پەيشەنبە كەچ، سائەت توققۇز
سەرداھى
ئۆلۈمنىڭ شەكلى يوق
يوقتۇر ئۇنىڭ ئاۋازى يەنە.
ئۇ بىر خىيال سۈرگۈچى جىمجىت ئولتورۇپ
تالادا قالغان ھايات ھەققىدە.
ئۆلۈم يوقلۇقتۇر
يوقلۇقى دەل يۈرەككە پاتار.
ئۆلۈمنى ئىپادىلەش قېيىن بىر جەريان
تۆتىنجى مىسراسىدا يەنە تاڭ ئاتار.
پەيشەنبە كەچ، سائەت توققۇز
ئۇدۇن كوچىلىرى قالدى چۆلدەرەپ.
ئابلىپىز
چىقىپ كەتتى ھاياتتىن
روزىلەمنىڭ قويىنى ھەيدەپ...
2014-يىل 14-نويابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-14 15:48