بولمىساڭ
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
نە شىپاسى بۇ ھاياتنىڭ يار يېنىمدا، بولمىساڭ،
كۈندە ،تۈندە ئايلىنىپ باغرى جېنىمدا بولمىساڭ.
جانغا تولغان ئىشتىياقلىق خىسلەتى سۆيگۈڭ بىلەن،
شىرنىلىك كەۋسەرىدىن لىقلاپ قېنىمدا بولمىساڭ.
قازغۇ قازغايمۇ مۇھاببەت ھېكمىتى قات-قاتتا سىر،
ھەر نىشانىمنى يېرىپ ،مەنزىل كېنىمدا بولمىساڭ.
داغۇ پەريادىمدا سەن ئىنسانلىقىمنىڭ پەسلىدە،
ئىشتىھاغا دىل ئايان ،رىسقى نېنىمدا بولمىساڭ.
شاخلىغاي؟ قاخشاللىقىم بوستان لېۋىڭنىڭ بەرقىدىن-
ئوسىلاپ ، قەلبىمگە سۇ باشلاپ تېرىمدا بولمىساڭ .
مېھرى شەمشەر ئاستىدا تۇيغۇ جېڭىدە قەھرىمان...
بىخلىغاي؟ مۇنبەتتىمۇ بىر سەپ قېرىمدا بولمىساڭ.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى (ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 23:29
|