تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1524|ئىنكاس: 29

ئەنۋەر ھوشۇر: شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەننىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 5793
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 23039
تۆھپە : 10
توردا: 2461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 19:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





                       شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەننىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى


                                                 ئەنۋەر ھوشۇر




                        (مەكتىپىمىز فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى دوتسېنتى)



قىسقىچە مەزمۇنى: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولۇپ، 32 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى جەريانىدا تېما ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ماھىرلىقى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتتى. بۇ ماقالىدە ئاپتورنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئۇسلۇبى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

          ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن؛ شېئىر ئىجادىيىتى؛ ئۇسلۇبى


شائىرلىقنىڭ بېشى تاش، ئوتتۇرىسى كۆز ياش، ئاخىرى ئاندىن باشتۇر. بۇ يەردىكى «تاش» كۆپلۈككە، ھارارەتكە، نىشانسىزلىققا تىمسال قىلىنغان بولۇپ، مەنزىلى ۋە مەنزىرىسى ئېنىقسىزدۇر. «كۆز ياش» شاللىنىش ۋە تاللىنىشنىڭ ئازابىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاتلاپمۇ، ئالداپمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىكتۇر. ئايانى باتىن، تەمى بىر بولسا زەھەردەك ئاچچىق، يەنە بىر بولسا ھەسەلدەك شېرىندۇر. «باش» سالاھىيەت دېمەكتۇر، شائىرلىق قەسرىگە كىرىشنىڭ يول خېتىدۇر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بەزى كىشىلەر دېگەندەك «ھەممە ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا شائىر» سانالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شائىرلىق مۇشۇ كوچىغا قەدەم باسقان نەچچە مىڭ ئادەمدىن ساناقلىق بىر نەچچىسىگىلا نېسىپ بولىدىغان كاتتا شان-شەرەپتۇر. «دەريادا ئاققاننىڭ ھەممىسى تاھىر ئەمەس، شېئىر يازغاننىڭ ھەممىسى شائىر ئەمەس» دېگەن ئىبارىنىڭ ھېكمىتى دەل مۇشۇ يەردە! ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر ھەقىقىي شائىرلىق سالاھىيىتىگە نائىل بولالايدۇ؟ كۆزىتىشىمچە: بىرىنچىدىن، ھېسسىياتى نازۇك (قاشاڭ ئەمەس)، سەزگۈر (جاراڭلاپ تۇرىدىغان)، تەلەپچان؛ ئىككىنچىدىن، ئۆتكۈر، ئوچۇق، ئۆزلۈك ئېڭى، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ ئۈچىنچىدىن، جىددىي، تىنىمسىز، ئەقىدىسى، توغرا دەپ قارىغىنى ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان، بۇ يولدا ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى بىلەن ئارتۇقچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، ئېرىشىشنىمۇ، ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىدىغان، قاسراق تاشلاشنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان ئەقىدە ئىگىلىرى ئىچىدىن ئۆگىنىشنى، پىكىر قىلىشنى، يېزىشىنى توختىتىپ قويمىغانلىرى ئەلنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندە تەبىئىي يوسۇندا شائىرلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغان بىر نۇقتا بار: شائىرلىق سالاھىيىتى بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك تۆمۈر تاۋاق ئەمەس، بەلكى ھەممە يېرىدىن نۇر-جۇلاسى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان نازۇك خىرۇستال قاچىدۇر. سەللا بىخەستىلىك قىلىنسا، قولدىن چۈشۈپ كۇكۇم تالقان بولۇپ كېتىش خەۋپى ھەرۋاقىت باردۇر. تۆمۈر تاۋاق يەرگە چۈشۈپ كەتسە، چوڭ ئىش يوق، بۇلغانغان بولسا سۈرتۈپ، پۈكۈلۈپ كەتكەن بولسا بولقا بىلەن تۈزلەپ قايتىدىن قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن خىرۇستال چېقىلىپ كەتسە ئامال يوق، قاماپمۇ، ياماپمۇ ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بىردىنبىر ئامال چېقىندىلارنى پاكىز يىغىپ، ئەسكى قاپقا قاچىلاپ، ئادەمنىڭ ئايىغى تەگمەيدىغان يەرگە كۆمۈۋېتىشتۇر.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن 32 يىللىق ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئالدىنقى ئىككى باسقۇچىنى نەتىجىلىك تاماملاپ، ئۈچىنچى باسقۇچقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن تەلەيلىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە باشلانغان بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ئىدىيە ئازادلىقى ھەرىكىتى» جىددىي ۋە كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يىگىرمە نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن «سول» چىل ئىدىيەۋى ئېقىمنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يامان تەسىرى تازىلىنىپ، يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش روھى نامايان قىلىنىۋاتقان ئالاھىدە تارىخىي دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇرۇقى ئاجىز، ئۈنۈمسىز تۇپراققا سېلىنغان. لېكىن ئۆسۈش مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، يەنىلا ئۆز قەرەلىدە باراقسانلاپ، مېۋىگە كىرىشنىڭ دەسلەپكى شەرتلىرىنى ھازىرلىغان. مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ مەزگىلدە ئۇزۇن مەزگىللىك بۇرۇقتۇم سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە ئەنئەنە بىلەن بولغان غول تومۇرى ئاساسەن ئۈزۈلۈپ، ئىچىگە تىنىپ قالغان شېئىرىيەت ساھەسىدە «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدىغان شېئىرىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مېنىڭچە، «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» بىر قىسىم كىشىلەر دېگەندەك «شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىققان، نۇسخىلانغان، سۈنئىي قۇراشتۇرۇلغان قۇرۇق داۋراڭ» بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاشلا زۆرۈر بولغان، دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئالاھىدە بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەدەبىياتىمىزنى (بولۇپمۇ شېئىرىيەتنى) شوئارۋازلىق، قۇرۇق مەدىھىيەۋازلىق، قېلىپبازلىق پاتقىقىدىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ، ئەسلىي ماھىيىتىگە، ئۆزىگە قايتۇرۇشتا ھەرقانداق بىر كۈچ ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھىم روللارنى ئوينىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «يېڭىچە شېئىرلار»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى بىر خىل ساقلانغىلى، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىكتۇر! گەرچە «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى»نىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا زىيادە مۇئەممالاشتۇرىۋېتىش ۋە «قېلىپنى بۇزىمەن دەپ تۇرۇپ ئۆزى قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشتەك» بىر قاتار ئاجىزلىقلىرى بىلەن ئۇزۇنغا قالماي تەسىرى تەدرىجىي ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتنى خېلى ئۈنۈملۈك رېئاللاشتۇردى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئالدىنقى قاتاردىكى بىر بۆلۈك شائىرلار شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەگەر ئەينى يىللىرى «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. ئاشۇ مەزگىللەردە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن يېڭىچە شېئىرىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ تەشەببۇسىغا يېقىنلاشقان بىر بۆلۈك شېئىرلارنى يازدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ئەينى دەۋر ياشلىرىنى تامامەن ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان بۇ ئۇلۇغ ئېقىنغا كۆزىنى ئېتىۋېلىپ چاموللاق ئاتماستىن، بەلكى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئويداڭ-چوڭقۇرىنى ئوبدان دەڭسەپ، باش-ئاخىرىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق بىلەن شۇڭغۇدى. كىم نېمە دېسە قارىقويۇق ئەگەشمىدى، بەلكى يېڭىلىقتىن كۈچ ئېلىپ، ئۆز يولىنى تېپىش، ئۆز بوزلۇقىنى ئېچىش يولىدا ئەقلىي ئىزدىنىپ، ئۇزۇنغا قالماي «ئۈچىنچى خىل يول»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى ۋە بۇ يولنى ھازىرغىچە پۇختىلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىنى ياراتتى.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن ئىزدىنىشچان شائىر، ھوسۇللۇق شائىر، پەزىلەتلىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، سۈپىتىمۇ يۇقىرى. ئىزدىنىشچان شائىر دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: ئۇ 32 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى جەريانىدا تېما ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ماھىرلىقى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ناچىرىدىن دادىل ۋاز كېچىپ، كېمىنى تولۇقلاپ، تىنىمسىز ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، يېڭى پەللە ئۈچۈن تىرىشتى، ئىزىغا سەكرەيدىغان، تىنىمسىز ئۆزىنى تەكرارلايدىغان ناچار ئىجادىيەت خاھىشىنى ئىجادىيەت بوسۇغىسىغا دەسسەتمىدى. ھوسۇللۇق شائىر دېيىشىمدىكى سەۋەب: ئۇ تىنىمسىز يازدى، كۆپ يازدى، ياخشى يازدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى»، «قەبرىدىكى پالۋان»، «قېرىماس ئانا»، «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى»، «مۇھەببەت كارىدورى»، «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» قاتارلىق 6 بارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ھەممىسى بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، شېئىر توپلاملىرىنىڭ نەشرىياتلار ئالدىدىكى قەددىنى كۆتۈردى. «تارىم مۇكاپاتى»، «ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق داڭلىق مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى بولۇپ، غۇرۇرلاندى، ئۆزىگە ۋە ئىجادىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئالتە پارچە شېئىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. پەزىلەتلىك شائىر دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنى، ئۇنىڭ تارىخىنى قىزغىن سۆيدى، تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولدى. ئۆزىنى خەلقنىڭ ئۈستىگە قۇيىۋالمىدى. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ياخشى قىلدى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى. دوستلۇقنى قەدىرلىدى، ئاينىيتتى، پىتنە-پاساتتىن يىراق تۇردى، نەتىجە قازانغانلارغا چاۋاك چالالىدى، يېقىلغانلارنى يۆلىيەلىدى، باشتىن-ئاخىر بىردەك بولدى، بىر تال بۇغدايغا سەمرىپ، جاھانغا پاتمايدىغان؛ بىر تال قوناققا كىچىكلەپ ئۆپكىسىنى قولىغا ئالىدىغان پەسەندىلىكلەردىن يىراق تۇردى... بىز بۇنداق روھنى قەدىرلەيمىز ۋە بۇنداق ئادەمنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز. بۇنى كۆتۈرمىكەشلىك دەپ قارىمايمىز.
ئۇسلۇب ـ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ماھارەت جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ، ئىجادىيەتتە مۇئەييەن پەللە ۋە خاسلىق ياراتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى «تارىخىيلىق، مىللىيلىك، بوشلۇق ۋە سەمىمىيلىك» تىن ئىبارەت تۆت سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. تارىخىيلىق. تارىخىيلىق ـ ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزىدۇر. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن تارىخى بار مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ھېكمەتلىك تارىخىغا ئالاھىدە مۇھەببەتلىك نەزەردە قارايدۇ. شۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان ئەجدادلىرىدىن چىن دىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئېغىزىدىن ئەقىل دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاپپاق ساقاللىق تاغ سۈپەت مويسىپىت كەم بولمايدۇ، مويسىپىت تېكىستنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ، بەلكى خۇددى بىر خىل ئىلاھى روھتەك يىراقتىن كۆز تاشلاپ تۇرىدۇ. ساڭا مۇھەببەتلىك نەزەردە قارايدۇ، خاتالاشساڭ مەيۈسلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ھايا قىلىپ، ئەيمىنىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىسەن. يولۇڭ توغرىلانسا، رازى بولۇپ ئاپئاق ساقاللىرىنى سىلىغىنىچە باش لىڭشىتىدۇ، ئۆزۈڭچە خۇش بولۇپ قالىسەن... ئۇ شېئىرىي دېتاللارنى تۇرمۇشتىن ئالىدۇ، چوڭقۇر قازىدۇ. پىكىر يۈرگۈزگەندە ئەڭ ئاۋۋال تارىخقا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك شەخس ۋە دېتاللاردىن ھېكمەت ئىزدەپ، بىرنەچچە مىسرادىلا ناھايىتى كەڭ پىكىر بوشلۇقى زېمىنى ھازىرلىۋالىدۇ. ئوقۇرمەن شېئىرنىڭ بېشىدىلا ئاپتور بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ تېزلا رىتىم بىرلىكى ۋە پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىۋالىدۇ، تەسەۋۋۇرى ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا موكىدەك قاتراپ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ، شېئىرىي مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ، شېئىرىي مەقسەت ئۈچۈن ئۈزۈكسىز بەدىئىي زېمىن ھازىرلايدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇرمەن بىردە پىچقا تاشلانغان رودىدەك ئېرىپ سۇ كەبى ئاقسا، بىردە قەھرىتاندا كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بىتەلەيدەك ئەندىكىدۇ. كاللىسى تىنىمسىز پىكىر قىلىدۇ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا پاسسىپ ھالدىكى قوبۇل قىلغۇچىدىن ئاكتىپ ھالدىكى ئىجاد قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.
تارىم
خىيال قىلغاندەك، چۈش كۆرگەندەك،
كېچىپ بولدۇم ئېقىنىڭنى بىردەمدىلا.
يىغلاپ سالدىم بويۇڭدا يۇم يۇم،
مودىلىڭمۇ بۇ،
يۈز يىل ئىلگىرى ياساپ قويغان؟
تارىم ساھىلى ـ «تارىم مەدەنىيىتى»نىڭ بۆشۈكى ۋە خورۇماس بۇلىقى بولۇپ، يۇرت مېھرى قەلبىنى ئىللىتقان ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇ دەريانىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئاڭلىغان ھامان يۈرىكى جىغىلدىماي قالمايدۇ. ئاپتور شېئىردا بىزنى تېكىستتە ئەمەس، «تارىم» دېگەن سەرلەۋھىنىڭ ئۆزىدىلا ئانا دەريانىڭ مۈرۈۋەتلىك باغرىغا، شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئوقۇرمەن ھاياجانلىنىدۇ، ئاپتورغا ئەگىشىپ، «تارىم قوۋۇقى»دىن مەغرۇر كىرىپ كېلىدۇ. كىرىپلا تۇرۇپ قالىدۇ، مەستخۇشلۇقتىن يېشىلىپ، ئەتراپقا سوئال نەزىرىدە ئەيمىنىپ قارايدۇ: «مەن» نېمىگە يۇم-يۇم يىغلايدۇ؟ بۇ سوئال ئوقۇرمەننى ئوبدانلا ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ.
رەڭسىز سەن تاش قوراللار دەۋرىدىكى سۈرەتتەك،
يۇيۇلۇپ كەتتىڭ قايسى كەلكۈندە؟
ئاۋاقسەن، جىمجىتسەن مەن كەبى،
ساۋقۇنۇڭ ئاڭلانماس چاقماقتەك ئۈندە.
ئوقۇرمەن تېخىمۇ گاڭگىرايدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ يېشىللىق-ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئانا دەريانىڭ «رەڭسىز سۈرەتتەك» تاتىراڭغۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
يېرىلغان تاشلاندۇق تاۋاقسەن،
يۇندىلار يىقىلار ساڭا ئوڭدىلا.
يەردىكى ئەڭ ئەرزان قاۋاقسەن،
قەي قىلار زاۋۇتلار بوسۇغاڭدىلا.
ھەممە تېزلا ئايدىڭلىشىدۇ. گاڭگىراش ھەسرەتكە ئورۇن بوشىتىدۇ، ئېغىر تىنىشلار باشلىنىدۇ. ئادىمىيلىك ئېڭى ئويغىنىپ، ھەر تەرەپكە باراقسانلايدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئەقلىي ئىزدىنىشلىرىمىزگە يېڭى يول ئېچىلىدۇ. ئۇ يول دەل ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشتۇر!
باشلىدىم شېئىرىمنى ئېقىنىڭغا،
قوپارسەن ئۇندىن،
سۆيگۈدەك، مۇقامدەك، كىتابتەك...
ئوقۇرمەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يەنە ئۈمىدلىنىدۇ. ئانا ۋەتەنگە، ئۇنىڭ غول تومۇرى بولغان ئانا دەرياغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ئەقلىي تۈس ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىدۇ. دېمەك، بۇ شېئىر ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن رېئاللىققا زىچ باغلانغان تارىخىيلىقى بىلەن ئۆز سەھىپىسىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ مەزمۇننى جۇلالاندۇرۇپ، ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شېئىرنى ۋەتەن ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئېپىكا دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتورنىڭ «تارىم»، «قەشقەردە دوغاپ ئىچىش»، «كىملىك»، «تۇنيوقۇق»، «مەڭگۈتاش»، «قەبرىدىكى پالۋان»، «قۇمۇل تاغلىرى»، «سايرامدىن ئۆتكەندە»، «دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۆگە»، «بۈگۈن توپا ياغدى»، «ئاغرىنىش»، «نادان يېدى سېنىڭ بېشىڭنى»، «مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتە»، «ئەسلىگەندە قەشقەرنى»، «جۈپ ھەيكەل»، «موللا بىلال»، «لوپ قوشۇقى ئېيتىدۇ بوۋاي»، «سەپەر، مەھمۇد كاشغەرىي، مەن»، «رىزۋانگۈل»، «ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا تۇردۇم ھېيتگاھتەك»، «كىرورەن» قاتارلىق ئاساسلىق شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى روشەن ھېس قىلىش مۇمكىن.
2. مىللىيلىك. مىللىيلىك مىللىي ئەدەبىياتنىڭ جېنى، دۇنياۋىلىقنىڭ ئاساسى. مىللىيلىككە سەل قارىغان يازغۇچى-شائىرلار ھەقىقىي مەنىدىكى يازغۇچى ئەمەس، بەلكى تەقلىدچىلەردۇر. مىللىيلىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقچىللىقنىڭ ئاساسىدۇر. زامانىۋىلىقنى باھانە قىلىپ، مىللىيلىكنى چەتكە قېقىش ياكى ئۇنىڭدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەقىللىك يازارمەننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن بۇ نۇقتىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىق تونۇپ يەتكەن شائىر بولۇپ، ئىجادىيىتىدە مىللىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. ئۆز نۆۋىتىدە تارىخىيلىق بىلەن مۇستەھكەم جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ ۋە جۇلالاندۇرۇپ، يىمىرىلمەس بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭ پايانىدا زامانىۋىلىق ئالۋۇنىدا بۇقسىغان تالاي يوقىتىشلار سوئال بەلگىسى شەكلىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ.
ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى مىللىيلىك ئالدى بىلەن مىللىي ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد ئامىللىرىنى قېزىش ۋە ئۇنى جايىدا ئىپادىلەشتە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئوردا ئالدى...
ئوردا ئالدى ئەمەس ھازىر ئۇ
خام بازىرى، تۇماق بازىرى.
چىقىپ كېلەر ئۇندىن
مىڭ يىل كېيىنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئەمەستۇر قولىدىكى «قۇتادغۇبىلىك»
بۈگۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي
تىراژ غېمىدە بەللىرى ئېگىك.
شاھانە شەربەتلەر كەچكەن ئوردىدىن
رەستىلەر قېرىغان يەڭگۈشلەپ ئېگىن.
............
جىگدە يېلىمى سېتىپ ئولتۇرغان موماي،
يۈزىنى تارىختەك قورۇق قاپلىغان.
دوغاپ ئىچەر دوغاپ بىلەن تەڭ،
كىرىپ كېتەر مېڭىسىگە غەم.
مورىسىدىن ئەمەس،
سۈتىدەك ئاپئاق چاچلىرىدىن
لەيلەيدۇ ئىس بولۇپ بىر ئۆيلۈك پىغان.
«قەشقەردە دوغاپ ئىچىش»تىن
يۇقىرىقى مىسرالاردىكى «ئوردا ئالدى»، «خام بازىرى»، «تۇماق بازىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «قۇتادغۇبىلىك»، «مەھمۇد كاشغەرىي»، «جىگدە يېلىمى»، «دوغاپ»، «مورا» قاتارلىق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى مىللىي مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس بەلگۈلەر بولۇپ، جايىدا ئىشلىتىلگەن بۇ بەلگىلەر ئەسەرگە كۈچلۈك مىللىيلىك ئاتا قىلغان، ئۆز نۆۋىتىدە ئەسەرنىڭ ئېستېتىك كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئېسىل شېئىرنىڭ ئېستېتىك كۈچى دەل بالقىپ تۇرغان مىللىيلىكتىن كەلگەن.
ئۇندىن قالسا، ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى مىللىي ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد ئامىللىرى يەككە يېگانە ئىپادىلەنمەستىن، مىللەتنىڭ خاس روھى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىپ، سۇغا سۇ قېتىلغاندەك قېتىلىپ، ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ جانلىق ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
مىڭ يىل ئاۋۋالقى قەبىلىلەردەك،
غۇژمەك-غۇژمەك ئۈزۈم، مۇناقى.
يېيىپ تەلەڭگىدە نەچچە كۆكاشتى،
چېچىلغان پۇرچاقتەك ئولتۇرار موماي.
............
ئەركەكلىكنى مىڭ يەردىن ساۋاب،
ھۆل يۇلغۇنغا سانجىلغان كاۋاپ،
شورپىلىرى چوغنى يالقۇنداپ،
ئاشىقنىڭ يۈرىكىدەك تۇرار پىلىلداپ.
غالتەكلىك ھارۋىدا مۈگدىگىنىچە،
دەردمەننىڭ چېھرىدەك تاتارغان كىتاب،
ئۇندا چاپچىپ تۇرغان ماگمىدەك تىلەك،
ئېتىلار يۈرىكىڭگە ئوقتەك ۋىژىلداپ.
«كورلىدىكى دۆڭكۆۋرۈك»تىن
ساداقەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ،
بۈدرە چاچ قىزلارغا قارار نۇزۇگۇم.
ئويىدا يۈز يىلغا يېقىن قان ھىدى...
تونۇپ بولماس تالاي نەرسىنى،
تارىخچى قېرىغان، تارىخ قېرىغان.
«قەشقەردە دوغاپ ئىچىش»تىن
ھەر ئىككى شېئىردا تەسۋىرلەنگىنى قايناق بازار، كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدىغىنى تۇرمۇش رېئاللىقى. ئاپتور شېئىردا تىلنىڭ كېڭىيىشچانلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەربىر مىسراغا جان ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئىماگ تىرىك جاندەك ھەرىكەتكە كېلىدۇ. مىسرالار تومۇرغا ئايلىنىدۇ، ھەر بىر تومۇردا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇر قېنى!
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللىيلىك ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن شېئىرلىرىنىڭ غول تومۇرىدۇر.
3. بوشلۇق. شائىر-ۋائىز ئەمەس، نەسىھەتچى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىجادكاردۇر. شېئىرىي پىكىرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاق ئەكس ئەتتۈرۈش شېئىرنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئوقۇرمەننى پاسسىپ ھالدىكى قوبۇل قىلغۇچى ئورنىدا كۆرۈپ ھەممىنى ئېزىپ ئىچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، ھەدېگەندە مەمەدانلىق قىلىش ئەقىللىك شائىرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەننىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە چۈشەنچىسى ۋە تۇتقان يولى بار. ئۇ بولسىمۇ: ئوقۇرمەننى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ئورنىغىلا ئەمەس، سۇبيېكتىپ رولىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇسۇلنى ئۆزىلا ئوينىماي باشقىلارنىمۇ ئويناشقا تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل كەڭ قورساقلىق روھى ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزگىچە سالاپەت بېغىشلىغان:
ئوڭ كەلمىگەن تەلەيدەك،
قاغجىرىغان ئورداڭ يوللىرىڭ.
پۇتلىرىڭنى چىلاپ دەرياغا،
ئولتۇرۇپسەن ئارالدا ئۇسسۇز،
يۈرىكىدەك غېرىب شائىرنىڭ.
«يارغول»دىن
تاغ كەينىدە سەن ياشىغان ئۆي،
باغ كەينىدە مەن ساقلىغان ئۆي.
ئارىمىزدا ئۆركەشلىمەكتە،
سەن ياسىغان، مەن ياسىغان كۈي.
«تاغ كەينىدىكى قىز» دىن
نېمە ئۇ مىلادىيە، ھىجرىيە دېگەن،
نۆلدىن باشلىنىدۇ بىزنىڭ يىلىمىز.
«تۇغۇلغان كۈن» دىن
سۆيگۈ كۆرسىتىدۇ دۇنيانى گۈلدەك...
سۆيگۈ كۆرسىتىدۇ دۇنيانى كۈلدەك...
«قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» دىن
كەلمەكتە ئوتتۇز ياشلىق ئاياللار،
كەلمەكتە قىيام بولغان بىر قۇتا ھۇزۇر.
كۆڭۈل ئۇۋىسىدىن ئەركەكلەرنىڭ،
ئۇچۇپ چىقماقتا باچكىلار پۇر-پۇر.
«ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار»دىن
ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان تالاي شېئىرلارنىڭ تەسىرى چېكىت قويۇلغان ھامان ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسىرى چېكىت قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ.
4. سەمىمىيلىك. قانداق يازغۇچى (شائىر) بولسا، شۇنداق ئەسەر چىقىدۇ. سەمىمىيلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس، شېئىر ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن شېئىرلىرى قىزغىنلىق ۋە ئەقلىي ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ماتورى سەمىمىيلىكتۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى سەمىمىيلىك ئالدى بىلەن ھېسسىياتنىڭ چىن ۋە سەبىىيلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق. راست گەپ سەل ئاچچىقراق بىلىنگىنى بىلەن يەنىلا ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. شېئىردىمۇ شۇنداق. شائىرنىڭ ۋەزىپىسى تۇرمۇشنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ماھىيىتىنى، ھەقىقىتىنى كۆرسىتىشكە يىپ ئۈچى بولۇشتۇر.
بولساڭلارمۇ شۇ قەدىر ئوماق،
ئەرزىگۈدەك ھامان سۆيۈشكە؛
بىلىسىلەر سەرەڭگە تېلى،
يېتەر پەقەت بىر رەت كۆيۈشكە.
«زورلىماڭلار مېنى گۇناھقا»دىن
بۇ شېئىردا پۇت-قولى ساق، ھوش كاللىسى جايىدا، ھەممىگە قىزىقىش نەزىرىدە قارايدىغان تەلەپچان ئەركەك (تەبىئىي ئادەم) بىلەن تۇرمۇشتا پىشقان، ئىنسانىي كامالەتتە يۈكسەلگەن ۋاپادار ئەر (ئىجتىمائىي ئادەم) نىڭ (ئەمەلىيەتتە ئىككىسى بىر ئادەم) ئادەم بولغاندىن كېيىنكى چىن ھېسسىياتى پەردازلانماستىن سەمىمىي ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغان كىشىدە بىر خىل سۆيۈنۈش، قايىللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. چاتما تەسىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئادىمىيلىك، جۈملىدىن ئەرلىك پەزىلەتلىرى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا، ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى سەمىمىيلىك يەنە دادىللىقتا، ئوچۇق-يورۇقلۇقتا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ھەممىدە ھېسسىيات دولقۇنىغا ئەگىشىدۇ، ئۆزىنى، يەنى لىرىك ئوبراز «مەن»نى قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇپ، ئالىيجانابلاشتۇرۇپ تاختا پەرىگە چىقىرىپ قويمايدۇ، بەلكى گۆشى ۋە قېنى بار، ھېسسىياتى ۋە جېنى بار تىرىك ئادەم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئەقىدە ۋە ۋاپادارلىق بابىدا «سايىماخۇن» ئاتىلىپ قېلىشتىن قورقمايدۇ. باھانى ئوقۇرمەن بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ئايالى ۋە دوستلىرى تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۇ قارىشىمغا دەلىل بولالايدۇ.
ئومۇمەن، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن شېئىرلىرى مىللىي ئەدەبىيات قەسرىدە ئېچىلغان ئۆزگىچە گۈل بولۇپ، سۈلكىتى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە شائىرنىڭ ئىجادىيىتىمۇ قىسمەن نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس: ئاساسلىقى بىر قىسىم شېئىرلىرىدا قالدۇرۇلغان بوشلۇق بەك كەڭ بولۇپ ئاتلاپ ئۆتۈش تەس. ئىشلەتكەن بەزى سۆزلىرىدە شېئىرى پۇراق كەمچىل (ئىشلەتكىنى ئەمەلىيەتتە شېئىر تىلى ئەمەس)، مەنتىقىگە (شېئىرىيەت مەنتىقىسىگىمۇ) چۈشمەيدۇ، يەنە بەزى شېئىرلىرىدا مىسرالارنىڭ ئىچكى رىتىمدارلىقى ئوبدانلا ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغاندا چىگىت چاقىدۇ، شېئىرىي تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدۇ، ۋەھاكازالار. بۇلار ماقالىمىزنىڭ تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، تەپسىلىي توختالمايمىز.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


                  论诗人吾买尔•穆罕穆德衣明的诗歌创作风格

                                   
                                           艾尼瓦尔•吾守尔

摘  要:吾买尔•穆罕穆德衣明是维吾尔新时期文学阶段涌现出的有名诗人,他在32年的诗歌创作过程中,严格要求自己深入思考,通过不断努力创造了自己的诗歌风格,赢得了了读者的喜爱和尊重。本论科学地阐述了诗人吾买尔•穆罕穆德衣明的创作之路,探究其诗歌创作的主要风


关键词:吾买尔•穆罕穆德衣明;诗歌创作;艺术风格













            

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 5793
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 23039
تۆھپە : 10
توردا: 2461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 19:13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     بۇ ماقالىنى بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان دوستلىرىم، مېنى كەچۈرۈڭلار. «ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىم يالغانچى» بولۇپ قالدى. راست گەپنى قىلسام ۋاقىت چىقىرالماي مۇشۇ يەرگە كەلدى. بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلاردا بولدى. كەڭ-كۇشادە ھۇزۇرلانغايسىزلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 09:24  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 675
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 22:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە تەشەككۈر!  بۇ ئۆمەرمۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى چۈشۈنىشتە ئەھمىيەتكە ئىگە ماقالىكەن.مەن ساقلىۋالدىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5362
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 807
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 23:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سېلىگە، كروران ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان بولدى...

www.uypoem.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  883
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 408
تۆھپە : 2
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 20:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىروران ئاكىنىڭ بەدئىي ئۇسلۇبىغا ئوبىكتىپ باھا بېرىلىپتۇ... ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3009
تۆھپە : 0
توردا: 294
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 20:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىسى ناھايىتى ياخشى، چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ.

قۇربان قىلىپ ئەزىز تېنىنى،
يۇرۇقىنى بەردى بىزگە شام.
چۆرۈۋەتتۇق پەگاغا ئەپسۇس،
ئېلىكتىرگە ئىرىشكەن ئاخشام.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1124
تۆھپە : 0
توردا: 213
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 10:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، سالامەت تۇرىۋاتماسىز؟ مەن ئۆزىڭىز ھەم ئائىلىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىغا تىلەكداشمەن!
ئەنۋەرنىڭ مەزكۇر تۇنۇشتۇرۇش ماقالىسىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئازراق قىسارتىۋەتتىڭىزمۇ ياكى بېرى - يوقى مۇشۇ يوللانمىمۇ؟ بىر ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتىم بىلەن ناۋادا مەزكۇر يوللانما قىسقارتىلغان بولسا، مېنىچە تېما نەزەردىن ساقىت قىلىنىپتۇ. يەنە ناۋادا بېرى - يوقى مۇشۇ ئارگىنال بولسا، ئەنۋەرنىڭ نۆۋەتتىكى تەپەككۇرى گۇمانلىق. تېخىمۇ ئىنچىكە ئېيتسام، ئەنۋەرنىڭ ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورەننىڭ شېئىرلىرىغا ئىچكىرلىشى ئۇنىڭ ( ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنى كرورەننىڭ ) شېئىرلىرىنىڭ تاشقى پوستىدا تۇرۇپ قېلىش بوپتۇ. ماۋزۇ بىلەن تېكىست دېگۈدەك ماسلاشمىغان. ماقالىنىڭ بىرىنچى ئابزاسى تەھرىردىن رەھىمسىزلىك كۈتىۋېتىپتۇ. يەنە كېلىپ ئەنۋەر يۇرۇتماقچى بولغان تۆت نوقتا تەسىرات باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغىنىچە، ئىچكىرلەشكە يوچۇق تاپالماپتۇ. ناۋادا كرورەننىڭ بەدىئى ئۇسلوبى مەزكۇر تۆت نوقتىدا كۆرسۈتۈلگەندەك بولسا، چۇقۇم ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىنغان بولىدۇ.
يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا، ئەنۋەر مۇھەممەت پولاتنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلالماپتۇ. مۇھەممەت پولات 20- ئەسىرنىڭ 80، 90- يىللىرىدا ئۆزىنىڭ دەۋرىنى ياراتقان تەسىراتچىلىقنىڭ بىز بېشىمىزدا كۆتۈرگىدەك ئۈلگىسى! ئەمما، ئۇ 21- ئەسىر ئۇيغۇر ئەددەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارالسا، ئەدەبىي تەنقىد تارىخمىز ئۈچۈن تۇرغۇنلىقتىن ياكى چېكىنىشتىن باشقا ئۇچۇر بەرمەيدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىزىغا سەكرىدى، دېيىش ئەدەبىي تەنقىد تارىخمىزدىكى يېڭىچە تەنقىد خۇراپاتلىقى! مۇھەممەت پولاتلار نېمىلا دېگەن بىلەن يول كۆرسۈتۈپ بەرگۈچى سالاھىيىتىدە بىزنىڭ قەدىردانلىرىمىز بولۇشقا ھەقلىق! ئەمما، ھازىرىمىزغا نىسپەتەن يەنىلا ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولىدىغان بولسا، مۇنداق ئىككى مەغلۇبىيەت ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. بىرى مۇھەممەت پولاتلار كەلگۈسىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن. يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تىلغا ئالغۇدەك تەنقىد ئاساسى، تەنقىد راۋاجى، تەنقىدنى يېڭى تەپەككۇرغا يۈزلەندۈرىدىغان ۋارىسى بولمىغان بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات تەنقىدىنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن تەسىراتچىلىقتا تۇرۇپ قېلىشى ماھىيەتتىن قارىغاندا، شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ بېكىنمىچىلىكتىن باشقا مۇئەييەنلەشكەن كۆرنۈشى ئەمەس. ئەدەبىيات رەستىسىدىكى يورۇق كۆزلەر بىلەن قاراڭغۇ كۆزلەر چوقۇم مەسىلىگە يۈزلىنىشىنى ئەدەبىيات سۆيگۈسى دەيدىغان ۋاقتىنىڭ ئكتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇشى تولىمۇ زۆرۈر!
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ئامان بولۇڭ ھەم ئەنۋەرگە مەندىن سالام!  





شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 611
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2026
تۆھپە : 1
توردا: 638
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!

يازغۇچى ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئۇئۈزىنىڭ مۈلكى بولسا،يېزىپ بولۇنغاندىن كىيىن مىللەتنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1124
تۆھپە : 0
توردا: 213
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم،
رەھمەتلىك ئوسمانجان ساۋۇت: « شېئىر تەنقىدچىلىكى شائىرلارلا ئېلىپ بارىدىغان ئىلمىي پائالىيەت » دېگەن ئىدى. مەن رەھمەتلىك ئوسمانجان ساۋۇت ئاكامنىڭ مۇشۇ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىۋاتقىلى كەم دېگەندە، 15 يىلدىن ئاشتى. قانچە ئويلىسام شۇنچە قاراڭغۇ بولىدىغان بۇ جۈملە ئەمەلىيەتتە شېئىر تەنقىدچىلىكىنىڭ شائىرلارلا ماڭىدىغان يولى ئىدى، ئەپسۇس... ئەنۋەرنىڭ ماقالىسىدىكى كەمتۈكلىكنىڭ چوقۇم رەھمەتلىك ئوسمانجان ساۋات ئاكىمىزنىڭ ئېيتقىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دېيەلمەيمىز. چوقۇمكى، شائىرلارلا شېئىرنىڭ قىچىقىنى بىلىشى مۇمكىن. شائىر بولمىغانلار شېئىرنىڭ قىچىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. شائىر بولالمايدىغانلار  شېئىرنىڭ قىچىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىشى مۇمكىن. يۇقارقى بۇ ئۈچ مۇمكىنچىلىك توغرىسىدا سەمىمىي، ئىنچىكە ئويلىنىش ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ھەرگىز زىيانلىق ئەمەس.
مەن يازغۇچىلار تورىدىكى مەيلى قاراڭغۇ ئىنكاسچىلار بولسۇن ۋە مەيلى يورۇق ئىنكاسچىلار بولسۇن، ئىشى قىلىپ ئەدەبىياتقا خۇمارى بارلارغا مۇنداق بىر مۇنازىرە تېمىسى تاشلىماقچىمەن. قورقماي، دادىل پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. ئەدەبىياتىمىزدا ياراملىق تەنقىدچى دەپ قارىلىۋاتقان يالقۇن روزىنىڭ شېئىريىتىمىزنىڭ ئىچ- قارنىنى بارچىمىز قايىل بولغۇدەك ئوپىراتسىيە قىلغان قايسى ماقالىسىنى مىسالغا ئالالايسىز؟ قورقاماي ئويلىنىڭ، يالقۇن روزى بىلەن زامانىمىزدا يېتىلىۋاتقان ياش پەيلاسۇپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرىيەت تەتقىقاتىدىكى ئورنىدا قايسى يۇقۇرى؟
2. يەنە ئويلىنىڭ، يۇقارقى سۈپەتكە ئىگە يالقۇن روزى بىلەن ئەدىب، تەرجىمان پەرھات ئىلىياسنىڭ شېئىرىيەت تەتقىقاتىدىكى ئورنىدا كىمنىڭ ئەمگىكى شەرەپلىك؟
مەن يەنە ئىككى ئادەمنى مىسالغا ئالماقچى ئىدىم، مەزكۇر مۇنازىرە پىلتىسىنىڭ ئۆمرىنى ئويلاپ، يەنە مېنىڭ مەزكۇر تور بەتتىكى پىكىر دائىرەمنى نەزەرگە ئېلىپ ئۇنداق قىلمىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 11:18  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 5793
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 23039
تۆھپە : 10
توردا: 2461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 13:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurbag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 10:44
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، سالامەت تۇرىۋاتماسىز؟ مەن ئۆزىڭ ...




          ئىنىم شاھىپ، سىزنىڭ ئىسمىمغا «مۇئەللىم» سۆزىنى قوشۇپ سۆزلىشىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ۋە سۆيۈنىمەن، گەرچە سىزگە دەرسكە كىرمىگەن بولساممۇ، ھەر قانداق يەردە ئاشۇ سۆزنى قىستۇرۇشنى ئۇنتۇمىغانلىقىڭىز  ئۈچۈن، سىزدىن مىننەتدارمەن. رەھمەت!
       سىزنىڭمۇ ئائىلە تاباباتلىرىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن.
       ئەنۋەر ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرى ئىچىدە ئالدىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ۋە نۇرغۇن سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلغان ۋە قىلىۋاتقان، كۆپ قىرلىق ياش ۋە تالانتلىق قەلەم ساھىبى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ياش پەرقىمىزنىڭ چوڭ بولىشىغا باقماي يىللاردىن بېرى ئەل-ئاغىنە بولۇپ، ئولتۇرۇش-قوپۇشتا بىرگە بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمەن...
        سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنىڭمۇ ئاساسىي بولىشى مۇمكىن. ژۇرنىلىمىزنىڭ 4- ساندا (ئوبزور باسىدىغان ژۇرنال بولمىسىمۇ) 4 پارچە ئوبزور بەردىم. مەن ئاشۇ ئوبزورلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ... دەپ قارايمەن.
        «ئەگەر خالىسىڭىز يا ماقالە يازسىڭىز، ياكى تېلېفون نومۇرى بىلەن تەمىنلىسەم ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ باقسىڭىز » دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن.
         تېنىڭىزنىڭ ساق، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 633
تۆھپە : 0
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 15:38:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى يا شېئىرغا قىزىقمايدۇ ياكى شائىرنى. مەمتىلى ئەپەندىدەك بولىشى كېرەك دەپ قارىغاچقا شېئىر ھەققىدە ئوبزۇر يازمىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىندا ئەسلىدىنلا شېئىرغا مۇھەببەت بار بولغاچقا پەلسەپە ياكى ئىجتىمائىيلىققا شائىرچە ئاڭ بىلەن قەدەم تاشلاپ باققان بولسىمو يەنىلا شېئىرىيەتتىكى. ئەمگەكلىرى ئۈستۈنلىككە ...قاراشلىرى قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىدى.
ئىككىنچى گېپىڭىزدە پەرھات ئىلياسنى دەپسىز...بۇ ھەقتە بۇ ئادەم سەمىمىي ھەم شېئىرنىڭ ئادىمى. كۆپ بىلىملىك.

ئۇلار سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدۇ.
                                                       ___ جامىس بالدۋىن

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12895
تۆھپە : 6
توردا: 1617
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 20:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11308
تۆھپە : 0
توردا: 1119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 11:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت، يازغۇچىغا  كۆپ رەخمەت ،ئابدۇرېھىم  ئۇستاز ئامان بۇلۇڭ!

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 5793
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 23039
تۆھپە : 10
توردا: 2461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 16:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 22:22
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە تەشەككۈر!  بۇ ئۆمەرمۇھەممەتئىمى ...





         ساقلىۋالغىنىڭىزغا خۇشمەن، لۇشۈن: «دۇنيادا يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان» دەيدۇ. سىلەر ياشلار مانا مۇشۇنداق ماقالىلارنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ پىشىپ يېتىلىسىلەر... كۆپرەك ئوقۇڭ، ئالاھىدىلىكلەرنى يەكۈنلەڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 16:25  


قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6770
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5656
تۆھپە : 0
توردا: 542
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:38:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 16:24
ساقلىۋالغىنىڭىزغا خۇشمەن، لۇشۈن: «دۇنيادا يول  ...

                   مەندىنمۇ  ئىككى  كەلىمە :
  مۇئامىلە  - مۇلاھىزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ،قەلەمكەشلەر-مۇئامىلىدارلاردۇر .
مۇلاھىزەم : قەلەمكەشلەر ئاساسەن ، ئۇچ  قاتلام ئىچىدە  بولىدۇ .
     1. ماھارەتلىق پىداكار  ئەدىب - ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەسىرلەر بويى ئۆچمەيدۇ ،نام- شەرىپىمۇ ئۆلمەستۇر .
     2.ماھارەتلىك شۆھرەتپەرەس  قەلەمكەش - ئۇ ،سان قوغلۇشۇپ يازىدۇكى  ئۆز ئەسەرلىرىگىمۇ
ئىگە بولالمايدۇ .
     3.ماھارەتلىك ھەۋەسكار  قەلەمكەش - ئۇ ، 12 ئاينى ئالا  قويمايدۇ ، تېما توشىمايدىغان مەڭگۈلۈك ھەۋەسكاردۇر .

ئوماق سەبىلەرگە ئۇزلۇكسىز قان بېرىۋاتقان،ئەقىللىق،ئوماق سىڭلىم ئاينۇرەگە ئوتلۇق سالام.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش