يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 6

ئەخمەتجان ئابلىز : ‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلى- بالىلارنىڭ يىقىن دوستى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-19 11:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
               ‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلى- بالىلارنىڭ يىقىن دوستى
                                                                   ئەخمەتجان ئابلىز
   ئىسىمدە شۇنداق تۇرۇپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ، ‹‹ئۈمىد چېچەكىلىرى›› نامىدا چىقىدىغان ،ھازىر  ‹‹پەرۋاز›› نامى بىلەن نەشىر قىلىندىغان  بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى بىلەن دوسىتلۇق زەنجىرىنى باغلىغان ئىدىم.ھازىر باللىقىم بىلەن ئاللىقاچان خۇشلىشىپ، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ كىلۋاتقان بولساممۇ ،لىكىن ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىلەن بولغان دوسىتلۇق رىشىتىم ئۈزۈلگىنى يوق. ‹‹پەرۋاز ›› ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىلىرى  قۇلۇمغا تەگكەندە خۇشاللىقىمىدىن شۇنداق  ئىخلاس بىلەن ئۇقۇپ چىقىمەن. ‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلىنىڭ بەت،سەھىپىلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدىن مول ، رەڭدار بولۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كىتىمەن. مانا مۇشۇ چاغلاردا ، ئەينى يىللارنى ئىخىيارسىز ئەسلەپ قالىمەن.  بىلەمسىز؟ ئاشۇ  يىللاردا ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇش بىزدەك تەكلىماكاننىڭ چەت-گىرۋەك ۋادىلاردا، يىشىل بوستانلىقلىرىدا ياشاۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئەڭ تەس ،بەسى مۇشكۈل ئىش ئىدى. مەكتىپىمىز،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلارىمىز بىزنىڭ ئېلىم –مەرىپەتكە بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  60- 70 كىلومىتىر يول يۈرۇپ  ناھىيە مەركىزىگە بىرىپ ،‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشىتىرى  بولۇپ بىرەتتى .لىكىن ژۇرنال نەشىرىدىن چىقىپ نەچچە ئايلارغىچە قولىمىزغا تەگمەيتى،  كۆزىلىرىمىز تەقەززالىق ئىچىدە پوچتىياليۇننىڭ يولىغا،قەلىبلىرىمىز ژۇرنالغا تەلمۇرەتتى. ژۇرنال كەلگەن  ھامان خۇشالىقىمىزدىن چاۋاك چېلىشىپ كىتەتتۇق، بىر-بىرىمىزدىن تاللىشىپ سۆيۈپ ئۇقۇيتۇق، ژۇرنالنىڭ سەھىپىسى ،رەڭدار بەتلىرى ھەققىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قىلشاتتۇق. ژۇرنالنىڭ رەڭدار بەت يۈزىدە نامايەن قىلىنغان ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى››نى ئۇستاز تۇتۇپ ،ئۇنىڭدىن ماقالە يېزىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئۆگنىپ  مەكتەپ گېزىتى، سىنىپ گېزىتلىرىدە ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇراتتۇق؛‹‹قەلىب ئۈنچىلىرى››دە تەڭتۇشلارنىڭ تىمىسى سەرخىل،مەزمۇنى مول ،تەسىرلىك، بىز  بالىلارنىڭ ئوماق، چۇچۇك  تىلى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردىن  مول روھى  ئۇزۇق ئالاتتۇق؛‹‹رۇجەك››تىن بىز تېخى  ئاڭلاپ باقىمىغان دۇنيادىكى  ئاجايىپ يېڭلىقلاربىلەن تۇنۇشىۋالاتتۇق؛‹‹ئەدىبلىرىمىز››بۇستانىدا بىز بالىلارنىڭ  ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ ،ياراملىىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن  جاپالىق ئىشلەپ ،مەنىۋى ئۇزۇق بىرىپ كىلۋاتقان تاغا-ھەدىلەر بىلەن ئەسرالىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئىسل-دۇردانە  ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ،ئالەمچە شادىلىققا چۈمەتتۇق؛ ئۇلارنى  ئۇستاز تۇتۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئوخشاش  بالىلار ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئەھىد قىلىشاتتۇق؛‹‹تىل-تىللادىن قىممەت›› سالۇنىدىن دۆلەت تىلى  بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ ، تىل ئۆگىنىپ  كەلگۈسىگە مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا، ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ چىقىشقا ئۇل ھازىرلايتۇق؛‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››دىن ئۆگنىش ، تۇرمۇش،ئائىلىدە ئۇچرىغان  قەلبىمىزدىكى تۈگۈنلەرنى يىشىپ ، ھاياتلىق مۇساپسىگە يىڭى قەدەم تاشلايتۇق؛‹‹خاسىيەتلىك ئۇيۇنلار›› ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ،ھازىرقى زامانىۋى ئۇچۇرلاشقان،ئىلىكتىرۇن  دۇنيا تەرىپىدىن  بۇغۇلغان ،ئۇنتۇلۇپ يۇقۇلۇشقا يۈزلەنگەن بىباھا قىممەتلىك  ئۇيۇنلارنى ئويناپ ، كۆڭلىمىزنى خۇش ،دىللىرىمىزنى شاد قىلىپ ئىناقلىق ، ئىتتىپاقىلىق گۈللىرىنى پۇرەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ،غالىپانە روھنى يىتىلىدۇرەتتۇق؛‹‹مارجانبۇلاق››بىزنى لىرىك قايناق ھىسيات دۇنياسىغا باشلاپ، سۈپسۈزۈك  ئابى زامىزەملىرىدىن ، چاڭقىغان دىلىرىمىزغا مەلىھەم  بىرەتتى.‹‹تاغنىڭ ئارقىسدا تاغ بار›› سەھىپىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەت، مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ،دۆلەت ئەھۋالى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ،مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ  چىقاتتۇق- دە،مۇشۇنداق بەخىتيار زامانغا ئېرىشتۇرگەن ئۇلۇغ  ۋەتىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ ،ياخشى ئوقۇپ جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلايتۇق،‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا›› ھىكايىلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئۇلاردىن ئۆزىمىزگە كۈچ-قوۋۋەت ئالاتتۇق؛‹‹مەغرىبتە-مەشرىقتە ››جاھاننامە ئەينىكىدىن  دۇنيانىڭ  ئىلغار بولغان مائارىپ تەربىيسى بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىجابى  تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلشقا تىرشاتتۇق؛‹‹ كىم ئەقىللىق›› مەيدانىدا ئۆزىمىزنىڭ زىھىنى سىناپ ،بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلىشەتتۇق،ئەقىل بەيگىسىگە چۈشەتتۇق، تەپەككۇر دولقۇنلىرىدا غۇلاچ كېرىپ ئۈزەتتۇق؛
قىسقىسى ،‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىز بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ، دىللىرىمىزنى يۇرتىدىغان مەشئەل، ئالغان ئىلگىرلىشمىزدىكى ماياك ئىدى. لىكىن ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،شۇنى كۆرۇپ يەتتىمدىكى ، بالىلار تىلۋۇزۇر، كۆمپىيۇتىر قاتارلىق زامانىۋى ئىلىكتىرۇن دۇنياسىغا ئەسرا بولۇپ ،ئۆزنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىنى ئۇنتۇپ كىتىۋتىدۇ، مەكتەپلەر بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ،ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇش  ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۇەن چىقىرىپ بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ ،ژۇرنالنى  ھەرئايدا قولغا تەككۈزىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنى سۆيۈپ ئۇقۇيدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ   يۇقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قىلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى سومكىلاردا،ئۇستەللەرنىڭ تارتىمىلىرىدا ھەتتاكى ئەخلەت سىۋەتلىرىدە زارلىنىپ يىتىپتۇ.بۇ ئىش بىزنى ئېچىنىش ئىلىكىدە ئۇيلاندۇرماي  تۇرالمايدۇ؟ قىنى ئېيىتڭلارچۇ بالىلار! بىز مۇشۇنداق قىلساق پەرۋاز ژۇرنلىغا، پەرۋاز ژۇرنىلىنى رۇياپقا چىقىرىش يولىدا ئۈن –تىنسىز جاپاللىق ئىشلەۋاتقان تاغا-ھەدىلەرگە قانداقمۇ يۈز كىلەلەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئەجىر –مىھنەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھەمىمىمىز ‹‹پەرۋاز››نى سۆيۈپ ئۇقۇيلى، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە مەنىۋى كۈچ  ئاتا قىلايلى.  

      
  (ئاپتۇر:يوپۇرغا  ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 13:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-19 13:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مەكتىپىمىزدە « تارىم غۇنچىلىرى »، « پەرۋاز» ۋە « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى »دىن ئىبارەت ئۈچ ئەفكارغا مۇشتىرى بولۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋاتىمىز.

ۋاقتى: 2014-11-19 15:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇر مەنمۇ مۇشتەرى بولماقچى .

ۋاقتى: 2014-11-19 16:27:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-11-19 17:17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋازغا دەرھال يوللايلى.....

ۋاقتى: 2014-11-19 17:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹پەرۋاز››ژورنىلى بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ.

ۋاقتى: 2014-11-19 18:26:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بالىلار ئوقۇشلۇقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى، «پەرۋاز»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «شىنجاڭ ئۆسۈمۈرلىرى»غا مۇشىتىرى بولۇش تېخى ئاخىرلاشمىدى. بالىڭىزنىڭ ياكى ئاكا، ئاچىلىرىڭىزنىڭ بالىسىغا بۇ ئوقۇشلۇقلارغا بىرەرسىدىن بولسىمۇ مۇشتىرى بولۇپ بېرىڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش