خەۋەرنى مۇنداق يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە نۇرغۇن ئىشنى باشقىلارغا ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئارىسىدا خۇش خەۋەرمۇ، ئەلۋەتتە يەنە شۇم خەۋەرمۇ بولىدۇ. بەزىدەمۇنداق ئىشلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. شىركەتنىڭ لېدىرى يىغىن ئېچىپ، شىركەت قارمىقىدىكى ئۈچ زاۋۇتنىڭ باشلىقىغا: - بۇ يىل زىيان تارتتۇق، شۇڭا يىللىق مۇكاپات تارقىتىلمايدۇ.- دېدى. ئۇلار زاۋۇتلىرىغا قايتىپ ئىشچىلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 1- زاۋۇتنىڭ باشلىقى: - بۇ يىل زىيان تارتتۇق. يۇقىرىدىن بۇيرۇق بار، يىللىق مۇكاپات تارقىتىلمايدۇ.- دېدى. ئىشچىلار شۇئان تاراپ كېتىشتى ۋە زاۇۋت باشلىقىنىڭ ئارقىسىدىن بىر مۇنچە يامان گېپىنى قىلىشتى. 2- زاۋۇتنىڭ باشلىقى: - بۇ يىل زىيان تارتتۇق. يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش بار، يىللىق مۇكاپات تارقىتىلمايدۇ، يەنە ئادەم قىسقارتىش توغرىلىق يوليۇرۇق بېرىلىۋىدى، مەن كېلەر يىلى تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىزنى دەپ يۈرۈپ، ئادەم قىسقارتماسلىقنى قولغا كەلتۈردۈم.- دېدى. ئىشچىلار بەس- مۇنازىرە قىلىشىپ، كۆڭلىدە زاۋۇت باشلىقىنىڭ تىرىشچانلىقىغا رەخمەت ئېيتىشتى. 3- زاۋۇتنىڭ باشلىقى: - بۇ يىل زىيان تارتتۇق. يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش بار، يىللىق مۇكاپات تارقىتىلمايدۇ، يەنە ئادەم قىسقارتىش تەلەپ قىلىندى، ئەتىكى يىغىندا مۇشۇنى مۇزاكىرە قىلىمىز.– دېدى. ئىشچىلار ئۈندىمەي تارقاپ كېتىشتى ۋە شۇ كۈنى كەچلىكى زاۋۇت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە سوۋغا توشۇپ كەتتى. مەلۇم خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتىن ئاۋۋال ئاڭلىغۇچىنىڭ خوشاللىقى ۋە ئەندىشىسىنى ياخشى دىتلاشمۇ ئادەمگە ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئادەم ھەر قانداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئالدى بىلەن شۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىدۇ. ئەگەر زىيانلىق بولسا، زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا مۇمكىن قەدەر باشقىلارغا يېقىشلىق سۆزلەشكە تىرىشقان تۈزۈك. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2014-11- ئاپرېل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 18:18
|