يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 552|ئىنكاس: 9

م.م.نەزەر: ئانارگۈل (داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-20 22:22:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئانارگۈل
( داستان )

                                                                   مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر



1
ئانارگۈلۈم ، ئانارنىڭ گۈلى،
ئارمانلىرىم شاخلىرىدا سەن.
كېتەلمەس ھەم ھورغا ئايلىنىپ،
ئوتۇڭ بىلەن لاۋۇلدىغان مەن.

كۆردۈم سېنى گۈلزارلىق ئارا،
كۆزۈڭ ئوتلۇق ، كىرپىكىڭ قارا.
چاچار ئىكەن توختىماي لاۋا،
شۇندىن بۇيان يۈرىكىم يارا،
تاپالمىدىم ھېچقانداق داۋا.

پۇراپ كۆردۈم تۈرلۈك گۈللەرنى،
رەيھانگۈلنى ، سېرىنگۈللەرنى.
شېكەر لەۋلىك ھەم ئەنجۈر تەملىك،
بۇيى ئەنبەر شېرىن گۈللەرنى.
ئوخشىمىدى يەتمىدى ساڭا،
ئۆزۈڭ سۇلتان چىمەنىستاندا.

2
كەلدىم يەڭگىل قەدىمىم بىلەن،
سەن تۇرۇپسەن يۇمران ھەم تېمەن.
سېنىڭ بىلەن تۇرۇپتۇ ھىدلىق،
سەن بوي تارتقان ماكانىڭ–چىمەن.

كەلدىم سالماق قەدىمىم بىلەن،
سەن تۇرۇپسەن پارلاپ قۇياشتەك.
قاماشتۇردى كۆزۈمنى نۇرۇڭ،
ئېرىپ كەتتىم گويا سىمابتەك.

كەلدىم ئېغىر قەدىمىم بىلەن،
يىلتىزىڭدا تامچە–تامچە قان.
قىسىپ بوپتۇ سېنى قۇلاققا،
ئادەم ئاتلىق ياشقىنا شەيتان.
غورۇرۇمنى كىم قىلدى پايخان؟
ئېرەمباغنىڭ ھاۋاسى تۇتۇق،
ئەمدى زەڭگەر ئاسمان قارايغان.
ھەسەت ئاتلىق ئەمسىز كېسەلدەك،
كەڭرى جاھان بىردىن تارايغان.

كوچىلاردا ئادەملەر يۈرەر،
تونۇمايدۇ ھېچكىمنى ھېچكىم.
بىر يەرلەردە جىمجىتلا ئۆلەر،
ئانارگۈلۈم بەلكى مىڭ قېتىم.
كىرىپ كېلەر چۈشۈمگە چوقۇم،
مەن تۇنجى رەت كۆرگەن قىز پېتىم.

مەن تۇنجى رەت كۆرگەن قىز پېتىم،
كۆرسەم تەكرار ئانارگۈلۈمنى.
يۇتۇپ يۈرمەس ئىدىم بۇنچىلا،
ھەسرىتىمدەك ئاچچىق تۈتۈننى.
كۆكتىن چۈشكەن باھار يامغۇرى،
سۇغارغاندەك يېشىل زىمىنن .
سۇغىراتتىم ئېرىشسەم ساڭا،
ئابىھايات قىلىپ جېنىمنى،
بېرىپ يەنە پۈتۈن مېھرىمنى.

ئانارگۈلۈم، ئانارنىڭ گۈلى،
ئېچىلدىڭمۇ ھىلىھەم يەنە
ئەتىرگۈلدەك، كۈندە باھاردەك،
بەختى شورلۇق، قارا شەھەردە؟
بىلەلمىدىم، ئاققۇزدىڭمۇ ياش،
ئۇيقۇلۇقتا ياكى سەھەردە؟
تىلەپ ساڭا ياخشى تىلەكنى،
قارار قىلدىم يىراق كەتمەكنى.
كەتمىسەم گەر قۇرۇيمەن چوقۇم،
ئەگەشكەنچە يىپسىز لەگلەكنى.

3
پۇرىماقتا پۇراقسىز پۇراق،
چەكسىزلىكنىڭ يىراق چېتىدە.
چاراقلايدۇ بىر يۇلتۇز ئوماق،
غېرىپسىنغان كۆڭلۈم بېتىدە.
قول سۇنۇشقا جۈرئەت كەم بىراق،
دەرت جىلمىيار يارنىڭ خېتىدە.
قۇرىمايدۇ زادى نىچۈن ياش؟!
تەشتەكتىكى گۈلنىڭ كۆزىدە.
سۈرتەلمىسەم ئۇنىڭ يېشىنى،
تىرىك تۇرۇپ ئۆلدى دېگەن شۇ
نەق ھازىرقى چاغنىڭ ئۆزىدە!

ۋاقىت ھايات ، ۋاقىت دېگەن سۇ،
ئالدىراڭغۇ ، ئوقتەك ئۆتەر ئۇ.
يىگىرمىدىن ئەمدى ھالقىدىڭ،
يېنىڭدىكى چوقۇم شەيتان شۇ.
ئەركىلەيدۇ بىر گۆدەك غەمسىز،
شەيتان جىملەر:«جىم تۇرغىن، كەپسىز».

سەن ئانارگۈل دېنىڭمۇ تاتلىق،
ئۆزۈڭ تاتلىق، نېنىڭمۇ تاتلىق.
بىزار بولساڭ ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭ،
بىراق ماڭا جېنىڭمۇ تاتلىق.
تاتلىقلىقىڭ، نەچچە يىل بولدى،
ئاتا قىلدى ئازابنى ئاچچىق.

4
ئەتكەس سودا قىزار دالدىدا،
ئاپئاق گۈگۈم چۈشۈش ئالدىدا.
ئانارگۈللۈك كۆڭلەك كىيگەن قىز،
ئۆتۈپ كەتتى يۈگۈرگەنچە تېز.

سالام دۇنيا، سالام ئانارگۈل،
سالام ۋاقىت، سالام كېۋەزلىك!
تەشتەكتىكى گۈلنىڭ كۆزىدىن،
ئاقار نىچۈن يېشى داۋاملىق؟
چانىقىغا تولۇپ لىقمۇ–لىق.
ئايان ماڭا ھەممىسى لېكىن،
دېيەلمەيمەن سەۋەبنى ئېنىق.
ئانارگۈلى قىزارماس چوقۇم،
بويىساڭمۇ بوياقتا قېنىق.
ئۇخلىساممۇ دەرەخ ئۇچىدا،
بىلىنىدۇ ماڭا يەنىلا
ئانارگۈلى پۇراقلىق تىنىق.

5
ئىنسان ئۆلەر پەقەت بىر قېتىم،
گاھىلارغا كېلەر نەچچە رەت.
ئوچۇق قويما ئىشىكنى يوغان،
ئەي ياش يىگىت، ئۇنى مەھكەم ئەت.
ناخشا توۋلاپ يۈرمە بۇ يەردە،
كۈن ئولتۇردى ئەمدى ئۆيگە كەت.
ئۆز–ئۆزۈڭنى قىلساڭ سازايى،
ئېلىكتىرون، ئۇچۇر دەۋرى بۇ
تاشتەك قاتتىق ئادەملەر ئارا،
بىلىنىدۇ ئەمدى بەكمۇ سەت.

ئېتىلماقتا ساليوت پاراسلاپ،
يېرىلماقتا يۈرەك چاراسلاپ.
يىقىلماقتا يوغان بىر دەرە خ،
ئەنئەنىنىڭ ئۆتكۈر تىغىدا
قىڭغايغانچە ئاستا غاراسلاپ.

6
ئېتىك
ئىشىكلەر ئېتىك،
ئانارگۈلى بەرمەيدۇ يېتىك.

ئوچۇق
ئىشىكلەر ئوچۇق،
ئانارگۈلىدە بولمايدۇ يوچۇق.

ئانارگۈلى يىدى يۈرەكنى،
بىر بۇرۇتلۇق كۆيۈك سۈرەتنى.

7
ئادەمسىز بىر كوچىغا كىردىم،
ھەممە جايدا لىققىدە ئادەم.
ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ ئانارگۈل،
قاراپ قالدىم توختىتىپ قەدەم.
بەرگىلىرى تۆكۈلگەن،
يۈرەكلىرى سۆكۈلگەن،
ئاسمىنىنى قاپلىغان ماتەم.
بىراق
كېتەلمىدىم ئۇنىڭدىن يىراق،
بېلىمدە ئاق، دىلىمدىمۇ ئاق.

ئانارگۈلى تەملىك مۇراببا،
ئەسلىتىدۇ ئانارگۈلىنى.
ئانارگۈلنى توۋلىماق بولۇپ،
توۋلاپ سالدىم باشقا بىرىنى.
ئايلىنىپتۇ سۆيگۈ دەرەخكە،
تونۇماپتۇ زاھىت پىرىنى.
بىر دىۋانە ئۆگزىدە ئۇخلار،
تاتلىققىنا چۈش كۆرمەك بولۇپ.
ئېچىرقىغان بىر پاشا ئەمما
ئارام بەرمەي قېنىنى شورار
ئالماق بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى.

8
ئوت
يالقۇنجىغان ئوت.
كۆيۈپ بولدى روھىم بۇ ئوتتا،
قېپقالغىنى پەقەت مۇڭ ۋۇجۇت.
يامغۇرى بار يېشىل ئاسماننى،
كۆرەلمەيسەن، تەلتۆكۈس ئۇنۇت!

قار ياغماقتا، لەپىلدەپ ئاق قار،
ئاق قارسىمان سوغۇقلۇق ئارا
ئانارگۈلى جىلۋىلىك باقار.
ئانارگۈلىنىڭ جىلۋىسى ئاتەش،
ھەر جىلۋىسى كۆزلەرنى چاقار.
مۇزدەك قارنىڭ كەينىدىن ماراپ،
ئاستاغىنا كەلمەكتە باھار.

ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس،
بەرمىگەن نەرسىنى ھېچكىم سۈيلىمەس.
لەيلى ئۆلدى قاي ۋاقتا؟
مەجنۇنىنى ھېچكىم كۈيلىمەس.
ئانارگۈلى ئۈنسىز تۇرماقتا،
ئالا موزاي سوزۇپ مۆرىمەس.

سازاڭ، سازاڭ، قىپقىزىل سازاڭ،
كەتمەنلىرىڭ بەك ئېسىل سازاڭ!
سۇسىزلىقتىن قېتىپ كېتىپتۇ،
ئانارگۈلىنىڭ ھەر قېتى سازاڭ.
تىلەي سەندىن، يۇمشات تۈۋىنى،
نېمە بولغاي ئاچساڭ يولىنى؟
چۈشكەن بىلەن چوڭ–كىچىك ئانار،
نوتىغۇ ئۇ؟ بولمىسۇن غازاڭ!

9
ئانارگۈلۈم، ئانارنىڭ گۈلى،
ئارمانلىرىم شاخلىرىدا سەن.
كېۋەزلىكتىن يۈتكىنىڭ بىلەن،
يۈرەكنىڭ قات–قاتلىرىدا سەن.
كېتەلمەس ھەم ھورغا ئايلىنىپ،
ئوتۇڭ بىلەن لاۋۇلدىغان مەن.
نە لازىمى ماڭا باشقىنىڭ؟
تۇرساڭ ماڭا مەڭگۈلۈك ۋەتەن!

ئانارگۈلۈم قالدى ئۇزاقتا،
يىمەكتىمەن ئۆزۈمنى ئاستا..

مەنبە: ئاقسۇ ئەدەبىياتى 2011- 1- سان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 22:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-20 22:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان داستان!

ۋاقتى: 2014-11-20 22:50:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستانىڭىزغا مۇبارەك.

ۋاقتى: 2014-11-20 23:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-11-21 00:36:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داستاننى يەنە بىر كۆرۈش نېسىپ بولۇپتۇ، رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-11-21 02:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2014-11-21 12:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزنڭ كۈچى مەڭگۈلۈك بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-25 23:18:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-9-7 23:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستانىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.    كۈيلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2015-9-8 10:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارگۈلۈم، ئانارنىڭ گۈلى،

ئارمانلىرىم شاخلىرىدا سەن.

كېۋەزلىكتىن يۈتكىنىڭ بىلەن،

يۈرەكنىڭ قات–قاتلىرىدا سەن
ئەجەپ تاتلىق ھىسسىياتقا تويۇنغان مىسرالار !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش