يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 0

تۇدى لېتىپ ئىزگۈ: تاماق تىجارىتىنىڭ ئۈجۈر- بۈجۈرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-23 22:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تائام تىجارىتىنىڭ ئۈجۈر- بۈجۈرى

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

  مەلۇم سەۋەپ ياكى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى سىرتتا غىزالىنىشقا توغرا كېلىدىغان چاغلار ھەممىمىزدە ئورتاق ئۇچرايدۇ. تاماقخانىلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىگى، سودا ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بەزىدە ئادەمنى قانداق قىلىشنى بىلمەي، ھۇدۇقتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار ئۇچراپ قالىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ھەممىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنىڭ ئۇجۇر-بۈجۈرىنى چۈشىنىپ قويغىنىمىزنىڭ زىيىنى يوق. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن.
ھازىرقى تائام سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا يىغىشقا بولىدۇ.
1.رېستورانچە مۇلازىمەت ئۇسۇلى: بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلىدا رېستورانغا كەلگەن خېرىدار مۇلازىمەتچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۆزى ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى تاللاپ بۇيرۇتىدۇ. تاماق يازىدىغان كۈتكۈچى سىمسىز بۇيرۇتقۇدا بۇلارنى بىر- بىرلەپ خاتىرىلەپ، تالون يوللاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندايدۇ. بۇ ئۇچۇر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باش پۇل يىغىش ئاپپاراتىغا بېرىش بىلەن بىللە ئاپتوماتىك ھالدا ئارقا سەپ پىرىنتېرىدا ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە بېسىپ چىقىرىلىدۇ. خېرىدار تولۇق غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، باش مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستەل نومۇرىغا ئاساسەن ھېساباتنى ئۈزىدۇ، بەزىدە كۈتكۈچى پۇل تۆلەش تالونىنى خېرىدارغا ئېلىپ كېلىدۇ. خېرىدار شۇ بويىچە پۇل بەرگەندىن كېيىن، مۇلازىم پۇلنى ئېلىپ باش پۇل يىغىش ئاپپاراتىدا شۇ ئۈستەلنىڭ ھېساباتنى ئۈزىدۇ. بۇنى ئاۋۋال ئىستىمال قىلىپ، ئاندىن پۇل تۆلەش، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلى قەھۋەخانا، چايخانا قاتارلىق ئالىي يېمەك- ئىچمەك سورۇنلىرى ۋە ئايرىمخانىلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇل خېرىدارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا يەنە باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ بۇيرۇتۇش ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بەزى تاماقلارنى قالدۇرىۋېىتش ياكى ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئورۇنداشقا قولايلىق.
2. تېزتاماقخانا ئۇسۇلى: تاماقخانىغا كىرگەن خېرىدار ئۆزى بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرىدۇ، تاماق يازىدىغان كۈتكۈچى كېلىپ نېمە لازىملىقىنى سورايدۇ ۋە سىمسىز بۇيرۇتقۇدا خاتىرىلەپ ئومۇمىي باھاسىنى ئېيتىدۇ. خېرىدار پۇل تاپشۇرىدۇ، كۈتكۈچى تالوننى يوللىۋېتىپ، پۇلنى باش پۇل يىغىش ئاپپاراتىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۈستەل نومۇرى بويىچە ھېساباتنى ئۈزۈپ، قايتقان پۇلنى خېرىدارغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئارقا سەپ بېسىلغان تالون بويىچە تاماقنى تەق قىلىپ، تالوندىكى نومۇر بويىچە تاماقنى يەتكۈزىدۇ.
بۇنى ئالدىن پۇل ئېلىپ، ئاندىن تاماق بېرىش، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل چۈش ۋە كەچلىكى مەلۇم ۋاقىتتا خېرىدارنىڭ كۆپلىكىدىن قىستاڭچىلىق كۆرۈلىدىغان تېز تاماقخانىلاردا قوللىنىشقا ماس كېلىدۇ.
3. نەق تاماقخانا ئۇسۇلى: خېرىدار بوش ئورۇن تېپىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تاماق سېتىش ئورنىغا بېرىپ، تاماق تاللاپ پۇل تاپشۇرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا تەقلىنىش مۇمكىن بولغان تاماقلارنى ئېلىپ، سەل تۇرۇپ چىقىدىغانلىرىغا ماس قەدەملەشكەن رەت نومۇر تاختىسىنى پەتنۇسقا تىزىپ ئورنىغا قايتىدۇ. كېيىنرەك چىقىدىغان تاماقلار تەقلەنگەندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى ئۈستەلدىكى نومۇر ۋە تاماق رەت نومۇرى بويىچە، تاماقنى خېرىدارنىڭ ئۈستۈلىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئەلبېك تېز تاماقخانىسى، مەلىك تېزتاماقخانىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىدۇ.
يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق ئورتاق تەلەپ قويۇلىدۇ:
ü   ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئومۇمىي ئىستىمال سوممىسى بىلەن ھەرقايسى تاماق تەپسىلاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىستىمال قىلىنغان تاماقلار تىزىملىكىگە دەل توغرىلىنشى؛
ü   ئارقا سەپ تالونىدا ھەر بىر ئۈستەلنىڭ نومۇرى بويىچە بۇيرۇتۇلغان تاماقلار توغرا ۋە ۋاقتىدا بېسىپ چىقىرىلىشى؛
ü   خېرىدار تۆلىگەن پۇلنى تاپشۇرىۋالغۇچى خېرىدارغا قايتۇرغان نەق پۇلغا تالونىنى قوشۇپ بېرىشى؛
ü   خېرىدار كۆپ، سودا بېسىق ۋاقتىدا ھەرقايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك مەنبەسىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى، تۇيۇقسىز توك توختاش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، باش پۇل يىغىش ئاپپاراتىغا ۋاقىتلىق توك ساقلىغۇچ سەپلىنىشى؛
ü   پرىنتېرلاردىن كاشىلا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس زاپاس پرىنتېر سەپلىنىشى ۋە كاشىلا كۆرۈلگەن پرىنتېرنىڭ ئورنىنى ھەر ۋاقىت ئالىدىغان ھالەتكە تەڭشىلىشى؛
ü        سىمسىز تور تۇراقلىقلىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تائام تىجارىتى قارىماققا ئاسان ئاقىدىغان كەسىپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ خەتىرى، شۇنداقلا نازۇكلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ھەر بىر خېرىدارنى نەق جايىدا رازى قىلىپ يولغا سېلىش ئۈنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا چوقۇق تىجارەت ئۇسۇلىنى تەرتىپكە سېلىپ، بىر خىل ئۇسۇلنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللىنىشى، بارلىق ئىش ھالقىلىرى قېلىپلىشىپ، تەرتىپ بويىچە توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا ئىجرا قىلىنىشىغا كېپىللىك قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
(2014-يىلى 15- يانۋار چارشەنبە ئۈرۈمچى كەچلىكگېزىتى كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 22:24  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش