يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 0

مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم: رەيھاننامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-23 18:32:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

                                    رەيھاننامە

                                   (نەسىر )
                              
                         مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم   (نەي)        



                                                            1                                          

      تۆت يىل بولدى ،كىرپىكىم بىر قېتىممۇ چۈشۈپ باقمىدى.لېكىن ئاغرىنىشىم يوق.چۈنكى  ئاشۇ يىلاردىكى  تەتىل مەزگىلىدە   ئۇنىڭ جادۇ كىرپىكلىرى تۈگەل دېگۈدەك تۆكۈلۈپ بولغاندىن كېيىن مەن سەۋبلىك ھېچقانداق بىر قىزنىڭ  كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ باقمىدى.
                                                                                                                                                                                                          2

      بۇ يەردىكى ئەھمىيەتسىز مەۋجۇتلىقىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم .  تۆت يىل بۇرۇن   ھەممىسى شېرىن  ئۇيقىدا تۇرغان  ئاشۇ سەھەردە ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ چىققان ئىدىم  .بۇ قېتىم   يەككە -يىگانە، جىمىجىتلا چىقىپ كېتىشىشم  كېرەك .چۈنكى ھازىر ھېچكىم «كەتسەڭ بولمايدۇ» دەپ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلىمايدۇ، مېنىڭ ئۈچۈن ئازاپلانمايدۇ.
  بۇنىڭدىنمۇ ھەم قايغۇرىشىم يوق. تۆت يىل ئاۋالقى ئاشۇ  قار ياققان سەھەر   كۆز ياشلىرىم  تىكەندەك ساقاللىرىم ئارىسىدا قېتىپ قالغاندىن كيىن   ھېچكىمنىڭ  يېنىمدىك  كېتىپ قالغانى ئۈچۈن ئازاپلىنىپ باقمىدىم، ھەم كەلگەنلەر  ئۈچۈن خوش بۇلۇپمۇ باقمىدىم.

                                                          3                                                  

  
     بۇلتۇرقى مۇشۇ چاغدا  سېرىق چاچلىق قىزنىڭ  مېنى مەنسىتمەي ھاقارەت قىلغىنىغا   نەپرەتلەنمەكچى بولۇپ   بىرىنىچى ئاينىڭ سوغۇق  ھەم قاراڭغۇ كېچىسى  شەھەرنىڭ  بۇلۇڭلىرىدا بىر كېچە خۇدىمنى بىلمىگەن ھالدا تىنەپ يۈرمەكچى بولدۇم .مەن سېرىق چاچلىق قىز ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ مېھىرسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ۋە  ئادەملىرىگە ئوخشاش توڭلاپ مۇدھىشلىشىپ كەتكەن  شەھەرنى ھەقىقىي ھەم ساپ ئازاپلىرىم بىلەن ئېرىتمەكچى ئىدىم .
   ئازاپنىڭ لەززىتىنى سۈرۈش ئۈچۈن  يولدا كېتىۋاتسام   سېرىق چاچلىق قىز  ئالدىمغا ئۇچرىدى ،ئەمما  مېنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان سائەت ئىستىرلكىسىغا ئوخشاش مەنىسىز ھەم بىر خىل رىتىمدا سوقۇۋاتقان يۈرىكىمدە ھېچ بىر ئۆزگۈرۈش بولمىدى.بۇنداق بولۇشنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتىم، شۇڭا  ئەڭ ئەسەببىي ئەڭ رەسۋا گەپلەر بىلەن نەپرىتىمنى ۋە ئازابىمنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم. لېكىن تىپتىنچ تۇرغان كۆل سۈيى دېڭىزدەك تاشقىنلىيالمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئىپادىسىزلا تۇرىدىغا كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا ئالايغاندەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم. ماششىنا ئادەمگە ئوخشايدىغان ئەقلىم بويىچە ئۇنىڭ كەينىدىن نەپرىتىم بىلەن شاللاققىدە بىر تۈكۈرۈۋەتمەكچى بولىۋېدىم  ئۇنداق  قىلالمىدىم.ئەسلى شەھەرنىڭ قاراڭغۇ ھەم تاشلاندۇق بىر بۇلىڭىدىكى قار دۆۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سېرىق چاچلىق قىزنى  قاقشاپ تۇرۇپ سېغىنماقچى، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ ئىنتىلمەكچى  ئىدىم. ئەمما  بۇنداق  شېرىن  زەھەر قۇشۇلغان شارابىنى  مەسخۇشلۇق ئىچىدە  سۈمۈرۈشكە مۇمكىن بولمىدى. ئىچكىنىم تەمسىز ،پۇراقسىز  قايناقسۇ بولۇپ چىقتى.

سېرىق چاچلىق قىزنى  قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئەزەلدىن ئۆز مەيدانى   مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان ئەقلىملا سېرىق چاچلىق قىز ئۈستىدىكى ئويلۇرۇمغا جور بولدىيۇ، ئۇزۇندىن بېرى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرالمايۋاتقان  جاھىل كۆڭلۈم « مېنىڭ ئىچىمدە يوق  ئادەمنى قانداق ئويلىيالايمەن »دېدى.
  مەن ئازاپ ۋە ئەسسەببىي نەپرەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۇزۇن قارا قىش كېچىسىنىڭ  قەھرىتان سۇغىقنى سەزمەيلا ئۆتكۈزىۋەتمەكچى ئىدىم.لېكىن  ئاچچىق سۇغۇق ئۈستى ئۈستىلەپ كىيىۋلغان بەش قات ئىسسىق ساقلاش كىيىمىم ،قېلىن چاپانلىرىم ۋە ئىچى ئوتتەك ئىسسىق تۇرغان قېلىن ئايغىمدىن ئۆتۈپ سۆڭەكلىرمنى مۇزلىتىشقا باشلىدى.ئاخىرى تورخانىدىكى بىر توپ يالغاندىن چۈشكىنلىشىۋالغان تور مەستانللىرىنىڭ يېنىدىكى   ئورۇنغا چۆكۈپ  شېرىن ھەم خاتىرجەم ئۇيقىغا كەتتىم .بۇ كېچىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھېچقانداق چۈش كۆرمۈدۈم.


                                                           4
   
      مەن بۇلتۇرقى مۇشۇ چاغدا  سېرىق چاچلىق قىزغا ئاتاپ بىر ھېكايە يازدىم. ھېكايىنىڭ بېشىغا تۆت يىل ئاۋال ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان شېئىرىمنى قىستۇردۇم. بۇ قېتىم سېرىق چاچلىق قىز ئۈچۈن بىر شېئىر يازماقچى ئىدىم، لېكىن ھەقىقىي ئازاپلانماي تۇرۇپ شېئىر يازغىلى بولمايدىكەن.
  ھېكايىگە ئۆتمۈشكە ئايلانغان ئىشلار پۈتىلىدۇ.
  مەن تۆت يىل بۇرۇنلا  شېئىر يېزىشنى تاشلاپ، ھېكايە يېزىشقا چۈشكەن. چۈنكى  ئاشۇ يىلى قارا قىشنىڭ سەھەردىكى  جاندىن ئۆتىدىغان سۇغىقىدا ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىمقى خوشلاشقاندىن كېيىنلا ھەممىسى ھېكايىگە ئايلانغان.

سېرىق چاچلىق قىزغىمۇ شېئىر يېزىپ بەرمەي ھېكايە يېزىپ بەردىم. چۈنكى ئەزەلدىن   يۇلۇقۇپ باقمىغان ئازاپلار ئۈچۈن شېئىر  يازغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا «سېنى سۆيىمەن» دېگەن بولساممۇ ئارىمىزدا ھېچقانداق كۆڭلۈل ئىشلىرى يۈز بېرىپ باقمىدى .لېكىن   مېنى كۆرسىلا ئاچچىقتىن قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدىغان سېرىق چاچلىق قىزغا ناماقۇل بولۇش ئۈچۈن رېئاللىقتا يۈز بېرىپ باقمىغان ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
خىيالمدىكى پارچە پۇرات ،ئەبجەش ۋەقەلىكلەرنى تىلمىزدىكى ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن رومانتىك ھېكايىگە ئايلاندۇردۇم.سېرىق چاچلىق قىز ھېكايەمدىن خۇشال بولدى ؛ سىرتىدىن قارىسا ھەيۋەتلىك ھەم چىن كۆرىنىدىغان ئەمما  جانسىز سۆزلەر تىزىلمىسىدىنلا  پۈتكەن «ھېكايە مۇنارى»غا قاراپ مېنى كەچۈرىۋەتتى .
                                                                                            
                                                             5                                
                                                  
             بۇنىڭدىن ئون ئاي بۇرۇن   سېرىق چاچلىق قىز باشقا بىر يىگىت بىلەن ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن كۈنى مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنمەكچى بولدۇم.ئۇ باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا كۆزۈمگە سەل سەت كۆرۈندى، ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاندەك ئىدىم.لېكىن كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچمىدى، چۈشلىرىم بۇزۇلمىدى، ئىشتايىم تۇتۇلمىدى.ئەسلى مېنىڭ «كۆڭلۈم»نى قۇبۇل قىلماي باشقا بىرى بىلەن يۈرۈۋالغان  سېرىق چاچلىق قىزغا نەپرەتلەنمەكچى ، مېنى مەنسىتمىگەلىكى ئۈچۈن  ئازاپلانماقچى ئىدىم.لېكىن ئۇنداق بولماي قالدى، مەن پەقەت سېرىق چاچلىق قىزنىڭ باشقلارنىڭ تاران-تاراج قىلىشىدىن ئېشىپ ،ئازراقلا قالغان شۆھرىتىمنى ئاياغ ئاستى قىلغىنىغا خاپا بولالىدىم خالاس. ئۇنىڭغا بولغان ئۆچلۈك تۇيغۇسىمۇ ئادەمدە تەبىي پەيدا بولغان ھەسەتتىن پەيدا بولغان ئىكەن.

ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ خىل  ئۆچلۈك تۇيغىسى  كۆڭلىمدىن  ئىزسىزلا يوقالدى. سېرىق چاچلىق قىز بۇ يەردىكى بارچە تەڭتۇش قىزلاردىن پەرقى يوق ئادەتتىكىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى.
بۇلارغا ھەيران بولمىدىم ؛چۈنكى ئادەمنى پەقەت ساپ نىيەت بىلەن سۆيگەن ئادىملا ھەقىقىي ئازاپلىيالايدۇ. نەپرەتنىمۇ ھەم شۇلا سوۋغا قىلالايدۇ .

                                                         6

  
    شېئىر جانلىق نەرسە . ئۇنىڭ يۈرىكى بار، ئازاپلىنالايدۇ ھەم خۇشال بۇلالايدۇ.
ئۇ بۇ يەردىن كەتكەن ئاشۇ قار ياققان سەھەردىن كېيىن بىر مىسرامۇ شېئىر يازالمىدىم. چۈنكى ئۇ شېئىرنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتىپ، مېنى يۈرىكى  يوق ماششىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
شۇنىڭدى كېيىن مەن بىر ئىشلارغا قايغۇرۇپ باقمىدىم ، ھەم خۇشال بولۇپ باقمىدىم.   كۈلگەن ئاۋازىم ھېچنىمنى ئىپادىلىمەيدۇ .كۈلكەمدىن شۇنداق بىر مەنىسىزلىك، قۇرۇقلۇق بالىقپ تۇرىدۇ. باشقىلارمۇ شۇنداق دېيىشىدۇ. كۈلگەن ئاۋازىمنى تاش يولدا قۇرۇق بادىرا سۆرىگەندە چقىدىغان ئادەمنى بىزار قىلىدىغان يېقىمسىز ئاۋازغا ئوخشىتىمەن.   

                                                                                                         
                                                 7
            
        مەن تۆت يىلدىن بۇيان ھېكايە يېزىۋاتىمەن .بەلكىم يازغانلىرىم  باشقا بىر نەرسىدۇر،لېكىن مەن يازغانلىرىمنى يەنىلا ھېكايە دەپ ھېساپلايمەن.
تۆت يىل ئاۋالقى سۇغۇق سەھەردە ئۇ مېنىڭدىن شېئىرنى ئېلىپ كېتىپ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان  ھېكايىىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
تۆت يىلدىن بۇيان يېزىلىۋاتقان ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى   ئۇنىڭ   قەلىب قەبرىستانلىقىمدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلەرنىڭ ئەرۋاھلىرى  يېزىپ چىقىتى .
  ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر بىر تېمىم گۈزەل ئەسلىمىسىدىن بىر ھەسەلدەك تاتلىق ھېكايە چىناردەك غۇلاچ كېرىپ كۆكلىسە،ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن زەرىچە ئازاپتىن   مىڭلارچە كىشىنىڭ  يۈرىكىگە زەھەردەك تاراپ ئىچ باغرىنى ئۆرتەيدىغان  تىراگىدىيەلەر  پۈتىدۇ .
  سېرىق چاچلىق قىزغا  قىزغا يېزىپ بەرگەن ھېكايەمنىڭ ئەڭ گۈزەل بولغان بىر قۇرىدا  ؛ جانان قىزنىڭ ھېكايىسىدە  ؛قوشنامنىڭ قىزى ئۈچۈن يازغان «يالغانچى باھار»دا  پەقەت بىرلا جانلىق ھەم ھەقىقىي ئادەم__ئۇ بار .

