يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-13 19:21:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىنسانىيەت مەتبەئەچىلىك تارىخىدىكى يەنە بىر زور مۆجىزە-
ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

ئىنسانىيەت مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتەلەيمىزكى – ئەينى زاماندىكى مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ھەرپ ۋە يېزىقنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە يېزىلىشىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋەقېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكرار ئېلىپ بېرىلىدىغان قول يېزىق ئەمگىگىنى پەقەت باسما ماشىنىسى (خەت بېسىش ئۈسكۈنىسى) ئارقىلىق يېزىش ۋە بېسىشنى بىر يولىلا ئورۇنداشتەك ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان بولسا، ھازىرقى زامان كومپيۇتېر تېخنىكىسى شۇ جەريانلاردىكى ھەرپ ياساش، ھەرپ تىزىش، قېلىپ ياساشقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ئەمگەكلەرنى بىراقلا ئاسانلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان كومپيۇتېرلاشقان باسما ماشىنىسى (پرىنتېر) نى بارلىققا كەلتۈردى. دېمەك، كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن مىخ مەتبە تېخنىكىسى شاللىنىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى ئۈزۈلكسىز تەرەققىياتىغا ماس ھالدا يېزىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللارنى كومپيۇتېردا لايىھىلەش، كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈش، كومپيۇتېر ئارقىلىق تەھرىرلەش ۋە كومپتيۇتېرلاشقان باسما ماشىنىسى (پرىنتېر) ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ، رەڭلىك باسما، تەكشىلىكتە ئىككى ئۆلچەملىك كېسىپ چىقىرىش، تەكشىلىكتە ئۈچ ئۆلچەم قىرىپ چىقىرىشقا ئوخشاش زامانىۋى مەتبەئەتچىلىك تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلكسىز ھالدا پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئۈچ ئۆلچەم باسما تېخنىكىسى، يەنى ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىلنى ئۈسكۈنە ياردىمى ئارقىلىق ياساپ چىقىرىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ ئىلغار بولغان بىر خىل مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى بارلىققا كېلىپ ئومۇملىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
ئۈنداقتا بۇ زادى قانداق تېخنىكا؟ بۇ خىل تېخنىكا ئىنسانلار ئۈچۈن زادى قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ نۆۋەتتە مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا دەسلەپكى تونۇشىمىز ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمىز.
    بىرىنچى، ئۈچ ئۆلچەم دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ تەكشىلىك ئۇقۇمى بىلەن قانداق پەرقى بار؟
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەم بوشلۇقتىكى ئۈچ ئۆلچەمنى، يەنى، بوشلۇقتىكى مەلۇم بىر جىسىم (شەكىل) نىڭ ئىگىزلىكى، كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ مۇشۇ ئۈچ خىل سانلىق قىممىتى ئېنىقلانسا ئۇنىڭ ئىستېرېئولۇق شەكلىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاددىسى، كۆز ئالدىمىزدا بىر ساندۇق بار دەيلى، ساندۇقنىڭ ئىگىزلىكى، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئېنىق بولسا، قانداق ماتېرىيالدىن ياسىلىشى بەلگىلەپ بېرىلسە، ياغاچچى ئۇستام بۇ ساندۇقنى چوقۇم شۇ بويىچە ياساپ چىقالايدۇ. ئەگەر بۇ ئۈچ خىل سانلىق قىممەتنىڭ ھەرقانداق بىرى كەم بولسا، بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ماتېماتىكا نەزىرىيىسى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ ئۆلچەم ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەلۇم بىر نۇقتىنىڭ بوشلۇق كوئوردىناتىدىكى ئېكس(X)، ۋاي(Y)، زېت(Z) دىن ئىبارەت ئۈچخىل قىممەتنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق بىر جىسىمنى نۇرغۇنلىغان كىچىك نۇقتىلارنىڭ بىرىكمىسى دەپ قارىساق، بۇ كىچىك نۇقتىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك كوئوردىنات بوشلۇقىدىكى ئۈچ خىل قىممىتى بىرىكتۈرۈلسە، جىسىمنىڭ بوشلۇقتىكى شەكلىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېر سىستېمىسىدا ئالدى بىلەن تەكشىلىكتىكى لايىھىلەش بارلىققا كېلىپ، مەلۇم تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، جىسىملارنىڭ بوشلۇقتىكى كۆرۈنۈشىنى سىزغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار بارلىققا كەلگەن ئىدى. ھازىرقى ئۈچ د ماكس(3DMax) يۇمشاق دېتالىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرغۇن مېخانىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ چېرتىيوژىنى سىزىدىغان ئۈچ ئۆلچەملىك يۇمشاق دېتاللار بارلىققا كېلىپ ئىشلىتىلىۋاتقىلىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى. بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە جىسىملارنىڭ بوشلۇقتىكى ھالىتىنى كومپيۇتېر ئېكرانىدا ھەر تەرەپكە ئۆرۈپ چۆرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ. كىنو فىلىم ساھەسىدىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر ۋە ھازىرقى زامان كارتون فىلىملىرىمۇ دەل مۇشۇ تېخنىكىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن.
تەكشىلىك ئۇقۇمى بولسا، تەكشىلىكتىكى ئىككى سىزىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنىڭ قىممىتى ۋە رەڭگى قاتارلىقلاردىن جىسىملارنىڭ تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشىنى ھاسىل قىلىش بولۇپ، ھازىرقى رەقەملىك رەسىم كۆرۈنۈشلەر دەل مۇشۇ تېخنىكىنىڭ ھاسىلاتى. بۇ خىل تېخنىكىلار ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ھالىتى بويىچە كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرۈش ئەمەلگە ئاشتى. تەكشىلىك ئۇقۇمىنى يەنە ئىككى ئۆلچەم ئۇقۇمى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدا پەقەت ئىككى سانلىق قىممەتنى ئىپادىلەيدىغان ئېكس(x) ۋە ۋاي(y) دىن ئىبارەت ئىككىلا بەلگە بولىدۇ. ھازىرقى كىرىستال لامپىلىق ئېكرانلار، دەل مەلۇم تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشنى نۇرغۇن كىچىك نۇقتىلارغا بۆلۈپ، ئۇنىڭ بەلگىلىك پەيتتىكى رەڭ ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. مۇشۇ ئاساستا، ئىككى ئۆلچەمگە يەنە رەڭ ۋە ۋاقىت قىممەتلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق، ئۈچ ئۆلچەم ئۇقۇمى مەيدانغا كېلىپ، ھازىرقى ئۈچ ئۆلچەم تېخنىكىسى ۋۇجۇتقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن دەل ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان ئېكراندىكى ھەرىكەتچان كۆرۈنۈشلەر بارلىققا كەلدى. ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىملەر بولسا تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشنى نۇر سۇندۇرغۇچى كۆز ئەينەكنىڭ ياردىمىدە، ئادەمنىڭ كۆزىدىكى ئەكس تەسىر نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئادەمگە شۇ نەرسىلەر خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكىدەك، يېقىنلا يەردە ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. كومپيۇتېر ئېكرانى بىر تەكشىلىك، ئۇنىڭدا ئىستېرېئولۇق كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلالىغان ئىكەنمىز، ئۇنى ياساپ چىقىرىشقا بولامدۇ يوق؟
بۇ توغىرسىدىكى ئىزدىنىش دەل تۆۋەندە بىز ئېيتماقچى بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپتىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى قانداق بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى نېمە؟
ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىل ئەمەلىيەتتە ئىككى ئۆلچەم يەنى، تەكشىلىكتىكى نۇرغۇن شەكىللەرنىڭ جىسىپلىشىشىدىن تۈزۈلىدۇ. ئەكسىچە، ھەرقانداق بىرخىل شەكىلدىكى جىسىمنى كېسىپ، ئىنتايىن نېپىز بولغان نۇرغۇن پارچە قىلىپ بۆلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتات توغرىغاندىكى ھالەت كۆز ئالدىمىزغا كەلسۇن، بىر تال سەۋزىنى نىپىز توغراپ، نۇرغۇن كىچىك- كىچىك پارچىلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. يەنە بۇ توغرىغان پارچىلارنى ئۆز جايىدا رەتلەپ تىزساق يەنە بۇرۇنقى ھالەتتىكى بىر تال سەۋزىنىڭ شەكلىگە كېلىدۇ. ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى دەل مۇشۇنداق نۇرغۇن پارچە جىسىپلاشتۇرۇلغان تۆت چاسا ياپراقچىلارنى بىر-بىرلەپ كېسىپ چىققانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قايسى ياپراقچىنى قەيەردىن كېسىش بۇيرۇقىنى كومپيۇتېر چىقىرىپ بېرىدۇ. ھەربىر ياپراقچىدا كېسىش ئورنى ئاز- ئازدىن ئۆزگىرەپ بارىدۇ. ھەر بىر ياپراقچە يەنە نۇرغۇن نۇقتىلارنىڭ تەكشىلىكتىكى ئورنى يەنى ئېكس ۋە ۋاي قىممىتىدىن تۇزۇلىدۇ. ياپراقچىلار ئارىسىدىكى ئۆزگىرىش دەل ئىگىزلىك يەنى زېت نىڭ قىممىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكا ئۇقۇمىنى كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈنگەن بىر تال سەۋزىنى ئۈچ ئۆلچەملىك ھېسابلاش يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن نېپىز پارچىلارغا بۆلۈۋېلىپ، ئۇنى بىر پارچە بىر پارچىدىن پىرىنتېردا كېسىپ چىقىپ، جىسىپلاش جەريانىغا ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى جىسىپلاش ۋە ئايلىنىپ بېرىكتۈرۈش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. جىسىپلاش پەقەت پلاستىك ۋە كرېمنىي ماتېرىياللاردىلا قوللۇنىلىدۇ. ئايلىنىپ بىرىكتۈرۈشتە بولسا، يۇقىرى چاستوتا ۋە يۇقىرى تېمپۇراتورىدىكى لازىر نۇرىدىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل مېتال ماتېرىياللارنى كۆزلىگەن شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئاساسىي شەكلى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى يەنە سىلىقلاش، تۆشۈك تېشىش، پارقىرىتىش قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچىلىرى ئارقىلىق كۆزلىگەن شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا ھازىرغىچە قوللىنىۋاتقان زاپچاسلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ئاۋۋال لايىھىلەش، ئاندىن قېلىپ ياساش، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش، ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق باسقۇچلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قېلىپ ياساش، ئەڭ كۆپ ۋاقىت ۋە ئەڭ يۇقىرى تەننەرخ سەرىپ قىلىنىدىغان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۆچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى مۇشۇنداق مۇرەككەپ باسقۇچلارنى بىر-ئىككى كۈن ۋاقىت ئىچىدىلا تاماملاش مۇمكىنچىلىكىنى يارىتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر سىفىرلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى لايىھىلەشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بولغان بىۋاسىتە باغلىنىشلىق جەريانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە ھەرقانداق بىر خىل جىسىمنى ھازىرقىدىن كۆپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياساپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئىشىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە، ھەرقانداق بىرجىسىمنى كومپيۇتېردا ئىستېرېئولۇق كۆرۈنۈشكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ ئەسلىدىكىگە ئوپ- ئوخشاش بولغان كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى ياساپ چىقىش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
كىشىلەر ھازىر ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، لامپۇچكا قالپىقى، ئادەم ئىچكى ئەزلىرىنىڭ مودېلى، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنىڭ مودېلى، ماشىنا زاپچاسلىرى، ھەتتا تەنھەرىكەتچىنىڭ پۇتىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا دەل كېلىدىغان تەنھەرىكەت ئايىقى قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقتى. ئامېرىكا ئالىملىرى ئادەمنىڭ تېرىسى، يۇمشاق توقۇلمىلىرى ۋە سۆڭەكلىرىنى ياسايدىغان "بىئو پرىنتېر"نى ياساپ چىقتى. پەقەت كېرەكلىك ماتېرىياللا بولسا، كۆزلىگەن شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولۇش، شۇنداقلا ھېچقانداق ئېشىنچە ماتېرىيال قالدۇرماسلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، 1993-يىلى،ئامېرىكا ماسساچۇتېس ئىشىتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئۈچ ئۆلچەملىك باسما پىرىنتېرىنى كەشپ قىلغان. 1995-يىلى Z كوپىراتسىيە شىركىتى بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ ئۆلچەملىك باسما پرىنتېرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن.
     ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا سارايلىرىدا بۇ خىل پرىنتېرنىڭ ئۆرنەك نۇسخىسى بار بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە نەق مەيدانغا كىچىك ئەۋرىشكىلەرنى ياساپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.
ئامېرىكا دۇكې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسورى خايگبەي ئەپەندىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ھازىرقى دەۋىردىكى زور كۆلەملىك تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى خاسلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە ئۆزگىرىشى، خېلىدىن بۇيان يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر سانائەت رايونلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن بولۇش پۇرسىتىنى قايتىدىن يەنە تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ قولىغا قايتىپ كەلتۈرىدۇ؛ ئىنتېرنېت، مال ئوبوروتى، كومپيۇتېر سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم، بىئو تېخنىكا، بىئو ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، ئۈچ ئۆلچەملىك باسما تېخنىكىسى، "نامى" تېخنىكىسى، ئادەم بىلەن ماشىنا ھەمنەپەس مۇھىت ۋە بىيو تېببىي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار كەلگۈسىدە شۇنداق بىر خىل مۈلۈك ئېشىنچىلىقى دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇكى، ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش سېپىدىكى ئىشچىلارغا مۇقەررەر شاللىنىپ كېتىش خەۋپى ئېلىپ كېلىپ، تېخنىكا ئىنقىلابى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي كىرىم پەرقىنى ھەسسىلەپ چوڭايتىۋېتىدۇ، كەلگۈسى جەمئىيەت باراۋەرلىك ۋە تەقسىملەشتىن ئىبارەت ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مەسىلىگە يولۇقىدۇ.
"كومپيۇتېر ۋەتۇرمۇش" ژۇرنىلى 2014-يىلى 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 19:36  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-14 17:40:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش