بۈگۈن كېچە
بۈگۈن كېچە قار ياغىدۇ قار،
سەبىيلەرنىڭ كۈلكىسىدەك ئاق.
چىڭ ئېتىپ قوي يانچۇقلىرىڭنى،
قاردەك ئۇچۇپ كىرمىسۇن باغاق.
بۈگۈن كېچە قار ياغىدۇ قار،
ئۇزۇن يىللىق ئەقىيدىدەك پاك.
سۆيگىنىڭگە ئېتىپ سالما قار،
يۈرىكىگە چاك كېتىدۇ چاك.
بۈگۈن كېچە قار ياغىدۇ قار،
ئانىلارنىڭ قەلبىدەكلا ئاق.
دېرىلدەيدۇ كاماردا ھوقۇش،
مەيپۇرۇش قىز قولىدەك سوغاق.
بۈگۈن كېچە قار ياغىدۇ قار،
سەبىيلەرنىڭ كۈلكىسىدەك ئاق.
دەسسەپ سالما قاردەك يۈرەكنى،
مۇزلىمىسۇن چىن سۆيگۈ بىۋاق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 16:11
|