مەن بىر يەلكەنلىك كېمە
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
مەن بىر يەلكەنلىك كېمە، شامال بولسىلا ئىگىرىلەيدىغان. يەلكەننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش مېنىڭ قولۇمدا، ھەددىم ئەمەستۇر شامالغا قارشى يۆنىلىشنى تاللاشقا. شامال مېنىڭ ماتورۇم، ئەمما ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسمەن. يەلكەن يۈزىنى توغرىلاپ، شامالدىن كۈچ-قۇدرەت ئېلىپ مەنزىلگە يېتىش بۇ مېنىڭ تاكتىكام. شامال بولغان ئىكەن ھامان بوران-چاپقۇنمۇ بولىدۇ. بوران-چاپقۇن يېتىپ كەلگۈچە قىرغاققا يېتىۋېلىش مېنىڭ مۇددىئايىم. شۇندىلا بوران-چاپقۇنغىمۇ تاقابىل تۇرالىغۇدەك كېمە ياساشقا پۇرسەت بولىدۇ مەندە. شامالسىز دېڭىز يۈزى مېنىڭ تاللاش يولۇم ئەمەس. چۈنكى پالاق ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە پەقەت رايىم يوق. چۈنكى پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرلەيدىغان كېمە زورىيالمايدۇ. ئۇ ھامىنى بوران-چاپقۇنغا يەم بولىدۇ. چوقۇم تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە تايانماي بولمايدۇ، بۇ تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ھىممىتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك ھەقىقىي نادانلىق. قارشى چىقىش، ئۇنىڭدىن زارلىنىش ھەقىقىي تۇزكۆرلۇق. مەن يەنىلا بىر يەلكەنلىك كېمە، دېڭىز ئۆركەشلىرىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان. ئىزىمدا توختاپ قېلىشقا ئامال يوق پەقەت. دولقۇنلار ماڭا قىلىدۇ چاقچاق، مەن دولقۇنغا تونۇش، ئۇمۇ مېنى گاھ پەپىلەيدۇ گاھ سىلجىتىدۇ. بىخۇتلۇق قىلسام ساھىللارغا تاشلايدۇ بەزىدە. شۇڭا مەن ھەرقاچان سەگەك، مەيلى كەچ، مەيلى كۈندۈز كۆزلىرىم ھەمىشە ئويغاق. ئارزۇ قىلىمەن دېڭىز يۈزىنىڭ تىنجىپ قېلىشىنى، ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىر قانغۇچە سۇنايلىنىپ يېتىۋېلىشنى. لېكن بۇ مۇمكىنمۇ، دېڭىز يۈزىنىڭ داۋالغۇماسلىقى. چۈنكى ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقىغا يۇشۇرۇنغان دەھشەتلىك قىيان مېنى يالماش ئۈچۈن، ھەرقاچان پۇرسەت كۈتۈپ ياتىدۇ. مەن بىريەكەنلىك كېمە، مېنىڭ ھاياتىم ئاشۇ ئۇچقۇر شاماللار بىلەن، تىنجىماس بوران-چاپقۇنلار بىلەن، تەبىئەتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ھىممەتلىرى بىلەن مەنە تاپىدۇ. 2014-يىلى 23-ئاپرىل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 20:02
|