كۆرۈش: 4939|ئىنكاس: 22

ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ بېيجىڭدىكى لېكسىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-23 22:10:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 22:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-24 12:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مەكتىۋىمدە سۆزلەنگەن بۇ لىكسىيە مېنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى،بۇنى يوللاپ قوۇيۇپ بەك ياخشى قىپسىز

ۋاقتى: 2014-11-24 12:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئەپەندىمنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-11-24 15:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازات موئەللىمنى ئوقو -ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بولوپمو ئەدىبىيات سايىسىغا گۇل بولوپ ياراشقان ئادەم دەپ تۇنۇيمەن. بولوپمو 15،20 يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنۋۇرسىتىدە ئوقۇغانلارغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بولغاچ ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرگەن شادەتنامىسىنى كۇرگۇم كېلەتتى،شادەتنامىغا بېسىلغان تامغىدا‹‹ ئازات سۇلتان›› دېگەن خەتنى كۇرۇپ  شادەتنامە ئېگىسىدىن -سەن موشو ئادەمنى تونامسەن ؟ موشۇنداق بىلىم ئەھلىلىرىنى بىر كۇرۇپ ئۆلۇپ كەتسىمو ئارمىنى يوق ئادەمنىڭ دەپ سۆزلەپلا كېتەتتىم ...........
ئەپسۇس بۇنداق ئۇنۋۇرسۇتلاردا ئوقۇش ماڭا نېسىپ بولمىدى . ..........

جەنۇبى تاغدىكى يازغۇچىلارئىجادىيەت بازىسىدا ئازات موئەللىمنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلاپ ،يانمويان تۇرۇپ سۇرەتكە چۇشەلگىنىمدىن ئۆزۇمنىمو شۇ بەخىتلىكلەر قاتارىدا سانىيالدىم!!!!!!!!!!
ئۇلۇق ئاللادىن ئازات موئەللىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تېنىنىڭ ساق، زېھنىنىڭ ئوچۇق بولوشىنى تىلەيمەن!!!!!!!!!!

كۆز تەگمىسۇن ئالىملىرىمغا ،
قەلبى ئويغاق شائىرلىرىمغا.
ئېسىپ قويغۇم كەلدى كۆز تۇمار،
سۆز ئۇستىسى ماھىرلىرىمغا.

يارىشىپتو ئازاتكام ئەجەپ،
ئالىملار بار كەڭرى سەيناغا.
مەن تىلەيمەن ئۆمرىگە شاتلىق،
مۇناجەت قىپ ئۇلۇغ ئاللاغا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 23:12  


ۋاقتى: 2014-11-24 16:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاڭلىۋالدىم، ياخشى تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت،

ۋاقتى: 2014-11-25 16:17:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەينى يىللىرى ئازات مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن دەرسلىرى  ھېلىھەممۇ  قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ...!

ۋاقتى: 2014-11-26 01:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئەپەندىمنىڭ خالىس ئەجىرىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-11-26 02:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلغان تۆردىكى ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىگە قارىسام، مۇدىردەك تۇرامدۇ نېمە... مەنغۇ تونۇمايدىكەنمەن... ئەمما زە... ئۇنىڭ دەسلەپتە ئېيتقان «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى...» دېگەن سۆزى دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىپ قالدى... پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشقان، ھەتتا خەرىتىلەردىنمۇ ئۆزگەرمەس تامغا سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ماۋۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەپەندىمنىڭ ئاغزىدا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» بولۇپ قىسقىراپ كەتكەن... نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ ئۆزى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ تۇرۇقلۇق، «ئۇيغۇر» نى چۈشۈرۈپ قويغىنى نېمىسى؟ يا بولمىسا بۇ ئادەم بېيجىڭدا تۇرۇپ، «ئۇيغۇر» نى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ ئېسىمىزدە بولسۇن، دۆلەت بېكىتكەن ئىسىم: 新疆维吾尔自治区
   يا بۇ ئەپەندىمگە «ئۇيغۇر» دېگەن گەپنى دېيىش تەس كەلدىمۇ؟ يا بولمىسا خۇشياقمىدىمۇ؟ ۋەياكى نومۇس قىلدىمۇ؟؟؟؟ يا ئۇنتۇپ قالدىمۇ!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 02:25  


ۋاقتى: 2014-11-26 09:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەكىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچ  توردىشىمىز قارا يۈز ئېيتقان بۇ ئادەمنى خېلى ئوبدان تونۇيمەن،بۇ كىشى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتىقىقاتچى،ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق مۇتخەسىس ،پروفىسسور لېتىپ توختى مۇئەللىم بولىدۇ،بەلكىم بۇ كىشى سەل ئالدىراشچىلىقتا ئەشۇنداق خاتا سۆزلەپ قويغاندۇ،شۇڭا ئۇنىڭ بىر ئىككى ئېغىز خاتا سۆزلەپ قويغان گېپىگە قاراپلا مۇشۇنداق بىر ئانا تىل سۆيگۈسى كۈچلۈك بولغان تىل تەتقىقاتچىسىغا ئالدىراپ باھا بەرسەك تازا ئاقىلانىلىك بولمايدۇ.بۇ ئالىمىمىز قانداقتۇر بېيجىڭدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغاچقا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادەم ئەمەس،ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ناتونۇش شەھەردە ،ئۆزقەۋمىدىن ئايرىلىپ ياشاپ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشى يەنىلا  ئەشۇ قەدىرلىك ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتىدىن بولغان،شۇڭا ئۆزىڭىز تونىمىغان ئادەمنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىگە قاراپ باھا بەرسىڭىز تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ دوستۇم!

ۋاقتى: 2014-11-27 21:21:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YAPRAK يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 09:41
مەن مەكىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بول ...


    گەپلىرىنىڭ شۇنچىلىك سالماقلىقىغا قارىغاندا، ھېچ ئالدىرىغاندەك ئەمەس. ئاتالمىش «ئانا تىل سۆيگۈسى» كۈچلۈك بۇ ئەپەندىم گەپلىرىنى شۇنداق ئالدىرىماي، دانە - دانە سۆزلەۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆيىدە. ئىشخانىسىدا ئۇنتۇپ قالسا ھېچگەپ ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. لېكىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا «ئۇيغۇر» نى چۈشۈرۈپ قويۇپ، «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» نى دانە - دانە دېيىشى ئۇنىڭ خېلى تەييارلىق بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. مانا، ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا مۇنبەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەم ئاڭلاۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز مۇشۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەيدىغان بولۇپ كېتەمدۇق، تېخى! سىزگە تەشەككۈر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 21:23  


ۋاقتى: 2014-11-28 15:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيەنىڭ داۋامى قېنى؟

ۋاقتى: 2014-11-30 16:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاد سۇلتان مۇئەللىمنىڭ غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىغا يەنە بىر قىتىم كىلىپ لىكسىيە سۆزلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-12-4 00:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك دەرسكەن. ئەپسۇس چالا يوللانغاندەك تۇرىدۇ. مۇمكىن بولسا تۇلۇق يوللانغان بولسا بۇلاپتىكەن.

ۋاقتى: 2014-12-7 00:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى لىكسىيە بوپتۇ. ئۇستازىم ئازاد مۇللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-7 00:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 21:21
گەپلىرىنىڭ شۇنچىلىك سالماقلىقىغا قارىغاندا، ھېچ ئ ...

بىر چاغدا بىر يازغۇچىغا تون يېپىلغان پائالىيەتتە شۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئىككى باشلىق تون كېيگۈچىنى مەرھۇم دەپ ئاتىغان ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش