يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 0

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: تائام تىجارىتىدە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-21 20:02:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تائام تىجارىتىدە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
  بارلىق سودا-سېتىقلارنىڭ ئىچىدە قورساقنى توقلايدىغان نەرسىنىڭ سودىسىنى قىلىش ئەڭ ئاقىدىغان سودا ھېسابلانسا كېرەك. يۇرتىمىزنىڭ مەيلى قانداقلا يېرىگە بارمايلى سانچاق- سانچاق يەيدىغان نەرسىنىڭ سودىسىنى قىلىدىغان تىجارەت سورۇنلىرىنى كۆرەلەيمىز. يەكشەنبىلىك بازاردىكى لەززەتلىك تاماق ھىدى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان مانتا-سامسا رەستىلىرىدىن تارتىپ، شەھەرلەردىكى ياسىداق ئاشخانا- رېستورانلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ خىل سودىنىڭ قايناق ھالىتىنى كۆرەلەيمىز، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتىدىغىنىمۇ دەل تائام سودىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، يەيدىغان نەرسىلەرگە بولغان تەلەپنىڭمۇ ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقلا مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ ياشاش چىقىمىنىڭ ئۆرلىشى ئۇلارنى تىجەشلىك بىلەن ئىشلەپ كۆپرەك پايدىغان ئېرىشىش كويىغا سالماي قالمايدۇ. قانداق قىلغاندا، تائام تىجارىتىنى ھەم خېرىدارنى قاچۇرۇپ قويمايدىغان ھەم پايدا ئېلىشقىمۇ كېپىللىك قىلغىلى بولىدىغان يولغا باشلىغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىلەر دەل مۇشۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىزدىن ئىبارەت.
مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتىش.
تاماقخانا تىجارىتىدە مۇقىم مۈلۈكنىڭ تەننەرخى ئۆي ئىجارىسى، باج چىقىملىردىن قالسىلا ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا مۇقىم مۈلۈكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇزاققىچە نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تاماقخانا تىجارىتىدە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ دانا ئۇسۇلى بولالايدۇ. مۇقىم مۈلۈك ئەسلىھەلىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، بىزەك بۇيۇملىرى، ئۈستەل ۋە ئورۇندۇقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاسراش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ رېمونتلاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاماقخانىدىكى ئۇچاقنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە بىر ئۇچاقنىڭ نورمال ئىشلىتىش ئۆمرى 5 يىل بولىدۇ، ناۋادا ئۇنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۈنۈملۈك ئاسرالسا 7-8 يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئورۇن ئالماشتۇرۇش ياكى كۆچۈش كۆپ بولسا بولمايدۇ.
بىر ئورۇندا ئۇزاق مۇددەت تىجارەت قىلىش خېرىدار مەنبەسىگە كېپىللىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ماتېرىيال كىرگۈزۈش تەننەرخىنى كونترول قىلىش.
بۇنىڭ ئۈچۈن خام ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئەڭ مۇھىم.
زاپاز ماتىرىياللارنى ياخشى كۆنترول قىلىش.
بۇنىڭدا زاپاز ماتېرىياللارنى مۇۋاپىق ساقلاش، ئاشپەزلەردە ماتېرىيال تېجەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئالدىنقى شەرت.
تاماق ئېتىش تەننەرخىنى كۆنترول قىلىش.
بۇ تۈردە خام ماتېرىيال ۋە تېتىتقۇلاردىن پايدىلىنىش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش، مەركىزى ئاشخانا يەنى ئالدىن پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توغرا تەرتىپكە سېلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەننەرخىنى تېجەش.
بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن قىممەت بولسىمۇ سۈپەتلىك ئۈسكۈنىنى سېتىۋېلىپ، ئۇزاق ئىشلىتىش؛ ئۈسكۈنە سېتىۋالغاندا باھاغىلا ئېسىلىۋالماي، ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتىگە، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى، خوراشچانلىقى ۋە قەرەللىك ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك زاپچاسلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلارغا ئالدىن كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈر.
كومپيۇتېرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش.
كومپيۇتېرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ تائام تىجارىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى بەك كۆپ، ئاساسلىق پايدىسى مۇنۇ تەرەپلەردىن گەۋدىلىنىدۇ.
√مۇلازىمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
√مەشغۇلاتتىكى خاتالىقنى ئازايتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
√كۆپ ئىشلىگەنگەن كۆپ ھەق بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ.
√خېرىدارلارنىڭ ئىستىمال يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالىدۇ.
√باشقۇرۇشتىكى يۇچۇقلارنى ئېتىپ، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
√ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، يولغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەرنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
√بىرلىككە كەلگەن مۇلازىمەت سۈپىتى، ماركا ئوبرازىنى تىكلەشكە شەرت ھازىرلىنىدۇ.
√بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى تىجارەتنى كېڭەيتىشكە يول ئاچىدۇ.
√مالىيە ۋە ئادەم بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
√ۋاقتىدا ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار تىجارەت خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
گەرچە ھازىرغىچە يەيدىغان-ئىچىدىغان نەرسىنىڭ ئىشىنى قول بىلەن ئورۇنداش ئەڭ ئاقىلانىلىك سانىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇسۇلنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق ئېقىۋېرىشىگە بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ. تېخنىكا كۈچىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىرى كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تائام تىجارىتىدىمۇ قوللىنىشقا بولىدىغان تېخنىكا ئامىلىنىڭ بار-يوقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش تىجارەتتە شاللىنىپ قالماسلىقىنىڭ كۈچلۈك دەسمايىسى ھېسابلىنىدۇ. تېخنىكىلىشىشقا قاراپ ماڭغانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىياتلارنى كۈتىۋالغانلىقىنى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىنلا تېپىپ ھېس قىلالايمىز. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئېغىزغا كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ تىجارەت ھالقىلىرىدا قوللىنىشقا بولىدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق ئامىللاردىن قايسىلىرى بارلىقىنى ئىدىتلاپ كۆرۈش مەجبۇرىتى بار، بولۇپمۇ يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئىشقا سېلىپ، ساپ- پاك بولغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش ۋە توشۇش جەريانىدا باشقىلارنىڭ قانداق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ باققىنىنىڭ پايدىسى چوڭ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2014-يىلى 8- يانۋار كارخانىچىلارمۇنبىرى بېتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 20:09  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش