يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 2

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: باشقىچىرەك ياشاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-15 21:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باشقىچىرەك ياشاش


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


   يېقىندىن بۇيان خەنزۇچە تور بېكەتلەردە «باشقىچە ياشاش» دېگەن تېمىدا تۇرمۇش كارتىنىلىرى جانلىق سۈرەتلىنىپ، باشقىچىرەك بىر خىل تەپەككۈر ۋە ياشاش ئۇسۇلى يورۇتۇپ بېرىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق كىتاپلار كۆپىيىپ قالدى. كۆپ قىسمى گەرچە ئەتراپىمىزدىلا يۈز بەرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىشلار بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇنچىلىك تەھلىل قىلىنىپ، پىكىر يۈزگۈزگۈچىلەر ئاز بولغان، بۇ ئىشلار كىشىلىك ھاياتنى باشقىچىرەك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇسۇلىنى سۈرەتلەپ بېرىۋاتقاندەكمۇ قىلىدۇ. گەرچە نارازىلىق كەيپىياتى چىقىپ تۇرسىمۇ، ياشاش ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش بولغانىكەن، يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق تېمىدىن بىرى دىققىتىمنى تارتتى.
ھازىرقى جۇڭگو ئۆتمۈشتىكىدىن كۆپ باي-باياشات، لېكىن قانچىكى باياشاتلاشقانسېرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ دەردى شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. 30 يىلنىڭ ئالدىدا ۋېلىسپىت مىنىپ، ماشرەڭ چاپان كىيىپ، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ياشايتتۇق، بەخت كىشىلەرنىڭ يۈزىگە يېزىقلىق ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قورساق توق، كىيىم پۈتۈن، تۇرمۇشىمىز باياشات، لېكىن نۇرغۇن جۇڭگولۇق بەختنى باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاش دەپ چۈشىنىدۇ: "تۇرىۋاتقان ئۆيۈم باشقىلارنىڭكىدىن چوڭراق بولسا، ھەيدەۋاتقان پىكابىم باشقىلارنىڭكىدىن نوچىراق بولسا، بالام ئوقۇۋاتقان مەكتەپ، باشقىلارنىڭكىدىن داڭلىقراق بولسا" دەپ قارايدۇ. "پۇلنى باشقىلاردىن كۆپرەك تاپسام، كىيىمنى باشقىلاردىن ئېسىلرەك كىيسەم، باشقىلارنىڭكىدىنمۇ يېڭى پاسۇندا يانفون ئىشلەتسەم، باشقىلار ئېرىشىپ باقمىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشسەم..."دەپ ئويلايدۇ. بىراق دۇنيادا ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نېمىشقا باشقىلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگىدەكمىز.
ۋەس-ۋەسىدە تۇرۇپ ئىزدىگەن بەخت، ئىزدىگەنسېرى مەڭگۈ سىزدىن يىراقلىشىدۇ. «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دەپ بەسلىشىپ ئىزدىگەن بەخت بىر ئۆمۈر سىزگە نېسىپ بولمايدۇ. باشقىلارغا نېسىپ بولغىنى سىزگىمۇ ئوخشاشلا نېسىپ بولۇشى ناتايىن. ياشاشتىمۇ باشقىلاردىن ئۆرنەك ئېلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندىلا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يوشۇرۇن قابىلىيىنى ئوبدان جارى قىلدۇرغاندىلا، ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەخت ھەر خىل يوسۇندا سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
مەنپەئەت ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن چېلىشىش، بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك؛ بىراۋ مەيلى راست سۆزلىسۇن ياكى يالغان سۆزلەپ سىزنى ئالدىسۇن، ھامان ئەڭ يۇقىرى مۇداپىيە ھالىتىدە تۇرۇش؛ بىراۋنىڭ خالىسانە قىلغان ياخشىلىقلىرىنىمۇ ئورۇنسىز گۇمان تۈپەيلى قوبۇل قىلماسلىق، "جان ساقلاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش" دەپ قاراش؛ باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك تەدبىر، يەنى ھىلە-مىكىر تېپىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش؛ باشقىلارنى دامىغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراش كويىدا تىپىرلاش ئازاپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنچە قىينىلىپ ياشاشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق. دىققەتنى باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ياكى ئوي-پىكرىگە قاراتقاندىن كۆرە، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانغان ياخشى. بەزىدە باشقىلارنىڭ نېمە دەپ باھا بېرىشىگە ئۇنچە سەزگۈر بولۇپ كېتىشنىڭمۇ قىلچە ھاجىتى يوق، شۇنداق قىلغاندىلا نۇرغۇن بىھۇدە خاپىچىلىقتىن خالىي بولغىلى، ۋاقتى ۋە زىھنىنى ئۆز ئىشىغا تېخىمۇ بەكرەك سەرىپ قىلغىلى بولىدۇ. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىلغان ھەرقانداق ئىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. پەقەت "باشقىلار نېمە دەپ قالار" دەپ دەككە-دۈككە ئىچىدە قىلغان ئىش قىلغانسېرى نۇقسانلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىزدىنىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاشنى بىلىش كېرەك. مەكتەپتە ياكى ياش ۋاقتىدا ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قېلىش ئادەمنى ماڭدامدا بىر باشقىلارغا ھاجەتمەن قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىلا ئىشنى ئۆزىنىڭ چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا بارمىغان تېيىز چۈشۈنىشى بويىچە پەرەز قىلىپ ئىدىتلاش، باھا بېرىش ماھىيەتتە كىشى دۇچ كەلگەن ئايىقى چىقماس باش ئاغىرىقى خالاس. دائىم "مەن ھەممىنى بىلىمەن"ئەمەس، "مېنىڭ بىلمەيدىغانلىرىم تېخى كۆپ" دەپ ئويلاش ئاقىلانىلىك. كۆپ گەپ قىلىدىغان ئادەم شۇنچە نادان قالىدۇ، باشقىلارنىڭكىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئادەم بىلىمدە داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ماڭىدۇ.
بەختمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، باشقىلارنىڭكىدىن ئۈلگە ئېلىش ئادەمنى ياش تۇرۇپلا روھى چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم قىلىدۇ. ئەكسىچە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ قىلىۋاتقان ئىشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشقاندىلا، ھامىنى بىر كۈنى باشقىلارمۇ ئېرىشىپ باقمىغان بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۈرۈمچىكەچلىك گېزىتى 2014-يىل 10-فېۋرال دەستۇر بېتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 21:22  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-16 19:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شېئىردىن باشقا ژانىردىكى ماقالىلەرنى ئانچە ئوقۇپ كەتمەيتتىم ، لېكىن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا قىززىقىپ قالدىم چۇنكى ماقالىڭىزدىكى بەزى سۆزلە ئادەنى ئويغىتىپ ئۆز -ئۆزىگە ‹‹ مەن نىمىش قىلالدىم›› دەپ سوئال قويوشقا ئۇندىسە بەزى سۆزلە ‹‹ چوقۇم شۇنداق قىل ›› دەپ سىگنال بېرىۋاتقاندەك تۇيىلىدىكەن.مەسىلەن:
بېشىنى ئىچىگە تىقىپ قىلىۋاتقان ئىشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشقاندىلا، ھامىنى بىر كۈنى باشقىلارمۇ ئېرىشىپ باقمىغان بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.دېگەندەك

ئىزدىنىشىڭىز موۋاپىقىيەتلىك بولسۇن قېرىندېشىم!!!!!!
ۋاقتى: 2014-11-16 22:05:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز قېرىندىشىم . ماقالىڭىز مىنى قاتتىق ئويغاسېلىپ قويدى جۇمۇ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش