ئۆلۈم ناخشىسى
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
ئۆلۈمنىڭ ئېسمى بىر ئاپقۇر زەھەر
گويا شۇقەدەر شۇنچلىك ئاچچىق
بەلكىم ئۇنى تىتىغان بىلەر.
ئەمما ئۇ ئىبرەت ھىكمەتلەرگە تويۇنغان
ئۇ شۇنداق غالىپ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن
ئۇ شۇنداق كەسكىن يۈز خاتىرە قىلمايدىغان
ئۇ شۇنداق رەھىمسىز قىرى-ياش دىمەيدىغان..
بەلكىم...
شۇڭا جۇشقۇندۇر ھاياتلىقنىڭ سىمفونىيىسى
شۇڭا ئوتلۇقتۇر دەقىقىلەرنىڭ ئەركە تىنىقى.
شۇڭا رىتىملىق...
كۆكرەك قەپىزىگە سولانغان ئۇ بىر پارچە گۆش
شۇڭا سۆيۈملۈك ھىسياتلارنىڭ تىرىك ئېقىنى
شۇڭا يىقىملىق بوۋاقلارنىڭ ئەللەيلىنىۋاتقىنى..
شۇڭا ئۆكسىمەس...
بۇ دۇنيانىڭ ئاچچىق ياشلىرى
قاتسىمۇ ئېگىسىز قالغانلارنىڭ باشلىرى
ئاق باغلىغانلارنىڭ
تاۋۇتقا ئېسىلىپ يىغلىغانلارنىڭ
جۇدالىقتا ئىچ باغرىنى داغلىغانلارنىڭ
كەتكەنلەرگە قىيالماي قايرىلىپ قاراشلىرى..
2014-يىلى 13- نۇيابىر --شەھرى شىخەنزە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 02:13