇت باشچىلىقىدا بىر مۇنچە قۇش ئۇچۇپ چىقىپتۇ.شۇ چاغدا قۇشلاردىن بىرى :

-ئەنە،ئەنە، شاھىمىزنىڭ كاتىپى بۇلىمەن، دەپ بىزنى ئەخمەق قىلغان ھېلىقى بالا ئاۋۇ يەردە ئولتۇرىدۇ،-دەپتۇ .

-ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرەيلى،-دەپتۇ بۇركۈت. شۇنىڭ بىلەن قۇشلار تەرەپ-تەرەپتىن ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ يۇز –كۆزلىرىنى چۇقلاپ يېغىر قىلۋېتىپتۇ.تۇسۇق پەرياد كۆتۇرگىنىچە دۈم يېتۋاپتۇ. قۇشلارمۇ ئۇنى<<تېگىشلىك جاجىسىنى يېدى>> دەپ قاراپ ئۆز يوللىرىغا مېڭىپتۇ. تۇسۇق ئورنىدا خېلى ئۇزۇن ياتقاندىن كېيىن، ئورنىدىن ئاران تۇرۇپتۇ. ئۇ يۇز-كۆزلىرىنىڭ ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقانلىقىغا قارىماي، لېۋىنى چىشلەپ چىداپ چىداپ يايلاقنىڭ ئوتتۇرسىنى كېتىپ بارغاندا <<بالا كەلسە قوش كەپتۇ>> دېگەندەك ئۇنىڭ ئالدىغا ھېلىقى قارا ئېيىق ئۇچراپ قاپتۇ.

- ھە يالغانچى كاززاپ ! تۇتۇلدۇڭمۇ ؟ بۈگۈن سەن بىلەن ئوبدانراق ھېساپ – كىتاب قىلىشمىسام بولمىدى، سەن مېنى ئالداپ ھەرىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قويدۇڭ . مەن بۈگۈن سېنىڭ قارنىڭنى يېرىۋەتمەيدىغان بولسام، - دەپتۇ ئېيىق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ، تۈكلىرىنى ھۈرپەيتىپ تۇرۇپ .

- ئاچچىغىڭنى بېسىۋالغىن ئېيىقجان، مەنمۇ سېنى ئىزدەپ يۈرەتتىم ، ئۇ چاغدا ھەرىلەر  سېنىڭ مېنىڭ دوستۇم ئىكەنلىكىىڭنى بىلمەي قاپتۇ .كىيىن ھەرىلەرنىڭ ساڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلدى . شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇلار <<گۇناھىمىزدىن ئۆتكىن >>دەپ مېنى ئەڭ ئېسىل ھەسەللىرى بىلەن بېقىۋاتىدۇ . مانا چىرايىمغا قاراپ باق. ھەسەلنى تولا يەۋېرىپ سەمىرىپ مۇشۇ ھالەتكە كىلىپ قالدىم . شۇڭا مايلىرىمنى چىقىرىۋېتەي ، دەپ يۇز –كۆزلىرىمگە ياغاچ تىقىپ مانا مۇشۇنداق قىلىۋەتتىم . شۇنداق قىىلساممۇ ھېچ ئۇرۇقلىمايۋاتىمەن  . مەنمۇ سېنىڭدىن ئەپۇ سوراش ئۇچۇن مەخسۇس ساڭا ئاتاپ يوغان كومزەكتە ھەسەل ئېلىپ ئۈيۇمگە ئاپىرىپ قويغانتىم . سېنى ئۇچراپ قالارمىكىن ، دەپ شۇنداق يولۇڭغا  قارىسام كۇرۇنمىدىڭ . ھەر ھالدا ئاشۇ كومزەكتىكى ھەسەل سىنىڭ رىزقىڭ ئىكەن  . مانا بۇگۇن ئۇچراپ قالدىڭ ، بۇگۇن سەن مەن بىلەن بىزنىڭ مەھەللىگە  مەھەللىگە بېرىپ ھەسىلىڭنى ئېلىۋالغىن ،- دەپتۇ تۇسۇق مۇغەمبەرلىك بىلەن .<< يوغان بىر كومزەك ھەسەل >> دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئېيىقنىڭ غەزىپى پەسىيىپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇسۇققا قاراپ ؛

-بولىدۇ ،بولىدۇ،چاپسانراق بېرىپ ھەسەلنى ئېلىۋالايلى  -دەپتۇ.

-ھەي ،مۇشۇ سىمىزلىك دىگەنمۇ  بولمايدىكەن ، ھازىر مەن تۇزۇكرەك يولمۇ ماڭالمايدىغان  بولۇپ قالدىم ، ھەسەلنى تېزرەك ساڭا ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن خاپا بولمىساڭ، مەن ساڭا مىنىۋالسام ، مەھەللىگە چاپسانراق ماڭساق قانداق ؟ - كۆزىگە ھەسەلدىن باشقا نەرسە كۆرۇنمەيۋاتقان ئېيىق تۇسۇقنىڭ گىپىگە قۇشۇلۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇسۇق ئېيىققا  مىنگىنىچە  مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . ئېيىققا مىنىپ بايىقى كىلىشمەسلىكلەرنى ئۇنتۇپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان  تۇسۇق خۇشال ھالدا  ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ :

مېنى بەكمۇ شوخ دەيدۇ

مەھەللىدىكى ئادەملەر.

قارا ئيىق سېنىمۇ

بۇ ئاكاڭدىن قۇرۇق.

(ناخشا بۇ يەرگە كەلگەندە تۇسۇق مەيدىسىگە ئۇرۇپ قۇيۇپتۇ)

بۇ دۇنيادا تۇسۇقتەك

باتۇر پالۋان يوق دەيدۇ.

ھەسەل يېيىش خۇمارى تۇتقان ئېيىق پۇتۇن كۈچى بىلەن چېپىپ بىردەمدىلا مەھەللىنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ.شۇ چاغدا تۇسۇقنىڭ ئاغىنىلىرى مەھەللىنىڭ چېتىدىرەك بىر جايدا ئويناۋاتقان ئىكەن، ئۇلار ئېيىق مىنىپ ناخشا ئېيتىپ كېلۋاتقان تۇسۇقنى كۆرۇپ ھەيرانۇ-ھەس بولغان ۋە قورققان ھالدا چۇرقىرشىپ ، مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا تۇسۇق ئېيىقنى توختىتىپ؛

-سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن، مەن ئۆيگە كىرىپ كومزەكنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ بېرەي، بولمىسا مەھەللىدىكى ئوۋچىلار ساڭا زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن،-دەپتۇ-دە، يۇگۈرگىنىچە مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. نەپسى تاقىلداپ كەتكەن ئيىق خېلى ئۇزۇن ساقلاپ تۇسۇق كەلمىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يەنە ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولسىمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي كېتىپ قاپتۇ.

شۇ كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار تۇسۇقنى ئارىسىغا ئېلۋېلىپ، ئۇنىڭ ئېيىقنى قانداق مىنۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشكە قىستاپ تۇرۋاپتۇ. بۇنداق پۇرسەتنىڭ ئاسان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن تۇسۇق ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ كېتىپتۇ :

-ئورمانلىق ئىچىدە نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ كېتىپ باراتتىم،تۇيۇقسىز كەينىمگە بىر نەرسە ئېسىلغاندەك بولدى، شارتتىدە بۇرۇلۇپ قارىسام، بايا سىلەر كۆرگەن ئاشۇ ئېيىق ماڭا خىرىس قىلپ تۇرۇپتۇ.باشتا ئانچە تەييارلىقىم بولمىغاچقا، ھۇدۇققىنىمدىن يىقىلىپ چۇشتۇم، شۇ چاغدا ئۇ يۇز –كۆزلىرىمنى تاتىلاپ مانا مۇشۇنداق قىلۋەتتى،-ئۇ يۈزىدىكى بايا قۇشلار چۇقىلىغان يەرلەرنى بالىلارغا كۆرسىتىپتۇ،-شۇنىڭ بىلەن دەر غەزەپكە كېلىپ قاتتق ۋارقىراپ بىر كۈچەپلا ئۇنى ئاستىمغا بېسۋېلىپ، كانىيىنى سىقىپ قورسىقىغا تىزلاۋەردىم. مېنىڭ بۇ زەربەمگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئېيىق <<مېنى كەچۈرگىن،مېنى كەچۈرگىن،ساڭا بىلمەي چېقىلىپ قاپتىمەن،بىر قۇشۇق قېنىمنى تىلەيمەن>> دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. مەن ئۇنىڭ قۇرسىقنغا يەنە بىر نەچچىنى تىزلىۋەتكەندىن كېيىن كانىيىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ <<ئەمىسە مېنى ئۈستىڭگە مىندۇرۈپ مەھەللىگە ئاپىرىپ قۇيىسەن>> دېسەم،ئۇ قۇشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا مىنىپ، بايا سىلەر كۆرگەندەك مەھەللىگە كېلۋالدىم.-باياتىندىن بېرى تۇسۇقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇن-تىنسز ئۇلتۇرغان بالىلار بىردىنلا <<بارىكاللا! بارىكاللا! ئېيىق مىنگەن پالۋان!>>دەپ ۋارقىرشىپ كېتىپتۇ .

مۇمام چۆچىكىنى ئېيتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە : <<جېنىم قۇزام،ئەمدى ئۇخلىغىن،قالغىنىنى ئەتە ئېيتىپ بېرەي>>دەپ قويىدىغان.




ئەسكەرتىش : ئاپتورنىڭ  <<يالغانچى تۇسۇق>> نامىدىكى بۇ چاتما چۆچەكلىرى 90 - يىللاردا <<تارىم>> ژورنىلىدا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان . كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن كىتاب بولۇپ نەشىردىن چىققان . يۇقىرقىسى شۇ ناملىق چۆچەكنىڭ بىرىنچى بابى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 11:47  


بالىلارلا بولىدىكەن بالىلار ئەدەبىياتىمۇ بولىدۇ !~

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2893
تۆھپە : 1
توردا: 565
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:39:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 90-يىللاردا بۇ چۆچەكنى قىزىقىپ ئوقۇغان ئىدىم..مەرھۇمنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدۇ...

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8333
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 13:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. ئۇنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپوىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3065
تۆھپە : 0
توردا: 409
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 15:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن سىزمۇ ئىزباسارسىز

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 02:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن قوشقان كاتتا تۆھپسى دىلىمىزدا يادلىنىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1581
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3477
تۆھپە : 3
توردا: 534
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 13:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان چۆچەككەن، داۋامىنى يوللىۋېتەرسىز  كىچىك سابىرىكا.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2050
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 102
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 05:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹مۇمام چۆچىكىنى ئېيتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە : <<جېنىم قۇزام،ئەمدى ئۇخلىغىن،قالغىنىنى ئەتە ئېيتىپ بېرەي>>دەپ قويىدىغان.››

مۇشۇ ئابزاسمۇ چۆچەكتە بارمىدى، ئەكبەركا؟




ئەرلەر رەزىل ئەمەس، شەيتان رەزىل!!!...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14137
تۆھپە : 5
توردا: 760
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەت تۇپراقتا مۇنبەت تېما يارىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش