دوستنى دوست دەيمۇ ياكى...
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
ھەممە ئادەم ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، «پىيازنىڭ پوستى كۆپ، ئەخمەقنىڭ دوستى» دېگەن ھېكمەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندەك قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ھازىر كۆڭۈلدىكىدەك دوست تۇتماقمۇ تەس بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن20 يىللار ئىلگىرى بېشىمنى ئىچىمگە تىقىۋېلىپ، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماس بولۇۋالغان چاغلىرىمدا، بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىر چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە تىل پراكتىكىسىغا بارغان ئىدۇق. ساۋاقدىشىم ئۇ كىشى بىلەن خېلى بۇرۇنلا تۇنۇشىدىكەن، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىم ئىدى. ساۋاقدىشىم مېنى ئۇ كىشىگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن: «سىلەر پاراڭلىشىپ تۇرۇڭلار، مېنى بىر دوستۇم ساقلاۋاتىدۇ...»دەپ ئۆزرە ئېيتىپ قايتماقچى بولدى. چەتئەللىك بۇرادەر شۇ ھامان جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ:«مەن سېنى يېقىن دوستۇم دەپ بىلەتتىم، يەنە بىر دوستۇم دەيسەنغۇ، ئۇنداقتا مەن سېنىڭ دوشمىنىڭكەنمەندە» دەپ چاقچاق قىلدى. بۇ ئىش شۇ چاغدا ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەيلى ئۇرۇق-تۇققان ياكى دوست بۇرادەر، ھەتتا يېڭى تۇنۇشلار بولسۇن، يەنە بىر ئادەمنى شىپى كەلتۈرۈپ گەپ قىلمايدىغان بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە، بىرەر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، يەنە بىر ھەقەمسايەمنىڭ گېپى بولۇپ قالسا: «تېلېفونلا قىلايلى شۇ كىشىگە، يا مۇشۇ يەرگە كېلەر، يا بولمىسا بىز دىيىشىۋاتقان مۇشۇ ئىشنى شۇ كىشى ئۆزىلا تېلېفوندا دەپ بېرەر...» دەيدىغان بولدۇم. چاقىرىپ كېلىش، ئىزدەش مۇمكىن بولىدىغان كىشىنى ئىزدىمەي ئارقىسىدىن ئۇ كىشى توغرىلىق بىرنەرسە دېيىش، ھەتتا ئۇنى كۆككە كۆتۈرىۋېتىش ياكى يەرگە چۆكۈرىۋېتىش، خۇددى جاۋاپكارسىز ئوچۇق سوت ئاچقاندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس، ئالاقىلىشىشمۇ ئاسان بولۇپ كەتتى. «سىلى بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىش بار ئىدى، كېلەلەملا؟» دېسە «بارالمايمەن» دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار يوق دېيەرلىك. مانا مەن دەل مۇشۇنداق ئارقامدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي، بەزىدە سەل قىينىلىپ قالىمەن. بۇ گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، يېڭى گەپنى قىلايلى: دوستىڭىزنىڭ بىرەر ھاجىتىدىن چىقىپ قويۇش ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان ئىش، شۇغىنىسى شۇ ئىشنى قىلىش ياكى دەسلەپتە ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، «بۇ ئىشنى پالانى تونۇشۇمغا دېسەممۇ بولاتتى...» دەيدىغان گەپلەر ئارىلىشىپ قالسا، ياخشى كۆڭلىڭىز لاسسىدە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەتتا ئىش پۈتكەندىن كېيىن، «پۇستانى مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بېرەي دەپ...» دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. مانا بۇ تېتىقسىزلىق. بەزىدە بىر دوستىڭىزنى بىرەر سورۇنغا تەكلىپ قىلسىڭىز، دوستىڭىز: «پۇستانىمۇ تەكلىپ قىلغان، رەت قىلغان ئىدىم» دېسە، كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ؛ ناۋادا ياخشىراق بىر تېلېفون سېتىۋالسىڭىز، دوستىڭىز: «نەچچە پۇلغا ئالدىڭ؟» دەپ سوراپ قالسا، «مانچە پۇلغا» دېسىڭىز، «ۋاي قىممەت ئېلىۋاپسەن، بۇ دېگەن ئەرزان مال ئىدى» دېسە نېمە دېگۈلۈك؟ يا قايتۇرىۋېتىپ، دوستىڭىزنىڭ دېگىنى بويىچە قايتىدىن بىرنى ئالغىلى بولمىسا. شۇ گەپنىڭ ئورنىغا: «ھە نېمە بولسا ياخشى نەرسە سېتىۋاپسەن...» دېگەن گەپ چىقسا، كۆڭۈللەر يايراپ كەتمەسمىدى؟ ئۈرۈمچىكەچلىك گېزىتى 2014-يىل 20- فېۋرال مۇھاكىمە باغچىسى بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 23:58
|