                                             8

   بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتتە  مېنى ناتۇنۇش بىر قىز ئۈندىدارىغا قوشتى. ئۇنىڭ ئىسمى مەن تۆت يىل بۇرۇن ھەم تۆت يىلدىن بۇيان توختىماي زىكرى قىلىدىغان ئىسىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن.

-تويۇڭغا بارىمەن ،- دېدىم ئۇنىڭغا،- لېكىن مېنىڭ تويۇمغا كەلمە.

-نېمىشقا؟ -دېدى  قىز.

تويۇمدا سەن كېلىنچەك ئەمەس، يات بىر سالاھىيەتتە تۇرساڭ   مەن ھەرگىزمۇ خۇشال بۇلالمايمەن.

-ئەمسە ۋەدەڭدە تۇر ،يېنىمغا كەل  ،سېنى تويلۇق چۈمپەردە ئىچىدە تۇرۇپ ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋالاي.

بۇ گەپلەر تۆت يىل بۇرۇنقى ئاشۇ سۇغۇق سەھەردە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى دىئالوگلىرىمىز ئىدى،بۈگۈن سەھەردىكى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۈندىدار ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. دېمەك، ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم بەرگەن ۋەدەمنى نەقلەشتۈرىشىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

                                                     9

         
       ئۇنى تويلۇق چۈمپەردە ئىچىدە كۆرگەن ئاخىرقى دەمدە مۇھەممەديۈسۈپكە ئوخشاش گۈزەل بىر شېئىر يازالىسام بولاتتى.ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە  باغدا ئولتۇرۇپ ئۇ قالدۇرغان ھېكايىلەرنى داۋاملىق يازىمەن ؛ قەلەم تۇتقان بارماقلىرىم ئۇپىراپ تۈگىگىچە ،جېنىم قاقشال دەرخكە ئايلىنىپ قەبرە بېشىمغا ئۆسكەن رەيھاننىگە ئۇغۇت بولۇپ كەتكۈچە...

   سائەتنىڭ سىتىرىلكىسى «تۆت » دىگەن ساننى كۆرسىتىشكە ئاز قالدى، دەرىزە مۇز تۇتۇپ كېتىپتۇ، سىرتتا چۇقۇم تۆت يىل بۇرۇنقى سەھەرگە ئوخشاش قار يېغىۋاتىدۇ.ئەمدى ھېكايە يېزىۋاتقان قەلىمىمنى تاشلاپ، تويلۇق چۈمپەردە بىلەن ئورالغان  قىزنى كۆرگىلى بارىمەن . ئاشۇ دەقىقە ۋاقىت ئىچىدىكى  يۈرىكىمگە جان كىرگەن پۇرسەتتە  ئاخىرقى شېئىرنى  يازىمەن.

                                                     10                                                      

      
      سەپەرگە مېڭىش ئالدىدىكى ئاخىرقى دەمدە   يېزىۋاتقان ھەم يازماقچى بولغان  بارچە ھېكايىللىرىمنىڭ بىردىن -بىر  ھەقدارىنىڭ ئىسمنى سىياسى تېخى قۇرۇپ ئۈلگۈرمىگەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ يۈرىكىگە توق قىزىل رەڭ بىلەن پۈتۈپ   قويىمەن.

                                                 11
  
     بۇ يازمنىڭ ماۋزۇسىنى  ئۇنىڭ روھىغا ۋە جىسمىغا ئوخشايدىغان گۈزەل ئىسمى  بىلەن ___«رەيھاننامە »دەپ پۈتتۈم .


                                   تۈگىدى
                           
   
             بۇ يازما 2014 -يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە ، سانجى ئىنستىتوتىنىڭ 4- نۇمۇرلۇق ياتاق بىناسىدا تاماملاندى.   



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 20:09  


باھا سۆز

ھىكايىڭىزدىن تەسىرلەندىم،  ۋاقتى: 2014-11-25 07:22 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش