- UID
- 146
- يازما
- 50
- ھوقۇقى
- 1
- 真实姓名
- مىرئەھمەد مامۇت
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 173
- تىزىملاتقان
- 2012-3-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-14
|
ئانا تىل ھەققىدە بۈيۈك ناخشا
خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىلانلىشى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى ، شەھەرگە قاراشلىق ھەر قايسى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماسلىشىشى تۈرتكىسىدە ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن ، خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق ھالدا خوتەن شەھەر بويچە ئۆتكۈزىلگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « ئانا تىلىمنى سۆيىمەن » تىمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيتى ئۆتكۈزىلدى.
بۇ پائالىيەتكە ھەر قايسى مەكتەپلەر ۋە ماھىرلار ناھايتى ئەتىراپلىق تەييارلىق قىلغان بولۇپ ، بىر -بىرىدىن ئىسىل ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتىلدى . ئۈشبۇ سورۇندا ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەت ، ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت ھەر بىر قەلىب ئىگىسىدە قايتىدىن پەيدا بولدى .
بۇ پائالىيەت بىزگە ئانا تىلىمىز-ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى ، ئۇلۇغلىقى ، نەپىسلىكىنى يەنە بىر قىتىم تونۇتۇپ ئۆتتى .
بۇ پائالىيەتتە يەنە ، نۇتۇق مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نەۋائىي ، قۇتلۇق شەۋقى تىيىپچان ئىلىيۇف ، رۇزى سايىت ئارىمىزدا ياشاپ ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىن ئابدۇرىھىم زۇنۇن ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك قاتارلىقلارنىڭ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرلىرى دىكلىماتسىيە قىلىنىپ پائالىيەت كەيپىياتىنى تىخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى . |
|